بالدۇر تۆكۈلگەن ياپراق
ئەزرائىلنى چىللىدىڭ جاننى بىرەي دەپ،
ياشلىغىڭغا سۇ چاچتىڭ كەيىپ سۈرەي دەپ.
سىڭىپ كەتتى قان-يىرىڭ تۇيمىسىڭ ئىنسان،
سەندە ئەتىگە ئۆمۆت يوق بۈگۈن كۈلەي دەپ.
شۇنداق ھاياتلىق پائاليەتلىرىمىزدە نۇرغۇنلىغان قىران ئوغلانلىرىمىز، بەزى ئەقىلسىز قىزلىرىمىز ھاياتىنى دوغا تىكىپ، ئاق ئىبلىسنىڭ يەمچۈكى بولۇپ كىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتە بولغان رولىنى ئۇنتۇپ، ئېغىر پاتقاققا ئاستا-ئاستا چۆكۆپ كىتپ بارىدۇ. بۇ ئاپەتلەرنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ بۇ سوئالغا خىلى كۆپ كىشىلەر جاۋاپ بىرەلمەسلىكى مۇمكىن.
((-ئاكا خۇمرۇم بەك تۇتۇپ كەتتى بىر چىكىم بىرە! مەن راستىنلا بولالمىدىم ئاكا ئاكا.....جىنىم ئاكا))
مانا بۇ تامچە سۇ بولمىغان چەكسىز باياۋاندا يالغۇز قالغان، بەدەنلىرىدە كۈرمىڭلڭغان قۇرتلار توختىماي مېڭۋاتقاندەك ھالاتتە ئىڭراپ ياتقان ئىنسان بالىسى، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل كائىناتنى ئۇنتىغاندەك قىلاتتى. ئۇ شۇنداق ئەنسىز ئېڭرايتتى،يالئۇراتتى، يىغلايتتى بىراق باغرى تاشتىنمۇ بەك قىتىپ كەتكەن ئادەم ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاھ ئۇرۇشلىرى يېشنىمىگە ئەرزىمەيتتى. ئۇ بىرنى چىكىۋىلىپ ئۆلۆپ كەتسىمۇ ئارمىنى يوقتەك تۇراتتى، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى ئادەم چاغلىغىنى بىلەن بىراق، ئۇنى كۆرگەن ئىنسان ئۇنۇڭ ئادەملىكىدىن گۇمانلىنىپمۇ قالاتتى.
((-نېمە! بىر چىكىم؟ سەن بۇنى بىكارغا كىلەمدىكىن دەپ قالدىڭما؟ بىكارغا بېردىغان سەن مېنىڭ نىمەمتىڭ، يوقال پۇل تىپىپ كەل!
-جىنىم ئاكا مەندە راستىنلا پۇل قالمىدى، ئۆيدىكى ھەممە نەرسىنى ئۆينىمۇ سىتىپ بولدۇم، مەندە ئىسسىق جان قالدى، ماڭا بىر چىكىم بەرگەن بولسىڭىز چوقۇم قايتۇرمەن ئاكا !
-ئۆيۆڭنىمۇ سىتىپ بولدۇڭما؟ ھا...ھا...ھا ساتىدىغان نەرسەڭ تۈگىگەن بولسا، چىقىپ ئوغۇرلىق قىل، بۇلاڭچىلىق قىل ئامال يوق ۋىجدانىڭنى سات.))
ھە..ي ئاجىز بەندە ئويلانغىن، ۋىجدان پۇلغا ساتقىلى، سىتىۋالغىلى بولدىغان تاۋارمىدۇ؟ ۋىجدانى يوق ئادەملەر بۇ سوئالغا ھەرگىز جاۋاپ بىرەلمەيدۇ. سەن ئاشۇ ئاق ئۈچۈن بېساتىڭنى ساتتىڭ، ھەتتا ۋىجدانىڭنى گۆرۆگە قويۇپ جىنىڭنى ئالقانغا ئالدىڭ. سەن شۇلارنىڭ بەدىلىگە قانچىلىك ھالاۋەت كۆردۆڭ؟ سەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا بىر ئېسىل ئىنسان ئىدىڭغۇ، بىر ئەقىل ئىگىسى ئىدىڭغۇ، ئاتا-ئەدەبسىز سۆزڭ ئالتۇنغا تىگەشكۈسىز تۇلپىرى ئىدىڭغۇ، سەن ئالى مەكتەپ ئوقۋاتقان چىغىڭدا بىر تىرىشچان ئوقوغۇچى ئىدىڭ، ئىلىم-ئېرپاننىڭ مەشئىلىدە لاۋىلداپ كۆيۋاتقان ئوت ئىدىڭ. ئاتا-ئاناڭ سىنى نۇرغۇن ئارزۇ-ئۆمۈتتە ئالى مەكتەپ ئوقۇتقان ئىدى ئۆزۈڭمۇ شۇنداق كېلىشكەن ئەقىللىق ئىدىڭ. سېنىڭ سىنى جىنىدىنمۇ ئەزىز كۆردىغان بىر قىز دوستۇڭ بار ئىدى.
سەنمۇ ئۇنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتىڭ، سىنىڭ قەلبىڭدە نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئۈمۈتلەر ئەركىن ئۇچۇپ يۈرەتتى. سەن ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈردۈڭ، ھەمدە ئۆزۈڭ خىلى ۋاقىتلاردىن بىرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن خىزمەتكىمۇ ئېرىشتىڭ، ئۆزۈڭ ياخشى كۆردىغان قىز بىلەن توي قىلىپ شەھەردە خىلى چىرايلىق ئۆيلەرنىمۇ ئىلىپ ئولتۇردۇڭ، كۈنلىرىڭ شۇنداق خوشال-خۇرام، خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۋاتاتتى. بىراق سەن ھاياتنىڭ ئېغىر سىناقلىرىدىن ئاتلىيالمىدىڭ، سېنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۋاتقان كۈنلىرىڭمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى سەن خىزمەتكە ئىرىشتىڭ، قولۇڭ خىلى پۇل كۆردى، ئەملىڭمۇ ئۆستى، سەن ئازىراقلا پۇل تىپشىڭ بىلەنلا سىنىڭ شەھەردىكى ئەل-ئاغىنلىرىڭ كۆپىيىشكە باشلىدى. سەن ئاستا-ئاستا قايناق سورۇنلارغا چۆكۆپ كەتتىڭ، ھاراقلار رومكىلاپ-رومكىلاپ ئالدىڭغا كىلىپ تۇردى، سەن پۇل تاپقانسىرى ھۆرمىتىڭمۇ ئاشتى، سىنىڭ خوشەمەتچى بۇرادەرلىرىڭ توختىماستىن ساڭا كۆڭۈل قىلىشتى، سەن كۆڭلۈڭدە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۋاتمەن دەپ ئويلىدىڭ. سەن ئاستا-ئاستا پىۋىدىن ھاراققا، ھاراقتىن ئۆتۈپ ھەرخىل ئادەمنى كەيىپ قىلدىغان دورا، نىشە قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ ئىستىمال قىلىشقا باشلىدىڭ. شۇنداق كەيىپ-ساپا، ئويۇن-تاماشىلار تۈگمەس بولدى. سەن ئەسلىڭنڭ ئۇنتىدىڭ، كۈندە بىكار تۇرماي خىزمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا بىكار تۇرماي ئىچىپ-چېكىدىغان بولدۇڭ. بىر كۈنى كونا قائىدە بويچە ياتاقتا ئولتۇرۇپ ئىچتىڭلار،چەكتىڭلار كەيپىڭلار راۋرۇس توشقاندا، بىراۋ يىنىدىن ئاق بولاقتا بىر نەرسە چىقاردى، سەن بىر قاراپلا ئۇنى خىرۇئىن دەپ جەزىملەشتۈردىڭ، سەن ئاۋال ئۇنى رەت قىلغان، بىراق ئىرادەڭنىڭ بوشلىقىدىن، (بىر قىتىم چەككەنگە ھېشنىم بولمايدۇ) دېگەن سۆز سېنى سۆرەپ كەتتى. سەن ئۇنى چەكتىڭ، ھاياتىڭدىكى تۇنجى قارا بۇلۇت سىنىڭ ئاسمىنىڭدا غۇۋا كۆرنىشكە باشلىدى. ئەمدى سىنىڭ رەھىمسىز قىسمەتلىرىڭ ساڭا قۇچاق ئاچىدۇ. سەن چەكتىڭ، ئىچتىڭ ئاخىرى خۇمار بولدۇڭ. ئاۋال يىنىڭدىكىنى تۈگەتتىڭ، دوسلىرىڭدىن سوراپ تۈگەتتىڭ، پۇل تۈگگەندە ئايالىڭغا پۇل تىپىپ بەر دەپ غەلۋە قىلدىڭ، بىچارە ئايالىڭ سىنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئانىسىدىن قالغان زەنجىر-ھالقىلىرىنى ساڭا بەردى، سىنىڭ يەنە شۇ كۆيۆمچان ئايالىڭ بىلەن كارىڭ بولمىدى. سەن ئۆزۈڭنىڭ يىزىدا قېرى ئاتا-ئەدەبسىز سۆزڭ بارلىقىنى خېيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىدىڭ، ئۇلارنىڭ سىنى جاپادا بېقىپ ئوقۇتقىنىنى ئەسلا ئۇنتىدىڭ. شەھەردىكى بىر چىرايلىق ئۆي-بىساتىڭنى تۈتۈنگە ئايلاندۇرۋەتتىڭ، ئايالىڭ ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن قىزىڭنى ئىلىپ ئامالسىزلىقتىن ئۆز ئۆيىگە كەتتى. شۇنۇڭ بىلەن سەن ئاخىرى بولماي خىزمەتتىنمۇ قالدىڭ، ساڭا كۈندىلا كۆڭۈل قىلدىغان خوشەمەتچى ئەل-ئاغىنلىرىڭ ئەمدىلىكتە قارسىنىمۇ كۆرسەتمىدى. كىشىنىڭ يۇرتىدا چېكىپ ھالىڭ قالمىغاندا، ئۆز يۇرتۇڭغا يىنىپ كەلدىڭ. ئاتا-ئەدەبسىز سۆزڭ بىساتىنى چىكىپ تۈگەتتىڭ، ئۇلار پۇلنىڭ يوقلىقىدىن، پۇل يوق دىسە، بۇرۇن ئاتا-ئانسىغا قاتتىقراق گەپ قىلمايدىغان ئوغۇل بالا ئەمدىلىكتە ئۇلارغا پىچاق تەڭلىدىڭ. يۇرت-مەھەللە، ئاتا-ئاناڭ، خۇلۇم-خوشنىلار سەندىن چۆچدى. خەقنىڭ نەزىردە سەن ئىنتايىن يىرگىنىشلىك ئادەم قىلپىدىن چىققان بىر مەخلۇققا ئايلاندىڭ، بىراق بۇ ئىشلار ساڭا ئېغىر كەلگەندەكمۇ قىلمايتتى، چۈنكى سەندە ۋىجدان قالمىدى، ئاتا-ئاناڭغا بولغان ئەقىدەڭ، مېھرى-مۇھاببىتىڭ ئەسلا قالمىدى. سەن بۇ تىگى يوق ھاڭدىن تىرشىپ بولسىمۇ، يىنىپ چىقىشنى ئويلاپ باقمىدىڭ. سەن ئاستا-ئاستا چۆكۆپ كىتىپ بارىسەن، بىراق بۇ ئىشلار سىنىڭ كۆڭلۆڭگە ئايان بولسىمۇ بىراق، خامۇشلۇق سېنىڭ جىسمىڭنى چىڭ باغلاپ قويۇپ بەرمىدى، سەندە شۇ قاينامدىن يىنىپ چىقىش ئىرادىسى ئەسلا تۆرەلمىدى. ئامال يوق دۇنيادا سىنى قۇتقۇزغىدەك دورىمۇ قالمىدى. سەن ئاستا-ئاستا تىنىق ئىلىپ قىسقىغىنە يىگىرمە يەتتە يىللىق ھايات مۇساپەڭنى تاماملىدىڭ. سەن دۇنيادىن ۋاقىتسىز كىتىپ قالدىڭ، ئاتا-ئاناڭ قان-زار يىغا ئىچىدە ئاھ ئۇرۇپ قالدى. سىنىڭدەك ئەمدىلا قىران ياشلىقىغا قەدەم قويغان ئوغلانىدىن ئايرىلىپ قىلىپ تەبىئەتمۇ بىر خىل سۈكۈتكە چۈشتى. سىنىڭ ۋاپاتىڭنڭ ئاڭلىغان، ساڭا ئۆمۆرلۈك ساپ مۇھەببىتىنى ئاتىغان ئاشۇ بىچارە ئايالىڭ سىنى دەپ شۇنچە يىراق جايدىن قىزىڭنى ئىلىپ كەلدى. سىنىڭ ئاشۇ كىچىك نارسىدە قىزىڭ ئاتا مېھرى كۆرمەيلا يىتىم بولۇپ قالدى. سىنىڭ ۋاپاتىڭغا ئاتا-ئاناڭ،دوسلۇرۇڭلا ئەمەس بەلكى كائىناتمۇ قاتتىق يىغلىدى، چۈنكى دۇنيا ھاياتلىق دەرخىدىكى بىر يوپۇرماق سارغايمايلا تۆكۈلدى ئەمەسمۇ! شۇنداق ! كەتكەنلەر شۇنداق گەپ سۆزسىزلا كىتىپ قالىدۇ، بىراق قالغانلار بولسا، كەتكەنلەرنىڭ كەينىدىن كەتكۈسى بولسىمۇ بىراق كىتەلمەيدۇ.
سەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ يۇرت-خەلىقنىڭ قەلبىدە يامان ئاتلىپ كىتىپ قالغان بولساڭمۇ، بىراق سەن قانچىلىك ئەسكى بولساڭمۇ، ئەمدى ھىچكىم سىنى يامان دىمەيدۇ. سەن ئۆز ئاتا-ئاناڭغا، قان-قىرىنداشلىرىڭغا، يۇرت-مەھەلدىكىلىرىڭگە بۇدۇنيالىقتا خوشاللىق ئاتا قىلالمىدىڭ، ئەمدىلىكتە ئۇ دۇنياغا بارغاندا، ئۇلارغا ھېشقانداق ئىش قىلىپ بەرمەيلا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالالايسەن، بىراق بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟
ئادەم دۇنياغا ئىنسان سىياقىدا ئاپرىدە بولغاندىن كىيىن، چوقۇم ئەقلىنى بىلگەندىن تارتىپ ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەن ياششى كېرەك. ھېچكىم سىنى ئوقۇپ ئالىم بولسىكەن، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتسىكەن دىمەيدۇ، پەقەت سىنىڭ ۋىجدانلىق، شىجائەتلىك، خەلىققە سايە بوللالىغىدەك بىر يىگىت بولشىڭنڭ ئۆمۆت قىلىدۇ خالاس. بىراق سەن شۇنچىلىك ئىشنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمىساڭ، سىنى ئەكەك دىيىشكە سەبىنىڭمۇ تىلى كۆيىدۇ ئەمەسمۇ. ئادەم سىياقىدا ياشاش ئىنتايىن ئاسان، چۈنكى سەن ئادەمگە ئوخشاش كىينىپ، تاماق يەپ، ھەركەت قىلىپ تۇرساڭلا سەن ئادەم سىياقىدا بولسەن، بىراق ھەقىقى ئادەمدەك ياشاش تولمۇ مۈشكۈل، شۇڭا سەن ئادىمىلىكىڭنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭ لازىم.
مىنىڭ بۇ سۆزلىرىم ھايات قاينىمىدا، كۆز ئالدىدا توغرا يولنىڭ نۇرغۇن كۆرسەتكۈچلىرى تۇرسىمۇ، يەنلا قارغۇلاچە ياشاپ، ھاياتلىق، ئىنسانلىق يولىدىن ئىزىپ قىلۋاتقانلارغا بولغان بىردىن بىر نىدارىم خالاس.
خاتىمە
ھاياتىڭنڭ ئۆمرۈڭنى توزتىۋەتتىڭ چېكەرمەن،
ئاتا-ئەدەبسىز سۆزڭ يۈركىنى قۇرتىۋەتتىڭ چېكەرمەن.
ئاشۇ نىجىس ئىبلىسنى پۇرتىۋەتتىڭ چېكەرمەن،
ئۆزۆڭنىمۇ دۇنيادىن ئۇزتىۋەتتىڭ چېكەرمەن.
مۆڭگۈز-قۇلاق چىقتىمۇ كەيىپ سۈرۈپ چېكەرمەن،
ھەممە كۆرۈپ يىرگەندى سىنى كۆرۈپ چېكەرمەن.
كىممۇ سىنى قۇتقۇزار يەڭنى تۈرۈپ چېكەرمەن،
قۇتۇلدۇم دەپ ئويلامسەن سەن ئۆلۆپلا چېكەرمەن.
ياخشىلىققا كۆنەلمەي يامان بولدۇڭ چېكەرمەن،
ئەسەببىلىك جىسمىڭدا قارام بولدۇڭ چېكەرمەن.
ئويلىمىدىڭ ھچكىممى ساراڭ بولدۇڭ چېكەرمەن،
سەن چېكىپلا بىر ئۆمۆر تامام بولدۇڭ چېكەرمەن.
بىر چېكىشكە ئىنتىلدىڭ يانالمىدىڭ چېكەرمەن،
ياشلىقىڭغا سەن پەقەت قانالمىدىڭ چېكەرمەن.
بىلىپ تۇرۇپ ھەممىنى قاچالمىدىڭ چېكەرمەن،
سەن ئۆزۈڭنى شۇنۇڭدىن تاتالمىدىڭ چېكەرمەن.
يىرگەنگىنىم ئەمەستۇر بۇ مىنىڭكى سىنىڭدىن،
جەسۇرلىقىڭ تامچىسۇن سىنىڭ ئاشۇ قىنىڭدىن.
كەيىپ دىگەن زەيىپلىك ئويلاپ باققىن ھەي بەندە،
سەنچە كەيىپ ئەزىزمۇ سېنىڭ ئاشۇ جىنىڭدىن.
خاپا بولمىغىن دەپ قويساممۇ چېكەرمەن،
بۇ سۆزلەرنى پەقەتلا مۇنبەرگىلا پۈكەرمەن.
ئۆلۆپ كەتسەم ئەگەردە بايان قىلماي قەلبىمنى،
ئۇ دۇنيادا قانداقمۇ تىنىچ-ئامان ئۆتەرمەن.
مەنبەسى؛ئۆزۈم
[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]