مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 2178 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تىما : ئـاخــــىـرقـى مـىـــنـۇت(ھېكايە)
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1416
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 0.29%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 29
  ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 5042 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
  ۋاقتى: 366(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-29
  كىرىشى: 2010-07-05

0

 ئـاخــــىـرقـى مـىـــنـۇت(ھېكايە)



باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى چالىقۇش تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-06-02)
 
ئاخىرقى مىنۇت
 

 

(ھېكايە)
 

ئۇچىسىغا قارىلىق كىيىم كىيگەن بىر ئايال ئاستا قەدەم بىلەن زۇمچەك - زۇمچەك قەۋرىلەرگە بىرمۇ بىر قاراپ، ئۆزى يوقلىماقچى بولغان قەۋرىنى ئىزلىمەكتە...  ئايال قەۋرىنى ئاخىرى تاپتى. بۇ قەۋرە، بۇ يەردە بۇندىن ئىككى  يىل بۇرۇن پەيدا بولغان. قەۋرە ئۈستىگە «بۇ يەردە ئاللانىڭ مۆمىن بەندىسى كامال ياتىدۇ....» دېگەن بىر قاتار خەت يېزىلغان ئىدى. گەرچە خەت كۆپ بولسىمۇ،  ئايال پەقەت خەت ئىچىدىن مانا مۇشۇ بىر قۇر خەتنى كۆرۈپلا، يۈركىنى خۇددى ئۈشۈك ھەرىسى چاققاندەك ئېچىشىپ، بېشى پىرقىرىغاندەك بولۇپ، كۆزلىرى ياشقا تولدى، خەتنىڭ ئاخىرىنى كۆرەلمىدى. «كامال» دېگەن بۇ ئىسىم، بۇ ئايالنىڭ يۈرەك قاتلىمىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. كامال بۇ ئايالغا ئۆزىنىڭ سەمىمىي سۆيگۈسى بىلەن بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھېس قىلدۇرغان. ئەپسۇس، تەقدىرنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرى بۇ ئايالغا بەختتىن مەڭگۈ بەھىرلىنىشكە يول قويماي، بۇ ئايالغىمۇ، قەۋرە ئىچىدە ياتقان كامالغىمۇ نۇرغۇنلىغان تۈگۈمەس ئازاپلارنى ئاتا قىلدى. كامال بەلكىم ئاشۇ ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقاندۇر. ئۆتۈپ كەتكەن ئۈچ يىل بۇ ئايالغا نەقەدەر ئازاپلىق، نەقەدەر ھەسرەت بىلەن بىر كۈننى خۇددى بىر ئايدەك ھەتتا بىر يىلدەك ئۆتكۈزدى.  بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللارچۇ؟...

بۇ قەۋرىنى يوقلاپ كەلگەن ئايال ھۆرنىسا ئىدى. ئۇ كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى توختىتالماي، تىزلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن:

«كامال مەن كەلدىم... سىزنى يوقلاپ كەلدىم. مېنى كەچۈرۈڭ!... مەن سىزنى تۈگۈمەس ئازاپقا قويدۇم... كامال... مېنى كۆرۈۋاتامدىغانسىز؟... » ھۆرنىسا ھەر بىر ئېغىز يۈرەك سۆزى بىلەن تەڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ تۆكۈلگەن ياش قەۋرە ئۈستىگە چۈشۈپ، قەۋرىگە سىڭىپ باراتتى. ئۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ كامال بىلەن غايىبانە سىرداشتى...

ھۆرنىسا كۆڭلىدىكى نۇرغۇن گەپلەرنى كۆز يېشى بىلەن تەڭ قەۋرىگە تۆكتى. گەرچە قەۋرە ئىچىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىسىمۇ، لېكىن ھۆرنىسا خۇددى قىلىۋاتقان يۈرەك سۆزلىرىنى كامال ئاڭلاۋاتقاندەك ھىس قىلاتتى، ھەم شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ھۆرنىسا كېچىكىپ بولسىمۇ يۈرىكىنى لەختە لەختە قىلىۋاتقان ئازاپ ، مۇشۇ سۆزلىرىنى كامالنىڭ ئاڭلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتى ھە! ئەلۋەتتە، ھۆرنىسا تەقدىرگە تەن بېرىشتەك ئاجىز پىسخىكىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن كامالنى ھەم ئۆزىنىمۇ تۈگۈمەس ھىجران ئازابى ئوتىغا تاشلىغان. ئەمدىلىكتە بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا تاللىغان يولىنىڭ ئامالسىزلىقتىن تاللىغانلىقىنى، بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان كامالنىڭ قەۋرىسى ئالدىدا تۇرۇپ  ئېيتىش ئارقىلىق ئۆزىگە، شۇنداقلا كامالغا تەسەللىي بەرمەكچى بولدى... كۆزلەردىن تۈكۈلگەن ياشلار تۈگۈمەيتتى.

