خەلق گېزىتى» خەۋىرى. بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى تۈنۈگۈن بۇ يىلقى تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش لايىھىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ لايىھىدە ئۇدا نەچچە ھەپتىدىكى شەنبە، يەكشەنبە تەڭشەلگەنلىكتىن، «تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ بايراملىق دەم ئېلىش» دېگەن كۈلكىلىك نام بىلەن ئاتالدى.«گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2010-يىللىق بىر قىسىم بايرام، دەم ئىلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى تۈنۈگۈن مەزكۇر شەھەردىكى تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش لايىھىسىنى ئېلان قىلدى. )Dk0V!%N
-!C
Y,'3
لايىھە بويىچە، 18-سېنتەبىردىن 10-ئۆكتەبىرگىچە، 12 كۈن ئارام ۋاقتى، 11 كۈن خىزمەت ۋاقتى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، 19-سېنتەبىر(يەكشەنبە)، 25-سېنتەبىر(شەنبە) تاۋۇز چاغىنىغا ئارىيەت ئېلىنىپ، نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ، 26-سېنتەبىر(يەكشەنبە)، 9-ئۆكتەبىر(شەنبە) دۆلەت بايرىمىغا ئارىيەت ئېلىنىپ، نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ. دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە يەتتە كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن، ئىككى كۈن خىزمەت قىلىنىپ، يەنە بىر كۈن ئارام ئېلىنىدۇ. 5UrXVdP
W%cj39$
مەنبە: خەلق تورى