(ls
G4&\0F
بەربات بولغان خام خىيال O:]']' /
(ھېكايە) +o+f\!
پەرىدە مۇھەممەت +Q&l
}2
سەھرادىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز ئاغىنەم ئېلىياستىن تېلىفۇن كېلىپ قالدى.دەرھال تېلىفۇنۇمنى ئېلىپ: at>_EiS
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاغىنە، قانداق ئاھۋالىڭ؟ . . . _ دەپ ئەھۋال سوراپ بولغىچە، ئۇ گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىپلا سۆزلەپ كەتتى: ,7nu;fOT[
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاغىنە، سەن ھازىر قەيەردە؟ تېز بول، ئۈرۈمچىدىن ساۋاقدىشىم "مۇبارەك" كەپتىكەن، لېكىن مەن ھازىر خوتەندە، شۇڭا سەن ھازىرلا "ئۈزۈمزار " مېھمانخانىسىنىڭ 818- ياتىقىغا بېرىپ، مەن بارغىچە ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ تۇرغىن، باشقا گەپلەرنى مەن بارغاندا دېيىشەرمىز. . . _ دەپلا تېلىفۇننى قويىۋەتتى. /
fQcrd7h
مەن خۇددى " پەرمان بەردارمەن " دېگەندەك، تۇققانلارنىڭ شۇنچە تۇتقىنىغىمۇ قارىماستىن، موتوسىكلىتىمنى مىنىپ شەھەرگە قاراپ چاپتىم. شۇ تاپتا ئۈرۈمچىلىك گۈزەل قىز بىلەن بولغان لىرىك ئۇچرىشىش مېنى خۇددى ئۇچار قۇشقىلا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. "ئاغىنەم ماڭا ئىشىنىپ ساۋاقدىشىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىكەن، ئەلۋەتتە <ئۇ> نىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشىم كېرەك - تە! . . ." دەپ ئويلايتتىم. مانا، ئالاھىزەل بىرەر سائەتلىك يولنى يېرىم سائەتكە قالمايلا بېسىپ، مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ئۈنۈپ بولدۇم. دەرھال موتوسىكلىتىمنى توختىتىپ، مېھمانخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاللا بازىرىغا كىرىپ، قىزلار ياخشى كۆرىدىغان بارلىق ئاچچىق-چۈچۈك توخۇ پاچىقى، توخۇ قانىتى، تۈركىيەنىڭ شاكىلاتى، ھەر خىل پىچىنە-پىرەنىك، مېۋە ئويۇتمىلىرى، ئىشقىلىپ نەچچە خالتا نەرسە سېتىۋېلىپ، ئىككى قولۇمدا ئاران كۆتۈرۈپ دېگەندەك مېھمانخانىنىڭ لىفىتىغا چىقىۋالدىم ھەم 8- قەۋەتنى بېسىپ قويۇپ ، ئۆزۈمنى ئانچە-مۇنچە ئوڭشىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم. o HK
مەن لېفىتتىن چۈشۈپ ، 818- نومۇرلۇق ياتاقنى ئانچە قىينالمايلا تاپتىم ۋە ھاياجېنىمنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن ياتاق ئالدىدا بىرئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئىشىكنى چەكتىم. خېلىدىن كېيىن ياتاق ئىچىدىن:"كىم؟" دېگەن بوغۇق ئاۋاش ئاڭلاندى. مەن " خاتالاشمىغاندىمەن؟" دەپ دەرھال ئۆزۈم يېزىۋالغان ياتاق نومۇرىنى چىقىرىپ ، سېلىشتۇرۇپ بولغىچە ئىشىك ئېچىلىپ، كۆز ئالدىمدا سېمىز ھەم قامەتلىك كەلگەن " نەۋقىران" يىگىتتىن بىرى پەيدا بولدى. مەن دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي: k_g@4x1y*
_ مەن "مۇبارەك"نى ئىزدەيتتىم، مېنى . . ._ دەپ بولغىچە، ئۇ دەرھاللا: I!zoo[/)%
_ ھە، مەن "مۇبارەك " بولىمەن ، سېنى ئېلىياس ئەۋەتكەن ئوخشىمامدۇ، قېنى ياتاققا كىرەيلى . . . _ دېگىنىچەخىيالىدا يوق مېنى ياتىقىغا باشلىدى. مەن "ئۇ"نىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يا ئالدىمغا ، يا كەينىمگە مېڭىشىمنى بىلەلمەي، تۇرغان ئورنۇمدا خۇددى قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. بۇ چاغدا ئىككى قولۇمدىكى نەرسىلەرمۇ بۇ رەھىمسىز رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىغاندەك ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىۋەتكەن ئىدى . . . 74_?@Z(
$$AZ)#t[
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى