مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3366 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: ئـوغـرى قىـزنىڭ  قەلىـب قـەسىـرى
kapsizkiz
ئالغا ئىنتىل ئۆگۈنۈپ ئۆگتۇپ تۇر
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 42
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 8
ئومومىي يازما: 616
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە616دانە
ياخشى باھا: 178 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 15167 سوم
تۆھپىسى: 129 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1302(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-21
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-03 07:15 PM

1 ئـوغـرى قىـزنىڭ  قەلىـب قـەسىـرى

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى خوك تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-11-11)
_@3?yv~ D  
"ئوغرى قىزنىڭ قەلىب قەسىرى "
[\NyBc  
باشقىلاردىن نۇرغۇن قېتىم مۇھاببەت ئازابىنىڭ بەكمۇ قاتتىقلىقىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىراق، بىرەر قېتىممۇ باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغاچقا بەك ئىشنىپمۇ كەتمەپتىكەنمەن. 0r=:l/Pz  
باشقىلار مۇھاببەت ئۈچۈن ياش تۈكسە <ئەخمەق ،مۇھاببەت ئۈچۈن ياش تۈككەننىڭ ھەمسى ئەخمەق> دەپ ئۇلارنى مازاق قىلىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. hETTD%  
كونىلار <<ئالدىرماڭ يارەي ،سىزگىمۇ بىر كۈنى بارەي>> دەپ بەكمۇ توغرا ئېيتىپتىكەن . eiB5 8b3  
ھەي ھايات قىسىمىتى نېمە دىگەن ئەگىرى -توقاي ھە .... T" Ph@I<  
23 ياشلىق قىسقىغىنە ھاياتىمغا نەزەر سېلۋاتىمەن ،توۋا باشقىلار باللىقتىن تارتىپ ياشلىقىغىچە بولغان مەزگىلىنى بەس-بەستە زوق بىلەن سۆزلىشدىكەن ،بىراق مىنىڭ بۇ 23 ياشلىق ھاياتىمدا مەن مەنىلىك قىلىپ سۆزلەيدىغان بىر مەزمۇن بولسا نىمە دەي . g+gHIb7{  
دادام، ئاپام مەن كىچىك چاغدا ئاجىرشىپ كېتىپتىكەن ،باشقىلار ئاجىرشىدىغان چاغدا N%{&%C6{  
بالىنى مەن ئالىمەن دېسە مەن ئالىمەن دەپ تالشىدىكەن ،توۋا مىنىڭ ئاتا -ئانامنىڭ يۈرىكى تاشمىدۇ بىلمىدىم ،بالىنى سەن ئال دېسە سەن ئال دەپ مىنى بىر-بىرگە ئىتىرىپ ئاخىر بولماي سوتتىن دادامغا بۇيرۇپ بەرسە مىنى كېيىنكى ئايالىنىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىشقا پېتىنالماي ،ئاپسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇپ كارى بولمىغان ئىدى . -[?q?w!?  
مەن پۇل لازىم بولۇپ ئىزدەپ بارسام ئۆگەي ئاپام مىنى ئىشكىنىڭ بوسۇرغۇسىدىن ئاتلاتماي يولغا سالغانلىقى ھازىرقىدەك ئېسىمدە . ye1 kI~LO(  
بىچارە مومام مىڭ جاپادا مېنى ئوقۇتماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق يەتمىشتىن ئاشقان ،يىگىرمە يىل تۇل ئولتۇرۇپ ئىككى بالىنى قاتارغا قوشقان مومايدا نىمە بار دەيسىز ؟ Rt{qbM|b&  
باللىرى بىر -بىردىن ئىسىل دادامغا ئوخشاش تېپىپ قۇيۇپ كارى يوق ،بىچارە موماي يالغۇز، ئاپسى يالمىغان داداسى قارىمغان ئۈچ يىتىمەكنى قانداق بېقىپ بولىدۇ ،شۇڭا باشلانغۇچنى تۈگۈتىپلا ئوقۇشتىن چېكىنىپ دادامنىڭ سىڭلىسنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن توڭگۇز تورپىقى ئويناپ ئون بەش ياشلىق ھاياتقا قەدەم قويدۇم. ,mH2S/<}S  
كىچكىمدىن ئوغۇل باللار بىلەن ئويناپ شۇ ئىككى نەۋرە ئاكامدىن ئاشقان كىيمىنى كىيىپ چوڭ بولغاچقىمۇ ،يۈرۈش تۇرشۇمدىن تارتىپ مىجەزىمگىچە ئوغۇل بالا تارتىپ كەتكەن ئىدى . Eh;SH^&6  
ئىككى نەۋرە ئاكاممۇ بىر-بىردىن شوخ قېنىدا يۈرمەيدىغان بولغاچقا بىز ئۈچىمىز بىر بولۇپ مەھەلىنى بېشىمىزغا كېيەتتۇق ، c;l d  
ھەممىز كىچىك تۇرۇپ ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم بولغاچقا كىم كوچىدا باللىرنى يىتىلەپ ماڭسا شۇ كىشىگەھەم بالسىغا ئۆچلۈك قىلاتتۇق ،شۇ بالىنىڭ ئاتا -ئانسى يېنىدا بولمىسا شۇ بالىنى ئۇراتتۇق ياكى بىر يېرىنى چىمدىۋالاتتۇق ، \k;)m-0bj{  
مەھەلدىكى كوچا چېراقلىرنى چاقاتتۇق ،كىمنىڭ توخوسى سەيناسىدىن سىرتقا چىقىپ قالسا شۇنى ئوغۇرلاپ سېتۋىتەتتۇق . s }q6@I  
خۇلۇم -خوشنىلارنىڭ ئىشىك -دېرىزىلىرنى چاقاتتۇق qy6zHw  
ئىشقىلىپ بۇ ئۈچىمىزنىڭ كۆزىگە نېمە مۇكەممەل كۆرۈنسە شۇنى چېقىپ كەمتۈك قىلاتتۇق ،كاللىمىزدا ياخشى ئىش ئەمەس يامان ئىشلار ئەۋىج ئالغان ،پىسخىكىمىزگە بىر خىل ۋەھىمە چوڭقۇر سېڭىپ كەتكەن ئىدى . u= ( kii=/  
باشلانغۇچنى پۈتتۈرۇپلا ئوقۇتمىغاچقا كوچا داشقاللىرى بىلەن بىرىلىشىپ ئوغۇرلۇق قىلاتتۇق ،بىز ئوغۇرلۇققا كىرىمىگەن ماگېزىن ،ئاشخانا ،موزدۇز خانا قالمىغان ئىدى ،ساقچىخاندىكلەرمۇ بىزنىڭ ئون بارمىقىمىزنىڭ ئىزنى تۇلا ئۈرنەك ئېلىپ ھارمىغان ،بىزمۇ خۇددى راڭپىزخانغا كىرگەندەك ساقچىخانغا تۇلا كېرىپ زېرىكمىگەن ئىدۇق . )|f!}( p  
مومام بىچارە ئۈچ يىتىم نەۋرىسى دەستىدە قان زەردەپ بولغان ئىدى ،بۇرۇندىن مۇمام بىلەن ئىزدىشىپ ،سالام قىلشىپ ئۆتىدىغان خۇلۇم -خوشنىلىرى بىز ئۈچ ئوغرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلشىغا ئۇچۇرغاچقا چوڭ ئانامنى كۆرسە كۆرمەسكە سالدىغان، تېخى بەزىسى قاچىدىغان بۇلشۇپمۇ قالغان ئىدى ، w@Ut[ ;6^  
بىچارە چوڭ ئانام ئاممۋىي سورۇنلارغا بارسا يۈزچىلا باشقىلارنىڭ rgheq 
_سېلىم قېرىنىڭ ئۈچ ئوغرىسى دېگەن ھاقارەتكە ئۇچرايدىغان كۈنلىرمۇ نۇرغۇن ئىدى . f,z_|e  
مۇمام بۇنداق چاغلاردا بۇ ھاقارەتكە چېدىماي مىنىڭ دادامنى ،ئىككى ئاكامنىڭ ئاپسىنى چاقىرىپ كېلىشكە مەجبۇر بۇلاتتى ،بىراق بۇ ئىككى چوڭام ئىشىكتىن كىرە-كىرمەي كالتەك ئېلىپ ئۈچىمىزنى مەھەللىنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە سۈر -توقاي قىلاتتى ،شۇ چاغدا مەھەللىنى قىيا -چىيا قاپلايتتى . h0`@yo  
بۇنداق چاغلاردا چوڭ ئانام تېخمۇ ئازابلىنىپ كەتكەچكىمكىن كېيىنچە بۇ چوڭلارنى چاقىرماس بولدى . |) QE+|?P  
ئۈچىمىزدىن قايسىمىز ئوغورلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ قايتىپ كەلمىگەن كۈننى چوڭ ئانام بىچارە كېچىچە جەينىمازدىن چۈشمەي بىزنىڭ ئىنسابىمىزگە دۇئا قىلىپ يىغلاپ چىقاتتى . C#X|U2$  
مۇشۇ تەرەقىدە كۈنلەر ،ئايلارنى قوغلۇشۇپ ئۆتىۋەردى ،چوڭ ئانامغىمۇ قېرلىق يەتتىمۇ ئىشقىلىپ يۇرۇق دۇنيا بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى ، X.V7od>  
ئۈچ يېتىم يىتىملەر كوچىسىغا يەنمۇ چوڭقۇرلاپ پاتتۇق ،دادام ھەم سىڭلىسى مومامنىڭ ئۆلمىنى ئۇزتۇپ بۇلۇپ بىزنى قەلىب ئالبومىدىن ئۆچىردى بولغاي بىزنى قايتىلاپ ئىزدەپ كەلمدى ،ئۈچىمىزمۇ شۇنىڭغا رازى بۇلۇپ ئۈز ھالاكچىلكىمىز بىلەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزىۋەردۇق ، -#= v~vE  
نەدە ئۇرۇش -جېدەل بولسا تۆت ناننى قولتىقىمىزگە قىستۇرۇپ ئۇرۇشقا جۆر بۇلاتتۇق ،شايكا توپلاپ ئوغۇرلۇققا كېرەتتۇق ،كېچسى ئۆيگە قايتماي ماگېزىنلارنىڭ ئەينەكلىرنى چېقىپ يۈرگىنىمىز -يۈرگەن بولدى. iO4YZ!  
يېشىمىزنىڭ بارغانسېرى چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ئۈچىمىز ئۆزگۈرۈپ باشقىچلا ئادەم بۇلۇپ قالغان ئىدۇق . ?cf9q@eAH  
ھەممدىن بەكرەك ئۆزگەرگىنى ئىككى نەۋرە ئاكام بولدى ،بۇ ئىككسىدىن چوڭنىڭ ئىسمى كامران كىچكىنىڭ ئىمران ئىدى ،كامران ئىمراندىن پەقەتلا بىر ياش پەرەقلىنەتتى ،مەن ئىمراندىن ئۈچ ياش كىچىك ئىدىم !u@e^J{Ao  
دائىم ئۆزۈمنى ئوغۇللاردەك ھىس قىلساممۇ بىراق بۇ ئىككى ئاكام مىنى خۇددى كىچىك قىزلارنى پەپىلىگەندەك پەپىلەپ باقاتتى ،قانداقلا ياخشى نەرسە ئوغۇرلاپ كىرسە ماڭا بېرەتتى ،ئۇلار بىلەن بىرگە ئوغۇرلۇققا چىقاندا بولسا مىنى پەقەت كۆزەتچىلىككە قۇيۇپ قىيىن ،مۈشكۈل ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلاتتى ،بىرگە ئوغۇرلۇق قىلدىغان بازارچى باللارنى ماڭا يوغانراقمۇ قارغىلى قويمايتتى X2!vC!4P?L  
كامران جىمغور ،لىكىن كالىسى ئۆتكۈر ئىدى ،ئىمران قىزىققان ،تەنتەك ئىدى ، MDa 4U@Q  
كامران ماڭا يۇشۇرۇن غەمخورلۇق قىلسا ،ئىمران ئاشكارە ئاسرايتتى . EXUjdJs"  
چوڭ ئانام تۈگەپ كېتىپ ،چوڭلارنىڭ بىز بىلەن كارى بولمىغاندىن كىيىن بىز ئۈچ قېرىنداش بىر -بىرىمىزگە ھەمنەپەس بۇلۇپ جاپاللىق كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدۇق . Js[dT|>.  
كىچىكىمىدىن ئوغۇللارچە ياسىنىپ يۈرگەچكە ھەممسى ئەسلىدىكى شىرىن گۈل دىگەن ئىسمىنى شىر دەپ چاقىرشقا ئادەتلەنگەن ،كۆزۈمىنى يېپىپ تۇردىغان قىرقىم چاچلىرىم بىلەن ئوغۇللارنىڭ پادىچىلار كىيمى ئىسىمغا ماسلاشقان ئىدى ، )xIk#>)  
كۈنلەر ئۆتكەنسىېىر تۇرمۇشىمىزدا پەقەت يېڭىلىق يوق ئۆتىۋەردى ،بىراق ئىككى ئاكام دائىم قىزىرشىپ قالدىغان ،قەستەن بىر -بىرنىڭ سۆزلىردىن قۇسۇر تاپىدىغان گەپ قىڭغىر كەتسە ياقىلشىپ پومداقلىشىپ كېتىدىغان بۇلۋالدى ، +s.r!?49+  
ئىمراننىڭ بۇنداق سەپرا مىجەزىگە كىچىكىمدىن كۈنۈك بولغاچقا ھەيران قالمىدىم ،بىراق كەمسۆز ،ئېغىر مىجەز كامراننىڭ بۇنداق سەپرا بۇلۇپ قېلشى مىنى ئەجەپلەندۈرەتتى ،قانچە ئويلىساممۇ بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر كاللامدىن پەقەت ئۆتمەيتتى ، Jw?J(ig^  
بىر كۈنى كامراننىڭ ئىككى ئوغرىسى بىلەن بىر ئادەمنىڭ يانفون ،پۇل قاپچۇقدىكى بەش مىڭ سومنى ئولجا ئېلىپ خۇشاللىقتا تەبرىكلەش ئۈچۈن نۇرغۇن تەييار يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتىپ كىرسەڭ كامران بىلەن ئىمران ھە دەپ كاناي سىقىشقلى تۇرۇپتۇ ،ئۇلارنىڭ چىرايى قاتتىق ئۈڭۈپ ئۆكسىلى ئۆچكەن ،ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۇپ ئىشىك تۈۋىدە تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم ،مەن بىلەن بىرگە كىرگەن ئىككى شوركا يۈگىرەپ بېرىپ ئۇلارنى ئاجىراتتى ،شۇ چاغدىلا ئۆزۈمگە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئاپسىدەك ئۇلارنى سوتلاشقا باشلىدىم :- 9/TF #  
_نىمە قىلىق بۇ مۇشتىمىمىز خەققە بىكارغا كەتمىسۇن دەپ بىر -بىرىڭگە ئېتىشقىلى تۇردۇڭمۇ ،بىكارچى بۇلۇشساڭ بازارغا چىقىشساڭ بولمامدۇ ،كېلەر قېتىم كىم شۇنداق قىلسا چوڭ ئانامنىڭ ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ كەتسۇن ،دېدىم ئۇلارغا چەكچىيىپ Dsc{-  
_ماڭقا شۇم دىدى ئىمران چېرايىغا زورلاپ كۈلكە ئەكىلىپ |]sh*<:?,  
_چاقچاق قىلشتۇق دېدى كامرانمۇ  RSXYz8{  
بۇ قېتىملىق ئۇرۇش نىمە سەۋەبتىن بولغانلىقى ماڭا نامەلۇم، بىراق بۇ ئىككى ئاكام مىنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قېشىمغا كېلىپ ئەكىرگەن نەرسىلەرنى مەن ھەم ھېلىقى ئىككى شوركا بىلەن بىرگە مەززە قىلىپ يېشى مىنى شاتلاندۇرغان ئىدى . j u`x   
ئۇلارنىڭ بۇ تەمكىن ھالىتىگە قاراپ كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشتى i E>E*!aBg  
بىراق بۇ ئىككسىنىڭ جىدىلى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىگەن ئىدى ،بۇ ئىشلار بۇلۇپ ئۈچۈنجى كۈنى ئەتىگەندە ئىككسى يەنە ۋاقىراشقان پېتى سىرتقا ماڭدى ،ئۇلاردىن نىمىش بولغانلىقىنى سورغان بولساممۇ بىراق ئۇلار ماڭا پەرۋا قىلماي بىر -بىرنى ئېتىرىپ دېگۈدەك سېرىتقا چىقىپ كېتىشتى ، k2o98bK&;  
كۆڭلۈم بىرخىل شۇملۇقنى سەزگەن بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ بۇنداق چۈجە -خۇرازدەك سوقۇشقان ھالىتنى كۆپ كۆرگەچكە ئۆز ئىشىم بىلەن مەشخۇل بۇلۇپ ئولتۇراتتىم ،ئۇلار چىقىپ كېتىپ ئون مىنۇت بولمايلا ئۇدۇل خوشنىمىز پاتەمخان ئاپا ۋاقىرغان پېتى سەيناغا يۈگرەپ كەلدى JlJy3L8L  
_شىر ....شىر {(#Dou  
_شىر چاتاق ..چاتاق ...چاتاق چىقتى ،ئاكاڭ ..ئاكاڭنى ئۆلتۈرۋەتتى -v#0.3zm  
ئاخشام ئىككى ئاكامغا تەييار چۆپ چىلاپ بەرگەن ئىدىم ،ئاخشام ئىش قىلىش خۇش ياقماي قاچىلارنى جايىغا تاشلاپ قويغان ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرۇپ شۇ قاچىلارنى يۇيۇشقا تەمشلىۋاتقان ئىدىم ،بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇلقۇمغا ئىشەنمەي پاتەمخان ئاپايدىن قايتا سوردۇم 0@ []l{N  
_پاتەم ئاپاي نىمىش بولدى دېدىم قۇشۇماممنى تۇرۇپ |GJSAs"L@  
_ئاكاڭ ...ئاكاڭنى ...ئاكاڭنى ئۆلتۇرۋەتتى jh \L)a*  
چاراڭ -چۇرۇڭ قىلىپ قۇلۇمدىكى قاچا يەرگە چۈشۈپ پارە -پارە بۇلۇپ كەتتى FjD`bhw-  
بار كۈچۈم بىلەن سېرىتقا يۈگۈردۇم ،ئادەتتىكىدىن بەكرەك تىز يۈگۈرۋەتمەن ،بىراق پۇتۇمغا تۈگمەن تېشى ئېسىپ قويغاندەك يۈگرۈرشىم قىينلشۋاتقان ئىدى ، Ha {#  
مىڭ تەستە مەھەللە دوقمۇشىغا كەلدىم ،بۇ يەرگە نۇرغۇن ئادەم يىغلىۋالغان ،ئادەم توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ قانغا مىنلىپ ياتقان ئىمراننى كۆردۈم ،ساقچىلار ئالبۇرۇن كېلىپ بولغان ئىدى ،كامران ئەتراپتا يوق ،كاللامداكامرانمۇ يوق ، j4 >1a   
ئىمراننىڭ ئۈستىگە تاشلاندىم ،دوختۇرلار ھەم ساقچىلار مىنى كۈچەپ تارتىۋاتاتتى ،مەن بار كۈچۈمنى يىغىپ ئىمراننى قۇچاقلىدىم ،ئۈنۈمنى چىقىرىپ ۋاقىراپ يىغلاۋاتاتتىم، "HSAwe`5jU  
_ئىمران ..ئىمران نىمە بولدۇڭ گەپ قىلە ،گەپ قىلە ئاكا ،سەن مىنى مەڭگۈ قوغدايمەن دېگەن ئىدىڭغۇ ئىمران ،ساڭا نېمە بولدى ،سىنى كىم ئۆلتۈردى ،ماڭا بىر ئېيتىپ بېرە ئىمران ،ئاكا دە دەپ مەندىن قاخشايتىڭغۇ ،ماقۇل ئاكا دەي ئىمران ئاكا دەي ئورنۇڭدىن تۇرە ئىمران، تۇر دەيمەن. ~YO99PP  
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىمراننى كۈچەپ تەپتىم (بۇرۇنمۇ ئۇ يالغاندىن ئۇخلىغان بۇلۇپ يېتۋالاتتى ،مەن جىلە بۇلۇپ تەپكەندە ئاندىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مىنى غىدىقلايتتى )ئەمما ھازىر ئۇ ئورنىدىن قىمىر قىلماي ياتاتتى ،پاتەمخان ئاپاي ھەم مەھەللدىكى ياشقا چوڭ بىر نەچچە ئاپاش مىنى چەتكە تارتىپ ئېلىپ كەتتى ،مەھەللدىكى كىشلەر ئىمراننى كۆتۈرشۈپ ئۆيگە ئېلىپ مېڭشتى ،ئۇلارغا ئەگەشتىم ،يۈركۈم ئېغىپ پارچلىنىپ كېتىدىغاندەك بۇلۇپ قالغان ئىدى ، *T0{ yI  
_كامران قېىنى دەپ سوردۇم پاتەمخان ئاپايدىن 1 i # .h$  
_بالام سەۋىر قىل ئۇنى ساقچىلار ئېلىپ كەتتى دېدى ئۇ ~Qjf-|  
_نىمىشقا ؟؟نىمىشقا ئېلىپ كېتىدىكەن دەپ ياندۇرۇپ سوردۇم ئاپايدىن k_$:? $  
_ئىمراننى شۇ كامران ئۆلتۇردى بالام دېدى موماي يەڭلىرى بىلەن كۆز ياشلىرنى سۈرتۇپ S?n,O+q  
ئۇچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك ،پۈتۈن جاھاننى زۇلمەت قاپلاپ قىيامەت قايىم بولغاندەك بېشىم قېيىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ،ئۆزۈمنى ئاران -ئاران تۇتۋېلىپ ئۆيگە كېلىپ كارۋاتقا تاشلاندىم ،ئۇنىڭدىن كىيىن نىمىش بولدى ئۇقمايمەن ،بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام پاتەمخان ئاپاي بىلەن ئىمراننىڭ ئاپسى يىغلىغلى تۇرۇپتۇ ،سەينادا يەنە ناتۇنۇش ئىككى ئادەم R@_i$Df|  
توۋا پىلانلىق تۇغۇت بولمىغان بولسا مۇمام جىق تۇققان بولسا بىزنىڭمۇ جىق تۇقىنمىز بولغان بولسا ئىمراننىڭ ئۈلىمى بۇنچىلىك غېرىپ بولماس ئىدى ياكى ئىمرانمۇ ياخشى بالا بولغان بولسا مەھەللە كويدىكى كىشلەر ئۇنىڭ مۇنداقلا كېتىشىگە چېدىماي ھازا ئاچقان بۇلاتتى ھە ، D0NSzCHx  
ھاممامنىڭ ھازىرقى يولدىشى بۇ ئىشنى ئاڭلاپ نۇمۇس قىلىپ كەلمەپتۇدەك ،ئىمراننىڭ ئۆز دادسى ئىمراننىڭ ئاپسىنىڭ ئەينى چاغدا ئۆزىنى ،ئىككى بالسىنى نابۇت قىلىپ سىرتقا قاراپ قالغان ھاممام بىلەن ئاجىراشقاندىن تارتىپ بۇ شەھەردىن كېچىپ كەتكەنمىش شۇڭا ئوغلىنىڭ ئۆلىمدىن خەۋەرسىزمىش :s|" ZR  
دادام بولسا ھاراق ئىچىپ كوچىلاردا يېتىپ قالغاچقا ئۈلۈمگە كېلىشكە لايىق ئەمەسمىش
2Ur9*#~kGp  
@X\-c2=  
ھەي تەقدىر -قىسمەت ،ھەي ھايات چاقپەلكى!!! t/xWJW2  
پەلەك چۆرگىلەپ ئىمراننىڭ ئۆلىمىگە كەلگەندە ئۇنىڭ ،ئۈچەي -باغرىنى يېرىپ ساداقەت كۆرسىتىدىغان جان -جىگەر دوسلىرى ئالا-قاياقلارغىغۇ غايىپ بولغان ئىدى ،ئىمراننىڭ ئۆلىمگە ،مەن، پاتەمخان ئاپاي ،ھاممام ،پاتەمخان ئاپاينىڭ يولدىشمۇ ياكى تۇققىنمۇ ئىككى نامەلۇم ئادەم ھازا ئاچتۇق ،ئۇنىڭ نامزىنى چۈشۈرىشكە ئىماملارنى تەستە قايىل قىلدۇق ،ئىماملارنىڭ دېيشچە ،ئوغرى ،ھاراقكەش ،بەڭگى ئىمراننىڭ نامزىنى چۈشۈرشكە يۈزى چىدىماسمىش ... .=rS,Tpo  
مېيىتنى جىنازىغا سېلىپ ماڭغاندا جىنازىنى پاتەم ئاپاينىڭ ھېلقى تۇقانلىرى كۈتۈرشۇپ بېردىغان بولدى ،يەنە بىر تەرپىنى مەن كۈتۈردىغان يەنە بىر تەرپىنى كۆتۈرۈشكە ئادەم چىقماي ھاممام كۈتۈرۈپ ماڭماقچى بولغاندا اللاھ ئەۋەتىمۇ قانداق كامراننىڭ ئىككى شوركىسى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئالدىمىزدا پەيدا بۇلۇپ مېيىتنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى . uEqL Dg  
يىغا -زار ئىچىدە ئىمراننى باقى ئالەمگە ئۇزتۇپ قويدۇق ،كامران بولسا يەنىلا سۇلاقتا تۇردى ،ئىمران كېتىپ بىر ئاي بولغاندا كامرانغا ھۆكۈم ئىلان قىلىندى ، zyb>PEd.  
ئۇنىڭغا ئېچىلغان سوتقا قاتناشمىدىم ،ھاممام بېرىپ قاتنىشىپ كەلدى ،ھاممانىڭ دېيشچە ئىككىسى بىر تال ئوغىرلىغان يانفۇننى تالشىپ ئۇرشۇپ قاپتىمىش ،پىچاق ئىمراننىڭ ئىكەن ،ئىمران پىچاقىنى شىلتىغاندا كامران تۇتۋېلىپ ئۇنىڭغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغاندا ئىمرانغا كېرىپ كېتىپتىمىش ،كامران بۇ ئىشلارنىڭ راس ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىپتۇ ،سوتتىن ئۇنىڭغا يېگىرمە بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىپ ئۇنىڭ سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىپتۇ ،ئۇنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايتتى ئۈچۈن ئىككى يىل جەمئىي 27 يىل تۇرمىدە ياتارئىمىش . dJ~AMol  
ھاممادىن بۇ گەپىنى ئاڭلىغاندا كامراندىن شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ ،ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم I29aja  
بۇرۇن ئۇنڭغا ئىمراندىن بەكرەك ئامراقلىقىم كېلەتتى ،ئۇنى ھەممە جەھەتتە ئىمراندىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇياتتىم ،قانداق كۆڭۈل سۆزۇم بولسا كامرانغا ئېيتاتتىم لىكىن ھازىر .... Kxs_R#k  
ئاچچىق ھاياتىمغا ئېچىنىپ قانىتى سۇنغان بىر كىچىك قۇشقا ئوخشاپ قالغان ئىدىم ،بارچە نەرسە كۆزۈمگە شۇنچىلىك رەزىل ،شۇنچىلىك كۆرۈمسىز كۈرنەتتى ، "SGq$3D  
ھاممامنىڭ مىنىڭ ئۆيۈمدە تۇر دېيشىگە ئۇنماي ،چوڭ ئانامنىڭ بۇ غېرىپ تاملىرى چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ ئېغىزلىق كەپىسدە تەنھا ياشىماقتا ئىدىم ،كامران بىلەن ئىمراننى ئويلىساملا كۆز ئالدىمدا ياش ئەگىيتتى ro:B[XE  
كىچكىمدىن ئۆزۈمنى ئوغۇل بالدەك قەيسەر ھىس قىلاتتىم ،تېخى ئوغۇل بالىدا يوق جاسارەت مەندە بار دەپ جار سالاتتىم ،يىغلاش قىزلارغا خاس دەپ كۆزۈمدىن قەتئىي ياش چىقارمايتتىم ،چوڭ ئانام تۈگەپ كەتكەندە ئىمران كۈلۈپ تۇرۇپ 1yHlBeEC  
_ھەي سىنى قىز بالا دېسەم ئىشەنمەيسەن تەن ئال، قارا مىشچان قىز بالا سەن دېگەن ئىدى ،مەن ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ WBcnE( zF  
_تاش يۈرەك چوڭ ئانام ئۆلۈپ قالسىمۇ نىمىشقا يىغلىمايسەن دېسەم ئۇ تېخىمۇ بەك كۈلۈپ O2z{>\  
_كالۋا قىز چوڭ ئانام ئازاتقا چىقتتى ،ئۈچ ئوغرى، يېتىمەكنىڭ دەردىنى تارتىپ ،كىشلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ ،ئوغلىنىڭ مەس بۇلۇپ كوچىدا يېتىپ قالغان ھالىتىنى ،قىزنىڭ يات ئەرلەردىن تاياق يېگىنى كۆرۈپ يۈركى پۇچلانغاندىن ئۇ ئالەمدە خاتىرجەم ياتقىنى ياخشى ئەمەسمۇ ،بىز سېغىنساق مازالىققا بېرىپ يوقلاپ كېلىمىز ،بىچارە ئازابتىن ،غەمدىن ،ئەندىشدىن قۇتۇلدى دەپ ياش تۆككەن ئىدى 'vbrzI5m  
شۇنىڭدىن كىيىن چوڭ ئانام ئۈچۈن ياش تۆكمەس بولغان ئىدىم ،بىراق ئىمران ئۈچۈن ئۆزۈمگە شۇنچىلىك تەسەللىي بېرەي دېسەممۇ بىراق كۆز ئالدىمدا بۇ ئىككى قېرىندىشىم بىلەن بىرگە تامغا ياماشقىنىمىز ،كىشلەرنىڭ ئۆيگە ئوغۇرلۇققا چۈشكەندە قىلغان تاتلىق قىلىقلىرى ،قانداق چېرايلىق نەرسە تېپۋالسا ماڭا مىھىرلىك قەلبى بىلەن بېرىشلىرى كېلۋېلىپ مىنى ئازابلايتتى ، Q7u/k$qN  
كامراننى شۇنچىلىك يوقلاپ كەلگۈم كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ئۆز ئىنسىنى ئۆلتۈرگەندىن ئىبارەت ھەقىقەت كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا كۆڭلۇم پەقەت ئۇنمىدى ، j 0^% 1  
ھەي ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ تۈرمىگە كىردىغانلار تۈرمىگە قامىلىپ ئۆي ماڭا قالدى ،قۇرسقۇمدا ئۇماچ ،قۇلۇمدا ھۈنەر بولمىغاچقا يەنە كونا ئۇسۇل بىلەن جان باقماقچى بولدۇم ، 3QNu7oo  
توۋا دەيمەن ،ئاي چىقان كۈنلىرى پەقەت ئوغۇرلۇققا چىقىم كەلمەيتتى ،پەقەت ئاي قاراڭغۇسدىكى ۋەھىمىدە كىشلەرنىڭ ئۆيگە ئارتىلىپ كېرىپ پۇل -پۈچۈكلەرنى ،پۇلغا يارغۇدەك نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئۆيدىكى ئەڭ مۇكەممەل ،ئەڭ چېرايلىق نەرسىلىرىنى يا ئەپچىقىپ چېقىۋېتەتتىم ،يا بۇزۋېتەتتىم ، f,S,35`qa  
كۈندە ئامەت ئوخشاش بۇلىۋەرمەيدىكەن ، ,ddoII  
بىر كۈنى كۈندۈزدە بىر مودا ياسانغان نايناقىنىڭ سومكىسنى ئاختۇرۋاتقان نەخ مەيداندا ساقچىلار قۇلىغا چۈشۈپ قالدىم t]dtBt].:  
بۇ رايۇننىڭ بۇرۇنقى ساقچلىرىنىڭ ھەممسى مەن قاتارلىق بىر قاتار ئوغۇرلارنى ئوبدان بىلەتتى ،ھەر ئايدا ئۇلارغا ئىككى -ئۈچ مىڭ بەرسەكلا ،ئوغۇرلۇق قىلساقمۇ كۆزىنى قىسىپ ساقچىخاندىن چىقمايتتى ،شۇڭا بۇ رايۇندا ئۆزىمىز خان ،ئۆزىمىز بەگ ئىدۇق ،بىراق بۈگۈن ئىككى ئاقپىشماق ياش ساقچىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالدىم ،ئىلگىرى بۇلارنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ئۇلارغا ئارتۇقچە قارشىلىق كۆرسەتمەي ئۇلار بىلەن بىرگە ساقچىخانغا باردىم TV&:`kH  
بۇ ئىككى ياش ساقچى ئۆزى بىلەرگە مىنى سوراق قىلشىقا باشلىدى . s @AGU/v  
_ئىسمىڭ نېمە ؟دەپ سوردى ،ئاغزىدىن ئوغۇز سۈتى پۇراپ تۇردىغان ،قىرقىم چاچ ،يوغان كۆز ،نازۇك باۋيۈ چېراي بىرى ، ئۇنىڭ چېرايىغا قاراپ شۇنداق كۈلگۈم كەلدى، يەنە بىرسى ئۇنۇڭدىن قېلىشمىغدەك ئاقپىشماق ،قاشلىرى ئەگىم ،بەللىرى ئىنچىكە ،بارماقلىرى ئۇزۇن ئىدى nd~cpHQR^  
ئىككىسى مىنى مەنستمىگەندەك تاماكىنى قىڭغىر چىشلاپ يەنە سوراشقا باشلىدى >ucVrLm,X  
_ئىسمىڭ نېمە دەپ سوراۋاتىمەن ؟دېدى باشتا سۇئال سورىغان ساقچى ئۈنلۈك ۋاقىراپ !'yCB9]O  
_راس ئىسمىممۇ ياكى تەخەللۇسۇممۇ دەپ سوردۇم خۇش ياقمىغان تەلەپپۇزدا z`)i"O]-K_  
_راس ئىسمىڭ ؟دېدى ئۇلار سەل جىلە بۇلۇپ DcjF $E  
_شىرىن گۈل دېدىم سوزاپ (T&rvE  
ھەر ئىككى ئاقپىشماقىنىڭ چېرايى ئۆڭۈپ چۈچۈپ كەتتى c:[z({`  
_نې..نېمە ...نېمە دېدىڭ..دىڭىز دېدى تەستە ئۇزۇن بارماق ساقچى )(^L *  
_شىرىنگۈل b-'T>1V  
_سىز قىز ..قىز بالىمۇ ؟دەپ سوردى باۋيۈ خۇجام abs\Ku9  
-قىز بالا بۇلامدىم ئوغۇل بالا بۇلامدىن نېمە كارىڭ ،چاققان باشلىقڭىنى چاقىر دېدىم بۇيرۇق تەلەپپۇزدا i!AFXVX  
گېپىم ئۇلارنىڭ ئورغۇسىنى قايناتتى بولغاي گەپ قىلالماي ئۈڭسىلى ئۈچۈپ تۇرشىغا ،مەندىن ھەر ئايدا پۇل ئالدىغان بۇ يۇرتتىكى بارلىق ئىپلاسلىقلارغا يول قۇيۇپ ھارامنى يەۋېرىپ ھارام پاتماي قۇرسقى يوغناپ كەتكەن قارامالتاق ساخچىخانا باشلىقى ئەختەر كېرىپ كەلدى ،ئۇ مىنى كۆرۈپلا بىر خىل ئوڭايسىزلاندى بولغاي قول ئاستىدىكلەرگە IF>dsAAI<  
_چىقىپ تۇرۇڭلار شىرنى ئۆزۈم سوراق قىلمەن دەپ ئۇ ئىككى ئاقپىشماقىنى چېقىرۋەتتى (SH< ]@s  
ئۇلار چىقىپ كېتىشىگە ئەختەر قېشىمغا كېلىپ قۇلۇمدىكى كويزىنى ئېچىپ ماڭا خۇشامەت قىلغىلى تۇردى ON.1'Wk?  
_ئۇكام خاپا بولما بۇلار يېڭى كەلگەن ،بۇندىن كىيىن ئۇلار دېققەت قىلسۇن دېدى B z7rf^H`Z  
_بۇندىن كىيىن ؟بۇندىن كېيىنكىسمۇ بۇلامدۇ ؟دەپ سوردۇم ئەختەردىن h vC gd^M  
_يا ..ياق خاتىرجەم بول ئۇكا ئەمدى بۇنداق ئىش تەكرارلانمايدۇ دېدى ئۇ مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ 5*~]=(BE  
مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ئىشكىنى "جاڭ "يېپىپ تاقىلداپ دەسسەپ ساقچخانىدىن سېرىتقا قاراپ ماڭدىم Xyz w.%4c  
ساقچىخانا چوڭ ئىشكىدىن ئەمدى چىقىپ تۇرشۇمغا بىرسىنىڭ كەيىنمدىن چاقىرغان ئاۋازاى ئاڭلاندى c3L)!]kB  
_شىرىن گۈل ...ھەي شىرىن گۈل N*B_ or  
مىنى ئەزەلدىن بىرسى بۇنداق چاقىرىپ باقمىغاچقا ئىسمىنىڭ شىرىن گۈل ئىكەنلىكىمۇ ئىسىمدە يوق ئىدى خىيالمدا يوق كېتىپ بارسام بىرسى مۈرەمگە يىنىك نوقىدى ئىتتىك بۇرلۇپ كەينىمگە قارسام بايقى باۋيۈ قېشىمدا تۇراتتى ، k Q Sx65  
ئەرۋايىم قېرىق گەز ئۆرلىدى ?FV>[&-h#I  
_نېمە ؟بىر نەرسەڭ مەندە قاپتىكەنمۇ دېدىم قاپقىمنى تۈرۈپ G (Ky7S Z  
_ياق دېدى يىگىت مۇلايىم بىرخىل ئاھاڭدا hxT{!g  
_ئەمسە نېمە دەيسەن دېدىم سەپرالىق بىلەن BQOit.  
_ھىچ ..ھېچنىمە شۇ سىز بىلەن پاراڭلىشاي دېگەن دېدى ئۇ يېگىت >>>&{>}!  
كۈلگۈم كەلدى ،بىر ئوغرى بىلەن بىر ساقچىنىڭ پارڭلىشى XCP/e p  
_قىزىپ قالمىغانسەن ،پاراڭلىشىپ نېمە قىلاتتىڭ ،بايا باشلىقىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بولغان گەپ بولسا شۇنىڭدىن سورا دېدىم ئوياق -بۇياققا قاراپ قۇيۇپ K{vn[}  
_بىلدىم ،بىراق سىز بىلەن دوستانە پاراڭلاشقۇم بار ئىدى دېدى ئۇ سەممىيلىك بىلەن lx)Bj6  
ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈلۈك چىقىپ تۇردىغان نۇرلۇق كۆزلىرى مىنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشقا ئۈندەيتتى .شۇندىمۇ بۇرۇنقى ھاكاۋۇرلۇقۇم تۇتۇپ ]b+Nsr~  
_ئوغرىغا گەپ قىلغاننىڭ ئۈزى ساراڭ ،ئىككىمىزنىڭ ئورتاق تېمىمىز بولمىسا نىمنى پاراڭلىشمىز دەپ سوردۇم ، ?as1^~  
ئۇ سەل تۇرۋالغاندىن كىيىن }w|a^=HAp  
_سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي ،پاراڭلىش جەرياندا ئاندىن ئورتاق تىما چېقىدۇ دېدى V Kw33  
ئۇنى يەنە رەت قىلماقچى بولدىميۇ بىراق يۈركۈم گۈپۈلدەپ سوقۇپ ،يۈزۈم قىزىرىپ تىلىمغا گەپ كەلمەي قالدى ،ئۆزۈمگە ھەيران قالدىم ،مەندە ئەزەلدىن بۇنداق جىدىلىشىش بۇلۇپ باقىمغان ئىدى E3~Wyfd7  
ئۇ ساقچى يېگىتنىڭ يول باشلىشى بىلەن بۇ شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىسىگە جايلاشقان ئۈچ قەۋەتلىك ،مۇھىتى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا بىزەلگەن بىر تىز تاماقخانغا كىردۇق 0Mo?9??  
مىللىيچە كىيىنگەن بىر مۇلازىم قىز قېشىمىزغا كېلىپ بىزگە چاي قۇيغاندىن كىيىن بىزنىڭ نېمە تاماق يەيدىغانلىقىمزنى سوردى ،يىگىت بىزگە لازىملىقىنى بۇيرۇپ بولغاندىن كىيىن مىنى چايغا تەكلىپ قىلدى ،مەن پىيالىنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئەمدى چاي ئىچشىمگە ئۇ qX%oLa  
_سىز نىمىشقا ئوغۇرلۇق قىلسىز دەپ سوردى ، #GVf+8"  
ئاغزىمغا ئەمدى چاينى ئېلىپ تۇراتتىم چاينى ئۇنىڭ ئۈستى -بېشىغا پۈركەپ سالغىلى تاس قالدىم ،ئۇنىڭ سۇئالى مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك بىمەنە تۇيۇلدى C25EIIdRb  
_قىزىقچىكەنسىزغۇ ،مېنىڭ يە ئېلىپ قويغان خوتۇنۇم يوق مىنى باقىدىغان ،يە قۇرسقۇمدا ئومچۇم ،يە قۇلۇمدا ھۈنۈرۇم بولمىسا ئوغۇرلۇق قىلماي نىمش قىلىمەن دېدىم ئۇنىڭغا چەكچىيىپ {;2Gl$\r  
ئۇ ئوزاق ئولتۇرۇپ كەتتى ،مۇلازىم قىز تاماقىنى ئالدىمىزگە ئەكلىپ تۇرشىغا يەر تېگىدىن ماڭا قاراپ H[e=^JuD  
_سىز ئوغۇل بالىچە ياسنىپ ،ئوغۇللارچە چاچ قۇيۇپ يۈرسىڭىزلا ئوغۇل بالا بۇلۇپ قالامسىز دەپ سوردى OH_mZA  
_بۇ توغۇرلۇق ئويلۇشۇپ باقماپتىمەن دەپ جاۋاب بەردىم T4e-QEH  
_سىز مۇشۇنداق يۈرسىڭىز ئاتا -ئانىڭىز قارشى تۇرمامدۇ دەپ سوردى ئۇ 1${rQ9FIF  
_خى ..خى مىنىڭ قارشى تۇردىغان ئاتا -ئانام بولمىسا دېدىم يالغاندىن كۈلۈپ ' 
_سىڭلىم ،سىز قىز بالا ئۆز ئەسلىڭىزنى تېپىڭ ،سىز بىر ئۆمۈر بۇنداق ئۆتۈپ كەتمەيسىز ،كىيىن تۇرمۇشقا چىقشىڭىز ،پەرزەنتلىك بۇلشىڭىز مۇمكىن شۇ چاغدا ،بالىڭىز سىزدىن ياشلىق ئۆتمىشىڭىزنى سۆزلەپ بەر دېسە ئۇلارغا ئوغۇرلۇق قىلغىنىڭىزنى ،ئوغۇللاردەك ياسنىپ كىشلەرنىڭ يانجۇقىنى كورلاپ جان باقىنىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشتىن ئۇيالمامسىز ؟سىز يالغۇز ئۆزىڭىزگە ئەمەس بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلسىز ،چاچلىرىڭىزنى مۇشۇنداق قىرقىپ يۈرسىڭىز سىز قايسى مىللەتكە ،قايسى دۆلەتكە تەۋە ئادەم بۇلسىز ؟سىز قايسى مىللەت ؟نەدە ياشاۋاتسىز ؟ياشاش مۇددايىڭىز نېمە ؟كەلگۈسىڭىزنى ئويلىمامسىز ؟ئانا بۇلۇشنى، ئىللىق ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنىت تەربىيلەپ مىللەت ئۈچۈن ،دۆلەت ئۈچۈن ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربيلەشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟سىز ياشلىقىڭىزنى مۇشۇنداق قاراڭغۇ كوچىلاردا ئۆتكۈزمەكچىمۇ ؟سىزدىن نۇمۇس قىلۋاتىمەن ،سىزدەك بىر قىز بىلەن بىر يۇرۇتلۇق ،بىر مىللەت ،بىر دۆلەتتىن بۇلۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن نۇمۇس قىلۋاتىمەن ،بايا سىزنىڭ قىز بالا ئىكەنلىكىڭىزنى ئاڭلىغاندا سىزنى نەچچە كاچات ئۇرماقچى ئىدىم ئاۋۇ پىسپاس باشلىقىمىز يول قويماي سىزنى قۇيۇپ بېرىپتۇ ،قالغان گەپلەرنى ئەمدى دەپ ئۆزۈمنى ئۇپۇرتۇپ ئولتۇرماي ،ئۆزىڭىز مۇنۇ تاماقنى يېگەچ ياخشى ئويلۇشۇڭ ھەمراھ بۇلالمايدىغان بولدۇم ھىساباتنى قىلۋېتىمەن خوش دەپ چىقىپ كەتتى ئۇ n]< >$  
ئۇنىڭ كەينىدىن ھاڭۋېىقىپ قاراپ قالدىم ،كاللام قۇپقۇرۇق نېمە ئويلاۋاتىمەن بۇنسى ماڭا قاراڭغۇ ،بۇ ئاشپۇزۇلدا قانچىلىك ئولتۇرغۇنۇمنىمۇ بىلمەيمەن ،بىر چاغدا مۇلازىم قىزنىڭ تاماقخاننى تاقايىمىز دېگەن ئاۋازى بىلەن ئېسىمگە كېلىپ سېرىتقا چىقتىم ھەممە ياق قاپقاراڭغۇ ،پەقەت كوچا چېرغىنىڭ غۇۋا يۇرتۇپ تۇرشى بۇ شەھەرنىڭ جىمجىت مۇھتىغا ئازراق تەسەللىي بېرىپ تۇراتتى ،ئۆيگە مېڭىپ كەلدىممۇ بىلمدىم ،كاللام قۇرۇق ،ئويلىغان خىيالىنىڭ تايىنى يوق، بىراق زىھنىمنى زادىلا يىغالمايۋاتىمەن ،ئوخلىماقچى بولدۇم ،كۆزۇمدە لىق ئۇيقا بىراق كاللام ئارام ئالمايۋاتقان ئىدى ، lmbC2\GT  
بىر كېچە بىئاراملىق ئىچىدە تاڭنى مىڭ تەستە ئاتقۇزدۇم ،ئەتگەن بەش بىلەنلا تۇرۇپ ئەسلىمگە كېلىش ئۈچۈن ئۇزاق سۈپۈرگە تەگمىگەن ھويلا -ئاراملارنى تازلىدىم ،كونىراپ تاملىرى ئىسلىشىپ كەتكەن ئۆيلەرنى تازلىدىم ،بىراق ساقچى يىگىتنىڭ سىماسى بىلەن سەن ئانا بولمامسەن ؟ئانا بولساڭ باللىرىڭغا ياشلىقمدا ئوغۇرلۇق قىلدىم دەپ سۆزلەپ بېرەمسەن دېگەن سۆزلەر كېرۋېلىپ مىنى قىينايتتى . of<(4<T  
ئاش -نانسىز بىر كۈننى ،ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدۇم كۆزۈمدە ئەلەم ئەپسۇسلۇنۇش يېشى ،يۈركۈمدە يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن ؟ @\}w8  
كەلگۈسۈم قاراڭغۇ -زۇلىمەت '>U&B}  
ساقچى يېگىتنىڭ سۆزلىرنى قايتا ئويلاندىم ،ئۆزۇمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تۇنماقچى، قايتىدىن ئادەم بۇلۇش نېيىتىگە كەلدىم ،غەيرەتكە كېلىپ چوڭ ئانامنىڭ ئىلگىرىكى چوڭ مومايلارغا خاس كېيىملىرنى كىيپ سىناپ باقتىم ،باشقىچە ئادەمگە ئۆزگۈرۈپ قالغاندەك ھىس قىلساممۇ بىراق يە ئەرگە ئوخشىمايدىغان يە ئايالغا ئوخشىمايدىغان ھالەتتىن مىڭ ئەۋزەل كۆردۇم ،ئىككى كۈن ئۆيدە چوڭ ئانامنىڭ كىيىمنى كىيىپ سىناپ باقتىم ،ئۆيلەرنى تازلاپ خېلى بىر ھاياتلىق مەۋجۇت ماكان تۈسىگە كىرگۈزدۇم ، [:"7B&&A  
يىگىتنىڭ نەسھىتىنى ئاڭلاپ ئويلۇنۇپ بىر ھەپتە بولغاندا سېرىتقا چىقىپ ھالال پۇل تاپماقچى بۇلۇپ ئاتلاندىم ،مىڭ تەستە بىر تاماقخانا ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ خىزمەتچى ئالدىغان ئالمايدىغانلقىنى سوردۇم ،ئۇلارنىڭ مۇلازىم قۇبۇل قىلغۇچسى مىنى قۇبۇل قىلاي دېيشىگە بىر مۇلازىم كېلىپ ئۇنىڭ قۇلقىغا پىچىرلىدى ،شۇندىلا ئۇ كېشىنىڭ قۇشۇمىسى تۈرلۈپ ^- H  
_ساقتىپەز ئوغرى ،ئەمدى ئايالچە ياسنىپ ئوغۇرلۇق قىلاي دېگەنمۇ ،تاس قاپتىمەن بۇ ئوغرىنىڭ دامىغا چۈشكىلى چىقىپ كەت دېدى 0)HZ5^J  
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى يۈركۈمگە نەشتەر بۇلۇپ سانجىلغان بولسىمۇ بىراق ئۆزۈمنىڭ بىر ئوغرۇلۇق ھاياتنى باشتىن كەچۈرگەن ھەقىقىتىم بۇنىڭدىن غالىپ كېلىپ ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتىم ،ئىككىنجى ،ئۈچۈنىجى ئاشپۇزۇللارغا باردىم ،ئوخشاشلا ھاقارەتلىنىپ چىقىرۋېتىلدىم +hL%8CVU M  
توۋا پىشانەمگە يە ئوغرى دەپ يېزىقلىق بولمىسا بۇلارنىڭ مىنى بۇنچلىك يامان كۆردىغانلقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ،مەنمۇ ياخشى ئادەم بولمىغان زادى، Pgo^$xn'6  
بىر كۈن ..ئىككى كۈن ....ئۈچ كۈن ھەممە ماگېزىن ،.ئاشخانا ..سەيپۇڭخانلاردىن قوغلاپ چىقىرىلدىم ،كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى ،ياغلىق قاپاق مەڭگۈ ياغلىق قاپاق دەپ مەن بىر ئۆمۈر ياغلىق قاپاق بۇلۇپ ئۆتىدىغان ئوخشايمەن دېگەن قاراش كاللامغا سېڭىپ كەتتى Qs #7 
ئۆيگە كېرىپ نەچچە كېچە ئۈنسىز يىغلاپ چىقتتىم ،اللاھقا نالە قىلدىم C/{%f,rU  
ئىھ ...ياراتقۇچى ئىگەم يامان ئادەم ياخشى يولغا ماڭماقچى بولسىمۇ يول نىمانچە تارلىق قىلدۇ ،ماڭا نىجاتلىق يولى زادى يوقمۇ ؟يەنە ئوغۇرلۇق پاتقىقىغا پېتىپ ياشارمەنمۇ ؟ t` f.HJe  
نەچچە كېچە ئويلىنىش ئارقىلىق خوشنىمىز پاتەم ئاپايدىن ياردەم سورماقچى بولدۇم 4lsg%b6_%,  
_ۋاھ باللام شۇنداق قاراشقا كەلگەن بولساڭ قۇلۇم كۆكسۇمدە ،ئالدى بىلەن ساڭا ئىككى مىڭ سوم قەرىز بېرەي ،سەن بىر قول ھارۋىسى سېتۋال ئاندىن ،تۇرمۇش لازىملىقىدىن ،پايپاق ،تىرناق ئالغۇچ ،قۇلاق كورلۇغۇچ ،ئەينەك ،تارغاقلارنى توپ بارزارغا بېرىپ سېتۋېلىپ كوچىلاردا پارچە سات ،بۇ ئىش ساڭا تازا ماس كېلدۇ دەپ مەسلھەت بەردى ئاپاي . -+,3aK<[  
  cwC-)#R']  
شۇ كۈننىڭ ئەتسى ئاپاي بىلەن بىرگە قول ھارۋىسى بازىرغا بېرىپ بىر قول ھارۋىسى سېتۋالدۇق ،ئاندىن توپ بازارغا بېرىپ نۇرغۇن تۇرمۇش لازىملىقى سېتۋېلىپ ئاۋات كوچا ئولتۇرسىغا جايلاشتۇرۇپ ماللارنى چېرايلىق تىزىپ چىقتۇق ، *)82iD  
قول ھارۋام ئۈستى باشقىچە تۈسكە كىردى ،ئاپاي رازى بولغاندەك مىنى قول ھارۋىسغا قارتىپ قۇيۇپ ئۆيگە كەتتى ،ئەزەلدىن بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقمىغاچقا بىرخىل ئوڭايسىزلاندىم ،بىرەر كىم نەرسە ئالماقچى بۇلۇپ باھاسىنى سورسا كېكەچلەپ تەستە جاۋاب بېرەتتىم wu`P=-  
تۇنجى كۇنى 20 يۈئەنلىك سودا قىلدىم ،ئاز بولسىمۇ ھالال مىھنەت بولغاچقا شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم ھەم بۇ پۇلغا بىر تال يۇڭ ياغلىق سېتۋېلىپ پاتەم ئاپايغا بەردىم ،پاتەم ئاپاي ھەممە قەرزىنى مەندىن قايتۇرۇپ ئېلىپ بولغاندەك خۇشال بۇلۇپ ياش تۈكتى _I A{I  
ئۇمۇ ماڭا بىر قۇر قىزلارنىڭ قارا رەڭلىك ئۇزۇن كۆينىكى بىلەن خىنە چېچىكى رەڭلىك ياغلىق ئېلىپ قويغان ئىكەن ،پاتەم ئاپاي ماڭا ئۇ نەرسىلەرنى بەرگەندە خۇددى ئۆز ئاپام ماڭا مىھرىنى بەرگەندەك شاتلىنىپ ئۇنى قۇچاقلاپ كىچىك قىزلاردەك ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم [W,}&  
پاتەم ئاپاينىڭ ئۆيدىن چىقىپ يېڭى كىيمنى كېيىپ سىناپ باقتىم ، TBr@F|RXiO  
توۋا بۇ مۇماي ماڭا خۇددى ئۆزۈم ئالغاندەكلا نەخ ياراشقان كىيىم سېتۋالغان ئىدى ،ئۇنى كېيىپ شاتلاندىم ،ئىللىق دۇنياغا قايتقاندەك يۈركۈمدىكى بىر قات مۇز ئېرىگەندەك ھىس -تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدىم c_dg/ !Iu  
ئەتسى سەھەر تۇرۇپ قول ھارۋىسىنى سۆرەپ يەنە رەستە بازارغا كەلدىم ،چۈشتىسى پاتەم ئاپاي لەغمەن ئېتىپ ئېلىپ چىقپتۇ ،مەززە بىلەن تاماقىنى يېدىم ،بۈگۈنكى سودا 50 يۈئەن ,#blY~h8^  
كۇنلەر شۇ تەرقىدە ئۆتۈپ سودا يولىغا كىرىپ بىر ھەپتە بولغاندا مەن بىلەن بىرگە ئىلگىرى بازارچىلىق قىلغان ئۈچ ھارمىي مىنى يېراقتىن كۆرۇپلا تۇنۇپ قېشىمغا كېلىپ نەرسە كېرەكلەرنىڭ باھاسىنى سورغان بۇلۇپ }35HKgqX  
_ئەسلى قىز بالا ئىكەنسەن ھە ،ھى....ھى....ئوغرى بولماي سودا قىلۋاتامسەن ،نىمىشقا بۇنداق قىلدىڭ دەپ يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ نەرسە كېرەكلەرنى ھەدەپ يەرگە ئېتىپ چاققىلى تۇردى ،ئۇلارغا شۇنچە يول قويساممۇ بىراق ئۇلار زادى بولدى قىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، P(Wr[lH\y  
ئاچچىقىمغا پايلىماي ئۇلارغا ئېتىلدىم ،ئۇڭغۇچە ساقچى ماشىنى سىگىنال بېرىپ قېشىمىزدا پەيدا بۇلۇپ بىزنى ئاجىراتتى ،قارسام يەنە ھېلقى ساقچى يېگىت ، (n {,R  
ساقچىلار نىمىش بولغانلىقىنى ئىنىقلاۋاتقاندا ئەتراپتىكى ئۇششاق تېجارەتچىلەر ئۈچ لۈكچەكنىڭ مىنى بۇزەك قىلغانلقى ساقچىلارغا ئېيتتى ،ساقچىلار ئۇلارنى نېرىغا تارتىپ خېلى ئوزاق نەسھەت قىلغاندىن كىيىن ئۇلارنى كەتكۈزۋېتىپ مىنىڭ قېشىمغا كەلدى ،  Unc_e  
ساقچى يېگىت قارغاندا مىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك ماڭا يەر تېگىدىن قاراپ تۇرۇپ [_w;=l0 ;  
_سىڭلىم كىم يەنە سىزنى بۇزەك قىلسا بىزگە تېلفۇن قىلىڭ دەپ بىر ئىسىم كارتىسىنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ كېتىپ قالدى ،شۇ كۈندىن كىيىن لۈكچەكلەرمۇ مىنى ئانچە ئاۋارە قىلىپمۇ كەتمىدى ،سوداممۇ يۈرشۈپ پاتەم ئاپايغا مىڭ سومنى قايتۇردۇم ،ساقچى يىگىتمۇ كۈندە بولمىسا ئىككى -ئۈچ كۈندە قول يايمام ئالدىدىن ئۆتەتتى ،ھەر قېتىم ئۆتكەندە ماڭا بېشىنى ئىگىپ سالام قىلىپ قۇياتتى ReZ&SNJ  
يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ يايما ئالدىدىن ئۆتشىنى ئارزۇ قىلدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم ،شۇنچە ئۇنىڭ يۇلىغا ئىنتىزار بولساممۇ بىراق بۇ ھەپتە پەقەتلا قارسىنى كۆرسەتمىدى ، +L>?kr[i[  
بۈگۈنمۇ جىلە بۇلۇپ ئولتۇرسام بىرسى كېلىپ بىر تال تىرناق ئالغۇچىنىڭ باھاسىنى سوردى SQ0t28N3h  
ئۈچ سوم دېدىم ئۇ كىشىگە قاراپمۇ قويماي i?D KKjN$  
_سىڭلچاق نېمە بولدى ،خېرىدارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلسىڭىز ئۇلارنى قاچۇرۇپ قۇيسىز دېدى ئۇ 'pQ\BH  
تۇنۇش ئاۋاز. ئتتىك ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاردىم ،پۇخراچى كېيىنگەن ساقچى يىگىت مۇلايىملىق بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى ، d^W1;0  
يۈزلۈرۈم قىزىرىپ ،يۈركۈم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى ،ئۇنىڭ كۆزۈمگە تىكلىپ قاراپ تۇرغىنى كۆرۈپ تېخمۇ ھۇدۇقتۇم f'Cx %  
_نېمە بولدى دەپ سوردى يېگىت ئاردىكى سۈكۈتنى بۇزۇش ئۈچۈن aZBb@~Y  
_ھىچ ...ھېچنىمە دېدىم تەستە -er8(snDQ  
_نىمگە ھودىقسىز مەن ھېلقى ساقچى ،مۇشۇ رايۇننىڭ ئامانلىقىغا مەسھۇل ساقچى دېدى ئۇ Z&[_8Y5j  
_تۇندۇم دېدىم تەستە "o6a{ KY(  
_ئەمسە نىمىشقا يەرگە قاراپ تۇرۋالسىز دېدى ئۇ %IhUQ6  
توۋا مەندەك يۈزى قېلىن ئوغرىمۇ جىدىلشىدىكەن ھە دېدىم ئۆز -ئۈزۈمگە s?pd&_kOv3  
_ئىسمىڭىز نېمە دەپ سوردى ئۇ  HLsG<#  
ئەزەلدىن ئىسمىدىن بۇنچىلىك نۇمۇس قىلىپ باقىمىغان ئىدىم ،ئىسمىنى ئۇ يېگىتكە ئېيتىپ بەرسەم ئۇنىڭ مېنىڭ ھېلقى ئوغرى ئىكەنلىكىمنى تۇنۋېلشى ئىنىق ئىدى ،ئۇ چاغدا ؟؟؟؟ d&ap u{  
كاللامدا نۇرغۇن چىگىش خىيال ئەگىپ تۇرسىمۇ يىگىتنى جاۋابسىز قالدۇرۇشنى خالىماي تەستە ئىسمىنى ئېيتىپ بەردىم /hksESiU  
_شىرىنگۈل 3X#)PX9b){  
_ھى..ھى...توغرا چىقتى سىز ھېلىقى كۈنى مەن بىلەن بىرگە تاماق يېگەن شىرىنگۈل شۇنداقمۇ ،مەن سىزنى بىر كۈرۈپلا تۇنىغان ،بىراق شىرىنگۈلنى بۇنچىلىك تىز ئۆزگۈرەيدۇ ،مىنىڭ گېپىمنى بۇنچىلىك ئاڭلايدۇ دەپ ئويلاشقا ئىشەنچ قىلالمىغان ئىدىم ،ئەسلى سىز ياخشى قىز ئىكەنسىز ،سىزنىڭ پىكىرىمنى ئەستايىدىل ئويلاشقىنىڭىزدىن شۇنچىلىك خۇرسەن بولدۇم دېدى ئۇ ^j>w 
يۈزلۈرۈم يەنە قىزاردى t~(|2nTO5  
_دوس بۇلۇپ قالايلى ئىسمىم شەپقەت ،بۇ يىل ئىچكىر ئۈلكىدىكى ساقچى -ئوفىسىر مەكتىۋېنى پۈتۈرۇپ ئىمتاھاندىن ئۆتۇپ بۇ رايۇن ساقچىخانسىغا ئورۇنلاشتىم ،بۇندىن كىيىن قانداق ئىش بولسا مىنى ئىزدەڭ سىڭلچاق دېدى ئۇ ھەم تىرناق ئالغۇچ ئۈچۈن ئۈچ سوم پۇلنى ماڭا ئۇزارتتى M# a1ev  
_مەن سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى ئويلاپ ئۈلگىرەلمەيۋاتسام ماڭا پۇل بېرەمسىز ،مىنى خىجىل قىلماڭ دېدىم شەپقەتكە nlsif  
_ھى...ھى...ساددا قىز ئەمسە مۇنۇ تىرناق ئالغۇچنى ماڭا سوغا قىلىڭ شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى رەھمەت -پەھمەتلەر تۈگەپ كەتسۇن دېدى ئۇ unZYFA}(  
مىيقىمدا كۈلۈپ قويدۇم g*%z{w  
شۇ كۈندىن باشلاپ شەپقەت مىنىڭ قەلىبمدىكى شاھزادەمگە ئايلاندى ،يۈركۈم ئۇنىڭ ئۈچۈنلا سوقاتتى ،ئۇنى كۆرۈپ قالسام خۇشال بۇلۇپ تېنىم تېرەمگە سىغماي قالاتتى ، /CfgxPo  
ئۇمۇ ماڭا ئامراق بۇلۇپ قالدىمۇ بىلمىدىم بىكار بولسا قېشىمغا كېلىپ قىزىق -قىزىق گەپلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى ،مەن يايما ئېچىپ بىر يىل بولغاندا پاتەم ئاپايدىن ئالغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بۇلۇپ نەخ پايدا ئون مىڭ سوم تاپقان ئىدىم ،پاتەم ئاپاي بىلەن مەسلھەت قىلشىپ قول ھارۋامنى سېتۋېتىپ مۇقۇم بىر ماگزىنى ئىجارىگە ئالدىم پاتەم ئاپاي يەنە ئون مىڭ سوم بېرىپ تۇرۇپ مىنى ئىقتىسادتا قوللىدى ، "2 "gTS  
ماگزىنىمغا يەنىلا قول ھارۋامدىكدەك نەرسىلەرنى سالدىم ،كومپويوتېر سېتۋېلىپ تور ئەكىردىم ،شەپقەت كۇندە ماگزىنىمغا كىردىغان ،كومپويوتۇر ئالدىدا ئولتۇرۋېلىپ ماڭا ھەرخىل ھىكايلەرنى ،يومۇرلارنى ئېيتىپ بېرىدىغان بولدى ،ئۇ تېخى تور دۇنياسىدا بىر كىملەر بىلەندۇ مۇنازىرلىشىپ كېتەتتى ،ئۇنىڭ ھەرخل مۇنازىرە ئۈستىدىكى جىددى قىياپىتى مىنى ئۆزىگە تېخىمۇ لال قىلاتتى ، `%oJa`  
بىر كۈنى ئۇنىڭدىن مىنىمۇ شۇ ئۆزى مەۋھۇم ئويناۋاتقان بوشلۇققا ئەكىرىپ قۇيشىنى ئۆتۇندۇم ،ئۇمۇ پىكىرمگە قۇشۇلدى ،ھەم مەندىن قايسى ئىسىم بىلەن كىردىغىنمى سوردى ،ئويلاپ باقسام ياخشى ئىسملار ماڭا پەقەت ياراشمىغۇدەك ئوغرى قىز دەپ كېرەي دېدىم شەپقەتكە h#o?O k  
شەپقەت ئاغزىمغا پاس قىلىپ بىرنى ئۇرغاندىن كىيىن Q-7C'|  
_ساراڭ بولمىغانسىز ،سىز نەدە ئوغرى ،ئۆتمۈشنى تىلغا ئالماڭ ،سىز ئوغرى ئەمەس كەپسىز ..ھە ئىسىمگە كەلدى كەپسىز قىز دەپ تىزىملىتايلى دېدى ئۇ D_2~ 6  
ئويلاپ باقسام بۇ ئىسىم شۇنداق يېقىملىق شۇنىڭ بىلەن كەپسىز قىز نامدا تور بوشلىقىغا كىردىم ،شەپقەت بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ مۇھاببەت فاجەسىنى ،شىرىن خاتىرلەرنى ،قىزقارلىق يۇمۇرلانى بىرگە ئوقۇيتۇق ،شۇنداق قىلىپ شەپقەت ئىككمىز ئايرىلالماس بولدۇق ،ئۇمۇ ماڭا ئېغىز ئاچمىغاندەك تۇرغان بىلەن گەپ سۆزلىرىدە ماڭا بولغان مۇھاببىتنى ئىپادىلەپ تۇراتتى، O iz@tEp=_  
قېلىن قار يېغىپ ھەممە يەر ئاپپاق قاردىن لىباس كەيگەن بىر كۈنى شەپقەت بالدۇرلار ئىشتىن چۈشۈپ مىنى ئىزدەپ كېلىپ ماگزىنى تاققۇغۇزدى ،بىز بىرلىكتە تاماقلاندۇق ،ئاندىن ئۈنسىز ياندېشىپ مېڭىپ شەھەر سېرتىغا چىقتۇق .m/$ku{/J  
غىرىچ -غىرىچ قىلىپ ئايغىمىز چىقارغان ئاۋازدىن باشقا ئاۋاز يوق ،كېتۋاتىمىز ،ئاسمان بىلەن يەر بىر تۇتاش بۇلۇپ كەتكەن ،ھەممە يەر ئاقلىق بىلەن پاكلىق 5N.-m;s  
شەپقەت تۇيۇقسىز مىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قۇلقۇمغا پىچىرلىدى ) u Sg;B4  
_شىرىن مىنى ياخشى كۆرەمسەن ؟مەن سېنى بىر كۆرۇپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان بىز مۇھاببەتلەشمەيلى ،كېلەر ئايدا توي قىلايلى ،سەنمۇ جاپادىن ،ئازابتىن ،خارلىنشتىن قۇتۇل دېدى ئۇ ]~!?(d!J/  
ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تاراملاپ چۈشۋاتاتتى ،ئاغزىمدىن بۇرۇن كۆز ياشلىرىم ،خۇشاللىق ،بەخىت ئىچىدە شەپقەتكە جاۋاب بېرىپ بولغان ئىدى ، '2X6 >6`w  
ئىككى گەۋدە ئۇزاق قۇچاقلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن قاراڭغۇ چۈششىگە يېقىن بىر سىرتىن كىرۋاتقان ماشىنغا ئولتۇرۇپ ئۆيلىرىمىزگە قايتتىپ كەلدۇق ، #|R#/Yc@Bv  
بىلمىدىم بۇرۇن كىچىك باللارنى كۆرسەم ئۇرغۇملا كېلەتتى ،ئۇلارمۇ مەندىن بەك قورقاتتى ،شەپقەت بىلەن بىرگە بولغاندىن باشلاپ كىچىك باللارنى ئەركىلتىدىغان ،ئۇلارمۇ مىنى سۈيۈپ قۇيدىغان بولدى ،زىمستان قىشتا باھار كەلگەندەك ،خۇشناۋا بۇلبۇل ماڭىلا سايراپ بېرۋاتقاندەك بەخىت بۈشكۈدە ئەللەيلىنۋاتقان ئىدىم ،بىراق خۇشال كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى .
qGVf! R  
X" m0||  
MFzJ 8^.1R  
بىر كۈنى ماگزىنى ئەمدى ئېچىپ ماگزىنى تازلاۋاتسام 50 تىن ئاشقان بىر ئايال كىرىپ su\iUi  
_شىرىن دېگەن سەنمۇ دەپ سوردى B/F6WQdZ  
تۇيۇقسىز سورالغان سوئالدىن ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپ قالدىم fWk,k*Z 9  
_گاچىمۇ يە سەن گەپ قىلە شىرىن دېگەن سەنمۇ دەپ قايتىلاپ سوردى ئايال ]/ffA|"U`  
_ھەئە بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ھەدە دېدىم تەستە ?_V&~?r   
ئايال تۇيۇقسىز كاچىتىمغا چاڭ قىلىپ بىر تەستەك سالدى s:ZYiZ-  
خۇدۇمنى بىلمەي تۇرۇپ كەتتى @]F1J  
ئۇ ئايال بىشەملىك قىلىپ ئاغزىدىن پوق ياغدۇرۇپ مىنى ھاقارەتلەۋاتاتتى xP+`scv*m#  
_ھۇ ئوغرى ،نۇمۇس قىلمايدىغان ئوغرى ،ئوغۇرلايدىغان نەرسە تاپالمىغاندەك مىنىڭ ئوغلۇمنىڭ يۈركىنى ئوغۇرلىدىڭمۇ بۇ دەرتكە قانداق چىداي ،بۇ ئەلەمگە قانداق چىداي دېدى ئايال بېشىمدىن نوقۇپ تۇرۇپ rZ#ZY  
شۇ چاغدا خىيالىمغا شەپقەت كەلدى ، }huFv*<@'  
ئايالغا يەر تېگىدىن دىققەت قىلدىم ،ئۇنىڭ قاش -كۆزلىرى شەپقەتكە ئوخشاپ قالاتتى ATzFs]~K;  
ئۇ ئايال ھىچ ئاغزىنى يىغاي دېمدى ،مەن تەڭ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشماقچى بولدۇميۇ بىراق شەپقەتنىڭ ،مەن ئۈچۈن ئەڭ سۈيۈملۈك بولغان شەپقەتنىڭ ئاپسنى ھاقارەتلەشنى خوپ كۆرمەي بېشىمنى تۈۋەن ئىگىپ ئۇ ئايالغا رايىشلىق بىلەن باقتىم RzOcz= A}  
ھەي بىز خەقىنىڭ ھىچ ئىشىمىز يوق بىكارچىدەك ،نەدە ئۇرۇش -تالاڭ بولسا جىددىي ئىشىمىزنى قۇيۇپ تاماشا كۆرۈش ئادىتىمىز قېنىمىزگە سىڭىپ كەتكەچكە ،ھازىرقىدەك قاق سەھەردە جىددىي ئىشقا ماڭغان ،ماگزىنىڭ تازلىقىنى قىلىپ سىرتقا مېلىنى تىزۋاتقانلار مىنىڭ ماگزىنىمنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قايسىڭ يامان بولساڭ تېلىغىنە ،بولسا ئۇر دېگەن مەندە بىر ماڭا بىر شەپقەتنىڭ ئاپسىغا قاراپ تۇراتتى ، YM r2|VEU[  
شۇ دەقىقدە شەپقەت ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ماگزىن ئالدىدا پەيدا بۇلۇپ ،تاماشا كۆرۋاتقان كىشلەرنى كەتكۈزۋەتتى ،ئاندىن ئاپسى ئىككمىز قېشىغا كىرىپ بىر ئاپىسىغا بىر ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئاپسىنىڭ قۇلدىن سۆرىگىنچە سېرىتقا ئېلىپ ماڭدى #T3dfVWv  
شەپقەتنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ سېرىتقا چىقتىم ،ئۇ ئىدارسىنىڭ ماشىنىسدا كەلگەن ئىكەن ،ئاپسىنى ماشىنغا سېلىپ ئالدىراپ ھەيدەپ كېتىپ قالدى xNOArb5e5  
يۈركۈم ئەنسىز سوقۇپ كۆزلۈرۈمدىن ياش تامچىلاشقا باشلىدى $H8B%rT]  
ماگېزىننى تاقاپ ئۆيگە ماڭدىم pt$\pQ  
_بايا مەن شەپقەتكە تېلېفۇن قىلىپ قويغان z;Jz^m-  
ئالدىمدا 16 ياشلار ئەتراپدىكى ماگېزىنمنىڭ ئالدىدا باققالچىلىق قىلدىغان بىر ئوغۇل بالا مۇشۇ گەپنى دېگىنچە پەيدا بولدى [JVEKc ym  
بۇ بالىنى ئادەتتە كۆپ ئۇچراتساممۇ بىراق بىر ئېغىز گەپ قىلشىپ باقمىغان ئىدىم [jEZ5]%  
_نىمىش ..نىمشقا ؟ئۇنىڭغا قانداق خەۋەر قىلدىڭ دەپ سوردۇم بالدىن LE}V{%)xD  
_ھەدە ئۇ ساقچى ئاكاشنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى ھەممىزدە بار تېلفۇن قىلدىم ،سىز ياخشى ھەدەش تۇرسىڭىز باشقىلار بۇزەك قىلسا قانداق بولدۇ دېدى ساددا بالا =n<Lbl(7  
ئۇنڭغا ئارتۇق گەپ قىلمايلا يولۇمنى داۋام قىلدىم giYlLJA*}  
كاللامدا شەپقەتنىڭ ئاپسىنىڭ "ئوغرى ...ئوغرى "دېگەن ئاۋازىدىن باشقا ھىچ نېمە يوق ئىدى ،ئۆيگە بېرىپ يىغلاپ يېتىپ كۆزۈم ئۇيقىغا كېتىپتۇ ، MSaOFv_Q  
بىرسنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق چەككەندىن ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ يۈگرەپ چىقىپ ئىشكىنى ئاچتىم ، JnIE6@g 
كۆز ئالدىمدا شەپقەت تۇراتتى ،ئۇنىڭ تېنىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى ،ئۇنى يۈلەشتۇرۇپ دېگۈدەك مىھمانخانا ئۆيگە ئەكىردىم *$Z,kZ^^  
ئەزەلدىن ئالدىمدا شۇنچىلىك رەتلىك سۇنماس مىسران قىلچىدەك مۇستەھكەم تۇردىغان شەپقەتنىڭ ھاراق ئىچىپ قېشىمغا كېلشىنى خىيالىمغا كەلـتۇرمىگەن ئىكەنمەن ئۇنىڭغا قاراپ ئۆچلۈكۈم كەلدى (ئىلگىرى ئوغۇللارنىڭ ھاراق ئىچىپ تاماكا چكىشنى ئانچە ئېغىر ئالمايتتىم ،بىراق شەپقەت بىلەن تۇنشۇپ ئۇنىڭ ھەم ئۆزۈمنىڭ بەختىنى ئاللاھتىن تىلگەندىن بېرى، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب، ئۆزۈمگە شەرمىي ھايانى دوس تۇتۇپ ،پۈتۈن مىھرىمنى ئاللاھ يولغا، مۇھابىتىمنى شەپقەتكە بېغىشلىغان ئىدىم ،ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ؟؟؟؟) .+(R,SvN%<  
شەپقەتكە ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئۇنى مىھمانخاندىكى كونىراپ كەتكەن كىرسلوغا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ سىرتقا ماڭدىم ،بىراق شەپقەت ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگرەپ كېلىپ مىنى بىلىمدىن قۇچاقلىدى ھەم '\M]$`Et  
_سېنى جېنىم دەپ كېتەي مەندىن ئايرىلما ،مەن سەنسىز ياشيالمايمەن ،سېنى دەپ مەن بارلىقىمدىن ،ئائىلەمدىن كېچىپ كەتتىم ،ئەمدى سەن بولساڭمۇ مىنى تاشلىما دېدى ئۇ يىغلامسىرغان ئاھاڭدا ?[<#>,W  
كۆزلۈرۈمدىن يەنە ئىسسىق ياشلار تامچىلاشقا باشلىدى ،ئاستا كەينىمگە بۇرۇلدۇم ،ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئۇنىڭ باغرىدا تۇرۇپ قۇلقىغا پىچىرلىدىم Qo~|[]GE  
_خاتىرجەم بۇلۇڭ مەن سىزدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ?DGg.2f  
شەپقەتنىڭ كۆڭلى خېلى ئىزىغا چۈشتى بولغاي يىنىك تىن ئالدى ub;:"ns}  
مەن ئۇنى يۈلەپ كىرسلوغا ياتقۇزۇپ ئايغىنى سالدۇردۇم ،ئۇ پۇشۇلداپ ئۇيقىغا كەتتى Z`<5SHQd  
كېچىچە جەينىمازغا چىقىپ ئۇلۇغ ئاللاھتىن ،شەپقەتكە پەقەت شەپقەتكىلا دۇئا قىلدىم B~B,L*kC2  
تاڭ سۈزلىشىگە يېقىن شەپقەتكە ئاتاپ قازانغا گۈرۈچ سالدىم M}e}3w  
ئاندىن تۇخۇم پۇشۇرۇپ ناشتىلقىنى راسلاپ بولغاندا شەپقەتنى ئويغاتتىم [Ob09#B%:5  
ئۇ كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم بىلەن قاردى Cto>~pV  
ھەم قۇلۇمدىن تارتىپ قېشىدا ئولتۇرغۇزۇپ مەندىن يەنە قانداق ئىش بۇلشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزىدىن ئايرىلماسلىقىمغا ۋەدە بىرشكە ئۈندىدى zY9CoadZ  
ھازىر مىنىڭ مۇشۇ شەپقىتىمدىن باشقا نېمەم بار، ئىككىلەنمەي ئۇنىڭغا ۋەدە بەردىم ،ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ پىشانەمگە يىنىك بىرنى سۈيۈپ سېرىتقا ماڭدى eLIZ 
ھەم GkpYf~\Q  
_مەن ئىشقا بېرىپ كېلەي سىز ئۆيدە دەم ئېلىڭ ،ئۆيۈمدىكلەر يەنە كەلسە ئۇلارنى ئۆيگە كىرگۈزمەڭ ،مەن ئۇلاردىن مۇناسۋەتنى ئۈزۈپ يېنىپ چىقتىم دېدى ]nNn"_qh  
ئۇنىڭ سۆزلىرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ،بىر نېمە دېمەكچى ئىدىميۇ بىراق بۇ ۋاقىتا ،بۇ خىل كەيپىياتتا سۆزلەشنى تازا لايىق كۆرمىدۇم 22'Ra[  
ئۇنى ناشتا قىلۋېلىڭ دېمەكچى بولدۇميۇ يەنلا ئېغىزىم گەپكە بارمىدى . U+R9bn   
شەپقەت چىقىپ كېتىپ ئالاھەزەل بىر سائەت بولغاندا بىرسى ئىشكىنى چەكتى ،چىقىپ قارسام شەپقەتنىڭ ئاپسى ئىشىك ئالدىداتۇراتتى ،ئۇنىڭغا گەپ قىلماي دېسەم تېخى ، 2wu\.{6Zp  
چوڭ ئايالنى ئىشىك سېرتىدا قۇيۇشنى خوپ كۆرمىدۈم ،ئايالىنى ئۆيگە باشلاپ چاي دەملەشكە تەمشىلىپ تۇرشۇمغا ئۇ قۇلۇمدىن تۇتۇپ مىنى قېشىدا ئولتۇرغۇزدى ،قۇلۇمنى ئالقىنى ئوتتۇرسىغا ئېلىپ ئۇزاق سېلاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن zZ,"HY=jN  
_قىزىم سىزدىن ئۆتىنەي شەپقەتنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ دېدى ئۇ %l?*w~x  
چەكچىيىپ ئايالغا قاردىم 85e*um^  
ئايال مىنى قاتتىق گەپ بىلەن ئېرىتەلمەيدىغانلقىنى بىلدى بولغاي ئېغىر ئۇھسىنغاندىن كىيىن كۆز ياشلىرىنى ئېرىتىپ تۇرۇپ ھىكايسىنى سۆزلەشكە باشلىدى jx{ fel  
_قىزىم شەپقەتنىڭ دادسى بىلەن مەن چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن توي قىلغان ،شەپقەتنىڭ دادسىنىڭ ئىلگىرى بىر قىز دوستى بار ئىكەن، بىز توي قىلىپ شەپقەتنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بۇ ئىشنى ئۇقتۇم ،شەپقەتنىڭ دادسى مەندىن يۇشۇرۇن سېرىتلاردا ئىلگىركى مۇھابىتى بىلەن باردى -كەلدى قىلىپ يۈرۈپتۇ ،بۇ ئىشنى ئۇقۇپ يۈركۈم پۇچلاندى،شەپقەتنىڭ دادسى بىلەن ئاجىرشىپ كېتىشنى ئويلدۇم ،بىراق ئاپاملار شەپقەتنى يىتىم قىشلىنى خالىمدى ،ماڭا n-g#nEc:  
سەن ئانا بولدۇڭ ،ئانا بولغۇچى بالسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ،بالسىنىڭ كېلەچكىنى ئويلىشى ،بالسىنىڭ خۇشاللىقىنى ئۈزنىڭ بارلىقى دەپ بىلشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى x2TE[#><  
ئويلاپ باقسام شەپقەت مىنىڭ بارلىقىم ئىكەن ،شۇڭا مەن شەپقەتنىڭ دادسىغا پىسەنىت قىلماي بارلىق ،مىھرى -مۇھابىتمىنى شەپقەتكە بېغىشلىدىم ،شەپقەت كۈلسە تەڭ كۈلدۇم ،شەپقەت يىغلىسا تەڭ يىغلىدىم ،نەدە ياخشى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىلسا سوغوقىنى سوغوق دېمەي ئۇنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ دەرستىن چۈشكىچە ساقلاپ تۇرۇپ سوغوقتا توڭلاپ قول -پۇتلۇرۇم ئۈششۈپ قالدى ،ئىسىقتا ئىسىق ئۆتۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم ،شۇندىمۇ بارلىقىم بولغان شەپقەت ئۈچۈن چېدىدىم ،ياشلىق باھارىمنى ،زىھنىمنى شەپقەتكە سەرىپ قىلدىم ،ئۇلۇغ ئاللاھ نىيتىمگە يەتكۈزۈپ شەپقەت ھەم ۋاپادار ھەم ئەقىللىق بالا بولدى ،ئۇ تۇنجى قاراردا ئىچكىركى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغاندا ماڭا پۈتكۈل كائىنات باھار شاتلىقىغا چۈمىلگەندەك بىلىندى ،شەپقەتنىڭ دادسىمۇ بۇ چاغدا ئۆزنىڭ خاتا قىلغانلقىنى دەپ بىزنىڭ قېشىمىزغا قايتتىپ كەلدى ،ئىللىق قۇياش نۇرى سېخى نۇرنى بىزنىڭ ئائىلىگە چېچىپ بىزنى بەخىت ھېسلىرىدا تولغاندۇردى ، Bi Dyr  
بۇ ھال تاكى شەپقەتنىڭ دادسىنىڭ شەپقەت ئىككىڭلارنىڭ مۇھاببەتلىشۋاتقانلىقىنى بىلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى ،قايسى كۈنى شەپقەتنىڭ دادسى شەپقەتكە بۇ شەھەرنىڭ ج خ ئىدارسىنىڭ باشلىقىنىڭ قىزنىڭ شەپقەتكە كۈڭلى چۈشۈپ قالغىنى ئېيتقاندا شەپقەت قارشى چېقىپ سىزنى ئالىمەن دەپ تۇرۋالدى ،شۇنىڭ بىلەن شەپقەتنىڭ دادسى شەپقەت بىلەن مىنى قاتتىق ھاقارەتلىدى ،ئەركىشى دېگەن "ۋەتەنگە كۈچ قۇشار بولساڭ داداڭنىڭ ۋارىسى دەيمەن ،يامانغا يان تاياق بولساڭ ئاپاڭنىڭ سارىسى دەيمەن "دەپ يۈرىۋىردىكەن ،سېنىڭ تەربىيلىگەن بالاڭ دەپ مىنىمۇ تازا ئۇردى ،ئويلاپ باقسام گۇناھ ھىچ قايسىمىزدا ئەمەس ئىكەن شۇنداقتىمۇ سىز قىزىم شەپقەتنىڭ ئىستىقبالىنى دەپ شەپقەتتىن ئايرىلىڭ znDpg{U(  
شەپقەت بىلەن چاي ئۈچكۈزدىغان قىز شەپقەتنىڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ قىزى ،ئۇ كىشى ئەگەر شەپقەت بۇ تويغا قۇشۇلسا شەپقەتكە ماشىنا ،ئۆي ئېلىپ بېرىدىغانلقىنى يەنە شەپقەتنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۇردىغانلىقىنى ئېيتتى ،قىزىم سىزدىن ئۆتىنەي ،شەپقەتنى قۇيۇپ بېرىڭ ئۇ بەختىنى تاپسۇن ،ئابرويلۇق بولسۇن ،سىز ئۇنىڭ يولىنى توسماڭ ،بىر ئوغرى قىز بىلەن ساقچى يېگىتنىڭ توي قىلشى مۇمكىن ئەمەس ،ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىز ئۇ خىزمىتنمۇ ساقلاپ قالالماسلىقى مۇمكىن ،سىزدىن ئۆتىنەي شەپقەتنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىڭ ،مەن سىزگە قانچە پۇل دېسىڭىز شۇنچە پۇل بېرەي دېدى ئايال O0;mXH  
ئۇ ئايالىنىڭ بىر ئانا تۇرۇپ ئوغلىنىڭ قىز دوستىنىڭ مۇھابىتى پۇل بىلەن ئۆلچىشى يۈركۈمنى لەختە قىلدى 39 MOqVc  
_ھەدە _:ھەدە دەپ ھۆرمەتلەپ قويغاننى بىلىڭ ،سىز مۇھاببەتنى پۇلغا سېتۋالماقچىمۇ ؟ئۇنداقتا مىنىڭ شەپقەتكە بولغان مۇھابىتمىنى پۇلغا سېتۋالماي، ئېرىڭىزنىڭ مۇھابىتنى سېتۋېلىڭ دېدىم ئاچچىقتا يېرىلغىدەك بۇلۇپ gF`hlYD  
_سىزمۇ قىزىم دەپ ئىززەتلىگەننى بىلىڭ ،سىز قانچىلىك ئادەم ؟،سىز ئوغلۇمغا ماس كېلەمتىڭىز ؟سىز دېگەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئوغرى ،سىزنىڭ پۇلىڭىز بارمۇ ؟ئاتا -ئانىڭىز بارمۇ ؟شەپقەتنى ھوقۇقتار قىلغۇدەك كارامىتىڭىز بارمۇ ؟ V>`9ey!U  
خىڭ سىزنىڭ بىر چېرايىڭىزدىن باشقا نېمىڭىز بار ،ئوغلۇمنى سىزدەك ئوغرىنىڭ قۇلىغا تاشلاپ بەرمەيمەن ،سىزدەك ئوغىرى قىزلار ئوغلۇمغا لايىق ئەمەس دېدى ئايال [kTckZv  
ئورغام قايناپ ئايالىنى نەچچە تەستەك ئۇرماقچى بولدۇميۇ بىراق شەپقەت كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ نېيتىمدىن يېنىپ wwv+s~(0  
_كۆزۈمدىن يوقۇلۇڭ ھەدە ،سىزدەك پۇل ،مەنسەپ ،ئابروي تۇنۇپ ،مىھىر -مۇھاببەت تۇنمايدىغان رەزىل ئاننىڭ بالسى ماڭا كېرەك ئەمەس ،بالىڭىزنى چېكىڭىزگە تېڭىڭ ،ھازىرلا ئۇنىڭدىن ئالاقەمىنى ئۆزىمەن دېدىم زەردە بىلەن QeN7~ J  
_راسما ئەمسە ياخشى ،ماڭا بۇ توغۇرلۇق بىر كاپالەتنامە يېزىپ بېرىڭ دېدى ئانا يۈزىنى پولودەك قىلىپ R#i`H(N  
_تۈفۈي دەپ يەرگە تۈكۈرۈپ ئايالغا قاردىم ھەم Al]*iw{  
_چەتئەل فېلىمنى كۆپ كۆرۈپ كەتىڭىزمۇ نېمە ؟خاتىرجەم بۇلۇپ گېپىمدە تۇرىمەن كۆزۇمدىن يوقۇلۇڭ دېدىم ئايالغا تەتۈر قاراپ تۇرۇپ {6%-/$LX  
ئايال تاقىلداپ دەسسەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى 'MW O3  
ھا........ھا..ھــــــــــــا دەپ قاتتىق چېقىردىم چېچىمنى يۇلۇپ ئاۋازىمنىڭ بارچە ۋاقىراپ بارچە ئەلەملىك ياشلىرمنى تۈكۋاتاتتىم |Qb@.  
كارۋاتتىن چۈشمەي يېتىۋاتىمەن ،ھەنىم بولسا پاتەم ئاپايىنى اللاھ مەن ئۈچۈن يارتىپ قۇيۇپتىكەن ،ئۇ ئاپاي ئەتراپىمدا پايپىتەك بۇلۇپ ھالىمدىن خەۋەر ئېلۋاتىدۇ ، Gx4{ 9  
شەپقەتنىڭ ئاپسى ئۆيگە كېلىپ ئىككى كۈن بولغاندا شەپقەت قېشىمغا كەلدى ،مەن ئۇنى كۆرۈپ خۇشال بولغان بولساممۇ بىراق ئاپسىغا بەرگەن ۋەدەم بۇيىنچە ئۇنىڭغا ئۇچۇق چېراي ئاچمىدىم ،شەپقەتكە ئەمدى ئايرىلىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرشۇمغا ئۇ مىنى ھاقارەتلەپلا چۈشتى HGDiwA  
_ھۇ ئىپلاس ،خېلى ياخشى قىزمىكىن دېسەم پۇل دېسە ئۈزىڭنىڭ مۇھابىتنى سېتىشتىن يانمايدىغان بىر نەرسە ئىكەنسە ھە sCmN|Q  
ھەي كاللاڭنى قۇيۇپ ئويلاپ باق ،ئون مىڭغا مىنى ساتتىڭما ؟ئاخىرى پۇل دەپ ئۆلدىغان نەرسكەنسەن ،ئىسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم ،ئىسىت u?rX:KkS  
تۇتە مە ماۋۇ "تەكلىپنامىنى "ئۈچ كۈندىن كىيىن قاتناش ۋەقەسىدە توكۇر بولغان بىرسى بىلەن توي قىلمەن ،رازى بولدىڭ ھە ،قاراپ تۇر بەختسىز بۇلۇپ قالسام بىر ئۆمۈر سەندىن نەپرەتلىنمەن Jw>na _FJ  
ئۇ شۇنداق دېگىنچە كەينىگە قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتتى B&BL<X r  
ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ چىقىپ بۇ ئىشلارنىڭ ئاپسى بىلەن دادسىنىڭ ئۇيىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنى ئويلىساممۇ بىراق ئاپسىنىڭ }$sTnea  
سىز بىر ئوغرى ،بالامغا نىمىش قىلىپ بېرەلەيتىڭىز ،ئوغلۇمنىڭ بەختىگە ئولتۇرىماڭ ،ئۈششۈپ قالغان تۇرساممۇ بالام ئۈچۈن چېدىدىم دېگەن ئاچچىق ھەم تاتلىق سۆزلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ مىنى ئارامدا قويمىدى dPxJ`8  
شەپقەت بىلەن بىرگە ئۆتكەن كۈنلەرنى ،بىرگە بارغان جايلارنى ئەسلەيتتىم ،ئۇنى بۇنچىلىك ياخشى كۆرەمەن دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ،ئۇنىڭ يېنىمدىن كېتىشى بىلەن يۈركۈم ئېغىپ ،ئىچىمدە نەچچە مىڭ قۇرۇت يۈركۈمنى يەۋاتقاندەك سېزىم پەيدا بولدى ،قەلىب ئەينىكىمدە شەپقەتىن باشقىسى يوق ،ئاغزىمدا شەپقەت دېگەن ئىسىمدىن باشقى يوق ئىدى *=!r|UdB.  
كۆزلۈرۈم ياش ،چېرايم سارغايغان ،چاچلىرىم پاخپىيىپ ئاجايىپ بىر تۈسكە كېرىپ قالدىم ،شۇندىمۇ كاللامدا پەقەت شەپقەت ... 2[j`bYNe  
gIIF17|Z  
شەپقەتنىڭ توي كۈنى يېتىپ كەلدى ،ئەتىگەندە سېرىتقا چىقتىم ھەممە يەر خۇددى مىنىڭ كۆڭلۇمدەك يېرىم چېغى ،ھاۋا تۇتۇق ،بىرەر سائەت بولغاندا يامغۇر چېلەكتە قۇيغاندەك ياققىلى تۇردى ،يامغۇردا قانچىلىك تۇرغۇنۇمنى بىلمەيمەن ،بىر چاغدا تۇيۇقسىز كامران ئېسىمگە كېلىپ قالدى B9Wd '   
ئادەم دېگەن شۇنداقكەن ،بەخىتكە چۆمگەن ،خۇشال ۋاقىتلاردا ئۇرۇق -تۇققان ئېسىگە كەلمەيدىكەن ،قايغۇغا مۇپتىلا بولغان چاغلاردا ئۇلارنى سېغىدىغان بۇلۇپ قالدىكەن kBnb9'.A1  
ئۆيگە كېرىپ كىيملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ،ئازراق يەل -يېمىش ئېلۋېلىپ تۈرمىگە كامراننى يوقلاشقا ماڭدىم ،توۋا تەلەي دېگەن بۈگۈن دەل جىنايەتچىلەرنى يوقلاش كۈنى ئىكەن ،مەن ئەكەلگەن نەرسىلەرنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ بۇلۇپ كۆرشۈش ئۆيىدە كامراننى ساقلاپ ئولتۇردۇم LU8:]zOY  
شۇنداق ئۇرۇق ،ئىگىز دارازا ،ئاپتاپتا قارداپ، شۇنداق پىشقان يىگىتتەك بۇلۇپ كەتكەن كامران ئىشكتىن كېرىپ كەلدى (uy\~Zb  
ئۇ مىنى كۆرۇپ ھەيران قالدى ]m7x&N2  
ئۇنىڭ ھەيران قالغىنى كۆرۈپ ئۈستى -بېشىمغا دېققەت قىلدىم ،بېشىمدا ياغلىق ،ئۇزۇن كۈينەك كەيگەن ھالىتىمگە ئۈزۈم كۈلۈپ كەتتىم eAqpP>9n  
_نېمە بولدى تۇنىمىدىڭمۇ كامران دېدىم ئاردىكى سۈكۈتنى بۇزۇش ئۈچۈن O(9*VoD  
_بىزنىڭ شىرخانمۇ بۇ دېدى كامران مىيقىدا كۈلۈپ R3LIN-g(  
_ھى..ھى شىرخان ئەمەس شىرىنگۈل كامرانكا دېدىم ئۇنىڭغا ئەركىلەپ CJw zjH  
ئۇمۇ ماڭا قۇشلۇپ كۈلۈپ كەتتى QC&,C}t,  
ئىككىمىز يەنە سۈكۈتكە چۈمدۇق ، 8<32(D{  
_شىرىنگۈل مەن سېنى يوقلاپ كېلەر دەپ ئويلىماپتىكەنمەن دېدى ئۇ =Zsxl]h   
_ئاكام تۇرساڭ نىمىشقا يوقلىمايمەن يوقلايمەن ،ئەمدى دائىم يوقلايمەن دېدىم ئۇنىڭغا +x/vZXtOK  
_كەچۈر يۈركۈڭنى بەك لەختە قىلدىم ،راس ساقچى بىلەن قانداق بۇلۇپ كەتتىڭ دەپ سوردى ئۇ Q`Q"p  
ھەي مۇشۇ كۆز ياش دېگەننى قانداق قىلۋەتسەم بۇلار ،ئاسىي كۆزلۈرۈم تېلىمدىن چاققان كېلىپ ئۇنىڭ سوئالىغا يىغلاپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى VR A+p?7-  
_بولدى كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما ،مەن ھەم ئىمران يوق سېرىتتا رىيازەت چەكتىڭ ،ئىشلىرڭنى دوسلۇرۇمدىن ئاڭلاپ تۇردۇم ،قەيسەر بول دېدى ئۇ نەملىك كۆزلىرنى مەندىن يۇشۇرۇشقا ئۇرنۇپ R9D2cu,{  
_ئىم سەنمۇ شۇ كامران fF=tT C  
ۋاقىت دېگەنزە ،ئىتتىك ماڭ دېگەندە ماڭماي ،توختاپ قالسىكەن دەپ ئۈمىد قىلغاندا تېز مېڭىپ كېتىدىكەن دېسە ،بىزنىڭ كۆرشىش ۋاقتىمىز توشقان ئىدى ،ھەر ئىككمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلدۇق ne3t|JZ  
ئۆيگە قايتقىم يوق ،ئاسمانغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم P"t Dq&  
ھەي شەپقەت قازان قىرىپ سالغان ئايال ئېلىپ ساپسەن ھە دېدىم ئۆز -ئۆزۈمگە )vg@Kc26  
كۆزلىرمگە يەنە ياش ياماشتى ، @xso{$z?j  
يامغۇر سىم -سىم ياغماقتا ،سەككىزىنجى ئاينىڭ بۇلشىغا قارماي مەيىن شامالمۇ يىلكىمدىن ئۈتۈپ مىنى ئاجىز تىتىرتۋاتاتتى ،مېڭىپ شەھەر مەركىزگە كەلدىم ھەممە ئادەم يامغۇردىن بىزار بولغاندەك دۈگدۈيشۇپ ئۆيلىرىگە قاراپ يۈگرشۋاتقان ئىدى ،ئۇلارغا قاراپ ھاڭۋېقىپ قالدىم ،تېخى ئۇلارنىڭ ئىللىق ئائىلسىنى دەپ يۈگۈرۈپ مېڭىشلىرىغا مەسلىكىم كېلىپمۇ قېلۋاتاتتى = 
مانا شەپقەت توي قىلدى ،بۈگۈن توي قىلدى ،يۈركۈم ئۆرتەنمەكتە ،يۈگرەپ بېرىپ توينى بۇزۇپ شەپقەت بىلەن يېراقلارغا كېتىشنى خىيال قىلغان بولساممۇ بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت يۈك بۇلۇپ قالدىغانلىقىمنى ئويلاپ يەنە بۇ خىيالدىن كېچىپ ئۆيگە كەلدىم ،چېراقنى يۇرۇتمايلا كارۋاتقا چىقىپ ياتتىم ،چۈش كۆرۈشنى چۈشۈمدە بولسىمۇ شەپقەت بىلەن توي قىلىپ چۈش كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم ،ئەپسۇس كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقا ئىلنىشاي دېمەيتتى ،كېچىچە ئاچچىق خىيال بىلەن تاڭنى ئاتقۇزدۇم ، Y?zo")  
ئەتىسى يەنە ئوخشاش كارۋاتتىن چۈشمەي ياتتىم ،پاتەمخان ئاپاي كېرىپ 8 
_قىزىم ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە ،ئادەم بۇ دۇنياغا پەقەت مۇھاببەت ئۈچۈن ياشاشقا كەلمەيدۇ ،ئاللاھ بەختىڭنى بېرىدىغانلىقڭىغا ئىشەن ،شەپقەت بىلەن ئىككىڭلارنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلمەپتىكەن ،تۇر يېتىۋەرمەي تۇرمۇش نىشانىڭنى قايتىدىن تىكلە ،مۇماڭنى ئۇ ئالەمدە خاتىرجەم ياتقىلى قوي ،دېدى /11CC \  
توغرا ئەمدى ئورنۇمدىن تۇردىغان ۋاقىتنىڭ بولغانلقىنى تۇنۇپ يەتتىم ،اللاھ ئۇلۇغ ، {a9.0N:4  
پۈتۈلمىگەن پۈتۈك بولسا كېرەك ،غەيرەتلىك بۇلۇپ خۇشال ياشاي دېگەن ئىرادىگە كەلدىم ،يۇينۇپ، تارنىپ ماگزىنغا كەلدىم ،ماگزىنى رەتلىك تازلاپ كەم ماللارنى بۇيرۇپ جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆز يۇلۇمغا كىرمەكچى بولدۇم ~Ga{=OM??  
بىراق ھەربىر بۇلۇڭ -پۇچقاقتا شەپقەتنىڭ ئىزناسى بولغاچقا ئۇنى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم ،ئامال قانچە x&m(h1h  
ئاچچىق سېغىنىش ياشلىرىمنى سۈرتۇپ بەلنى چىڭ باغلىدىم 9>vB,8  
يەنە بىر تۈرمىدىكلەرنى يوقلاش كۈندە كامراننى يوقلاپ باردىم JE*?O*&|Q  
كامراننىڭ ھەم مېنىڭ چېرايىم بۇرۇنقىدىن خېلىلا تۈزۈلۇپ قالغان ئىدى ،ئۇ مىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بۇلۇپ كەتتى ،مەنمۇ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىزغىن بولدۇم gp H@F X  
_كامرانكا خېلى ياخشى تۇرۋاتامسەن xon^=Wo;  
_ياخشى ئۆزۈڭچۇ دېدى ئۇ ماڭا يەر تېگىدىن قاراپ تۇرۇپ huR ^l  
_ياخشى ، #SjCKQ~  
_مىنى يوقلاپ كەلگىنىڭدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم ،بۇ ئۈچ يىل جەرياندا سىنى ھەر مىنۇت ھەر سىكنۇت يات ئېتىپ كەلدىم ،شىرىنگـۈل ئۈچ يىلدىن بېرى بىر كۈندىلىك خاتىرە يازغان ئىدىم كۆرۈپ باقامسەن دېدى كامران r?^L/HGc  
_ۋاي راسما ،سۆرەتلىك خەتمۇ ئۇ دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ FP0GE  
_ياق 6x/o j`_[  
_ئەمسە سەن ساۋادسىز تۇرساڭ قانداق خەت يازالايسەن دەپ سوردۇم V%C'@m(/SZ  
_ساۋادىمنى مۇشۇ تۈرمىدىكى باشلىقلارنىڭ ياردىمدە چىقاردىم ،ھازىر سەندىن چېرايلىق خەت يازىمەن جۇمۇ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ' dv(  
_ماقۇل قاچان كۆرىمەن خاتىرەڭنى O0bOv S  
_قايتار چېغىڭدا ماڭا مەسھلۇل ساقچىنى ئىزدە ،مەن تۈنۈگۈن ئۇ خاتىرنى شۇ كىشىگە بېرىپ قويغان دېدى ئۇ n* . 
كامران ئىككىمىز ئۇياقنىڭ -بۇياقىنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ ۋاقىتنىڭ قانداق تۇشۇپ كەتكىنى سەزمەي قاپتۇق تۈرمە ساقچىسى قېشىمىزغا كېلىپ كۆرۈشۈش ۋاقتىنىڭ توشقانلىقىنى ئېيتقاندا ئىككمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلدۇق 0Jd>V  
مەن كامران قېشىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا مەسھۇل ساقچىنى ئىزدىدىم ،مەسھۇل ماڭا قارا تاشلىق توم بىر خاتىرە دەپتەرنى بەردى ، /#L4ec-'  
خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ ماگزىنغا قايتىپ كېلىپ قىزقىش ئىچىدە خاترىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم nvc(<Ovw  
بىرنجى بەتكە كىچىك باللاردەك (l(d0g&p>  
كامراننىڭ خاتىرسى ،كامراندىن باشقا كىشنىڭ كۆرشى مەنئىي قىلنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى ،بۇ خەتنى كۆرۇپ كۈلۈپ كەتتىم 9\kEyb $F=  
ئىككىنجى بەتكە ئەمدى ساۋادى چىققان بالىدەك yLl:G;  
پەقەت شىرىن ئۈچۈنلا خەت يېزىشنى ئۆگنىۋاتىمەن ،شىرىن پەقەت سەن ئۈچۈن ،پەقەتلا سەن ئۈچۈن دەپ يېزىلغان ئىدى ،بۇ قۇرلارنى ئوقىۋېتىپ سەل ھەيران قالدىم {?A/1q4rr  
ئۈچۈنجى بەت -b?s\X  
1,we: rwX  
2001 يىلى 3 ئاينىڭ 2 -كۇنى }wJH@'0+  
توۋا ئادەم ئىرادە بىلەن ئىش قىلسا بۇ ئىش ناھايتتى ئاسان ھۇجۇتقا چىقىدىكەن ،تۈرمىگە كېرىپ ئالتە ئاي بولمايلا ساۋادىم چىقىپ خېلى نەرسىلەرنى قىلالايدىغان بولدۇم ،بۇ ئىشلارنى پەقەت كۆڭلۈمدىكى ئادىمىم شىرىن ئۈچۈن قىلغان ئىدىم ،مانا قىلالىدىم gh `_{ l  
شىرىن بۇ خاتىرنى سېنىڭ كۆرشىۈڭدىن كۆرمەسلىكىڭ جىق شۇنداق بولسىمۇ ساڭا ئۇچۇق ئاشكارە خەت يازالمىغاندىن كىيىن مۇشۇ خاتىرگە قەلبىمنى بايان ئەيلەي ،بۇ خاتىرە مىنىڭ ھايات يۇلۇمدىكى سىرداشچىم بۇلشىغا تىلەكداشمەن .
+HD2]~{EkL  
2001يىلى 3 ئاينىڭ 5 -كۈنى 58`Dcx,yJ  
شىرىن بۈگۈن تۈرمە مۇئەللىمى بىزنى بىر پارچە سالام خەت يېزىپ كېلشىمىزنى بۇيرىغان ،مەن كىمگە خەت يېزىشنى بىلەلمىدىم ،بۇ دۇنيادا سەن بىر قېرىندىشىم ،سىردىشىم ،ياخشى كۆرگۈنۈمدىن باشقا ھىچكىمىم يوق ،سىنى بەك سېغىدىم ،سەنسىز كۈنلەر ماڭا شۇنچىلىك مەنسىز بىلىنىۋاتدۇ،جېىنىم سېنى راسلا بەك سېغىدىم
H6KBXMYO  
2001 يىلى 3 -20 كۈنى 5CH8;sMK  
شىرىن بۈگۈن يامغۇر ياغدى ،يامغۇرنى كۆرۈپ يەنە سېنى ئەسلەپ قالدىم ،ئۆتكەن يېلى مۇشۇنداق يامغۇرلۇق كۈندە سەن ،مەن ئىمران بىرگە بىر كىشنىڭ ئۆيگە ئوغۇرلۇققا كېرىپ يېنىپ چىقىپ ئۇزاق ماڭماي سەن يولدا تېيلىپ يىقىلىپ چۈشكەن ئىدىڭ ،سىنىڭ پاتقاقتا ياتقان ھالىتڭنى كۆرۇپ شۇنداق ئىچىم ئاغرىغان بولسىمۇ بىراق بىلدۈرمەي قاتتىق كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم ،شۇ چاغدا سەن ماڭا قاراپ يە يىغلىشىڭنى يە كۈلشىڭنى بىلمەي بىئارام ھالەتتە قالغان ئىدىڭ ،بۇ ھالىڭغا قاراپ ئىچىم سېرىلپ كەتكەن ئىدى ،بۈگۈن يەنە يامغۇرنى كۆرۈپ اللاھتىن سىنى يولدا تېيىلماي مېڭشىڭنى تىلدىم ،كۆزۈڭگە قاراپ ئىھتىيات بىلەن ماڭغىن ھە ....
KR%NgV+}!0  
2001 يىلى 4 -ئاينىڭ 8 -كۈنى F& lSRL+v  
شىرىن بۈگۈن مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك ئازابلىق بىر كۈن بولدى ،تۈرمىدىكى بىر جىنايەتچى بىلەن سوقشۇپ قالغان ئىدىم ئۇمىنى ئۆز ئىنسىنى ئۆلتۈرگەن قەبھى قاتىل دەپ تىللىدى ،ئۇنىڭ تېلى جان -جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى \vpX6!T  
بىراق ئەمىليەت شۇ بولغاندىن كىيىن دەپ ئاچىقىمىغا ھاي بەردىم ،كىم نېمە دېسە مەيلى ،بىل شىرىن ئىمراننى مەن قەستەن ئۆلتۇرمىگەن ?d k)2  
ئىمران ئۆلگەن كۈنى ئەتتگەندە بىز بىلەن ئوغۇرلۇق قىلىدىغان تاھىر سىنىڭ تېلفۇنىڭغا zIr-Rx'dL^  
شىر مەن سىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم ،ئىككى ئاكاڭغا دە ئىككىمىزنىڭ تۇينى قىلىپ قويسۇن دەپ ساڭا ئۇچۇر يوللاپتىكەن ،بۇ كۈنى سىنىڭ تېلېفۇنىڭ ئىمراننىڭ قېشىدا ئىكەنتۇق ،ئۇ ئۇچۇرنى كۆرۇپلا چاقماق تىزلىكىدە كىيملىرنى كېيىپ سېرىتقا ماڭدى ،مەن ئۇنىڭدىن گۇمان قىلىپ ئىمراندىن نىمىش بولغانلقىنى سوردۇم ،ئۇ تەسلىكتە ئۇچۇرنى ماڭا كۆرستۇپ تۇرۇپ [3x*47o"z  
_تاھىر دېگەن ئەبلەخنى ئۆلتۇرۋېتىمەن ،دەپ يېندىن پىچاقىنى چىقىرىپ سېرىتقا يۈگۈردى ،مەن ئۇنى تۇتۋالدىم بىراق ئۇ ماڭا زادى بوي بەرمىدى ،تۆت يولنىڭ ئولتۇرسىغا كەلگەندە ئىككىمىز سوقشۇپ قالدۇق ،مەن ئىمراننىڭ سېنى ياخشى كۆردىغانلىقىنى خېلى بۇرنلا سەزگەن ئىدىم ،بىراق بۇ دەرجىدە ياخشى كۆرشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ،ئۇنىڭ يولنى قانچە توسقانسېرىم ئۇ ماڭا شۇنچە ئېتىلدى ،شۇنىڭ بىلەن ئىككمىز مۇشلۇشۇپ كەتتۇق ،مەن ئۇنى نەچچىنى ئۇرۋەتتىم ،بۇ چاغدا ئۇ يېندىكى پىچاقنى چىقىرىپ ماڭا شېلتىدى ،مەن پىچاقنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىشقا تەمشلشىمگە ئىھتىياتسىزلىقتىن پىچاق ئىمرانغا كېرىپ كەتتى sn'E}.uhXH  
شىرىن مەن نىمشىقا ئېنىمنى ئۆلتۈرىمەن ،مەن ھەر ئىككىڭلارنى ياخشى كۆردىغان تۇرسام ،تاسادىبى ھادىسە تۈپەيلى مەن ئىككى قېرىندىشىمدىن ئايرىلدىم ،ئىمران كەتتى ،سەن ماڭا قارماس بولدۇڭ ،بۇ جاھان ماڭا بەك ئازاب بىلقنىۋاتدۇ ،شېرىن يۈركۈم بەك ئاغرىپ كېتۋاتىدۇ ،قانداق قىلاي ئۈلىۋالايمۇ ؟ئەسلى ئىمران ئۆلمەي مەن ئۆلسەم بوپتىكەن ئازابتىن بىراقلا قۇتىلار ئىدىم ... w.+G+ r=  
كامراننىڭ خاتىرسىنى كۆرۈشكە ئەمدى تاقىتىم قالمىدى ،ئازابتىن پۇچۇلنۇپ تۇرغان يۈركۈم تېخىمۇ ئۆرتۈنۈپ ،يۈركۈم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك ،بارلىق ئازاب ،ماڭلا بەخشەندە بولغاندەك شۇنداق ئازابلاندىم ،كۆز ياشلىرىم ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس '+*'sQvH[  
خاتىرنى يېىپىپ سومكامغا سالدىمدە ماگزىنى تاقاپ ئۆيگە ماڭدىم ،يولدا كامران كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ تاس قالدىم ماشىنغا ئۈسۋالغلى BJp~/H`vd  
شوپۇرنىڭ مىنى قارىغۇ دەپ تىلاشلىرىمۇ قۇلقۇمغا كىرمىدى ،ئۆيگە كېلىپ ياشلىق كۆزلۈرۈم بىلەن يەنە خاتىرنى قۇلۇمغا ئالدىم DJ1!Xuu  
يېقىنى ئىككى يىل ئىچىدە يېزىلغان خەتلەر پەقەت شرىن سىنى سېغىدىم Dh<}j3]  
كېيىنكىسى بولسا مېنىڭ شەپقەت بىلەن مۇھاببەتلىشۋاتقىنمنى يېزىپ ماڭا بەخىت تېلەپتۇ ،كېيىنكى بولسا شەپقەتنىڭ توي قىلغانلقىنى دەپ شەپقەتنى ھاقارەتلەپتۇ Yq{R* HO  
خاتىرنى بىر كېچە كىرپىك قاقماي ئوقۇپ تۈگەتتىم Q4g69IE  
يۈركۈم ئازابتا تېخىمۇ ئۆرتەنمەكتە ئىدى MaF4lFmS  
مۇھاببەت زادى نېمە ؟ 1`~.!yd8(  
دېگەن خىيال مىنى ئاراممدا قويمايتتى hK %FpGYA  
شەپقەتنى شۇنداق ياخشى كۆرسەم نىسىپ بولمىدى ،ئىمران بىلەن كامران مەن سەۋەبلىك ھەرخىل قىسمەتكە مۇپتىلا بولدى ،ھەي ھايات ھەي تۇرمۇش o,/wE  
كۈنلۈرۈم بۇرۇنقىدەك بۇرۇقتۇرما، ئازاب بىلەن ئۆتمەكتە ، AH:0h X6+  
بۈگۈن ماگېزىننى ئېچىپ بۇلۇپ ماگزىنغا پاتەمخان ئاپاينى قارتىپ قۇيۇپ توپ بازاردىن مال سېتۋېلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتىم ،توپ بازارغا كېلىپ بۇلۇپ ماللارنى سېتۋىلىپ ئەمدى قايتاي دەپ تۇرسام كۆز ئالدىمدا تۇنۇش بىر سىما غىل -پىل پەيدا بولدى ،كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ قاردىم ghTue*A  
شەپقەت ~CHVU3  
يۈركۈم قاتتىق سوقۇپ ،پۈتۈن بەدىنىم ئوت بۇلۇپ ياندى ،ئۇنىڭ قېشىمغا كېلشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا تەلمۇرۇپ قاردىم ،بىراق ئۇ كۆز ئالدىمدا سېنى كۆرمۈدۈم دېگەندەك ئاخساپ دەسسەپ ماڭدىغان ،سېرىق چاچ ،سول يۈزىنىڭ ئازراق يېرىدە تارتۇقى بار بىر قىزنى يۈتلەپ ،مىنى كۆرسۈن دېگەننى قىلىپ قىزغا يېقىنچىلىق قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ،ئۇنىڭ كەينىدىن قانچىلىك قاراپ تۇرغۇنۇمنى بىلمەيمەن ،بىر چاغدا ماڭا ياردەملىشىپ سېتۋالغان مېلىمنى كۆتۈرۇپ ماشىنا سېلىپ بەرگەن ئادەم قېشىمغا كېلىپ ،سىڭلىم ماشىنا سىزنى بەك ساقلاپ كەتتى دېگىندىن چۈچۈپ ئۈزۈمگە كەلدىم _auFt"n  
ماللارنى ئېلىپ پاتەمخان ئاپاينىڭ قېشىغا كېلىپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئېيتىپ بەردىم , hp8b$  
ئاپاي بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ S.?DR3XLc  
_قىزىم بېشىڭدىن نۇرغۇن ئىسىق -سوغوق ئۆتۈلدى ،ئەمدى بولسىمۇ قەيسەر ياشا دەپ ماڭا تەسەللىي بەردى `(E$-m-~jH  
مانا قىسىقىغىنە 23 ياشلىق ھاياتىمنى ئەلەم ئارلاش ئەسلەۋاتىمەن ،ئوغۇرلۇقتىن ياخشى يولغۇچە ،مۇھاببەتنىن ئازاب يولغۇچە ھەممە يولدا مېڭىپتىمەن ،ئەمدى ئويلا -ئويلا بارلىق مىھرىمنى كامرانغا بېرىشنى قارار تاپتىم ،بىچارە مىنى دەپ ئاز رىيازەت چەكتىمۇ ،ھەم بىر ئادۇكات خېرىدارىم ئارقلىق كامران دېلوسى توغرۇلۇق نارازلىق ئەرزى سۇنۇشنى ئويلىشۋاتىمەن ....
/*t H$\6*  
@]A c >&  
"خاتىمە " D J7U6{KLq  
كامران دىلوسىدىكى نارازىلىق ئەرزىمىز ئېقىپ كامراننىڭ ئىھتىياتسىزلىقتىن، مەخسەتسىز ئادەم ئۆلتۈرگەن دېگەن قالپاق ھەم تۈرمىدىكى ئىپادىسنىڭ ياخشلىقى بىلەن كامراننىڭ جىنايتتى 10 يىلغا چۈشتى ،ئۇ تۆت يىلىنى تاماملاپ بولغاچقا يەنە ئالتە يىل ياق ئىپادىسى ياخشى بولسىلا ئۇزاققا قالماي تۈرمىدىن چىقدىغان بولدى ،ئىككمىز ھازىر مۇھاببەتلىشۋاتىمىز ،مەن ھەر ھەپتىدىكى پەيشەمبە كۈندە كامراننى يوقلاپ تۇرۋاتىمەن ،ئۇ ھەر ھەپتىدە ماڭا بىر پارچە مۇھاببەت خېتى يازىدۇ ،مەنمۇ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تاتلىق ،تاتلىق گەپلەرنى قىلپ بېرىپ تۇرۋاتىمەن ،ھەر ئىككمىزنىڭ كۆڭلدىكى ئازاب ئاخىرلىشىپ قۇياش پارلاپ چىقماقتا ،ئاللاھ كۆڭلۇمگە ئىنساب بەرسە كامراننىڭ تۈرمىدىن چىقشىنى ساقلاپ ئۇ چىققاندا توي قىلماقچى بۇلۋاتىمىز Q!r` G  
شەپقەتنىڭ تۇرمۇشنى كىشلەردىن ئاڭلىشمچە بەك خاتىرجەم ئەمەسمىش ،بىراق شەپقەت ئەمەلدار ئادەمنىڭ قىزغا ئۆيلەنگەچكە ئەمىلى شۇنداق تىز ئۆسۈپ ھازىر بىر ساقچىخاننىڭ باشلىقى بولۇپتىدەك ،ئايالىنىڭ پۇتى ئاخساق بولغاچقا ئائىلدىكى بارچە يۈكىنى شەپقەت ئۈستىگە ئاپتۇدەك ،ئۇ ھەممە ئىشتا ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن ،ئەگەر ئايالىغا قارشى چىققۇدەك بولسا قېيىن ئاتسى ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بەرگۈدەك ،شۇڭا شەپقەت ھازىر بەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانمىش *n6L3"cO  
ھەر قېتىم شەپقەت توغۇرلۇق مۇشۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرنى ئاڭلىغىنمدا يۈركۈم پۇچۇلنۇپ شەپقەتنىڭ ئاتا -ئانسىغا ئۆچلۈكۈم كېلدۇ بىراق نىمە ئامال ،ھەر قانداق ئاتا -ئانا پەرزەنتلىرنىڭ باياشات ياششىنى ئۈمىد قىلدۇ-دە Q^X}7Z|T  
ھەر كۇنى جەينىمازاغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئاۋال شەپقەتنىڭ بەختىگە ،ئاندىن كامراننىڭ ئىنسابىغا ئاندىن پاتەمخان ئاپاينىڭ ئۆمرىگە ئۇزاق -ئۇزاق دۇئا قىلىمەن v[)8 1uY  
ئىھ ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئىگەم ئۈچ ئەڭ يېقىن ئادىمنىڭ بارلىق ئىشلىرنى ئوڭۇشلۇق قىلغانسەن ،يامانلارنىڭ كۆزدىن ،دۈشمەنلەرنىڭ سۆزدىن ساقىلغايسەن ،مەڭگۈ بەخىت ئىچىدە شادىمان ياشاشقا نىسىپ قىلغايسەن .. 0g#xQzE  
تامام
|OuIQhoE  
I__ a}|T%  
مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە قاتناشتۇرمەن
[ بۇ يازما قىزغىن تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-10-03, 11:16
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئـوغـرى قىـزنىڭ  قەلىـب قـەسىـرى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(Dilnaz)
  • مۇنبەر پۇلى:+100(akax520) ياخشى چىقىپت ..
  • مۇنبەر پۇلى:+1000(خوك) ياخشى يېزىلغ ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(musilina) ئېسىل ئەسەر
  • ئاتاڭدىن قالغان شۆھرەت بىلەن قانائەتلىنىپ قالما ،ئۆزۈڭگەخاس   بولمىغىچە ئاتاڭنىڭ  شەرىپى ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    تارىم
    ھايات_ ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەشتۇر!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 155
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2287
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2287دانە
    ياخشى باھا: 731 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 9578 سوم
    تۆھپىسى: 22728 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 3732(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-11 09:59 PM

    ئۇشبۇ ئەسىرىڭىزنىڭ مىسرانىم تورى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن...بۇندىن كىيىن تېخىمۇ نادىر تىما-ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن،تېخىمۇ تىرىشقايسىز،غەلبە ھامان سىزگە مەنسۇپ!
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+10(kapsizkiz) مىنى ئىزچىل ..
  • دەۋىر قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ،مەدەنىيەت قانچىلىك ئالغا بېسىپ كەتسىمۇ ھايا ۋە ئىپپەت قەدىرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئىسىڭىزدە مەھكەم تۇتۇڭ!

    ــــQQ:1196769821ـــ
    mosajan0997
    ياخشلارغا يانداشقايمەن،يامانلاردئن قاچقايمەن...
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 16978
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 36
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1158 سوم
    تۆھپىسى: 40 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 66(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-09
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-12 09:43 AM

    ئەسىرىڭىزنىڭ مىسرانىم تورى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن...تېخىمۇ تىرىشقايسىز......
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+10(kapsizkiz) مىنى يېقىندى ..
  • مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    دېھقان
    گۈل جەننەت
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 682
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 666
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە666دانە
    ياخشى باھا: 115 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5157 سوم
    تۆھپىسى: 82 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1374(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-25
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-12 01:39 PM

    ئاللا-ئاللا كەپسىز قىز ! بەك ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ بۇ ئەسەرنى خۇددى راستەكلا ئۈزىڭىزنىمۇ قىستۇرۇپ، شۇڭا بەك جەلىپكار چىقىپتۇ ، نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي !
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+10(kapsizkiz) ھاببا تاتلىق ..
  • بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە
    PARIXTA120
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8942
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 9
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2154 سوم
    تۆھپىسى: 45 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 392(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-12 06:56 PM

    سىزنى   قىزغىن  تەبرىكلەيمەن!!!
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+10(kapsizkiz) قولاپ بەرگىن ..
  • مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    sawirqa--kiz
    تۇرمۇش-كۈرەش دىمەكتۇر ،ئۇنڭغا قاتنىشىش كىرەك...
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 11343
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 52
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
    ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2233 سوم
    تۆھپىسى: 40 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 227(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-12 11:06 PM

    ئەسەر بەك ياخىشى چىقىپتۇ....مۇكاپاتلىنىشى ھەقلىق .........سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن....تەپەككۇرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن..........
    تۇرمۇش-كۈرەش دىمەكتۇر ،ئۇنىڭغا قاتنىشىش كىرەك...شۇندىلا تاۋلىنىپ ئۆزىمىز ئۈچۈن بۈيۈك بولغان ئارزۇ- ئارمانلارغا يىتەلەيمىز...
    tabassum530
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14203
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 8
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2041 سوم
    تۆھپىسى: 40 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 98(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-13 01:29 PM

    بەك ياخشى يېزىپسىز       ئۇلۇغ    ئاللا قۇلڭىزغا دەت    بەرمىسۇن       0"T/a1S7bl  
    ئەسرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىننى تەبرىكلەيمەن    
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    manasiz
    xayi  kaynam
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 17783
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 13
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
    ياخشى باھا: -1 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 46 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 05:45 PM

    ئەسىرىڭىز بەك ياخشى يىزىلىپتۇ،سىزنى تەبرىكلەيمەن. تىخىمۇ تىرىشىڭ.
    burkut88
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 17452
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 13
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
    ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1052 سوم
    تۆھپىسى: 56 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 204(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 09:57 PM

    مۇكاپاتكا ئېرىشېڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بۇلسۇن
    ۋارىسجان
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    yaxligm
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10613
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 47
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2179 سوم
    تۆھپىسى: 80 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 260(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-17
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-19
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-16 11:00 PM

    بەك ياخشى  چىقىپتۇ.يەنمۇ نادىر تىمللىرڭىزنىڭ چىقىشنى كۈتمەن،تىرشىڭ........
    ياشلغىم
    پارلاق
    ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار-ھە!
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2114
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 124
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
    ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3653 سوم
    تۆھپىسى: 94 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 755(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-17 09:12 AM

    ئوقۇپ بولۇپ ،سىز بىلەن ئىسىمداش بىر قىزنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىغا ئەجەب ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم E3j`e>Yz  
    ھۇزۇر ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. قەلەم دېگەندە ماغدۇر بولسا مانا مۇشۇنداق ھۇزۇرلۇق ئەسەرلەرگە ساھىب بولىدىغان چېغى! AA^K /y  
    م.م (كەپسىز قىز)غا م.م(پارلاق)تىن تاتلىق سالام يوللاندى...
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+10(kapsizkiz) رەمھەت ئويل ..
  • سەندە يېتۈك تالانت ۋە تولۇق ئىشەنچ بولمىسا ،"ئەدەبىيات"دېگەن "ئېزىتقۇ"غا ھەۋەسلەنمە!
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    AZATLIKARKINLIK
    millatnigtagdirianigabaglik
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 17729
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 26
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
    ياخشى باھا: -3 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 93 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 136(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-17 10:34 AM

    تەبرىكلەيمەن،بەك ياخشى يىزىپسز