JZxA:dg
l
ئۆلۈكلەر بىردىن بىردىن ئويغانسۇن سۆيگۈمىزدىن.
+3-5\t`
بىزگە شۇنداق بىر سۆيۈملۈكنى بەرگىنكى ئەي رەببىم !
=0EKrG
سۆيگۈمىزدە پەيغەمبىرىمىز( ئۇنىڭغا سالاملار بولسۇن ) سۆيۈلسۇن !
25vjn 1$sW
شۇنداق سۆيەيلىكى بىر بىرىمىزنى، ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىز سامادىن بىزگە قاراپ
:" قارىغىنە ، ئەي مۇھەممەت ( ئۇنىڭغا سالاملار بولسۇن) شۇ ئاشىقلارغا،ئۇلار بىز بىلەن
بىللەدۇر،بىز ئۇلار بىلەن .
RDHK'PGA
قارا،مۇھەببىتىمىز يەر يۈزىدە يەنە بىر قېتىم تەكرار ياشاۋاتىدۇ ،ئاللاھ بىزنىڭ
مۇھەببىتىمىزدىن شۇنداق رازىكى ،بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى مىڭلارچە ئىنساننىڭ قەلبىگە
سېلىۋاتىدۇ .
ئاللاھىم مۇڭداش مەن بىلەن
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:(مەلەك)
بىر ئادەم قوللىرىنى ئېچىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى."ئاللاھىم مۇڭداش مەن بىلەن!"
دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ گۈللىكىدە بىر قۇش يېقىملىق ناۋا قىلدى،ئەمما ئۇنىڭ كارى بولمىدى،يالۋۇرۇشنى داۋام قىلدى:" ئاللاھىم مەن بىلەن مۇڭداشقىن!"
بىر ئازدىن كىيىن ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپ قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى،ئەمما ئۇ ئادەم يەنىلا پىسەنت قىلمىاي،يالۋۇرۇشنى داۋام قىلدى " ئاللاھىم سېنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلغىن،ئەجىبا مېنىڭ بۇ يەردە بارلىقىمنى بىلمەيۋاتامسەن؟"
ئۇ مۇشۇنداق يالۋۇرىۋاتقاندا يامغۇر چىپپىدە توختاپ قۇياش چىقتى،ۋە نۇرلىرىنى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىغىچە چاچتى،ئەمما ئۇ ئادەم بۇنىڭغىمۇ پىسەنت قىلمىدى" كۈندىلا كۆرۈپ تۇرىدىغان مەنزىرىغۇ بۇ؟" دەپ ئويلىدى ۋە يالۋۇرۇشنى داۋام قىلدى:" ئاللاھىم ماڭا بىرى مۆجىزە كۆرسەتكىن"
ئۇ گىپىنى تۈگتىتىشىگىلا يېقىن ئەتراپتىن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى،ئەمما ئۇ بۇنىڭغىمۇ پىسەنت قىلمىدى،ۋە ۋارقىراپ تۇرۇپ :" جاۋاپ بەرگەىن ئىھ ئاللاھ!" دېدى.
دەل شۇ چاغدا بىر كىپىنەك ئۇچۇپ كىلىپ ئۇنىڭ ئېچىلغان قوللىرىغا قوندى. " كۆرمەيدىغان" " ئاڭلىمايدىغان " "بىلمەيدىغان " بۇ ئادەم زەردە بىلەن قوللىرىنى شىلتاپ ئۇنى ئۇچۇرۋىتىپ،غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى " نىمىشقا زادى نىمىشقا؟ ماڭا جاۋاپ بەرمەيسەن ئاللاھىم " دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى.
تەرجىمە مۇشۇ يەردە تامام.
قېرىنداشلار،ئەجىبا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ راستىنلا ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدىمۇ؟
ئۇنداق ئەمەس،ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەرخىل شەپىلەرنى بەردى،ئەمما بۇ ئەقىلسىز بۇنى ھىس قىلمىدى،يەنە بىر ھىكايەت ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
بىر ئادەم خىزىر بىلەن كۆرۈشۈشنى كىچە- كۈندۈز تىلەيدىكەن،بىر كۈنى بۇ ئادەم دۇئا قىلىپ ئولتۇرغىنىدا بىر ئادەم كىلىپ :" ئەگەر بىر كۈنى بىرسى يېنىڭغا كىلىپ تاشنى قولىغا ئېىلىپ مۇشۇنداق ئۇششاقلىۋەتسە ئۇ دەل سەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان خىزىردۇر" دېگىنىچە تاشنى ئۇششاقلىۋىتىپ كىتىپ قاپتۇ.
ئۇ ئادەم "ھەماقۇل،بىلىۋالدىم،رەھمەت ساڭا " دەپتۇيۇ، بايىقى ئادەمنىڭ دەل ئۆزى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان خىزىر ئىكەنلىكىنى بىلمەپتۇ.
مانا مۇشۇنداق،ئاللاھ ھەرگىز بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ ھەم جاۋاپسىز قويمايدۇ،ئەگەر" ئاللاھنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى " دەپ زارلىنىپ يۈرگەن بولسىڭىز،تۆۋبەب قىلىۋىلىڭ.
ئاللاھ ھەممىمىزگە ئەقىل كۆزى ئاتا قىلسۇن ئامىيىن !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن بۇ ئەسەرنىڭ يىزلىش ئۇسلۇبىنى بەك ياخشى كۆرۇپ قالغاچقا مۇنبەرگە كۆچۇرۇپ كەلدىم ، ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن.
ئەسلى مەنبە : مەلەك بىلوگى
.
MANBa.marifat.com