مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 430 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: 1215- نۇمۇر سىز زادى قەيەردە؟
HEKMAT
ئىللەت ئۆزگەرمىگۈچە  مىللەت ئۆزگەرمەس !
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1284
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1135 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 81(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-29
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-16
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 03:50 PM

0 1215- نۇمۇر سىز زادى قەيەردە؟

   
   1215-نومۇر  ، سىز  زادى  قەيەردە  ؟

  __ بۇ قانداق بولغىنى ؟ سىزگە« بۇ ھۆججەتلەرنى رەتلەپ تەييار قىلىپ قويۇڭ ،     يۇقىرىغا تاپشۇرىمىز » دېگىلىمۇ ئىككى كۈن بولدىغۇ  تېخىچە رەتلەپ تۈگىتەلمەپسىزغۇ ؟  __ باشلىقنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ ، لەۋلىرى تىترەپ كېتىۋاتاتتى . ئىككى تەرەپكە بۆلۈپ قاتۇرۇپ تارالغان چېچىنىڭ  بىر نەچچە تېلى ئالدىغا چۈشۈپ ئۇنىڭ  يۈرۈش- تۇرۇش ، سالاپەتكە بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان خاراكتېرىگە ماس كەلمەي قالغانىدى . مەن خۇددى  مۇئەللىمىدىن دەشنام يەۋاتقان ئوقۇغۇچىدەك  ئۇنىڭ ئالدىدا بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ  ئۈن- تىنسىز تۇراتتىم . ئۇ قولىدىكى تاماكىسىنى  كۈلدانغا  بېسىپ  يىمىرىپ  ئۆچۈرىۋەتكەندىن كېيىن  يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى__  ھۆججەتلەرنى ئەتە ئەتىگەنلا  ئۈستىلىمدە كۆرەي ، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ __ ھەئە ، بولىدۇ __ ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ چىقىپ كەتتىم . ئورنۇمغا  بېرىپ  ھېلىقى باشلىق دىگەن ھۆججەتلەرنى  ئېلىپ  ئۆيگە قاراپ ماڭدىم .
  سىرت ئىنتايىن  سوغۇق .  يەر بەك تېيىلغاق ، يەنە كېلىپ توختىماي قار يېغىۋاتاتتى . ئەزەلدىن باشلىقتىن  دەككە يەپ باقمىغاچقىمىكىن  ئۇنىڭ بايىقى گەپلىرىگە بەك ئاچچىقىم كەلگەنىدى . شۇ تاپتا بار كۈچۈم بىلەن ۋارقىراپ ئاچچىقىمنى چىقارغۇم كېلەتتى . بۇلار ئاز كەلگەندەك  كەينىمدىن ماشىنىلار  « يول بوشات ! » دىگەندەك
توختىماي سىگنال بىرەتتى . يولنىڭ چېتىگە چىقىپ  ماشىنا ۋە ئىچىدىكىلەرگە  ئالىيىپ قاراپ قوياتتىم .
مەيدىسىنى كېرىپ قويۇپ ، سۆلەت بىلەن ئولتۇرغانلارنى كۆرسەم  ئىچىمدە ئۇلارغا  سۆزلەپلا كېتەتتىم .« ھە ، سەن نوچى شۇنداقمۇ ؟  سەن   بىرەر  ئىدارىنىڭ باشلىقى ياكى  بىرەر شىركەتنىڭ دېرىكتورى  شۇنداقمۇ ؟  بىزلەرگە ئوخشاش پىيادە يول  يۈرمەيسەن .  سوغۇقمۇ  كۆرمەيسەن .   ماڭا ئوخشاش تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈشتىنمۇ ئەنسىرىمەيسەن . قول ئاستىڭدىكىلەرنى  ئەيىپلىسەڭمۇ  ئۇلار ساڭا گەپ قىلالمايدۇ ، شۇنداقمۇ ؟ سەن بىر دېسەڭ ، ئۇلار ھەرگىز ئىككى دىيەلمەيدۇ ، شۇنداقمۇ ؟ » شۇ خىياللار بىلەن كېتىۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز « پاپ ! » قىلغان ئاۋاز بىلەن  ئاۋايلاپ  ئېلىۋاتقان  قەدەملىرىمنى  تېزلىتىشىمگىلا  ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتۈم .  كىيىملىرىم مەينەت بولۇپ كەتتى . « ماۋۇ ئىشنى  كۆرۈڭ ، مېنى ھەجەپ نەس باستىغۇ ؟ ئەمدى سەنمۇ مېنى بوزەك قىلغىلى  تۇردۇڭمۇ ؟ باشلىقنىڭ ئەدەپلىگىنىمۇ  يېتىپ ئاشار ! » ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن بۇ كېلىشمەسلىكلەرگە ئاچچىقىم كېلىۋاتاتتى . ئۆيگە قايتىپ بېرىپلا  كىيىملىرىمنى  يۇيۇپ ، ھۆججەتلەرنى
رەتلەشكە باشلىدىم . قولۇم كومپىيوتېر تاختىسىدا ، كۆزۈم ئېكراندا بولغىنى بىلەن ئىچىمدە  بۈگۈنكى ئىشلارنى ئويلاپ ئولتۇراتتىم . « يىل  ئاخىرىغا تېخى يەنە بىر ئايدىن  ئارتۇقراق  ۋاقىت بار تۇرسا ، يىللىق خۇلاسە قىلىدىغانغا  بۇنچىلىك ئالدىراپ كېتىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟  باشلىقنىڭمۇ  ئۇنچىلىك  ئاچچىقلىنىشنىڭ  ھاجىتى  يوق ئىدىغۇ ؟  ھە راست !  نەچچە كۈندىن ياقى  باشلىق « بالام    تورخانىغا  تولا  قاتىرايدىغان بولىۋالدى ، دەرسكىمۇ  كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ » دەپ  شۇ ئىش  بىلەن بەنت ئىدى . شۇنىڭغا ئاچچىقىنى مەندىن
ئېلىۋاتامدۇ- يا ؟ شۇنداقتىمۇ  ئۇ ئىشنى دەپ  ماڭا چېچىلماسلىقى  كېرەكتە ؟  ئۇنىڭ  قول ئاستىدا ئىشلەپ قالسام نىمە بوپتۇ ؟ خىزمەتداشلىرىممۇ  باشلىقنىڭ  ئىشخانىسىدىن چىقىۋاتسام  ئىشىك تۈۋىدە مارىلاپ تۇرغىنى  تېخى ! ھەي ، خەقنىڭ تاماشاسىنى كۆرىدىغانغا  بەك ئامراق جۇمۇ- ئۇلار !  
  ھۆججەتلەرنى شۇنداق تەستە يېزىپ ،  رەتلەپ بولغاندىن كېيىن سائەتىمگە  قارىدىم . سائەت ئىسترېلكىسى
  ئون ئىككىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى .  بەللىرىم تېلىپ ، كۆزلىرىم ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى . « ھەممىنى قىلغان سەن ھۆججەتلەر » دەپ ئۆز- ئۆزۈمگە پىچىرلايتتىم . تېلېفونۇمنى ئېلىپ  دوستلىرىمغا تېلېفون قىلدىم  .
لېكىن بىرىنىڭ توختىتىلغان  ، بىرىنىڭ  ئېتىك بولۇپ چىقتى .«  ياخشى ، سىلەرمۇ تېلېفونۇمنى ئالماڭلار ! » كەيپىياتىم بەك ناچار بولغاچقىمىكىن قىلغانلا ئىشىم كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتاتتى . كارىۋاتتا ئۇيان ئۆرۈلۈپ  
بۇيان ئۆرۈلۈپ  ھېچ ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم . تېلېفونۇمنى ئېلىپ  تېلېفون دەپتىرىدىن ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان
نومۇرنى ئىزدەشكە باشلىدىم . شۇ تاپتا مەن  بىرەرىنىڭ  تەسەللىيسىگە مۇھتاج ئىدىم . تۇيۇقسىز كۆزۈم  
« ئابونت لىنىيىسى » دىگەن خەتكە چۈشتى . كۆڭلۈم  بىردىنلا يورۇپ  كەتكەندەك  بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . ئۆزۈمنى سەل تۇتۇۋېلىپ  ئۇ نومۇرغا ئۇردۇم . مۇزىكا  قويۇلۇپ  بىر ئازدىن كېيىن
« 1215- نومۇرلۇق ئابونتلار  ۋەكىلى سىز  ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ » دىگەن ئاۋاز  بىلەن تەڭ  
بىر قىزنىڭ  ئاۋازى ئاڭلاندى :
__ ۋەي ، ياخشىمۇسىز ! سىزگە قانداق ياردىمىم  كېرەك ؟
گەرچە بۇ سۆزلەر ناھايىتى تېز ئېيتىلغان بولسىمۇ  ، ئۇ قىزنىڭ ئاۋازى  ماڭا  شۇنداق يېقىملىق ، ئىللىق تۇيغۇ  بەرگەنىدى .
