مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 406 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: بىر ئۆسمۈرنىڭ تەسىرلىك ھايات مۇساپىسى.
HALKIM
ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك، بىز ئەڭ ئەقىللىق مىللەت.
دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3940
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 844
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە844دانە
ياخشى باھا: 511 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1201 سوم
تۆھپىسى: 68 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 437(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-14
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 16:23

0 بىر ئۆسمۈرنىڭ تەسىرلىك ھايات مۇساپىسى.

  

ئەسسالام ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى بارىلىق ئەزىز تورداشلار مەن خەلقىمدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام.
مەنمۇ سىلەرگە بىر تەسىرلىك ھېكايىدىن بىرنى ئەكەلدىم... قېنى ئەمسە!
                          

                                بىر ئۆسمۈرنىڭ تەسىرلىك ھايات مۇساپىسى.

مىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىم تولىمۇ مەنىلىك ئۆتەتتى،، مەن ئۆزەمنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە مىنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ ساخلاپ تۇرۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتىم..
ئانام بولسا ئۆيدە بىزلەرگە قارايتى،،دادام ياغاچچى ئىدى ئۇ ئۆيگە ھەر 10-15كۈندە بىرەر قېتىم كىلىپ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالاتتى..
بىراق تۇيۇقسىز بۇ ئىللىق ئائىلىگە ئۇنتۇلغۇسىز كىلىشمەسلىك كەلدى.
ئانام تۇيۇقسىز ئۆزگەردى بىزگە ئانچە قالىمايدىغان دائىم سىرىتلارغا قاتنايدىغان بۇلىۋالدى.مەن كىچىك بولغاچقا نىمىشقا بۇنداق قىلدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتىم.
بىر كۈنى يېرىم كىچە بولغاندا ..دادام تۇيۇقسىز قايتىپ كەلدى...ئىشىكتىن قانداق كىرگەنلىكىنىمۇ تۇيماپتىمەن.
بەدىنىمگە سوغوق بىر قول ئورۇندى.مەن دەرھال چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرسەم دادام تۇرۇپتۇ.  بالام ئاناڭلا قېنى؟
قارسام ئانام راسلا يوق...ئۇقمۇدۇم!  دادامنىڭ چىرايى تۇيۇقسىز ئۆزگەردى،،ھەم سىرىتقا چىقىپ كەتتى.
شۇ كىچە پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى،،،
ئانام تاڭ ئاتارغا يېقىن قايتىپ كەلدى.تۇيۇقسىز كەينىدىن داداممۇ قايتىپ كەلدى...
ئانام بىلەن دادام ئۇرۇشقىلى تۇردى..مەن ئارىسىغا كىرىپ ئاجىرتىۋالاي دىسەم ،پەقەتلا ئاجىرتالمىدىم.
دادام ئاخىرى بولدى قىلدى..ھەم ئۈچكۈن تۇرۇپ يەنە ئىشقا كەتتى.
ئانام يەنىلا ئوڭشالمىدى..بىر كۈنى دادام يەنە قايتىپ كەلدى. بۇ جاغدا ئانام يەنىلا يوق ئىدى.
نەگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى مەنمۇ ئۇقمايتىم.
دادام ئاچچىق بىر تىنىپ ئانامنىڭ كىلشىنى ساخلاپ تۇردى.ئانام ئالاھىزەل  بىر سائەتتىن كىيىن قايتىپ كەلدى.
دادامنى كۆرۈپ ئانامنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىدى..دادام...بولدى سەن بىلەن ئاجىرشىمەن...ماڭ يوقال ئەمدى سىنى ئىككىنجىلاپ كۆزۈم كۆرمىسۇن..ئانام مەن ئۇنداق ئاسان خېتىمنى ئالمايمەن...سەن ماڭا تۆلەم بىرىشىڭ كىرەك..مەن ساڭا ئون نەچچە يىل خوتۇن بولدۇم..مەن مۇشۇنداقلا كىتىمەنمۇ دەپ گەپ ياندۇردى.
دادام ئاچچىقىغا پايلىماي ئانامنى قاتتىق ئۇرۇپ كەتتى.ئانام  تاياققا پايلىماي ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.
دادام كەينىدىن خېلى ئۇزاق قاراپ تۇرۋېتىپ،ماڭا..بالام مەن ساڭا نىمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ قۇياي.سەن تېخى كىچىك بەزى ئىشلارنى چۈشەنمەيسەن.!! دەپ ماڭا ھەممىنى سۆزلەپ بەردى.
ئانام ئەسلى باشقا ئەرلەرگە بۇزلۇپتىكەن.
دادام، ئەمدى ئەدەبسىز سۆز ئەكەلمەيمەن،،مەن ئىشقا كەتسەم ئىككى ئۇكاڭغا ئوبدان قارا،سىڭلىڭنى چوڭ ئاپاڭلارنىڭ ئۆيىگە ئاپرىپ قۇياي.سىلەر ئوغۇل بالا مەكتەپتە ئوقۇيسىلەر سىڭلىڭلار تېخى كىچىك مەن سەل ئەنسىرەپ قالدىكەنمەن. دادام شۇ كەپنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن سىڭلىمنىڭ يۈك تاقلىرنى يېغىشقا باشلىدى.
سىڭلىم يېنىمغا كىلىپ مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.مەن سىڭلىمنى بەزلەپ...يىغلىماڭ ئۇكام مەن سىنى دائىم كۆرگىلى بارىمەن،دىدىم.
دادام سىڭلىمنى ئېلىپ چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە كەتتى..بىزگە يەيدىغان كۈرۈچ،ئۇن ،ياغ ھەممە نەرسىنى تەل قىلىپ بەردى.
مەن شۇ كۈندىن باشلاپ تاماق ئىتىشكە باشلىدىم.باشتا قولۇم كەلمىدى بارا-بارا قولۇممۇ كىلىپ قالدى.
راستىمنى ئېيىتسام ئانامنى تولىمۇ سېغىندىم. بەلكىم بۇ كىچىك بولغاچقا ھېچبىر ئىشنى ئۇقمىغانلىقىمدى بولسا كىرەك.
بىر كۈنى تاماق ئىتىش جەريانىدا قولۇمنى ياغدا كۆيدۈرۋالدىم..قۇلۇم بەكلا كۆيۈپ كەتكەن ئىدى.
ئىككى ئىنىم يېنىمغا كىلىپ قۇلۇمغا قاراپ..ئېسلىپ يىغلاپ كەتتى.مەن ئۇلارغا..بولدى ھېچنىمە بولمىدى..سىلەر ماڭا ئازراق ئوتۇن كەسلەپ بىرىڭلار..ئوتۇن تۈگەپ قاپتۇ دىدىم.ئۇلار ماقۇل بۇلشۇپ باغقا چىقىپ كەتتى.
ئۆزەم يالغۇز قاتتىق يىغلاپ كەتتىم قولۇم بەكلا ئېچىشىپ كەتتى.
دەل شۇ دەقىقىدە دادام قايتىپ كەلدى. مەن قولۇمنى يۇشۇراي دىسەممۇ ئۈلگۈرەلمىدىم. دادام نىمە بولدى بالام؟
ئەكىلە قولۇڭنى دەپ قولۇمنى تاتتى..
دادام قولۇمغا قاراپلا كۆزىدىن ياش سىيرىلىپ چۇشتى.ئاغرىمىدى دىققەت قىلماي كۆيدۇرۋالدىم..
دادام يەنە ئاغرىمىدى دەيسەنغۇ..بەكلا كۆيۈپ كىتىپتۇ.يۇر مەن سىنى دوختۇرغانىغا ئەچۈشەي. مەن ئۇنمۇدۇم.
دادام يالۋۇرۇپ ئۇنتالماي ئاخىرى چىگدە دەرخىنىڭ پور يىردىن ئازراق كىپەك ئۇۋلاپ كەپتۇ. ئەكەل قولۇڭغا سۈرۈپ قۇياي ئاغرىقنى توختۇتۇپ ئاسان قاتۇردۇ.
دادام قولۇمغا چىگدە كىپىگى سۈرتىۋېتىپ كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ چۈشتى.مەنمۇ يىغلىدىم.ئىككى ئۇكاممۇ ئوتۇننى تاشلاپ دادامغا ئېسىلىپ ھۆر يىغلاپ كەتتى.
دادام ئاخىرى بىزنى ئايرىۋەتمەكچى بولدى.مەن قوشۇلدۇم. شۇنداق قىلىپ.مىنى چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە.(دادامنىڭ دادىسى)ئوتتۇرانچى ئىنىمنى تاغامنىڭ ئۆيىگە(چوڭ دادامنىڭ ئىنىسى)كىچىك ئىنىمنى ئاكامنىڭ ئۆيىگە(دادامنىڭ ئىنىسى)ئەكرىپ قويدى..گەرچە بىز كۈندە ئۇچۇرشۇپ تۇرساقمۇ بىر ئۆيدە بولمىغاندىن كىيىن دائىملا كۆرگۈم كىلەتتى.
بىر كۈنى ئاكام كىرىپتۇ.. ئۇكام ئىنىڭ ئۆيۈڭلارغا كىرۋېلىپ چىققىلى ئۇنمىدى.مەن گەپ قىلسام گىپىمنىمۇ ئالمىدى.
ئۆزۈڭ چىقىپ تەربىيە قىلىپ باقساڭ دىدى.
مەن ئوقتاك يۈگرەپ چىقتىم ئۇكام ئۆيگە سولىۋېلىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قويغان ئىدى.مەن ئىشىكنى ئاچتۇردۇم.
ئۇكام مىنى كۆرۈپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى....ئاكا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆيدە تۇرايلىچۇ؟ سەن ئۇنمىساڭ مەن بۇ ئۆيدىن چىقمايمەن. سەن كەتسەڭ مەيلى دەپ ئاستا ئارقىسىغا بۇرۇلدى..
مەن قوشۇلدۇم..ھەم  چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ دادامغا ئېيىتتىم. چوڭ دادا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدە تۇرايلى.
ئۇكام پەقەتلا ئۇنمىدى..مەن بولمىسام ئۇ ئاغرىپ قالدۇ..
چوڭ ئانام غۇدۇرلاپ..بۇ دەڭ ئەمەس كىلىپ كىتىدىغان..مەن سىنى نەچچە كۈن باقتىم.دەپ غودۇڭشىدى.
چوڭ دادام..بۇلدۇ ئۇكاڭغا ياخشى قارا.بىرەر نەرسە لازىم بولسا يېنىمغا چۈش دەپ تاپلىدى.
مەن ئۆيگە چىقسام ئۇكام تۇرۇپتۇ..ھايال ئۆتمەيلا ئوتتۇرانچى ئىنىممۇ چىقىپتۇ. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ..ئاكا مەيلى ئاچ قالساممۇ سەن بىلەن بىللە تۇراي دىدى. مەن قوشۇلمۇدۇم.
ياق ئۇكام سەن بولساڭمۇ ياخشى كۈن كۆرگىن.جاپا تاتمىغىن دىدىم ئۇمۇ چاھىللىق قىلىپ ئۇنماي مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرمەن دەپ تۇرۋالدى.
مەن ئامالسىز قوشۇلدۇم. شۇنداق قىلىپ ئۈچىلىمىز يەنە بىللە بولدۇق.
بىراق ئۆيدە ئۇن كۈرۈچ ياغ ھەممىسى تۈگكەن ئىدى.بىز تولىمۇ قىينالدۇق.ساق توققۇزكۈن ئالما،نەشپۈت يەپ كۈن ئۆتكۈزدۇق..داداممۇ قايتىپ كەلدى..ھالىمىزغا قاراپ ئارتۇق كەپ قىلمايلا..بىزنى بازارغا ئەكىرىپ قورسىقىمىزنى توقلىدى.بىز بىر كۈن تولىمۇ خوشال ئوينىدۇق.
ئۆيگە چىققاندىن كىيىن بىزدىن نەچچە كۈن نىمە يىدىڭلار؟ دەپ سورىدى..ئىنىم شۈك ئولتۇرماي .نەشپۈت ھەم ئالما يەپ كۈن ئۆتكۈزدۇق.دەپ سالدى.
دادام،،، نىمە؟  دادام قېتىپلا قالدى،ھەم ئۇچىمىزنى بىر يېقىن ئەكىلىپ بېشىمىزنى سىلاپ تۇرۇپ،،جاپا تاتتىڭلار.مەندەك داداڭلارنى كەچۈرۈڭلار ھالىڭلاردىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم دەپ يىغلاپ كەتتى.بىزمۇ يىغلىدۇق.
ئەتىسى بىزگە كىرەكلىك ھەممە نەرسىنى ئېلىپ بېرىپ يەنە ئىشقا كەتتى.
مەن شۇنىڭدىن باشلاپ ساق ئۈچ يىل ئىككى ئىنىمغا تاماق ئىتىپ بەردىم.سىڭلىمنىڭ خەۋىرنىمۇ ئالامىدىم.
ئانام ئۇنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەتكەن ئىدى.سىڭلىمنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى..
بىر كۈنى مەكتەپتە تۇيۇقسىز باشقا بالىلارنىڭ ئاغزىدىن ..يىتىم ئوغلاق دادىدسى يوق ئانسى يوق دىگەندەك سەت كەپلەرنى ئاڭلىۋالدىم..شۇ كۈنى دەرىسكىمۇ قاتناشمايلا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم...ھەم ئىچ-ئىچىمدىن قاتتىق يىغلاپ كەتتىم.
ئەتىسى مەكتەپكە بارمىدىم چۈشكە يېقىن ئوقۇتقۇچۇم كەلدى..ھەم بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ..بالام بۈگۈن مەكتەپكە كەلمىدىڭ تۆنۈگۈن چۈشتىن باشلاپمۇ دەرستە يوق..نىمە ئىش بولدى.دەپ مەندىن سورىدى.
مۇئەللىممۇ ئائىلەمدىكى ئىشنى ئاڭلىغان ئىدى.
مەن ھەممىنى مۇئەللىمگە سۆزلەپ بەردىم.ئوقۇتقۇچۇم ،،،بوپتۇ ،مەن ئۇلارغا تەربىيە قىلاي سىز خاتىرجەم
ئوقۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ دەپ مىنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ ئەكەلدى.
ھەم مىنى تىللىغان بالىلارغا تەربىيە قىلدى..ئۇنىڭدى كىيىن بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمىدى.
بالىلار بايرىمىمۇ يېقىنلاپ  قالدى..دادام قايتىپ كەلمىدى..ئۇ كەتكىلىمۇ بىر-ئايدىن ئاشقان ئىدى.
مەن كۈندە يولىغا تەلمۈردۈم بىراق يەنىلا كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ بالىلار بايرىمى يىتىپ كەلدى.
بايرام كۈنى ئىككى ئىنىم بىلەن چىملىقتا ئولتۇرۇپ يىتىمسىراپ قالدىم..كۆزۈمگە ئىللىق ياش كىلىپ كەتتى. يېشىمنى توختىتاي دىسەممۇ توختىتالمىدىم.
ئىككى ئىنىم بوينىنى قىسىپ باشقا بالىلارغا قاراپ تۇراتتى.دەل شۇ جاغدا ئوقۇتقۇچۇم چاقىردى.
مەن يېنىغا بارسام قولۇمغا بەش كوي پۇلنى تۇتقۇزۇپ،،بىلىمەن كۆڭلىڭىز بەكلا يېرىم داداىڭىزمۇ قايتىپ كەلمەپتۇ.
دىدى لىكىن يېشىمنى پەقەتلا توختىتالمىدىم.ئوقۇتقۇچۇم يېشىمنى سۈرتۈپ قۇيۇپ ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى.
مەن بۇ بەشكوي پۇلنى ئىككى ئۇكامغا بەردىم. تۇيۇقسىز مەكتەپ قوڭغۇرقى چىرىڭلىدى.
ھەممىمىز ئارقا مەيدەنغا يىغىلدۇق..ھەممە دوسلارنىڭ ئاتا-ئانىسى كەلگەن ئىدى.مەن دادامنى شۇنچە ئىزلىسەممۇ تاپالمىدىم.
مەكتەپ مۇدىرى...بۇ قېتىمقى يىللىق باھالاشتا مەكتىپىمىز بويىنچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ھازىر مۇكاپاتلايمىز.دەپ ئىسمىنى ئاتىغىلى تۇردى. تۇيۇقسىز مىنىڭ ئىسمىم ئاڭلاندى.
بۇ ئوقۇغۇچى بۇ يىلقى مەكتىپىمىز بويىنچە يىللىق باھالاشتا مەكتەپ بويىنچە بىرىنجى  بولدى!
مەن ئىشەنمەيلا قالدىم ھەم ئىختىيارسىز رەئىس سەھنىسىگە چىقتىم. ماڭا يەتتە يۈزدىن ئارتۇق كۆزلەر ماڭا تىكىپ چاۋاك چېلىنماقتا ئىدى.
بۇ كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى. بىراق ھېلقى گەپلەر يەنە چىقىشقا باشلىدى. مەن پەقەتلا چىدىيالمىدىم.ئانامدىن نەپرەتلەندىم.
شۇ كۈنلەردە داداممۇ قايتىپ كەلدى، ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىگە ئۇنىڭغا ئېسىلىپ يىغلىدىم ھەم ئەمدى مەكتەپتە ئوقۇمايمەن.مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كىتىمەن دەپ يالۋۇردۇم.دادام مەندىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى.
