.
1B=>_3_ }8K4-[\ `
~BZ1)@ شىنجاڭنىڭ چەكسىز، ئۆزگىچە، ئاجايىپ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ئاستىدا، نۇرغۇنلىغان « ئەڭ » لەر يېتىشىپ چىققان.
#qBr/+b قاراپ باقايلى:
~B i_7 Q (1) شىنجاڭ دېڭىزدىن ئەڭ يىراققا جايلاشقان . ئۈرۈمچى- ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى دېڭىزدىن ئەڭ يىراققا جايلاشقان چوڭ شەھەر.
*Zk>2<^R (2) ئېلىمىز قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ پەس نۇقتا _ تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئايدىڭكۆل بولۇپ، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 155 مېتىر تۆۋەن. ئۇ جوڭگو قۇرۇقلىقىدىكى ئەڭ پەس جاي، ئۆلۈك دېڭىزدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2- پەس جاي ھېسابلىنىدۇ .
U(>4s]O6 (3) ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇياش نۇرى چۈشكەن جاي _ پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئەڭ غەربىي ئۇچىدىكى ئۇلۇغچات ناھىيىسى سىمخانا كەنتى مەملىكىتىمىزدىكى ئۆتكەن ئەسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇياش نۇرىنى ئۇزىتىپ قويغان جاي.
9!',b>C6 (4) شىنجاڭدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ _ كۇ ئېنلۇن تېغىدىكى چوگىر چوققىسى بولۇپ( دۇنيا بويىچە 2- ئېگىز چوققا ) ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8611 مېتىر.
LNYKm~cN (5) .دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز قۇملۇق _ ئالتۇنتاغ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى بۇيرات قۇملۇقى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4800 - 5000 مېتىردىن ئارتۇق كىلىدۇ.
CY:d`4 (6) ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق _ تارىم ئويمانلىقى. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئۈچ سىچۈەن ئويمانلىقىنى سىغدۇرغىلى بولىدۇ.
A7_4.VH (7) ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق _ تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقى، ئۇنىڭ يەر مەيدانى 337 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر.
21X`h3+= ( 8 ) ئېلىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ لاي ۋولقان تېغى_ شىخو شەھرىنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي يانباغىرىدىكى تاغ ئالدى ئېدىرلىق بەلۋېغىدا يەر مەيدانى 0.5 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان دائىرە ئىچىدە شەكلى ھەر خىل ئوننەچچە لاي ۋولقان تاغ توپى بايقالغان. ئۇ ئېلىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ لاي ۋولقان تېغىدۇر.
dUrElXbXd (9) ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سىلىتسىيلاشقان دەرەخ باغچىسى _ گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ جاڭجۈن گوبى چۆللىكىدىكى تاش دەرەخ جىلغىسىدا بۇنىڭدىن 100 مىليون يىللار ئىلگىرىكى دەرەخلەردىن ھاسىل بولغان سىلىتسىيلاشقان دەرەخ ئورمانلىقى ئاشكارلانغان.
LpbsYl ( 10) ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە زاپاس بازىسى _ شىنجاڭنىڭ ئويمانلىقلىرىدا ناھايىتى مول نېفىت، تەبىئىي گاز ساقلانغان. شۇڭا، ئۇ « نېفىت دېڭىزى » ، « گاز ئىسكىلاتى » دەپ ئاتىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە ، شىنجاڭنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازىنىڭ كەلگۈسى زاپىسى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىكەن.
Uu
s. (11) ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مېتېئورىت تۆمۈر _ شىنجاڭ گېئولوگىيىلىك كۆرگەزمىخانىسىدا ئېغىرلىقى 30 توننا كېلىدىغان بىر مېتېئورىت تۆمۈر بار بولۇپ، ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مېتېئورىت تۆمۈردۇر. ئۇ دۇنيا بويىچە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ.
p{A}pnjf ( 12) مەملىكەت بويىچە يېشىل ياقۇت ( زۇمرەت ) ئەڭ كۆپ چىقىدىغان رايون _ ئالتاي ۋىلايىتى.
CqMhk ئەڭ ئېسىل قاشتېشى - خوتەن قوي مېيىسىمان قاشتېشى بولۇپ، ئۇ جوڭگۇ ۋە چەتئەلگە مەشھۇر.
N
?Q+> ( 13 ) ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى _ تارىم دەرياسى بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2179 كىلومېتىر. ئېقىن كۆلىمى 198 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريا يولى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ « يۈگەنسىز ياۋا ئات » دېگەن نامى بار.
f5*k7fg ( 14 ) ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان دەريا _ ئېرتىش دەرياسى شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمال يۆنىلىشىگە قاراپ ئېقىپ، مەملىكىتىمىز چېگرىسىدىن چىقىدۇ. قازاقىستان ، روسىيىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ ئوب دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ.
olB)p$aH# ( 15 ) ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى_ قارا شەھەر ئويمانلىقىغا جايلاشقان باغراش كۆلىدۇر.
{6;9b-a] ( 16 ) ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاق قۇ كۆلى _ قارا شەھەر دەرياسىنىڭ يۇقۇرىدىكى ئېقىنىدىكى تەڭرىتېغى يۇلتۇز تاغ ئارىسى ئويمانلىقىغا جايلاشقان
^ 2GHe
( 17 ) مەملىكىتىمىز ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭقۇر كۆل _ ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قاناس كۆلىدۇر. -&x2&WE'
( 18 ) ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئىسسىق جاي _ تۇرپان ئويمانلىقىدۇر. ئۇ « ئوت قۇرۇقلۇقى » دەپ ئاتىلىدۇ.1975 يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۆلچەنگەن يۇقۇرى تېمپېراتۇرا 49.6 سىلسىيە گىرادۇس بولغان. 35 سىلسىيە گىرادۇستى يۇقۇرى « ئىسسىق كۈنلەر » يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، يەر يۈزىنىڭ تىمپۇراتۇرىسى 82.3 بولغان سىلسىيە گىرادۇسقا يېتىشتەك رېكورتنى ياراتقان. E907fX[R~
-Xu.1S
مەنبە: « شىنجاڭ » دېگەن ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك كىتاۋىدىن ئېلىندى. {N2g8W:
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=3701&skinco=wind[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]