مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 245 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىشىلەر ئوبامانى راستىنلا تۆۋەن چاغلىدىمۇ؟
تارىم
تارىمنىڭ سۈيى كەينىگە ئاقمايدۇ!
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 155
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 1497
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1497دانە
ياخشى باھا: 421 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5381 سوم
تۆھپىسى: 378 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1810(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 19:44

0 كىشىلەر ئوبامانى راستىنلا تۆۋەن چاغلىدىمۇ؟

ئوباما ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جەڭگىۋار قىسىملىرىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى جاكارلىغاندا، ئۆزىدىن بۇرۇنقى زۇڭتۇڭ كىچىك بۇشقا ئوخشاش «ۋەزىپە ئاللىقاچان تاماملاندى» دېمىدى، چۈنكى ئۇ بۇرۇنلا بۇ ئۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن بىر مەيدان «ئەخمىقانە» ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن.
بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلارمۇ شۇنداق قارايدۇ، يەنى ئۇلار «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىنكى توققۇز يىلدا ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشتا يۆنىلىشنى خاتا تاللىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاش خەلقىنى ئېغىر كۈندە قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان سېلىش بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىنى كىرزىسقا غەرق قىلدى؛ ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان سالدى. ئوباما تەخىتكە چىقىپلا ئامېرىكا دۇچ كەلگەن بۇ خىل تەقدىرگە خاتىمە بېرىشكە بەل باغلىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى، شۇڭا ئامېرىكا بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋېتىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلدى، خەلقئار مەسىلىلەرنى كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتلىشىش يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشنى تەكىتلىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىل مەيدانى «يۇمشاقباشلىق» دەپ سۈپەتلەندى، ھەتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئۇنى ئەيىبلەپ: ھەممىلا يەردە «ئامېرىكا ئۈچۈن ناماقۇل بولىدىغانلىقى» نى جار سېلىپ، ئامېرىكىنىڭ يۈزىنى يەر قىلدى، دەپ قاينىدى.
بىراق ئوبامانى «يۇمشاقباش» مۇرەسسەچى زۇڭتۇڭ دەپ قارىساق چوقۇم خاتالاشقان بولىمىز، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە ھەرىكىتى بىز ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە قاتتىق. قاراڭ، ئەل ئارىسىدا جامائەت پىكىرىنى ئۇلغايتىپ، ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مۇستەھكەملىدى؛ ئەمدىلىكتە بولسا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاستە تېنىچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەھۋال تازا ياخشى بولمايۋاتقان مۇشۇنداق چاغدا، ئوبامانىڭ زېھنىي كۈچىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ دېپلوماتىيە جەھەتتە شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقى مۇنداق مەنادىن دېرەك بېرىدۇ: «گەرچە ئوباما كىچىك بۇشقا ئوخشاش ‹ئامېرىكا دۇنياغا ئۆزى يالغۇز قوماندانلىق قىلالايدۇ› دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىشلارنى يولى بىلەن قىلىشنى بىلىدۇ. مەسىلەن: تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىشكە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دېگەندەك، بەزى ئىشلاردا ئۇ يەنىلا ئامېرىكىنى يېتەكچى رولغا چىقىرالىدى».


مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-08, 11:53
-سىز كۆرۋاتقان تىما كىشىلەر ئوبامانى راستىنلا تۆۋەن چاغلىدىمۇ؟,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ۋاقىت - يېتىلىش دېمەكتۇر ! ۋاقىتى - سائىتى پىشقان نەرسىنىڭ مۆجىزە يارتىشى ۋاقىتنىڭ يېتىلگەنلىكىنىڭ دەلىلى .

ـــــ QQ:1196769821 ـــــ