مەن مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان كەپلەرنى سۆزلەپ بەردىم.
دادام بىر ئۇھ سىنىپ؛ بوپتۇ بالام بۇمۇ بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەت ئوخشايدۇ دەپ بىزنىڭ كىيىملىرىمىزنى يىققىلى تۇردى.ئىككى ئىنىم ئۆينىڭ  بۇلۇڭىدا بىزگە قاراپ تۇراتتى.
بىز ئۈچۈمىز دادام بىلەن شەھەرگە كەلدۇق. دادامنىڭ شەھەردە بىر ئاغىينىسى بۇلۇپ بىز شۇلارنىڭ ئۆيىدە ئولتۇراقلاشتۇق.
بىر كۈنى دادام بىزگە مۇنداق دىدى؛ باللىرىم ئادەم بۇ دۇنياغا تۇغۇلغان ئىكەن چوقۇم ئۆلۈپ كىتىدۇ.
ئادەمنىڭ بىر چىقىش يولى بۇلۇشى كىرەك.
مىنىڭ ما ئاغىنەم ئىچكىرى ئۆلكىدە تىجارەت قىلدۇ..ئۇ سىلەرنى ماڭا قارشىپ بىرەرمىكىن دەيدۇ.ئەمدى سىلەر قانداق قارايسىلەر؛ بىلمىدىم ..
ئويلۇشۇپ بېقىڭلار؛ ئەتە جاۋابىنى بىرىڭلار دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
بىز ئۈچۈمىز بىر يەرگە كىلىپ ئويلاشتۇق. ئاخىرى مەن ئوتتۇرانچى ئىنىم ياردەملىشىدىغان بولدۇق.
كەچتە دادام قايتىپ كەلدى.ھەم بىزدىن سورىدى.قانداق ئويلاشتىڭلارمۇ؟مەن سىلەرنى ھەركىزمۇ زورلىمايمەن.
ئىختىيار ئۆزۈڭلاردا؛
مەن قوشۇلدۇم ئوتتۇرانچى ئىنىممۇ قۇشۇلدى. شۇنداق قىلىپ ئەتىسى دادامنىڭ ئاغىينىسى  كەلدى.ھەم قولىمىزغا پۇل بېرىپ.بۇگۈن قانغۇچە ئويناڭلار ئەتە يولغا چىقىمىز ؛دەپ قۇيۇپ دادام بىلەن چىقىپ كەتتى.
بىز ئۈچۈمىز بىر كۈن قانغۇچە ئوينىدۇق. كەچتە دادامغا دىدىم؛
دادا ئاپام سىڭلىم بىلەن كۆرۈشكىلى بۇلامدۇ؟ دادام. بولدى بالام ئەدەبسىز سۆزڭ كىپىنى قىلما سىڭلىڭنى مىنىڭ كۆرگۈم كەلدى.بىراق ئۇلار بەكمۇ يىراقتا شۇڭا كۆرۈشەلمەيمىز دىدى.
ئەتىسى ئەتىگەن يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا كىچىك ئىنىم ماڭا چىڭ ئېسلىۋالدى.دادام قولىنى ئاستا ئاجىرتىپ بىزگە ئاقيول تىلەپ يولغا سالدى.
بىز ساق باردىغان يەرگە چۈشتۇق.مەن پويىز ئىستانسىدىن سىرىتقا چىقىپلا خۇددى بىر دوزاققا كەلگەندەك ھېسياتتا بولدۇم.كۈز پەسلى بولغاچقا دەرەخلەر غازاڭ تاشلىغان ئىدى.پۇتۇن يوللار غازاڭ بىلەن پۇركۈنۈپ خۇددى بۇ شەھەردە ھازىرلا قىيامەت قايىم بولدىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم.
بىز چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مىنىڭ كەينىمگە بىر ئاچاشنى سېلىپ قۇيۇپ بىزنى بازارغا چىقاردى. مەن ئۆزەمنىڭ نىمە ئىش قىلدىغانلىقىمنىمۇ ئۇقمايتىم.مەن بىر كۈن يول مېڭىپ كەچ بولغاندا ياتاققا قايتىپ كەلدىم.
ياتاققا كىرشىمگىلا مىنى ئۇرغىلى تۇردى.ئەسلى مىنى ئوغۇرلۇققا سالماقچى ئىكەن.
ئەتىسى يەنە چىقاردى يەنىلا  قۇرۇق قول قايتىپ كەلدىم. مىنى يەنىلا تاياققا باسقىلى تۇردى.
مەن بارا- بارا بۇ يامان يولغا قەدەم باستىم.  بىر كۈنى ئۇكامنىڭ ياتقىغا كىردىم. قارسام ئۇكام يالغۇز يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورۇدۇم.ئۇ دادامنىڭ ئاغىينىسىنىڭ ئۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
مەن ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ سالدىم.  چۈنكى مەندە ئامال يوق ئىدى.خەنزۇچىنىمۇ ئۇقمايتىم.
ئاخىرى تاياققا پەقەتلا چىدىمىدىم.ھەم ئۇكامنى ئېلىپ قاشتىم.بىز قېچىپ بېيجىڭغا يېقىن بولغان بىر شەھەرگە كەلدۇق.
بىزگە بۇ شەھەردە بىر نەچچە باللا ئۇچراپ قالدى.بىز كىچىك ئۇلار چوڭ بولغاچقا بىزنى ئۇنمىغانغا-ئۇنىماي ياتىقىغا باشلاپ كىردى.
بىز ئىككىمىز يەنە بىر كۈلپەتكە دۇچار بولدۇق.بىر كۈنى يېرىم كىچە بولغاندا تۇيۇقسىز ياتاق ئىشىگى چىكىلدى.
ياتاقتا مەن ئۇكام يەنە ئىككى بالا بار ئىدى.
بىرسى بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.قولىغا ئۇزۇن پىچاق كۆتۈرۋالغان ئىككى بالا ئۇسۇپ كىردى.ھېلقى ئىككى بالا نىمە ئىش بولغىنى سوراپ بولغۇچە ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ينىك دەرىجىدە پىچاقنى سانچىدى.
ئۇكام قورقۇپ  يىغلاپ كەتتى .
بىرسى كىلىپلا ئاغزىڭنى يۇم دەپلا ئۇنى ئۇراي دىيشىگە مەن ئالدىغا ئۆتۈپ قولۇمنى ئىنىمنىڭ ئۇنىڭ يۇزىنى توستۇم.  ئىنىم تۇيۇقسىز قاتتىق چىرقىراپ كەتتى.

مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالدىم،ئۇكام قولۇمغا قاراپلا تۇراتتى.ھېلقى ئىككى بالىمۇ دەرھال ياتاقتىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.
مەن قولۇمغا قالىدىم. ئوڭ قولۇمنىڭ ئەڭ كىچىك ئىككى بارمىقى يوق ئىدى.مەن پەسكە قاردىم.ئىككى بارماق يەردە خۇددى نىمجان بېلىقتەك مىدىراپ تۇراتتى.
مەن قاتتىق يىغلاپ كەتتىم. ياتاققا خوجايىن كىردى.قولۇمنى كۆرۈپلا دەرھال دوختۇرغانىغا ئاپاردى. دوختۇرلار
ئۈزلۈپ كەتكەن قولنى ئۇلىيالمايدىغانلىقىنى،بېيجىڭغا ئاپىرىشنى ئېيىتتى.
بۇ دەل 8-ئاينىڭ15-كۈنى ئىدى.
ئۇلار مىنى بېيجىڭغا ئاپاردى.ھەم ھەربى دوختۇرخانىدا  قولۇمنى ئۇلاتتى. ئەكەتتى،مەن دوختۇرخاندا 5-بەشكۈن ياتتىم.ئاندىن ئۇلار دادامنىڭ ئاغىينىسىگە تېلىفۇن ئۇردى.دادامنىڭ ئاغىينىسى بىزنى بېيجىڭغا كىلىپ ئېلىپ كەتتى.
بىز يەنە قايتىپ كەلدۇق.قولۇم سەل ئوڭشۇلۇپ بولغۇچە ئۇلار مەندىن ئارتۇق كەپ سورىمىدى.
مەن ئىككى ياتاقتا ياتتىم. بىجارە ئۇكام بۇ ئىككى ئاي ئىچىدە تاياقنى قاتتىق يەپ كەتتى. مىنىڭ قاراپ تۇرۇشتىن باشقا يۇلۇم يوق ئىدى.
قولۇممۇ سەل ئوڭشالدى.بىر كۈنى دادامنىڭ ئاغىنىسى ياتاققا كىرىپ مەندىن سورىدى.مەن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردىم.
ئارتۇق گەپ قىلماي يەنە ئۇكامنى ئېلىپ ماڭدىغىنى چاقىرىپ چىقكەتتى.
ئۇكام ماڭا قاراپ خۇددى ئۆزىنى قۇتقۇزۋېلىشنى ئۆتۈنگەندەك قىلاتتى.ئۇزاق ئۆتمەي ئېلىپ ماڭدىغىنى  قايتىپ كىردى. ھەم مىنى دەسسەپ ئۇرۇپ كەتتى. ئۇكام بىر چەتتە يىغلامسىراپ تۇراتتى.مىنى راسا ئۇرۇپ ئاندىن ئۆزى چىقىپ كەتتى.
بىر ۋاقىتلاردا قولىغا ئىككى دەيزە تاماقنى كۆتۈرۈپ كىردى. ئېلىشە تامىقىڭنى يىيىش؛ مەن ئاستا بېرىپ تاماقنى قولغا ئالدىم. ئۇكام تاماقنى يەۋىتىپ تۇيۇقسىز بۇرنىدىن قان ئېقىشقا باشلىدى، مەن تاماقنى قويۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ھەم ئۇنى سۇخانىغا ئېلىپ چىقىپ يۇزىنى پاكىز يۇدۇم. بىز قايتىپ كىلىپ يەنە تاماق يىيىشكە باشلىدۇق.تاماق  قېتىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇكامنىڭ كېلىدىن ئۆتمىدىمۇ، ئۇكاپ تاماقنى ياندۇرۋەتتى.
ھېلقى بالا.ئۇكامنىڭ ياندۇرۋەتكەن تامقىنى قايتا يىيىشكە بۇيرۇدى.ئۇكام يىمەي قاراپ تۇراتتى.مەن تېخى چاخچاق قېلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. ھېلقى بالا قولىغا بىر كالتەكنى ئېلىپ ئۇكامنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ.ياندۇرۋەتكەن تامقىنى قايتا يىگزىۋەتتى.
مەن پەقەتلا چىدىيالمىدىم..يەنە بىر كۈنى مەن بازارغا چىقىپ ھېچنىمە قىلالمىدىم.ھەم 47-كىلومىتىرلىق يەردىن پىيادە مېڭىپ كەلدىم.
ياتاققا كىرسەم ھېچكىم يوق ئىكەن.مەن ياستۇققا بېشىمنى قۇيۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.چۈنكى بىر كىچە يول ماڭغان ئىدىم.
تۇيۇقسىز دۈمبەمگە قاتتىق بىر نەرسىلەر تىگىشكە باشلىدى.مەن نىمە ئىش بولغانلقىنى ئۇقۇپ بولغىچە ئۇرۇپمۇ توختىدى.ھەم نىمىگە ئۇخلايسەن دەپ سەت گەپلار تىللاشقا باشلىدى.ئاندىن ئۇكامنى ئۇرغىلى تۇردى.مىنىڭ كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى.بىچارە ئۇكام تاياق دەستىدىن قاتتىق چىرقىراپ كەتتى.
مەنمۇ يىغلاپ كەتتىم ھېلقى بالا؛ مەن ئۇكاڭنى ئۇرسام سەن نىمە دەپ يىغلايسەن دەپ مىنى يەنە ئۇرغىلى تۇردى.
ئۇرۇپ بۇلۇپ ئۆزى يەنە تاماققا چىقىپ كەتتى.
ئۇكام ماڭا قاراپ تۇرۇپ.جېنىم ئاكا مەن پەقەتلا چىدىيالمىدىم. مەن جامائەت خەۋەپسىز ئورنىغا بارىمەن دىدى. مەن تۇيۇقسىز ھوشۇمنى تاپقاندەك قىلدىم؛ بۇلدۇ شۇنداق قىلايلى مەن سىنى چوقۇم ئەكىتىمەن دىدىم.
ئۇلار يەنە سىرىتقا ماڭدى. مەن ياتاقتىن چىغتىم،يول بويلاپ مېڭىپ بىر جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورنىنى كۆردۈم.
مەن كىرىپ ئۇلارغا ئېيىتتىم. بىراق مەن خەنزۇچىنى ئۇخمايمەن،مەن ئۇلارغا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ بىزنى قۇتقۇزۋېلىشنى ئۆتۈندۈم.
ئۇلار مىنى ئىشخانىسىغا ئەكىردى ھەم يۇزۇمنى ئېيتىشقا لۈڭگە بەردى.ئۇلار بىر يەرگە تېلىفۇن ئۇردى.
