مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 133 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەخلاقىي تەربىيە ئىشىك سىرتىدا قالمىسۇن
resent
دەرىجە: يېـڭى مــېھان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9653
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 303 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-08
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-08
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-08 11:38 PM

0 ئەخلاقىي تەربىيە ئىشىك سىرتىدا قالمىسۇن

ئەخلاقىي تەربىيە ئىشىك سىرتىدا قالمىسۇن
]xRR/S4  
(wu'FFJp#  
مەمتىلى ھېلىم
`:&RB4Z  
"M/c0`>C!i  
بىر ئىنساننى تەربىيە كۆرگەندەك ئادەمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەخلاقي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى،« ئەخلاق شەخىسنىڭ قىممەت باھالىق لىباسى ۋە كىيىملەر ئارسىدىكى دىباسىدۇر ( يىپەك كېيىمدۇر ) » (ناۋايى) L } R" 1O  
نۆۋەتتە «ئادەمگە كۆڭۈل بۆلۈش»مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتىدۇ، لېكىن شۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى مەكتەپلەردە ئادىمىيلىك غۇرۇر ۋە ئېتىقاد سۈيى بىلەن سۇغىرىلىۋاتامدۇ-يوق؟ مەكتەپ يۈزىدە12يىل تەربىيىلىنىپ چىقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئادىمىيلىك ساپاسىنى قانچىلىك نامايان قىلىۋاتىدۇ ؟ شۇڭا ياپۇنلارنىڭ:«نەسلىڭگە تايانغىچە، تەربىيىگە تايان»دېگەن سۆزى بار. تەربىيە ماھىيىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ئۇنىڭ خەۋىپى كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە بولىدۇ.«شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىلى 6-سانىدىكى «مەكتەپلەردە نېمە ئۈچۈن ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر يۈز بېرىدۇ »دېگەن ماقالىدە:«ئىمتىھان نومۇرىنى مۇھىم بىلىدىغان مائارىپ ئىدىيىسى ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.بالىلار بالىلار باغچىسىدىن تارتىپلا‹ئىمتىھاندا بىرىنچى بول، نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە ئۆت›دېگەندەك بېسىملارغا ئۇچرىغاچقا،ھاياتنىڭ قىممىتىگە مۇناسىۋەتلىك مائارىپ تەربىيىسى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى»دېيىلىپ، تۆت ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت ئوقۇغۇچى تەرپىدىن ئولتۈرۋېتىلگەنلىگىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى «ئەلاچى»بولۇشقىلا ئىنتىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس تۇرغۇزىدىغان ئەخلاقىي تەربىيىگە سەل قارىغانلىقتىن كېلىپ چىققان پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى ئىزاھلايدۇ ۋە بۇنى« دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ،ئەنئەنىۋى ئەخلاق قىممەت قارشىدىمۇ ئۆزگىرىش چوڭ بولىۋاتىدۇ. مۇرەككەپ ئىجىتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرىدە مەكتەپلەرمۇ مەنپئەتپەرەسلىك ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، مائارىپتا نوقۇل نەتىجىنى تەكىتلەش ئەۋج ئالدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئاجىزلاشتى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىكى ھېسسىيات سۇسلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجىتىمائىي مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى بەزى پاسسىپ نەرسىلەر، سەلبى نەرسىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشىغا تەسىر كۆرسەتتى» دەپ ئۇ ھەقتە قىسقىچە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ. i$kB6B#==  
شىنخۇا تورىنىڭ 2010-يىلى 27-ئاپرېلدىكى «بالىنىڭ دادىسى مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچىسىنى ئۇردى»دېگەن خەۋىرىدە  مۇنداق مەزمۇنلار بار:«...قوغلاپ مەكتەپ مەيدانىغا چىققاندا بالىنىڭ دادىسى ۋە بۇ بالىلار بىرلىشىپ فەن مۇئەللىمنى ئۇرغان. نەتىجىدە فەن مۇئەللىم ھوشىدىن كەتكەن. مەكتەپتە بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى ھەل قىلىشىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقوق-مەنپەئەتىنى قوغداش توغرىسىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دەرس ئۆتۈشنى توختاتقان.شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى، ئىدىيە-ئەخلاقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلغان.» ( يېقىندىن بېرى ھەممىمىز بۇنداق خەۋەرلەرنى كۆپ كۆرۈۋاتقان بولساق كېرەك ) b36{vcs~  
دەرھەقىقەت، مەكتەپلەردە تەربىيە ئۆز ئورنىنى تاپالماي، «نومۇر»نىڭ «ئالەمچە قۇدرىتى» ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەكىتلىنىپ ھەم شۇنىڭغىلا كۈچ سەرپ قىلىنىپ، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئادەمدەك تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەخلاقىي ساپاسىغا سەل قارىغانلىقتىن ۋە ئۇنى تەربىيىدىن سىرتتا قالدۇرغانلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئېچىنىشلىق تراگېدىيە ! c#x~ x  
شېرىن ئىستەك، گۈزەل ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپتىن يېتەرلىك تەربىيىگە ئىگە قىلىش تەربىيىلىگۈچىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى! ياراملىق تەربىيىلىگۈچىلەردىن ياراملىق ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ. چۈنكى، ئۇلاردا پىداگوكىلىق ماھارەت ۋە پاراسەت يېتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپلىمە چۈشىنىش ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەربىيىلەشتىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىسىگە ئالاھىدە قارايدۇ.بۇ تىپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ قەدىرلىك ئىنسان دەپ ئاتاش تۇلىمۇ مۇۋاپىقتۇر.ئەمما ئۇچۇپ يۈرگەن ھەرىلەرنىڭ ھەممىسى«ھەسەل ھەرىسى» بولمىغىنىدەك مۇنبەرگە چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى ياراملىق تەربىلىگۈچى دېگىلى بولمايدۇ! بىر تەربىيلىگۈچى ئۆزگىلەرنى تەربىىلەشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن تەربىلەشى ۋە تەربىيىلەنگۈچىلەرگە ئېلىپ بارىدىغان تەربىيىنىڭ ماھىيىتى، ئۇسۇل-چارىلىرى ئۈستىدە ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى لازىم. شۇ چاغدا تەربىيىنىڭ مېۋىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بولمىسا كۆزلىگەن نىشاندىن چەتنەپ كېتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ قاتىلى بولۇپ قالىدۇ.كالىنىن ناھايتى توغرا ئېيتقان:«ئوقۇتقۇچى جاۋابكارلىقى ئەڭ كۈچلۈك ۋەزىپىنى ئادا قىلىدۇ-ئۇ ئىنسانى شەكىللەندۈرىدۇ»ئۇنداقتا ئادىمىيلىك روھنى بەرپا قىلىدىغان ئەخلاق تەربىيىسى مەكتەپلەردە جانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ-يوق؟ تەربىلىگۈچىلەر ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنى بەكمۇ قىممەتلىك دەپ قارايمەن.چۈنكى« ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق قېيىن»دېگەن دانالار ھېكىمىتى ئەسىرلەر بويى ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق، ئەكسىچە، قەدىرى بارغانچە ئۆتۈلەۋاتىدۇ. & %/p; ::A  
