مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1307 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: «گۈزەل قىز» بەدبەشىرە ئەرگە ئايلىنىپ قالدى
xopur
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 11976
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 98 سوم
تۆھپىسى: 119 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 38(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-28
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 18:54

0 «گۈزەل قىز» بەدبەشىرە ئەرگە ئايلىنىپ قالدى

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى سەھرا ئوغلى تەرجىمە ئەسەرلەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2010-10-16)
«گۈزەل قىز» بەدبەشىرە ئەرگە ئايلىنىپ قالدى
توردىكى مەشۇق ئەخمەق ئەرنىڭ 1 مىليون 10 مىڭ يۈەن پۇلىنى قويىۋالدى
 
دىڭ يىخې، لى چىنپېڭ
 
         كەسىپتە نەتىجە قازانغان ياش سۇ فېڭ لايىقىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، توردا تاسادىپى «بېيجىڭ تاشقى ئىقتىساد – سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىز ستۇدېنتى لى لىنا» بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلدى. سۇ فېڭ ئۆزىنىڭ «سەمىمىيىتىنى» ئىپادىلەش ئۈچۈن، توردىكى مەشۇقىغا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 1 مىليون 10 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەردى. ئاخىرىدا ئۇ ئۆزى كېچە – كۈندۈز ئوتىدا كۆيگەن «گۈزەل قىز» نىڭ ئەسلىدە بىر بەدبەشىرە ئەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى... h?-M+Ac  
بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ دىرېكتورى سۇفېڭ توردا ئۆزىنى «بېيجىڭ تاشقى ئىقتىساد – سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىز ستۇدېنتى لى لىنا» دەۋالغان بىر تورداش بىلەن تونۇشۇپ قالدى ھەمدە قىسقىغا ئۈچ ئاي ئىچىدىلا ئۆزى بىلەن ئەمەس، كۆرۈنمە چاستۇتا ئارقىلىقمۇ، ھەتتا تېلېفون ئارقىلىقمۇ كۆرۈشۈپ باقماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا «سەمىمىيىتىنى» بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 25 قېتىمدا 1 مىليون 10 مىڭ يۈەن سېلىپ بەردى. 2007 – يىل 8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان  سۇ فېڭ ئۆزى كېچە – كۈندۈز ئوتىدا كۆيگەن «لى لىنا» نى كۆرگىنىدە، داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، ئەسلىدە بۇ «ساھىبجامال» بويى ئاران 1.65 مېتىر كېلىدىغان چېن ليەنجاڭ ئىسىمىلىك بىر كۆرۈمسىز ئەر ئىدى. |snWO0iF  
     دېلو بېجىرگەن ج خ خەلق ساقچىلىرىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇ ئىدىكى، سۇ فېڭ چېن ليەنجاڭغا سېلىپ بەرگەن 1 مىليون 10 مىڭ يۈەندىن 300 نەچچە مىڭ يۈەنى ئۆزىنىڭ بولغاندىن باشقا، قالغان 600 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ئۇ ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ، ئۇرۇغ – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىدىگە ھال ئېيتىپ يۈرۈپ ئارىيەت ئالغانىدى. 2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى سوتتا چېن ليەنجاڭغا ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 14 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى ھەمدە ئۇنى 1 مىليون 10 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇشقا بۇيرۇدى. $c7Utm s  
   «ساھىبجامال» شەھۋەتپەرەس درېكتورنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالدى QUz_2rN^  
    سۇ فېڭ بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ درېكتورى بولۇپ، بۇ يىل 29 ياشتا ئىدى. گەرچە ئۇ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، ھېسسىي جەھەتتىكى تۇرمۇشى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. 2007 – يىلى «1- ماي» لىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، ئۇنىڭ يېڭىدىن ئارىلاشقان لايىقى ئۇنىڭغا «خوش» دېدى. بۇ ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم بولدى. 2007 - يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى لايىقىدىن ئايرىلىپ قالغان سۇ فېڭ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تورغا چىقتى. ئۇ ئەمدىلاQQ  سىنى ئېچىشىغا، «ساھىبجامال ستۇدېنت قىز» ئىسىملىك بىر تورداش ئۇنىڭدىن ئۆزىنى QQ سىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ ئۇچۇر ئەۋەتتى. ئۇ، شۇ كۈنى كەچتە سۇ فېڭغا تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلغان كىشى ئىدى. " r R$2`v"  
