قىمارغا تىكىلگەن ئايال
(پوۋىست)
ئاپتورى: نازى
مەن 9 ياشقا كىرگەن يىلى دادام ئالەمدىن ئۆتتى، ئانامنىڭ قاچانلاردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن، ھازىرقى ئانامنىڭ ئۆز ئانام ئەمەسلىكىنىمۇ كىيىن بىلدىم. ئۆز ئانام ئۆلۈپ كەتكەندە مەن تېخى بىر ياشقىمۇ توشمىغان ئىكەنمەن. ئانام مېنى بۇ دۇنيادا يالغۇز قالدۇرۇپ كېتىپ قاپتىكەن، دادام ئەر كىشى بولغاچقا تېخى يېشىغا توشمىغان بىر قىزنى بېقىپ بولالماي قايتا نىكاھلىق بولغانكەن. مەن ئەقلىمگە كەلسەم ئۆيىمىزدە دادام، ئانام يەنە ئاچام، مەن تۆتىمىز باركەنمىز. مەن بەزىدە ھەيران قالاتتىم. ئانام ئاچامغا بەكلا ئامراق ئىدى. بەزى ياخشى نەرسىلەرنى يوشۇرۇنچە ئاچامغا بېرەتتى. مەن :
__ مەڭە يوقمۇ؟ ماڭا نىمىشقا بەرمەيسەن؟ __ دەپ سورىسام،
__ ئاچاڭ بەك بىچارە، سەن دېگەن بەك بەختلىك، شۇڭا ئۇنىڭغا بەردىم، __ دەيتتى ئانام. كېيىمنىڭ يېڭىسىنى ئاچام كېيەتتى. مەن بولسام ئاچامدىن ئاشقىنىنى كېيەتتىم. مېنىڭ ياخشى نەرسىلەرنى يېگۈم، چىرايلىق كېيىملەرنى كېيگۈم كېلىپ كەتكەن ۋاقىتلاردا ئاچامغا شۇنداق ئۆچلۈكۈم كېلەتتى. بىراق، مېنىڭ‹بەك بەختلىك›لىكىمنى، ئاچامنىڭ ‹بەك بىچارە›لىكىنى ئويلاپ يەنە ئاچچىقىم يېنىپ قالاتتى. لېكىن مېنىڭ قانداق بەختلىكلىكىمنى، ئاچامنىڭ قانداق بىچارىلىكىنى پەقەتلا بىلمەيتتىم. شۇنداق قىلىپ دادام ئۆلۈپ كېتىپ، مەن تېخىمۇ يامان كۈنگە قالدىم. ئاچام مەندىن 10 ياش چوڭ ئىدى. بىر كۈنى ئانام ئاچامنى ئېلىپ سەھەردىلا يۇرتىمىزدىن يىراق بىر شەھەرگە تويغا بارىمىز دەپ چىقىپ كەتتى ،(ھازىر بىلسەم ، ئۇ شەھەر يۇرتىمىزغا 40 كىلومېتىر كېلىدىكەن) ھويلىمىزدا يوغان بىر ئۈجمە دەرىخى بولىدىغان، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئاناملار بىر يەرگە كەتسە ئاشۇ ئۆجمە دەرىخىگە مەن يەيدىغان نانلارنى ياغلىققا چىگىپ ئېسىپ قوياتتى. بۈگۈنمۇ ماڭا بىر كۈن يېگۈدەك ناننى ئاشۇ ئۈجمە دەرىخىگە ئېسىپ بېرىپ، كەچتە كېلىمىز دەپ چىقىپ كېتىشتى. مەن ئۆيگە كىرەلمەيتتىم، پەقەت ھويلىدا نېمىش قىلسام بولىۋېرەتتى. ئانامنىڭ دېيىشىچە، مەن بەك كىچىك بولغاچقا ئۆينىڭ ئىشكىنى ئوچۇق قويسا ئۆيگە ئوغرى كىرەمىش. بۈگۈنمۇ مەن سىرتتا ئويناپ، قورسىقىم ئېچىپ ھويلىغا كىردىم-دە، ئۈجمىدىكى ئېسىقلىق ناندىن بىر پارچىنى ئېلىپ ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇغا چىلاپ يەپ ئولتۇراتتىم، كوچىمىزنىڭ دوقمۇشىدا ئۆيى بار موماي يېنىمغا كېلىپ:
__ قارىسام بۇ يەردە ئۇزۇن ئولتۇردىڭىز، چۈش بولسىمۇ كىرىپ كەتمىدىڭىز، نىمىشلارنى قىلىۋاتىسىز؟ ئاپىڭىز قېنى؟ __ دەپ سورىدى مەندىن. مەن ئۇنىڭغا ئاناملارنىڭ تويغا كەتكەنلىكىنى دەپ بەردىم، ئۇ مۇماي كۈزلىرىگە ياش ئېلىپ، مېنى ئۆيىگە ئەكىرىپ، ماڭا بىر تەخسە لەڭمەن بەردى، مەن تېخى ھازىرمۇ ئاشۇ لەڭمەننىڭ تەمىنى ئۇنتۇيالمايمەن، چۈنكى ئاناممۇ ئۇنداق ئوخشىغان لەڭمەننى ئېتەلمەيتتى، ھەم مەنمۇ تېخى ئۇنداق لەڭمەننى يەپ باقمىدىم. ئۇ ماڭا تاماقنى بېرىپ بولۇپ چىقىپ كېتىدىغان ۋاقتىمدا ،
__ بۈگۈنكى بۇ ئۆيگە كىرىپ تاماق يېگەن ، ھەم مەن بىلەن كۆرۈشكەن ئىشنى ئانىڭىزغا دېمەڭ، بولمىسا ئۇ بۇندىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشىشىمىزگە قارشى تۇرىدۇ دېدى ۋە مېنىڭ بېشىمنى سىلاپ، مېنى باغرىغا بېسىپ، قۇچاقلىغىنىچە يىغلاپ كەتتى، مەن نېمىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي، __ نېمىشكە يىغلايسىز دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
__ سىز بىلمەيسىز قىزىم، ئۆزۈمچە يىغلىدىم دەپ جاۋاب بەردى، مەن بۇ ئىشنى ئانامدىن مەخپى تۇتتۇم، ھەم كېيىنكى كۈنلەردە ئانچە-مۇنچە ئانام يوق ۋاقىتلاردا شۇ مومامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تاماق يەپ تۇردۇم، ئۇمۇ ئاتايىن ماڭا ئاتاپ يېمەكلىك، تاتلىق تۈرۈملەرنى ساقلاپ قوياتتى. كېيىن بىلسەم ئۇ موماي مېنىڭ ئۆز ئانامنىڭ سىرداش خوشنىسىكەنتۇق. مېنىڭ كىچىك تۇرۇپ كۆرۈۈشكە تىگىشلىك بولمىغان كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقىنىمغا چىدىماي ماڭا ھىسداشلىق قىلغان ئىكەن.
مەن خېلى ياشلارعا كىرىپ قالغان بولساممۇ ئانام مېنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشۇمغا قوشۇلمىدى، بىزنىڭ ئۆيىمىز چوڭ يول تۆپىدىلا بولۇپ، ھەر كۈنى بوپىلىرىنى ئېىسپ مەكتەپكە ماڭغان بالىلارنى كۆرسەم ئىچىمگە ئوت كىرىپ كېتەتتى. بەزىدە ئۇلارغا ئەگىشىپ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلىدىغان يەرگىچە بىرگە مېڭىپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى قىزىقارلىق پاراڭلىرىنى ئاڭلىۋالاتتىم. ئۇلارنىڭ قاتارلىشىپ بىر بىرى بىلەن قوغلىشىپ مەكتەپكە مېڭىشلىرىغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتىم. كېيىن ئاچام توي قىلىپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيدە ئانام ئىككىمىزلا قالدۇق. مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال ئىدىم. چۈنكى ئەمدى ئاچام يەيدىغان ياخشى يېمەكلىك، چىرايلىق كېيىم مېنىڭ بولاتتى. بىراق، ئىش مەن ئويلىغاندەك بولمىدى. ئۇ نەرسىلەرنى مەن ئاچامنىڭ ئۆيىگە توشۇپ، كۈندىلىك جاپايىمغا يەنە بىر جاپا قوشۇلغانىدى. ئىككىنچى يىلى ئاچام بىر قىز تۇغدى، ئەڭ يامان ئىش ئەمدى باشلاندى. مەن ئاچامنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىپ بالا باققۇچى، ھەم بۇ ئۆيگە خاس خىزمەتكار بولدۇم. مەن باشقا ئاچا-سىڭىللارنىڭ بىر-بىرىگە بەكمۇ ئامراقلىقىنى كۆرسەم ئىچىم ئېچىشىپ كېتەتتى. بىراق مەن ئاچامغا شۇنداق ئامراق بولساممۇ ئاچام ماڭا ئۇنچە ئامراقلىق قىلمايتتى، ھەدېسىلا ئاشقان تاماقلارنى بېرەتتى، ھەتتا ئۇكامدىن ئېشىپ قالغان تاماقلارنىمۇ يەۋەت دەپ ماڭا بېرەتتى، رەت قىلسام ئاچ قالاتتىم، شۇڭا كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئۇكامنىڭ شالىسى ئارىلىشىپ كەتكەن تاماقلىرىنى يەپ قورسىقىمنى توجلايتتىم. كۈنلەر ئۆتمەكتە. ھەش -پەش دېگۈچە مەنمۇ 14 ياشقا كىرىپ قالدىم. بىر كۈنى مەلىمىزدىكى بىر خوشنىمىزنىڭ قىزىنىڭ توي ئىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاچام خوشنىلارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە سەۋزىلىرىنى قەلەم قىلىشىپ بېرىشكە چىقىپ كەتتى. بىر كەمدە ئاچامنىڭ يولدىشى غەرق مەست ھالەتتە ئېگىز - پەس دەسسەپ كىرىپ كەلدى ۋە قالايمىقان ۋارقىرىپ ئاچامنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سورىدى.
__ يوق، خوشنىلارنىڭكىدە توي بولماقچىكەن شۇ يەرگە چىقىپ كەتتى، __ دەپ جاۋاب بەردىم مەن چىرايىمنىمۇ ئاچماي تۇرۇپ، چۈنكى ئۇ ھەر قېتىم مەست كەلسە ئاچامغا قوشۇپ مېنىمۇ تىللاپ كېتەتتى، بەزىدە ئاچامنى ئۇراتتى، شۇڭا ئۇنى كۆرەرگە كۆزۈم يوق ئىدى. بىراق مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقىنىم ئۈچۈن ئامال يوق يەنە ئۇنىڭغا گەپ قىىشقا مەجبۇر بولاتتىم.
(داۋامى بار)
[ بۇ يازما چالىقۇش تەرپىدىن 2010-05-27 10:06 AM دە ق ]
 |