__ ياخشىمۇسىز ! ماڭا ....__ نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم . « ھەي ، ئەمدى نىمە دەي ؟ ھېچقانداق تەييارلىقسىزلا ئۇرۇپتىمەن ئەمەسمۇ »
__ ۋەي ، ياخشىمۇسىز ! سىزگە قانداق ياردىمىم كېرەك ؟ __ ئۇ قىز سۆزىنى  يەنە تەكرارلىدى .  سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتىم :
__ كەچۈرۈڭ ! مېنىڭ  ھېچقانداق  سوئالىم يوق . شۇ  بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم  ، شۇڭا بىرەرىنى تېپىپ مۇڭدىشايمىكىن دىگەن .
__ كەچۈرۈڭ ! ئەپەندىم ، سوئالىڭىز بولمىسا  مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا بىز مەسلىھەت بېرەلمەيمىز .
__ ھەي ھەي ، تېلېفوننى قويىۋەتمەڭ __ ئامال بار ئۇ قىز بىلەن بىر پاراڭلاشقۇم بار ئىدى
__ راستىمنى دىسەم ، بۈگۈن مەن باشلىقتىن دەشنام  يىدىم . بۇلار ئاز كەلگەندەك پۈتۈن بىر كۈن  ئىشلىرىممۇ  كۆڭۈلدىكىدەك  ئەمەس . تېخى بايىلا باشلىقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنلاپ بولۇپ
  تەسەللىي ئىزدەپ دوستلىرىمغا تېلېفون قىلغان ، ئەمما  ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم .
كۆڭلۈم بەك پاراكەندە . شۇڭا  ئامال يوق  بۇ يەرگە ......__ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى  دىمەي  
ئىچىمگە يۇتىۋەتتىم . ئۇ قىز سەل جىم  بولغاندىن كېيىن سۆزلەشكە باشلىدى :
__  مېنىڭمۇ شۇنداق ۋاقىتلىرىم بولغان . بوپتۇلا ! بەرىبىر ھازىر ئانچە    
  ئالدىراشمۇ ئەمەس . بىردەم  پاراڭلىشايلى !
   بۇ گەپتىن يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى .  ئۇنىڭغا  بۈگۈن بولغان  ئىشلارنى  بىرمۇ- بىر سۆزلەپ بەردىم .
ئۇ قىز  مېنىڭ يولدا يىقىلىپ چۈشكىنىمنى ئاڭلاپ  كۈلۈپ كەتتى .  ئۇنىڭ  ھەربىر ئېغىز  گېپى
ماڭا تەسەللىي بولاتتى . ئۇنىڭ  باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى  چۈشەندۈرۈشلىرى  شۇنچىلىك  تەپسىلىي ،
ئاۋازىمۇ  شۇنداق ئوچۇق ، يېقىملىق ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن  خىزمەتتە يولۇققان
مەسىلىلەر ئۈستىدە ، خىزمەتداشلىرىمىز  توغرىلىق  پاراڭلاشتۇق . ئۇنىمۇ  كولدۇرلىتىش ئۈچۈنلا تېفون قىلىدىغانلار  بەك  ئاۋارە قىلىدىكەن . مەن ئارىدا گەپ قىستۇرۇپ  چاقچاق ئارىلاش تازا كۈلەتتىم .
ئۇنداق چاغلاردا  ئۇ  « تېلېفوننى قويىۋىتىمەن جۇمۇ » دەپ مېنى قورقىتاتتى . ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپتىمەن .  كۆڭلۈممۇ خېلى ئېچىلىپ قالغانىدى . بىر چاغدا ئۇ  ۋاقىتنىڭ  بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى  ئېيتتى . راستىمنى دىسەم  تېلېفوننى زادى قويغۇم يوق ئىدى . كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ  تېلېفوننى قويدۇم . ئۇنىڭ  يېقىملىق  ئاۋازى ، تاتلىق كۈلۈشلىرى  قولاق  تۈۋىمدىن  كەتمەيتتى .
   ئەتىسى  روھلۇق ، خوشال كەيپىياتىم  بىلەن  ئىشقا باردىم .  باشلىق قىلغان ئىشىمدىن رازى
بولۇپ ئىدارىدىكىلەرنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى . يىغىلىشتىن ناھايىتى كەچ  قايتتىم . كارىۋاتتا  
ياتقاچ سائەتىمگە قارىدىم . سائەت 12:30 بولغانىدى . تېلېفوننى ئېلىپ « ئابونت لىنىيىسى »  گە يەنە تېلېفون قىلدىم .
« 1215- نومۇرلۇق ئابونتلار ۋەكىلى  سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ » دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ  خۇشال
بولۇپ كەتتىم . ئۇ قىزنىڭ  بولۇپ قېلىشىنى  بەكمۇ ئارزۇ قىلغانىدىم .
__ ۋەي ، ياخشىمۇسىز ! سىزگە قانداق ياردىمىم كېرەك ؟ __ ئۇ قىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى يەنە قولاق
تۈۋىمدە جاراڭلىدى .
__ ياخشىمۇسىز ! مەن تۆنۈگۈن  تېلېفون قىلغان  بالا شۇ .
__ ھە ..... ،  سىزمۇ .......
__ رەھمەت سىزگە !
__ نېمىگە رەھمەت ئېيتىسىز ؟
__ سىز بولمىغان بوللسىڭىز ، مەن بۈگۈن باشلىق بىلەن ئۇرۇشۇپ قالاتتىم . سىز بىلەن پاراڭلىشىپ
كۆڭلۈم خېلى ئېچىلىپ قالدى . رەھمەت سىزگە!
__ ئەرزىمەيدۇ . سىز خوشال بولغان بولسىڭىزلا  شۇ  كۇپايە .
        بۈگۈنمۇ  ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتىم  . قانداق ئىشكىن ،  ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇملا
كېلەتتى . ئۇنىڭ  ئاۋازىنى ئاڭلىساملا  ئۆزۈمنى  يېنىك ھېس قىلىپ  ھاردۇقۇم  چىققاندەك بولاتتىم .
ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى  سورىسام ئۇ  دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى . ئەمما  ئۆزىنىڭ ھەر  ھەپتىنىڭ  جۈپ  كۈنلىرى  كەچ ئون ئىككىدە خىزمەتكە چىقىدىغانلىقىنى ، تۆنۈگۈن  كەچ  بىر دوستىنىڭ  ئورنىغا  ئىشلەپ بەرگەنلىكىنى  ئېيتىپ بەردى .  ئۇنىڭ  بىلەن يەنە شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ  تېلېفوننى قويدۇم .
     ئارىلىقتا  بىر نەچچە  ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى . خىزمىتىم بەك ئالدىراش   بولۇپ  كەتكەچكە  
ئۇ  قىز بىلەن ئالاقىلاشمىدىم . بىر  كۈنى  خېرىدار بىلەن بىللە تاماق يەپ  بەك كەچ قايتتىم .
ئۆيگە كىرىپلا  ئۆزۈمنى كارىۋاتقا ئاتتىم . پۈتۈن بىر كۈن پالاقشىپ  بەك ھېرىپ كەتكەنىدىم .
تۇيۇقسىز ھېلىقى قىز يادىمغا  كېلىپ سائەتىمگە قارىدىم . ئۇ  قىزنىڭ ئىشقا  چىقىدىغان  
ۋاقتىمۇ بولغانىدى . تېلېفوننى ئېلىپ  يەنە  ئۇ نومۇرغا ئۇردۇم . ئەمما بۇ قېتىم  ئاڭلىغىنىم  
باشقا بىرىنىڭ « ۋەكىللىك نومۇرى » ئىدى . تېلېفوندىمۇ  باشقا بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى .
چۆچۈپ  تېلېفوننى قويىۋەتتىم . يېرىم  سائەتلەر  توختاپ يەنە تېلېفون قىلدىم . نەتىجە يەنىلا  
ئوخشاش ،  تېلېفوننى ئوغۇل بالا  ياكى باشقا قىزلار  ئالدى . « بۇ زادى  نىمە   بولغىنى ؟  
  ئۇ   قىز   قەيەرگە  كەتكەندۇ ؟  ئشقا   چىقىدىغان  ۋاقتى    ئۆزگۈرۈپ  كەتكەنمىدۇ- يا ؟ »
ئۆزۈمگە تولا  سوئال قويۇپ ، تىت- تىت  بولۇپ كېتىۋاتاتتىم . ئۇيقۇممۇ  قاچتى . بىر  كېچە  
ئۇخلىماي  تېلېفون قىلىپ  چىقتىم  . يەنىلا  ئالاقىلىشالمىدىم  . بەزىلىرىدىن  ئۇ قىزنى سورىسام
  « بىزنىڭ  بۇ  لىنىيىدە  بۇنداق نومۇرلۇق  ئابونت ۋەكىلى يوق » دەيدۇ . ھەيران  قالدىم . بۇ  
زادى  قانداق ئىشتۇ ؟
   ئەتىسى  رۇخسەت سوراپ  ھېچيەرگىمۇ  بارماي  ئۇ يەرگە ئارقا- ئارقىدىن  تېلېفون قىلدىم . كاللامدا  بىرلا  سوئال : 1215- نومۇر  سىز  زادى   قەيەردە ؟  زادى  قەيەردە ؟     بىر  قېتىم  لىنىيە  باشلىقىنى  چاقىرتىپ  ئۇنىڭدىن سورىغىنىمدا  ئۇ  :