ئۇلار ماڭا تېلىفۇننى تەڭلىدى.مەن تېلىفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم. بىرسى ماڭا قېنى سۆزلەڭ نىمە ئىش بولدى؟ دىدى.
مەن ئۇ كىشىگە بولغان ئەھۋالنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردىم.ھەم قاتتىق يىغلاپ كەتتىم.ئاندىن ئۇ كىشى تېلىفۇننى ساخچىلارغا بېرىشنى ئېيىتتى.ساخچىلار تېلىفۇننى قولىغا ئېلىپ پاراڭلاشتى.
تېلىفۇننى ئۈزۈپ مىنى ماشىنسىغا چىقاردى.مەن بازاردىن ئۇكامنى ئىزدەپ تاپتىم.ئۇكامنىڭ كۆزى ياشقا تولۇپ كەتتى. ساخچىلار ھېلقى بالنىڭمۇ قولىغا كويزا سالدى.ئاندىن بىزنى ئىدارىسىگە ئەكەلدى.
ئۇلار يەنە تېلىفۇن ئۇردى مەن ئۇلارنىڭ نەگە تېلىفۇن ئۇرغىنى بەكمۇ بىلگىم بار ئىدى.بىراق ئامالسىزمەن.
تېلىفۇننى يەنە ماڭا تەڭلىدى.مەن تېلىفۇننى قولۇمغا ئالدىم.تېلىفۇندا؛
ساخچىلارنىڭ كىپىنى ياخشى ئاڭلاڭ قالايمىقان چىقىپ كەتمەڭ ئۇلار سىزنى ئەتە ئەتىگەن ئۇرۈمچىگە يولغا سېلىپ قويدۇ.خوش ئەمسە ئىسىڭىزدە بولسۇن ئەمدى باشقىلارنىڭ كىپىگە ئىشەنمەڭ ئەمدى ئىچكىرگە چىقماڭ.ئاللاغا ئامانەت! دىگەن كەپلەر بىلەن تېلىفۇن ئۈزۈلدى.
مەن تولىمۇ خوشال بۇلۇپ يىغلاپ كەتتىم. ئۇكامغا؛ئەمدى بىز شىنجاڭغا چىقىپ كىتىمىز دىدىم.ئۇكاممۇ ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى.
ساخچىلار ئاخشىمسى بىزگە تاماق ئەكىلىپ بەردى.مەن يىيىشكە ئامالسز قالدىم.ئاندىن ساخچىلار بىر پارچە خەتنى ماڭا بەردى.خەتنى ئېچىپ قارسام خەتتە(مۇسۇلمانچە يىيىشكە بۇلدۇ)دىگەن كەپلەر يېزىلغان ئىدى.
مەن ئاندىن خاتىرچەم. يىدىم ساخچىلارمۇ بىزگە كۈلۈپ زوقلۇنۇپ كەتتى.
ئەتىسى بىزنى پويىز ئىستانسىغا ئەكىلىپ بىزنى بىر ئۇيغۇر ساخچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ھەم بىزگە بىر نىمىلەرنى دىدى. مىنىڭ بەكمۇ چۈشەنگۈم بار ئىدى بىر خەنزۇچىنى ئۇقمايمەن.
ئۇلار قوللىرنى پۇلاڭلىتىپ بىزنى يولغا سالدى.پويىزدا ئۇيغۇر ساخچى بىزدىن نىمشقا بۇ يەرگە چىقىپ قالغىنىمىزنى سورىدى.مەن يىغلاپ تۇرۇپ ھەممە ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم؛بولدى يىغلىما ئۇكام مەن سىنى داداڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ بىرەي چىقىپ مەكتەپتە ئوقۇ.ياخشى ئادەم بول دەپ تەربىيە قىلدى.ھەم بىزگە تاماق ئېلىپ بەردى.
مەن ئۈرۈمچىگە چۈشتۇم ئاندىن ساخچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مىنى دادامغا تۇتقۇزۇپ بەردى.
دادام بىزگە تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۈڭلار دىگەن شۇ بىر ئېغىز گەپنىلا  ئېيىتتى. مەن يەنە سورۇدۇم سىڭلىمچۇ؟
دادام بىزنى چوڭ ئاپىمىزنىڭ ئۆيىگە ئەكەلدى.قارسام سىڭلىم تۇرۇپتۇ.مىنى كۆرۈپ قاتتىق يىغلاپ ئالدىمغا يۈگرەپ كەلدى، مەنمۇ ئالدىغا باردىم.يىغلىدىم. يېشىمنى توختىتالمىدىم.چوڭ ئاناممۇ بىزگە قاراپ يىغلاپ كەتتى.بىراق ئاپام يوق ئىدى.مەنمۇ ئاپامنى سورۇمۇدۇم. دادام ماڭا بىر پارچە چارقىرىش خېتىنى ماڭا بەردى.
خەتتە (ھۆرمەتلىك===== سىز شەرەپ بىلەن شەھەرلىك نۇقتۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتىڭىز)دىگەن خەتلەر تۇراتتى. دادام يىغلاپ تۇرۇپ يارايسەن بالام مەن سىنى ئوقۇتىمەن مەيلى جېنىم كەتسىمۇ سىنى ئوقۇتىمەن.
ئەمدى سىنىڭ ئوقۇمايمەن دىگەن گىپىگە كىرمەيمەن. مىنى كەچۈرەمسەن بالام مەن ئاكا- ئۇكا  ئىكەڭلارغا يۈز كىلەلمەيمەن.مەن ئۆزەمنىڭ دادىلىق بۇرچىنى ئادا قىلالمىدىم. كەچۈرۈڭلار. دەپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.
قولۇم تۇيۇقسىز ئاغرىپ كەتتى. دادام قولۇمغا قاراپ مىنى باغرىغا چىڭ باستى.مەن تۈنچى بۇلۇپ دادىنىڭ مېھرىنىڭ شۇنچىلىك ئىسسىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم.
دادم مىنى ئىككى ئىنىمنى سىڭلىمنى ئېلىپ بىزنى يۇرۇتقا ئېلىپ ماڭدى.كەرچە ئانىمىز يېنىمىزدا بولمىغان بىلەن يەنە قېرىنداشلارنىڭ جەم بولغىنىدىن قاتتىق خوشال بولدۇم. سىڭلىم قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ مەن بىلەن بىللە يۇرۇتقا قايتىپ كەلدى.بىراق مىنىڭ ئۇكامنىڭ ياندۇرۋەتكەن تاماقنى قايتا يىگەن شۇ كۆرۈنشى ئىسىمدىن بىر ئۆمۈر چىقمايدۇ.

                         تۈگدى


ئاپتورى خەلقىم.



باشقۇچغۇچىلار بىرلەشتۇرۈپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-10-16, 08:27
-سىز كۆرۋاتقان تىما بىر ئۆسمۈرنىڭ تەسىرلىك ھايات مۇساپىسى.,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(qartikin) ئىسىل يازما
  • مۇنبەر پۇلى:+100(زامانى) ئېسىل يازما ..
  • بۇ جاھاندا كۈلگەنلەر كۈلىۋەرمەيدۇ
    يىغلىغانلارمۇ يىغلاۋەرمەيدۇ
    ahkongul
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14119
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 8
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 24 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 64(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 16:50

    ...........................
    اللە مىڭ شۇكرى!
    ahkongul
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14119
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 8
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 24 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 64(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 16:53

    گەرچە ھېكايە بولسىمۇ
    اللە غا مىڭ شۇكۈى!!!
    hapilik927
    غەلبە ئۈچۇن چەككەن مۇشەققەت مۇقەددەستۇر!!
    دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 755
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2002
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2002دانە
    ياخشى باھا: 587 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4502 سوم
    تۆھپىسى: 790 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1078(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-25
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 17:02

    بەك بەك تەسىر لىك يىزىپسىز ...ئاللاھ قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.........لىكىن ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز.....
    ئاللاھ شۇ قاراڭغۇ دۇنياغا بىلىپ بىلمەي كىرىپ قالغان قىرىنداشلىرىمىزنى ئاما ئىسەن ئۆز يۇرۇتلىرىغا قايتىشىغا ياردەم بەرسۇن.......
    [ بۇ يازما hapilik927 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    ئىنسان ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر ،
    ھەممىدە بولمايدۇ، ۋېژدان ۋە غورۇر.
    يىلىنىپ ، يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز،
    دىيارىڭ شىنجاڭدۇر،مىللىتىڭ ئۇيغۇر.   
     http://xamsidin0998.51.com
    '' مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''
    زامانى
    مەن پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستىمەن....
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2839
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 3
    ئومومىي يازما: 716
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە716دانە
    ياخشى باھا: 184 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 9265 سوم
    تۆھپىسى: 118 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 604(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 17:02

    ئاپسى ئۆزى تۇغقان باللىرىنى خۇشال -خۇراملىق بىلەن تاشلاپ كىتىپتۇ.
    داداسى باللىرنى ئۆزى تاپقان باللىرنى  باشقىلارغا سېتىپتۇ تېخى ئاخىردا باللىردىن كەچرۇم سوراپتۇ  ...
      توۋا  خۇدايىم
    ھېلمۇ ياخشى دادا ئاپسى باللىرغا مىھر مۇھەببەتنىڭ ھەممىنى قالدۇرۇپتۇ ئۆزلىرگە ئازراقمۇ ئېلىپ  قالماپتۇ دىسە.....
    مۇشۇنداق ناتىۋانلىرىمىز يەنە نەلەردە نىمە كۇنلەرنى كۆرۋاتقاندۇ....
    ئاللاھ ئىگىمىز بەك ئادىل مىھرىبان ئىدى مۇشۇنداقلارغا نىمشقا  قاراپ قويمايدىغاندۇ ئالدىراشمىدۇ يە.............
    ئەتراپىڭدىكلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى بىلگەنسەن،سەن بولساڭمۇ،ئۆز پاكلىقڭ،ھاللالىقىڭ،غەزەپ-نەپرەت ئىچىدىكى،مھر-مۇھەببتڭ بىلەن،ھەقىقىي ئەركەكتەك ياشا!!!
    Police
    كۆكلىگىن ئۇيغۇرۇم
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14117
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 52
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
    ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1119 سوم
    تۆھپىسى: 61 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 6(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 17:15

    اللە غا مىڭ شۇكۈى!!!
    mihir
    دۇنيادا  بەدەلسىز  بىر  ۋاخ   ..
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 594
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 400
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە400دانە
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1831 سوم
    تۆھپىسى: 25 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1138(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-16
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 17:21

    ئاتا- ئانىنىڭ شەرمەندىلىكى تۈپەيلى ،نارىسىدە بالىلارغا بەك ئۇۋال بوپتۇ ، بۇ مەيلى ھىكايە بولسۇن ياكى رىئاللىقتا بولغان ئىشلار بولسۇن يازغۇچىنىڭ ئەڭ ئاددى سۆز جۈملىلىرىدىن يىغلاپ سالدىم ،
    ھايۋانلارمۇ ئۆز بالىلىرىنى قوغدايدۇ ، مەسئۇلىيەتسىز ئاتا- ئانىلارغا شۇنى دىگۈم كىلىدۇ ،تۇرمۇشنىڭ بىسىمىغا بەرداشلىق بىرەلمىسەڭ نىمە قىلاتتىڭ پەرزەنت ئىلىپ ،
    ئەلۋەتتە بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ  ھې ھې ھې...
    TATLIHIM
    شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرسىتىتى
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 479
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 935
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە935دانە
    ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1105 سوم
    تۆھپىسى: 34 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1161(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-16
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 18:22

    ھەقىقەتەن ئۇقۇپ تەسىرلەندىم ! ئېسىل يازما ئىكەن !
    شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرسىتى(قانۇن)
    مۇھەببەتنى خارلىما ئىنسان !
    binyamin
    مىللىتىم ئۇيغۇر!دىنىم ئىسلام!
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10272
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 124
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
    ياخشى باھا: 129 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1399 سوم
    تۆھپىسى: 214 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 415(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 18:39

    يىغلاپ لەتتىم نىمە بۇ كۇن ئەمدى  ئاللاھ سەن تۇلىمۇ مىھرىبان ئۇلارنى شۇ قارا قۇلدىن تىزراق قۇتۇلدۇرغايسەن.
    djmax
    كۆز يېشىم قۇرۇغاندا كۈلۈشۈمگە چوقۇم ئىمكانىيەت&a ..
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6375
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 75
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە75دانە
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 203 سوم
    تۆھپىسى: 33 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 243(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 18:48

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  زامانى كە 2010-10-16 05:02 PMئەۋەتىلدى  :
    ئاپسى ئۆزى تۇغقان باللىرىنى خۇشال -خۇراملىق بىلەن تاشلاپ كىتىپتۇ.
    داداسى باللىرنى ئۆزى تاپقان باللىرنى  باشقىلارغا سېتىپتۇ تېخى ئاخىردا باللىردىن كەچرۇم سوراپتۇ  ...
      توۋا  خۇدايىم
    ھېلمۇ ياخشى دادا ئاپسى باللىرغا مىھر مۇھەببەتنىڭ ھەممىنى قالدۇرۇپتۇ ئۆزلىرگە ئازراقمۇ ئېلىپ  قالماپتۇ دىسە.....
    مۇشۇنداق ناتىۋانلىرىمىز يەنە نەلەردە نىمە كۇنلەرنى كۆرۋاتقاندۇ....
    .......

    شۇمۇ گەپمۇ ئەمدى ئالدىراشمىدۇ دەپ ؟.....تۆۋە...
    كۆز يېشىم قۇرۇغاندا كۈلۈشۈمگە چوقۇم ئىمكانىيەت چىقىدۇ ..
    qartikin
    يىڭنە قىلغان ئىشنى نەيزە قىلالماس
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 51
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 969
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە969دانە
    ياخشى باھا: 232 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4469 سوم
    تۆھپىسى: 183 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1265(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 00:14

    تىمىڭىز بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ھارماڭ .
    تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.
    =DIYARIM=
    دەرىجە: يېـڭى مــېھان
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14233
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 6
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    ياخشى باھا: -1 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 18 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-17
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 02:29

    ھەقىقەتەن تەسىرلىك يېزىپسىز دوستۇم..قولىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن.
    باھالاي دىسەممۇ باھالىيالمايدىكەنمەن.
    دۈشمەنگە رەھىم قىلغانلىق ئۆزىگە رەھىمسىزلىك قىغانلىق.