مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2299 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: داڭگال تەپەككۇر ئەلبۇمى <تولۇق نۇسقىسى>
Danggal
363309062
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1841
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1609 سوم
تۆھپىسى: 11 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 39(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 05:30 PM

0 داڭگال تەپەككۇر ئەلبۇمى <تولۇق نۇسقىسى>

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى ئۇيغۇرۇم007 تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-09-13)
                                                                                كىرىش
    مەن مۇشۇ يىلى(36يىل بۇرۇن) مۇشۇ ئايدا تۇغۇلغان.ھايات ۋاراقىللىرىمنى ۋاراقلاپ باقسام مەن تېخى ھېچكىمگە ھېشنىمە قىپ بىرەلمەپتىمەن...بۇلاردىن قاتتىق ئۆكۈندۈم.
  مەن مۇشۇ يىلى(12يىل بۇرۇن)،مۇشۇ ئايدا ئەڭ يېقىن دوستۇم ۋە قەدىردانىم ،مېھرىۋان ئانامدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدىم.
  مەن مۇشۇ ئايدا مۇشۇ قۇرلارنى پۈتەلىگۈچ بارماق،ئەس-يادىمنىڭ ئۈگەتكۈچىسىنى <ئۇستام> قىلغان.
   خەلىقىم ماڭا ھېساپسىز ئەقىل ۋە تەپەككۇر بەردى.ۋەتەن دەپ گالۋاڭلىقىمدىن نەپسىم قىسىلسىمۇ يەنىلا خەلقىم دەپ ئورنۇمدىن دەس تۇرمەن!
    {   ئەسكەرتىش ؛بۇ يازمىنى ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەن ۋە ئورۇننىڭ خالىغانچە ئىشلىتىشىگە،ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.لىكىن قانداق پىكرى بولسا ئاڭلاشقا تەييارمەن.}
                                                                          <1>
  1> دانا پىكىر ۋە ئەقەللى ھېكمەت يولۇڭغا پايانداز.
  2> ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭ ئېرىشكەنلىرىڭدىن قانچە شېرىن ،لەزىز بولغاچقىلا سەن شۇنچە زور بەدەللەرنى تۆلىيەلىگەن.
 3> ئەقىللىق ئادەملەر ئۆزىدىن ئەقىللىق ئادەملەرگە دايىم ئۆزىنى سىلىشتۇرۇپ ماڭالىغاچقىلا نەتىجىللىرىدىن سۆيۈنۈشكە ئىمكانىيەت ھازىرلىيالىغان.
 4>مۇھەببەتلىك چۆل گويا بوستان،مۇھەببەتسىز  ئەل-يۇرت خانۇ-ۋەيران.
 5>شەخسىيەتسىزلىك-ئەخلاق جېنى.ئەخلاق ماھىيىتى-مەنىۋىلىكنىڭ تاجى-قېنى.
 6> دۇنيادىكى كىتاپلار ئىچىدە ئىنسانىلىق ئەڭ مۇقەددەس كىتاپ.بىز ئۇنى مەڭگۈ يېزىپمۇ،ئۇقۇپمۇ بولالمايمىز.توختۇتۇپ قويۇشقا ھەم بىقۇدرەتمىز.
 7> ھايات كۈلكەڭ بىلەن گۈزەل،ئىدراكلىرىڭ بىلەن مۇپەسسەل،تاقەتلىرىڭ بىلەن بەرنا،غەيرىتلىرىڭ بىلەن كامالدۇر.
8> دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن،مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.
9>30يىل ئوغلىغا ئېشىك ئېچىپ بېرىشنى شەرەپ دەپ بىلگەن ئانىلار 3 كۈن ئېشىك ئېچىپ بىرەلمىگەن كېلىنلەرنىڭ تەلىيى بوپ قالدى.
 10> قىشتا ئىچىلغان گۇل ئەسلى بىر گول گۇل،قىشتا سايرىغان بۇلبۇل ئۇگىسىز بۇلبۇل.
11>ئايىغىڭنىڭ ئۇپراپ كېتىشىنى ھازىرقى ئاياغلارنىڭ جالىشىپ كەتكىنىدىن كۆرمەي ئۇششاق يوللۇرۇڭنىڭ ئاۋۇپ كەتكىنىدىن ئىزدەپ باقساڭ-قانداق؟
12>ئاياللارنى پۈۋلىسىڭىز خۇدىنى يوقاتقىنى بىلەن ئەرلەرنى پۈۋلىسىڭىز ئۆزىنى يوقىتىدىكەن ئەمەسمۇ!
13>ياماق ئىشتانلاردىن مەيۈسلەنگەن ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ياماق ئىشتانلاردىن ھوزۇرلىنىشىغا پەخىرنەمدۇق؟
14>پەرزەنتىم <ماڭا ئوخشىدى> دەپ خوش بولماي <ئىنسانغا ئوخشىدى> دەپ سۆيۈن.
15>پەقەت ئۆزگىلەرنىڭ مەنپەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويالىغىنىڭدىلا كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچالايسەن.
16>سېخى، مەرىت كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا بەخىتلىك،كۆڭلى خاتىرجەم كىشىلەردىن بوپ كېتىشى ناتايىن.
17>دادام كۈچ ئۇلاش بالدىقىنى ئاللىقاچان ماڭا بېرىپ بولدى.مەن ئەندى ئۇنى پەرزەنتىللىرىمگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتىمەن.
18>ئۆمۈر ھاياتنىڭ بىزگە تارتۇقلىغان ئەڭ قىممەتلىق سوۋغىتى.ئەمدى گەپ ئۇنى قانداق قوبۇل قىلىش ۋە يارتىشتا.
19>سېرىتقى گۈزەللىك گېرىم بىلەن تەبىلىكنىڭ پەرقىدىن ئىبارەت.
20>ھېساپتا مەن راستىنلا بىر قېتىم ئۆلدۈم. ئەمما بۇ ئۆلۈش ئىديەۋى ئۆلۈش.ئىلگىركى روھى غەپلەتلەرنى ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ قانداقمۇ ئۇلۇغۋار نىشانلارغا يەتكىنى بولسۇن؟!



_______________

                                                                       <2>

  21>بىز دايىم كىچىكىپ ھېس قىلىدىغان نەرسىلەر ئۆزىمىزدە ئەسلى بار بولغان ،قېدرىپ چېقىشقا جۈرئەت بولسىمۇ بىپەرۋا ئۆتكۈزۋىتىشكە يول قويغان روھى كەمتۈكلىرىمىزدىن ئىبارەت.
22>چىرايلىق،مۇلايىم،خۇشپىل ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا قەلبى گۇزەل بولۇپ كەتمىگىنىدەك سەت،خاپىغان،قوپال كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا قارا كۆڭۈل بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
23>ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ سېرىتقى كۆرىنىشىنى پەردەزلەشتىن ئىچكى دۇنياسىنى قانچىكى ئاۋۇندۇرۇپ بەرسە ئۇنىڭ بەخىت چېرىغى شۇنچە نۇرلانغان بولىدۇ.
24>مىنىڭچە ئىنسان ئۆز بەختىنى دەپ ئەمەس ئۆز خەلقىنىڭ بەختىنى دەپ كۈرەش قىلالىغىنىدىلا ھەقىقى شەرەپ ۋە ئىمتىيازنىڭ خوجايىنى بولالايدۇ.
25>ياشاشنى يىيىش ئۈچۈن دەپ قارىغانلارنىڭ ئۆمرى تولىمۇ قىسقا بولىدۇ.
26>مەن بىر ئۆمۈر ياشاپتىمەن دىگەن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئۆلچەشتىكى ئەقەللى ساۋاپ دەل تىرىكلىكتىكى ئەمىلى.
27>دۇنياغا بىر كەلدىڭ ياشىغىن كۈلۈپ،
      تۇرمۇشنىڭ بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ.
      بىلگىن جان كۈندە چىچەكلىمەيدۇ،
      ئارمىنىڭ قالمىسۇن كەتسەڭ گەر ئۆلۈپ.
28>زەرىچە ۋاقىتنىمۇ قەدىرلەپ مەنىۋىيىتىنى بىيىتىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن <نىمە قىپ بىرەلىدىم >دىگەننى ئەستىن چىقارمىغان ئىنساننىڭ گەرچە ئۆمرى قىسقا بولسىمۇ ھايات مۇساپىسى ئەبدىلىكتۇر.
29>ئېيتىپ باقا يەر شارىغا يەنە بىر قېتىم <مېھمان> بولۇپ كىلەلەمسەن؟
30>ياشاشنىڭ مەنىسى قانداقتۇر بىرەر نەرسە ۋۇجۇتقا چېقرىشلا ئەمەس ئۇ يەنە ئازارلىق مەغلۇبىيەتنى چۈشۈنۈپ توغرا بىر تەرەپ قىلالىغانلارغا ئىچىلغان ھۆرمەت داستىخان.
31>تەيياغا ھەييا بولۇپ بېشىڭدىكى توقلۇقتىن ھوزۇر بەرگەن ئىمكانلار ساڭا ئۆمۈرلۈك باقىۋەندە بولالماس.
32>ئىنسان دايىم خوشال-خورام ئۆتىمەن دىيەلمەيدۇ.بۇ يەردىكى مەسىلە قايغۇ ۋە ئازاپلىرى ئىچىدىن كۈچ-قۇۋەت ۋە ئەقىل تىپىشتا.
33>بىر ئۆمىر جان تىكىپ كۈرەش قىلساڭمۇ سەن ئېرىشكەن خوشلۇق ئەتراپىڭدىكى ئاۋامنىڭ چاۋاك ئۇرىشىغا ئېرىشەلمىسە ئۇنى چىن مەنىدىكى بەختىيارلىق دەپ قالما.
34>دىلغۇللۇق،ئارامسىزلىق،تەشۋىش،قايغۇ...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كۆڭۈلسىز تۇيغۇللىرىمىزنىڭ بىر قىسمى. ئۇلار ئالدىراشچىلىق بىلەن ئۇنتۇلۇپ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا-ئاستا بىزدىن يىراقلىشىدۇ.
35>ئۈمۈتۋارلىق سەن مىنگەن تۇلپار.ئۇنىڭدا قانچىكى مۇستەھكەم ئولتۇرالىساڭ ئۇ سېنى شۇنچىلىك ئىشەنىچ بىلەن مەنزىلىڭگە يەتكۈزەلەيدۇ.
36>مەيلى تەبىرىڭنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتتى نەزەر تەغدىر-سەن باسقان قەدەملەرنىڭ ئاخىرقى يەكۈنى.
37>كىمدە،قانداق ئارتۇقچىلىق بولسۇن ئۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن تۆكۈلگەن ئەمەس،بەلكى تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
38>ياشاش مۇدداسى ئىنىق بولمىغان كىشىلەرلا ئۆمرىنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدىن نۇمۇس قىلمايدۇ.
39>نەدە بىكاتەلەت،ھورۇن،قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھاكاۋۇر ،مەنمەنچى،گىپى يوغان بولىشى پەزىلەتنىڭ دەپنە قىلىنىشى.
40>مەجبۇرىيەت تەماسىز ئىجدىھاتنىڭ جۇلاسى.دۇنيادا ئەڭ ھاياجانلىق مىنۇتلار بار دىيىلسە ئۆزىنىڭ ئۈنتىنسىز بېغىشلىغان ئەقىدىللىرىدىن كېلىپ چېققان تاتلىق نەتىجىللىرىدىن ياشلىنىش.

_______________


                                                                         <3>
   41>ھېيىت-نامراتلارنىڭ شاتلىق تەنتەنىسى.بايلارغا ھېيىت بولمايدۇ.ئۇلارغا قارىغاندا نامراتلار ھېيىت قەدرىنى ئەڭ مۇپەسسەل چۈشۈنۈپ ۋە سۆيۈپ ئۆتەلەيدۇ.
  42> ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن كۆڭۈلسىز قىسمەتلەر مىنى ئىسەدەتمىگەن بولسا نەدىمۇ مەندە ھاياتنىڭ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىش،دۇنيانىڭ ئاجايىپلىقىغا ھېرىس بولۇپ بەل تۈرۈپ ياشاش ئىستەكلىرى بولسۇن!؟
  43>يۈكسەك بۇرۇچ-ئەقلى كۈرەش دىمەكتۇر.
  44>بىلەمسىزكىن،بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز كۆپرەك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئولتۇرشىمىزدىن كۆرە كۆپرەك ھەركەتلىنىپ بېرىشىمىزگە مۇھتاج.
  45>كۆڭۈلنى ئىككىگە بۆلۈش ئەملىيەتتە ئۆزىنى ئىككىگە بۆلۈش.ئەلمىساقتىن بۆلۈنۈشتىن كۆڭۈلدىكىدەك <خامان> ئېلىنغان ئەمەسقۇ؟!
46> ھەممە ئىشقا تەڭ چىپىلىۋالىدىغان ئادەملەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ھارامزەدىلىك.
47>تۇغۇلغان كۈنىنى داغ-دۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان يولداشلار كىيىنكى كۈنلىرىنى قانچىلىك داغ-دۇغا بىلەن قارشى ئېلىۋاتقانقانلىقىنى سۆزلەپ بەرسۇن!
48>ۋەزىنى ئېغىرراق ئىشلارغا ئالدىراپلا يەڭنى تۈرۈپ كىرىش خۇددى ئىشەك ھارۋىسى بىلەن شەگە كىرىپ قالغاندەك بىر ئىش.
49>ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ پايدا ئالغانلار بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ زىيان تارتقانلارنىڭ پەرقى مۆرە ئۈستىدىكى <قاپاق> تا.
50>ئىتىپاقسىزلىقنىڭ مەنبىيى-ئىشسىزلىق.
51>غايە-ۋۇجۇدىغا ئۇلۇغۋار ئىشلارنى پۈككەن تىرىشچان ئەزىمەتلەرنىڭ ئاستىدىكى تەختىرۋان.
52>ئىرادىسىز،ئېتىقاتسىز،قەلبىدە مۇھەببەت زەرىچىسىمۇ بولمىغان كىشىلەر ئوربىتىمىزغا خاتا تۆرۈلۈپ قالغان مەخلۇقلاردۇر.
53>ھېس-تۇيغۇ ئىنسان مەنىۋىيىتىدىدىكى ئەڭ شانلىق سەلتەنەنەت.ئېسىڭدە بولسۇنكى ئۇ سېنى ئەمەس سەن ئۇنى مىنگىشىۋال.
54>ئاق كۆڭۈل،ھالال،ھەققانىيەتچى كىشىلەرنىڭ خورلانغىننى كۆرۈشـتىن ئارتۇق رەسۋاچىلىق يوق.
55>بىپەرۋالىق-ئىتىبارسىزلىقنىڭ كەشلىك غىزاسى-شەرمەندىچىلىك.
56>غەزەپ-نەپرەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر دەل قوسىقىنىڭ تويغىننى سىلاپ بېقىپ بىلىدىغان كىشىلەردۇر.
57>ئۆزىدىكى يىتەرسىزلىكنى قېزىپ چېقىش -ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى چۈشۈنۈش،ئۆزىگە يېتىشنىڭ ئاچقۇچى.
58>ھەقىقەت-ئادالەتچىلەرگە تۆردەك بىلىنگىنى بىلەن تالان-تاراج قىلغۇچىلارغا گۆردەك بىلىنىدۇ.
59>ساڭا كۆڭۈل بۆلۈپ قىلغان دوستۇڭنىڭ نەسىھەت ۋە تەنبىھىدىن ئۇنى قارلاشقا ئويالمامسەن؟!
60>تۆھمەت ئىمانسىزلارنىڭ ئىزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ تاماششە كۆررىدىغان لوزىڭكىسى.
 
++++++++++++

                                                                       <4>
  61>مەن ئۆزەمنىڭ نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ،ئۆسكىنىمدىن ئۆكىنمىگەن بەلكى پەخىرلىنىپ كەلگەن.چۈنكى بۇ نامراتلىق ماڭا ھېساپسىز ئەقىل ۋە تەپەككۇر ئاتا قىلغان.
62>تۇرمۇش قېتىغا ئېلىۋالغان ،ياشاشتا ماددى ئىھتىياجلا پۇت-قولىنى چۈشەپ <ئالدىراش> قىلىۋەتكەن بەندىللىرىمىز بىر ئۆمۈر ياسالمىلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ.
63>يالغانچى،ساختىپەز كىشىلەر ئادىمىلكنىڭ كىسپۇرۇچلىرى.
64>تەخسىكەش،سۇخەنچى كىشىلەردە دىن،ئەخلاق قاراشلىرى چېرىگەن بولىدۇ.
65>ياخشى خۇلۇق ياخشى مىجەزنى يىتىلدۈردۇ،ياخشى مىجەز ئىنساننى ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە يىتەكلەيدۇ.
66>تەربىيەسىز،بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ يازدا توپۇلۇق يوللاردا،قىشتا قېلىن قارلاردىلا ئىزى قالىدۇ.مۈكەممەل كىشىلەرنىڭ پورتىرىتى ئەسىرلەر تاكچىللىرىدا مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.
67>ئىمان قەلبىڭىزنى،بىلىم ۋۇجۇدىڭىزنى نۇرلاندۇردۇ.
68>تەپەككۇرى ئوچۇق بولسىمۇ <قوسقىمدىكىنى تاپ> دەيدىغان جۈرئەتسىز كىشىلەرنىڭ خەلىققە بىرىدىغان نېپى چاغلىق.
69>ئەقىلسىزلىق-ھېسياتنىڭ كۈلپىتى.
70>ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بەخىتلىك بولالمايدۇ.شۇ ئەقىلنى مۇۋاپىق رەۋىشتە يۈرگۈزەلىگەن كىشىلەرلا بۇ ئىمكانغا نائىل.
71>بەخىتسىزلەرگە نىسبەتەن ئۆز خەلىقىنى كۈلدۈرۈپ ئېرىشكەن بەخىتتىنمۇ ئارتۇق بەخىت يوق .
72>دۆت ئادەمگە چاقچاق قىلىش ئىشەككە تەتۈر مۈنۈپ قالغاندەك بىر ئىش.
73>چويلىدا توختىمايدىغان پاراڭنى كۆپ سالىدىغان ئادەمنىڭ  يېقىنى بىلەن ئىناقلىقنى ساقلاش مۈمكىنمۇ؟
74>قېلىن ئادەمنىڭ يۈزى <ئاقىلانىلىگى> ئەمەلگە ئاشمىغان چاغدا قېزىرىدۇ.
75>مەندە شۇنداق بىر ئادەت باركى ئېغىزىم كۆپ گەپ قىلالمىسىمۇ قەلىمىم توختىماي كاپشىيدۇ.
76>ئەقلى قۇۋتى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك ئاسانلا پولتۇيۇپ چېقىپ قالىدۇ.ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ بىر ئېغىز سۆزىمۇ ئەبدىلىك قىبىلنامە بولۇپ قالىدۇ.
77>شۈكرى ئېغىزنىڭ تۈشىكى بىر بولۇپ قاپتىكەن ئىككى بولۇپ قالغان بولسا كىشىلەر بىر بىرىنى يەپ قويارمىدى؟!
78>دەبدەبىلىك پىكىر قىلالىغانلارنىڭ ھەممىسى دانىشمەن ئەمەس پەقەت ئاددى ئەملىيىتىلا سىزگە يېقىنلىشالىغان بولسۇن.
79>گېپى سېسىق كىشىلەر بىلەن شېرىن سۆزلۈك كىشىلەرنىڭ پەرقىنى ئويناپ تۇرغان قاش كۆزىگە ئەمەس مىدراپ تۇرغان پۇتىغا قاراپ ئايرىش كىرەك.
80>كىتاپ-ئەدىبىياتنىڭ مۇقاۋىسى،ئەدىبىيات-ھاياتنىڭ مۇندەرىجىسى،ھايات-ئىنسانىيەتنىڭ كىيىنكىلەرگە قالدۇرغان كەچمىشى.


       
                                                                          <5>
   81> باشقىلار ھەقىقەتنى <كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ> دەيدۇ لىكىن مەن ئاجىز بولساممۇ ھەقىقەتنى ئاتالمىش كۈشلۈكلەرنىڭ يۈركىگە يازىمەن.
82>يۈكسەك ئارمانلارنى يۈركىگە پۈكەلىگەن ئادەملەرلا پارلاق كەلگۈسىنى روياپقا چېقرالايدۇ.
83>ئىگىز شاختىكى شاپتۇلدىن سىزنىڭ جۈرئەتسىزلىكىڭىز ئەڭ ئاچچىق.
84>مېنىڭچە ۋەقەلىكىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ماۋزۇ ئىزدىگەن ھېكايە بەتتام ھېكايە.ئىنسانلار ئارىسىدىن تازا كۆزگە ئىلىپمۇ كەتمەيدىغان ،مۇنازىرلىشىشنى خالاپمۇ كەتمەيدىغان يىڭى تېمىلارنى يېزىشقا ئادەتلىنىش مەنىۋىيەت بېغىغا ياخشى مىۋىلەرنى تۆكىدۇ.
85>دەلىل-ئىسپات ھەقىقاتنىڭ تۈۋرىكى.لىكىن ھەممە دەلىل-ئىسپاتلار چىن بولۇپ كەتمەيدۇ.گۇمانىڭىزنى قوزغىيالىغان دەلىل -ئىسپاتلار نۇقسانسىز ئەمەس.ئەمما بۇلار ھەممە دەلىل-ئىسپاتلاردىن بىرەر ھەقىقەت تۆرىلىدۇ دىگەننىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ.
86>راسچىل،سەمىمى بولۇش ھەممە ئادەملەردىكى ئورتاقلىق دىيىش تۈپتىن خاتا.ئەگەر ھەممە ئادەم بۇ پەزىلەتنى يۈكلىيەلىگەن بولسا زىديەتلىك ئالەمنىڭ تەڭپۇڭلىغى بۇزلۇپ كەتمەمدۇ؟
87>ۋىجدان-بىزگە توغرا يول كۆرسەتكۈچى.ۋىجدان -دىلىمىزغا پولاتتەك ئورنىتىلغان ئەقەللى ساۋات.ئارا-نۇمۇس ۋىجداننىڭ پەرىشتىسى.
88>ۋىجدانسىز،دىيانەتسىز كىشىلەر ئىچىدىن تېشىغىچە جىنايەت زەرىچىللىرى بىلەن قاپلانغان بولىدۇ.
89>دۇنيادا ئىرادىسىز ئادەملەردەك قورقۇنچاق،ئاجىز ئادەملەر بولمايدۇ.قورقۇش توغرا كەلسە سەۋرى قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەملەردىن قورقۇش كىرەك.
90>مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت پەشتىقى بولمىغان ھەر قانداق بىر توپ ۋە ئائىلىدە ئىناقسىزلىق ئوتلىرى گۈرۈلدەپ تۇرغان بولىدۇ.
91>ھوقوق- دادۇيجاڭ بىلەن شودۇيجاڭنىڭ سىكىرتارنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان زەمبىلى.
92>پۇل - كاسىڭىزنى بىر قېتىم سۈرتۈشكە يارىمىسىمۇ ئېغىزىڭىزنى مىڭ قېتىم سۈرتۈشكە رازى قىلىدىغان قەغەز.
93>ئاۋامغا پايدىلىق بولسا شەيتاننىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن پايدىلنىش گۇناھ ئەمەس.
94>ھوقۇقدارلار بىلەن پۇلپەرەسلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىكى نەپسانىيەتچىلىك.
95>تالانىت-يىتىملىك ۋە نامراتلىقتىن شەكىللىنىدۇ.
96>ئۈمۈتسىزلىك-ئىرادىسىز كىشىلەرنىڭ يوتقان-كۆرپىسى.
97>توخۇ راستىنلا جېرىم غاجىلامدۇ؟ ھەئە،مۇھتاج بولسا چۆجىسىمۇ قاراپ تۇرمايدۇ.
98>مۇھتاجلىق-يوقسۇللۇقنىڭ قېينىئانىسى.ئۇ كىشىلەرگە  ئىرادىلىك،غەيرەتلىك بولۇشنى ئۈگۈتۈپلا قالماي چىداملىق،غايىلىك بولىشىغا يىتەكچى.
99>تەپەككۇر شۇنداق قۇدرەتلىك نەرسىكى نەچچە مىڭ يىللىق <مەرھۇم> لارمۇ ئۇ ئارقىلىق تىرىلىدۇ ۋە كۆز ئالدىمىزدا تىك تۇرىدۇ.
100>ھاياتىمدىكى ھەقىقى خوشاللىقىم يېزىلمىللىرىمدىكى ھەر بىر قۇرلاردىلا ئۆز ئەينى بىلەن ئەمىن تاپىدۇ.

                                                                    <6>

   101> مۇھەببەت ئاتالغۇسى <مەن ياشايمەن> دىيەلىگەن ئىنسانلارغا بېرىلگەن <جان>.
   102> مۇھەببەت بولغاچقا دۇنيا بولغان .يۈرەك بولغاچقا مۇھەببەت بولغان.كۈلكە ۋە يېغا بولغاچقا يۈرەك يۈرەك بولالىغان.
  103> مۇھەببەت ئاغزىڭدىن سۆز دىلىڭدىن چىنلىق تەلەپ قىلغۇچى مۇرەككەپ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تۇنجى سوراقچىسى.
  104> مۇھەببەت سەن ئۇنى قولۇڭغا ئالغاندا پەيدا بولىدۇ،تەرەققى قىلىدۇ.يوقۇلىشىدىن قورقۇپ ئۆتىسەن.
  105> مەن <يوقۇتۇش> بىلەن <مەھرۇم بولۇش>نى ئىككى نەرسە دەپ قارايمەن.ئالدىنقىسىنىڭ نەتىجىسىدە يەنە بىر< ئېرىشىش >مەۋجۇت .ئەمما كىيىنكىسىدە مەغلۇبىيەت ئەملىيىتى ساقلانغان.
  106> دۇنيانىڭ ئىڭىمدىكى رەھىمسىزلىگى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن مېھرىۋان ئانامدىن،ئوتىدا بىر ئۆمۈر پۇچىلانغان مەھبۇبەمدىن ۋە كۆز قارچۇغۇم -ئوغلۇمدىن ئايرىغىنى ئەمەس بەلكى مەن ماڭا ئەڭ ئىشەنىچلىك،ئەڭ سادىق ۋە يېقىن دەپ قارىغان دوسلىرىمدىن ئايرىغىنىدۇر.
  107> سۆيۈش سۆيگۈچىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەس.سۆيدۈرگۈچىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن سۆيۈشمۇ سۆيۈش ئەمەس.
  108> نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەتنى ئارزۇ-غايىللىرىدىن،تۇيغۇ ئىستەكلىرىدىن تاپماقچى بولىدۇ.دۇرۇس گەپ ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ھەزىم قىلالىغانلىقىڭىزدا.
  109>بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۆتمىشى ئارقىلىق ئۆزىنى پەردەزلەشكە شۇنداق ئامراق.مىنىڭچە بۇ چىنلىق ئەمەس.ئادەم يۈركىدىكى ئەڭ ئېسىل دەپ قارىغان ياشاش چىرتوژىنىمۇ بىلىش زۆرۈر.
  110> ھاياتنىڭ گۈزەللىگى سىزنىڭ غايە ۋە ئىتىقادلىرىڭىزنىڭ شۇنچىلىك سەلتەنەتلىك كۆركەم بولغانلىقىدا.ئۇنتىماڭكى ئېرىشكەن ئازاپ ۋە چەككەن مۇشاقەتلىرىڭىز خىيالەن شېرىنلىرىڭىزدىن قانچىلىك كۆپ،روشەن بولغانسىرى قەلىپ ئېتىزىڭىزغا شۇنچە زور ئابىدىلەرنى تىكلەپ بىرەلىگەن.
111> ئادەتتە تىلغا ئېلىنىۋاتقان مۇھەببەت ھەققىدىكى پاساھەتلىك ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسى مەلۇم شەخسى مۇددانىڭ ئىنكاسى بولۇشى مۈمكىن.ھەقىقى مۇھەببەت شۇنداق ئۇلۇغ ھېس-تۇيغۇكى ئۇنى تېخى دۇنيادا ھېچقانداق بىر مىللەت ھېچقانداق بىر تىلدا تولۇق ۋە ئەينى ئىپادىلەپ بىرەلىگەن ئەمەس.
112>مۇھەببەت نىكاھتىن باشنىلىدۇ.پەرزەنىتتىن مۇستەھكەملىنىدۇ.ئائىلىدىن قىممەت تاپىدۇ.
  113>يېرىم يالىڭاچ قىزلىرىمىزغا بېرىلگەن تۇغما يالىڭاچ يىگىتلىرىمىزنىڭ ھالىغا ۋاي!
114>ماڭا ئەڭ قاباھەتلىكى ئۆلۈپ كىتىش ئەمەس ئۇنتۇلۇپ كىتىش.
  115> باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغىننى بىلىۋىلىپ ئۇنىڭ ئىتقاد ۋە ئىشەنچىگە ئامال قىلىپ ئېرىشىپ ئىززەت-نۇمىسىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ تاشلىۋەتكەندىن ئارتۇق پەسكەشلىك ۋە رەزىللىك يوق.
116> ئۆزى قىلغان ئىش ۋە ئۆزى قىلغان سۆزگە ئىگە بولالمىغان كىشىلەر ۋاقىراپ تۇرۇپ شۇنى دىگۈم كىلىدۇ؛ سىلەر ئۆلمەمسىلەر؟!
117> دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر باركى ئۇلار ئەخلاق،مۇھەببەت،ياخشىلىق ۋە باشقا ئېسىل خىسلەتلەرنى تۇرمۇشتىكى ئاددى خوشاللىقلىرى ئۈچۈن سەرىپ قىلىۋىتىدۇ.بۇنداق شەخسى مەنپەتكە دۈم چشكەنلەر ئادىمىلىكنىڭ نىجىسلىرى.
118>مۇھەببەت ئېرشەلمىگىنىمىزدىن شېرىن،ھېجرانلىقلىقىدىن ئۆچمەس،يىتەلمىگىنىمىزدىن لەزىز،قۇدرەتلىكلىكىدىن بىباھا.
119>نىكاھ-ئۇلۇغ بىرىكىش.نىكاھ-ئەر -ئاياللارنىڭ تەڭپۇڭ بولۇش تارازىسى.نىكاھ ئىككى قەلىپنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىش دىمەكتۇر.نىكاھنى قانداقتۇر <مەخپى نىكاھ>،<ۋاقىتلىق نىكاھ>،<تېلفۇندا ئوقۇلغان نىكاھ>...دەپ قىسىملارغا ئايرىۋالغانلار  مۇناپىقلىقنى ئىزدۈگۈچىلەر.
120>مەن كۈلسەم سەن كۈلەلەمسەن؟ مەن يېغلىسام سەن يېغلىيالامسەن؟ مېنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ سورىغانلىرىمغا يىغلاپ تۇرۇپ،كۈلۈپ تۇرۇپ سورىغانلىرىمغا كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بىرەلەمسەن؟ يەنە دەپ باقە،مېنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ يازغانلىرىمنى يىغلاپ تۇرۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ يازغانلىرىمنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئوقىيالامسەن؟ ئەگەر بۇلارغا يۈرەك قېتىڭدىن ھەققانى جاۋاپ بىرەلىسەڭ مانا بۇ دوسلۇق،ساداقەت،ۋاپا،مۇھەببەتتۇر!


    ئەسكەرتىش؛؛ ئاپتورنىڭ ئەسكەرتىشى ۋە تەلەپ قىلىشى بىلەن بارلىق تەپەككۇر ئالبوملىرى بۇ يەرگە يىغىپ يوللاندى
تېما تەستىقلىغۇچى : گۈل-چۈشى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-13, 09:35
-سىز كۆرۋاتقان تىما داڭگال تەپەككۇر ئەلبۇمى <تولۇق نۇسقىسى>,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(زامانى) بارىكاللا كۆ ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(@OTKAX@) تەپەككۇر گۈل ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(atabore) سالاملار ...
  • دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.
    555rikabatqi
    www.husnigul.com . كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن دۇنيا تىچ بول& ..
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 95
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 357
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە357دانە
    ياخشى باھا: 179 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2165 سوم
    تۆھپىسى: 98 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1267(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 05:47 PM

    ھەقىقەتەن ياخشى تېما كەن رەخمەت ،ئادەم ساپ مۇھەببەت ۋە بەخىتنى ئۆزى يارىتىدۇ ،كىتاپتىكى ياكى ئالدىنقىلارنىڭ قالدۇرغان نەسىھىتى ئەمەس ..............
    قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ www.husnigul.com
    mihir
    دۇنيادا  بەدەلسىز  بىر  ۋاخ   ..
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 594
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 386
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە386دانە
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1789 سوم
    تۆھپىسى: 25 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1036(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 05:56 PM

    ھارمىغايسىز قىرىندىشىم ،  تەپەككۈر تۇلپارىڭىز مۇشەدە توختىدىمۇ ؟  ئىلھامىڭىزنىڭ تىخىمۇ قاناتلىنىشىغا تىلەكداشمەن .
    ئەلۋەتتە بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ  ھې ھې ھې...
    sargarda
    bilimdak  guzal  yar  yok
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1041
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 732
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە732دانە
    ياخشى باھا: 173 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3723 سوم
    تۆھپىسى: 145 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 263(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-27
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 06:10 PM

    Re:داڭگال تەپەككۇر ئەلبۇمى <6>

    بەزى  چاغلاردا  ،  بېشىمىزغا  بالا  ـ  قازا  كەلگەندە  ، ئاندىن  ئۇيغۇر - مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى  ئەسكە  ئېلشىمىز .

    ئادەم  خاتالىشىدۇ  ،  ئەمما  خاتالىقىنى  بىلىپ  تۇرۇپ  تۈزەتمەسلىك  ئەڭ چوڭ خاتالىق .

    بەزىلەر  پاكىزلىق  ئىماننىڭ  يېرىمى  دىسە ،  مەن مۇھەببەت  ئىماننىڭ يېرىمى دەيمەن .

    توۋىنى  كۆپ  قىلغۇچىلار  مۇنداق  ئىككى  خىل  بولىدۇ ،  بىرى  گۇناھنى  كۆپ ئۆتكۈزگۈچىلەر ،  يەنە  بىرى ئاللاھنى  ھەقىقى  ياد  ئەتكۈچىلەر.

    بەزىلەر مۇھەببەتنىڭ  نىمىلىكىنى  ھىس  قىلالمىغاچقا  ، << جاھاندا  مۇھەببەت يوق >> دەپ  جار  سالماقتا .

    تەپەككۇر  ئەلبۇمىڭىزنى  كۆرۈپ  ئىلھامىم  سوكولداپ  قالدى.
    كەچۈرۈڭ  ئۇستام  ،  ئالدىڭىزدا  كالتە  ـ  كۇسەي  گەپ  قىلىپ بىھۆرمەتلىك قىلىپ قويدۇم .  
    ئاللاھ ، زالىملارغا مەدەت بەرگۈچىلەرنى ، ئاشۇ زالىمنىڭ قولى بىلەن جازالايدۇ   (  ھەدىستىن )
    Danggal
    363309062
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1841
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 77
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
    ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1609 سوم
    تۆھپىسى: 11 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 39(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 07:12 PM

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  mihir كە 2010-09-13 05:56 PMئەۋەتىلدى  :
    ھارمىغايسىز قىرىندىشىم ،  تەپەككۈر تۇلپارىڭىز مۇشەدە توختىدىمۇ ؟  ئىلھامىڭىزنىڭ تىخىمۇ قاناتلىنىشىغا تىلەكداشمەن .

      توختىدى ئەمەس ھازىرچە تۈگىدى.
    دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.
    jmgor
    جىمغور ؛-مىللىتم روناق تاپ،مىللىتىم پاكىز ياشا.
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5025
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 277
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە277دانە
    ياخشى باھا: 79 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1152 سوم
    تۆھپىسى: 44 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 264(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 08:24 PM

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  mihir كە 2010-09-13 05:56 PMئەۋەتىلدى  :
    ھارمىغايسىز قىرىندىشىم ،  تەپەككۈر تۇلپارىڭىز مۇشەدە توختىدىمۇ ؟  ئىلھامىڭىزنىڭ تىخىمۇ قاناتلىنىشىغا تىلەكداشمەن .





    راس شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ، مەنمۇ يۇقارقى سۇئالدا ؟؟؟
    بىر كىشى بولسىمۇ دوستۇڭ كۆپەيسۇن. يامانلىق قىلما!
    gugum
    گۇگۈمنى تىللىماڭ ، بولوپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا...
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3857
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 38
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 356 سوم
    تۆھپىسى: 7 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 341(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-03
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 09:14 PM

    ماۋۇ داڭگال تېخى ھاياتكەنغۇ ، ھى ھى ھى ...........
    سالامەتلىك تىلەيمەن ...
    <داڭگال >چە ئوي-پىكىر ، تۇيغۇلىرىڭنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن ...
    قەلەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىلۋالغۇچە ياز ، ياز داڭگال !
    گۇگۈمنى تىللىماڭ ، بولوپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا...
    huxhuy520
    مەن ھازرغىچە ھايات تۇرغىنىمغا خۇشال . .
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6943
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 950
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە950دانە
    ياخشى باھا: 239 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6127 سوم
    تۆھپىسى: 175 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 443(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 09:28 PM

    ئاخرى تولۇق نۇسخىسى چىقىپتۇدە !
    ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ نامىدىن تۇنۇمىغىن،بەلكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال تۇنۇغىنكى ئاندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلۋالالايسەن.
    aksusiri
    sir
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2881
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 514
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە514دانە
    ياخشى باھا: 227 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1182 سوم
    تۆھپىسى: 16 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1423(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 09:32 PM

    ناھايتتى ياخشى  بوپتۇ.....بىر يەرگە كەلتۈرۈپ ياخشى بوپتۇ.نادىرلىگۈدەك ئالبۇم ئىكەن.
    ئەسلى ھايات نەقەدەر گۈزەل ئىدى ھە؟
    sultan
    سەن تېخى ئۆزۈڭنى چۈشەنمىدىڭ!
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 498
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 453
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە453دانە
    ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 10979 سوم
    تۆھپىسى: 34 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2140(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 09:37 PM

    بۇ ئەسلى نۇسقىسىمۇ ياكى تولۇق نۇسقىسىمۇ؟ نادىرلىنىپتۇ...
    nadira
    پەرىشتىلەرمۇ ياش تۆكىدۇ
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4373
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 868
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە868دانە
    ياخشى باھا: 473 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5551 سوم
    تۆھپىسى: 471 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 988(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-23
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 09:43 PM

    سىزنىڭ تەپەككۈر دۇردانىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بەك مەنىلىككەن.

    داڭگال، سىزگە تەپەككۈر تاشقىنى، پىكرىي چوڭقۇرلۇق، بىلىم ئېلىش ۋە ھايات يولىدىكى توغرا ئەقىدە ئەبەدىي يار بولغاي.

    ئاخىردا سىزنىڭ تېنىڭىزنىڭ سالامەت، بارلىق ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلىدۈرۈش بىلەن تەپەككۈرىلىرىڭىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن.
    سەمىمىيلىك ساپ دىللىقتۇر، بۇ پەزىلەت كەمدىن كەم ئادەملەردە بار
    kun^kiz
    ئۇنتۇپ كەت يۈرگۈم ئۇ ئازاپلارنى!
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 37
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 910
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە910دانە
    ياخشى باھا: 212 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1197 سوم
    تۆھپىسى: 169 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 724(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 09:58 PM

    تەپەككۇرىڭ بىلەن  دىلىڭنىڭ بىردەك بولۇشىنى تىلەيمەن ،  سىنىڭ باشقىلارغا مەن ھىچ نىمە قىلىپ بىرەلمىدىم. دېگەن سۆزلىرىڭدىن تەسىرلەندىم ،  سەن دوسلۇرۇڭغا ھىچ ئىش  قىلىپ بىرەلمىسەڭمۇ ئۇلار سەندىن رەنجىمەيدۇ پەقەت ئۇلارغا ئىشەنسەڭ  ئۇلاردىن رەنجىپ يۈرمىسەڭلا  ھەممە دوسلۇرۇڭ سەندىن ئالەمچە خۇش بولىدۇ . چۈنكى ھەممىز  بىر-بىرمىزگە قەرىز ئەمەس  پەقەتلا  دوس ، دوسلۇقىمىزنى بىر-بىرمىزگە بولغان ساداقىتىمىز .غەمخورلۇقىمىز بىلەن ئىسپاتلايلى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا قىيداش  ھەم گۇمانخورلۇق  ، ئاغرىنىشىمىز  بىلەن  ئەمەس . ساڭا  خوشاللىق تىلەيمەن  مەھبۇبەڭگە مەندىن سالاملار بولسۇن .
    پىكىر قىلۋاتىمەن_دېمەك مەۋجۇتمەن !!!