مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 173 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش توغرىمۇ؟
arxan
دەرىجە: يېـڭى مــېھان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9603
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-08
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-08
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:05

0 قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش توغرىمۇ؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما خوك تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2010-09-08)
قارسام مۇنبەردە قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشنىڭ تۇغرا خاتالىقى ئۇستىدە مۇنازىرە بۇلۋىتىپتۇ ،
دۇسلارنىڭ پايدىلنىشى ئۇچۇن بۇنى يۇللاپ قۇيدۇم ، قېنى كۆرۇپ بىقىڭلار.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇش بولسا رەسۇلۇللە،ساھابىلەر،تابىئىنلار زامانىسىدا بولمىغان ئىش. بۇ پەقەتلا شىنجاڭ دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار تەرپىدىن پەيدا قىلىۋالغان بىدئەت ئىش. رەسۇلۇللە ۋەھىي قۇبۇل قىلىۋاتقان 23 يىل جەريانىدا ئىنساننىڭ ئالدىغا كىلىدىغان ھەممە ئىشقا يول يۇرۇق بىرىپ ئۆتكەن. ھەتتا خالاغا كىرگەندە قانداق كىرىش،نىمە دىيىش،چىققاندا قانداق چىقىش،نىمە دىيىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ كۆرسەتمە بىرىپ ئۆتكەن.
ئەمما قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇڭلار دەپ ھېچقانداق يەردە دىمىگەن. ھەم ئۇزىمۇ قىلمىغان.شۇنداق بولغانىكەن رەسۇلۇللە قىلمىغان ۋە بۇيرىمىغان ئىشنى قىلىش ئىسلام دىندا يىڭىلىق پەيدا قىلىش بۇلۇپ بۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ. رەسۇلۇللە بۇ توغۇرلۇق.قانداق بىر كىشى دىنىمىزدا يوق ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن ئۇ ئىش قايتۇرىلىدۇ دەپ ئىسلام دىنغا يىڭىلىق پەيدا قىلىشنىڭ خاتالىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئىسلام دىنى رەسۇلۇللەنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە تۇلۇق تاماملىنىپ بولغان. بۇ ھەقتە اللە قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دىگەن<بۇگۇن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم.سىلەرگە نىئىمىتىمنى تاماملىدىم. ئىسلام دىننى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بۇلۇشقا تاللىدىم> سۇرە مائىدە3.ئايەتنىڭ بىر قىسمى
مانا بۇ ئايەت ئىسلام دىننىڭ تۇلۇق بۇلۇپ بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

يەنە اللە قۇرئانى كەرىمدەقۇرئانى كەرىم توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن <ئۇپەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش،كاپىرلارغا ئازاپنىڭ تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى(بىلدۇرۇش ئۇچۇن نازىل بولغان) ۋەز نەسھەتتۇر. رۇشەن قۇرئاندۇر>سۇرە ياسىن 70-ئايەت
شۇنداق بولغانىكەن قۇرئاننى قەبرىستانلىقتا ئۇقۇش خاتادۇر.

ئۇنداقتا قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇغان ئادەملەر نىمە دەلىل بىلەن ئۇقۇيدۇ؟
ئۇلار بىر كىشىنىڭ بىلمەي قەبرىستانلىقتا چىدىرىنى قۇرۇپ شۇ يەردە يېتىپ قالغانلىقى بىر كىشىنىڭ قەبرىستانلىقتا سۈرە تابارەكنى ئۇقۇغانلىقى ئاندىن بۇنى كۆرگەن كىشى رەسۇلۇللە قا خەۋەر قىلغانلىقى، رەسۇلۇللەنىڭ ئۇ كىشىگە سۈرە تابارەك ئۇقۇلغان قەبرە ئازابلانمايدۇ (ئۇ ھەدىس تۇلۇق ئىسىمدە قالماپتۇ. ئىشقىپ مۇشۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن) دىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئاجىز ھەدىسنى دەلىل قىلىپ قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشقان.
بۇ توغۇرلۇق كەلگەن سەھىھ ھەدىسكە قاراپ باقايلى
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ:-<شەك شۇبھىسىزكى قۇرئاندا 30ئايەتلىك بىر سۈرە بار.ئۇ سۈرىنى ئۇقۇغان ئادەمگە ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت بولغانغا قەدەر پەرۋەردىگارىدىن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ.ئۇ سۈرە سۈرە مۇلىكتۇر.(يەنى تەبەراكەللىزىي)> ئىمام ئەھمەد،تىرمىزى،ئەبۇداۋۇد،نەسەئىي ئىبنى ماججەلەررىۋايەت قىلغان. بۇنىڭدا پەقەت ئۇقۇغان ئادەمگىلا شاپائەت قىلىدۇ دىيىلگەن. ئۇلۇكلەرگە ئەمەس.چۇنكى ئۈلۈكلەر قۇرئان ئۇقۇيالمايدۇ.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا رىيازۇسسالىھىيندا دىيىلگەن ئىمام شاپىينىڭ قەبرىستاندا قۇرئان بىر تامام بولسا ياخشى دىگەن سۇزىنى دەلىل قىلىدۇ.

