ئىپپەت-نومۇس ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز
0@2mXO9f" vP+@z-O مەھەللىمىزدە، قەدىنىاسىدىن ياشلا تۇل قېلىپ، تۆت بالىسىنى يالغۇز قاتارغا قوشۇپ، جەبرى- جاپادىن بالدۇرلا قېرىپ، قاقتەك قورۇلۇپ قالغان، قاچاندىلا كۆرسەم تۆت ئەردىن چىققان بىتەلەي قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ، يەر تېرىپ، پادا بېقىپ، يۈرىدىغان بىر موماي بولىدىغان. بىر كۈنى ئۇ ئالدىمنى توسۇپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. نېمە بوپتۇ دېمەمسىز؟ مەھەللىمىزدىكى (ياراتقۇچى ئۇ زەيپانەكلەرنى نارەسىدە قىزنىڭ خۇن ھەققى ئۈچۈن بۇ ئالەمدە بالدۇرلا ئەرلىك كۈچىدىن مەھرۇم قىلىپ، چىدىغۇسىز ئازاپلارغا دۇچار قىلغاي) ئۆيلەنگەن، ئۆيلەنمىگەنلەردىن بولۇپ يەتتە نائەھلى مەھەللە چېتىدىكى شورلۇقتا قوي بېقىۋاتقان كىچىك قىزىغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىپتۇ. ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇلار قانۇنى جازادىن قورقۇپ، ئالتىسى تويلۇققا پۇل چىقىرىدىغان، بىرى ئۇ قىزنى نەچچە كۈنلۈك خوتۇنلۇققا ئالىدىغان بولۇپ كىلىشىپتۇ. قىز ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەچكە توي خېتى بىرىلمەپتۇ. بۇ كەمىنىنى توي خېتىگە مېڭىشىپ بەرسە دەپ ئالدىمنى توسۇشى ئىكەن. بېشىم پىررىدە قېيىپ، بوغۇزۇمغا ئاچچىق نەرسە قاپلىشىپ، ئىچ- ئىچىمدىن يىغا قاپسىدى... مېنى كادىر دەپ چوڭ بىلەمدىكىن، يا كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنەمدىم، قاچان ئۆيىگە ماڭسام ئالدىمغا لىككىدە پەيدا بولۇپ، ئىككى- ئۈچ تال شاپتۇل، ئالما يا بىرەر ساپاق ئۈزۈم تەڭلەيدىغان، تۇرقىدىن سەبىلىك چىقىپ تۇرىدىغان، ئېغىزىدىن تېخى ئوغۇزنىڭ ھىدى كەمىگەن، ئۆڭگەن، يىرتىق كىيىملەر ئىچىدە خۇددى بەرگىدىن ئاجرىمىغان قىزىل گۈلدەك ۋىلىققدە كۈلۈپ تۇرىدىغان قارا كۆز قىز كۆز ئالدىمغا زاھىر بولدى. تۇرۇپلا قولۇمغا يوغان شەمشەر ئېلىپ، ئاشۇ لەنەتكەردىلەرنىڭ جىم تۇرغۇزمىغان بىر نېمىسىنى شارتتىدە كىسىپ تاشلىغۇم ، بۇرنىنىڭ ئۈچىنىلا كۆرۈۋاتقان ماۋۇ مومايغا تاپا- تەنە قىلىپ، ئاچچىق تىللارنى ياغدۇرغۇم كىلىپ كەتتى. كۆزلىرىدىن، ھەر تال چېچىدىن، ھەممە يېرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان بىچارىگە قاراپ، يۈرىكىم پىژژىدە ئېچىشىپ قالدى... ئەرز قىلغان بىلەن بۇ ئادىمى ھايۋانلارنى ئېتىپ بەرسىمۇ بولغۇلۇق بولدى. ئاسمان- زېمىن ئالماشقۇدەك مۆجىزە يۈز بەرسىمۇ بالا ئەسلىگە كەلمەيدۇ. بىرىگە نىكاھلاپ بىرىپلا شەرمەندىچىلىكنى يۇيايلى دەپ ئويلىغاندۇر بەلكىم...ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ، نادان، ساپاسى تۆۋەنلەر ماكانىدىن قاڭقىپ، زامانىۋى شەھەردىمۇ، يۇقۇرى ساپالىقلار ئارىسىدىمۇ بۇنداق ئىشلاردىن كۇر مىڭىنى ئۇچراتتىم. بىر كۈنى خېلىلا بىلىملىك سانىلىدىغان، نەچچە ئادەم بار بىر سورۇندا مۇنداق پاراڭ بولۇندى: ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم بىر ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان (خوتۇن- بالىلىرى بار ئىكەن) بىرى:- بىزنىڭ مۇھەببەت ئەرگە تەگمەكچىكەن، 1000 يۈەن خەجلەپ قىز قىلىپ قويدۇم ، دەپ مەيدىسىگە ئۇردى.
p">EHWc}D - قانداق بولىدىغاندۇ؟
9}z0J - ئايالىڭنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ كۆرۈپباق بولمىسا...