مەكتەپ يىغىنلىرىدا دائىم:«ئەۋلادلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، ئۈمىدى!»«ئەۋلادلار ئۈچۈن»«قارا كۆزلەر ئۈچۈن»دېگەندەك ئۇلۇغۋار سۆزلەرنى تەربىلىگۈچىلەر نۇتۇقلىرىدا ئاڭلايمىز ھەم ئۆزىمىزمۇ ئۇنىڭدەك سۆزلەرنى دەيمىز-يۇ،لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەمدەك يېتىلىشىگە خىيانەت قىلىمىز. بەلكىم بۇمۇ قىزىققان مىجەزىمىزنىڭ روشەن ئىپادىلىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. ئوقۇغۇچىلار:« قۇرۇق نەزەرىيىلەردىن جاق تويدۇق، بىزگە ئەمەلىيلىكى كۈچلۈك بولغان ئوقۇتۇش كېرەك.» دەپ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا شوئار توۋلاپ تۇرسىمۇ، يەنە كېلىپ دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، تەربىيىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش چاقىرىقى جىددىي تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدىمۇ يەنىلا پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن يادلىۋالغانلىرىمىزنى ئۇلارغا زورۇقۇپ تېڭىشىغا ئۇرۇنۇپ، كىتابتىن سىرتقا چىقالماي، بىر ئۈنئالغۇ رولىنى ئويناۋاتىمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئىنساندەك تەربىيىلىنىشىگە ئاسىيلىق قىلىۋاتىمىز.بۇنىڭ نەتىجىسىدە يېتىشىپ چىقىۋاتقىنى ئاتىسىغا پىچاق كۆتۈرىدىغان، ئوقۇتقۇچىلىرىغا بىمالال تىل سالالايدىغان، ۋەتەن، مىللەت دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇقمايدىغان ئەخلاقىي-پەزىلەتلەردىن مۇستەسنا بىر يۈرۈش ئەۋلادلار بۇلاۋاتىدۇ.گاھى كۈنلىرى بەزىبىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى «ئاناڭنى»«لاتا»...دەپ تىللاۋاتقانلىقىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغا«چاپان سېلىپ»ئېتىلىۋاتقانلىقىنى،ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇرۇپ ياردار قىلغىنىدەك ئەھۋاللارنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمەن ھەم كۆرۈپ قالىمەن. بىلىم بەرگەن ئادەمنى تىللاشقا ئۇرۇندۇرۇۋاتقان زادى قانداق كۈچ ؟ ناۋائىينىڭ:«ھەق يولدا جاپا چىكىپ،ساڭا بىر ھەرپ ئۆگەتكەن كىشىنىڭ ھەققىنى يۈزلەپ ئالتۇن بىلەنمۇ ئادا قىلغىلى بولمايدۇ»دېگەن ئۇلۇغ سۆزى بار ئىدىغۇ؟ ئۇلار نېمە سەۋەبتىن بۇنچە ئەسەبىيلىشىپ كەتتى؟! بىز بۇ يەردە شۇ تەربىيىلىگۈچىنىڭ ئۆزى ۋە بەرگەن بىلىمىنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.بەزىبىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ھاراق ئىچىپ كېلىشلىرى، سىنىپتا بەھۇزۇر تاماكا چېكىشلىرى، مۇھەببەت سەۋدالىقىدا ئەسەبىيلىشلىرى ئەقلىي ھوشى جايىدا ئادەمنى ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ۋەھىمىلىك خىياللارغا سالماي قالمايدۇ. دېمەك،ھەقىقىي تەربىيە ئۆز ئورنىنى تاپالمىغاچقا، ئەقلىي كورلۇقنىڭ قارا تۇپراقلىرىغا سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىمىزنى دەپنە قىلىپ «قەبرە تېشى»غا ئەڭ گۈزەل، دەبدەبىلىك، يالتىراق ھېكمەتلەرنى يېزىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا يۈرۈۋاتىمىز. قېنى ئۇ بىزنىڭ ئۇلۇغ شوئارلىرىمىز، قېنى ئۇ بىز تۈزگەن دەستە- دەستە پىلانلارنىڭ ئەمەلىي قۇدرىتى؟! b@J"b(  
ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانلىق تەربىيىسىدە ھاياتقا،ئۆز ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار ھالدا قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىنى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئادىمىيلىك قىممىتىنى بارا-بارا تونۇپ يېتىدۇ. ئۇ خىل ئۆزىنى تونۇشقا يېتەكلىگۈچى قابىلىيەت يېتىلمىگەندە، ئۆزىنى باشقۇرۇش ئەقلىي كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار يازغان ماقالىلەرنىڭ قىسمەن ئۈزۈندىلىرىگە نەزەر كۆزىمىزنى ئاغدۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرەيلى، شۇچاغدا بىز بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس: FWu:5fBZY  
«مۇئەللىمنىڭ ناتوغرا يېتەكلىشى تۈپەيلى مېڭەم ئۆزۈمگە قېتىپ قالغاندەكلا بىلىنىدۇ.بۇرۇنقى قىزىقىشلىرىم ئاستا -ئاستا تۈگىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئۆزۈمدىدۇر. ئۆزۈمنى ناھايىتى چۈشكۈن ھېس قىلىمەن.گەرچە ھايات سەپىرىم ئۇزۇن بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياشاۋاتقان بولساممۇ ئەمما ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن بۇ نېمە ئۈچۈن زادى نېمە ئۈچۈن؟ مېنى مۇشۇنداق چۈشكۈنلەشتۈرگەن نەرسە زادى نېمە؟ پەقەتلا بىلەلمەيۋاتىمەن... » $6m@gW]N  
«مەن ئون يىل مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇقلۇق بىرەر پارچە ماقالىنى تۈزەپ يازالمايمەن. ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز، ماقالە يېزىپ كېلىڭلار، دېسە، قانداق قىلارمەن، دەپ دەككە-دۈككىگە چۈشىمەن.ئەسلى ئون يىل مەكتەپتە ئوقۇغان ئادەم خېلى،خېلى ماقالىلەرنى، شېئىرلارنى يازىدىغان، خېلىلا مەلۇماتلىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقاتتى. لېكىن مەن ئۇنداق ئەمەس» :?~)P!/xl5  
«دوختۇر بولسام ھەر خىل كېسەللەرنى داۋالاپ ئۇلارغا يېڭى ھايات بەخش ئەتسەم، بۇ دۇنيادا مېنىڭدەك ئۇلۇغ ئىنسان يوق دەپ ئويلايتتىم. غايە مېنىڭ بىردىنبىر يول كۆرسەتكۈچۈم ئىدى. بىراق ئەمدىچۇ؟ كىچىكىمدىكى بۇ ئارزۇلار خۇددى دېڭىزغا ئاستا -ئاستا چۆكۈۋاتقان كېمىدەك قەلبىمدىن بارا −بارا سۇسلاشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە…دەرس ۋاقتىدا ئاۋازىم چىقمايتتى.بەزى مىساللارنى چۈشەنمىسەممۇ مۇئەللىمدىن ئەسلا سورىمايتتىم.نېمىشقىدۇر سوئال سورىسام بالىلار زاڭلىق قىلىدىغاندەك، ئوقۇتقۇچىمنىڭ:‹ مۇشۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭمۇ؟ ›دېيىشىدىن قورقاتتىم.چۈنكى مەندە بىرلا نەرسە كەم ئىدى.ئۇ بولسىمۇ جۈرئەت.شۇڭا ھەر كۈنى چۈشەنمىسەممۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن داۋاملىق بىرلىكتە تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان ‹ چۈشەندۇق› دېگەن گەپنى دېيىشكە مەجبۇر ئىدىم. gq?O}gVD  
ئەمدىلىكتە چۈشەنمىگەن سوئاللىرىمنىمۇ تاپالمايۋاتىمەن، قارىغاندا بارا-بارا دۆتلىشىۋاتقان بولسام كېرەك. بۇنداق يۈرسەم تەقدىرىم نېمە بولماقچى؟يۈكسەك غايەمچۇ؟مەن قىزىقىدىغان دوختۇرلۇق كەسپىچۇ؟» _N;@jq\q  
«بىر ئوقۇتقۇچىمدىن ياخشى ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتسەكمۇ،كېيىن بىزنى خىزمەتكە بۆلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوقۇشۇمنىڭ نېمە ھاجىتى، دەپ ئويلاپ قالدىم» OcUj_Zd  
«مۇئەللىم دەرس سورىغاندا كىتابتىكى قائىدىلەرنى قارىغۇلارچە يادلاپ بېرەتتىم. بۇ چاغدا مۇئەللىمنىڭ:‹ياخشى، دەرسنى داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى، تولۇق ئوقۇپ كېلىڭ›دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ئىچىمدە خۇش بولۇپ كېتەتتىم.ئۇچرىغان مەسىلىلەرگە قارىتا تەھلىل،پىكىر يۈرگۈزمەي مۇشۇ كۈنگە قالدىم» -aBhN~  
« ھېلىقى بىرمۇنچە سىزىۋالغان نەرسىلەرنى يادلاشقا خۇش ياقماي، دەرسلىك بىلەن كارىم بولماي ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈپ يۈردۈم » o|>=< l  
« ئۆگىنىشىم ئەتە سورايدىغان دەرسلەرنى قارىغۇلارچە يادلاش… ئەگەر مۇئەللىم كىتابتىكى سوئاللارنى سورىسا جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئەمما مەن تونۇيدىغان تۇرمۇشتىن، جەمئىيەتتىن سورىسا قەتئىي جاۋاب بېرەلەيمەن» f\5w@nX  
«ئۆزۈمنىڭ ئادۇۋۇكات بولۇش ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. بىراق ھازىر قارارىمدىن ياندىم. چۈنكى، ئارزۇ - خىيال دېگەن ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان نەرسە...»  IZrcn  
(يۇقىرىقى ئۈزۈندىلەر بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تۇنجى كىرىپ، ئۇلارنىڭ ھېچنېمىگە قىزىقماس، روھسىز ھالىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئۆز ئاجىزلىقلىرىنى تونۇش ھەققىدە يازدۇرغان ماقالىسىدىن ئېلىندى ) Kz b-a$  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق چۈشكۈن، ئۈمىدسىز سۆزلىرىنى يەنە كۆپلەپ مىسال كەلتۈرۈش تامامەن مۇمكىن. تامچە سۇدا قۇياش ئەكس ئېتىدۇ، دېگەندەك ئازغىنە مىسال ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىپ،«ئارزۇ ئويغاتمايدىغان تەربىيە قەلبنى خاراب قىلغۇچى تەربىيىدۇر»دېگەن دانا پىكىرنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم ۋە بۇنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپەككۇرىغا ئامانەت قالدۇردۇم. uKzx >\}?1  
ئوقۇغۇچىلارغا مېھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى چۈشىنىشنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ نالە -پەريادلىرىنى تىڭشىماي، شەخسى مەنپئەت چەمبىرىكى ئىچىدىلا قېيىپ يۈرۈش،بىزنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتىمىزنى خاراكتېرلىمەستىن،بەلكى «تاتلىق سەپسەتىدىن ئاچچىق ھەقىقەت ئەلا »دېگەن ئەقلىيەنى مەنىۋىي ئاچقازىنىمىزدا ھازىم قىلالمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.بەزى ئاتالمىش تەربىيىلىگۈچىلەر بىر شىشە مەيگە ياكى بىر كۇتا يۈز مېيىغا مېھىرىنى بەرگەندەك ئوقۇغۇچىلارغا مۇھەببەت نۇرىنى چاچقان بولسا، قەلبىمىزنى بۇ قەدەر ھەسرەتلىك تۇيغۇلار باسمىغان بولاتتى. ئوقۇتۇشتىكى بەزىبىر تەتۈرلۈكلەر شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى،گاھىدا مەن ئۆزۈمنىڭ ئادەم تەربىيىلەۋاتقانلىقىمدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالىمەن. چۈنكى نىشانغا كەينىمىزنى قىلىپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز. ئوقۇغۇچىلار ئادىمىيلىككە قەرزدار بولۇپ يىگلەپ كېتىۋاتىدۇ.بوياقتىن تۈزۈلۈپ، ئۇياقتىن توپا بېسىپ قالىدىغان پىلانلارنىڭ ئەۋلاد ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكلەردىن ئەمەس، بەلكى مەۋسۇم ئاخىرىدىكى«ھېسابات»تا نومۇرىنى كەملەتمەسلىك ئۈچۈن دېسەك قىلچە خاتالاشمايمىز.بۇنداق دېيىشتىكى بىر سەۋەب:«ناچارلارنى ياخشىلاش»«ياخشىلارنى ئەلالاشتۈرۈش»پىلانىدا ئۈچتىن ئالتە ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇرى ئەسلىدىكىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى شەرت. ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ روھى جەھەتتە قانچىلىك ئىنسانىي تۇيغۇغا ئىگە بولغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم يوق. (بار دىيىلگەندىمۇ شەخسى نەپنى ئاساس قىلىپ، ئوبېكتىپ رېئاللىقتىن چەتنىگەن ساختا مەلۇمات)ناچارلارنىڭ كۆپلۈكىدە ئۈچ ناچار ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەش نىشانى قىلىۋېلىشىمۇ بىزنىڭ تەربىيىدىكى ئەخمەقلىقىمىزنى ئېنىق شەرھلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەربىيىلەشنى نىشان قىلغان ناچار بىلەن ياخشىلارنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، مەسئۇل ئوقۇتقۇچى ئۇنى ھەر خىل «ئەپلىك» چارىلەردە يۇقىرلىتىدۇ ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ماس ھالدا يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ. Mx w-f4j  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساختا ئەخلاقىي نەتىجىسى «كۆيۈنۈش»لەردە روياپقا چىققان بىلەن، ئۇلارنىڭ ھەققىي ئەخلاقىي ساپاسىنىڭ قايسى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ياكى چىكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئەمىلىي كۆرسەتكۈچ ۋە ئۇنى ساغلاملاشتۇرۇش ھەققىدە تۈزۈلگەن ئەمىلىيەتچانلىقى يۇقىرى پىلانلار مەۋجۇت ئەمەس.ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن ۋە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلىرى مۇكاپاتلىنىدۇ ھەم مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە«ئىمتىيازى»غا ئېرشىدۇ.بۇ خىل«شەرەپ»كە نائىل بولۇش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار تۈرلۈك«يول»لار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۆزلىرىنى بىغىشلاپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقي تەربىيىسىگە پۈتۈنلەي سەل قارايدۇ ھەم«ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى»دىكى كۆپلىگەن تۈرلەر ياسالمىلىشىدۇ. y# \"yykB  
ئادىمىيلىك ئاڭدىن مەھرۇم بولغان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ دۇنياغا كېلىش مەقسىتىنى چۈشىنىپ بولغۇچە ھالىدىن كېتىپ،رەزىل بىر تراگېدىيىنىڭ جاۋابكارى بولۇپ قالىدۇ ھەم مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى ساغلام تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. ئويلاش كېرەككى، ئۇلار ئاتا-ئانا بولغاندىن كېيىن، بالىلىرىنى ھەققانىيەت تۇيغۇسىدا قانچىلىك تەربىيىلەر؟ ئۇ ئۆزى سۆيمىگەن مىللەت، ۋەتەننى بالىسى قانچىلىك سۆيۈپ كېتەر؟ ئەنە شۇنداق چاغلاردا ناچارنى دەپتەردە ياخشىلاپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن قاقشاپ قېچىپ يۈرگەن،«نومۇر»ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىككەن ئوقۇتقۇچىسى باشپاناھ بولارمۇ؟ دېگىنى بىلەن ئەمىلىيتى بىر ئەمەس،«‹شاھروخخان›غا ئوخشاش قىز-يىگىتلەر چاپلىشىپ تۇرغان رەسىملىك دەپتەرلەر»بىلەن پەرۋايى پېلەك، ئەمما يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئالىملىرىمىزنىڭ سۈرىتى دەپتەر مۇقاۋىسىغا چۈشۈرۈلسە،«سەللىلىك ئادەمنىڭ سۈرىتى بار دەپتەر، دىنىي تۈس ئالغان دەپتەر»(«قۇمۇل ئەدەبىياتى»2003-يىل5-سان)دەپ ئۇنىڭدىن چۆچۈپ، ئۇنى چەكلەشكە ئالدىراپ كېتىدىغان ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئەمىلىي ئىشلىمەيدىغان مۇدىرلار ئەۋلادلارنىڭ ئادىمىيلىككە يات تەربىيىلەنگەنلىكىگە چاۋاك چىلىشارمۇ؟ئەڭ كۈلكىلىك يېرى، قىسمەن مۇدىرلاغا نىسبەتەن تۈرلۈك پىلانلارنى ۋە «ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى»دىكى تۈرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئاۋۋال ئىشلەتكەنلىرىدىن ياكى باشقىلادىن كۆچۈرەمدۇ، ئىشقىلىپ ئۇنى تولۇق يازسىلا، مەزكۇر ئوقۇتقۇچى مىللىي مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغانلار، خىزمەتنى قېتىرقىنىپ ئىشلىگەنلەر ھېسابلىنىپ، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرغۇچىلار ۋە ھەق مەيداندا تۇرۇپ، تەربىيىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى ھەققىدە مەسئۇلىيەت بىلەن پىكىر قىلغۇچىلار ئۇلارغا ئەشەددىي دۈشمەن بولۇپ كۆرۈنۈپ، «يېتىم قالدۈرۈش» شامىلىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىكەن... بۇلتۇرقى خىزمەت پىلانى بىلەن بۇ يىلقى خىزمەت پىلانى قانداقمۇ ئوخشىسۇن؟ ئۆزىنىڭ ئاۋۋالقى ۋە باشقىلارنىڭ «قوللانمىسى»دىكى مەزمۇنلار ئەمىلىي ئوقۇتۇش جەريانلىرىغا ئۇيغۇنلاشسۇنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ پىلان ۋە كونسىپىكنىڭ ئوقۇغۇچىلار تەپەككۇرىنى ئېچىشتا زادى قانچىلىك رولى بار؟ زادى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تۈزگەن پىلان ۋە كونسىپىكىىنىڭ بالا تەربىيىلەشتە ياكى بىلىم بېرىشتە قىممىتى بارمۇ،يوق؟ ئىجراسى قانداق بولدى؟ بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىش ۋاكۇئۇم ھالەتتە. gK~Z Ch  
قىستۇرۇش زۆرۈركى،دەرسلىككە نىسبەتەن مۇكەممەل قىلىپ تۈزۈلگەن كونسپىك بولسىلا، ئۇنى يەنە قوللىنىش مۇمكىندارچىلىقى تۇغۇلسىلا ئۇنى قايتا ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدۇ. ئۇنى يەنە كۆچۈرۈپ يېزىش ئېغىر ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. X"3p/!W.4  
قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت نومۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق مەلۇم« شەرەپ»كە نائىل بولۇش ئۈچۈن «بۇياق»چىلىق ھەلەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنى دادىل پىكىر قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئۇرغۇتىدىغان،ئۆزلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشلارغا سېلىپ،ئادەم بولۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئىزدىنىشلارنى تەرك ئېتىپ، ئوقۇغۇچىلار روھىغا مېھرى-مۇھەببەتلىك ھەم ھەققىي بىر تەربىلىگۈچى سىياقىدا بۆسۈپ كىرەلمەي،ئۇلارنى ئۇنتۇلغان بىر شەيئىگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن بارا-بارا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.شۇڭا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ماقال-تەمسىللەرنىڭمۇ مەنىسىنى يېشەلمەي،ئىنجىقلاپ تۇرۇشى،باشلانغۇچ ماتىماتىكىسىدىكى ئەڭ ئاددىي مەسىلىلەر ئالدىدىمۇ تىرناق تاتىلىشى ۋە ئادەملەرگە بولغان مۇئامىلىسىنىڭ بىنورماللىقى ئۇلار تەپەككۇرىنىڭ بىر ئىزدا قېتىپ قالغانلىقىنى، ئەخلاقىي-پەزىلەتتە يېتىلمىگەنلىكىنى كۆرسەتسە، ھەممىگە «ماقۇل»دەپ ئۆز قارىشىنى يۈرەكلىك ھالدا ئىپادىلىمەسلىكى مەكتەپتە مۇستەقىل پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . ^5MM<73  
مەكتەپلەردە تۈزۈلگەن تۈزۈم، پىلانلارنىڭ يادىروسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر پىرسەنتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋسۇملۇق، يىللىق باھالاشلىرىنى شۇنىڭغا قاراپ بەلگىلەش ئاساس قىلىنغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار شۇ نىشانغىلا كۈچ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىنى قېزىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېتىم قالدۇرماقتا. «‹ بۇلتۇر ئالىي مەكتەپكە مۇنچە بالا ئۆتتى. بۇ يىل مۇنچىنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز ›،‹ بۇلتۇر نەتىجە % 75بولغان، بۇ يىل % 76 بولسۇن › دېگەندەك كارخانا خام چوتىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىلەر پەيدا بولدى.مۇپەتتىشلىكىمىزنىڭ تەكشۈرىدىغىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سانلىق مەلۇماتلىق دوكلاتلار، مەكتەپلەرنىڭمۇ قارايدىغىنى سىنىپ، مەكتەپ كوللېكتىپىنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسى، كوللېكتىپنىڭ ئىپادىسى، قىزىل بايراق ئېلىش قېتىم سانى دېگەندەكلەرلا بولۇپ ئوقۇغۇچىنىڭ ۋۇجۇدى سۈپىتى قانچىلىك؟ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋۇجۇد سۈپىتىنى قانچىلىك سەۋىيىگە كۆتۈرسە بولاتتى؟دېگەنلەر بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق تۇرۇپتۇ»(داۋۇت ئوبۇلقاسىم،       «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى» « ئۇيغۇر مائارىپىغا بىر دىئاگنوز »دىن ) ts&\JbL  
دېمەكچىلەردىن،باشلانغۇچتا ئوقۇغۇچىلارغا ساۋات چىقىرىش،ۋەتەن،خەلقنى،ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش، ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولۇش تەربىيىسى مېخانىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە ، ھەر قايسى شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن«جان پىدالىق»كۆرسىتىشتىن ئىبارەت باسقۇچلاردا «تەربىيىلەپ»ئالتە يىلغا خىيانەت قىلسا، تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆتۈش قىزغىنلىقىدا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «شەرەپ»نى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن«پۇرسەت» نى« غەنىيمەت»بىلىپ «تىرىشچانلىق» كۆرسىتىش ۋە دەرس ئۆزلىشىش پىرسەنتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىسىدا ئۈچ يىل ۋاقىت ئەخلاقىي تەربىيىدىن ئايرىپ ، كىتابتىكىنى كاللىغا قۇيۇۋېلىش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن«ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تاقابىل تۇرۇش»تىن ئىبارەت«جەڭگىۋار»ھەم «ئۇلۇغۋار»چاقىرىقىدا ئادىمىيلىك تەربىيىسى پۇتۇنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ ۋە نومۇر ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت «جەڭگاھ»قا ئاتلىنىپ كېتىدۇ. بۇ جەريانلاردا بىر ئىنساننىڭ چىن ئىنسان بولۇشى ئۈچۈن ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ ئاساس ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي-پەزىلەت ساپاسى ئېشىپ بارسا، ئۇنىڭغا ئوڭ تاناسىپ ھالدا دەرس ئۆزلىشىش پىرسەنتىنىڭمۇ ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى ئويلىنىپ كۆرمەيدۇ. بېلىنىسكىي:« تەلىم ۋە كامالەتنىڭ تۈرى كۆپ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرسى ئۆز ئالدىغا مۇھىم. ئەمما ئەخلاقىي تەلىم ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇرۇش لازىم.»دېگەن.بىر ئىنساندا ئادىمىيلىك خىسلەت، ئادىمىيلىك تويغۇ، ئادىمىيلىك روھ بولمىسا ئۇنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ جەزىملەشتۈرگىلى بولسۇن؟!شۇڭا بىر ئادەمنى ئادەمدەك تەربىيىگە ئىگە قىلىش ئىنتايىن مۇشكۈل ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. ئىنساننى تەربىيىلەش قايسى بىر ئەدىب ئېيتقاندەك:«سەنئەت ئىچىدىكى سەنئەت، چۈنكى، ئادەم بارلىق نەرسىلەر ئىچىدىكى ئەڭ تۇراقسىز، ئەڭ مۇرەككەپ جانلىقتۇر »ئۇنى تەربىيىلەش ھەر بىر تەربىيىلىگۈچىدىن ھەر تەرەپلىمە ساپانى تەلەپ قىلىدۇ.بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى قارىغۇلارچە بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى جەمئىيەت، مىللەت، ئاتا-ئانىلارغا ئاپەت كەلتۈرۈۋاتىدۇ ۋە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىغا نىسبەتەن گۇمانى قوزغىلىپ، نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللىنىۋاتىدۇ. دەرھەقىقەت، ئۇلارنىڭ 12 يىل مەكتەپ يۈزى كۆرگەن بالىلىرىنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمىگىنى ئازدەك ئېغىر ئەخلاقىي بۇلغىنىشلاردا چىرىپ يۈرۈشلىرى ئۇلاردا ئىچ ئاغرىقىنى قوزغىماي قالسۇنمۇ؟ ئۇلار قانچە گۈزەل ئارزۇ –ئارمانلار بىلەن مىڭ جاپالاردا ئوقۇتقان بالىلىرىنىڭ بېشىغا بالا ، زىممىسىگە يۈك بولۇشىنى ئويلىغانمۇ؟ ئەگەر ئۇلار بالىلىرىنى بىرەر ھۈنەرگە تۇتۇپ بەرگەن بولسا، بۇنداق ئۆكۈنۈشلىرى ھەرھالدا پەسەيگەن بولاتتىغۇ؟ نۆۋەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈزلۈكسىز سادىر بولاۋاتقان رېئال ۋەقەلەر يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشى، ئائىلىنى ئۇنتۇپ تورخانا ۋە باشقا ئورۇنلاردا تۈنۈشى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشى...ھەممىنى ئەنسىزلىككە سالماقتا.ئۆتكەن بىر يىلى مەكتىپىمىزدىكى بىر ئوقۇغۇچى بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالدى.ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتكەن بىر نەچچە قىز ئوقۇغۇچى باشقا شەھەرلەردىكى تورخانىلاردىن تېپىپ كېلىندى.قېچىپ كېتىش يەنى ئەرگە تېگىپ كېتىش ئەھۋاللىرىغۇ مۇدىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەجەبلەنمەس ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ھاجەتخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماكا چىكىشى ئەۋج ئېلىپ، چوڭلىرىنىڭ كىچىكلەرنى بوزەك قىلىش قىلمىشلىرى تەكرار يۈز بېرىپ تۈرغاچقا،بۇ ئىش ھەممىنىڭ بېشىنى قاتۈرىدىغان،ئەمما تەدبىرى يوق مەسىلىگە ئايلاندى.مېنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگىنى ۋە ئاچچىق يۈتكۈزگىنى يۇقىرى يىللىقتىكى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ باشلانغۇچتىكى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ خالادا بېشىغا سىيگىنى بولدى.يېقىندا يەنى شەنبە كۈنى(مائارىپتىكى ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇللارنىڭ:«دەرسلەر تۈگىدىمۇ»دېگەن سوئالىغا ھۇدۇقماي جاۋاب بېرىش ئۈچۈن شەنبە كۈنى ئوقۇش يولغا قويۇلغانىدى)دەرستىن چۈشۈپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگىنىمدە ئولىشىۋالغان ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا يوچۇن كىشىلەرنى كۆرۈپ ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى كېيىن بۇ ئىشقا مەسئۇل كىشىدىن سورىدىم. ئەھۋال مۇنداق ئىكەن:جۈمە كۈنىدە ياتاقتا ياتىدىغان تولۇق 3-يىللىقتىكى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى تولۇق 1-يىللىقتىكى ئىككى قىز ئوقۇغۇچىنى باشلاپ چىقىپ كېتىپ،جەمئىيەتتىكى بالىلار بىلەن كېچىچە يۈرۈپ، سەھەردە مەكتەپكە كەپتۇ...ئالدىنقى بىر يىلى بىر ئوقۇغۇچى ئاقىچىپ كەتكەن قىز بىلەن بىر مەزگىل ئۆي تۇتۇپ، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ قارشىلىقى بىلەن ئۆيى ئۆي بولمىغاندىن كېيىن، مەكتەپ ئۇنى يەنە ئۆزىنىڭ«ئىللىق» «قوينى»غا ئالغانىدى. مانا بۇنىڭدەك ئىشلار كۆپ...بۇنىڭغا قايسى بىر ۋىجدان ئىگىسى ھەسرەت چەكمىسۇن،«قېنى مىللىي ئەنئەنە؟»«قېنى مىللىي ئەخلاق؟» دەپ جار سالمىسۇن؟! ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كىلىپ چىقىۋاتقان ئاقىۋەتلەر كىملەرنى ۋەھىمە ئىچىدە قالدۇرمىسۇن؟! Zbl*U(KU?  
دېمەك،تەربىيە ئۆز ئورنىنى تاپالماي قالغاچقا، بىز دائىم كېيىنكى ئۈمىدنى يۈكلەپ كېلىۋاتقان سۆيۈملۈك ئەۋلادلىرىمىزنى شەكىلۋازلىقنىڭ ۋە تەربىيىدىكى خاتالىقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۈرۋېتىپ بارىمىز. 8oU R/___  
دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئەمىلى مەنپەئەتدارلىقى ئۇنى چۈشەنگۈچىلەرگە ئايان. لېكىن شۇنى سەگەكلىك بىلەن پەرقلەندۈرۈش كېرەككى، تاش ئاقىلنىڭ قولىغا چۈشسە گۆھەرگە ئايلىنىدۇ، گۆھەر ناداننىڭ قولىغا چۈشسە تاشقا ئايلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىزدىنىش مۈشكۈلاتلىرىنى تەرك ئەتكەن، روھىي قۇرغاق، قەلبىدە خەلق، ۋەتەن ئۇقۇملىرى خىرەلەشكەن، بىر پارچە كىتابتىن نەچچە يۈز يۈەنلىك ئولتۇرۇشلارنى ياكى نەچچە مىڭ يۈەنلىك نوركا چاپانلارنى ئەۋزەل بىلىدىغان بىر قىسىم تەربىيىلىگۈچىلەر ئالدىدا يېڭى دەرسلىك ئۆز قىممىتىنى قانچىلىك نامايان قىلار؟ چۈنكى ، يېڭى دەرسلىك ئوقۇتقۇچىلاردا مول بىلىم زاپىسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يېڭى دەرسلىكنىڭ دەسلەپتە ئوقۇتقۇچىلارنى سەل-پەل گاڭگىراتقىنى راست،لېكىن كېيىنچە، ئىشلار «بىر ئىزىغا چۈشۈپ » شەكىلۋازلىقنىڭ كونا مۇقامى يەنىلا ياڭرىدى. يەنى دەرسلەرنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادكارلىقىنى قوزغاشنى ياكى ئۇلارنىڭ ئەمىلى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىنى ئاۋارىچىلىك ساناپ تۈز يۆلىنىشتە  ئۆتۈش،« توسۇق ئاتلاپ سەكرەش»تىن ئىبارەت چاپچاپ ئۇسۇل بويىچە ماھىيەتتىن قېچىپ،ھادىسىگە ئېسىلىۋېلىش ۋە كىتابنى تۈگىتىش ئۈچۈنلا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش، ئەخلاقىي تەربىيىنى ئوقۇتۇشتىن سىرتتا قالدۇرۇشلاردا  ئوقۇغۇچىلار ۋۇجۇدىدا ھەقىقىي بىر ساپا ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلەر يېتىلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچىلاردا يېڭى دەرسلىكنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە ئۇنىڭ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا قارىتا بىلىمى، چۈشەنچىسى چولتا بولغاچقا، ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى تېيىزلىشىپ «ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئوقۇتۇش» ئېلىپ بېرىپ، ئىمتىھانلاردا ۋە ئوقۇغۇچىلارنى باھالاپ نومۇر قويۇشنىڭ باشقا تەرتىپلىرىدە ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ« كۆڭۈل سوۋغىسى» قىلىش خاھىشى شەكىللىنىپ قالدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىلاردا يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا ماسلاشقۇدەك مەنىۋى ئېنېرگىيە يېتىشمەي قالدى. شۇڭا يەنىلا كونا سەنەمگە دەسسەش خاھىشى ئەۋج ئېلىپ ، ئوقۇغۇچىلار تەپەككۇرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلمىدى ۋە « نومۇر قىزغىنلىقى»قايتىدىن جانلىنىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئادىمىيلىك ئەخلاقنىڭ يېتىلىشىگە پۈتۈنلەي ئىتىبارسىز قارالدى. يەنە تەكىتلىگەندە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «جانىجان» مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئوقۇتۇشتىكى بارلىق ئىشلار ساختىلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار رەڭۋازلىقىنىڭ پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتتى. بۇ «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە ئىمتىھانى»دا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ئىناۋەت، ئابروي ... دېگەنلەرنى بىر چەتكە قايرىپ،ئىمتىھان مەيدانىنى « ئەركىنلەشتۈرۈش» بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ خىل چاكىنا ھەركەت ئوقۇغۇچىلارغا قانداق تەسىر بېرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغامدۇ ياكى پاسسىپچانلىقىنىمۇ؟ شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە خىرەلىشىپ،ئۇلارنى«جان بېقىش ئۈچۈن ھەممىنى قىلغۇچىلاركەن» دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويدى. چۈنكى رېئال ھادىسىلەر ئۇلارنىڭ كاللىسىنى «ئېچىۋېتىپ»، چۈشنىشكە ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەرگەنىدى... o[wiQ9Tl  
ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي تەربىيىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ /T qbl^[  