    سۇفېڭنىڭ توردىكى ئىسمى «يالغۇز قالغان ئەر» ئىدى. ئۇ خۇشاللىق بىلەن «ساھىبجامال ستۇدېنت قىز» نىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن: «قەھرىمان يالغۇز قالسا، ئۇنىڭغا سىرداش چىقماي قالماس؟» دەپ سورىدى.  #-K,,"  
    سۇ فېڭ بىردىنلا ھاياجانلىنىپ كەتتى، چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ گېپىنىڭ ئىچىدە گەپ بار ئىدى. سۇ فېڭنىڭ ئۇنىڭغا تەن بەرگۈسى كەلمەي، خېلى ئويلانغاندىن كېيىن: «گۈزەللەرنىڭ گۈزىلىنى، گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقىنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىزكىن؟» دەپ جاۋاب قايتۇردى. o;'-^ LJ  
    ئۇلار شۇنداق قىلىپ، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشتى. سۇ فېڭ يات جېنىسلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئەزەلدىن بۇنداق خۇشال بولۇپ باقمىغان ھەمدە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا بۇنداق ماھىر بىرسىنى ئۇچرىتىپ باقمىغانىدى. ئۇلار يېرىم كېچىگىچە  پاراڭلاشقاندىن كېيىن، «ساھىبجامال ستۇدېنت قىز» تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭدىن: «ماڭا ئەھۋالىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ سۆزلەپ بەرمەمسىز؟ مېنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگۈڭىز يوقمۇ» دەپ سوراپ قالدى. Zr$D\(hX  
   سۇ فېڭ ئۇنىڭغا: «بويۇم 1.78 مېتر كېلىدۇ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئۆزۈم شىركەت درېكتورى، بويتاق مەن». دەپ راست ئەھۋالىنى دېدى ھەمدە ئۆزىنىڭ يېقىندىلا لايىقىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى دەپ بەردى.  ئۇنىڭ قارشى تەرەپنىڭ قانداقراق ئادەم ئىكەنلىكىنى بەكمۇ بىلگۈسى كەلدى. oZ!+._9  
 «ساھىبجامال ستۇدېنت قىز» مۇنداق دېدى: «مەن 21 ياشتا، بەدەن ئېغىرلىقىم 48 كىلوگرام، بويۇم 1.65 مېتىر، بەل ئايلانمام 1.9 چى كېلىدۇ، جياڭنەن گۈزىلىمەن، باشقىلار مېنى ‹فاكولتىتنىڭ گۈلى› دېيىشىدۇ، بىراق بۇ شەھەردە مەن سۆيگۈمنى تاپشۇرغىدەك بىرەرىنى تاپالماي يۈرىمەن، بەزىدە شۇنداق ئىچىم سىقىلىدۇ. مۇۋاپىقراق بىرەر يىگىت بولسا، سۆيگۈمنى ئۇنىڭغا تاپشۇرسامكەن دەيمەن، بىراق كۆڭۈلدىكىدەك بىرەرى ئۇچرىمايۋاتىدۇ». !&5B&w{u~!  
   سۇ فېڭ بىتاقەت بولغان ھالدا: «ئۇنداقتا مەن سىزنىڭ يىگىتىڭىز بولاي، مەنمۇ تېخى يېقىندىلا لايىقىمدىن ئايرىلىپ قالغان، مەن چوقۇم سىزگە ياخشى قارايمەن»، دېدى. _QiGrC  
   «ساھىبجامال ستۇدېنت قىز»: «راستمۇ؟ سىزگە ئىشەندىم، مەن خالايمەن، لېكىن سىز سەمىمىيىتىڭىزنى ئىپادىلىشىڭىز كېرەك!» دېدى. AqjEz+TVt  
    سۇ فېڭ بۇنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەردى. «ساھىبجامال سىتۇدېنت قىز» تورغا: «بايىقى گەپلىرىڭىز راست بولسا، مېنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكا كارتامغا ئازراق پۇل سېلىپ، سەمىمىيىتىڭىزنى ئىپادىلەڭ، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن پەقەت سەمىمىيىتىڭىزنى سىناپ باقماقچى خالاس، پۇلىڭىزنى كۆرۈشكەندە سىزگە قايتۇرۇپ بېرىمەن». دەپ خەت يازدى، ئارقىدىن سۇ فېڭنىڭ يانفونىغا بىر بىر يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نومۇرى يېزىلغان قىسقا ئۇچۇر كەلدى. L?r\J8Ch<  
    كۈچلۈك «مۇھەببەت ھۇجۇمى» نىڭ تەسىرىدە سۇفېڭ «ساھىبجامال ستۇدېنت قىز» بىلەن ئەتىسى سەھەرگىچە پاراڭلاشتى. ئۇلار توردا خوشلاشقاندىن كېيىن، سۇ فېڭ زادىلا ئوخلىيالماي، تاڭنىڭ ئېتىشىنى كۈتتى. ,< 
     چىرايىنى كۆرمەي تۇرۇپ، قارىشى تەرەپكە «سەمىمىيەت پۇلى» سېلىش G33'Cgo:,  
  5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى سەھەردە  تولىمۇ بىتاقەت بولغان سۇ فېڭ يېقىن ئەتراپتىكى بىر بانكىغا بېرىپ، 600 يۈەننى «لى نىنا»نىڭ بانكا كارتىغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بۇنى دەپ قويدى، ئارقىدىن ھاياجانلانغان ھالدا ئۇنىڭ خەۋىرىنى كۈتتى. ئارىدىن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن، لى نىنا ئۇنىڭغا: «سىز ماڭا تۇنجى بولۇپ يۈز كۆرۈشۈش سەمىمىيەت پۇلى سالغان كىشى، مەن بەك خۇش بولدۇم. سىز ماڭا يەنە ئازراق پۇل سېلىۋېتىڭ، قانچىلىك سالىدىغانلىقىڭىزنى دېمەي، ئىشقىلىپ سەمىمىيىتىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىزلا مەن سىزدىن باشقا ھېچكىمنى تاللىمايمەن»، دېگەن مەزمۇندا قىسقا ئۇچۇر كەلدى. _>i<`k  
