داڭلىق ئاپتوموبىل سودىگىرىنىڭ تىجارەت سىرى
-tDmzuD6
"ئالتۇن گىلاد" ئامېرىكىدا ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىلار ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان ئىسىم. ئۇ ئامېرىكىلىقلار نەزىرىدىكى ئەڭ قابىل ئاپتوموبىل سۆدىگىرى. گىلاد 35 ياشقىچە 40 قېتىمدىن ئارتۇق خىزمەت ئالماشتۇرغان، بىر قېتىملىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سودىسىدا چوڭ زىيان تارتىپ قەرزگە بوغۇلغان، شۇنداقلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقۇتۇپ كېكەچ بولۇپ قالغان بىر مەغلوبىيەتچى ئىدى. ئۇ 35 ياشقا كىرگەن يىلى ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن بىر شىركەتنىڭ ئاپتوموبىل ساتقۇچىسى بولدى. ئۇ بۇ شىركەتكە ئىشقا چۈشۈپ تۇنجى كۈنى 40 ياشتىن ھالقىغان بىر خېرىدارنى كۈتىۋالدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى خېرىدارى ئىدى. ئۇ كېكەچلەپ يۈرۈپ مىڭتەستە خېرىدارنى بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا كۆندۈردى. ھەممە ئىش پۈتۈپ توختام ئىمزالايدىغان چاغدا بۇ خېرىدار توساتتىن قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئاپتوموبىلنى ئالماي كېتىپ قالدى. گىلاد شۇنچە ئويلاپمۇ زادى نىمە ئىشتا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى بىلەلمەي، ئاخىرى ھېلىقى خېرىدارنى ئىزدەپ تېپىپ، نىمە سەۋەبتىن قارارىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى سورىدى. خېرىدار ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولۇپ: يىگىت مەن ھازىر سىزنىڭ سۆزىڭىزگە پەرۋا قىلماي ئۆز ئىشىم بىلەن بولىۋەرسەم كۆڭلىڭىزگە كېلەمدۇ - يوق؟ تۈنۈگۈن توختام ئىمزالايدىغاندا سىزنى يېقىن كۆرۈپ، ئوغلۇم ھەققىدە بىرمۇنچە پاراڭ قىلغان ئىدىم. ئەپسۇس، سىز بولسىڭىز سودىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بۇ گەپلەرگە پەرۋا قىلمىدىڭىز، ئەكسىچە ئوغلۇمنىڭ گېپىنى قىلىۋاتسام باشقىلار بىلەن چاقچاقلىشىپ تۇردىڭىز. خېرىدارغا ھۆرمەت قىلمايدىغان تىجارەتچىنىڭ قولىدىن مەن قانداقمۇ ئىشەنچىلىك نەرسە سېتىۋالالايمەن. شۇڭا مەن باشقا جايدىن ماشىنا سېتىۋالدىم، - دەيدۇ ئۇ ھويلىدا تۇرغان يېڭى ماشىنىنى كۆرسىتىپ. گىلاد شۇنىڭدىن كېيىن خېرىدارلارنى ھۆرمەتلەشنى مۇۋەپپەقىيەت مۇنبىرىگە چىقىش شۇتىسىنىڭ بىر بالدىقىغا ئايلاندۇرىدۇ.
خېرىدارلىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش گىلادنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى يەنە بىر سىر. ئۇ مۇئامىلە قىلىشقان ھەر بىر خېرىدارنىڭ ئىسمى، تېلېفۇن نۇمۇرى، ئادرېسنى بىلىۋېلىشقا، ئامالىنىڭ بارىچە خېرىدارنىڭ ئەھۋالىنى كۆپرەك ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ تونوشىدىغان بارلىق كىشىلەرنى بىر كۈنى مېنىڭ خېرىدارىم بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، دەپ ئويلايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ھەر ئايدا خېرىدارلىرىغا، تونۇشلىرىغا ئەۋەتىدىغان تۈرلۈك تەبرىك ئاتكرېتكىلىرى 15 مىڭ پارچىدىن ئاشاتتى. ئۇ ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىسىم كارتۇچكىسى تارقىتىش دەپ قارايتتى. ئۇ سالام - سائەت قىلىشقانلىكى كىشىگە ئىسىم كارتوچكىسى بېرىشنى ئۇنۇتمايتتى.
.>&kAf. تەبەسسۇم قىلىش، خېرىدارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش گىلادنىڭ يەنە بىر كوزىرى. ئۇ دائىم " سىز بىر لاياقەتلىك تىجارەتچى بولىمەن دەيدىكەنسىز، خېرىدارغا قانداق تەبەسسۇم قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك" دەيدۇ. بىر كۈنى ئۇنىڭ دۇكىنىغا بىر ئايال كېلىدۇ. ئايال ئۆزىنىڭ بۈگۈن 55 ياشقا كىرگەنلىكىنى، " فورت" ماركىلىق ئاق پىكاپ سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. گىلادنىڭ دۇكىنىدا " شۆلەيىس" ماركىلىق پىكاپ سېتىلاتتى. ئۇ شۇنداقتىمۇ بۇ ئايالغا قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدۇ ھەمدە بىر خىزمەتچىنى تېزدىن بىر دەستە گۈل سېتىۋېلىپ كېلىشكە بويرۇيدۇ. ئاندىن بۇ ئايالغا ئۆز دۇكىنىدىكى ماشىنىلارنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلايدۇ. ھايال ئۆتمەي ھېلىقى خىزمەتچى بىر دەستە گۈلنى كۆتىرىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا گىلاد گۈلنى ئايالغا سۇنۇپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيدۇ. ئايال تەسىرلەنگەنلىكىدىن: خېلى يىللار بولدى، ھېچكىم ماڭا بىرەر دەستە گۈل سوۋغا قىلىپ باقمىغان، دەيدۇ ۋە قەتئىي نىيەتكە كەلگەندەك: بولدى، مۇشۇ ئاق رەڭلىك " شۆلەيىس" نى سېتىۋالاي. بايا مەن ياندىكى " فورت" ئاپتوموبىل سېتىش ئورنىغا كىرگەن ئىدىم، ئۇلار بىر سائەتتىن كېيىن كېلىشىمنى ئېيتىپلا مەن بىلەن كارى بولمىدى. سىز مېنىڭ قارارىمنى ئۆزگەرتتىڭىز، دەيدۇ. دېمەك، كۆڭۈلنى ئۇتۇش، ئىستېمالچىلارنى ئۆزىگە رام قىلىشتىكى بىر خىل تاكتىكا.
,cpPXcz ?, lGs fs( كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى تورى
#.) qQ8*( http://xaphat.blogbus.com/logs/34733001.html u+S*D\p<`