مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1322 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: جان ئوتى
DDV
بەشىنچى پەسىل لېرىكىسى
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6010
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ياخشى باھا: 94 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3230 سوم
تۆھپىسى: 129 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 126(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-10
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 04:16 PM

0 جان ئوتى

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى قىزغىن تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-09-23)
- {}(U  
سىز مەيلى كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەسىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
-9~$Ll+2h  
QOX'ZAB`  
جان ئوتى
8BrC@L2E0  
2Wg:eh  
نەسرلەر
e"UXG\8D  
r$v \\^?2  
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
w/ ^_w5  
%K+hG=3O  
چىن سۆز
,SPgop'  
3ZC@q #R A  
تۇرمۇشنىڭ قاتتىق تەرەپلىرى مەجبۇرەن ئالدىغا سېلىۋالغاچ سەن بىلەن بىر نەچچە كۈن كۆرۈشەلمىگەنلىكىم دەرھەقىقەت. بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە سېنى شۇنداق سېغىندىم. يۈرىكىم چوغداندىكى كاۋاپتەك پىژىلداپ، زارۇ - زارلاندى. ئەمما ئىككى ئوتتۇرىدا مۇھەببەت بولۇپ باشقا زۆرۈرىي لازىملىقلار بولمىسا تۇرمۇش ۋە ھايات خۇددى تۇزى كەم بولۇپ قالغان تاماقنىڭ ئۆزى بولغاچ سەن بىلەن نەچچە كۈن كۆرۈشەلمىگەنلىكىم يۈرىكىمنىڭ ئىختىيارى ئەمەس. مانا دىدارىي - مۇلاقەت دەملىرىگە سەن كەبىي ئىنتىزار مەۋجۇدلۇقۇم ئاخىرى سېنى دەپلا ئۇچۇر دەۋرىنىڭ زامانىۋىي ئالاقە ۋاسىتىسى بولمىش يانفوننى ئېچىۋەتتى. تېلېفون قىل، سېنى دەپلا يانفونۇم ھەر دەقىقە ئوچۇق. تېلېفون قىل، بىر - بىرىگە تاشلىنىۋاتقان يۈرەكلەر ئېلىكتىر ئېقىمى بىلەن بولسىمۇ سىرداشقاچ تۇرسۇن. تېلېفون قىل، ۋۇجۇدلار تۇتاشقۇچە...
 ,RDWx  
pTaC$Ne  
ئۆتكەن كۈنلەر
,na}' A@a`  
kL8 E#  
شۇ كۈنى مەن پانىي دۇنياغا يېڭىلا كۆز ئاچقان سەبىي بوۋاقتەك جاھاندىكى ئەڭ غەمسىز، ئەڭ شادىمان، ئەڭ بەختىيار ئىنسان ئىدىم. W[k rq_c-  
شۇ كۈنى سېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇڭ بىر تال نۇر كەبىي قەلب ئۆيۈمگە تۇيۇقسىز بارلىقىمغا بۆسۈپ كىردى. قەدەملىرىڭنى توسۇپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەتىۋارلاپ قارشى ئالدىم. ,cxe"U  
شۇ كۈنى لاتاپىتىڭ قەلب خانەمگە ئۆز نۇرىنى چاچتى ۋە ئاستا - ئاستا سىڭىپ كەتتى. Ie K+  
شۇ كۈنى يۈرەك - باغرىمنى ۋولقاندەك پارتلىغان بىر گۈلخان ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ، كاۋاپتەك كۆيدۈرۈشكە تۇتۇندى. ~Ad2L*5S  
شۇ كۈنى سىرلىرىم ساڭا بەئەينى كۈز خازانلىرىدەك ساڭا بىر - بىرلەپ تۆكۈلدى. RX%)@e/@  
شۇ كۈنى خرۇستالدەك سۈزۈك، سۈتتەك پاك ھېسلار مەۋجىدە ئەركىن غۇلاچلاپ ئۈزدۈم. #6 ni~d&0  
شۇ كۈنى جاھاندىكى ئەڭ بەختلىك شەيئىينىڭ بىرىگە ئايلاندىم.  }D+ b`,  
شۇ كۈنى مۇھەببەتلىك تىنىقلار پۈتكۈل ھۈجەيرەمگە سىڭىپ، ۋۇجۇدۇمنى يېنىك ئەللەيلىتىشكە باشلىدى. *DvX|| `&  
شۇ كۈنى پۈتكۈل بارلىقىم لاۋۇلداپ ئېچىلغان بىر دەستە قىزىلگۈلدەك پۇرايتتى. =f H5 r_n  
شۇ كۈنى ھىجراندەك سارغىيىپ كەتكەن كەچكۈز پەسلى سېنىڭ جامالىڭدا ئۆز ئەكسىنى تاپقان ئىدى. $UdBZT-  
شۇ كۈنى تۇرقۇڭدىن پايانسىز بىر ھەسرەت شولىسى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. jz HWs  
شۇ كۈنى تار ئۈزۈلدى. ئۇنىڭ مىسكىن ئاۋازى ئەتراپنى مۇڭغا چۆمدۈرۈۋەتكەن ئىدى.   NV-l9  
شۇ كۈنى چاك - چېكىدىن يارىلانغان بىر روھ يوقلۇق دەشتىدە سەرسان ئىدى. U}4I29M  
شۇ كۈنى بىر ۋۇجۇد زار - زار يىغلايتتى. ئەمما ياشسىز... ' 
شۇ كۈنى پۈتكۈل تەبىئەت زارۇ - زار يىغا پەسلىگە قەدەم قويغان ئىدى. FfxD=\  
شۇ كۈنى... n_rpT .[  
...` JWaWOk(t=?  
شۇ كۈنى ھېچ ئىش بولمىغان... s i)>: e  
(]\p'%A)  
سەنسىز كۈنلەر
pZK 1G  
x:4R?!M.  
سەنسىز كۈنلەر - ئانا سۈتىگە ئىنتىلگەن بوۋاق كەبىي سەن تامان ئىنتىلىپ، سېنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈۋېلىشنى ئىستەيدۇ. Q\}-MiI/  
سەنسىز كۈنلەر - ئۆزىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن كەلمىش بەختلىك دەملىرىگە مەسخىرىلىك ھىجىيىپ تۇرغان ھىجران ناملىق توساقنى يىمىرىپ تاشلاشنى ئىستەيدۇ. < qab\M0W  
سەنسىز كۈنلەر - ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك دەقىقىلىرى بىلەن ساڭا ئاشىق يۈرۈگۈمنىڭ پىغانلىق نالىلىرىغا چىدىيالماي مەندىن ئاستا ئۇزاشنى ئىستەيدۇ. N$ #~&  
سەنسىز كۈنلەر - مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىگە تەن بىرىپ ئۆز - ئۆزىنى قۇرت كەبىي غاجاپ تۈگىتىشنى ئىستەيدۇ. 2}XRqa.|  
سەنسىز كۈنلەر - ۋىسال گۈللىرىنى پۇراپ، ھەقىقىي بەخت قوينىدا رىۋايەتسىمان چۈشلەرگە غەرق بولۇشنى ئىستەيدۇ.
BfCM\ij  
$Zo|t a^  
كۈتۈش پەسلى
u?fM.=/N  
rv(N0p/  
سەندىن ئايرىلغان ئاشۇ دەقىقىلەردە باغرىمغا زەھەردەك سانچىلغان ئۆكتەبىر ئېيىدىن نەچچىسى ئۆتۈپ كىتىپتۇ، ئۆتكۈنچى شامالدەك. شۇنىڭدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىشىم، ئەمدىلا ئېغىر كىسەلدىن قوپقاندەك. قارىسام پۈتكۈل ئەتراپنى ساپسېرىق خازانلار قاپلاپ كىتىپتۇ، بىراۋ يەر يۈزىگە سېرىق رەڭلىك تون ياپقاندەك. دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدىكى قالدۇق ياپراقلار ئاستا لەيلەپ چۈشۈپ ئۆز تراگېدىيىسىگە كۆمۈلۈشكە ئالدىراۋېتىپتۇ، ئانا سۈتىگە ئىنتىلگەن بوۋاقتەك. تۇرۇپلا ئۆكتەبىرگە ئەگىشىپ تۇنجى مۇھەببىتىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ھېلىقى كونا جايغا كەلدىم ھارغىن قەدەملەر بىلەن، يارىدار كىيىكتەك. كەتمىشلەرگە نەزەر سالدىم، كۆزى ئۆتكۈر ئوۋچىدەك. ئىككىمىزنىڭ ئىسمى بىلەن قوش يۈرەكنىڭ رەسىمى چېكىلگەن ھېلىقى قوشماق سۆگەت دەرىخى قۇرۇپ قاقشال بولاي دەپ قاپتۇ، ئىشقىڭدا چاك - چاك يىرتىلغان يۈرىكىمدەك. ئىككىمىز قوغلىشىپ ئوينىغان دەريا بويىدىكى چىمەنلىكلەر ئاللىقاچان قۇرۇپ كىتىپتۇ، كۆز ياشلىرىمدەك. ئىككىمىز قول تۇتۇشۇپ يۈرگەن چىغىر يولمۇ ئەسلى ئورنىدىن غايىب بوپتۇ، ئۇنتۇلغان چۈشتەك. ئەسلىمىلەر ئىچىدە خىيالغا چۆكتۈم، دېڭىزغا چۆككەندەك. ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ كىتىپتۇ، ئېقىن سۇدەك. كەتمىشلەر قوينىدىن ئاستا - ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىققان مەۋجۇدلۇقۇڭ بارلىقىمنى تاتىلاشقا باشلىدى، ئۆتكۈر چىشلىق ھەرىدەك. دەردۇ - پىغان ئىچرە روھىيىتىمدە خىرە - شىرە چاقناپ تۇرغان كىچىككىنە ئۈمىد پارچىسىنى سۈرتۈۋەتتىم ساڭا بولغان مۇھەببىتىم بىلەن، شۇنداق قىلسام سەن يېنىمغا كىلىدىغاندەك. شۇ تاپتا سېنى چوقۇم كىلىدۇ دەپ يۈرۈكۈمنى قايتا - قايتا بەزلىدىم، مېھرىبان ئانا بەڭباش بالىسىنى بەزلىگەندەك. سېنى مىڭ كۆز بىلەن كۈتىمەن، بۇرۇنقىدەك. سەن چوقۇم شوخ كۈلۈپ كىلىسەن، قۇياشتەك... Q0Do B  
n{<} 
ھۆكۈم قىلىش
^X+qut+~  
LxGD=b  
ئۇچقۇر يىللار شامىلى ئۆمۈر دەرىخىڭنىڭ يوپۇرماقلىرىنى پۇتاپ - پۇتاپ تاشلاۋىرىدۇ. گاھى بەخت، گاھى ئازاب قوينىدا خىلمۇ - خىل تەقدىرلەرگە يولۇقۇپ، بەزى كۈلۈپ، بەزى يىغلاپ ياشاۋېرىسەن. رەڭدار ھاياتنىڭ ئاچچىق - چۈچۈك قىسمەتلىرى سېنى ئاستا - ئاستا كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا باشلايدۇ. يېشىڭغا ياش، ئەقلىڭگە ئەقىل قۇشۇلۇۋېرىدۇ. بىر كۈنى ئۆزۈڭنىڭ روھىي دۇنياسىدا يالغۇز قالىسەن. ئۆتكەن كۈنلىرىڭ ئېلىپ قالغان ئەسلىمىلىرىڭ ياشلىقىڭدىكى سۈرەتلەر سېلىنغان كونا ئالبۇمىڭنى ئىختىيارسىز قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ئالبومىڭدىكى سۈرەتلەر ئۆتكەن كۈنلىرىڭدىكى بىر - بىرىدىن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قەلب دۇنيارىڭدا قايتا نامايەن قىلىدۇ. ئەسلىمىلەر ئاتا قىلغان ئاچچىق - چۈچۈك تۇيغۇلار قاينىمىدا ئىڭراپ تاشلايسەن ۋە بەڭۋاش كۆڭلۈڭنىڭ كەينىگە كىرىپ نېمىلەرنى يوقاتقىنىڭنى بىلىپ يېتىسەن. ياشلىقتىكى شۇ پاك مۇھەببەتنىڭ ئوتى يەنە يالقۇنجايدۇ. پۇشايمان ئوتىدا كۆيۈپ چۇل - چۇل بولىسەن. ئاخىرى خاتا قىلغىنىڭنى تونۇپ، ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ قەدرىگە يېتىسەن ۋە مېنى ئىزدەشكە باشلايسەن. ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ كېتىدۇ. سەن مېنى ئىزدەپ - ئىزدەپ ئاخىرى ئاخىرى تاپىسەن. مەن سېنى يىللاپ - يىللاپ ساقلاپ تۇرغان بولىمەن. ئەڭ ئاخىرقى شۇ دەقىقىلەردە بىز زامان - ماكاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ قول تۇتۇشقىنىمىزچە ئىككىمىز تالاي قېتىم سىرداشقان كونا جايغا كېلىمىز. بۇ يەر ئىنتايىن پىنھان بولۇپ ئىككىمىزگە ھېچقانداق بىر كۈچ توسالغۇ بولالمايدۇ. بىر - بىرىمىزگە بولغان تەشنالىق تۈپەيلى چىڭڭىدە قۇچاقلىشىمىز. سەرسان يۈرەكلەر بىر - بىرىگە قانىدۇ. دەل شۇ پەيتتە سىمىلداپ چۈشكەن يامغۇر تامچىلىرى بارا - بارا ئۇلغىيىپ پۈتكۈل كەچمىشلەرنى يۇيۇپ تاشلاپ، ئىككى يۈرەكنى بىرلەشتۈرۈپ، ناھايىتى يىراق بىر جايغا ئېلىپ كېتىدۇ... nyqX\m-  
مەن ئىشىنىمەن، سەن چوقۇم بىر كۈنى يېنىمغا قايتىپ كېلىسەن... G/FDD{y  
~Gmt,l! b  
قاردا قالغان سۆيگۈ
L~)8Q(f  
\-]tvgA~&  
يانۋار ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنى ئەتتىگەن سەھەردەك سۈزۈك تۇيغۇلىرىمغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقتىم. سىرتتا لەپىلدەپ تۇنجى قار يېغىۋاتاتتى. مەنمۇ قارغا ئەگىشىپ تۇيغۇمدا پەيدا بولغان لېرىك كەيپىياتتا لېرىك دەملەرگە تاشلاندىم... GTTEg{  
شۇ كۈنى قار سەيلىسى قىلىۋېتىپ يۈرۈپ سېنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىپ قالدىم. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي سەن بىلەن تونۇشۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. شۇ چاغدا لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارنىڭ قەلبىمىزدە قالدۇرغان ئۆچمەس لېرىكىلىق دەقىقىلىرى بارلىقىمىزنى سۆيۈپ - سۆيۈپ قانمايتتى. ھەر كۈنى قار ياغاتتى. سېنى قارلىق دەملەردە ساقلايتتىم. سەنمۇ ناھايىتى تېزلا كۆز ئالدىمدا زاھىر بولاتتىڭ. ئىككىمىز لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارغا پەرۋا قىلماي قارلىق يوللاردا، قارلىق دالىلاردا، قارلىق دەريا بويلىرىدا... قاردەك ئاپئاق تۇيغۇلىرىمىز بىلەن بىر - بىرىمىزنى قوغلىشىپ ئوينايتتۇق، قار چېچىشاتتۇق. قار يېغىۋېرىپ ھېرىپ قالمايتتى. بىزمۇ قارغا ھەمنەپەس بولۇپ ئويناپ ھارمايتتۇق... &n_f.oUc  
ۋاقىت تاتلىق ئېقىۋاتقان شۇ كۈنلەردە سەن خۇددى ئىرىگەن قاردەك تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتىڭ. سېنى ئىزدەپ مەھەللەڭگە باردىم، سەن يوق. سېنى ئىزدەپ بارمىغان يەر قالمىدى، سەن يوق. سېنى ئىزدەپ جاھاننىڭ ئىچىنى قېزىۋەتتىم، سەن يەنىلا يوق... o+x! (  
سەن خۇددى يەر شارىدىن باشقا بىر پېلانتقا كۆچۈپ كەتكەندەكلا رېئاللىقىمدىن شۇنداق شەپىسىز غايىب بولغان ئىدىڭ. ئىككىمىزنى لېرىكىلىق دەقىقىلەرگە تاشلىغان قار ئەمدىلىكتە يىتىم قالغان ھېسلىرىمغا ياغماقتا ئىدى... hKN ;tq,  
قار ھەر كۈنى ياغاتتى. ۋاقىت قۇمدەك ئاقاتتى. ئۈمىدىم، تۇيغۇم، قەلبىم مۇزلاشقا باشلىغان ئىدى. ۋاقىت چاندۇرماي نېسىۋىسىنى ئېلىپ، شەپىسىزلا ئۇزاپ كىتىۋاتاتتى. >g>r_0.  
ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى. قارمۇ تالاي قېتىم ياغدى. ئەمما ئاشۇ يىلى قىشتا قار ھەقىقەتەن كۆپ ياغقان ئىدى... zI,Qc60B  
60{DR >S  
يۈرۈگۈم يىغلايدۇ
r ~UDK]?V  
.TdFI"Yn  
ئاشۇ بىر ئاۋاز تالاي يىللاردىن بۇيان بارلىقىمنى قىيناپ كەلدى. ئارىدىن ئەسىرگە تەڭداش مىنۇتلاردىن نەچچىسى ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرى شۇ ئاۋاز بىلەن بىللە تەنھالىقىمغا ئەگىشىپ ھېلىقى جايغا كەلدىم. ئەسلىيەتلەر ھۇجۇمىنى باشلار - باشلىمايلا تۇيۇقسىز قۇلىقىمغا يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. دەرھال ئەتراپقا نەزەر سالدىم. ھېچبىر ئىنس - جىن يوق. ئەمما ھېلىقى ئاۋاز ناھايىتى يىقىن بىر جايدىن چىقىۋاتاتتى. ھەيرانلىق ئەس - يادىمنى ئۆز تورىغا چىرماشقا تۇتۇندى... \+sa[jK  
توۋا، يىغلاۋاتقىنى يۈرىكىم ئىكەن ئەمەسمۇ؟ aACPyfGQ  