    سۇ فېڭ ئۇنىڭ بانكا كارتىغا يەنە 900 يۈەن سېلىۋەتتى. لېكىن لى لىنا: «سىز بەك پىخسىك ئىكەنسىز!» دەپ ئۇچۇر ئەۋەتتى. سۇ فېڭ بۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كارتىسىغا يەنە ئىككى قېتىمدا 1000 يۈەن سېلىۋەتتى. NA9ss  
ھالبۇكى، سۇ فېڭنىڭ بۇ قىلغىنى لى لىنانى تەسىرلەندۈرەلمىدى. لى لىنا ئۇنىڭغا: «سىز سەل مەرترەك بولۇڭ، ئىككىمىز كۆرۈشكەندە بۇ پۇلنى ھامان سىزگە قايتۇرۇپ بېرىمەن»، دەپ قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن سۇ فېڭ 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۇنىڭغا يەنە 5000 يۈەن سېلىپ بەردى، بىراق لى لىنا ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ رازى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. bXK$H=S Bz  
    سۇ فېڭ سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا: «سىزگە زادى قانچە پۇل كېرەك؟» دەپ ئۇچۇر قايتۇردى. ئويلىمىغان يەردىن، لى لىنا ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلماي ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇنىڭغا: «مېنىڭ مۇنچە پۇل سېلىڭ، دېگۈم يوق، سىز پەقەت سەمىمىيىتىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىزلا بولدى. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسىڭىز، بىز دەرھال كۆرۈشەيلى، پۇلىڭىزنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرەي» دېدى. بۇ قېتىم سۇ فېڭ ئۆزى خېجىل بولۇپ قالدى. «كۆرۈشكەندە پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دېگەندىكىن، يەنە نېمىدىن ئەنسىرەيتتىم» دەپ ئويلىغان سۇ فېڭ 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چىشىنى چىشلەپ، لى لىناغا يەنە 50 مىڭ يۈەن سالدى. P*9L3R*=N  
     ئۇ تاقەتسىزلەنگەن ھالدا لى لىناغا: «بىز كۆرۈشەيلى»، دەپ ئۇچۇر ئەۋەتتى. بىراق لى لىنا ئۇنى ئەيىبلەپ، «سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىز يېتەرلىك ئەمەس، ئەگەر تەئەللۇقاتىڭىزنىڭ ھەممىنى چىقارسىڭىز، سىز بىلەن كۆرۈشمىسەم، ماشىنىغا سوقۇلۇپ ئۆلەي»، دېدى. سۇ فېڭ لى لىنانىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەندى، ئەتىسى ئۇ ئۇنىڭغا يەنە 60 مىڭ يۈەن سېلىپ بەردى. "Sd2VSLg  
     بۇ قېتىم لى لىنا خۇشال ھالدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولدى ھەمدە ئۇنىڭغا كۆرۈشكەندە پۇللىرىنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار 6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن كېيىن تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقى دەرۋازىسىدا ئۇچراشماقچى بولۇشتى. ئۇلار ھەتتا ئۇ يەردە ياتاق ئاچىدىغان بولۇشتى. ئەتىسى سۇ فېڭ دېيىشكەن ۋاقىتتىن بۇرۇن تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا بېرىپ، لى لىنانى كۈتتى. بىراق دېيىشكەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لى لىنا ئۆزى كەلمەي ، ئۇنىڭدىن: « ھەر قېتىم سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىساملا، يۈرەكلىرىم سېلپ كېتىۋاتىدۇ، سىز كېتىپ تۇرۇڭ، باشقا كۈنى كۆرۈشەيلى، بولامدۇ؟» دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر كەلدى. سۇ فېڭ كۆزى قىيمىغان ھالدا تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدىن كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق ئۇ تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدا بىتاقەت بولغان ھالدا مەكتەپ ئىچىگە قاراپ تۇرغىنىدا، كۆزلىرى كىچىك، پاكار بويلۇق بىر ياش ئەرنىڭ ئۆزىگە يىراقتىن قاراپ تۇرغىنىغا ئەلۋەتتە دىققەت قىلمىغانىدى. # 3gdT  
  لى لىنا بىلەن كۆرۈشەلمىگىنى ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم قىلدى، لېكىن ئۇ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، لى لىنادىن كەلگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپلا ھاياجانلىنىپ كەتتى. لى لىنانىڭ ئۇچۇرىدا: «مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، مەن ئەسكى، مەن پەقەت ئىچ – پۇشۇقىمنى چىقىرىش ئۈچۈنلا تورغا چىققانىدىم، ئۆزۈممۇ كۆرۈپ باقمىغان بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالارىمنى، بولۇپمۇ سىزنى ئازاپقا سېلىپ قويۇشۇمنى ئويلىماپتىكەنمەن، پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي، بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىلەشمەيلى»، دېيىلگەنىدى. .*+e?-  
