مۇھەببەت - مەڭگۈلۇك تىما ،گەرچە ئۇنىڭ ھىجرانى يۈرەكنى تىلىپ پارە قىلىۋەتسىمۇ بىراق كىشى يەنىلا مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ .
- قايتا مۇھەببەتلىشىدىغان بولسام ....،قەسەم ئاداش ھەرگىز -دىدى شەھلا مەرھاباغا
-ئۇنداق دىمە ،مۇھەببەتنىڭ سىھرى كۈچىدىن سەن قۇتلالمايسەن-مەرھابا
-قانداق سىھرى كۈچى بار ؟مۇشۇ ماز ئوغاللىرىڭنىڭ دەردىدە -دىدى شەھلا
-شۇنداق دىگىنىڭگە بۇگۈنلا جۇپتۇڭغا يولۇقامسەن تىخى -دىدى مەرھابا كۈلۇپ
-قانداق ئۈچرايدۇ؟-شەھلا
-ئۈچرىغاندا كۆزلىرىڭ يوغنايدۇ ،قانلىرىڭتىز ئىقىپ ،يۈركىڭ تىز سالىدۇ -دىدى مەرھابا
-ساراڭ
-ئۆزەڭ ساراڭ ،دىققەت قىل جىمۇ ،يۈركۈڭ سالغاندا -دىدى مەرھابا
-يوقال جىن تەپكەن
-خوش
-خوش
شەھلا مەرھابانىڭ گىپىنى ئويلاپ -ھىنىدستاننىڭ كىنوسىغا سۆز قىلسا بولغىدەك -دەپ قويۇپ ئاپتۇس بىكىتىگە قاراپ ماڭدى .بىلەتتە ئادەم جىق ،ئاپتۇس كىلىشىگە كىشلەر ھەسەلگە چاپلاشقان ھەرىدەك ئاپتۇسقا ئىتىلدى .شەھلا ئالدىرماي كۈتۇپ ئەمدى بوشىغان ئاپتۇسنىڭ پەلەمپىيىگە پۇتىنى ئىلىشىغا بىرسى كىلىپ سوقتى ۋە كەچۈرۇممۇ سورماي ئاپتۇسقا چىكەتتى . پۇتى ئاغرىغان شەھلا
-ساراڭ تەلۋە-دىدى
-مىس-مىس !
-قۇيۇندا قالغان ،باشقىلارنى سوقىۋىتىپ تىخى يەنە تىللايدا
-باشقىلارنىڭ يولىنى توسۋالغانلارنى تۇسۋىلىش ئەمەس يىقىتىۋىتىش كىرەك-دىدى ھىلىقى يىگىت ۋە شەھلاغا قاراپ كەلدى .شەھلانىڭ يۈركى سىلىپ كەتتى .يىگىت شەھلانىڭ قىشىغا كىلىپ
-ھۇ چىۋىن ،ئادەمنى زىركىتۇرۇپ لىكىن ھازىر باشقىلارنىڭ يولىنى توسۋالماپسەن-دەپ شەھلانىڭ قىشىدىن كەتتى .شەھلا ئاغرىپ تۇرۋاتقان پۇتى بىلەن كارى بولمايلا
-چىۋىن دىگەن سەن تەلۋە ساراڭ !ياق سەن چىۋىن بولۇشقىمۇ لايىق ئەمەس ،ئوشۇق تۆرلۇپ قالغان ئەخلەت-دىدى ،يىگىت قىزنىڭ قولىنى تۇتىۋىلىپ
-ھەي قىزبالا بولۇپ قاپسەن-دىدى
-قارسام ئۇردىغان چىرايتىڭغۈ ؟ئاباي ئىتتىرۋەتكەن ئادەم ئەمدى نىمىشقا ئۇرالمايسەن ؟-دىدى شەھلا يىگىتكە قاراپ ،يىگىت بىشنى لىڭشىتىپ ئاچچىق كۈلۇپ بۇش ئاۋازدا
-يىگىت خوتۇن خەق بىلەن تالاشمايدۇ -دىدى .شەھلا گەپ قىلماي قولىنى سىلكىپ ئۇنىڭ قىشىدىن كەتتى . بىكەتكە ئاز قالغاندا يىگىت شەھلانىڭ قىشىغا كىلىپ
-ئاباي مىنى ئەخلەت دىدىڭىزمۇ ؟-دەپ سوردى ،شەھلا ئاليىپ
-ھە-دىدى ،يىگىت پىچىرلاپ تۇرۇپ
-مەن ئەخلەت ،سىز پاسكىنا !ئىككىمىز تازا ماس كىلىدىكەنمىز ،مەن ئەخلەت بولساممۇ پاسكىنىغا بەك ئۈچ-دەپلا كىتىپ قالدى .شەھلا ئۇنى تىللاي دەپ بولغىچە ماشنا توختاپ ئۇ چۇشۇپ قالدى ۋە شەھلاغا قاراپ يۇزىنى پۇرۇشتۇرۇپ زاڭلىق قىلدى .
-ۋۇ ھاراملىق !-دەپ قىلىپ قالدى .
بۇ قىز بىلەن تۇنجى كۆرشىشى ئىدى .
كىسەل ياخشى نەرسە بولمىسىمۇ بىراق بەزىدە چىچىلىپ كەتكەن تۇققانلارنى يىغالايدىغان كۈچ-قۇدرەت ئىگە ، سادىق ئاكنىڭ كىسىلى ئىغىرلاپتى ،كۆرۇشمىگىلى 10نەچچە يىل بولغان تۇققانلار ئۇنىڭ بىشىغا ئولاشتى . ئالدىراپ كەلگەن شەھلا بىرسىنى سۇقىۋەتتى ۋە ئۇنىڭغا قارىماستىن
-كەچۇرۇڭ !-دىدى ،بىراق سوقالغۈچى ئۇنى
-چىۋىن -دىدى ،شەھلا قاراپ بۇ بالىنىڭ بىر ئاي ئىلگىركى ئاپتۇستا ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ھىلىقى ئەخلەت ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە گەپ قىلماستىن ئالدىراپ كىتىپ قالدى ،يىگىت-چىۋىن بولمىسىمۇ بولمايدۇ،لىكىن بۇگۈن چىۋىن ئانچە ئوماق ئەمەسمۇ قانداق ؟-دىدى ئۆز-ئۆزىگە
سادىق ئاكىنىڭ بىشىدا سادىق ئاكنىڭ ئانسى،ئاكىسى ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىسى تۇراتتى .سادىق ئاكا قىزى شەھلانىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ
-خان بالام سىزنىڭ تويىڭىزنى قىلىپ ئاندىن ئەزرائىل بىلەن ماڭسام بولاتتى -دەپ يىغلىدى .ھەممەيلەن يىغلىماقتا ،بىراق سادىق ئاكنىڭ ئانسى
-ھازىر ئۆلەمتىڭ ؟ نىمە ھازا ئاچىسەن ؟شەھلانىڭ توينى قىلغۈڭ بارمىتى ؟ ئەتىلا قىلىلى ،ئۆتكۈر ماكە ،بالام ماۋۇ ياتقىنى مىنىڭ ۋاپاسىز مىنى تاشلاپ ئۇرۇمچىگە كىتىۋالغان بالام ،ۋاپاسىزلىقىنى دىمىگەندە ئۆزى ۋە باللىرى ئوبدان . سىنىڭ لايىقىڭ بارمۇ بالام -دىدى ،يىغلاۋاتقانلارنىڭ ئارقىدا ئۇياق -بۇياققا قاراپ تۇرغان بالىغا
-ياق ئانا ،لايىقىم يوق -دىدى بالا ئانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ
-مەن تەپپەگەن قىزنى ئالسەن ئەمسە ، شەھلا بالام مايەگە كەلسە -دىدى ئانا ،شەھلا يىغىدىن ئىششىغان كۆزىنى ئىيىتقاچ چۆڭ ئانسىنىڭ قىشىغا كەلدى ،ئانا شەھلانىڭ پىشانىسىگە سۆيۇپ
-ماۋۇ مىنىڭ باققان بالام ،سەل گەپتانلىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئىسىل بالا ،ئەكىلىڭلار قولۇڭلىنى -دەپ قىز بىلەن يىگىتنىڭ قولىنى تۇتقۇزۇپ قويدى .قىز بىلەن يىگىت بىر-بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى .
رىسىق دىگەن ھە ، بىر-بىرىنى تۇنۇشقا تىخى ئۈلگۇرمىگەن ئىككى ياش ئۈچ كۈن ئىچىدىلا ئەر-خوتۇنغا ئايلاندى .سادىق ئاكىمۇ قىزىنىڭ نىكاھىنى كۆرۇپ تىخى قىزىنى يۆتكىمەستىنلا خاتىرجەم كىتىپ قالدى .توي يەنىلا تويدەك ناھايىتى قىززىدى ،چۇنكى ئانا ئوغلىنىڭ ئۆلىمىنى كۆپچىلكتىن يۇشۇرغان بولۇپ توينىڭ قىلىپ بولغاندىن كىيىن بۇ ئۆي يەنە مىھمانلارغا تولدى .
تەقدىر شۇنداق ئىكەن ئىنسان كۆنمەي ئامال يوق ،شەھلا يىغلاپ تۇرۇپ ھەممىگە چىدىدى،دادىسىدىن ئايرىلدى ،ناتۇنۇش كىشىگە تەگدى ،ئەمدى تۇغۈلۇپ كۆرۇپمۇ باقمىغان قەشقەرگە ماڭماقچى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ بىرنىمىلىنى يۇغۇشتۇرۋاتاتتى .چۆڭ ئانا كىرىپ
-بالام ،بىشلىرىغا ئەجەپ كۈنلەر كەلدى .مانا تۇغۈلغان يۇرۇتلىرىدىنىمۇ ئايرىلىدىغان بوللا بالام ،مەن بالامنىڭ ئارزۇسى دەپ سىلىنى ئويللاشماپتىمەن ،خاپۇلىمىسا بالام ،ئاچچىقلىرى بولسا ماڭا قىلسا ،قەشقەرگە بارغاندىن باشلاپ خوشال كۈنلىرىنى باشلىسا ،ئۆتكۈرمۇ مىنىڭ بالام سىلىمۇ مىنىڭ بالام ،ئۆينى -ئۆي قىلغانمۇ خوتۇن ،بالام ئۆزلىرىنى ھەم ئۆتكۈرنى بەختىلىك قىلسا بالام -دىدى يىغلاپ .
داۋامى بار
مەنبەسى ئۆزۈم