يەنە رەسۇلۇللەنىڭ قۇرئان تامام قىلىنغان يەرگە اللەنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ دىگەن سۈزىگە ئاساسلىنىپ قۇرئان ئۇقۇيدۇ.
ئەمما بۇلار دەلىل بۇلالمايدۇ. بىز تۇۋەندە رەسۇلۇللە قەبرىستاندا نىمە پائالىيەت قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ ئۇ مۇنداق دىگەن:- بىز بەقى غەرقەد قەبرىستانلىقىدا بىر جىنازە ئۇستىدە بولغانىدۇق. رەسۇلۇللە كىلىپ ئولتۇردى. بىزمۇ ئۇنىڭ چورىسىگە كىلىپ ئولتۇردۇق. رەسۇلۇللەنىڭ قۇلىدا بىر تاياق تۇراتتى.رەسۇلۇللە تاياقنىڭ ئۇچىنى ئالماشتۇرۇپ تۇتتى دە، ئۇنىڭ بىلەن يەرنى نۇقۇپ تۇرۇپ سىلەردىن ھەرقانداق ئادەمنىڭ جەننەتتە ۋە دۇزاختا بارار ئورنى بۇرۇن پۇتۇلگەن بۇلىدۇ دىدى، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ئى رەسۇلۇللە بىز (ئەمەل قىلماي)پۇتۇلگەن تەقدىرىمىزنى كۈتۈپ تۇرساق بولمامدۇ دىگەن كىشىلەرگە ئەمەل قىلىڭلار ،ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەيەرگە بېرىشى پۇتۇلگەن بولسا ئۇنىڭغا شۇ ئەمەل مۇيەسسەر قىلىنىپ بىرىلىدۇ (يەنى سائادەتمەن بولسا سائادەتمەنلەرنىڭ ئەمىلىنى شەقى بولسا شەقى بەندىلەرنىڭ ئەمىلىنى مۇيەسسەر قىلىپ بىرىدۇ) دىدى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللەنىڭ قەبرە بېشىدا تەبلىق قىلغانلىقى مۇشۇ ھەدىستە سابىت بولغان. قەبرە بېشىدا تەبلىق قىلىنسا كىشىلەرگە بەك تەسىر قىلىدۇ چۇنكى ئۇ يەردە پەقەت ئاخىرەتنىلا ئويلىيالايدۇ.

ئەبۇ ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى -مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندا رەسۇلۇللە قەبرە بېشىدا بىر ئاز توختايتتى ۋە مۇنداق دەيتتى:- قېرىندىشىڭلار ئۇچۇن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭ (سۇئال سۇراق )ئۇستىدە مۇستەھكەم تۇرشىنى تىلەڭلار، چۇنكى ئۇ ھازىر سۇئال سۇراق قىلنىۋاتىدۇ دەيتتى. ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللە قەبرە بېشىدا قۇرئان ئۇقۇڭلار دىمەستىن قېرىندىشىڭلارغا مەغپرەت تەلەپ قىلڭلار قەبرىدە سۇئال سۇراقتا مۇستەھكەم تۇرشىنى تىلەڭلار دىگەن. مانا بۇ رەسۇلۇللەنىڭ قەبرىستانلىقتا قىلغان ئىشىدۇر.

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ بىزگە ناجاشىنىڭ ئۇلۇپ كەتكەنلىك خەۋەرى يەتتى(نەجاشى ھەبەشىستاندا مۇھاجىر مۇسۇلمانلارنىڭ يۇلەنچۇكى بولغان مۇسۇلمان پادىشاھ ئىدى-ت) رەسۇلۇللە بىزلەرگە قېرىندىشىڭلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار دىگەن.مۇسلىم رىۋايەت قىلغان
بۇ يەردىمۇ قۇرئان ئۇقۇلار دىمەستىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار دىگەن. ئەگەر قۇرئان ئۇقۇش ياخشى بۇلىدىغان بولسا رەسۇلۇللە نەجاشىغا ئەلۋەتتە قۇرئان ئۇقۇڭلار دەيتتى. چۇنكى نەجاشى ھىجرەت قىلىپ بارغان مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە كۈڭۇل بۆلگەن. ھەم ئۈزىنىڭ زىمىنىدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغدىغان. رەسۇلۇللە ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشى ئۇچۇن غائىب نامىزى ئۇقۇغان.

ئابدۇللا ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنىدۇ :-ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تۆت تەكبىر ئېيتتى. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللەنىڭ ھاياتىدا قەبرە بېشىدا قۇرئان ئۇقۇغانلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق مەلۇمات يوق. شۇڭا قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشنى بىدئەت دەيمىز. بىز رەسۇلۇللەنىڭ ئۇممىتى شۇنداق بولغانىكەن قەبرىستانلىقتا رەسۇلۇللە نىمە قىلغان بولسا شۇنى قىلىشىمىز كىرەك.
بىز قۇرئان دىگەن اللەنىڭ كىتابى تۇرسا بۇ ئۇقۇسىمۇ بىدئەت بۇلامدۇ دەيدىغان ئادەملەرنى كۈرىمىز. بۇنداق ئادەملەرگە دەيمىزكى- قۇرئان اللەنىڭ كىتابى، بۇنىڭدا شەك يوق. ئەمما قۇرئان قەبرىستانلىقتا ئۇقۇش ئۇچۇن چۇشۇرۇلمىگەن. ئۇ ئىنسانلارغا قانۇن قىلىپ چۇشۇرۇلگەن.شۇڭا قۇرئاننى ئۇقۇڭ، ئۇقۇپلا قالماي ئەمەل قىلىڭ. سىز قۇرئاننى قانچە كۆپ ئۇقۇپ كىتىڭ، كىشىلەرگە قۇرئاندىن تەبلىق قىلىپ كىتىڭ ئەمەل قىلمىسڭىز ھەممىسى بىكار.
ساھابىلەر قۇرئاندىن بىر قانچە ئايەت ئۇگىنەتتى ۋە شۇنىڭغا تۇلۇق ئەمەل قىلىپ بۇلالمىغىچىلىك باشقا ئايەت ئۇگەنمەيتتى.

مۇسۇلمانلار توغرا يولدا ماڭىمىز دەيدىكەن. جەزمەن رەسۇلۇللەنىڭ سۈننىتى بۇيىچە ماڭساق ئازمايمىز.

يەنە بىرسى مىيىتقا ئاتاپ قۇرئان ئۇقۇسا بۇلامدۇ بولمامدۇ ؟

مۇسۇلمان مەسچىت ياكى ئۆز ئۈيىدە ئوتۇرۇپ قۇرئان ئۇقۇسا تىلاۋەتتىن پارىغ بولغاندا اللەقا ئۇقۇلغان قۇرئاننى ۋاستە قىلىپ مىيىتقا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلىسە بۇلىدۇ.
ئەمما قارىلارنىڭ قۇرئان ئۇقۇغىلى مىيىتنىڭ ئۇيىگە يىغىلىشى،ئۇقۇغىنىنىڭ ساۋابىنى مىيتقا ھەدىيە قىلىشى ۋە مىيىت ئىگىسىنىڭ قارىيلارغا ئەجىر بىرىشى يامان كۇرىلىدىغان تەرك ئىتىش زۇرۇر ئىش بۇلۇپ، بۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار قېچىشقا ۋە يىراقلىشىشقا چاقىرىش ۋاجىب بولغان بىدئەتتۇر. چۇنكى ئۇ ئىشلارنى بۇ ئۇممەتنىڭ بۇرۇنقى ياخشى كىشىلىرى قىلمىغان ھەم دىمىگەن. پۇتۇن ئۇممەتنىڭ دىنى بىر. (مىنھاجىل مۇسلىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 386.بەت)

مانا يۇقارقىلار ئەھلى سۇننە ۋەلجامائەنىڭ تۇتقان يوللىرىدۇر.

بىز ئۇلۇپ يىتىم ئىشلىرىدا يۇقارقىدەك قىلساق اللە خالىسا ئازمايمىز.

خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا بۇ ئىسلامدىكى خاتالىق ئەمەس شەخسەن ئۇزۇمدىكى خاتالىق كۆرسىتىپ قويغايسىلەر. توغرا بولغان بولسا بۇ رەببىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان پەزلى مەرھىمىتى............

اللە ھەممىمزىنى رەسۇلۇللەنىڭ سۇننىتى بۇيىچە ماڭىدىغان كىشىلەر قاتارىدىن قىلۋەتسۇن


مەنبەسى:ئۇيغۇرئىسلام تۇرى http://www.uyghurislam.com
ئاپتۇرى ھەمزە 0903
[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : تەكلىماكان
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-08, 12:18
-سىز كۆرۋاتقان تىما قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش توغرىمۇ؟,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
guzal_atux
ئاستا ماڭساڭمۇ،ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!!!!!!
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8146
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 153
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە153دانە
ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1153 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 37(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-27
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:23

قەنە ،بىرەرمۇ ئىنكاس يوققۇ،،،ئۇلار سىزنىڭ دىگىنىڭىزنى،،،خاتا دىمىگەندۇ؟؟
  رەخمەت  بۇلىۋالدىم...
ئاستا ماڭساڭمۇ،ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!!!!!!
polatalamdar
خۇدايىم بۇيرىسا چۇقۇم ئۇز كەسپىمدە نەتىجە قازىن& ..
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1655
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 197
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە197دانە
ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1431 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1649(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:30

قۇرئان ئۈلۈكلەرگە ئەمەس، تىرىكلەرگە ۋەزى نەسىھەت بۇلسۇن.ئۈچۈن چۈشۈردۇق دىگەندىكىن.تۈگىمىدىمۇ نىمە قىلىمىز جايىللىق بىلەن قارىشلىق قىلىپ.
ۋەتەن ئانام.ئانامغا تىل تەككۇزگەننىڭ تىلىنى كېسىمەن ،قول ئۇزاتقاننىڭ قولىنى سۇندۇرمەن. 279483426چ چ
adela
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7231
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 160
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە160دانە
ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 593 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 264(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:38

قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇش بۇرۇندىن قالغان ئورۇپ ئادەتكەنغۇ؟
ئادەم سەمىمىي راسچىل بۇلۇش كىرەك.
shakira
غايىسىز كىشى،يىمەكتۇر ئىشى.
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2820
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 273
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە273دانە
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2190 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 389(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-16
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:43

بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىش ئىكەن بۇ.
بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ ناماز بولغان ئۆيدە قۇرئان تامام قىلدۇرىدىغان ئىشلار ئۇمۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت.
ظذمىد
ياخشى كذنلەر ظالدىمىزدا!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6068
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 114
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە114دانە
ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 634 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 314(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-11
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:46

ظەقلىمنى تاپسام ، مىيىتنى يەرلىككە قويغاندىن كىيىن قؤرظان ظوقؤلىدىكەنتؤق .
مىنىڭچە ظوقؤلمىغاندىن ، ظوقؤلغان ياخشىراقمىكىن دەيمەن .
ساداقەت
بۇكۈنمۇ ئۆتۇپ كىتەر .
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1591
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 265
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە265دانە
ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1599 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 130(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-09
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:50

يائاللاھ ئادەمنىڭ بىشىنى ھەجەپ قاتۇردىيا
ھايات شام ئۆچىدۇ تۇرمايـدۇ ينىق ،
دۇنياغا كەلدىڭمۇ كەتىمىكىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كەتمەكنىڭ ئۆزى بىر سۇئال،
جاۋاپقـا تەييار بـول يۇتكىچە تىنىق .