بۇنىڭدا ئەڭ ئاۋۋال ئىشنى مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك.شۇ ئاساستا ئىلمىي بولمىغان،ئىشنىڭ ماھىيىتىگە ئەمەس،شەكلىگە قارىتا تۈزۈلگەن تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئاساسىي نىشاننى ئادەمنى ئادەمدەك تەربىيىلەشكە قارىتىش كېرەك.چۈنكى،دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسى ئىدىيىنى ئويغىتىشتىن باشلانغان. لۇشۈن ئەپەندىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى ئەدەبىياتقا ئالماشتۇرۇشىمۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىدىيىسىنى توغرا بىر نىشانغا بۇراش كېرەكلىكىنى ۋە ئىدىيىدە ئازاد بولمىغىچە ئۆزىنى خۇرلۇقتىن قۇتۇلدۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدە. O<wH+k[  
ئېسىمدە قېلىشىچە،«كاڭشى خاندانلىقى »ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا كاڭشى سەددىچىن سېپىلى ئۈستىگە چىقىپ، سېپىلنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن بۇنى رېمونت قىلىشقا قانچىلىك پۇل كېتىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلار خېلى كۆپ پۇلنىڭ گېپىنى قىلىدۇ. شۇ چاغدا كاڭشى مۇنداق بىر مەزمۇندىكى سۆزنى ئېيتىدۇ: بىز سېپىلنى ياساتماي، ئاۋۋال سېپىل ئىچىدىكى ئادەملىرىمىزنى تەربىيىلەيلى. 1c/<2xO~  
ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى سۆيۈشتۇر .ئۆزىنى بىلمىگەن، ئۆزىنى چۈشىنىشتىن مەھرۇم قالغان ئادەم باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىدا ياشايدۇ. بۇ خىل ئۆزىنى تونۇش ئېڭىنىڭ قۇرغاقلىقى سەۋەبىدىن ئەۋلادلار يېتەرلىك تەربىيەگە ئىگە بۇلالمايۋاتىدۇ. بۇ ھال ئەۋلادلار ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقدىغانلارنىڭ قايغۇسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئۆز مەسئۇلىيتى ۋە بۇرچىنى تونۇپ يەتمىگەن، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۆز مەنپئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان، مۇنەۋۋەرلىك، ئىلغارلىق تاجىنى كىيىش ئۈچۈن سالاھىيىتى بىلەن ھېسابلاشماي  قىلىۋاتقان خۇپىيانە«ئىش»لىرى ۋە«يېغىلىق»لىرى شۇنداقلا ئېرىشىدىغان نەرسىلىرىگە ئېرىشىپ بولۇپلا مەكتەپتە تارتىشقۇدەك ھېچ ئىش قالمىغاندەك بىغەم ھالەتتە يۈرۈشلىرى كىشىنى چوڭقۇر ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا« ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى » ئېلىپ بېرىش ئەڭ ئاقىلانە چارىدۇر.چۈنكى، ئىدىيە ماھىيەتلىك نىشانغا توغرىلانمايدىكەن ، ئۇ ھالدا ئېلىپ بارغان بارلىق ئۇرۇنۇشلار نۆلگە تەڭ بۇلىدۇ ھەم قىممەتسىزلىك ئۇقۇمى بىلەن خاراكتېرلىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئوقۇتۇش» ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل پائالىيەتلىرىنىڭ (زېھنى سىناش، ماقالە ئوقۇتۇش... دېگەندەك) ئاساسى نىشانى تەربىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەمەس، خىزمەت نومۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇنۋان ئېلىشتىن ئىبارەت! uFmpc7  
ئوقۇتقۇچىلارغا نەشتەر سانجىشقا خۇمارلىنىپ قالغان ۋە ساپاسىزلىقى كامالەتكە يەتكەن قىسمەن مەكتەپ رەھبەرلىرى ئادەم تەربىيىلەشتە قىلچە قىممىتى يوق، پەقەت ئۆز ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىشتا كۈچ كۆرسىتەلەيدىغان پىلان ۋە ۋەھىمىلىك تۈزۈملەرنى تۈزۈشكىلا بېرىلىپ كەتكەنچكىمىكىن، بىرەر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ جەمئىيەتتىكى بىرەر كەپسىز، «يىگىت» كەينىدىن كېتىپ قېلىشى ئۇلارغا مۈشۈكنىڭ توپ ئوينىغىنىدەك قىزىقارلىق تۇيۇلامدىكىن-تاڭ، ئۇلار بۇنىڭ سەۋەبى ۋە تەدبىرلىرى ھەققىدە قىلچە ئويلىنىپ كۆرمەيدۇ. ئەكسىچە، «پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئالتۇندەك غەلىبە ياتىدۇ» دېگەن ھېكمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەكتەپ قورۇسىنى تۈرمىدەك سۈرلۈك قىلىۋېلىپ،مەكتەپلەردە تەبىئىي ھالدا بولۇشقا تېگىشلىك (ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ئازادىلىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان، ئۇلار ئارسىنى يېقىنلاشتۈرۈپ بىر-بىرىنى چۈشىنىشكە ئاساس يارىتىدىغان) پائالىيەتلەرگە ئېتىبار بىلەن قارىمايدۇ.نەتىجىدە،بەزى ئوقۇتقۇچىلاردا روھىي بېسىم پەيدا بولۇپ، خىزمەتتىن بىزار بولۇش خاھىشلىرى باش كۆتۈرسە،ئوقۇغۇچىلاردا مەكتەپتىن جاق تويۇش ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ. 1xtS$^APcd  
خىزمەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش ياكى تۈزۈمنى چىڭىتىش بىلەن ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن، دېيىش ۋە ياكى دوگما، ئەبجەق ئۇسۇللار بىلەن ئادەم تەربىيىلەشكە ئۇرۇنۇش ھېلىقى بىر يىللاردىكى ئېتىزلىقلارنى پەلەمپەيلەشتۈرۈش، دەرەخ كېسىپ پولات تاۋلاش دېگەندەك ئەخمىقانە ئىشلارنىڭ بىرى.كۆڭۈللۈك، ئازادە مۇھىتتا خىزمەت ئېلىپ بېرىش، مەكتەپنى جەلپكار قايناق بىر ھاياتقا ئايلاندۇرۇش ۋە ئىلمىي، دېموكراتىيىدە مەكتەپ باشقۇرۇش ئوقۇتۇش سۈپىتىىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسى. 9'Z{uHi%  
يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئوقۇتقۇچىلارنى قاقتەك قورۇۋېتىدىغان تۈزۈممۇ،كونىنى تەكرار يازدۈرۈپ، يېزىشتىن باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىدىغان ئىشلارمۇ ياكى ھەممىنى مېخانىكلاشتۇرىدىغان قېلىپلىق ئۇسۇل- تەدبىرلەرمۇ يوق ئىدى. بار دېيىلسە روھىي كۆتۈرەڭگۈلۈك ھالدا ئون نەچچە كېلومېتىر يولنى ۋېلىسىپىتلىك بېسىپ چىقىپ، ئەركىن مۇھىتتا ئەۋلادلارغا ئۆزىمىزنى ئاتايدىغان ئوتلۇق يۈرەكلا بار ئىدى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەربىيىلىنىشى ئالاھىدە بولغاندىن سىرت، ئوقۇتۇش سۈپىتى شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. چۈنكى بىز پۈتكۈل كۈچ سەرپىياتىمىزنى بىمەنە ھەم ئۈنۈمسىز ئىشلارغا ئەمەس،بەلكى ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن تەربىيىلەشكە مەركەزلەشتۈرگەنىدۇق. مۇدىرلارنىڭ ئاممىنىڭ توغرا پىكرىنى قۇۋۋەتلىگىنىنى ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرغىنىنى ئەسلىيەلەيمەنكى، ئەمما بىرەر قېتىم ئوقۇتقۇچىلارغا تەنە قىلىپ نەشتىرىنى سانجىغىنىنى، ئۆزلىرىگە تەنقىدىي پىكىر بەرگەنلەردىن ئۆچ ئېلىش ھېسسىياتىدا بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن. ھەممە ئىش باراۋەرلىك ئاستىدا ئېلىپ بېرىلاتتى. قېيىداش، رەنجىشلەر دوستانە پىكىرلىشىش ئاساسىدا ئۆز ئەسلىگە قايتاتتى. بىز ئۇ يەردە مۇدىرلارنىڭ ئوقۇتۇشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلمايتتۇق، بەلكى ساغلام روھقا ئىگە بولغان ئادەملەرنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلاتتۇق... 3\{acm  
ئويلاش كېرەككى، باشلانغۇچ تەييارلىقتا چاڭىلداپ سۆزلەيدىغان ھەم ئەخلاقىي-پەزىلەتكە ئۆز پىسخىكىسىغا ماس ھالدا ئېتىبار بىلەن قارايدىغان بالىلار نېمە ئۈچۈن يۇقىرىلاپ ئوقۇغانسېرى ئىككى ئېغىز سۆزىنى مەردانە ئېيتالمايدىغان كېكەچكە ھەم ئەخلاقىي ساپاسى تۆۋەن كىشىگە ئايلىنىدۇ؟ ئامېرىكىدىكى بوۋاقلار بىلەن ئۇيغۇر بوۋاقلىرى تۇغۇلغاندا ئوخشاشلا ھالەتتە. ئەمما كېيىنكى تەربىيە تامامەن پەرقلىق. ئادەم تەربىيىلەش ئۇسۇلىمىز ئىلمىيلىق ئاساسىغا قۇرۇلمىغاننىڭ ئۈستىگە مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىش يوللىرىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلغىنىمىز يوق ... )s7EhIP  
مائارىپ بىر مىللەتنىڭ قېنى ھەم جېنى. مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق سالاھىيىتىنى ساقلاپ تۇرغۇچى ساغلام روھقا ئىگە بولغان مائارىپتۇر. تارىخىتىكى نۇرغۇنلىغان تەتۈر قىسمەلىرىمىزنىڭ سەۋەبى، نادانلىققا ئوت ئاچالمىغان، ئۆز ئۆزىمىزگە زىندان بولۇپ كەلگەن قۇرغاق كاللىمىز بولدى. تۇراقلىق ئېتىقادقا، يىمىرىلمەس قاراشقا ۋە ئېينىشتېين ئېيتقاندەك: «مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان» ۋە يۇقىرى ئەخلاقىي ساپاغا ئىگە ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياجى. ئەگەر مىللەت ۋە كېيىنكى ئەۋلاد ئۈچۈن كۆيىدىغان يۈرەك ۋە توغرا، ئىلمىي تەربىيىلەش ئۇسۇلى بولمايدىكەن،ئۇ ھالدا سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ شەپقەتسىز قاتىلى بولۇپ قالىمىز.   qDg`4yX.}  
( «كروران» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 2-ساندىن )
تېما تەستىقلىغۇچى : شائىر~ ئەپەندى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-08, 15:46
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئەخلاقىي تەربىيە ئىشىك سىرتىدا قالمىسۇن,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(شائىر~ ئەپەندى) ئېسىل يازما !
  • teklimakan
    دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 278
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1689
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1689دانە
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 8543 سوم
    تۆھپىسى: 6 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 580(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-11
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-08 11:48 PM

    ساقلىۋىلىپ ئالدىرىماي ئوقۇسام بولغۇدەك..............
    بىز ئىسلامدىن ئىززەت تاپتۇق، قاچانىكى ئىسلامدىن باشقا نەرسىدىن ئىززەت ئىزدىسەك ئاللاھ بىزنى خار قىلىدۇ.....
    ھەزىرىتى ئۆمەر.
    Ahmadi
    ئەسلىم بۆرە،چۈنكى ئۇلۇغ بوۋام بۆرىنى ھامىلدار ق ..
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2937
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 125
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە125دانە
    ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 974 سوم
    تۆھپىسى: 8 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 45(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:00

    ساپا-ساپا تەربىيىسى  دىگىنىمىز بىلەن ، ئارىمىزدا  ساپانىڭ چىن مەنىسنى چۈشەنمەيدىغانلار خېلى كۆپ!
    arkut403
    ياخشى ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ، ئاندىن باشقىلار ..
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7842
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 73
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 332 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 156(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-25
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-10
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:07

    ھازىر تەكىتلىنىۋاتقان ساپا مائارىپى شۇنداق بۇلسا كىيىنكى C3<_0eI  
    ئەۋلاتلىرىمىز  زادى نىمە كۇنلەرگە قالار ھە ؟ ئۇلار پەقەت E_z,%aD[  
    كىتاپتىكىنى  يادىلاشنىلا بىلسە ھەي ؟ 21?>rezJ  
    بىر مۇئەللىم 5  يىللىققا يىڭىدىن مەسئۇل بۇلۇپ كىرگەندىن -&y&b-  
    كىيىن بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپ % 5!Y#$:{o  
    ئۇلاردىن  ئىككىدەن بىر نەچچىگە تەڭ دەپ سۇرىسا يىرىم i&}LuF8  
    سائەتكىچە بىر ئۇقۇغۇچىمۇ 0.5 بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بىرەلمىگەنلىكىنى a5]]AkvA  
    ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئىيتىپ بەرگەن ،بۇنىڭغا نىمە دىگۇلۇك ئەمدى . C0>)WVCK  
    بۇنىڭغا ھازىرقى ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز نىمە دەيدىكىن ؟
    غەيۋەتتىن يىراق تۇرايلى ،ياخشى ئىشلارغا مەدەت بىرەيلى ، ياخشىلار ئىلھاملىنىپ تۇرسۇن!ناچارئىللەتلەرگە رەدىيە بىرەيلى مىللىتىمىز تۇزەلسۇن ،گۇللەنسۇن !
    huxhuy520
    مىسرانىم سىنى ھەرۋاقىت سۈيىمەن .
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6943
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 466
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە466دانە
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4252 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 277(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-11
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:13

    تەپسىلى كۆرۈپ چىقاي . رەھمەت سىزگە .
    خۇشخۇي سىزلەر ئۈچۈن ھەرۋاقىت خۇشخۇي .   سىنى سۈيىمەن مىسرانىم  .
    sefura
    مۇناپىقلار دوزاخ ئوتىنى قورسىقىغا يەۋالغانلار
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3151
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 105
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە105دانە
    ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2807 سوم
    تۆھپىسى: 8 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 282(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-11
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:53

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن.بىز ''ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى''دېدۇق؛دېمەك ئوقۇتقۇچى روھنى تۈزىگۈچى،ئۇنى قۇرۇپ چىققۇچى دېگەنلىكتۇر.روھ بىزنى يېتەكلەيدۇ،روھىمىز تۈزەلسە پۈتۈن ئىش-ھەرىكىتىمىز تۈزىلىدۇ؛روھىمىز بۇزۇلسا بىزنى ئىنسانلىقتا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان تۈۋرۈك ئاجىزلىغان بولىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا قانچە ئەجىر قىلسا،قانچە كۆپ قان-تەر سىڭدۈرسە ئوقۇغۇچىنىڭ روھى تۈۋرىكى شۇنچى مەزمۇت،چىداملىق بولىدۇ؛ئەكىسچە بولسا ئوقۇغۇچىنى لاياقەتلىك بىر ئىنسان قىلالايدىغان ئۇ تۈۋرۈك يىللارنىڭ بورانلىرىدا ئاسانلا غۇلاپ چۈشۈپ،ئوقۇغۇچىنى ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچار قىلىدۇ. z)FGbX  
    مائارىپتىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان،بالىلار جەمئىيەتتىن تەربىيە ئالالمايدىغان بولۇپ قالغان ئەھۋالدا قالغىنىمىزدا قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشىمىز ئائىلە تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بالىلار تەربىيىسىدىكى بوشلۇقنى تىرىشىپ تولدۇرۇش. ئەگەر بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا بالىلىرىمىزنىڭ ئائىلە تەربىيىسىمۇ بوش قالسا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاچچىق ئاقىۋەتكە،پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مەغلۇبىيەتلىك ھاياتىغا ئوقۇتقۇچى ئەمەس ئاتا-ئانا بولغۇچى مەسئۇل بولىشى كېرەك.
    ئىلگىرىكىلەر قەلەمنى بىر قەلەمكەشنىڭ مەسئۇلىيەت،بۇرچ ھەتتا ۋىجدانىغا سىمۋول قىلغان...ھازىر تور ئەدەبىياتى قەلەمكەشلىرىدە كەم بولىۋاتقىنى''قەلەم''.            _غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
    sefura
    مۇناپىقلار دوزاخ ئوتىنى قورسىقىغا يەۋالغانلار
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3151
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 105
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە105دانە
    ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2807 سوم
    تۆھپىسى: 8 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 282(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-11
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 01:08

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت arkut403 كە 2010-09-09 12:07 AMئەۋەتىلدى : [h63*&  
    ھازىر تەكىتلىنىۋاتقان ساپا مائارىپى شۇنداق بۇلسا كىيىنكى ZeLed[J^xJ  
    ئەۋلاتلىرىمىز  زادى نىمە كۇنلەرگە قالار ھە ؟ ئۇلار پەقەت DS=$* Trk  
    كىتاپتىكىنى  يادىلاشنىلا بىلسە ھەي ؟ h8dFW"cpC  
    بىر مۇئەللىم 5  يىللىققا يىڭىدىن مەسئۇل بۇلۇپ كىرگەندىن ^B:;uyG]M  
    كىيىن بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپ pO92cGJ8  
    ....... LUdXAi"f  
    LXqPNVp#  
    بۇنىڭغا ئارتۇقچە بىر نىمە دېمىسەكمۇ بولىدۇ.بۇ بەك ئەپسۇسلىنىپ،ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكۈدەكمۇ ئىش ئەمەسكەن.بۇ بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ كەمتۈكلىكىنىمۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ،ئەلۋەتتە.2/1نىڭ 0.5 بولىدىغانلىقىنى ھازىر بىلمىسە ھامان بىلىۋالالايدۇ،بۇ مەسىلە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلاردىنمۇ،ئوقۇغۇچىدىنمۇ بەك ئاغرىنىپ كىتىش ھاجەت ئەمەس.چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ كەسىر سانلارنى قوشۇشنى بىلمەيمىش،بەش ئىنگىلىزچە سۆزنى نەچچە ئون قېتىملاپ ئۆگۈتۈپ قويسمۇ كىلەر سائەتلىك سىناقتا ئۇنتۇپ قېلىپ نۆل نومۇر ئېلىپ قالارمىش...ۋەھاكازالار.شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇلاردىن ئۈمىدسىزلەنمەيدىكەن،بالىلىرىنى ئىنكار قىلمايدىكەن،يەنىلا بالىسىنىڭ باشقا ئارتۇقچىلىرىدىن پەخىرلىنىپ،كىچىككىنە بىر ئىش قىلالىغىنىنى كۆرسىلا ئۇنى ماختاپ،رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدىكەن.بۇ خىل تەربىيە ئۇسۇلى ھەقىقەتەن بالىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ،ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتا يۈز پىرسەنت مۇھىم بولىدىكەن. F?^L^N^  
    مائارىپنىڭ مەقسىدى بالىنىڭ مۇستەقىل خاراكتىرىنى،ئىشەنچىسىنى يىتىلدۈرۈش؛بالىنى تۈرگۈن چوڭ قىلىش؛بالىغا ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش؛ئۆزىنىڭ نىمىنى بىلىدىغانلىقى،نىمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەش بولىشى كېرەك.
    ئىلگىرىكىلەر قەلەمنى بىر قەلەمكەشنىڭ مەسئۇلىيەت،بۇرچ ھەتتا ۋىجدانىغا سىمۋول قىلغان...ھازىر تور ئەدەبىياتى قەلەمكەشلىرىدە كەم بولىۋاتقىنى''قەلەم''.            _غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
    nurlan0018
    نۇرى狼 << پولات قانداق تاۋلاندى >> نۇرى狼
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2776
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 157
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە157دانە
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1410 سوم
    تۆھپىسى: 9 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 81(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-10
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 01:11

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت arkut403 كە 2010-09-09 12:07 AMئەۋەتىلدى : !nC q8~#  
    ھازىر تەكىتلىنىۋاتقان ساپا مائارىپى شۇنداق بۇلسا كىيىنكى !Av9 ?Q:  
    ئەۋلاتلىرىمىز  زادى نىمە كۇنلەرگە قالار ھە ؟ ئۇلار پەقەت P6 R_W  
    كىتاپتىكىنى  يادىلاشنىلا بىلسە ھەي ؟ (v%24bv  
    بىر مۇئەللىم 5  يىللىققا يىڭىدىن مەسئۇل بۇلۇپ كىرگەندىن )+hV+rM jp  
    كىيىن بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپ CF2Bd:mfZ  
    ....... RGE(#   
    s0^(yEcq  
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بۇ گەپنى مەن دىگەن . بىراق تولۇقسىزنىڭ 1 - يىللىقىدا دىگەنتىم . مەن دەرستە ياخشى ئوقوغۇچى ھىساپلىناتتىم . بىراق راستىنلا ئىككىدەن بىرنىڭ قانچە بولدىغانلىقىنى دەماللىققا جاۋاپ بىرەلمەي ھىساپلاپ چىقىپ ئاندىن جاۋاپ بەرگەنتىم . ئەجىبا مەن خجىل بولۇشۇم كىرەكما ؟
    تەڭ ئىدۇق ئىككىمىزتەڭرى ئالدىدا،
    ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋرى ئالدىدا .
    كۆرەڭلەپ كەتمىگىن كەلگەندە ئامەت ،
    ئاخىرى تەڭ بولۇرمىز قەبىرى قىيامەت .
    زىبا
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5945
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 299
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە299دانە
    ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1341 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 176(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-09
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 01:14

    كەچ بولۇپ كەتتى مەن ئەتە ئوقۇي
    مۇھەببەت مەڭگۇلۇك
    janpolat007
    ئاناڭنى جاھان بىلسەڭ،ئاتاڭنى خاقان بىل!!!
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8996
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 115
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە115دانە
    ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 571 سوم
    تۆھپىسى: 19 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 56(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-11
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 01:19

    مەنمۇ ئەتە ئوقۇي ھە  ، كەچۇرۇڭلار .................................
    ئىسىلنىڭ  ئەسلىمۇ  ۋەسلىمۇ  ئىسىل ،
    قىشى-ياز ئوخشاشلا ھەممىسى ئىسىل .
    ئېسىلساڭ  ئاشۇنداق ئىسىلغا ئېسىل ،
    ساپ ۋىجدان غورۇرى نەسلىمۇئىسىل.
    jmgor
    جىمغور ؛-مىللىتم روناق تاپ،مىللىتىم پاكىز ياشا.
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5025
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 235
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1009 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 234(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 01:27

    مەنمۇ  تەپسىلى بىر كۆرەي ھە
    بىر كىشى بولسىمۇ دوستۇڭ كۆپەيسۇن. يامانلىق قىلما!
    nur414
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3746
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 45
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
    ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 414 سوم
    تۆھپىسى: 8 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 482(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-11
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 10:23

    كىم ئەخلاقى تەربىيە يوق دەيدۇ. سىياسى بۆلۈمنىڭ دەپتىرىدە ئەخلاقى تەربىيە راسا بار.
    kutupyultuzi
    قۇتۇپ يۇلتۇزى
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8889
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 30
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 196 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 72(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
    12 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 10:50

    رەھمەت سىزگە، بۇ تېما ياخشىدەك قىلىدۇ، مەنمۇ ساقلىۋېلىپ تەپسىلىي بىر ئوقۇپ چىقاي