^( Rvk - قويە، ئەسلىدىكىگە نېمە يىتىدۇ؟
Gn;@{x6 توۋا دەيمەن، مۇشۇ كۈندىكى يېگىتلەرنىڭ يىمەكلىكىمۇ، ئىچىملىكىمۇ، ھەتتا خوتۇنىمۇ، ھەممە نېمىسى سۈنئى دېسە... سورۇندىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھېلىقى قىزنى تونۇيدىكەن... سورۇندا يەنە ھېلىقى قىز توغرۇلۇق نۇرغۇن لاۋزا، ھاياسىز پاراڭلار بولۇندى. كېيىن يەنە بىرەيلەن ماڭا ئېچىنغان ھالدا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بىر ئاغىنىسى ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئاغىنىسىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزى بىلەن مۇھەببەت باغلاپتۇ. ھېلىقى ئادەم قىزىغا ئۆز قولى بىلەن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكۈزىدىكەن. ناۋادا ھامىلىدار بولۇپ قالسا دوختۇرغا ئاپىرىپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىكەن. قىز ئۆيىدىن ھەر ھەپتىدە بىر كۈن ساۋاقدىشىمنىڭ، دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ كىلىمەن دەپ رۇخسەت ئېلىپ چىقىپ، ھېلىقى ئەر بىلەن ياتاق ئاچىدىكەن. چېچىغا ئاق كىرگەن ئاتا- ئانىسى قايسى ساۋاقدىشىڭنىڭ ئۆيىدە ياتىسەن، تېلىفۇن نومۇرى قانچە؟ دەپ بىرەر قېتىم چىڭراق سوراققا تارتىپ باقماپتۇ. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى قىزىنىڭ ئۇچىسىدا پەيدا بولغان مۇدا كىيىملەر، چوڭ- چوڭ پۇل خەجلەشلىرىمۇ ئاتا- ئانا بولغۇچىنى قىلچىمۇ ئەندىشىگە سالماپتۇ. مۇنداقلا سورالغان سۇئالغا ھېلىقى قىز ھېيىتلىق پۇل، سىلەر بەرگەن پۇللارنى يىغىپ ئالدىم دەپ جاۋاپ بىرىدىكەن. بىر بالا ئاتا- ئانىسى سانىنى ئېلىپ بولالمىغۇدەك، يىل بويى خەجلىسە يەتكۈدەك ھېيىتلىققا ئېرىشەلەمدۇ؟ يەنە مەلۇم بىر كاتتا ئورۇندا ئىشلەيدىغان تاپاۋىتى ياخشى 50 ياشلاردىكى بىر ئەر ئىدارىسىغا يېڭىدىن تەقسىم قىلىنغان قىز بىلەن چىقىشىپ قېلىپ، ئالتە- يەتتە يىلنى ئەر- خوتۇن بولۇپ ئۆتكۈزۈپتۇ. كېيىن قىز بىر يىگىت بىلەن توي قىلماقچى بوپتۇ. قىزنىڭ ھېلىقى ئاكىسى قىزغا تويۇڭنى ياخشى قىلىۋال دەپ 20مىڭ يۈەننى تۇتقۇزۇپتۇ ۋە پات- پات كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا ۋەدىلەر قىلىشىپتۇ...بۇنىڭ بىلەن قىز پۇلنى ئايىماي خەجلەپ، ئىسىل، داڭلىق ئائىلە سايمانلىرىنى، ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋىلىپ، بولغۇسى ئۆيىنى ئالا چەكمەن ياسىۋىتىپتۇ. يىگىت ئاغىنىلىرىگە ئۆيىنى كۆرسىتىپ، قىزنىڭ يىغىشچان، مەردلىكىنى ئۇزۇندىن- ئۇزۇن ماختاپتۇ. بۇرۇن ئاللا كىملەرنىڭ لۈكچەكلەرنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، ئىپپىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى قاتتىق ھار ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆستەڭ- كۆللەرگە تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغانمەن. تېخى تالاغا قارىغان ئازغۇن ئاياللارنى بوغۇزلىۋىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىسسىق جېنى بەدىلىگە ئەرلىك غۇرۇرىغا قىلىنغان ھاقارەتنى يۇغان ئەرلەرنى كۆرگەن، ئاڭلىغانمەن. نەزىرىمىزدىكى تەرەققى قىلمىغان ئاشۇ قالاق زاماندىكى شۇ قىزلار قانداق قىزلار بولغىيتى؟ ئەرلەر قانداق ئەرلەر بولغىيتى؟ ئۇلارنىڭ تومۇرىدا ئاققىنى قانداق قان بولغىيتى؟! قاراڭ! قىزى يېرىم يالىڭاچ، كىندىكىنى چىقىرىپ سەھنىدە يانپاش تولغىسا دادىسى ئاقباش پەستە ئولتۇرۇپ كۈچەپ چاۋاك چالسا، سىڭلىسى كوچىدا، ئەلنىڭ كۆزىدىلا بىر يىگىت بىلەن بۇياندىن ئېلىشىپ كىتىۋاتسا، ئاكا بولغان لاتا يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كەتسە... قىزى ئاخشىمى بىر تېلىفۇن بىلەن رۇخسەت سوراپ، ئەتىسى سىمىز توخۇ كاۋىپىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كىرسە، توخۇ پاچىقىنى غاجىلاپلا ئانا بولغان خوتۇننىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ، غىڭ قىلالمىسا، خوتۇنىغا ئاشنىسى ئېلىپ بەرگەن تېلىفۇننى ئېرى ياقتۇرۇپ قېلىپ، قويۇن يانچۇققا سېلىپ ئىشلىتىپ يۈرسە... ئېرى باشقا جايدا، خوتۇنى باشقا جايدا رۇمكا سوقۇشتۇرۇپ، كەچتە كارىۋىتىدا ئۇچرىشىپ، خوتۇنىنىڭ پۇت- قولى، ئېغىز بۇرنى جايىدا بولسىلا ئىرى شۈكرى دەپ خورىكىنى باشلىۋەتسە... بىر دانا تەرەققىيات بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى. يەنە شۇ قاتاردا نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدى دېگەنىكەن... نۆۋەتتە بىز ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرىدىكى غەربلىشىشكە چوقۇنۇش، جىنسىي ئەركىنلىك ئېقىمىغا ئۆزىنى ئېتىش، ھاياسىزلىشىش، ئىتىقادسىزلىشىشنى مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈلپەت دېسەك ئېشىپ كەتمەيدۇ. يېرىم يالىڭاچ يۈرمەڭلار دېسە خۇراپاتلىق دېدۇق، مانا ئەمدى بىزدىكى غەربكە چوقۇنۇش ئالدى بىلەن كاللىمىزنى، ئاندىن ئۈستىۋىشىمىزنى، ئاخىرىدا ھەممە يېرىمىزنى ئېچىۋەتتى... ھازىر ئادەمنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى- تېخى يۈزى ئېچلمىغان كىچىك قىزلارنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىپپىتىنى ئادەتتىكى نەرسە دەپ قاراش... ھازىر ئۇلار ئۈچۈن ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس، زامانىۋىي شەھەرلەرنىڭ قىزلىرى قانغىچە بىر ئىچىپ، يا چىكىپ، دىبالاردا بىرەر ئاخشام ئالا- تاغىل سەكرىۋالسا ، سەھرالاردا ئەپلەپ- سەپلەپ توي قىلىۋالسا (ئەتىىسى ئاجرىشىپ كەتسىمۇ مەيلى) ھەممە ئىش ئۆتۈپ كىتىدىغان بولدى . يەنە بىر قىسىم قىزلىرىمىز تىرناق ياساش قەلئەسى، پۇت يۇيۇش شەھەرچىسى ئاتلىق ۋىۋىسكا ئاستىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئارقا بۇلۇڭلىرىدىكى توخۇ كاتىكىدەك ئايرىمخانىلاردا ئۆزىنىڭ بىباھا ئىپپەت- نومۇسى، گۆھەردەك تەنلىرىنى سېتىش بەدىلىگە ھارامخۇر خوجايىنلارنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقچىغا تولدۇرماقتا. يۇندا