ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش
ھىكايە
مەن بىر ھىكايە يېزىپ،كۆزئالدىمىزدىكى بەزى ئىشلارنى مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ھەل قىلغىلى بۇلمىسىمۇ، بەزى ئىشلارنىڭ يالغۇز مۇناسىۋەتكەتايانغان بىلەنمۇ پۈتمەيدىغانلىغىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئارا نەپ يەتكۆزۇشكە تۇغرا كىلىدىغانلىغىنى ئەكىس ئەتتۇرەي ،دىگەن ئوي بىلەن قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم.مەن بۇ ھىكايەمدە،بىر يازغۇچىنىڭ بىر رۇمان يىزىپ تەھرىر بۈلۈمىگە ئاپارغانلىقى،ئەمما ئۇنى ھىچقايسى تەھرىرنىڭ ئىشلەتمىگەنلىگىنى ،ئاخىرى بىر قاتارئالتۇن چىش سىلىپ قويغاندىن كېيىن ئېلان قىلدۇرالغانلىغىنى بايان قىلدىم.
مەن نىمىشقا ئالتۇن چىش سىلىپ بەرگەنلىك تۇغرىسىدا يازىمەن؟بۇنىڭغا ئۆزەممۇ بىر نىمە دىيەلمەيمەن.ئېھتىمال مەن چىش دۇختۇرى بۇلغاچقا ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ كەسىپكە پىششىق بۇلغاچقا شۇنداق قىلغاندىمەن.
ھىكايىنى يىزىپ بۇلۇپ،خۇددى ھىكايىدىكى باش قەخرىمانغا ئوخشاش تەھرىر بۈلۈمىگە يۇگۇردۈم.ئەمما بۇنىڭ ھىچقانداق ئۆنىمى بۇلمىدى.بىر قىتىم چىشىنى داۋالاتغىلى كەلگەن بىر ياش مەندىن:
-بىرەر ئىش بولدىمۇ نىمە سىزگە؟ چىرايىڭىز بەكلا سۇلغۇن،ئېيتىپ بېقىڭە،بەلكىم ئاز-تولا ياردىمىم تىگىپ قالار،-دەپ سورىدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن ھىكايە يازغانلىقىم ھەققىدىكى ئىشنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم.مەن ئۇنىڭغا بەزى ئىشلارنى مۇناسىۋەتكە تايىنىپلا بىجىرگىلى بۇلمىسىمۇ،بەزى ئىشلارنىڭ يالغۇز مۇناسىۋەتكە تايانغان بىلەن بۇلمەيدىغانلىغىنى،ئۆزەمنىڭ مۇنداق ئىللەتكە قەتئى قارشى كۆرەش قىلىدىغانلىغىمنى ئېيتىم.ھېلىقى ئاغرىق:
-مەن تەھرىر ،تەھرىر بۈلۈمىگە كىلىڭ،ھىلىقى ھىكايىڭىزنى ئالغاچ كېلىڭ،-دىدى.
ئەلۋەتتە:مەن بۇنداق پۇرسەتنى قۇلدىن بېرىۋەتمەيمەن-دە! شۇنىڭ بىلەن تەھرىر بۈلۈمىگە باردىم.تەھرىر ھىكايەمنى ئوقۇپ بۇلۇپ نىمىشقىدۇركۈلۈپ قۇيۇپ:
-بۇلىدۇ،بىز ئېلان قىلايلى، ئەمما ئازراق ئۆزگەرتەيلى،ھىكايىدىكى باش قەھىرىماننىڭ رومان يازغانلىغىنى پوۋسىت يازدى،دەپ ئۆزگەرتەيلى.بۇنداق دىسەك ئەمىليەتكە بىر ئاز ئۇيغۇن كىلىدۇ. ئەگەر ھىكايە يازدى، دەپ ئۆزگەرتسەك تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ،-دېدى.
بۇلۇدۇ،ئۆزگەرتەيلى،-دېدىم مەن جاۋابەن،-ئۇنداق بۇلسا ھىكايىدىكى يازغۇچى تەھرىر بۈلۈمىگە بىر قاتار ئالتۇن چىش سىلىپ بەرمەي،چىش قېپى سىلىپ بەرسۇن،بۇلمىسا بىر ھىكايە ئۆچۇن بەك قىممەت بۇلۇپ قالغىدەك تۇرىدۇ. ئەگەر بىر تال چىش قىپى سىلىپ بەردى دەپ ئۆزگەرتسەم تېخىمۇ جايىغا چۈشكىدەك.
-ئۇنداق قىلىڭىز بۇلمايدۇ،-دىدى تەھرىر،-بۇنداق قىلسىڭىز ھىكايىڭىز بەدئىي چىنلىغىنى يوقۇتۇپ قۇيىدۇ، ئىشەنچىسىز نەرسىلەرنى بىز كىشىلەرگە قانداق كۆرسىتىمىز.
-بۇلىدۇ،بۇ يەردىكى مەسىلە ئىشەنچ ئۈستىدە بۇلدۇ،چىش قىپى سىلىپ قويدى دىمەي چىش سىلىپ قويدى دەيلى،-دېدىم.
كۆپ ئۆتمەي ھېكايەم ئېلان قىلىنىۋىدى،ھىلىقى تەھرىر ئىككىمىز كىشىلەرنىڭ مەدھىلەش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالدۇق.ھېكايەم تۇغرىسىدا ئوبزۇرمۇ ئېلان قىلىنىپ،مىنى يۈرەكلىك ئىكەن، ھىلىقى تەھرىرنى پىرىنسىپچانلىقى كۈچلۇك ئىكەن،دەپ ماختاشتى.
تەھرىرنىڭ پىرىنسىپچانلىقى ھەقىقەتەن كۈچلۇك ئىكەن،شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ مىنىڭ ھىكايەمنى پەقەت ئىشلەتمىدى.
ئۇ ماڭا:
-بۇلمايدۇ،باشقىلار ئۇقۇپ قالسا مىنى ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتتى دېيىشىدۇ،-دېدى.
ھىچقىسى يۇق ،ئۇزاققا بارمايلا ئۇنىڭ يەنە ماڭا ئېھتىياجى چۈشىدۇ، ئۇنىڭغا بىر تال ئالتۇن چىش يەكى چېش قېپى كېرەك بۇلىدۇ.ئۇ چاغدا مەنمۇ ئاز-تۇلا بىر نەرسىلەرنى،ھىچبۇلمىسا بىرەر ھېكايە ياكى بىرەر مىكرو ھىكايە بۇلسىمۇ ئېلان قىلدۇرۇۋالالايمەن.
س.كوندراتيېۋ
شۆھرەت مۇھەممىدى تەرجىمىسى
يۇللۇغۇچى:پىچانگۇل
2010-يىل10-ئاينىڭ11-كۇنى.
[ بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]