ئۇ قانچىلىك ئولتۇرغانلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمەيتتى. يېنىدا بىر ئادەمنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى سەزگەندىلا چۆچۈپ، كۆزىنى ئېچىپ، يېنىدىكى ئادەمگە قارىدى. ئۇ ئادەمنىڭ چىرايى كامالغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھودۇكۇشمۇ ياكى باشقا ھېسسىي تۇيغۇدىنمۇ ئەيتاۋۇر يۈرىكى تېخىمۇ تېز سوقۇپ، دەرھال ئورنىدىن تۇردىدە، قول ياغلىقىدا كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ ئارقىسىغا يانماقچى بولۇپ تۇرغاندا، قەۋرە بېشىغا كەلگەن ئۇ ئادەم ئېغىز ئاچتى.

- ھەدە !... مەن ئۇكىسى بولىمەن...

- ھە... سىز .. سىز... – ھۆرنسا ئۇ ئادەمگە تىڭىرقاپ بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېينن، ئۈن سېلىپلا يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ يىغىسى شۇ قەدەر ئېچنىشلىق ئىدىكى كامالنىڭ ئىنىسى دىلشاتمۇ ئۆزىنى تۇتالمىدى.

- ھەدە... بولدى قىلىڭ.. ئاكام كەتتى... بۇ يەردە كۆز يېشى قىلساق يامان بولىدۇ... ئاكام خاتېرجەم ياتسۇن... سىز ... سىز كىم؟

ھۆرنىسا ئۈندىمىدى. دىلشات بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

- سىز ھۆرنىساغۇ دەيمەن.

ھۆرنىسا جاۋاپ ئورنىغا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى...

- ئىسمىڭىز ھۆرنىسامۇ؟...

- شۇنداق...

ئارىنى بىرپەس جىمجىتلىق باستى، ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزى قەۋرىگە تىكىلگەن ئىدى. قەۋرە يەنىلا بۇرۇنقىدەك جىمجىت تۇراتتى.

- ھەدە سىز ماشىنا ئىچىدە ساقلاپ تۇرۇڭ،..

- ماقۇل!...

ھۆرنىسا قەۋرە يېنىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەندەك، قەۋرىگە يەنە بىر بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاستا قەدەم بىلەن بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا ماشىنا تەرەپكە ماڭدى. ھۆرنىسا ماشىنىغا چىقتى.بۇ ماشىنىنى، كامال ھايات ۋاقتىدا ھەيدەپ، ھۆرنىسانىڭ يۇرتىغا بارغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ھۆرنىسا دەل ھازىر ئولتۇغان ئورۇندا ئولتۇرغان، شۇ ۋاقىتتا ھۆرنىسا ئۆزىنى نەقەدەر بەختلىك ھېس قىلغان، مانا ئەمدى ھۆرنىسا ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ. ئاشۇ ۋاقىتتىكى بەختلىك، كۆڭۈللۈك ۋاقىتلار قايتا كەلمەسكە، مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتكەنلىكىگە ئشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇ، ماشىنىنىڭ رولىنى ئىختىيارسىزلا تۇتۇپ، كۆز يېشىنى توختىتالمىدى... ئۇ، كامالنىڭ ھازىرلا يېنىدا پەيدا بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. كامالنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چچىرايىنى ھېچ بولمىغاندا يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋالغۇسى بار ئىدى. ئەپسۇس... ھۆرنىسا كۆزلىرىدىكى ياشلىرىى سۈرتۈۋېتىپ، كامالنىڭ قەۋرىسى تەرەپكە قارىدى. دىلشات مۇڭلۇق ئاۋازدا قىرائەت قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆردى...

دىلشات بىرنەتچچە مىنۇت قىرائەت قىلىپ بولۇپ، قايتىپ كېلىپ ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن:

- ھەدە... سىز بۇ يەرگە قانداق قىلىپ كېلىپ قالدىڭىز؟...  دەپ سورىدى.

راست، ھۆرنىسا قانداق قىلىپ، قايسى كۈچنىڭ تەسىرىدە بۇ يەرگە كېلىپ قالدى؟ ھۆرنىسا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

ھۆرنىسانىڭ سۈكۈتتە تۇرۇپ قالغالىقىنى كۆرگەن دىلشات، سوراشقا تېگىشلىك بولمىغان سوئالنى سوراپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى.

- ئىنىم... توختاڭ... بىردەم پاراڭلىشىۋالساق بولارمۇ؟

- بولىدۇ...

دىلشات ماشىنىنىڭ ئوتىىنى ئۆچۈردى. ھۆرنىسا كۆزىنى كامالنىڭ قەۋرىسى تەرەپكە تىكىپ، بىردەم تۇرغاندىن كېيىن:

- كامال ..... بىرنەرسە دېدىمۇ؟ - دېدى ھۆرنىسا، كامالنىڭ قەۋرىسىدىن كۆز ئۈزمەي تۇرۇپ.

- ھەدە... مەنمۇ سىزگە مۇشۇ گەپنى دېمەكچى بولغان. ئاكام جان ئۈزۈش ئالدىدا، يېنىدا پەقەت مەنلا بار ئىدىم، ئۇ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى جان ئۈزدى. بىر كۈنى ئاكام خىزمەت ئورنىدا تۇيۇقسىز يىقىلىپ قاپتۇ. خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن، بىزگە خەۋەر قىلغان ئىكەن،  دوختۇرلار تەكشۇرۇش ئارقىلىق جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك سانجىقى دەپ يەكۈن چىقاردى. ئاكام بىر كېچە كۈندۈز ھۇشسىز ياتقان ئىدى. 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە ھۇشىغا كەلدى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ، «بۈگۈن چىسلاغا نەچچە؟» دەپ سورىدى. مەن چېسلانى دەپ بەرگەندىن كېيىن، ئاكام «تۈنۈگۈن...» دېگەن گەپنىلا قىلىپ، باشقا گەپ قىلمىدى. شۇ ۋاقىتتا ئاكامنىڭ بەدەنلىرىگە چېتىپ قويغان تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرىدىن نورمالسىز ئاۋاز ۋە نورمالسىز ئەھۋللار چىىققىلى تۇردى. قارىسىام يۈرەكنى كۈزىتىش ئەسۋابى، يۈرەك سوقۇشنىڭ تېزلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسۈتىپ تۇرۇپتۇ. مەن دوختۇرنى چاقىرىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرسام، ئاكام قولۇمنى تۇتىۋېلىپ، بىرنېمە دىگەندەك قىلدى. مەن نېمە دەۋاتقانلىقىنى  بىلەلمەي تۇرسام، ئاكام تېلفون دېگەننى ئىشارە قىلدى. مەن يانچۇغۇمدىن تېلفوننى ئېلىپ بەرسەم، ئۆزىنىڭكىنى ئېلپ بىرىشنى ئۈتۈندى. مەن ئۇنىڭ تېلفونىنى تېپىپ بەردىم. ئۇ، شۇنداق تەسلىكتە نومۇرنى بېسىپ، تېلفوننى قولىقىغا تۇتۇپ بىردەمدىن كېيىن، چىرايى تاتىرىپلا كەتتى، تېلفونمۇ قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. مەن تېلفوننى ئېلىپ تىڭشىسام، ئاكام ئۇرغان تېلفون ئېتىككەن. مەن تېلفوننى قويۇپ، دوختۇر چاقىرماقچى بولۇپ تۇرسام، ئاكام قولۇمنى تۇتۇۋېلىپ، قويۇپ بەرمىدى. ئۇ يەنە بىرنەرسە دېگەندەك قىلدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزلىرى چوڭىيىپ ئاۋازىمۇ چىقماي قالدى. شۇنداقتىمۇ مەن قۇلىقىمنى يېقىن قىلىپ تۇرسام «يېزىق ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىدا بىر كونۋېرت بار... ھۆرنىسا... تاپشۇرۇپ...» دېگەن گەپنىلا قىلدى... – دىلشات، ئېغىر بىر تىنىۋالغاندىن كېين، گېپىنى داۋام قىلدى -  مەن ئاكامنىڭ كىرىشىپ كەتكەن قولىدىن قولۇمنى ئاجرىتىپ، دوختۇرنى چاقىرپ كىرسەم ئاكام ... – دىلشات گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش خۇددى يامغۇردەك تۆكۈلمەكتە...

ھۆرنىسا  يىغلىماقتا... ئۇ ھەقىقىي كۆز يېشىنى تۆكمەكتە. ئۇنىڭ كۆزىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلارغا ئازاپمۇ، پۇشايمانمۇ، ئۆكۈنۈشمۇ، سېغىنىش ھەم تەقدىرنىڭ كاجلىغىدىن نەپرەتلىنىشمۇ سىڭىپ كەتكەن ئىدى...

خېلى ئۇزۇنغىچە ھەر ئىككىسى ئۈنسىز ياش تۈكۈپ تۇرۇپ قالدى.

- ئىنىم ماڭايلى!...

دىلشات ماشىنىنى ھەيدىدى... ئۇلار مەھەللىگە ئاز قالغاندا ھۆرنىسا:

- ئىنىم مېنى شەھەرگە ئەكىرىپ قويامسىز؟ - دېدى.

- بۈگۈنلا قايتامسىز؟

- شۇنداق... مەن قايتىپ كېتەي...

- ماقۇل... سىزگە بېرىدىغان بىرنەرسە بار ئىدى. ئۇ ئاكامنىڭ سىزگە بەرمەكچى بولغان نەرسىسى ئىكەن...

- نېمە ئىكەن؟...

- بىلمىدىم. كونۋېرتقا سېلىنغان نەرسىكەن. قارىغاندا كىتاپتەك قىلىدۇ... ئەسلىدە مەن ئاكامنىڭ ئاخىرقى قېتىم مەندىن ئۆتۈنگەن ئۆتۈنىشىنى، ۋاقتىدا بىجىرسەم بولاتتى. بىراق، ئاكامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، مەن، ئاكامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىدا ئۇرغان تېلفون نومۇرغا قارىسام ئىسمى «ھۆرنىسا» ئىكەن. شۇ نومۇرغا تېلفون قىلغان، ئەپسۇس، ئۇ نومۇر توختىتىۋېتىلىپتۇ. مەن ئاكامنىڭ ماتېرياللىرىنى تەكشۇرۈپ چىقتىم. بىراق، سىزنىڭ ئېنىق ئادرېسىڭىزنى تاپالمىدىم. كونۋېرتنىڭ ئۈستىگە پەقەت «ھۆرنىسغا» دېگەنلا خەت يېزىقلىق ئىكەن. كونۋېرتنىڭ ئېغىزىنى شىلىم بىلەن چاپلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئېچىشقا ئامالسىز قالدىم. مەن شۇ ۋاقىتتا ئاكامنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن، بۇ نەرسىنى پوچتا ئارقىلىق يوللاپ بەرمىگەنلىكىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم...

ھۆرنىسا، دىلشاتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى...

ئۇلار 20 مىنۇتتەك يول ماڭغاندىن كېيىن، كامال ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ئۆيگە كېلىپ، دىلشات كونۋېرتنى ھۆرىيەتكە تاپشۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئايرىدۇرۇمغا قاراپ ماڭدى. ھۆرنىسا يول بويى بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى... ھۆرنىسا نېمە دىيەلىسۇن، مۇشۇ مىنۇتتا ئۆزىنى بىر جاننى ئالغان، ئەزرايىل سۈپەت، ياكى بىر قاتىل ھېس قىلىپ، چوغ ئۇستىدە يالاڭ ئاياق تۇرغاندەك ئازابلىنىۋاتسا. قانداقمۇ گەپ قىلالىسۇن؟!

ئۇلار ئەنە شۇنداق ئۈنسىز يول يۈرۈپ ئايرىدۇرۇمغا يىتىپ كەلدى. ئۇلار ئايرىدۇرۇمغا كەلگەندە، ھۆرنىسا ئولتۇرىدىغان ئايرۇپىلانغا يولۇچىلار چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ھۆرنىسا بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي، پەقەت دىلشاتقا «خوش ئامان بولۇڭ!» دېگەن گەپتىن باشقا گەپ قىلالماي، خوشلۇشۇپلا، ئايرۇپىلانغا قاراپ ماڭدى. ھۆرنىسا ئايرۇپىلاننىڭ ئىشىكىگە بارغاندا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ، دىلشاتقا ۋە كامال ياشاپ ئۆتكەن بۇ شەھەرگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، دىلشاتقا  «خوش» دېگەن مەنىدە قول پۇلاڭلىتىپ قويۇپ، ئايرۇپىلاننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. دىلشات، ئايرۇپىلان كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ئاستا ئاستا كۆزدىن غايىپ بولغۇچە قاراپ تۇردى...

 دىلشات ئۆز ئۆزىگە «ئاكا!!!... مانا سەن ئەقىدە قىلغان ئادەم ئاخىرى سېنى يوقلاپ كەلدى، ئۇنىڭغا سەن بەرمەكچى بولغان نەرسىنى قولىغا بەردىم. خاتېرجام ياتقىن...» دىلشات ئايرۇپىلان ئۇچۇپ كەتكەن تەرەپكە يەنە بىر قېتىم قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتتى...

ھۆرنىسا ئايرۇپىلانغا چىققاندىن كېيىن، كونۋېرتنى ئاچتى. كونۋېرت ئىچىدىن بىر خاتېرە چىقتى. ھۆرنىسا خاتېرىنى ئاۋايلاپ ئاچتى. خاتېرىنىڭ بىرىنچى بېتىدە بىر جۈپ يۈرەك شەكىلدىكى يۇپۇرماق قىستۇرۇقلۇق ئىدى. گەرچە بۇ يوپۇرماق قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق، ئەسلىدىكى يېشىل رەڭگىنى يوقاتمىغان ئىدى. ھۆرنىسا يۇپۇرماقنى قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قاراپ چىقىپمۇ، بۇ يوپۇرماقنىڭ زادى قايسى گۈل ياكى قايسى دەرەخنىڭ يوپۇرمىغى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى. ھۆرنىسا يۇپۇرماقنى جايىغا قىستۇرۇپ قويۇپ، ئىككىنچى بەتنى ئاچتى. بۇ كامالنىڭ قول يازمىسى بولۇپ، كامالنىڭ، شېئىر شەكىلدە يېزىپ قالدۇرغان يۈرەك سۆزى ئىدى.

 

 

خاراپ بولدۇم ھىجراندا، بۇ ھالىمنى بىلەرسەنمۇ؟

مەن خاراپ بولۇپ يۈرسەم، سەن خەۋەرسىز يۈرەرسەنمۇ؟!

ۋىسالىڭغا يېتەلمەي، بۇ دۇنيادىن كېتەرمەنمۇ؟

ۋىسالسىز كېتىپ قالسام، قەۋرەم يوقلاپ كېلەرسەنمۇ؟

ۋىسالسىز كېتىپ قالسام  ئۇ دۇنيادا يېتەرمەنمۇ؟

.................................

 

ھۆرنىسانىڭ كۆزلىرىگە ياش تولۇپ، داۋرامىنى ئوقۇيالمىدى... ئۇ، كۆزىنى يۇمۇپ ئۇرۇندۇققا يۆلەندى. شۇ ھامان قۇلاق تۆۋىدە كامالنىڭ «ھۆرنىسا، ئەگەر بىز بىر كۈنلەردە ئايرىلىپ كېتىپ، مەن بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالسام، سىز مېنىڭ تۇپراق بېشىمنى يوقلاپ قويارسىزمۇ؟» دېگەندە ھۆرنىسا «نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز؟.. بۇنداق گەپنى قىلماڭ. ئەگەر بىز ياش ۋاقتىمىزدا جەم بولالمىساقمۇ، كېيىن چوقۇم ھېچ بولمىغاندا ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە ئۇچرىشىپ قالىمىز... ھا ھا ھا....» بۇ گەپلەر زادى قاچان قەيەردە دىيىلگەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدى. «كامال نېمانداق توغرا ئويلىغان ھە!...»  ھۆرنىسا تەقدىرىنىڭ مۇنداق بولۇپ كېتىشىنى زادىلا ئويلاپ باققان ئەمەس...

ئىككىسى يىراق يىراق ئىككى شەھەردە بولغاچقا ئايرىلىپ قالدىمۇ؟ توغرا! دەل مۇشۇ سەۋەپ بولدى. ھۆرنىسا ئۆيدىكى بىردىن بىر قىز بولغاچقا ئاتا ئانىسى ھۆرنىسانىڭ يىراققا كېتىپ قېلشىنى خالىمىدى...

«ھەي تەقدىر!!!... سەن بىزنىڭ تۇنۇشتۇرغان ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن، كېيىنكى كۈندە ۋېسالغا يېتىشىمىزگە يول قويمىدىڭ!...»