__ ئۇ  خىزمەتدېشىمىز  خىزمەت ۋاقتىدا  باشقىلار بىلەن  خىزمەتكە مۇناسىۋەتسىز  پاراڭلارنى
قىلىشىپتۇ . بىزنىڭ  ھەربىر  قېتىمقى  مەسلىھەتىمىز  ئۈنگە  ئېلىنىدىغان  بولۇپ  رەھبەرلەر بۇنى  بىلىپ  ئۇ  قىزنى  ئىشتىن بوشىتىۋەتتى . 1215- نومۇر  ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس  ___ دېدى .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ  چۆچۈپ كەتتىم . كۆڭلۈم  بەكمۇ  يېرىم  بولدى .
__ ئۇ  قىز  بىلەن  پاراڭلاشقان  مەن بولىمەن . ئۇ  چاغدا  كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغاچقا  تەسەللىي ئىزدەپ ......ئىشنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنى   ئويلاپمۇ  باقماپتىمەن . رەھبەرلىرىڭىزگە دەپ باققان
بولسىڭىز ، ئۇ  مېنىڭ كۆڭلۈمنى دەپ  خىزمىتىدىن ئايرىلىپتۇ . ئۇنى  ھەرگىز  ئىشتىن  بوشىتىۋەتمىسۇن ، مەن ئەمدى  ھەرگىز ئۇنداق  قىلمايمەن ___ ئۇنىڭدىن  بىچارىلەرچە  ئۆتۈندۈم . نىمە  بولىشىدىن قەتئىينەزەر  ئۇ  قىزغا مەن زىيانكەشلىك  قىپتىمەن . چوقۇم بۇ ئىشقا  مەسئۇل بولىشىم كېرەك .
__ئەمدى نىمىلا قىلغاننىڭ پايدىسى يوق .ئادەم ئاللىبۇرۇن كېتىپ بولدى.    لىنىيە باشلىقى بىلەن  شۇ  يەرگىچىلا  پاراڭلاشتىم . ئىشنىڭ بۇنداق چوڭىيىپ  كەتكەنلىكىگە  ئىشەنگۈم كەلمەيتتى .
ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كەلدى .  ئەگەر مەن ئۆزۈمنىلا ئويلىمىغان بولسام  ئۇ قىزمۇ  خىزمىتىدىن ئايرىلىپ  
قالماس ئىدى . ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە  كۈندە « ئابونت لىنىيە»سىگە تېلېفون قىلىپ  لىنىيە باشلىقىدىن  ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ، ئۇ قىزدا  ھېچقانداق  خاتالىق يوقلىقىنى ،  مۇمكىن بولسا  ئۇ  قىز بىلەن  ئالاقىلىشىپ  خىزمىتىنى  ئەسلىگە  كەلتۈرۈپ  بېرىشىنى ئۆتۈندۈم . شۇ تەرىقىدە  ئۇدا بىر ئاي  تېلېفون قىلدىم  . كۆڭلۈم  ئارامىدا  بولمىغاچقا  خىزمىتىممۇ  كۆڭۈلدىكىدەك  بولمايتتى . باشلىقتىن كۈندە گەپ ئىشىتىپلا  يۈرەتتىم . داۋاملىق  ئۆزۈمنى  ئەيىپلەپلا  يۈرەتتىم . لېكىن ئۇ قىزنى  ئىزدەشنى توختاتمىدىم . بىر كۈنى  بۇرۇنقىدەك  لىنىيە باشلىقىنى  چاقىرغىنىمدا  ئۇ  ماڭا  ئاي ئاخىرى  ئابونت ۋەكىللىرى ئارىسىدىن « نەمۇنىلىك ئابونت ۋەكىلى »  سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى ، بۇ  پائالىيەتتە  ئابونتلارنىڭ  ئۆزى  رازى  بولغان  ۋەكىلگە  بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى ھەم  ئۇ  
ۋەكىلگە سۆز قالدۇرۇپ قويسا بولىدىغانلىقىنى  ئۇقتۇردى . بۇ  ئىشتىن شۇنداق خۇشال بولدۇم . ئۇ پائالىيەتكە  قاتنىشىپ ئۇ قىزغا بېلەت تاشلىدىم  ھەم  ئۇنىڭغا  سۆز  قالدۇرۇپ قويدۇم  :
«  مېنى  كەچۈرۈڭ ! ئۆزۈمنىلا  ئويلاپ  سىزنىڭ  خىزمىتىڭىز  بىلەن  كارىم  بولماپتۇ .  ھازىر  مەن  
بەك  پۇشايمان  
قىلىۋاتىمەن . 1215- نومۇر ، سىز  زادى  قەيەردە ؟  ئەگەر  بۇ  گەپلىرىمنى  ئاڭلىغان بولسىڭىز ،  مېنى  كەچۈرۈپ  قايتىپ  كېلىشىڭىزنى  ئۈمىد  قىلىمەن ! سىز بىر  ياخشى  خىزمەتچى !
بىر ياخشى  ئابونت ۋەكىلى  ! »
       بىر ھەپتە ئۆتۈپ  كەتتى . لىنىيە  باشلىقىدىن كۈندە ئۇنىڭ  خەۋىرى  بار- يوقلىقىنى  سورايتتىم .
كۈنلىرىم  بىرلا خىل  رېتىمدا  ئۆتەتتى . ئەتىگىنى ئىشقا بېرىپ  كەچتە  ئىشتىن چۈشۈپلا  ئۇدۇل
ئۆيگە كېلىپ  يەنە تېلېفوننى  قولغا  ئالاتتىم . بىر  كۈنى  چۈشلۈك  تاماققا  چىقاي  دەپ   تەييارلىق  
قىلىۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز  يانفونۇم  سايرىدى .
__ ۋەي ، تىنچلىقمۇ ؟ __ تېلېفوندىن  بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . بۇ  ئاۋاز  تونۇشتەك  قىلاتتى . ئەمما  دەماللىققا  ئويلاپ   يېتەلمىدىم .
__ ياخشى ___ ئارتۇقچە  گەپ  قىلمىدىم .
__ سىز قەيەردە ؟
__ ئىشخانىدا ، تاماققا  چىقاي دەپ تۇرغان .
__ مەن  ئىدارىڭىزلەرنىڭ  ئالدىدىكى  مەيداندا  .  چىقالارسىزمۇ ؟  
__ بولىدۇ ،  سەل  ساقلاپ  تۇرۇڭ .__ تېلېفوننى قويۇپ  سىرتقا  قاراپ  ماڭدىم .
   سىرت  ئاپپاق  قار بىلەن تولغان . ئادەملەر  بىر- بىرىدىن ئالدىراش  ئۇياق- بۇياققا  ئۆتۈشۈپ
تۇراتتى . مەيداندىكى  دەرەخلەر  ئاپپاق قاردىن تون  كىيگەن  بولۇپ ،  يېقىندىن  بۇيان  بۇ  گۈزەل مەنزىرىلەر  مېنى  ئۆزىگە تارتالمايۋاتاتتى .  بىردە  جۈپ-جۈپ  بولىۋېلىپ  قار تاماشاسى قىلىۋاتقان  
ياش قىز- يىگىتلەرگە قارىسام ، بىردە  تاماكا  تۇتاشتۇرغاچ  مېنى  چاقىرغان  قىزنى  ساقلاۋاتاتتىم . بىر ئازدىن  كېيىن  تېلېفونۇم  سايرىدى .  ئەمما  قولۇمغا  ئېلىپ  نومۇرغا  قاراپ  ئېلىشقا  ئۈلگۈرمەيلا  يەنە توختاپ  قالدى .  ھەيرانلىق بىلەن  كەلگەن نومۇرنى  ئىزدەۋاتاتتىم .  تۇيۇقسىز  «  كەچۈرۈڭ ! »
دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ  چۆچۈپ  كەينىمگە بۇرۇلدۇم .  بېشىغا  ئاق  شەپكە ، قېلىن قارا  چاپان
كىيگەن ، ئۇزۇن چېچىنى    شەپكىسىدىن  چىقىرىپ  ئىككى  مۈرىسىدىن  ئالدىغا  چۈشۈرىۋالغان  
مەن  بىلەن  
تەڭ  دىمەتلىك بىر قىز ئالدىمدا  كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تۇراتتى . __ ماڭا  گەپ  قىلىۋاتامسىز ؟ __ ھەيران بولۇپ  سورىدىم  مەن .
__ ھەئە ، مەن  ھېلىقى « 1215- نومۇر »  .
ئۇنىڭ  بۇ  گېپىدىن  ھاڭۋېقىپ  تۇرۇپلا  قالدىم .
ئۇ  قىز  سۆزىنى  داۋام قىلدى :
__ لىنىيە  باشلىقى  ماڭا  تېلېفون قىلىپ  ھەممىنى دەپ بەردى . راستىمنى  ئېيتسام  ئىشتىن  
بوشىتىلغاندا  سىزگە بەك ئاچچىقىم  كەلگەنىدى .     ئەمما  لىنىيە  باشلىقىنىڭ  گېپىنى  ئاڭلىغاندىن كېيىن  قارارىم  ئۆزگەردى  . رەھمەت سىزگە !  ھە راست ،  مەن كېلەر  ھەپتىدىن  باشلاپ  
ئىشقا  چۈشىدىغان بولدۇم . ھى ھى ھى .....
  مەن  كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا  قېلىۋاتاتتىم . ئۇنىڭ كۈلكىسى  شۇنچىلىك  ئۇماق ، يېقىملىق  ئىدى .
ئۇ  چاغدىكى خۇشاللىقىمنى  دىمەيلا قوياي ،  ئۆزۈمنى  رۇسلاپ  ئۇنىڭ بىلەن  
كوچا ئايلىنىشقا  باشلىدىم . يۈرەكلىرىم  رېتىمسىز سوقاتتى . تىلىم  گەپكە  كەلمەيۋاتاتتى .
ھەجەپ ئىش ،  بۇرۇن  ئۇ  قىز  بىلەن  ئالاقىلىشىپ  قالسام ...دەپ  نېمىلەرنى  ئويلىمىغان مەن . ئەمدى  ئەجەپ  گەپ  قىلالمايۋاتىمىنا ! تېز بولاي ، بولمىسا  كېيىن  پۇرسەت بولمايدۇ . ياق ، ياق  
بىزنىڭ  گۈزەل كۈنلىرىمىز  ئەمدى  باشلاندى . ئالدىمىزدا  بىزنىڭ  مېڭىشىمىزنى  كۈتۈپ تۇرغان  
نۇرغۇن يوللار ، گۈزەل كېچىلەر ، يەنە  تېخى  پاراڭلىشىدىغان نۇرغۇن گەپلىرىمىز بار  !  
ئۇلار  بىزنى     كۈتمەكتە !!!  تۆت  كۆزى بىلەن  بىزنى  ساقلىماقتا !!!!!!!!!            
  
                         ( تۈگىدى )
                         2010_ يىل 4- ئاينىڭ 30- كۈنى               تۇرپان

                        مەنبە : ئىجادىيىتىم  .  

[ بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-10-15, 09:41
-سىز كۆرۋاتقان تىما 1215- نۇمۇر سىز زادى قەيەردە؟,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ھەقىقىي  ئۇيغۇردەك  بولغىن  !
anamihri
بۆرە سەن ھامان مەغلۇبىيەتچى،مەغلۇبىيەتكە بويسۇ ..
دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4329
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 378
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە378دانە
ياخشى باھا: 185 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3286 سوم
تۆھپىسى: 253 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 900(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-19
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 05:46 PM

1284 دەپلا يازماي ؟
مەن تىلفۇن قىلساملا شۇ ئالاتتى  
بۆرە سەن ھامان مەغلۇبىيەتچى،مەغلۇبىيەتكە بويسۇنمىغىن
tatleh
بەخىت بىلەن ئازاپ قوشكىزەك
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1670
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 398
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە398دانە
ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1940 سوم
تۆھپىسى: 11 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 311(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 05:56 PM

تۇرمۇشىڭىزدا راست بولغان ئىشما؟
بوۋام ماڭا مۇنداق دىگەن،
ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن.
بۇ سۆزگە بىھاجەتكەن دەلىل-ئىسپات،
قارىسام گۈل ۋە تىكەن بىر شاختا ئىكەن.
eltekin26
كۈلگىن، كۈلگىنىڭ سېنىڭ سالامەت،بەختلىك،شادىمان ..
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1424
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 748
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە748دانە
ياخشى باھا: 315 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2709 سوم
تۆھپىسى: 291 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1151(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-29
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 06:02 PM

تۇرپاندىكى دوسلار مۇشۇ تېلېفونسىت قىزلار بىلەنلا ھەپىلىشەمدىغاندۇ دەيمەن. ھېلىقى قىزىقارلىق پاراڭلار بارتى، يوللاپ قوياي دېسەم ئۈلگۈرمىدىمدە.  
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى،قورققىنى ئەمەس.
mubish
ئۇيغۇربىز،بەختلىك بولىمىز!!!ئاللاھ خالىسا...
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3120
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3337 سوم
تۆھپىسى: 71 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 159(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 06:13 PM

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  eltekin26 كە 2010-10-15 06:02 PMئەۋەتىلدى  :
تۇرپاندىكى دوسلار مۇشۇ تېلېفونسىت قىزلار بىلەنلا ھەپىلىشەمدىغاندۇ دەيمەن. ھېلىقى قىزىقارلىق پاراڭلار بارتى، يوللاپ قوياي دېسەم ئۈلگۈرمىدىمدە.  

ھېلىقى ئابونت قىزنى چالىدىغانمۇ،كاللىڭىزغا بىر مۇش دەيدىغان،،،ھې ھې ھې...
.........................
ئاز گەپلىشىڭ جۇما،بولمىسا يەنە ئىشتىن ھەيدىلىپ كەتمىسۇن1215-نۇمۇر....
ئانىلارغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ :«قىز تۇغماڭلار،شەرمى ھايا تۇغۇڭلار،ئوغۇل تۇغماڭلار،غورۇر جاسارەت تۇغۇڭلار »
gulistan
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 927
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 216
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1396 سوم
تۆھپىسى: 12 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 923(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 06:21 PM

ئۆزگىچە ئەسەر ، شۇنداق ياقتۇردۇم .
KULKEZ
ئاددى-ساددا ھەم قائىدىلىك بول، ياسانچۇق ۋە ئەخلا ..
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5182
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1060
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1060دانە
ياخشى باھا: 402 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3787 سوم
تۆھپىسى: 529 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 717(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-30
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 06:30 PM

ئادەتتە ئابۇنىتلار بىلەن پاراڭلاشقاندا خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز پاراڭ قىلىشقا بولمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۇستىگە پۈتۈن سۆزلىشىش جەريانى سىنغا ئىلىناتتى بۇ قىز راس قاپ يۈرەككەن ...
ئۆزگىچە ئەسەر بەك ياقتۇردۇم   
قىزلاردا نازاكەت تۇگىسە، ئوغۇللاردا جاسارەت تۇگەيدۇ...!
yuraktag
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 447
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 327(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-16
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 06:48 PM

                  
kurdax
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7410
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 15 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 151(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 07:09 PM

تۇرپاندىكى دوسلار مۇشۇ تېلېفونسىت قىزلار بىلەنلا ھەپىلىشەمدىغاندۇ دەيمەن. ھېلىقى قىزىقارلىق پاراڭلار بارتى، يوللاپ قوياي دېسەم ئۈلگۈرمىدىمدە.  
شۇنى بىر يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن ................
faeza.akef
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7906
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 441 سوم
تۆھپىسى: 26 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 53(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 08:11 PM

تىرشچانلىقىڭىز بىكار كەتمەپتۇ،،،، ئۇنى ئاخىرى تېپىۋاپسز،،،
sahar0999
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم ،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9318
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 471 سوم
تۆھپىسى: 62 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 241(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-06
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 09:44 PM

   نەچچە تىلفون قىلسا بىرلا ئادەم ئالىدىغان ئىش يوقتۇ .............
ئاللاھ ئىيتقانكى ئاراڭلاردىن پادىشاھ سايلاپ ئۇنىڭڭغا ئىتائەت قىلىڭلار ......مانا بۇ سۆز بۇرۇنمۇ ھازىرمۇ قۇلاقتا چىڭ ساقلايدىغان سۆز ئىدى..............
ھېسلىرىم
ماغدۇر كەلگەندە...
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 495
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 802
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
ياخشى باھا: 226 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 9983 سوم
تۆھپىسى: 143 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 368(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 10:05 PM

بۇ ھېكايە ماڭا بىر ئىشنى ئەسلىتىپ قويدى .. شۇغىنىسى ئۇ قىز مەندىن چوڭ ئىدى ، ئاخىرىدا ئامالسىز رېئاللىققا تەن بەرمەي بولمىدى ..
ھېسلىرىم : ئەسەرلەرگە باققاندا رېئال تۇرمۇش تىخىمۇ مۇرەككەپ، رېئال تۇرمۇش ھەممە نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ ،ئەمما ئەسەرلەر كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ .