مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 287 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۇ مۇھەببەت ئەمەس
tograkkizi
دەرىجە: يېـڭى مــېھان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9393
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 109 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 55(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-06
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-08 11:51 PM

0 بۇ مۇھەببەت ئەمەس

ئەسكەرتىش: (ئۇيغۇرۇم007) تىمىڭىزنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! (2010-09-09 12:27 AM)
بۇ مۇھەببەت ئەمەس
 

     ئىشخانىدا جىددىي ئىشلەۋاتاتتىم تۇيۇقسىز:

   -ئاداش بۇ زادى نىمە ئىش؟ دەپ ئەنسىز ۋاقىرىغان تونۇش ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئالدىمدا كۆرۈشمىگىلى بىر يىل بولغان دوستۇم پەرىدە مەڭا ھەيرانلىق، تەئەججۈپ ئىلىكىدە قاراپ تۇراتتى.

-ۋاي، جېنىم ئاداش، ئوقۇشتىن قاچان قايتىپ كەلدىڭ؟ ئەجەپ قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭ توغۇرلۇق ماڭا گەپ سۆز قىلمىغان ئىدىڭغۇ؟..... مەنمۇ ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان بۇ دوستۇمنى تۇيۇقسىز كۆرگەندىكى خۇشاللىق ۋە ھاياجان بىلەن ئۆزەمنى ئۇنتىغان ھالدا سۇئال دىگەننى ياغدۇرۋەتتىم. لېكىن پەرىدە مېنىڭ سورىغان سۇئاللىرىمغا جاۋاب بەرمەستىن ھەيرانلىق بىلەن:

    - سەن ئېرپاننى بىر قېتىملىق ماشىنا ۋەقەسىدە تۈگەپ كەتتى دىگەن ئىدىڭ لېكىن ئىرپان ئۆز ئىشخانىسىدا ساپ ساق بار ئىكەنغۇ....دوستۇمنى كۆرگەندىكى خۇشاللىقنىڭ ئورنىنى تۇيۇقسىز سورالغان سۇئال بىلەن قايغۇ باستى، خۇشال كۈلكەمنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا  چىرايىمدىكى كۈلكە ئۆچتى. گەرچە ئالدىمدا دوستۇم قاراپ تۇرسىمۇ لېكىن خىياللىرىم ئۆتمۈش تامان يۈرۈپ كەتتى.

 ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىمتاھان بېرىپ ھازىرقى ئىش ئورنۇمغا ئىشقا چۈشكەن ئىدىم. بۇ ئورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك توي قىلىپ بولغان، باللىرى بار، مەن بىلەن ياش پەرقى ناھايىتى چوڭ كىشىلەر بولۇپ، تۇنجى كۈنى ئىشقا چۈشۈپ بىر خىل ياتسىراش، كۆنەلمەسلىك ئىچىدە تېڭىرقاپ قالغان ئىدىم. دەل شۇ چاغدا خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى تاپقاندەكلا ئۇدۇلۇمدىكى ئىشخانىغا مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك كېلىدىغان بىر بالا كەلدى. ئىككىمىزنىڭ ياش پەرقى ئانچە چوڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئىسمى ئېرپان بولۇپ ئۆتكەن يىلى ئىشقا چۈشكەن ئىكەن. ئىككىمىز تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق.

ھەر ئىككىلىمىز بۇ شەھەرگە نىسبەتەن يات، ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرىدىغان، تاماقنىمۇ سىرتتىن يەيدىغان بولغاچقا كۆپۈنچە ھاللاردا تاماقنى بىرگە يەيدىغان، ئىشتىن چۈشسەكمۇ بىرگە چۈشىدىغان ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. مەن ئادەتتە بەكمۇ جىمغور، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاشقا ئادەتلەنگەن ئىدىم، ئۇ بولسا ئەكسىچە بولۇپ توختىماي سۆزلەيتتى.كونىلار كۆڭۈل دىگەن ساراڭ دەپ بەكمۇ توغرا ئېيتقان ئىكەن. ئاتا-ئانام، يۇرتۇمدىن يىراق بۇ شەھەردە ئېرپاندەك ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرسىنىڭ بارلىغىدىن دىلىم سۆيۈنۈپ،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ مۇڭدىشىدىغان بولۇپ قالدىم.ئەمما كىم بىلسۇن؟ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەن ئاستا-ئاستا ئېرپانغا باغلىنىپ قالدىم. ئېرپانمۇ ئىلگىركىگە قارىغاندا ماڭا تېخىمۇ كۆيىنىدىغان بولۇپ كەتتى.  شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ئۇنىڭ يۈرۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىككىمىزنىڭ يۈرىۋاتقىنىغىمۇ 5 ئاي بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق گەپلىرى، ماڭا كۆيىنىشى، ھەممە تەرەپتىن مىنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقىشى بىلەن مىنى بەكمۇ خۇشال قىلىۋەتكەن ئىدى. مەن خۇشاللىغىمدىن بېشىمغا قونغان بۇ بەخت قۇشىدىن مەس بولۇپ ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، ئۆزەمنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتسەم خۇددى ياشىيالمايدىغاندەكلا ھىس قىلاتتىم.كىم بىلسۇن، مەن مۇشۇنداق خۇشاللىق، بەختتتىن مەس بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىلىرى ئۆزگۈرۈشكە، خۇددى  مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئوشۇقچە يۈكتەك مېنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئۆزى بىلگەننى قىلىشقا باشلىدى. خۇددى ئۇ ئۆزگۈرۈپ باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالغاندەك، ئىلگىرى مەن تونۇيدىغان ئېرپان ئۆلۈپ ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىر ئادەم ئىگەللىگەندەكلا.

 ياخشى كۆرۈش، مۇھەببەت ئادەمنى نىمە كوي نىمە ئويلارغا سالمايدۇ؟- ھە!. مەن ئۇنىڭ نېمىشقا بىر كېچىدىلا باشقا ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي ھەيران بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن پاك مۇھەببىتىمنى، تۇنجى مۇھەببىتىمنى قۇتقۇزىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتكۈزمىگەن خاتالىقلىرىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ ياش تۆكۈپ ھارمايتتىم. توۋا دەيمەن ئادەم دىگەن ئاجايىپ نەرسە ئىكەن. ئەينى چاغلاردا مىنى ياخشى كۆرىمەن، سىنىڭدىن ئايرىلالمايمەن دەپ يۇميۇم ياش تۆككەن ئۇ ھازىر ھەممىنى ئۇنۇتقان ئىدى. كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلۇشۇپ ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتكىلىمۇ ئىككى ئاي بولۇپ قالدى.كىم ئويلىغان؟ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكىلى دەل ئىككى ئاي بولغان چاغدا مەن ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن مەندىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم. ئەسلىدە سەندىن باشقا ھىچكىمنى ياخشى كۆرمەيمەن پەقەت سىنىلا ياخشى كۆرىمەن دىگەن ئۇ باشقا بىرسى بىلەن ئارلىشىۋالغان ئىكەن. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتىن قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. مەن زادى نىمىنى خاتا قىلدىم؟ ئۇ نېمىشقامېنى تاشلاپ باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغۇدەك؟ ......  

     كونىلار مۇھاببەت ئادەملەرنى ھەر كويلارغا سالىدۇ دەپ بەكمۇ توغرا ئېيتقان ئىكەن . مەن ئىرپاننىڭ مۇھاببىتىدىن، كۆيۈنىشىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىييىن راستىنلا ئۆزەمنى، بۇرۇنقى كىملىكىمنى ئۇنۇتقان، ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغاندىك تولىمۇ ئازاپ چەككەن ئىدىم. مەن ئۈچۈن ھازىر ھەممە نەرسە ئۆز مەنىسىنى يۇقاتقان ئىدى.                       بىر كۈنى خىزمەتتە تولىمۇ چىكىنىپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن باشلىقتىن قاتتىق گەپ ئاڭلاپ كۆڭلام تولىمۇ يېرىم بولدى. ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقى، ئىشخانىدىكىلەرنىڭ قاچان چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئۇقماپتىمەن، پەقەت قورسۇقۇمنىڭ ئاچلىق دەستىدىن ۋىژىلداپ ئېچىشىشى بىلەن تەستە ئۆزۈمگە كەلدىم،- دە، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. يولدا بىر-بىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرسەملا كۆزلۈرۈمگە ياش كېلىپ ئۇنى ئەسلەپ قالاتتىم،  ھەي ئۇنى قاچانمۇ ئۇنتۇپ كېتەرمەن؟  ھەي ئېرپان مىنى مۇشۇنداق كويلارغا ،سەۋدالارغا سېلىپ قويۇپ سەن نىمىلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن ھە؟ مەن ئۆز ئۆزەمگە سۆزلەپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا يولدا كىتىۋاتاتتىم تۇيۇقسىز كۆزۈم ئالدىمدىلا كېتىۋاتقان  تونۇش سىماغا چۈشتى. ئېرپان،  يۈرۈگۈم ئەنسىز دۈپۈلدەپ ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ نېمە دىگەن تېز ئۆزگەرگەن ھە،  ئېرپان خۇددى ئەتراپىدا ئۆزلىرىدىن باشقا ئادەم يوقتەك يېنىدىكى قىزنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە  يول بويىدىكى بىر مىھمانخانىھا كىرىپ كەتتى. ئۇيەردە قانچىلىك تۇرغۇنۇم، نىمىلەرنى خىيال قىلغىنىم ئېسىمدە يوق، پەقەتلا ئىلھامنىڭ مەندىن نېمە ئۈچۈن يۈز ئۆرۈپ كەتكەنلىكى  ماڭا ئەمدى ئايان بولغان ئىدى. ئىلگىرى خىزمەتداش، تونۇش كىشىلەردىن ئىلھامنىڭ بىر قىز بىلەن دائىم مىھمانخانا ،كېچىلىك بەزمىخانىلاردا ئىچىپ مەس بولۇپ سۆرۈلۈپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىشەنمىگەن ئىدى.  مىنىڭ ئاتا-ئانام  كىچىكىمىزدىن بىز ئاچا سىىڭللارنى بەكمۇ چىڭ باشقۇرغاچقىمىكىن  بىز  سىرتلارغا چىقىدىغان، دوستلارنىڭ قېشىغا بارىدىغان ئىشلاردىمۇ ئۇلارنىڭ قاتتىق نازارەىتى بىلەن باراتتۇق.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپام بىز  ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن باشلاپ بىزگە بولغان نازارەتنى تېخىمۇ چىڭىتقان بولغاچقا بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدىن ئۇلار تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇراتتى.  ئاپام  ماڭا دائىم ھايا، ئىپپەت توغرىسىدا سۆزلەپ كاللامغا قۇيۇپ تۇرغاچقىمىكىن ئېرپان بىلەن يۈرۈش جەريانىدا ئېرپانغا قولۇمنى تۇتقۇزغاندىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن بەكمۇ پەردىشەپ ئىچىدە يۈرگەن، ئۇنىڭ ھەرقانداق يولسىز تەلەپلىرىنى چىرايلىق رەت قىلغان، ئۇنىڭ خاپا بولۇپ قېلىشلىرىنى بىردەملىك كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەنلىك كىيىن مەندىن خوش بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ ئۆزەمنى بەزلەپ يۈرگەن ئىكەنمەن  ئەمما كىم بىلسۇن  ئېرپان دەل مىنىڭ ئاشۇ يولسىز تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىم، ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەت قىلغىنىم ئۈچۈن مېنى تاشلاپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەت قىلمايدىغان بىرسىنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالغان ئىكەن. مەن ئويلىنىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئۆزەمنى شۇنداق پاك ساقلىشىم، ئۇنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى چىرايلىقچە رەت قىلىشىمنىڭ ھەممىسى پەقەت ئىككىمىز ئۈچۈن، ئىككىمىزنىڭ بەختى، كەلگۈسى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن مىنىڭ بۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيدۇ؟  مەن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇنى ھەقىقىي چۈشەندىم. ئۇنى چۈشەنگەن چېغمدا ئۇنىڭ مىنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن بولۇپ ئۇنىڭدىن ماڭا قالغىنى پەقەتلا ئەسلىمە ئىدى خالاس.

مەن ئەسلىمە ئىچىدىن يېنىپ چىقىپ پەرىدەگە ئېرپاننى نېمە ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتتى دەپ خەۋەر بەرگىنىمنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇنى ئېلىپ تاماق يېيىش ئۈچۈن سىرتقا قاراپ ماڭدۇق. بىز  ئەمدىلا بىنادىن چىقىپ تۇرۇشىمىزغا ئىدارە دەرۋازىسى ئالدىدا بولىۋاتقان جېدەل ھەر ئىككىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى.دەرۋازا ئالدىدا بىر قىز ھەدەپ ئېرپاننى تارتىپ ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىراپ سۆزلەۋاتاتتى. ئېرپانبولسا خۇددى جىنايەتچىدەك ئۇنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسقىنىچە ئۇ قىز نىمە دىسە ھە دەپ ئۈنسىز قاراپ تۇراتتى.  مەن ئېرپاننىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭغا يەنە قارپا تۇرۇشنى راۋا كۆرمەستىن پەرىدەنى قولتۇقلىغىنىمچە دەرۋازا سىرتىغا قاراپ ماڭدىم. ئىشىكتىن چىققىچە بىر خىزمەتدىشىمنىڭ-«ھەي ھازىرقى ياشلارنىزە؟ توي قىلماي تۇرۇپ چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ سېلىپ، كۆتەكتەك بىر ئوغۇل بالا تۇرۇپ نەدىكى بىرقىزۋالىنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەي تۇرغىنىنى كۆرمەمدىغان» دېگىنىچە بېشىنى چايقاۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۈنسىز بىر ئۇھ تارتتىم،- دە پەرىدەنى قولتۇقلىغىنىمچە سىرتقا قاراپ ماڭدىم.   

تېما تەستىقلىغۇچى : خوك
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-08, 17:48
-سىز كۆرۋاتقان تىما بۇ مۇھەببەت ئەمەس,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
قىز تۇغماي ھايا،ئوغۇل تۇغماي غۇرۇر تۇغۇڭلار  !
qq240155099
ھامان بىر كۈنى ئۈلۈپ كىتىمىز!!!
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3532
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 224 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 113(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-07
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-11
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 01:51

مەن مۇ يېزىپ باقاي بىرىنجى ئىنكاسنى مانداق ھى ھى ھى
xam12
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1679
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 381
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە381دانە
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1783 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 939(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 02:01

ئۆزىڭىز يازغانما؟ ئەسىرىڭىز نىڭ ۋەقەلىگى ياخشى بايان قىلنىپتۇ.
شامدەك يېنىپ تۇرمەن
KADIRDAN
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2650
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 114
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە114دانە
ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 968 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 432(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-13
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 03:29

ياخشى يىزىپسىز، ماۋزۇسىمۇياخشى قويۇلۇپتۇ .
huxhuy520
مىسرانىم سىنى ھەرۋاقىت سۈيىمەن .
دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6943
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 466
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە466دانە
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4252 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 277(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-11
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 05:16

1-قەۋەت (qq240155099) نىڭ يازمىسىغا

مۇكاپات چىقامدىكەن. بىرىنجى بولۇپ يازسا .  
خۇشخۇي سىزلەر ئۈچۈن ھەرۋاقىت خۇشخۇي .   سىنى سۈيىمەن مىسرانىم  .
kiss0998
كۆڭۈل ئىشەككە چۈشسە، ئىغىلدا ياتماي ئامال يوق!
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4783
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 189
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە189دانە
ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 768 سوم
تۆھپىسى: 11 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 235(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-10
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 08:19

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت qq240155099 كە 2010-09-09 01:51 AMئەۋەتىلدى :
مەن مۇ يېزىپ باقاي بىرىنجى ئىنكاسنى مانداق ھى ھى ھى


ئەستا...........ما ئىنكاسنى كۆرۈڭ ئەمدى............يۇمۇرمۇ بۇ....؟؟؟؟؟؟
ھەر كۈنى ئاخشىمى سەن بولمىساڭمۇ ياخشى چۈش كۆرەۋاتىمەن،توۋا دەيمەن ،سەن بار چاغلاردا دائىم ياخشى چۈش كۆرىشىمنى تىلىسەڭمۇ بۇنداق ياخشى ئۇخلىيالمايتىم،قارىغاندا شۇ چاغدىكى تىلەكلىرىڭ ئەمدى كەلگەن ئوخشايدۇ،سەن نىمە دىگەن ئۇلۇغ!؟
gulistan
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 927
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 690(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 10:20

ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، بىراق بەزى يەرلىرىدە ئىرپان ئىلھام دەپ يېزىلىپ قاپتۇ ، مالال كۆرمەي ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز .
aixa
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9428
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 187 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 16(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-07
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 10:24

ھازىرقى،بەزەن،ياشلانىڭ،تۇرمۇشى،ئەينەن،ئەكىس،ئەتتتۈرلۈپتۇ،
ھازىر،توي،قىمماي،تۇرۇپ،ئاشۇنداق،ئىشلار،كۆپ،جۇمۇ،كىيىن،توي،قىلسا،
قانداق،قىلا،ئاشۇ،قىزلا،دەيمەن.
teklimakan
دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 278
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1689
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1689دانە
ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 8543 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 580(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-11
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 13:59

ياخشى يىزىلىپتۇ....ئۆزىڭىز يازغانما؟!
بىز ئىسلامدىن ئىززەت تاپتۇق، قاچانىكى ئىسلامدىن باشقا نەرسىدىن ئىززەت ئىزدىسەك ئاللاھ بىزنى خار قىلىدۇ.....
ھەزىرىتى ئۆمەر.
mmmdd
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9252
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 143
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە143دانە
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 547 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-11
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:01

ئوبدان يېزىلىپتۇ...رەھمەت!!!
muhabbat0998
دەرىجە: يېـڭى مــېھان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9728
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 121 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 16:10

ياخشى يزىپ سىز    بولدكەن  
ىااىاىاىاىا
buraqixi
بۆرە چېشلىق  007
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9523
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 157 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-07
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-10
11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 00:50

ئەمدى بۇ كىمنىڭ ھېكايىسى بۇلۇپ كەتتى .
نېمدىگەن ...................

ياخشى يېزىپسىز،جۇمۇ !