كامال ئاشۇ بىر ۋاقىتتا ئېيتقاندەك، ھۆرنىسا، كامالنىڭ قەۋرىسىنى يوقلاپ كەلدى. بەلكىم كامال نۇرغۇن ئازاپلارنى يۈدۈپ ئۇ دۇنياغا كەتكەندۇ.

  

 

مەنبە: ئىجادىيەت
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئـاخــــىـرقـى مـىـــنـۇت(ھېكايە),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(تارىم) نادىر تىما
  • مۇنبەر پۇلى:+100(چالىقۇش) نادىر تىما
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Tughrul تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-06-02, 15:04
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1819
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
    ئۆسۈش: 2.03%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 203
      ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1238 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 189(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-05

    نىمە سەۋەب مەن بىلەلمىدىم !!!
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

    دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2146
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
    ئۆسۈش: 0.33%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 1
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 504 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 0(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-02
      كىرىشى: 2010-07-03

    ھارمىغايسىز ئەزىز،بۇ ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،ئىپادىلەش تىللىرىمۇ شۇنداق ياخشكەن داۋاملىق ئەسەر يوللاپ تۇرغايسىز.

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 505
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
    ئۆسۈش: 1.6%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 48
      ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 687 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 312(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-05

    بەك تەسىرلىك يىزىپسىز .....قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن .كۆپ رەھمەت ........
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1416
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
    ئۆسۈش: 0.29%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 29
      ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5042 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      ۋاقتى: 366(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-29
      كىرىشى: 2010-07-05

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت ئۇيغۇر شاھ كە 2010-06-02 11:35 PMئەۋەتىلدى :
    تىلى ناھايىتى راۋان ،ئاددىي چىققان مۇھەببەت ھىكايىسى...
    كامال بۇ ماشىنىنى ھەيدەپ "ھۆرىيەتنىڭ"يۇرتىغا بارغانمۇ ياكى "ھۆرنىسا"نىڭمۇ؟

      دىققەتسىزلىكتىن ئىملا خاتا بولۇپ قاپتۇ. شۇنداقلا باشقا بىر ئادەمنىڭ ئىسمىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت.

    دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1207
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
    ئۆسۈش: 3.33%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 10
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 531 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 5(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-28
      كىرىشى: 2010-06-15

    قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن  
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 425
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
    ئۆسۈش: 0.73%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 22
      ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 744 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 57(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-05

    ھىكايىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم! بەك ياخشى يېزىپسىز!
    لېكىن كامالنىڭ زادى نىمە سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، قىزنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى، ئىككىسىنىڭ شىرىن مۇھەببەت تارىخى تېخىمۇ تەپسىلىرەك يېزىلغان بولسا تېخىمۇ تەسىرلىك بۇلاركەن!
    لېكىن ئەسىرىڭىزنىڭ تىلى شۇنداق يېقىلمىق، جەلىپ قىلارلىق يېزىلىپتۇ!
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 120
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە284دانە
    ئۆسۈش: 2.84%
      نادىر تىما: 2
      يوللانما: 284
      ياخشى باھا: 139 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 6494 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      ۋاقتى: 228(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-05

    تىلى ناھايتى ئاددىي، چۈشىنىشلىك ھەم تەسىرلىك چىقىپتۇ، يازمىىلرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن....

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1668
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
    ئۆسۈش: 1.73%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 52
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 573 سوم
      تۆھپىسى: 49 كىشى
      ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
      ۋاقتى: 24(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-06-21

    ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسىۇن
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 682
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 5.03%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 151
      ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1077 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 195(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-07-05

    بۇھىكايە ناھىيىتى ياخشى چىقىپتۇ، لىكىن مەن سەل چۈشىنەلمەي قالدىم، ئۇلار يېڭى ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارمۇ، ياكى چوڭلارمۇ؟ كامالنىڭ ئۈلۈمىگە نىمىدەپ ھۆرنىسا ئۈزىنى سەۋەپچى دەپ ئويلايدۇ؟ ئىككىسى زادى قانداق تۇنۇشۇپ، قانداق ئايرىلغان؟
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

    دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1929
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
    ئۆسۈش: 5%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 15
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 549 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 36(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-01
      كىرىشى: 2010-07-05

    ئاخىرى قېنى !!!!!!!!!!!!!!!     بەكمۇ ئوقۇغۇم كەلدى !!
      بەك  ياخشى چىقىپتۇ؟  ئۇلۇغ  ئاللا  قولىڭڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !!
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12345»Pages: 1/5     Go