كۆلچىكىدەك بولغانغان پاسكىنا تەنلىرى ئارقىلىق ئېرىدىن باشقا ئەرلەرنىڭ ھىدىنى پۇراپ باقمىغان، روھى، تىېنى ساپ، پاكىز بولغان ئاچا- سىڭىللىرىنىڭ تېنىنى بۇلغاپ، زەنجىرسىمان بۇلغاش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە. ناۋادا ئۇلارغا ھالال ياشىسىڭىز بولمامدۇ دىسىڭىز دەرھال: سىز ئەر بولسىڭىز ئەمىسە مېنى خوتۇنلۇققا ئالالامسىز، ئايال بولسىڭىز مېنى بالا قىلپ بېقىۋالالامسىز دەپ ئاغزىمىزنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ. ئەجىبا ئۇلار قىلاي دېسە جەمئىيەتتە باشقا ئىش تېپىلماسمۇ؟ ئۇلار خالىمايدۇ. يېراق سەھرالاردا تاغار يۈدۈپ يۈرگۈسى يوق، تاماقخانىلاردا قاچا- قۇچا يۇيۇپ، نومۇسقا قالغۇسى يوق. كوچا- كويلاردا ئۆپكە- ھىسىپ، دوغاپ- لەڭپۇڭ سېتىپ جاپا تارتقۇسى يوق. پۇلى يوق، ئەمما ئەركەك تۈكى بار ئەردىن بىرگە تىگىپ، جاپا ئىچىدە بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارغۇسى يوق. ئۇلارنىڭ خىيالىدىكى ھەممە نېمىسى تەل ئاق ئاتلىق شاھزادە تېخى يوق. مېنىڭ ئازاپ ئىچىدە ئۇلاردىن شۇنداق سورىغۇم كېلىدۇ: ياشلىقىڭلاردا، گۈلدەك چېغىڭلاردا ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي ئۇلارغا، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىپلاس خوجايىنلارغا پۇل تېپىپ بەردىڭلار. سىلەر داۋا تېپىلمايدىغان، تولىمۇ قورقۇنچلۇق ۋابا- ئەيدىزنىڭ چاڭگىلىدا جان تالىشىپ، ياردەم تىلەپ ، ئاچچىق ئىڭراپ ياتقىنىڭلاردا ئاشۇ خوجايىنلارنىڭ سايىسىنى بولسىمۇ كۆرەلەرسىلەرمۇ؟ ياق، ئۇ چاغدا ئۇلار ئاللىقاچان سىلەر تېپىپ بەرگەن ھارام پۇللاردىن تېخىمۇ سەمرىپ، تېخىمۇ چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلغان، ياكى راھەت- پاراغەت قوينىدا يايراۋاتقان بولىدۇ... كۆزۈڭلاردىن تولىمۇ ئاچچىق پۇشايمان ياشلىرىنى ئاققۇزغان ۋاقتىڭلاردا ھەممە نەرسە تۈگىگەن، ئەزرائىل سىلەرگە ئاللىقاچان قولىنى سوزۇپ بولغان بولىدۇ ،21 - ئەسىردە جۇڭگودا تەسىر قوزغىغان ئانىلار تەربىيىسى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ رۇڭخۇا مۇنداق دەيدۇ : بەزى كىشىلەر ھايۋانات دۇنياسىدىن قىلچە پەرقى بولمىغان جىنسىي ئەركىنلىك ئېقىمىغا كىرىپ كىتىۋاتىدۇ . {ئىپپەت پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى ئۈچۈن تەييارلانغان ئامانەت بولماستىن، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئامانەتتۇر . بۇلغانمىغان ئانا تېنى ئىنسانىيەت ۋە ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئەڭ ئىسىل بىباھا سوۋغات. پەرۋاسىزلىق بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈش- ئانىنىڭ تېنىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىرىنچى قاتىل بولۇپلا قالماستىن، كەلگۈسى پەرزەنتلەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ‹تەرمىلەر ژۇرنىلى 2004- يىل 7- سان،«ئانىلار، ئۇنداق قىلماڭلار›› ناملىق ماقالە} .
u !!X6< بىر دانىشمەن ئاياللارنىڭ ، خوتۇن- قىزلارنىڭ دىيانەتلىك، ئىپپەتلىك بولماسلىقىدا ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى چوڭ دېگەنىكەن. قېنى! قانچە ئەرنىڭ نەچچىسى، خوتۇنى كەچلىكى پەداز ئەينىكى ئالدىغا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىپ، ئەتىر - پەتىرلەرنى بولۇشىغا چېچىپ، ئايىقى چىقماس قاتار چاي ، دوستلار ئولتۇرۇشى، ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى ، ئۈلپەتداشلار ئولتۇرۇشىغا ماڭسا، ياسىنىپ- تارىنىپ بىرىدىغان ئادىمىڭ مەن تۇرسام، مۇنچە قىلىپ نەگە؟ دەپ قاپىقىنى ئەرلىك سۈرى بىلەن تۈرسە خوتۇنىنى تۇتۇپ قالالايدۇ؟... ئەرلەرنىڭ ئىدىيىسىمۇ تەرەققى قىلدى. ئۇلارنىڭ قاراپ تۇرۇپ كۈنچى، مەدەنىيەتسىز ئەر دېگەن قالپاقىنى كىيىپ قالغۇسى يوق... قېنى قايسى يىگىت ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ، بالىلىرىغا ئانا تاللىغاندا ئالدىغا شەرمى- ھايالىق، ئۇيات- نومۇسلۇق قىز بىلەن تۇرقىدىن ئۇپا- ئەڭلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى ئويناق، كۆڭۈل ئېلىشقا ئۇستا، ياسالما قىزدىن بىردىن قويۇلسا ئىككىلەنمەي ئاددى قىزنىڭ ئالدىغا بارالايدۇ... تەس، ھازىر كۆپ سانلىق يىگىتلەرنىڭ چىرايلىق، ياسىنىشنى، پۇل خەجلەشنى بىلىدىغان، مەرتىۋىلىك ئائىلىنىڭ قىزىنى خوتۇن قىلغۇسى بار. خوتۇنىنى كەينىگە سېلىپ ماڭسا ئالدىغا ئۇچرىغان تۆت ئادەمدىن ئىككىسى كەينىگە قايرىلىپ خوتۇنىغا قاراپ قويسا پەخىرلىنىدۇ. بۇرۇنقى قىزنىڭ پاكلىقىنى، ئەخلاق- پەزىلىتىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭ تېگىنىڭ پاكىزلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ خوتۇن ئالىدىغان زامان كەلمەسكە كەتتى. بۇلار ئاز كەلگەندەك ئانىلىق تاجىنى تاقاپ بولغان ئەرلىك، بالىلىق ئاياللارنىڭ تاپتىن چىقىشى، قوش ئەرلىك بولۇشى ئادەمنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەممىنىڭ يولىدىن چىقىشىدا مەلۇم سەۋەبلەر بار. بىز ئۇلارنى ئەيىبلەشنى قويۇپ، ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىشىمىز كېرەك... بىرىنىڭ ئېرى باشقا بىرسى بىلەن تېپىشىۋالغان. شۇڭا ئېرىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئامالسىز بۇ يولغا ماڭغان. يەنە بىرىنىڭ ئېرى ھاراققا ياكى زەھەرگە خۇمار بولغان، خوتۇنى بىلەن كارى يوق، شۇڭا تالادىن تەسەللى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان. يەنە بىرىنىڭ مودا، چىرايلىق يۈرگىسى بار، بېراق ئېرى نامرات، شۇڭا تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ ئىزلەپ بۇ يولغا ماڭغان. يەنە برى ئاللىقانداقتۇر مەنپەئەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان... لېكىن ھەققانىيەت ئۇلارغا شۇنداق باھا بىرىدۇكى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن پاھىشىلەر... يوشۇرۇن تەن ساتقۇچىلار... بىر پەيلاسوپ: ئاياللاردىن ساداقەت، ئىتىقاد كۆتۈرۈلسە دۇنيا ۋەيران بولىدۇ دېگەنىكەن . مۇشۇ كۈندە نۇزۇگۇمنى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئاجايىپ ياخشى شارائىتتا ياشاپ تۇرۇپمۇ، تۆت تال سېسىق پۇل ئۈچۈن، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئىشتان بېغىمىزنى ئۆزىمىز يىشىپ بىرىۋاتقان تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال بىزلەرنى ئۇنىڭغا سىلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ ئەمەلدار ئوردىسىدىكى، راھەت- پاراغەتلىك تۇرمۇشقا، خوتۇن بولۇش بەدىلىگە ئىرىشىشتىن پاك پىتىچە ئۆلۈشنى ئەلا بىلگەن ئاشۇ خېنىمنىڭ ئەزىز روھىنى تاپقىلى بولارمۇ ؟ ئىزتىراپ ئىچىدە ئەرلىرىمىزگە، ئاتىلىرىمىزغا شۇنداق ئىلتىجا قىلغۇم كېلىدۇ: بەلكىم شۇ تاپتا قىزىڭلاردەك، سىڭلىڭلاردەك، خوتۇنىڭلاردەك ئاياللار بىلەن پاك تېنىڭلارنى بۇلغاپ ۋە ياكى بۇلغانغان تەنلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ پاك تېنىنى تۇنجى بولۇپ بۇلغاپ، ئار- نومۇس، گۇناھ پاتقاقلىرىغا پېتىپ پەيزى سۈرۈۋاتقانسىلەر... بەلكىم يەن بەزىلىرىڭلار جاھاننىڭ بۇ رەپتارىغا كىرمەي، ئازاپ ئىچىدە ياراتقۇچىدىن بىزگە ئىنساپ، تەۋپىق- ھىدايەت تىلەپ، كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ ياشاۋاتقانسىلەر...
w>b-} t ۋادەرىخ!
Y'e eA 2O ئەي ئاتىلار! سىلەرنىڭ تومۇرۇڭلاردا جەڭلەردە ياۋلارغا قېلىچ ئۇرغان، نەيزە ئاتقان، بۆرىنى ھامىلىدار قىلغان، قېنى ساپ ۋە پاكىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ قېنى بار. خوتۇن- قىزلىرى شەرمى- ھايادىن، ساداقەتتىن، ئەخلاقى پەزىلەتتىن ياتلاشقان مىللەتنىڭ ئەركەكلىرى بولۇپ ياشاش، تېخى بەزى ئىشلارغا باش بولۇپ يىشىل چىراق يېقىپ بىرىش سىلەرگە مۇناسىپ ئەمەس. بەلكى ئەرلىك غۇرۇرۇڭلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت. شەرمى- ھايادىن، ساداقەتتىن ياتلىشىپ، تۇمان ئىچىدە قايمۇقۇپ تاشلىغان تۆت تەڭگەڭلار ئۈچۈن ئايىقىڭلارغا يىقىلىپ ، نېمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بىرىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئازغۇن قىزلارمۇ سىلەرنىڭ، سىلەرگە ئوخشاش ئەركەكلەرنىڭ بولغۇسى ئايالى، بالىلىرىنىڭ ئانىسى... بىز قىزلار... بىز ئاياللار كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ زۆرۈر كاپالىتى...
<w\:<5e ' سىلەرنى بالىلىرىڭلارنىڭ قىياپىتىدە دۇنياغا قايتىدىن ئاپىرىدە قىلىدىغان، جاھاننىڭ گۈزەللىكىنى، مۇھەببەتنىڭ شىرىنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ساپ، تازا، بىباھا ئەڭگۈشتەرمىز... بىز نەچچە ئادەمنىڭ ئەمەس، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئانىسى... ئازساق پۇرسەت بىلىپ، ئازمىساق يەمچۈك تاشلاپ، مىللەتنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئاچچىق يېشىڭلار بىلەن يېزىپ چىقمىغايسىلەر! پاكلانغان روھىڭلار، ئاتىلىق، ئەرلىك سۆزۈڭلار، بۈركۈتنىڭكىدەك كۆزلىرىڭلار بىلەن ھەر ۋاقىت بىزنى يىتەكلەپ ۋە ئاسراپ، ئۈمىدىمىز بولغان نەسىللىرىمىزگە شەرم- ھايالىق، ئىپپەت- نومۇسنى قېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىدىغان ئانا، خوتۇن تەييارلاڭلار! مومىلىرىمىزنىڭ مۇنۇ نەسىھەتلىرى قايتىدىن جاراڭلىسۇن!
W5#611 ئەرلەر بىزنىڭ باشپاناھىمىز، ھاياتىمىز ئاسمىنىنىڭ نۇرلۇق قۇياشى!
xA
ggn ^*\XgX مەنبە : بۇرۇنقى پىشقەدەم مۇنبەردىن كومپىيوتىرىمغا ساقلىۋالغان ، پايدىلىنىش قىممىتى بولغاچقا << مىسرانىم مۇنبىرى > گە قايتا يوللىدىم .
.G o{1[