   سۇ فېڭ لى لىنانىڭ «ئەمدى ئالاقىلەشمايلى» دېگىنىنى كۆرۈپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تۇرالمايلا قالدى، ئۇ لى لىناغا قايتا – قايتا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن سەمىمىيى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەتىسى ئۇ ئۇنىڭغا ئالدىراش 650 مىڭ يۈەن سەمىمىيەت پۇلى سېلىپ بەردى. }d16xp  
   شۇ كۈنى كەچتە سۇ فېڭ ئۆزى بىلەن ئۆزى ئىدىيۋى كۈرەش قىلىپ، زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرمەكچى، قەيەردىن بولمىسۇن پۇل قەرز ئېلىپ، بۇ مۇنەۋۋەر قىزنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەرەپ – تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ، ئۇرۇغ – تۇغقانلىرى، دوست – بۇرادەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىدىن لى لىنا ئۈچۈن قەرز ئېلىپ، بىر قانچە قېتىمدا لى لىنانىڭ بانكا كارتىسىغا 600 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل سېلىپ بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەئەللۇقاتلىرىدىن باشقا ،لى لىناغا 25 قېتىمدا  جەمئىي1 مىليون 10 مىڭ يۈەن سېلىپ بەرگەنىدى. l5,}yTUta  
سۇ فېڭ 2007 – يىل 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يەنە بىر دوستىدىن قەرز سورىغىلى بارغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئۆزىنىڭ قەرز ئېلىش سەۋەبىنى ئۇ دوستىغا دەپ بەردى. دوستىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلدى. 2007 – يىل 8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى خەلق ساقچىلىرى چاڭ پىڭ رايونى «تيەنتۇڭيۈەن» مەھەللىسىدىن ئۆزىنى لى لىنا داۋالغان چېن ليەنجاڭنى قولغا چۈشۈردى. yNN_}9  
    سۇ فېڭ ساقچىخانىدا قولى كويزىلانغان لى لىنانى كۆرگىنىدە، ئۆزى مەجنۇنلارچە ئاشىق بولغان «ساھىبجامال ستۇدېنت قىز لى لىنا» نىڭ ئەسلىدە توردا ئالدامچىلىق قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان، ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ئەر چېن ليەنجاڭ ئىكەنلىكىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈمىگەنىدى. چېن ليەنجاڭ 1983 – يىل 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇدىڭ شەھىرىدە توغۇلغان، مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭغا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەن، تورغا پىششىق چېن ليەنجاڭ توردا قىزلارنى كەلتۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىلىق سالاھىيەت بىلەن قىزلارنى كەلتۈرۈشنىڭ ئاسانلىقىنى بايقاپ، توردا بىر قىز بىلەن تۇنۇشقان ھەمدە ئۇ قىز بىلەن ئۆي تۇتۇۋالغانىدى. q%c"`u/v/  
    چېن ليەنجاڭ ئىككى ئادەمنىڭ ئۆي ئىجارىسى ۋە باشقا خىراجەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىشلەپ تاپقان ئازغىنە كىرىمى ھېچنىمىگە دال بولالمايتتى. ئۇ بارلىق تاپقان – تەرگىنىنى پاي بازىرىغا سېلىۋېتىپ، ئەسلى – ۋەسلىدىن ئايرىلىپ قالدى. پۇلى بولمىغاچقا، لايىقى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتى. ئۇ توردا پاراڭلىشىۋېتىپ، سۇ فېڭنىڭ مەشۇق ئىزدەپ يۈرگەن دېرىكتور ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال قىز ستۇدېنت قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن ئاز تولا چاي پۇلى ئۈندۈرىۋالماقچى بولدى، كېيىن سۇ فېڭ نېرى – بېرىنى ئويلىمايلا ئۇنىڭغا 600 يۈەن سېلىپ بەردى. بۇ پۇلنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چېن ليەنجاڭ ئۇنىڭدىن پۇل ئۈندۈرۈپ، پاي چېكى ئوينىماقچى بولدى. % !p/r`  
    چېن ليەنجاڭ ئۇنچىۋالا ئەقىللىق ئالدامچىلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى، ئۇ دەسلەپكى بىر قانچە قېتىم پۇل تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىر قانچە كۈنگىچە دەككە – دۈككىدە يۈردى. بىراق سۇ فېڭ ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىدى، بەلكى چىن ليەنجاڭ قۇرغان تۇزاققا چۈشىۋەردى. سۇ فېڭنىڭ پۇلىنى شۇنچە ئاسانلا قويۇۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن چېن ليەنجاڭ تۈرلۈك ھىلە – مىكىرلەر بىلەن سۇ فېڭنى داۋاملىق ئۆزىگە «سەمىمىيەت پۇلى» سالدۇردى. E/uKzzD9  
    چېن ليەنجاڭغا ئالدىنىش جەريانىدا سۇ فېڭنىڭ كۆڭلىدىمۇ تالاي زىددىيەتلەر بولدى. ئۇ بىر تەرەپتىن، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، قارشى تەرەپنىڭ پۇلنى ئېلىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، داۋاملىق پۇل سېلىۋەردى. سۇ فېڭ ئىلگىرى «لى لىنا» غا كۆرۈشمەسلىكنى ئېيتقانىدى، بىراق چېن ليەنجاڭ ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرۇپ، پۇل سالمىسا، بۇرۇن سالغان پۇللىرىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن سۇ فېڭ داۋاملىق چېن ليەنجاڭنىڭ بۇرنىدىن يېتىلىشىگە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 25 قېتىمدا ئۇنىڭغا 1 مىليون 10 مىڭ يۈەن سېلىپ بەردى. ,v>| Ub,  
    چېن ليەنجاڭ شۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى ئاسانلا ئالدىۋالغانلىقىدىن ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس چاغلاپ يۈردى. ئۇ بۇ پۇللار بىلەن پاي چېكى ئوينىدى، يان تېلېفون ، قىممەت باھالىق نەرسە – كېرەكلەرنى سېتىۋالدى، ھەدەپ بۇزۇپ چاچتى. ئۇ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن چېغىدا، بانكا كارتىسىدا ئاران 140 مىڭ يۈەنلا قالغانىدى. h}  
    چېن ليەنجاڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، تېزلا تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىندى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىنى ھېچقانداق ئاقلىمىدى. 2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، چېن ليەنجاڭنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە مۇددەتلىك 14 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىپ، 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى ھەمدە ئۇنىڭ 1 مىليون 18 مىڭ 500 يۈەننى زىيانلانغۇچى سۇ فېڭغا قايتۇرۇشقا بۇيرىدى. 7wwlZ;w  
     بۇ توردىكى ئالدامچىلىق دېلوسىنىڭ جەريانى تولىمۇ ئاددى، ئەمما بىر سان دىققىمىزنى تارتماي قالمايدۇ: ئېنىقسىز ستاتىستىكىغا قارىغاندا، بېيجىڭ رايونىدا ھەر يىلى يۈز بېرىدىغان زور جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ %60 ى توردا يۈز بېرىدىكەن. توردىكى شەھۋانىيلىق ۋە تور ئالدامچىلىقى يېڭىچە جىنايەت شەكىللىرى بولۇش سۈپىتىدە تېز ئەۋج ئېلىپ، ھوشيارلىقىمزنى قوزغىدى. بىز تورغا چىقىشنى، توردا پاراڭلىشىشنى رەت قىلمايمىز، ھەتتا بىز «لى لىنا» لارنىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ توسۇيالمايمىز. شۇڭا بىز تورغا چىققاندا ياخشىراق ئويلاپ  باقايلى، بىز توردىن نېمىنى ئىزدەيمىز؟ بىز توردىكى شەھۋانىيلىق ۋە تور ئالدامچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇشىمىز كېرەكمۇ؟    t7b\#o  
ھېچ بولمىغاندا بىز شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، چېن ليەنجاڭنىڭ ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ئۇنچىۋالا ئىلغارمۇ ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق، سۇ فېڭ نېمىشقا ئارقا – ئارقىدىن ئۇنىڭغا پۇل سېلىپ بېرىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب، سۇ فېڭنىڭ شەھۋەتپەرەسلىكىنىڭ ئۇنىڭ ئەقلىنىڭ تۈپىگە  مىنگەنلىكىدە! ئەخلاق چېگرىسىدىن ھالقىغاندا، ھەر قانچە ئەقىللىق كىشىمۇ ئەخمەققە ئايلىنىدۇ! تۇرمۇشتا سۇفېڭغا ئوخشاش كىشىلەر ئاز ئەمەس، بىز ئۇلاردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك. jGKasI`  
                                       h,)UB1  
ئېلى جامال تەرجىمىسى h|Udw3N1L  
«ئامانلىق» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى Gt5'-Hyo  
  yZ57uz  
g'{hp:  
 بۇ ماقالە يولباش بىلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلىي ماقالە ئادرېسى :  http://yolbash.blogbus.com/logs/36581890.html Hp?uYih0  
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-10-16, 11:25
-سىز كۆرۋاتقان تىما «گۈزەل قىز» بەدبەشىرە ئەرگە ئايلىنىپ قالدى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
Gucci.
ھايات بىر تىراگىدىيە،مەن باش پېرسوناژ
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9644
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 151
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 691 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 328(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-08
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 19:39

پاھ، بىر مىليون... نىمە دېگەن دۆت ھەي بۇ دېرىكتور ئەپەندىم....
natonux-kiz
بەخىت ئىزدىمە،بەخىت يىنىڭدىلا.
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 11044
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 345
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە345دانە
ياخشى باھا: 106 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2172 سوم
تۆھپىسى: 52 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 75(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-16
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 19:42

ۋاي  خۇدايىم ، ئەجەپمۇ گالۋاڭ ئاداشكىنا ئاۋۇ ........    سەمىميەتنى شۇنداق بىلۈرىدىغان ئىشنى ئەمدى تۇنجى ئاڭلىشىم  ......... O9(6?n  
مۇشۇ  توردا  تونۇشقانلار.  بولۇپمۇ مۇشۇ چ چ دا  تونۇشقانلار ئەڭ خەتەرلىك .
كىشى ھەر ۋاقىت بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاشنى ئۈگىنۋىلىشى كىرەك.ئۆزىدە بار بولغان بەخىتننى سىزەلمىگەن كىشى ئەڭ بەخىتسىزدۇر.
hapilik927
غەلبە ئۈچۇن چەككەن مۇشەققەت مۇقەددەستۇر!!
دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 755
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 2002
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2002دانە
ياخشى باھا: 587 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4502 سوم
تۆھپىسى: 790 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1078(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-25
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 19:47

ۋو ھا ھا ھا ....قوسقۇمنى تۇتۇپ سەت كۇلۇپتىمەن....نىمانداق  دۆت ئاداش ئاۋۇ.
ئىنسان ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر ،
ھەممىدە بولمايدۇ، ۋېژدان ۋە غورۇر.
يىلىنىپ ، يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز،
دىيارىڭ شىنجاڭدۇر،مىللىتىڭ ئۇيغۇر.   
 http://xamsidin0998.51.com
'' مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''
Romantic-killer
Everything I have Is for My Nation
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9922
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 258 سوم
تۆھپىسى: 10 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 212(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-11
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 19:57

جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق ئادەملەر بار ئىكەن دىسە   
بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن
binyamin
مىللىتىم ئۇيغۇر!دىنىم ئىسلام!
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10272
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
ياخشى باھا: 129 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1399 سوم
تۆھپىسى: 214 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 415(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-14
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 19:59

ۈاي تۇۈا بۇنىڭغا نىمە دەيمىز شىركەتنىڭ دىرىكتۇرى بۇلغىچە......بۇلسىچۇ؟تۇۈا دەيچۇ.تىما ئىگىسە رەھمەت ،داۈاملىق ياخشى تىمىلارنى يۇللاپ تۇرۇڭ، "[*W=6m0  
تۇرۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئۇگىنەيلى!!!
DIL-YIRIM
دىل ئازارى،خۇدابىزارى
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4825
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 347 سوم
تۆھپىسى: 14 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 38(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 20:04

تازا بىر ساراڭمۇ بۇ ئاداش...
axkar
باشقىلار ھازىر كىتاب كۆرىۋاتىدۇ!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1854
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 599
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە599دانە
ياخشى باھا: 90 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2690 سوم
تۆھپىسى: 83 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1040(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 20:09

مەجنۇنلارچە ئاشىق بولۇش دەمدۇق بۇنى  
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم !
sargarda
سەركەردە
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1041
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 745
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە745دانە
ياخشى باھا: 173 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3775 سوم
تۆھپىسى: 145 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 271(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-27
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-16
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 20:13

خەقنىڭ  پۇلىنى  ئالداپ  قۇ يۇۋالغان  خاتۇننى  ئەيىبلىمەي  ،  ئاقكۆڭۈل  ، ساددا  يىگىتنى   ئەيىبلەپ  كىتىپسىلەريا ؟  
ئاللاھ ، زالىملارغا مەدەت بەرگۈچىلەرنى ، ئاشۇ زالىمنىڭ قولى بىلەن جازالايدۇ   (  ھەدىستىن )
0996sahra
sahra
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3266
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 193
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە193دانە
ياخشى باھا: 104 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 504 سوم
تۆھپىسى: 81 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 20:16

ۋاھ بولىدىكەن ھە```ما مۇنبەردىمۇ بامۇ شۇندالا```بولسا مەن جىق دىمەيمە``ماڭا 800مىڭ بولسىلا بولاتتى````         
تىرىشقان تاپار!!!!!
katran
رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىم& ..
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 81
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 653
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە653دانە
ياخشى باھا: 123 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 8343 سوم
تۆھپىسى: 112 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 704(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-16
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 20:17

توۋا خۇدايىم، ئەقلىگە نان ئەمەس باشقا نەرسە يىگەن نېمە ئوخشايدۇ ئۇ...... شۇنچىۋالامۇ دۆت بولامۇ دەيمىنا............
رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!
banugul
گۈلنى ئۈزۈشتىكى مەقسەت ئوخشاش بولمىسا ،پۇرىقىمۇ ..
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1819
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 243
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە243دانە
ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1470 سوم
تۆھپىسى: 11 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 378(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 20:18

كاللىسى ئىشلىمەيدىغان تۇرۇپ قانداقمۇ بىر دىرىكتور بوپ قالغاندۇ ؟؟؟ توۋا !!!
_ بانۇ