مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2877 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/7     Go
تېما: كېــچــىكـــكەن ئەقـىل-ھېكايە
saptilak
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3333
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ياخشى باھا: 137 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3151 سوم
تۆھپىسى: 39 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 526(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-04
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-12 09:44 PM

0 كېــچــىكـــكەن ئەقـىل-ھېكايە

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى تەكلىماكان تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-09-13)
كىچىككەن ئەقىل


ھېكايە


ساپتىلەك (ئىجادىي ئەسەر)      


                 


                                                                   پۇشايماننىڭ دورىسى تىپىلماس (ماقال)


       ظاخشام بۇ ظاۋات شەەەرگە كېلىپلا ،شەەەر مەركىزىگە جايلاشقان ەەيۋەتلىك مېەمانسارايدىن پۇلنىڭ كأزىگە قارىمايلا ظاچقۇزغان ەەشەمەتلىك ياتاقتىن ەوزۇرلىنىپ ظۇخلاپ ظارام ظېلىش تۈگۈل، ظالدىنقى كۈنىدىكى كأڭۇلسىزلىك تۇپەيلىدىن ،تەڭ كېچىگىچە تىگى يوق خىياللارغا بەنت بولذپ پەقەت تاڭ سذزذلگەندىلا ظاز-پاز كأز يۇمغاچقىمۇ، كەيپىياتىم ظالدىنقى كۈندىكىدىنمۇ بەتتەر ظورنۇمدىن تۇردۇم. ظەسلىدە بۇ شەەەرگە ظالايىتەن بىر كۈن سوراپ دۇختذرخانىغا كېسەل كأرسەتكىلى كەلگەن بولساممۇ، لىكىن قولۇم ەېچ ظىشقا بارمىغاچقا دۇختذرخانىغا كىرىشمۇ خۇش ياقماي، ظاۋات بازارنى بىر ظايلىنىپ چىقىشنى قارار قىلدىم. يىرىم كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ كىيىم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت بويۇملىرى بازىرىنى يالغۇز ظايلىنىپ چىقتىم. مېنىڭ دۇستلىرىم، ظايال خىزمەتداشلىرىم  كۆڭلى پاراكەندە بولغاندا ،ظأزى خالىغان كىيىم ياكى زىننەت بۇيىمىنى سېتىۋالسا ياكى دۇستلىرى بىلەن ظەڭ ياخشى كأرىدىغان نەرسىلىرىنى يەپ-ظىچسە ،تۇرۇپلا بارلىق خاپىلىقلىرىنى ظۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ظەپسۇس، مەن شۇنداق قىلىپ كأڭلۈمنى ظاۋۇندۇرامەن دەپ ظويلىغان بولساممۇ، شذ ظاۋات قايناق بازاردىكى  بىرەر نەرسىمۇ ماڭا يارىمىغاندەك سېتىۋىلىشقا كأڭلۈم بارمىدى. 10-ظاي مەزگىلى بولسىمۇ ظىسسىقنىڭ تەپتى تېخى تولۇق يانمىغان ظىدى. سەەەردە سۇغۇق، چۈش مەزگىلى ظىسسىق بولغاچقا كىيىۋالغان ظۇزۇن يەڭ كىيىمىممۇ ماڭا ظېغىر كىلىۋاتقاندەك ئېدى. كەيپىياتىمنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىنمۇ شذنچە چىرايلىق، پاكىز شەەەرمۇ زىرىكىشلىك، كۆرۇمسىز كأرۇنىۋاتاتتى.چۈشتە بىكەتنىڭ قارشى تەرپىدىكى ظاشخاندىن تاماق يەپ چىقىپ، ظىچىمدە تۇختىماي ظأتۇشۇپ تۇرغان ماشىنىلارنى مىڭنى تىللاپ تۇرۇپ يولنىڭ قارشى تەرپىگە ظأتتۇم. كىمدۇ بىرسىنىڭ چاقىرغاندەك ظاۋازىنى غىل-پال ظاڭلاپ ظارقىمغا ظأرۈلدۇم. راست بىر ناتۇنۇش ظەر مېنى چاقىرۋاتقان ظېدى.
       _تىچلىقمۇ؟ سىزمۇ xxx ناھىيىسىگە بارىسىزغۇ ەە؟
       _شۇنداق، بىرە ظىش بارمىدى؟_دېدىم مەن سوغۇقلا.
       _ەە، مەن ظاۋۇ ماشىنىنى يېڭىلا سېتىۋالغان،_دېدى ناتۇنۇش ظەر بىكەتنىڭ يىنىدىكى بوش جايغا تۇختۇتۇپ قويغان قارا رەڭلىك ماشىنىنى كأرسۇتۇپ،_ماۋۇ ظىككەيلەن چىقىۋالماقچى بولغان، سىزمۇ چىقىۋالامسىز؟
      _بولىدۇ، كىرا ەەققىچۇ، قانداق بېرىمەن؟_دېدىم مەن ظۇ ظەر كأرسەتكەن ظىككى كىشىگە قاراپ قويۇپ.
      _ظاپتۇبۇسنىڭ ەەققىنى بەرسىڭىزلا بولدى.
      _ظۇنداقتا بىكەتتىلا چۈشۈرۈپ قويمايسىز ەە، ظأيگىچە ظاپىرىپ قويىسىز،_دېدىم مەن.
       ماشنىنىڭ يىنىك تەۋرىتىشى،  ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان لەرزان مۇھاببەت كۇيلىرى مېنى يەنە تېگى يوق خىياللارغا غەرق قىلدى. كۆزلىرىم ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن كۆرۇنۇپ تۇرغان يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گىياھسىز زىرىكىشلىك چەكسىز سايلىققە تىكىلگىنىچە ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەشكە باشلىدىم. قەلبىمنى چۇلغىغان چەكسىز غىرىپلىق ئىچىمنى ئۆرتەپ، ئاچچىق بىر سىزىم بىشىمدىن كىرىپ، تاپىنىمدىن چىققاندەك بولدى. ‹‹بولدىلا خىيال قىلماي›› دەپ ئويلىدىمدە كۆزلىرىمنى چىڭڭىدە يۇمدۇم.
      _ھەي، ھىلىقى ئاداشنى دەيمىنا، مەھەللىدە بىر ئوبدان ئەركەكتەك يەر تۇرسا تىرىماي، يەر ئاچتىم دەپ ئادەم بارمايدىغان سايلىقتىكى خۇتۇن خەقتەك يەرنى تىرىيمەن دېگىنىنى دەيمەن......
     ماشىنىنىڭ ئارغا ئورۇندىغىدا ئولتۇرغان سېمىز ئەر شۇپۇرغا شۇ گەپلەرنى دەۋەتقاندا، كۆڭلۈمدە ‹‹توۋا، يەرنىمۇ ئەرخەقتەك، ئايال خەقتەك دەپ ئايرىغىنىنى دەيمىنا›› دەپ ئويلۇدۇمدە، ئۆزەمچە كۆلگۈم كىلىپ، دېمىقىمنى يېنىك قىقىپ قويدۇم.
     _سىزگە كۈلكىلىك تۇيۇلدى ھە بۇ گەپ،_ دېدى شۇپۇر.
     _شۇنداق، ئەمدى سىلەر ئەرلەر يەرنىمۇ ئايرىپ، ھۇسۇللۇق يەرنى ئەركەك، ھۇسۇلسىز يەرنى چىشى دەپ ئايرىپ ئولتۇرغىنىڭلارغا كۈلۋاتىمەن،_دېدىم مەن.
     _چاخچاق، بىز شۇنداق قىزىقارلىق پاراڭلارنى قىلىپ ئولتۇرمىساق، سىز ئۇخلاپ قالىدىغاندەك تۇرىسىز، كېچىدىن ياخشى ئوخلىماپسىز ھە؟ _دەپ سورىدى شۇپۇر.
     مەن ئۈندىمىدىم.
     _كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەسكەن، شۇخ ناخشا قويۇپ ماڭاي ھە،_دېدى شۇپۇر ۋە ‹‹قارا كۆز›› دېگەن خەلق ناخشىسىنى ئۈنلۈك ياڭرىتىۋەتتى. ناخشىغا ئەگىشىپ كەيپىياتىم راستىنلا كۆتۇرلۇپ قالغان ئېدى. شۇپۇر بىلەن ھېلىقى سېمىز ئەر ئارقا ئورۇندۇقتىكى خەنزۇنى گەپكە سېلىشقا باشلىدى.  خەنزۇ يولداش ئىچكىرىگە قۇرۇق مىۋە يۆتكەش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ئۇيغۇر تىلىدا شۇنچىلىك راۋان سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق پاراڭلىرىغا قوشۇلۇپ بەزىدە كۆلۇپمۇ كەتتىم. سېمىز ئەر بىلەن خەنزۇ يولداش مەنزىلگە كەلگەن ئىدى. ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ قىلىپ شۇپۇر بىلەن ئىككىمىزلا قالدۇق. ماشىنىنىڭ ئىچىنى يەنە جىمجىتلىق باستى.
     _گەپ قىلىپ ئولتۇرىڭە، شۇپۇرنىڭ يېنىدىكى ئادەم جىم ئولتۇرۋالسا ياكى ئۇخلىسا شۇپۇرنىمۇ مۇگدەك باسىدۇ،_ دېدى شۇپۇر.
    _شۇنداقمۇ، ئۇنداقتا سىز گەپ قىلىپ ئولتۇرسىڭىزمۇ ئۇخشاشقۇ،_دېدىم مەن  سۇغۇقلا.
    شۇپۇر جىمىپ قالدى. تۇيۇقسىز تېلېفۇنۇم ئۇچۇر كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.
    _ھە، ئۆيدىكىلەر سۈيلەپ ئۇچۇر قىپتىمۇ؟ _دېدى شۇپۇر.
    شۇپۇرنىڭ جىق گىپىدىن بىزار بولغان كەيپىياتتا ئوغلۇمنىڭ كەچلىك قۇرساقنىڭ غېمىنى قىلىپ يوللىغان ئۇچۇرىنى ئوقۇپ بولۇپ جاۋاپ ئۇچۇر يوللۇدۇم.
     _مېىنىڭ تىلفۇنۇمنىڭ ئۇچۇرى ئېتىك ئىدى، ئاچالاسىزمۇ؟ _دېدى شۇپۇر.
     _ئاچىمەن، كىملىكىڭىزنى بېرىڭ، _دېدىم مەن ۋە شۇپۇرنىڭ ئۇچۇرىنى ئاپتۇماتىك ئېچىپ كىملىكى بىلەن تېلېفۇنىنى قايتۇرۇپ بەردىم.
    _ئىچىلدىما؟ ھەنىم بولسا، مەن ئۇچۇر يوللاپ باقاي ئەمسە، _دېدى شۇپۇر، ئاندىن ماشىنىنىڭ سۇرىتىنى ئاستىلىتىپ، بىر قولىدا ماشىنىنىڭ رولىنى تۇتۇپ، بىر قولىدا تېلىفۇنىغا ھەرىپ كۇنۇپكىسىنى بىسىشقا باشلىدى.
    _تېلېفۇن نۇمىرىڭىزنى دەڭە، _دېدى شۇپۇر.
    مەن دەپ بەردىم، شۇ ھامان تېلىفۇنۇمغا ئۇچۇر كىردى. قارىسام شۇپۇر تىلفۇنۇمغا  ‹‹مۇرادىل›› دېگەن ئىسىمنى كىرگۇزۇپ قويغان ئىدى. قارىغاندا بۇ شۇپۇرنىڭ ئىسمىدەك قىلاتتى. ئۇ يول بويى قىزى، ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.  بىز مەنزىلگە كەلگەن ئىدۇق. مەن ماشىنىدىن چۈشكەچ 35.00 يۇئەن پۇلنى شۇپۇرغا سۇندۇم. شۇپۇر خېلى تۇزۇت قىلىپ ئاندىن پۇلنى ئالدى ۋە ماڭا ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتىسىنى سۇندى.
    _ماشىنا لازىم بولسا تارتىنماي تېلېفۇن قىلىڭ،_دېدى شۇپۇر.
    مەن شۇپۇرنىڭ گېپىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ، ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۇدۇل ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.  
    يەكشەنبە، ھاۋا ئۇچۇق ئىدى. چۈشتە بالىلىرىم ئۈچۈن ھەپتە ئارلىقىدا دەرھال ئىتىپ بەرگىلى بولمايدىغان تاماقلاردىن پىتىر مانتىغا جىددىي تۇتۇش قىلۋاتاتتىم.
     _ئاپا، تېلىفۇن، _ئوغلۇم شۇنداق دېگەچ تېلىفۇننى ماڭا بەردى.
    _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىم؟
    _بۇ مەن، مۇرادىل.
    _خاتا ئۇرۇپ قالدىڭىزمۇ؟ سىزنى ھەجەپ تۇنىيالمىدىم.
    _ھەجەپ تېز ئۇنتۇپ قاپسىز، مەن شۇپۇر مۇرادىل....
    مەن مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم. كۆلۈمدە ‹‹بۇ ئادەم تېلىفۇن نومىرىمنى قانداق ئۇققاندۇ›› دەپ ئويلۇدۇم.
    _سىز.....، تېلىفۇن نومىرىمنى قانداق ئۇقتىڭىز؟
    _ھېلىقى ۋاقىتتا ئۇچۇر يوللاي دېسەم ئۆزىڭىز دەپ بەرمىدىڭىزمۇ.
    مەن ئۆزەمنىڭ ھاڭۋاقتىلىغىمدىن شۇنداق تېرىكتىم.
    _ھە، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟
    _ياق، ئەھۋال سوراي دەپ شۇ....
    _ھە، رەھمەت. ئۇنداق بولسا خۇش.
    مەن تېلىفۇننى دەرھال قويۋەتتىم. دېمىسىمۇ شۇ كۈنلەردە قويغان، تۇتقىنىمنى بىلمەيدىغان، شۇنچىلىك چىچىلاڭغۇ، ئۇنۇتقاق بولۇپ كىتىپ باراتتىم. دائىم نەرسىلەرنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرۇپ شۇ نەرسىنى ئىزدەپ پىرە بولاتتىم ئارقىدىن ئۇ نەرسىنىڭ قولۇمدا ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ئۆز-ئۆزەمگە ‹‹توۋا، مەن نېمە بولغاندىمەن›› دەيتىم ۋە ئۆزەمدىن تۇرۇپلا ئەندىشە قىلىپ قالاتتىم.
    ئائىلەمدىكى سۇغۇق كەيپىيات، خىزمەتتىكى بىسىم تۇپەيلىدىن بەكلا ھېرىپ، چارچىغان ئىدىم. تۇرۇپ مېنى ھېچ كىم تۇنىمايدىغان يېراق جايلارغا كىتىپ نەچچە ۋاق تۇرۇپ كەلگىم كىلەتتى. ئەمما نېمىشقىدۇر ئۇنداق قىلالمايتتىم. يەنە شۇ ئىككى بالام ماڭا ئاز-تولا تەسەللى بولاتتى.
     بىر كۈنى كەچتە بالىلارنىڭ دادىسى_ئەسئەتنىڭ دۇستى خالىقنىڭ يىڭى كۆچكەن ئۆيىنى تەبرىكلەپ بارلىق دۇست-يارەنلەر خالىقنىڭ ئۆيىگە يىغىلدۇق. ئولتۇرۇش تولۇمۇ كۆڭۈللۈك ئاياقلاشتى. خۇشلۇشۇپ ئىشىك ئالدىغا چىقتۇق. بىر قولۇمدا ئۇخلاپ قالغان قىزىمنى، بىر قولۇمدا سۇمكامنى  كۆتۇرۇپ، ئەسئەتنى كۈتتۇم. ئۇ دەلدۇگۇنۇپ تۇرۇپ بىزنىڭ مۇتىسىكىلىتنىڭ يىنىدكى كىمدۇر بىرىنىڭ مۇتىسىكىلىتىغا ئاچقۇچ سېلىپ قىيىشىپ تۇراتتى.
     _ئەسئەت، ئەنە بىزنىڭ  مۇتىسىكىلىت،_دېدىم مەن. بىراق گېپىمنىڭ ئايىقى چىقىپ بولغىچە ئەسئەت ‹‹ئۆلتۇرۋىتىمەن، سەن قانجۇقنى›› دېگىنىچە ئىتىلىپ كەلدى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم. شۇ زامان ئۇنىڭ ساۋاقدىشى تۇرسۇن قولۇمدىكى بالىنى ئالدى. ئايالى ‹‹تېز مىڭىڭ مەلىكە›› دېگىنىچە مېنى تارتتى. ئەسئەتنىڭ بىر نەچچە دۇستى ئۇنىڭغا ئېسىلۋالغان ئىدى. بىز نەچچە ئۇن مىتىر ماڭمايلا خالىقنىڭ ئايالىنى بىزنى چاقىرىپ تۇختاتتى.
     _ۋاي خۇدايىم، بۇ ئەسئەتنىڭ تەلۋە مىجەزى قاچان تۇگە ھە، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ جىنىم، ئۇ بەك مەست بولۇپ كىتىپتۇ. بىز تۇتۇپ قالدۇق، بىرئاز يىشىلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆيگە چىقسۇن. قۇرقۇپ قالارسىزمۇ؟ _دەپ سورىدۇ خالىقنىڭ ئايالى.
    _قۇرقمايمەن، _دېدىم مەن ئەلەمدىن ئاۋازلىرىم تىتىرەپ. خالىقنى ئايالى بىلەن خۇشلۇشۇپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە تۇرسۇن بىلەن ئايالى خۇشلىشىپ قايتىشتى. ئۆيگە كېرىپ، قىزىمنى ياتقۇزۋىتىپ، ئوغلۇمنىڭ بوش تۇرغان  ياتاق ئۆيىگە كىردىم-دە، ئىچىمگە پاتماي قالغان ئەچچىق ئەلەملىرىم يىغا بىلەن بىراقلا پارتىلاپ چىقتى. ئاۋازىمنى قويۋىتىپ ئىچى-ئىچىمدىن سەلدەك يامراپ كەلگەن يىغىلىرىم ئۆينى بىرلا ئالدى. ئازاپ، ئەلەم، خۇرلۇق ئىچىمگە پاتمايۋاتاتتى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئىچىم سەل بوشاپ يىغىدىن تۇختۇدۇم. ئۇرۇن راستلاپ ئەمدىلا يېتىشىمغا ئىشىك ناھايىتى قوپال، ئەنسىز ئۇرۇلدى، ئارقىدىنلا:
     _ئىشىكنى ئاچە،_ دېگەن ئاۋازدىن قۇرقۇپ، تىتىرەپ تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئەسئەتنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بەكمۇ تەستە سالدۇردۇم. ئۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ ئەمدى يىتىشىمغا ئەسئەت:
     _كىلە، مېنىڭ يىنىمدا ياتە، باشقا ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتۇپ بولغىچە مەزىلىك ئەتىر پۇرىغان، ساڭا قاچانلا قارىسا تۇرقۇڭ شۇ، شۇنداق بولسىمۇ كۆڭلۇڭنى بىر خۇش قىلىپ قوياي ھە، _دېدى چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن مەسخىرلىك كۇلۇپ.
     ئەسئەتنىڭ پات-پات دەيدىغان بۇ ھاقارەتلىك سۆزلىرىنى يۇرىكىمنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك پارە-پارە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ياتماي مۇمكىنمۇ. بىشىمدا ھەر ۋاقىت تېگىپ كىتىش ئىھتىمالى بولغان بازغاندەك مۇشت تۇرسا. مەن يەنە ئامالسىز خۇرلۇققا چىداپ ئۇنىڭ يىنىدا ياتتىم. كۆزلىرىمدىن ئۇنسىز ئەلەملىك ياشلار تۆكۇلمەكتە ئىدى. بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇ ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. مەن يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم.
     توۋا، ئۇلۇغ ئاللا ئايال كىشىنىڭ كۆزلىرىنى شۇنچىلىك ياشلىق قىلىپ يارتىپتىكەن. بولمىسا نەچچە يىلدىن بىرى تۇختاۋسىز تۇكۇلۋاتقان بۇ ئەلەملىك ياشلىرىممۇ تۇگەپ كىتەر ئىدى. مەن يىغىدىن  تۇختاپ، گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇردۇم. ئەينەكتىن ئەينى چاغلاردا نۈرغۇن يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە ئوت ياققان قويۇق كىرپىكلەر ئاستىدىكى ئاھۇ كۆزلەرنىڭ ئورنىدا كۆز جىيەكلىرى قىزارغان، ئولتۇرۇشقان كۆزلەر، ئاپپاق، سۇزۇك مەرۋايىتتەك جۇلالىق تىرىلەرنىڭ ئورنىدا قۇرقۇق چۈشمىگەن بولسىمۇ ئەمما كىپەك ئۆرلەشكە باشلىغان تىرىلەر  نامايەن بولدى. نەچچە يىللار بۇرۇن ئوتۇمدا كۇيگەن ئەسئەت ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۋاتقان نەچچە يىگىتلەردىن غالىپ كىلىپ، مېنىڭدەك مەھەللىمىزنىڭ گۇلى بولغان رەنا سۈپەت گۈزەل بىر قىزنى ئەمىرىگە ئالغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، ئوغلۇمنى تۇغۇپ بولغىچە مەيدىسىنى كىرىپ يۇرگەن ئىدى. ئوغلۇمنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ئۇنىڭغا ئامەت ئېلىپ كىلىپ، ئىشلىرى تازا رۇناق تىپىپ، يانچۇقى تومپايغاندا ئەھۋال پۇتۇنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى. مانا ئانىنىڭ ئەتىۋارلىق، گۈزەل قىزى، ئەسئەتنىڭ ئەينى چاغدىكى پەخىرلەنگەن گۈزەل رەناسى شۇ ئەسئەتنىڭ قولىدا خۇرلىنىپ پايخان بولغان ئىدى.
     تۇرمۇشتىكى تۈرلۇك كۆڭۈلسىزلىك بىلەن زىرىكىشلىك قىش پەسلى ئۆتۇپ، ئەتىيازمۇ كېتىپ، ياز كەلدى. تەبىئەت يېشىللىق بىلەن پۈركىنىپ، ئەتراپ رەڭگا-رەڭ گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولغان ئىدى. كىتابخانىدا تۇزۇكرەك خىرىدار بولمىغاچقا قولۇمغا چىققان بىر كىتابنى ئەمدى ۋاراقلاپ تۇرىشىمغا تېلىفۇنۇم سايراپ، ئالى مەكتەپتە بەش يىل بىر ياتاقتا، بارنى تەڭ يەپ، قىرىنداشلاردەك ئۆتكەن دۇستۇم ھەم ساۋاقدىشىم لالە يىللىق دەم ئېلىشىنى ئېلىپ، مېنى يوقلاپ كىلىدىغانلىقىنى ئىيتتى. بۇ خەۋەر مېنى شۇنچىلىك خۇشال قىلدىكى چۈشكىچە قولۇم ئىشقىمۇ بارمىدى. ئۇنىڭ كىلىدىغىنىغا يەنە ئىككى كۈن بولسىمۇ چۈشتىن كېيىن سوراپ، ئۆيلىرىمنىڭ بولۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە پاك-پاكىز تازىلاپ چىقتىم. گۆش ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالدىم. مەن تەققازالىق بىلەن كۈتكەن كۈن يىتىپ كىلىپ، لالە بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ يۈز كۆرۈشتۇم. تەلىيىمگە لالە كىلىپ ئىككىنجى كۈنى ئەسئەت دۇستلىرى بىلەن ھەپتىلىك ساياھەتكە كىتىپ قالدى. شۇ كۈنى كەچتە تۇجۇپىلەپ چۈچۈرە ئەتتىم. تاماقنى يەپ بولۇپ، قول-قول تۇتۇشۇپ قازان-قۇمۇشلارنى يىغۇشتۇرۇپ، بالىلارنى ئۇخلۇتۇپ بولۇپ مۇڭدىشىشقا چۈشتۇق. مەن ئۆزەمنى شۇنچە تۇتىۋىلىشقا تىرىشقان بولساممۇ ئەمما كۆزلىرىمدىن تۆكىلىۋاتقان ياشلىرىمنى تۇختىتالمىغان ھالدا نەچچە يىلدىن بىرى تارتقان خۇرلۇقلىرىمنى ئىسەدەپ تۇرۇپ سۆزلەپ بىرىۋاتاتتىم. لالە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈپ ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئۆزىنى زادىلا تۇتىۋالالمىغان لالە مېنى چىڭ قوچاقالاپ ئۈن قويۇپ يىغلىۋەتتى. ئىككىمىز قۇچاقلىشىپ بىرھازا يىغلاشقاندىن كېيىن:
     _جىنىم دۇستۇم، بىزنىڭ پەخىرىمىز، بىزنىڭ گۈلىمىز ئىدىڭغۇ. ئېسىت، مۇشۇ ناكەسنىڭ قولىدا شۇنچىلىك خۇرلىنىپسەنغۇ، بۇ دەرتلەرگە ھېلىمۇ چىداپسەن. شۇنچىلىك خۇرلانغىچە ئاجىرشىپ كەتسەڭ بولماسمىدى؟ _دېدى لالە قوللىرىمنى، يۈزلىرىمنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ تۇرۇپ.
     _مېنى ئويلىمىدى دەمسەن، جىنىم دۇستۇم، مېنىڭ بىر گەپنى نەچچە ياندۇرۇپ دەيدىغان ئادىتىم يوقلىقىنى سەن بىلىسەن. شۇڭا مەن پەقەت ئىككى قېتىملا ئاجىرشىش تەكلىبىنى قويۇپ، گېپىمدە چىڭ تۇرۇپ باقتىم. بىراق ئەسئەت <ئىككى بالىنى ھەرگىزمۇ بەرمەيمەن، ئاجىراشساڭ شۇنداقلا چىقىپ كەت> دېگەن شەرتنى قويۇپ تۇرۋالدى. ئويلاپ باق، ئىككى يۈرەك پارەمنى تاشلاپ ياشاش مەن ئۈچۈن ھارام تۇرسا، مەن يەنە نېمىمۇ دىيەلەيمەن،_دېدىم مەن ئەلەم بىلەن.
     _ئەسلى ئەسئەتنىڭ سېنىڭدەك يۇۋاش، نېمە دېسە شۇنى بەجا كەلتۇرۇپ تۇرىدىغان خۇتۇننى قانداقمۇ قويۇپ بەرگىسى كەلسۇن، شۇڭا ساڭا سەن ئورۇندىيالمايدىغان شەرتلەرنى قويغان گەپ،_دېدى لالە. مەن ئىچى-ئىچىمدىن ئۆرتەپ تۇرۋاتقان ئەلەملىرىمنى ئارانلا بىسىپ ئولتۇرۋاتاتتىم.
     _سەن بۇرۇندىن قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىك تارتساڭمۇ ئۆزەڭنى تاشلىمايدىغان، يۇرۇش-تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولغاچقا شۇنچە ئازاپ تارتىپمۇ مۇشۇنچىلىك تۇرۇپسەن، مەن بولسام ئالىقاچان تۇگىشىپ كىتەركەنمەن. بىراق مەلىكە، بۇنداق بولىۋەرسە كېسەل بولۇپ كىتىسەن، بۇرۇنقى خۇش پىچىم مىجەزىڭ يوقاپ، ھېچكىم بىلەن ئارلاشماس بولۇپ كىتىپسەن. كەچكىچە ئۆيگە بىكىنىپ ئەسئەتنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىدىلا يۇرسەڭ، ئۇ يەنە نېمىلەرنى قىلمايدۇ دەيسەن، بالىلىرىڭنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ، ئانچە-مۇنچە دۇستلىرىڭنى ئىزدە، چاي-پايلىغا قاتناش، باشقا جايلاردىكى ساۋاقداشلىرىمىزنى ئىزدە، بىر-ئىككى يىقىن ئادەملىرىڭگە ئىچىڭدىكىنى ئېيت، تۇرمۇشتا قىينالغان تەرەپلىرىڭ بولسا مەسلىھەت سورا. ئەسئەت سېنىڭ ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان شۇ مىجەڭدىن سېنى نېمىلا قىلسام مەندىن ئايرىلالمايدۇ دەپ چۈشىنىپ، سېنى مۇشۇنداق بوزەك قىلۋاتقان گەپ، شۇڭا ئۇنىڭدىمۇ ئانچە-مۇنچە كۈندەشلىك ئوتىنى پەيدا قىل، ئەخلاقلىق، ئوبدان ئۆتىدىغان ئەر خىزمەتداشلىرىڭ، تولۇق ئورتىدا بىرگە ئوقىغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىڭ  بىلەن تېلىفۇنلاش، ئەھۋاللاش. ئەسئەتمۇ ئاستا-ئاستا سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنى ھىس قىلسۇن_دېدى لالە. بىز خېلى بىر كېچىگىچە مۇڭدىشىپ چىقتۇق.
     لالە تۆت كۈن تۇرۇپ كىتىپ قالدى. ئۇ كەتكەندىن كىيىن جىق خىيال قىلىپ كەتتىم. تۇغرا بىر ۋاقىتتا ناھايىتى زور غەيرەت بىلەن ئاز-پاز بىشەملىك قىلىپ ئۇنىڭ تالاغا چىقىپ كەتكەن كۆڭلىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدۇم، بىراق نەتىنجىدە مۇش-پەشۋانى يەتكىچە يىدىم. كىتابدا دېيىلگەن بويىچە مۇلايىم، ئىشچان، يۇۋاش-يۇمشاق بولدۇم، نەتىنجىدە ئۇ تېخىممۇ يۇغىناپ   ‹‹ گەپ قىلما تىلىڭنى كىسىمەن، قارىما كۆزىڭنى ئويىمەن›› دەيدىغان بولدى. شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەممۇ يەنە داۋاملىق خۇرلاندىم. شۇڭا ئەمدى باشقىچە يول تۇتۇپ بىقىش قارارىغا كەلدىم. لالە دېگەندەك دۇستلىرىمنى ئىزدىدىم. كەچقۇرۇنلاردا دۇستلىرىم بىلەن ئانچە-مۇنچە كوچا ئايلىنىدىغان بولدۇم. بۇرۇن مۇرادىل تېلىفۇن قىلسا ناھايىتى سۇغۇق ئالىدىغان بولسام، ھازىر ئۇنداق قىلمايدىغان بولدۇم. مۇرادىل بۇرۇن كۈن ئارلاپ تېلىفۇن قىلسا، ھازىر كۈندە بىرەر قېتىم تېلىفۇن قىلىدىغان بولدى. قىزىق يىرى بىز تېلىفۇندا ئۇنى-بۇنى دېيىشىپ پاراڭلاشساقمۇ، لىكىن مەن ھازىرغىچە  ئىسمىمنى، قەيەردە ئىشلەيدىغانىمنى دەپ بەرمىگەچكە ئۇ تېخى بىلمەيتى. مەن ئۆزەمنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە  كىتاپخانىدا ‹‹ خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت›› دېگەن كىتابنى ئوقۇپ ئولتۇراتتىم.
     _  ‹‹ قۇم باسقان شەھەر›› دېگەن رومان بارمىدۇ؟ _ دېدى بىرەيلەن. مەن بېشىمنى كۆتۇرۇپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. ئالدىمدا مۇرادىل تۇراتتى.  ئارتۇق گەپ قىلمايلا روماننى ئىلىپ بەردىم. ئۇ ‹‹ئاخىرى سىزنىڭ نەدە ئىشلەيدىغىنىڭىزنى بىلدىم›› دەپ ئاستا پىچىرلاپ، كىتابنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇرادىلدىن تېلىفۇن كەلدى.
      _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەلىكەم، تېچلىقمۇ؟
      _ ۋەئەيكۇم ئەسالام، ئىسمىمنىمۇ سۇرۇشتۇرۇپ بىلىپ بوپسىزدە؟
      _سۇرۇشتۇرمىدىم، سىلەرنىڭ رەسىمىڭلار، ئىش تەخسىماتىڭلار يىزىلغان تاختايدىن بىلىۋالدىم.
      _سىزمۇ كىتاب ئوقۇيدىكەنسىز ھە؟
      _شوپۇرلارنى كىتاب ئوقىمايدۇ دەپ ئويلىغانما؟ مەن بىكار بولساملا كىتاب ئوقۇيمەن، ساخلاپ قويغان ھەر ئېسىل كىتابلىرىم بار.
     _شۇنداقمۇ؟  ‹‹ئىزدىنىش›› نىڭ دەسلەپكى نەشىرى بارمۇ؟
     _بار، ئوقىسىڭىز سىزگە سۇغا قىلاي.
     _ماقۇل، ئەمدى كەلگەندە ئالغاچ كىلىڭ.
     _بولىدۇ، ئەمسە خۇش، كۆرۇشكىچە ئامان بولۇڭ.
     _ئامان بولۇڭ.
     يەنە زىرىكىشلىك قىش پەسلى يىتىپ كەلدى. بۇ بىرنەچچە ئايدىن بىرى مىجەزىممۇ خىلى ئوڭشىلىپ، كەيپىياتىممۇ كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىپ قالغان ئىدى. ئەسئەتنىڭ ماڭا دائىم كۆسىتىپ تۇرىدىغان نوچىلىقلىرى، ئورۇنسىز جىدەللىرى ئالدىدا بۇرۇنقىدەك ئۆزەمنى يوقىتىپ قويمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. ئاياللار بىلەن ئوينايدىغان قاتار چايلىرىمنىڭ سانى كۆپەيگەن ئىدى. بىراق ئەسئەت مېنىڭ سىرىتلاردا يۇرىشىمنى پەقەت ياختۇرمىغاچقا بىرنەچچە قېتىم يۈزىمنى كۆكەرتىپمۇ بولدى. ئەمما مەنمۇ بولدى قىلمىدىم. مۇرادىلمۇ تېلىفۇن قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ھەر قېتىم تېلىفۇن قىلغاندا بىرە قېتىم بولسىمۇ بىرگە تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلاتتى.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇ يەنە تېلىفۇن قىلدى. ئۇ بۇ قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلىپ بەكلا چىڭ تۇرۋالدى. قانداقلا كۆرسەتكەن بانايىمنى ئۇ ئۇرۇنلۇق گەپ بىلەن رەت قىلغاچقا ئاخىرى ئامالسىز تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى بولدۇم. بىز ناھايە بازىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان چىرايلىق بىزەلگەن بىر ئارامگاھتا كۆرۈشتۇق. ئۇ بىر نەچچە قورۇما بۇيرىتتى. مەن شۇ جەرياندا ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم. ئۇ ھەقىقەتەن كىلىشكەن ئەر ئىدى. بىز تاماق يىگەچ ئولتۇرۇپ ئۇ يەر، بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. تۇرۇپلا پارىڭىمىز بىر مەھەل تۇختاپ قالدى. ئۇ ئارىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ مېنىڭ تۇرمۇشۇم تۇغۇرلۇق ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئازاپلىق كەچمىشلىرىم قايتا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى.
      _يىغلىماڭ، مەن سىزنى يىغلىتىش ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى دەۋەتمايمەن. سىزدىن بىسۇراق كەچۇرمىشلىرىڭىزنى باشقىلاردىن سوراپ بىلدىم، ئەسئەتنى مەن ئوبدان بىلىمەن. مەن دېگەن شوپۇر. سىزنىڭ كەچۇرمىشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ يۈرىكىم پىچاق تىققاندەك ئىچىشتى. سىزدەك ئېغىر-بىسىق، يۇۋاش، مۇلايىم، چىرايلىق بىر ئايالنىڭ بەختسىز بولۇپ قىلىشى كىمنىمۇ ئىچىندۇرمايدۇ دەيسىز. مەن سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىلا خۇددىي بىر يىقىن تۇنىشىمدەك ماڭا تولۇمۇ يىقىملىق بىلىنگەن ئىدىڭىز. مانا بىر يىل بوپتۇ، سىز بىلەن ئۈچۈنجى قېتىم ئەسرا بوپتىمەن، راست گەپنى دېسەم دەردىڭىزگە دەرمان بولسام دەيمەن. سىز بىلەن كىيىنكى ھاياتىمدا بىرگە ئۆتۈپ، سىزنى بەختلىك قىلسام دەيدىغان ئارزۇيۇم بار، _دېدى مۇرادىل. مەن بۇ تاسادىبىلىقتىن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم.
      _ماڭا ھازىرلا جاۋاپ بېرىڭ دىمەيمەن، چۈنكى سىزنىڭ ئائىلىڭىز بار، ئۇ ئىشلىرىڭىزنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. مەن سىزنى ئىچى-ئىچىمدىن ياخشى كۆرگەچكە ھەم سىزگە بولغان ئۆمۇدۇمنى ئۇزمىگەچكە بىر ئاي ئىلگىرى ئاجىرشىپ كەتتىم. سىزنىڭمۇ ئۇ ئازاپلىق تۇرمۇشىڭىزنى بالدۇرراق ئاياقلاشتۇرشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن. ئىككى بالىڭىز بىلەن خاتىرجەم ئائىلە قورۇپ سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشاشنى كېچە-كۈندۇز ئارزۇ قىلىمەن، _دېدى مۇرادىل ھاياجاندىن سەل تىتىرەپ.
      مانا شۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن تۇرۇپلا ئىچىمگە پىچىر-پىچىر خىياللار كىرىپ، مېنى ئارامىمدا قويمىدى. دېمىسىمۇ قاچانغىچە خۇرلىنىپ ئۆتىمەن ھە،  مەن ئاخىرى ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ  ئاجىرشىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى ماڭا مۇرادىل تەرپىدىن بىرىلىۋاتقان چىن ۋەدىلەر، تاتلىق سۆزلەر مېنىڭ ئىرادەمنى تەۋرەتكەن ئىدى.
      _بىز ئاجىرشىپ كىتەيلى، مېنىڭ بۇنداق ئۇزۇنغا سۇزۇلغان سۇغۇقچىلىقتا ئەمدى ياشىغىم يوق، _دېدىم مەن بىر كۈنى كەچتە ئەسئەت ئۆيدىكى چاغدا.
      _نېمە دېدىڭ؟ دېگىنىڭ راستما؟ كۆزىڭ قىيامدۇ؟
      _قىيمايدىغان نېمىسى بار، راست دەۋاتىمەن.
      _بىلىمەن، سەن قانجۇقنىڭ پۇچقىغىغا پىت چۈشكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن، باشقىسىنى تىپىۋالدىڭ شۇنداقمۇ؟_دېدى ئەسئەت ئاغىزىنى بۇزۇپ.
      _شۇنداق، تاپتىم قانداق، سەن........._ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دېگىچە تارس قىلىپ تەككەن بىر شاپىلاق يۇزلىرىمدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. ئارقىدىنلا تەككەن يەنە بىر مۇشت كۆزىمگە تىگىپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. ئەمدى مەن ئاجىرشىدىغان بۇ نىيىتىمدىن قەتئىي يانمايدىغاندەك قىلاتتىم.
     _بولىدۇ، ئەتە سوت مەككىمىسىگە بارايلى، ئالدىدىن دەپ قوياي، ئىككى بالىنى ئالىمەن دەپ خىيال قىلما، مەنمۇ سېنىڭدەك مەينەت خۇتۇن بىلەن ئەمدى ئۆي تۇتمايمەن، _دېدى ئەسئەت.
     _ئىككى بالىنى دەستەك قىلما؟ ئالساڭ ئىلىۋە، مەن سەن بىلەن سوت مەككىمىسىگە بىرىپ، مۇرەسسەلىشىپ، نەچچە كۈنگىچە سۇرىشىپ يۇرگۇم يوق، خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىكى دۇستۇمغا تېلىفۇن قىلاي، شۇ يەرگە بىرىپ دەرھال بىر تەرەپ بولۇپ كىتەيلى،_دېدىم مەن زور غەيرەت بىلەن، ئاندىن خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىكى دۇستۇمغا تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئىيتتىم. ئۇ مېنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىمدىن ئانچە-مۇنچە خەۋەردار بولغاچقا باشقا گەپ قىلمايلا بىر پارچە كىلىشىمنامە يىزىپ ئەتە سەھەردە كىلىشىمىزنى ئىيتتى.
     شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرشىش گۇۋاھنامەمنى قولۇمدا تۇتقىنىمچە، ئۆزەمگە تىگىشلىك مال-مۆلكىمنى بىر كۇزۇپلۇق ماشنىغا بىسىپ، ئاپامنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدىم.
      _نېمە؟ بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماي نېمىش بۇ؟ مەن ئاپىڭىزمۇ يە؟ قاراڭە بۇ قىلىقنى، ئىككى بالىنى تاشلاپ بىرىشكە ھەجەپ يۈرىكىڭىز چىداپتۇ ھە، ئېسىت، ئېسىت،_ئاپام قاينىغىنىچە ئاچچىق يۇتۇپ ھامامنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. مەن ئېغىر بىر رۇھى بىسىمدىن قوتۇلغاندەك يەڭگىللەپ قالغان ئىدىم. نەرسە-كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ يىتىپ ئۇخلىغانچە ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇردۇم. بۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ باخمىغىلى بەكمۇ ئۇزۇن بولغان ئىدى. بىراق بۇ يىنىكلىك پەقەت نەچچە كۈنلا داۋام قىلدى. ئاپانىڭ ئۆيىگە كىلىپ تۆتىنجى كۈنىدىن باشلاپ بالىلىرىم كۆزلىرىمگە كۆرۇنۇپ، پەقەتلا ئاراملىق بولمىدى. مەڭساممۇ، تۇرساممۇ، ياتساممۇ بالىلىرىمنىڭ سىيماسى. ئۇلارنى كۈندىن-كۈنگە سېغىنىپ چىدىماي قىلىۋاتاتتىم. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەن بىر كۈنى بالىلىرىمغا زادىلا چىدىماي، ئۇلارنى بىر كۆرىۋىلىش ئۈچۈن ئوغلۇم ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ ئالدىدا دالدا بىر جايدا ئوغلۇمنى ساقلىدىم. ئالاھەزەل ئۇن مىنۇت ئۆتۈپ ئەسئەت ئوغلۇمنى تۆك ۋىلسىپىتكە مىندۇرۇپ ئەكەلدى. ئوغلۇم كۆز ئالدىمدىن يۇگۇرۇپ ئۆتۈپ، مەكتەپكە كىرىپ كەتتى. كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياش كۆز ئالدىمنى خىرەلەشتۇرگەن ئىدى. مەن يىغلىغان پىتى شۇ جايىمدا قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. مەكتەپكە كىرىپ ئوغلۇم بىلەن كۆرۈشۈش نىيىتىگە كىلىپ يەنە بۇ خىيالدىن ياندىم. چۈنكى ئوغلۇم مېنى كۆرسىلا دادىسىنىڭ يېنىغا بارغىلى ئۇنمايدىغىنى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. بىر ئايدىن بىرى بالىلارنى سېغىنىش ئازابىدا ساراڭ بولاي دەپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە مۇرادىل تېلىفۇن قىلدى.
      _نەچچە كۈندىن تېلىفۇن قىلساملا ئالمايسىز، مىجەزىڭىز يوقمۇ؟
      _ياق.
      _بالىلارنى ئەسئەتتىن قايتۇرۇپ ئىلۋالغىلى بولماسمۇ؟
      _ئۇ قەتئىي بەرمەيدۇ.
      _كىيىنچە بىر داۋالىشىپ باقارمىز، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ، چۇقۇم بالىلارنى قايتۇرۇپ كىلىمىز.
      _رەھمەت.
      _ئۇنداق تۇزۇت قىلماڭ. مەلىكەم، ئەتە، ئۆگۈن ئەلچى ماڭدۇراي دىگەن، سىزچە بولارمۇ؟
      مەن ئۈندىمىدىم، شۇ تاپتا توي قىلىش دېگەن بۇ سۆز مەن ئۈچۈن تولىمۇ يات ئىدى.
       _گەپ قىلمايسىزغۇ؟ ئەگەر تېخى بالدۇر دەپ قارىسىڭىز، ئاۋال ئەلچى كىرگۇزۇپ قويۇپ، توينى كىچىكىپراق قىلساقمۇ مەيلى، _دېدى مۇرادىل سەمىمىلىك بىلەن.
       _ھازىرچە ماڭا توي تۇغۇرلۇق گەپ قىلماي تۇرۇڭ، مەن سەل ئۆزۈمگە كىلىۋالاي.
       مەن كۈندىن كۈنگە ئۆزۈمگە كىلىش تۈگۈل بالىلىرىمنىڭ پىراقىدا قولۇم ئىشقا بارماس، گىلىمدىن تاماق ئۆتمەس بولۇپ قالغان ئىدى. نەچچە رەت بۇرۇنقى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا پىرقىراپ يۇردۇم. بۇنى ئاڭلىغان ئاپام مېنى ئەيىپلەپ ھالىدىن كەتتى. ئاجىرىشىپ ئىككى ئاي بولمايلا مۇشۇنداق تۇگۇشۇپ كەتكەن ئىدىم. كىلىشىمنامىدە ئايدا بىر قىتىم بالىلارنى بىر كۈن ئىلىپ كىتىپ قارىسا بولىدۇ دىيىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئەسئەت قىزىمنى شەھەردىكى ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتكەن ئىدى. ئوغلۇم بىلەن پەقەت ئاندا-مۇندىلا كۆرۇشتۇرۇپ قويغان ئىدى. يەنە بىر كۆرىشىدىغان ۋاقىتنى بارماق بىلەن ساناپ ئۆتكۇزىۋاتاتتىم. بىر كۈن خۇددىي بىر يىلدەك تۇيىلاتتى.
        ئەتىيازنىڭ شاماللىق بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن مىجەزىم يوق، ئۆيگە قايتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن. قانچىلىك ئۇخلۇدۇم ئەيتاۋۇر ئەتراپقا قاراڭغۇلۇق يىيىلغان چاغدا شۇنداق قاتتىق چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. بالىلىرىم چۈشۈمگە كىرىپ قالغان ئىدى. ياستۇق ئاستىدىكى بالىلىرىمنىڭ رەسىمنى ئېلىپ مەيدەمگە بىسىپ ھۆركىرەپ يىغلاپ ئۆزەمنى زادىلا باسالمىدىم. مەيدەمگە مۇشتلايتتىم، چاچلىرىمنى يوللاتتىم. يىنىكلىك بىلەن ئاجراشقىنىمغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلاتتىم. ئاھ-پەريات چىكەتتىم. ماڭا تەلمۇرۇپ تۇرغان ئىككى بالامنىڭ سىيماسىنىڭ كەينىدە ئەينى چاغدىكى چۇڭقۇر مۇھاببەت بىلەن تىكىلىپ تۇرغان ئەسئەتنىڭ سىيماسىمۇ نامايەن بولماقتا ئىدى. ئەمدى ھېس قىلدىمكى ئەسئەتنى ھېلىھەم سۆيەتتىم.  ئۇنىڭغا بولغان مۇھاببەت ئوتلىرى قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا يىلىنجاپ تۇراتتى. مېنىڭ ئازاپلىق پەرياتىمغا چىدىمىغان ئاپام مېنى چىڭ قۇچاقلاپ مەن بىلەن تەڭ ياش تۆكەتتى.
       _جىنىم بالام، يالغۇز بالا دەپ كۆزلىرىڭىزگە قاراپ چوڭ قىلسام، ھەجەپ بىتەلەي بولۇپ قالدىڭىز، بۇنچىلىك ئازاپلىنىدىغان ئادەم نېمە دەپ يۈرىكىڭىزگە قولىڭىزنى سېلىپ باخمىغان بولغىيتىڭىز؟ مەنمۇ سىزنىڭ تارتقان كۈنلىرىڭىزگە چىداپ، بوپتۇ مۇشۇ قىزىم ئۈچۈن چىداي دەپ كەلسەم، شۇنداق يىنىكلىك قىلدىڭىز ئەمەسمۇ، قىزىم. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويغىلى بولمىسا يە؟ ئېسىت بالام، جىنىم بالام....،_ئاپام يىغىدىن مەندىن بەتتەر تۇگىشىپ كىتەي دەپ قالغان ئىدى. مەن يەنە ئاپامنىڭ ئالدىدا تۇرىۋىرىشقا چىدىماي يۈگىرگىنىمچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.
      يۈگۈرۈپ كىتىپ بارىمەن، كۆزلىرىمدە ياش، قەلبىمدە پەريات. ئەقلىم تولۇمۇ كىچىككەن ئىدى. ئازاپلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ قاراڭغۇ  كوچىغا سىڭىپ كىرىپ كىتىپ باراتتىم. سىم-سىم يىغىۋاتقان يامغۇر سۇيى بىلەن كۆزلىرىمدىن قۇيۇلۋاتقان ئازاپ ياشلىرى يۈزلىرىمنى ياق قەلبىمنى يۇيماقتا ئىدى.



ئەسكەرتىش: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ئەمگىگىمگە ھۆرمەت قىلسىڭىز.
[ بۇ يازما تەكلىماكان تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : Musallas
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-12, 15:53
-سىز كۆرۋاتقان تىما كېــچــىكـــكەن ئەقـىل-ھېكايە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ساپ تىلەك
美女
美女  ساھىبجامال قىز
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5951
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 479
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە479دانە
ياخشى باھا: 266 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1680 سوم
تۆھپىسى: 261 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 307(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 12:20 AM

توي قىلغىنىغا توياپتىغۇ ئاۋۇ قىز، ھەجەپ ئىچىم ئاغرىدى.
美女
Gucci.
ھايات بىر تىراگىدىيە،مەن باش پېرسوناژ
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9644
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 128
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە128دانە
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 622 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 183(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-08
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 12:43 AM

بالىنىڭ ئوتى باشقىچە بولىدۇ يەنە...
YELAN
بارلىقىم مىسرانىم ئۈچۈن@!!
دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 658
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 701
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە701دانە
ياخشى باھا: 139 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 579 سوم
تۆھپىسى: 141 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 406(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-09
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 01:22 AM

ئېسىل ئەسەر....................................
مۇھەببەت -ئۇ ئىشەنچنىڭ مەھسۇلى!!
huxhuy520
مەن ھازرغىچە ھايات تۇرغىنىمغا خۇشال . .
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6943
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 950
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە950دانە
ياخشى باھا: 239 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 6127 سوم
تۆھپىسى: 175 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 443(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 03:59 AM

بەك كۆپمۇ نىمە . مەن ئالدىرماي ئوقۇيمىكى .
ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ نامىدىن تۇنۇمىغىن،بەلكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال تۇنۇغىنكى ئاندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلۋالالايسەن.
kisashor
ئەي غېرىپلىق!ئاجايىپ ئېغىر كەلدى....
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8945
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 228
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە228دانە
ياخشى باھا: 194 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 815 سوم
تۆھپىسى: 216 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 381(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 05:33 AM

مەن ئاۋۋال ساقلىۋېلىپ ئاندىن ئالدىرماي ئوقۇيمىكىن.
پەرزەنتلەر دائىم ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىنى كېچىكىپ چۇشۇنۇپ يېتىدۇ~!
sargarda
bilimdak  guzal  yar  yok
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1041
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 732
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە732دانە
ياخشى باھا: 173 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3723 سوم
تۆھپىسى: 145 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 263(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-27
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 06:36 AM

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  美女 كە 2010-09-13 12:20 AMئەۋەتىلدى  :
توي قىلغىنىغا توياپتىغۇ ئاۋۇ قىز، ھەجەپ ئىچىم ئاغرىدى.

تىمىنى  ئۇقۇپ  يېزىڭ  ئىنكاسنى  !  تەتۈر  تەشۋېقات  قىلماي  ،  ئىچىڭىزنىڭ  قەيرى  ئاغرىۋاتىدۇ ؟
دوختۇرغا  كۆرۈنۈپ  بېقىڭ  !
ئۇ  ئايال  توي  قىلغانغا  تويدۇم  دېگەن  گەپنى  قىلماپتىغۇ  ؟  يىنىكلىك  بىلەن  ئاجراشقىنىغا 
 پۇشايمان قىلۋېتىپتۇ.
ئاللاھ ، زالىملارغا مەدەت بەرگۈچىلەرنى ، ئاشۇ زالىمنىڭ قولى بىلەن جازالايدۇ   (  ھەدىستىن )
دېھقان
گۈل جەننەت
دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 682
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 615
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە615دانە
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2920 سوم
تۆھپىسى: 42 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1081(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-25
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-09
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 10:06 AM

بۇنداق سەرگۈزەشتىلەر ھازىر كۆپلىگەن خانىم قىزلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئۇمۇملىشىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئاللا شۇئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرەر، سەۋرى قىلساڭ غۇرىدىن ھالۋا پۈتەر دەيدىغان ھىكمەتنى ئۇنتۇپ قالمايلى! قانداق قىلىمىز ئەمدى ؟ ئاياللار ئاجىز ياىرىلىپ قاپتىكەنمىز.
بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە
asrari
م . ئې .ئەسرارى
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5434
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 747
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە747دانە
ياخشى باھا: 309 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2950 سوم
تۆھپىسى: 205 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 989(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 11:00 AM

نىمىلا بولمىسۇن، كىچىككەن بولسىمۇ ئەقلىنى تېپىپتۇ. يەنىلا بالا دىگەن بالا.ھەممىمىزنىڭ بالىسى بولغاندا بىلىمىز.ئاللاھ بالىغا شۇنداق بىر مىھرىنى سالمىغان بولسا نۇرغۇن ئائىلىلەر ئاسانلا ۋەيران بۇلاتتىكەن.
قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر.
________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
gulistan
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 927
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 204
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1360 سوم
تۆھپىسى: 12 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 845(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 11:33 AM

ئالدى- ئارقىسىنى ئويلاشماي ئاجىرىشىدىكەن ئادەم ، ۋاقىت ئۆتكەندە بولسا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق .
saptilak
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3333
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ياخشى باھا: 137 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3151 سوم
تۆھپىسى: 39 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 526(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-04
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 04:20 PM

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  gulistan كە 2010-09-13 11:33 AMئەۋەتىلدى  :
ئالدى- ئارقىسىنى ئويلاشماي ئاجىرىشىدىكەن ئادەم ، ۋاقىت ئۆتكەندە بولسا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق .


شۇڭا پۇشايماننىڭ دورىسى يوق ئەمەسمۇ.
ساپ تىلەك
美女
美女  ساھىبجامال قىز
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5951
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 479
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە479دانە
ياخشى باھا: 266 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1680 سوم
تۆھپىسى: 261 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 307(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-13 08:13 PM

6-قەۋەت (sargarda) نىڭ يازمىسىغا

گىپىمنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟ ھەر قانداق بىر ئانىنىڭ بالىغا چىدىمىقى تەس، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بالا دەپ ياشاپ ھەر كۈنى ئېرىدىن تاياق يەپ يۈرسە بولماس. ئۇنداق ياشاشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟
美女