3{~(_  
مۇھەببەتنىڭ ئاۋازى
)4qspy3  
|;~2y>E  
كىسەل كارىۋىتىدا ياتقان سۆيگۈم ئاجىزانە ئىڭراۋاتىدۇ. ئۇنىڭ زەئىب ئاۋازى پەقەت سېنىلا چاقىرماقتا... W).Kq-  
سەن بۇ ئالەمدە بارمۇ؟ ئۆزىنىڭ سۆيگۈسى ئۈچۈن پانىيدىكى بارلىقىدىن ۋاز كېچىشكە تەشنا بىر ۋۇجۇدنىڭ سېنى چاقىرغان ئاۋازىنى چۈشلىرىڭدە بولسىمۇ بىرەر قېتىم ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ G8__6v~  
تېز كەل. مۇھەببەت دەپ توۋلاۋېرىپ يىرتىلغان ئاۋازىم ئېچىنىشلىق ھالدا قاراسلاپ سۇنماقتا. ساڭا تەلپۈنۈپ زارلانغان باغرىم قۇرۇپ قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالايلا دېدى. روھىيىتىمدىن ئېقىۋاتقان قان مېنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكۈچە قايتىپ كەل. مەن سېنى كۈتىمەن. تاكى سەن باغرىمدىن ئۇرۇن ئالغۇچە...
d7r!<u&/  
oVZzvK(zR  
مىڭ يىللىق مۇھەببەت
$'5rS$]a/  
u&S0  
ساختا سۆيگۈڭنىڭ ئوتىدا چار يىلاندەك تولغىنىپ، كۆزۈمدە قاقاھلاپ كۆلۈپ، ئىچىمدە يۈرىكىمدىن دەريا - دەريا قان ئاققۇزۇپ، تىتىلىپ - تىتىلىپ يىغلىغان ھەر بىر دەقىقىلىرىمدە ئىشق ئوتىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە تەن بىرىمەن! e4Qjx*[G  
چۈنكى، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ سەن ئۈچۈن - ساڭا بولغان مۇقەددەس سۆيگۈمنىڭ ۋىسالى ئۈچۈن قانچىلىغان ۋاقىتنى زارۇ - زار يىغلاپ تامام ئەتكىنىمنى ساناپ بىرەلمەيمەن! p6BDhT(RS  
ئەگەر ئاشىق يۈرىكى ئوتۇن بولغان بولسا ساڭا ئاشىق بولغىنىمدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە يۈرىكىمدە كۆيگەن ئوتقا ئەسىر تارىخىغا ئىگە توغراقلارمۇ دال بولالمىغان بولاتتى! c;"e&tW  
بىلىپ قال: "\}h  
ساڭا دېگەن - پىچىرلىغان ھەر بىر سۆزۈم ھەتتا سەن تەرەپكە ئاققان ھەر بىر تىنىقىم باغرىمدىن خۇددى يالقۇن تاغدىكى ئوت كەبىي چەكسىز دەردۇ - ئەلەم بىلەن بىللە قۇشۇلۇپ سۇغۇرۇلۇپ چىققاندۇر!
yF6AI@y  
YuVlD/  
بارسا كەلمەس يول
oLX[!0M^  
_ {#K  
روھىيىتىمنىڭ پىنھانىدا چاقناپ تۇرغان يېشىل ئاۋازغا ئەگەشكىنىمچە ئۆزۈم ئىرىشمەكچى بولغان ئەبەدىيلىكنىڭ ۋىسالىغا زار بولۇپ مىڭ يىللار بۇرۇن يولغا چىققان ئىدىم... %{rb,6  
ھېلىھەم مېڭىۋاتىمەن. ئالدى تەرىپىمدە تولىمۇ گۈزەل بىر پارچە ئۈمىد يەنە قەدەم تاشلىشىمغا نۇرىنى ئايىماي سىپىپ بىرىۋاتىدۇ... N3\RXXY  
ماڭىمەن. ۋەسلى دىدار دەملىرىگە يەتكۈچە... %f("3!#H  
3J 5,V  
رىۋايەت پەسلى
:tnW ivrwR  
6E1~dK0t  
مۇھەببەت - ئىنسان ھاياتىغا شېرىن ھېس - تۇيغۇلارنى دەخلىسىز ھەدىيە قىلىپ، ۋۇجۇدلارنى ۋىسال دەرياسىغا تىرەن چۆمۈلدۈرۈپ، ئاشىق روھىيىتىنى دەستە - دەستە ئەتىرگۈللەرگە كۆمۈۋىتىدىغان ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆمۈر بېغىنى چەكسىز گۈزەل مەنالارغا ئىگە قىلىدىغان مۇھەببەت ئىككىمىزگە كەلگەندە ئوڭ كۆزىدە باققان بولسا... <+ [N*  
چۈنكى قاچانىكىم سېنىڭ پەرىلەردەك جامالىڭدىن ۋە لاتاپەتلىك تۇرقۇڭدىن ئوقچىغان بىر ئۇچقۇن ۋۇجۇدۇمغا ماكانلىشىپ ئۆزىنى زورايتتى، ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ مەن مەن ئەمەس ئىدىم. بارلىقىمغا ھۇجۇم قىلغان تاتلىق مەۋجۇدلۇقۇڭ مېنى تاتلىق بىر بەختكە باشلىغان ئىدى... Q=DMfJ"  
شۇڭا ھىجران ۋە جۇدالىقنىڭ مەي بولغان ئازابلىرى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا ئېزىپ - تېزىپ بولسىمۇ بىرەر قېتىممۇ يېقىن يولاپ باقمىسا. تەلەي يۇلتۇزىمىزمۇ باشقىچە چاراقلىسا... z3L=K9)  
مۇھەببەتلىك تىنىقلارنىڭ راۋاجى بىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولمىش توي ئىچىگە تەكلىپ ئەتسە ھەم مۇقەددەس نىكاھنىڭ سېھرىي كۈچى بارچە تۇيغۇلىرىمىزغا تېخىمۇ يارقىن نۇرلارنى بەخش ئەتسە... D~i5E9s5  
ھاياتتىكى يەنە بىر بەخت - يىلتىز قالدۇرۇش ھەم شۇ ئارقىلىق كۈنلىرىمىزگە مەزمۇن قوشقۇچى بولمىش پەرزەنت ئوتى ۋە يارالمىش قوشكىزەك ئوغۇل - قىزىمىز مۇھەببەتلىك دەقىقىلىرىمىزنىڭ قاناتلىرىغا چولپاندىنمۇ يۇرۇق يۇلتۇزىنى ئېسىپ قويسا... z>,tP  
ئەنە شۇ دەقىق جاھاندىكى بارچىدىن ئارتۇق شادىمان كۈنلەرنىڭ ئەللەيلىشى بىلەن ياراتقۇچىغا مىڭ شۈكرىلەر دەر ئىدىم... C 
... M"p%CbcI]  
چۆچۈپ ئويغاندىم... {t! &x:  
توۋا... 2TB'HNTFx  
قاچاندىن بۇيان ئۆز - ئۆزۈمگە چۆچەك ئېيتىپ بىرىشنى ئۆگىنىپ قالغاندىمەن؟!
- (((y)!  
3 i>NKS  
كىمگە ئېيتاي دەردىمنى
[ypE[   
80g}<Lwc  
كوچىدا كېتىپ باراتتىم. بىر چاغدا ئېڭىمدا كىمدۇر بىرى قارا دېگەندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولدى. يان تەرىپىمگە شۇنداقلا قارىدىم... LfW: G5@-  
ئاھ خۇدا، نېمىسىنى دەي...؟ V6c8o2G;+  
كۆز ئالدىمدا بىر چاغلاردا مېنى ئۆزىنىڭ كېلىشكەن قەددى - قامىتى، پەرىلەردەك چىرايى ۋە شەيتاننىمۇ ئۇسسۇلغا سالغۇدەك ھىيلە - نەيرەڭلىرى بىلەن ئەقلىمدىن ئازدۇرۇپ، ۋەيرانە قىلىشقا تاس قالغان ۋاپاسىز سۆيگۈنۈم يەنە شۇ بۇرۇنقى نازلىق كۈلكىسى بىلەن مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. قارىماي دېدىم - يۇ، كۆزۈم رۇخسىتىمسىز ئۇنىڭ ھەمىشە كۈلكە بالقىپ تۇرىدىغان چىرايىغا شۇنداقلا قاراپ سالدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل تۇمۇر - ھۈجەيرىلىرىمگىچە ئورناپ كەتكەن گۈزەل رۇخسارىغا كۆزۈم چۈشۈشى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان بىر ئوت دەقىق ئىچىدە پۈتكۈل جىسمىمنى كۆيدۈرۈپ، بارلىقىمنى كۈل قىلىۋېتىشكە تىرىشاتتى. چاندۇرماي ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم ۋە مەقسەتسىزلا ئۇدۇلۇمدىكى سودا سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىگە چىقىپ بولۇپ دېرىزىدىن ( مۇشۇ بىر قېتىم... ) دەپلا كەينىمگە قارىدىم. چۈنكى يۈرىكىم ئۇنىڭ يېنىدا قالغان ئىدى...  HRbv%  
بىر چاغلاردا ئېسىمگە كەلدىم. ئەمما يۈرىكىم ئۆز - ئۆزىدىن دەريا كەبىي قان ئېقىتىپ تېخىچە زار - زار يىغلاۋاتاتتى. شۇ ھامان يۈرىكىمنى خۇددى مېھرىبان ئانا يۈرەك پارىسىنى بەزلىگەندەك ئەللەيلەشكە باشلىدىم... [Rq|;p  
ئەمما يۈرىكىم... @Z#h?:  
ئاھ، خۇدا... adri 02C/  
ئوت...
z!b:|*m]w  
$'d,X@}8  
مۇھەببەتنىڭ بەشىنجى پەسلى
t(PA+~sIp  
p-(V2SP/)t  
1
 
سەن قاچانلاردا ھاياتىمغا سىڭىپ كىردىڭ، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بارلىقىم سېنىڭ ئىلكىڭگە ئۆتتى. ھەر بىر مىنۇت، ھەر بىر سىكۇنت ھەتتا ھەر بىر دەقىقە ۋاقتىم سېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇڭغا چەمبەرچاس باغلاندى. سېنى ھەر بىر كۆرگەندە خۇددى قۇياشنى ئەسلىتىدىغان بىر جۈپ شەھلا كۆزۈڭدىن چاچرىغان بىر ئۆتكۈر نۇر نەيزىدەك ئۇچلۇق بىسى بىلەن كۆكرەك قەپىزىمنى تىشىپ ئۆتۈپ، پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمغا مىڭ پاتمان ئىشق ئوتىنى باشلاپ كىرەتتى. ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ياشلىقىم تىغ كەبىي ئازاب ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى. u-jc8W`Zd  
jg%mWiKwK7  
2
VE/m|3%t  
ۋىسال دېگەن بۇ بىر تال سۆز قارىماققا ئىنتايىن ئاددىي كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇنىڭ ئاشىق يۈرەككە ئاتا قىلىدىغان لەززىتىگە بۇ ئالەمدە ھېچ نەرسىنىڭ لەززىتى يەتمەيدىكەن. ئىشق ئوتىدا كۆيۈپ چۇل - چۇل بولاي دىگەن يۈرىكىم قاچان سىنىڭ سۆيگۈ كەۋسىرىڭنى ئىچتى، ئەنە شۇ دەقىقىدىن باشلاپ بارلىقىم تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز رومانتىك تۇيغۇلار قوينىدا يايراشقا باشلىدى jJvd!,=)  
1\/vS$bi(  
3
7tJ#0to  
سەن مۇھەببەتنىڭ قىممىتىنى قانچىلىك چۈشىنىسەن؟ سەن ئاشۇ 3 يىللىق ئوقۇشۇڭنى دەپلا مەندىن ئايرىلىپ كەتمەكچىمۇ؟ %$)Sz[=  
قېنى سېنىڭ بىر چاغلاردا مېنى قۇچاقلاپ، باغرىمغا چىڭ يېپىشىپ تۇرۇپ بەرگەن ئوتلۇق ۋەدە - قەسەملىرىڭ؟ [z7]@v6b  
سەن ئۆزۈڭنىڭ مېنىڭ ھاياتىمدا قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىڭنى، سېنىڭسىز مېنىڭ ھاياتىمنىڭ خۇددى چۆل - جەزىرىدەك قۇرغاقلىشىپ كىتىدىغانلىقىڭىنى ئوبدان بىلەتتىڭغۇ؟ k[ 
Wq1OYZ,  
4
b"td]H3h  
قۇلاق تۈۋۈمدە مۇدھىش بىر ئاۋاز: %Y#W#G  
- مېنى كەچۈرۈڭ، بىز ئايرىلىپ كىتەيلى! {H9g&pfv  
توۋا، ئاشۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ يىقىلىپ چۈشمىگىنىمگە، يۈرەك سوقۇشۇمنىڭ توختاپ قالمىغىنىغا ئىنتايىن ھەيرانمەن... (+zU!9}I1  
ئەمما ئاشۇ بىر جۈملە سۆزۈڭنىڭ مېنىڭ ياپياش ھاياتىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتىدىغانلىقىنى قىلچىلىك ئويلاپ باقمىغانسەن، بەلكىم؟! =\i%,YY  
g.8^ )u  
5
"9*MSsU  
جۇدالىق بازغىنى ئوتۇڭدا كۆيۈپ چۇچۇلا بولۇپ كەتكەن يۈرىكىمنى ئىزىپ تىتما - تالاڭ قىلىۋەتتى. ئۇنىڭدىن ئاققان قان پۈتكۈل روھىيىتىمنى قان دۇنياسىغا غەرق قىلىۋەتتى. مۇھەببىتىم يىراق چۆللەرگە سۈرگۈن قىلىندى. ئەمدى مەن سەندىن باشقا يەنە بىر قىزنى سۆيۈشتىن ئەبەدىي مەھرۇم ئىدىم. چۈنكى، سەن مىنىڭ سۆيگۈمنى، يۈرىكىمنى ۋە بارلىقىمىنى ئېلىپ كەتكەن ئىدىڭ. مەن ئەمدى يۈرەكسىز ياشايدىغان بىر ئىنسانغا ئايلانغان ئىدىم... OQg}E@LZ  
روھىم سۈكۈت ئىلكىدە جان تالىشىپ، بارلىقىمنى يوقلۇق قوينىغا سۆرەۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەت سېنى بىر قېتىم، پەقەت بىرلا قېتىم چاقىرىۋالاي. بەلكىم بۇ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمدا سېنى ئاداققىي چاقىرىشىم بولۇپ قالار... ?TW?2+  
جېنىم... ]*)l_mut7  
5OFB [  
يالغۇز تىنىقلار
w9gfva$&  
||7x51-yj  
1
_]3#C[1L  
سېنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرۈۋىتىمەن دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە چوڭ سۆزلەپ يۈرگىنىم بىلەن سېنى كۆرگەن ھامان قولۇمدىكى پىچاقنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكىنى قىزىق، بۇ نېمە ئىشتۇر؟ 9&B #@cw  
`!ja0Sq]U  
2
6*|EB|%n  
باشقىلار ئۆزى چىن دىلىدىن سۆيگەن يارىنى ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشنى خالىسا، مەن سېنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ نېمىشقا كۆرۈشنى خالىمايمەن؟ /6 x[C  
L0%W;m  
3
#&K}w 0}k  
سەن مېنى تاشلاپ كەتكەن شۇ چاغدا سەن مېنىڭ ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى خار قىلماسلىق توغرىسىدىكى ئاھۇ - زارىمغا قۇلاق سالماي، ئەكسىچە مېنى زاڭلىق قىلىپ قويۇپ پەرۋاسىز ھالدا كېتىپ قالدىڭ... 8f'r_,"  
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ سەن مەندىن كەچۈرۈم سوراپ، زار - زار يىغلاپ يېنىمغا كەلگەن چېغىڭدا سەندىن شۇنداق نەپرەتلىنىپ تۇرۇپمۇ يەنە نېمە ئۈچۈن سېنى باغرىمغا باستىم؟ CzDg?wb  
7s0y.i~  
4
^ Vc(oa&;  
سەن مۇھەببەتنىڭ شۇنچە گۈزەل چاغلىرىنى مەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ، ھىجران ئۆزىنىڭ سايىسىنى ئازراق كۆرسىتىشى بىلەنلا ھېچنىمىگە قارىمايلا مېنى تاشلاپ، شۇنچە ئىلتىجا بىلەن تەلمۈرۈپ چاقىرىشلىرىمغا قۇلاق سالماي يىراقلارغا كېتىپ قالغىنىڭنى نېمە دەپ چۈشىنەي؟ +J42pSxzoo  
f{(D+7e}  
5
Gch3|e  
سەن ئۆزۈڭنى چىن دىلىدىن سۆيگەن، ( سەنمۇ بىر چاغلاردا مېنى ھېچنىمىگە قارىماي سەۋدايىلارچە سۆيگەن... ) مەندەك بىر ئاشىقنى تاشلىۋېتىپ، كىملەرنىڭ كەينىدە پايپىتەك بولۇپ، گويا كەچكۈز غازاڭلىرىدەك سارغىيىپ يۈرىدىغانسەن؟ uCWBM  
u+pZ 
6
7$"5qJ{s  
مېنى ئەقلىمدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئاشۇ بىر جۈپ شەھلا كۆزۈڭگە بىر ئۆمۈر مىخ كەبىي قادىلىپ ياشايمەن! ,v9*|>4  
قانداق قىلالايسەنكىن قىېنى، ۋاقتى كەلگەندە كۆرەرمىز؟! 9m%+6#|  
s|:j~>53  
7
wu} Zu  
مەن ھامان بىر كۈنى ئۆزۈم بىلىدىغان بارچە ۋاپاسىز قىزلارنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ خۇددى پۇتبول ئوينىغاندەك خالىغىنىمچە تىپىپ ئوينايمەن - دە، ئاندىن كىيىن بۇ ئالەمگە قاراپ بار ئاۋازىم بىلەن قاقاھلاپ كۈلىمەن!
}[;r-5}  
%w3tzE1Hq  
جۇدانامە
ORIXcj]  
M^/ZpKeT"  
كاج تەقدىرىم ئۆزۈم ئاڭلاشنى خالىمايدىغان مىنۇتلەرنى ئېلىپ، روھىيىتىمنى قىيناش ئۈچۈن ئاخىرى رېئاللىقىمغا قادەم باستى. Bthp_cSmLs  
- ***** كۈنى M نىڭ تويى بولىدىكەن! TSRl@QVy  
دەھشەتلىك ئاۋاز قۇلاقلىرىم ئارقىلىق پۈتكۈل تۇمۇر - ھۈجەيرىلىرىمنى مۇزلىتىپ ئۈلگۈردى. ئاچچىق بىر خەۋەر ئەتراپىمدا ئۇچۇپ يۈرەتتى. ھاياتىمدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بۇ سلز ئۆزى يەتمىگەندەك گۇۋاھچىسىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى... #<-%%  
توي باغىقىڭ بارلىقىمنى يىگەچ سوغۇق كۆزلىرى بىلەن مېنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ. M&rbXi.  
يەرۇ - زېمىننى تىترەتكەن ناغرا - سۇناي ئاۋازى بىر تال مويۇمنى تەۋرىتەلمىگىنى بىلەن تۇيغۇلىرىمنى ئۆلتۈرەي دېدى... ]L\]Ll;  
شۇ تاپتا ساڭا بولغان پاك سۆيگۈم، ئوتلۇق مۇھەببىتىم، تەۋېەنمەس ئەقىدەم مىڭ يىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ پىچىرلاۋاتىدۇ: % )}rQqQ  
- بەختلىك بول، جېنىم! ;x u&%n[6@  
دەھشەتلىك بىر يىغا پۈتۈن جاھانغا تاراپ كەتتى ۋە كەينىدىنلا مۇڭلۇق بىر ناخشا ھەر تەرەپتىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى. 'W p~8}i@  
qI2&a$Zb$  
توي بولدى ئەمدى يىراق تۇر مەندىن، *M XE>   
...
2)|G%f_lS  
:CXm@yF~4=  
قۇرغاقچىلىق
uNvdlY]  
$69d9g8-(!  
تۇغۇلدۇم. ياشاۋاتىمەن. ۋاقىت قۇمدەك ئېقىپ 30 ئۈمىدنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، 30 يېشىللىقنى ۋەيران قىلىپ، 30 گۈزەللىكنى سارغايتىپ، 30 تۇيغۇنى يەپ تۈگەتتى... edfb7prfTl  
ھايات قىسمەتلىرى ياشلىق گۈلۈمنى بىخلاتتى، پەرۋىش قىلدى، ئۆستۈردى، ئېچىلدۇردى، پۇرىدى، تاشلىدى، چەيلىدى... F<2qwP  
كۈنلەر ئۆتمەكتە... !<5Wi)*  
يەنە ياشاۋاتىمەن...
%07vH& 
7$J E+gL/7  
رېئاللىق، مېنى قويۇپ بەر
g_(O7  
A1aN 
1
Pt7yYl&n7^  
قاچانكى سېنىڭ باغرىڭغا تاشلاندىم، ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ياشلىقىمنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى، ئۇنىڭ ھەر بىر بېتىگە گۈزەل ئەستىلىكلەرنى نەقىشلەشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم ۋە تىرىشتىم ۋە باغرىڭدىن شادلىق ئىزدىدىم. na] 9-~4  
=5 $BR<'  
2
i [2bz+Z?  
قاچانىكى سېنىڭ باغرىڭغا تاشلاندىم، ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ كۈنلىرىم بەزىدە رومانتىك ھېس - تۇيغۇلار قوينىدا ئەللەيلەنسە، بەزىدە ئىنسان چىداپ تۇرغۇسىز ئازابلار قاينىمىدا ئىڭرىدى. نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغان چاغلىرىمدا روھىيىتىمنىڭ ئەڭ پىنھان تەكتىدىكى ئۇپراپ كىچىككىنە قالغان ئۈمىد پارچىسىنى پات - پات سۈرتۈپ تۇردۇم. ئەمما ئىنسان دېگەن يەنىلا ئاجىز نەرسە ئىكەن. باسقان ھەر بىر قەدىمىم مەغلۇبلۇق بىلەن نەتىجىلەندى. ئۈمىدسىزلىك مېنى يىيىشكە باشلىدى. u 236a\:  
i dY Xv)R  
3
VJ-To}  
قاچانىكى سېنىڭ باغرىڭغا تاشلاندىم، ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ سەندە باسقان ھەر بىر قەدىمىم تراگېدىيە بىلەن خۇلاسىلاندى. روھىي سەرسانلىق پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمنى خۇددى ئۆمۈچۈك تورىدەك چىرمىۋالدى. ھايات مېنى يەكلىدى... X GDJCN  
مەۋجۇتلۇقۇم شۈبھىلەرگە تۇتاشقان مۇشۇ دەملەردە ئۆزلۈكۈمنى ئىزدەش ئۈچۈن سەپەرگە چىقماقچى بولدۇم. ئېنىقكى، بۇ سەپەر ئىنتايىن مۈشكۈل، جاپالىق ۋە قورقۇنچلۇق ئىدى. ئەمما بۇ سەپەرنى قىلماي بولمايتتى... -y8> c0u  
شۇڭا سەندىن شۇنى ئۆتۈنەي: L=kETJ:g  
مېنى قويۇپ بەر. مەن ھەقىقىي بىر ئادەم بولۇپ سېنىڭ ئىلكىڭگە چوقۇم قايتىپ كېلىمەن.
r<_qU3Eaj  
m~8 =?R+m  
رېئاللىقتىن ۋاز كىچىش
Eyg F,> .4  
4siq  
1
XOPiwrg%p  
جۇشقۇن قەدەملەر بىلەن كىتىپ بارىمەن. ئەتراپىمدىكى جىمىي شەيئىيگە تويماسلىق بىلەن نەزەر سالىمەن. ھايات بەكمۇ گۈزەل تۇيۇلىدۇ. ئەتراپىمدىكى بارچە نەرسىلەر روھىيىتىمگە مەلۇم نىسبەتتە شادلىق بېغىشلايدۇ. ic?(`6N8  
ئۆي، خاتىرجەملىك، ئىقتىساد، ئىشەنچ، ساداقەت، مېھرى - مۇھەببەت، دوست - بۇرادەر، كىتاب، قىز... -}"nb-RR\  
{6HgKI  
2
@e^(V$ap  
ئۈمىدلىك قەدەملەر بىلەن كىتىپ بارىمەن. ئەتراپىمدىكى شەيئىيلەرگە ئۈمىد بىلەن باقىمەن. روھىيىتىمدىكى كىچىككىنە ئۈمىد پارچىسى خۇددى قۇياشتەك پارقىراپ تۇرىدۇ. رېئاللىقتىن ئۆزۈمگە تىگىشلىك نېسىۋەمنى ئىزدەۋاتىمەن. -n 6e;p]  
ئۆي، خاتىرجەملىك، ئىقتىساد، ئىشەنچ، ساداقەت، مېھرى - مۇھەببەت، دوست - بۇرادەر، كىتاب، قىز... Vu Ey`c  
H8qWY"<Vd  
3
Twpk@2=l  
ھارغىن قەدەملەر بىلەن كىتىپ بارىمەن. روھىيىتىمدىكى كىچىككىنە ئۈمىد پارچىسى خۇددى نەم يەردە ئۇزاق تۇرۇپ داتلىشىپ قالاي دېگەن تۆمۈر پارچىسىدەك ئۆز رەڭگىنى يوقىتىشقا باشلىدى. ئەتراپىمدىكى شەيئىيلەرگە ئۈمىدسىزلىك بىلەن باقىمەن. uUh6/=y  
ئۆي، خاتىرجەملىك، ئىقتىساد، ئىشەنچ، ساداقەت، مېھرى - مۇھەببەت، دوست - بۇرادەر، كىتاب، قىز... "Q; Vy t  
8,]wOxwqi  
4
P B{7u  
سەرسان قەدەملەر بىلەن كىتىپ بارىمەن. ئەتراپىمدىكى شەيئىيلەرگە ئۆچلۈك بىلەن قارايمەن. بىر تالاي چىگىش سوئاللار قاينىمىدا ئىڭرايمەن. تۇرمۇشۇمدىكى خېلى كۆپ نەرسىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈشكە باشلىدى. fs8C ^Ik>~  
ئۆي، خاتىرجەملىك، ئىقتىساد، ئىشەنچ، ساداقەت، مېھرى - مۇھەببەت، دوست - بۇرادەر، كىتاب، قىز... -5,+gakSk  
OTmr-l6  
5
MO *7:hI  
تاشقا ئايلانغان قەدەملەر بىلەن كىتىپ بارىمەن. ھەر بىر قەدىمىمدە مىڭ پاتمان ئېغىرلىقتىكى بىر تال تاش ئېسىلىپ تۇرىدۇ. رېئاللىقىمدىكى بارچە مەۋجۇدلۇق مەندىن بارا - بارا يىراقلىشىپ كىتىپ بارماقتا. زار - زار يىغلاۋاتقان روھىيىتى بىلەن ھەممە، ھەممە، ھەممىدىن ۋاز كېچىۋاتىمەن. Q VWVZ >l  
ئۆي، خاتىرجەملىك، ئىقتىساد، ئۇرۇق - تۇققان، ئىشەنچ، ساداقەت، مېھرى - مۇھەببەت، دوست - بۇرادەر، كىتاب، قىز، كىيىم - كېچەك، پۇل، تېلېفون... {&pBy  
E4xybVo@  
6
r z5@E  
ئۇھ ... FF#?x@ N:  
ئاخىرى تۇغۇلغان 30 يىلدىن بىرى ئۆزۈمگە ھەمراھ بولغان ۋە بولمىغان بارچە مەۋجۇدلۇقتىن تەلتۆكۈس ۋاز كەچتىم - دە، پىشىمنى قېقىپلا روھىيىتىمنىڭ ئەڭ پىنھان بىر بۇرجىكىگە جايلاشقان تەنھالىق ئۆڭكۈرىگە قاراپ يول ئالدىم ۋە كېتىۋېتىپ كەينىمگە قارىدىم، مەن كەلگەن تەرەپ چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قاقاھلاپ كۈلۈۋاتاتتى. بەلكىم ئۇ باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ساراڭ ئاتىلىپ كىلىۋاتقان بىر ھەقىقىي ئىنساندىن قۇتۇلغىنىغا ئۆزىچە خۇش بولغاندۇر... >UV?n XP}  
قان دەرياسىغا ئايلانغان روھىيىتىمدىن ئېقىۋاتقان قاننى رېئاللىقنىڭ سۇغۇق باغرىغا ئېقىتىپ تۇرۇپ ئاچچىق كۈلگىنىمچە سۇنغان ئاۋازىم بىلەن تەمتىرىمەيلا پىچىرلىدىم: |i - S}M  
خەير - خوش، رېئاللىقىم... @mEB=X(-l=  
eyG[1EEU  
كۈنلەر ئاۋازى
&[ $t%:`  
.wkW 
- 30 يېشىمغا ئاتاپ
(_eM:H=e>  
-Vj112 fI  
قۇياشقا چۆچەك توقۇۋاتقان يىگانە روھىم كۈنلەر كۈلدۈرۈپ، ئايلار ئالداپ، يىللار يىغلىتىۋاتقان، دەقىقىلەر تىغ كەبىي سانچىلىۋاتقان بۇ دەقىقىلەردە ئۆزىدىن قان ئارىلاش تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار بىلەن بارلىقىنى بېزىگەچ يېڭى بىر مېھماننى كۈتۈۋالدى... b`|,rfq^AZ  
روھىيىتىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىدىن ماگمىدەك پارتلاپ چىققان بىر ئاۋازىم قاراسلاپ سۇنغان پېتى يەر شارىغا تارالدى: ?P Mi#H  
- كەل تونۇشايلى، 30 ياش...
?1Uq ud  
]u "x=S93  
يامغۇر لېرىكىسى
Zu/1:8x  
l ,ra24  
جىمىي ئەتراپ توختىماي يېغىۋاتقان توپا دەستىدىن بىر تالاي بۇرۇختۇملۇققا غەرق بولغان دەقىقىلەرنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ، ئاخىرى خاسىيەتلىك يامغۇر تۇپراق بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. تەبىئەت لېرىك كۈيلەرگە چىرمىشىپ ئۆزىنىڭ سىمفونىيىسىنى ياڭراتماقتا. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان دېمىققان كۆڭۈللەر خۇددى شاش تايچاقتەك قىيغىتىپ ئۆزىنىڭ شادلىقىغا چۆمۈلۈۋاتقان قىسقىغا دەملەردە يامغۇرنىڭ توختىشى بىلەن سىرتقا چىقتىم. ئەتراپتىكى بارچە شەيئىي خاسىيەتلىك باھار يامغۇرىنىڭ شاراپىتى بىلەن باشقىچە ھۆسن تۈزگەن ئىدى. تەنھالىقىمغا خىيالىمنى ھەمراھ قىلغىنىمچە تاتلىق نەپەسلەردە ھىدلانغاچ بىر پەس ئايلاندىم. ئەركىن قەدەملەر ۋۇجۇدۇمنى بىر - بىرىدىن گۈزەل جايلارغا باشلايتتى... >!#or- C  
شۇ تاپتا مەندىن بەكرەك شادلىققا چۆمگەن روھىم پىچىرلاشقا باشلىدى: JiRfLB  
- ئېھ باھار يامغۇرى، بەھرىڭ نېمانچە سۆيۈملۈكتۇر سېنىڭ...؟ ZnD(RM   
\n0MqXs#  
قاراقاش - كۇيا
t flUy\H>  
4,:)%KB"V  
[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرۇم007
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-23, 08:22
-سىز كۆرۋاتقان تىما جان ئوتى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(گۈل-چۈشى) نەسىرلىرىڭى ..
  • مۇنبەر پۇلى:+150(قىزغىن) نادىر
  • مۇنبەر پۇلى:+200(ئۇيغۇرۇم007) نادىر ئەسەر
  • ئەدەبىيات كوچىسىغا يېڭىدىن كىرگەن بىر بالا ئۈچ يىل بۇرۇن ماڭا: ( بىر پارچە ھېكايەم ئېلان قىلىنغان. شۇنى ماختاپ بىر پارچە ئوبزور يازغان بولسىڭىز... ) دېدى. مەن رەت قىلدىم. شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان مېنى ئىتتەك تالاپ كەلدى!
    axikbabak
    مەن ھازىرغىچە دۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشاپ كىلىۋاتق& ..
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 550
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 513
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە513دانە
    ياخشى باھا: 320 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5605 سوم
    تۆھپىسى: 164 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 152(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 04:28 PM

    ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىمەن...يەنىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تىلەكداشمەن...
    بەخت قۇشى قونسىمۇ كۈلۈپ،
    يەتمەيدىكەن قەدرىگە ئىنسان.
    ئۇچۇپ كەتسە قەدرى ئۆتۈلۈپ،
    يەپ قالاركەن ئاخىر پۇشايمان.
    KULKEZ
    ئاددى-ساددا ھەم قائىدىلىك بول، ياسانچۇق ۋە ئەخلا ..
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5182
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 994
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە994دانە
    ياخشى باھا: 402 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3650 سوم
    تۆھپىسى: 529 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 629(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 04:33 PM

    ئەسەرلىرىڭىزدىكى بىر خاسلىقنى بايقىغاندەك قىلىمەن .... يەنى  ئىخچام E1Rz<&L  
    ھەممە تىمىلىرىڭىز بەك ئىخچام  ددۋېن ئاكا  كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي...!
    [ بۇ يازما KULKEZ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    قىزلاردا نازاكەت تۇگىسە، ئوغۇللاردا جاسارەت تۇگەيدۇ...!
    tasawur
    ئانىنىڭ نالىسى ئاللاھغا يەتسە ئاللاھ زارلىنار\\ ..
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7509
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 105
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە105دانە
    ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 425 سوم
    تۆھپىسى: 88 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 360(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 04:36 PM

    ئەسەرلىرىڭزنى ياختۇرۇپ ئۇقۇيمەن ،ياخشى ئەسىرلىرىڭز ئۈزۈلمىسۇن ئەمما تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇلسىمۇ بىر سۇئالنى سوراپ باقاي سىزنڭ مۇنبەردىكى ئىسمىزنىڭ نىمە مەنىسى بار؟ نىمدەپ بۇئىسىمنى قوللىنىش نىيتىگە كىلىپ قالدىڭز ؟
    ئىسىڭزدە بولسۇن ئانڭىزنىڭ چىرايىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ\\\
    mehriban
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3687
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 296
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە296دانە
    ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1077 سوم
    تۆھپىسى: 41 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 525(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-10
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 04:43 PM

    ھەقىقەتەن ياخشى نەسىرلەر ئىكەن بولسا تېخىمۇ كۆپ يوللاپ تۇرۇڭ!!
    tuprakbag
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1036
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 51
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
    ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 965 سوم
    تۆھپىسى: 17 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 489(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-27
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-08
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 04:46 PM

    نەسىر، @)m+b;  
    بىرتامچە سىياھ. p4I6oS`/.  
    ئاق ۋاراقنى رەتسىز بويىغان، Xu&4 |$wB+  
    يىراقتا تۇرۇپ سىنى سېغىنغان. cy4V*zwp  
    مۇھەببەتنى تۇغۇدۇ قىزلار، Y4n; [nHQ(  
    قوللىرىدا قان رەڭ بىر خەنجەر، U0%m*i  
    ئاشىقلارنى پەيلاسوپ قىلغان.
    ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
    gherip
    بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلايل ..
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1695
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 801
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە801دانە
    ياخشى باھا: 242 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 229 سوم
    تۆھپىسى: 177 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1891(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 04:58 PM

    نەسىرلەرنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتكە مۇناسىۋەتلىككەن ھە!
    بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.
    Davan_Axkuqi
    <كىتاب ئوقۇش ياشلىق ھاياتىمنىڭ بىر قىسىمى>...
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1249
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 144
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە144دانە
    ياخشى باھا: 106 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 136 سوم
    تۆھپىسى: 126 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 116(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 05:15 PM

    2-قەۋەت (KULKEZ) نىڭ يازمىسىغا

    مەنمۇ شۇنداق قاراشتا، ھەجىمنى قوغلاشماپسىز يەنى قوشسىمۇ، ئېلىۋەتسىمۇ بولىدىغان سۆزلەرنى ئامال بار ئېشلەتمەپسىز، سۈپەتلىك چىقىپتۇ. تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
    قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتىم، ئۇلۇغ ئاللاھقا شۈكرى.
    milan.22
    پۇتبولچى
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10449
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 886
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە886دانە
    ياخشى باھا: 1059 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3117 سوم
    تۆھپىسى: 266 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 409(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-15
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-09
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 05:21 PM

    يەنىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تىلەكداشمەن...   
    ئاللاھ ھەبىر بەندىسىگە سەۋىر ئاتا قىلسۇن.
    گۈل-چۈشى
    جىنـايـەتلىك يـۈرەك ، ئـەلۋىدا!
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1507
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 232
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە232دانە
    ياخشى باھا: 79 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7179 سوم
    تۆھپىسى: 8 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1286(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 05:48 PM

    نىمىشقا ياش تۆكىسەن؟تويۇڭ بولىۋاتسا،خۇشال بول! -دىدىڭ دوستۇڭغا ، ئۇ ياش يۇقى كۆزلىرى بىلەن ساڭا لەپپىدە قارىدى. بىلەمسەن؟ ئۇنىڭ شۇ تاپتا ساڭا نىمە دىمەكچى بولغانلىغىنى؟... t =~al8  
    ئۇ،- ئايدىڭ كەچلەردىكى  ساناقسىز  يۇلتۇزلارنى بىرگە سانىشىپ بەرگەن يىگىتىم -بۇ ئەمەس تۇرسا ... - دىمەكچى ئىدى...
    7cr+a4T33  
    w1rB"rB?  
    بوۋاي  قولىدىكى ئاللا قاچان ئۆڭۈپ كەتكەن تاۋار ياغلىققا قاراپ مۇڭلۇنۇپ  ئولتۇرىدۇ.ئۇنىڭ خىيالىدا ياشلىغىدىكى تاۋار ياغلىقنى توقۇغان  سۆيگۈنى... ئادەم قېرىدى... لېكىن سۆيگۈ قېرىمىدى.ئالەم قېز پىتى قالدى... d&w g\"E  
       zr\I1v]?1#  
    بۇلبۇلمۇ سايرايدۇ، كاككۇكمۇ سايرايدۇ .پاقا جىنىدىمۇ كوكۇرايدۇ. لېكىن ئىنسانمۇ  سۆيگۈ ئوتلىرى قەلبىگە تۇتاشقاندا ئۇ لاردىنمۇ  مۇڭلۇق سايرايدۇ.    R6h(mPYA  
           IW Lv$bPZ/  
    مەن ئېيىتقان ناخشىلار قۇرۇغان گۈللەرنىڭ بەرنالىرى بىلەن پەسىللەرنىڭ شاماللىرى بىلەن  بىللە نە-نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى.  شۇنچە قۇلاق ياقساممۇ ئۆزۇمگە زادىلا ئاڭلانمايدۇ. لىكىن، بۇگۇن كېچە  يۈتكەن ناخشىلىرىمنى قايتا ئۇچرىتىپ  قالدىم .بۇ ناخشىلار ماڭا ئوخشاش مىسكىن بىر قىزنىڭ  يۈرىكىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتىدۇ... sn+i[  
                               gZM\RJZ_  
       شەمشەرنىڭ بىسى بىلىگەنچە ئىتتىكلەيدۇ. ئىشلەتكەنسىرى تاۋلىنىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ سېپىنى مەككەم تۇتقىنى ۋۇجۇدىدىن ئېتىقات ، غەيرەت - جاسارەت  ئۇرغۇپ تۇرغان ئالەمچە سۆيگۈدىكى ئۇلۇغ بىر ئىنسان. iPa!pg4m  
    gJ+MoAM"  
    مۈشۈكمۇ باقتۇق، ئىتمۇ باقتۇق. مۈشۈك ئۆيدە، ئىت تالادا ئىدى.لىكىن ھىچقايسىنى ئاچ قويمىدۇق.چۈنكى بىز ئۇلار ئۈچۈنمۇ تەر تۆكۈپ ئىشلىدۇق.لىكىن، ئىت- مۆشۇكنى قوغلىۋىتىپ ھازىر يوتقىنىمىزدىن  ئورۇن ئېلىۋالدى.بىز رازىلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتۇق... @%O"P9;s  
    DCPK1ql  
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(URUKJAN) ئەڭ ئاخرقىسى ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(DDV) سۆيۈندۈم
  • ئادەم ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بەلگىلىيەلمىسىمۇ، قانداق ئادەم بۇلىدىغىنىنى بەلگىلىيەلەيدۇ.
    turghunjan
    oyghansam<<1>>=-
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7398
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 198
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
    ياخشى باھا: 172 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 735 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 85(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-04
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 06:32 PM

    ئاۋۋال تېنىڭىزنىڭ ساغلام،تۇرمۇشىڭىزنىڭ مەنىلىك،توغرا ئىتىقادىڭىز بىلەن تەۋرىمەي ئۈمۇتۋار ياشىشىڭىزنى ئۇلۇغ ئىگەمدىن تىلەيمەن!\ eZ[CqUJ&  
    <رىئاللىق مەن ساڭا باشلىق ئەمەسمەن! ھەم قۇلۇڭمۇ ئەمەس! +6B(LPxgP  
    سەن بەلكىم قىسمەتلىرىڭ بىلەن بىشەملەرچە مىنى بوزەك قىلارسەن... U?[a@Hj{  
    ئەمما مەن چۇقۇم ئۆز روھىمنى يىڭىپ تۇرۇپ،ئىچىڭدە مەغرۇر ياشايمەن!>
    huxhuy520
    مەن ھازرغىچە ھايات تۇرغىنىمغا خۇشال . .
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6943
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 950
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە950دانە
    ياخشى باھا: 239 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6127 سوم
    تۆھپىسى: 175 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 443(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-23 07:15 PM

    بۇ نەسىرلەرنى دىۋىدى پىلاستىكا قىلىپ ئىشلىسە بولغۇدەك .
    ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ نامىدىن تۇنۇمىغىن،بەلكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال تۇنۇغىنكى ئاندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلۋالالايسەن.