بىز تارىختىن ئىبارەت مەڭگۇلۇك ئېقىندىن ئۆزىمىزنى ئىزدەپ يۇرۇپتىمىز...ئۇنداقتا،تارىخ دىگەن نىمە؟تارىخ-ئاددى ھالەتتىكى <ئۆتمۇش ھىكايىسى >ئەمەس.بەلكى ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ئەينىكى،تارىخ-ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان ھەم ئەسلەشكە تىگىشلىك بارلىق ئەسلىمىلەرنىڭ يىغىندىسى.بۇ نوقتىدىن ئالغاندا،تارىخ تۇيغۇسى قالاقلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس.تارىخقا بولغان تۇنۇش ئۆزلۈك ئىڭىغا بولغان تۇنۇش دىمەكتۇر.ئەتراپىمىزنى ئوراپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تارىخ لاھىيلەپ چىققان،ھىسىياتىمىز،چۇشەنچىمىز،ئۆرۇپ-ئادىتىمىز،مەقسەت-مۇددىئايىمىز ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى تارىخ سەزگۇرەشتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى كەلتۇرۇپ چىقارغان.شۇڭا،بىز كىم؟ئەسلى كىمتوق؟دىگەن مەسىللەرگە جاۋاپ بېرىش ئۇچۇن ئۆز تارىخىمىزنى پىششىق ئۇگىنىشىمىز شەرت.تارىخ بىزنى تەربىيلەيدۇ،روھىيەت بوشلۇقىمىزنى كىڭەيتىپ،تەنھالىق تەشۋىشلېرىمىزدىن خالاس قىلىدۇ ھەم قەھرىمانلىق،ئۆزىگە ئىشىنىش روھى ئاتا قىلىدۇ.تارىخنىڭ ئەھمىيىتى چەكسىز!چۇنكى،تارىخنىڭ تىراگىدىيىسى پەقەت بىرلا قىتىم يۇز بەرسىمۇ،بىراق ئۇ پەيدا قىلغان ئۈمىت ۋە ئۈمۇتسىزلىك سانسىز قىتىم تەكرارلىنىدۇ. b(Tvc
ھالبۇگى،تارىخ قوش بىسلىق قىلىچقا ئوخشايدۇ؛ئۇ بىر تەرەپتىن ئىنسانىيەت مەدەنيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالسا،يەنە بىر تەرەپتىن رىئاللىق ئېھتىياجلېرىغا لايىق كەلمەيدىغان ھەر خىل كونا ئوقۇم ۋە قالاق ئادەتلەر بىلەن ئىنسانننىڭ رىئال پائالىيىتىنى چۇشەپ تۇرىدۇ. ]t`SCsoo
تارىخ-ھەممە ئەمەس! مەيلى ئۇ ئۈز قوينىدا قانچىلىك سەلتەنەتلىك ئەسلىملەرنى ساقلاپ ياتسۇن،بەرىبىر مەڭگۈ قايتىلانمايدىغان ئۆتمۇشتىن ئىبارەت. /S1/ ZI
ئۇنداقتا،تارىخقا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟تارىخنى يىراق ئۆتمۇشكە قايتۇرۇپ بېرەمدوق ياكى بۇگۇنگە تاپشۇرامدوق؟ 8UqH"^9.Q7
فېدىرىخ نېتىزى"زىممىسىنى بىسپ تۇرغان ئېغىر كېرسىتنى چۆرۇپ تاشلاپ"يىرتقۇچ ھايۋان كەبى چاتقاللارنى تىلغاشنى ئارزو قىلغان پەيتلېرىدە"ئىنساننىڭ بەخىتسىزلىكى -بۇگۇنىلا بار،ئۆتمۇشى يوق يىرتقۇچ ھايۋانغا ئوخشىيالمىقانلىقىدا.تارىخ تۇيغۇسى ئىنسانلارنىڭ تالانتىنى بۇغۇپ،ئىرادە كۆچىنى مەست قىلىۋەتكەن.خاسلىقنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،دەۋىر تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۇپ،ئىجادكارلىقنى بۇغۇۋەتكەن،ئىنسانلار پەقەت تارىخنىڭ بىۇيۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلغانلىقىدىلا ئۆتمۇشنىڭ يىمىرلىشلېرى ئۇچۇن ئازاپلانمايدىغان بولىدۇ"دەپ خىتاب قىلغانتى. بىز نېتىزىنىڭ بۇ خىتابىنى تارىخقا قانداق مۇئامىلە قىلشتا تايىندىغان بىردىنبىرې ئاساس دەپ قارىيالمايمىز.شۇنى بىلىش كېرەككى،نېتىزى كۇچلۈك دەۋىر تۇيغۇسىغا ۋە ئىنسان تەقدىرىگە قايغۇرۇش روھىغا ئىگە يېگانە ئادەم ئىدى.شۇڭا،ئۇنىڭ ئۆتمۇشنى ئىنكار قىلىشىمۇ ئەمەليەتتە بۇگۇننى مات قىلىش ئۇچۇن ئىدى. ?h%Jb^#9
راستىنى ئېيقاندا ،تارىخ تۇيغۇسىدىن ئۈزۇل-كىسىل قول ئۇچۇپ،يىڭى تۇرمۇشقا باشقىدىن قەدەم باسىمەن دىيىش بەكلا بىمەنىلىك.ئىنسان ئۆتمۇشتىن مەڭگۇ قول ئۇزەلمەيدۇ.چۇنكى ئۇ بىر ئىلاھى كۇچ سۇپىتىدە ئەدەمنىڭ پۇتكۈل روھىيىتىنى چىرماپ ئالغان.ئىنسان ھاياتىنىڭ ئاساسلىق مېلودىيىسىمۇ ئۆتمۇش ئاھاڭلېرىدىن تۇزۇلگەن.ھەممىمىز ئۆتمۇشنىڭ مەھسۇلاتلېرى.چۇنكى،بىزنىڭ تاللىشىمىز ئۆتمۇش تەرپىدىن چەكلىنىپ تۇرىدۇ.بىزنىڭ قىزىقىشىمىز بىز كىم؟بىز كىم ئىدۇق؟دىگەن تەسەۋۋۇرلاردىن پۇتىدۇ.ئۆتمۇش بوپىسىنى ئۈزۈل-كىسىل تاشلىۋىتەلمەيمىز.چۇنكى،ئۇ بىزگە بۇگۇننى قالدۇرۇپ كىتىدۇ.ھالبىۇگى،بۇگۇن ئەتە ئۇچۇن تارىخ ئەمەسمۇ؟ ~T-uk
تارىخ بىلىمى يىتەرسىز ئادەم دائىم ئۆزىنى يىپيىڭى مەۋجۇتلوق دەپ ھىساپلاپ،ئۆز دەۋرىنى ئۆزگىچە دەۋىر دەپ قاراپ،دۇچ كەلگەن مەسىللەرنى ئۆزگىچە مەسلە دەپ ئويلىۋالىدۇ.لىكىن،ئۆتمۇش خاتىرلېرى بىزگە بىز ياشاۋاتقان دەۋىرنىڭ تىخى بايىلا ئۆتمۇش ئىچىدىن چىققان دەۋىر ئىكەنلىكىنى،بىز دۇچ كەلگەن مەسىلنىڭ ئۆتمۇشتە ئەجداتلېرىمىزمۇ دۇچ كىلىپ باققان مەسلە ئىكەنلىكىنى سۈزلەپ بېرىدۇ.ئەگەرچەندە،ئۆتمۇش ھەققىدىكى بارلىق بىلىمىمىز تۇساتتىن يۇقۇلۇپ،بۇگۇننىڭ تەنھا قوينىدىلا ياشاشقا مەجىبورلىنىپ قالساق قانداق بولوپ كىتەرمىز؟ئۇ ھالدا،ئۆتمۇشكە مەنسۇپ كۆڭۇلسىز،قورقۇنۇشلوق ئەسلىمىلەردىن خالا س بۇلۇش بىلەن بىرگە،يەنە تارىخمىزدىكى سەلتەنەتلىك كۆرۇنۇشلەردىنمۇ مەھروم قالىمىز ئەمەسمۇ؟ناۋادا،بىزنىڭ گۇزەل شەھرىمىز ئۇرۇش ۋە تەبى ئاپەت تۈپەيلى ۋەيران بولوپ كەتسە،بىز ئۆتمۇش ھەققىدىكى خاتىرلېرىمىزگە تاينىپ قايتا قۇرۇپ چىقالايمىز.ئەگەر،ۋەيران بولغىنى شەھەر ئەمەس،ئۆتمۇش ھەققىدىكى خاتىرلېرىمىز بولۇپ قالسا،شەھەرنى قانداق باشقۇرىمىز؟ئېنىقكى،ئۆتمۇش ھەققىدىكى خاتىرلەرنىڭ يۇقۇلىشى بىزنىڭ ئىنسان مەۋجۇتلىقىنىڭ باشلىنىش نوقتسىغا بېرىپ قالغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. C])s'XTs
ئادەم-تارىخى بار ھايۋان!تارىخ كەمىرى ئۈزۈلۈپ كەتسە ئىنسانىيەت مەدەنيىتى يىپى ئۈزۈلۈپ كەتكەن مارجاندەك چېچىلىپ كىتىدۇ.بەزىلەر"جوڭگۇنىڭ قالاقلىقى5000يىللىق تارىخى بولغانلىقى ئۇچۇن،ئامىركىنىڭ تىزلا تەرەققى قىلىپ كىتىشى تارىخىنىڭ500يىلغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىدىن"دەيدۇ.بۇ خاتا!ئەگەر،كولۇمبۇدىن كىيىن ئامىركا قورۇقلۇقىغا ياۋرۇپادىكى قەدىمكى مەدەنيەتلىك ئەللەرنىڭ كۆچمەنلېرى ئەمەس،كونا تاش قۇرال دەۋرىنىڭ كىشىلېرى كۆچكەن بولسا ئەھۋال قانداق بولار بولغۇيتى؟بۇگۇنكى ئامىركىلىقلارنىڭ تەپەككۈر شەكلى،ئىلىم-پەن روھى،ئۆرۇپ-ئادىتى ۋە تېخنىكىسى ياۋرۇپادىكى ئەجداتلېرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلېرىگە ۋارىسلىق قىلغان ئەمەسمۇ؟ئۇلارنىڭ دۆلەت ئاتىسى "مۇستەققىلىق خىتابنامىسى " نى جاكارلىغاندا دەسسەپ تۇرغىنى گىرىتسىيە مەدىنىيىتى ، ئەدەبىي ئۇيغۇنۇش دەۋرىدن تاكى ئەنگىلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغىچە بولغان تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنىڭ ئاساسى ئەمەسمۇ؟ fFr9]
ئەمەلىيەتتە ، ئامېرىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تارىخىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس ، ئەكسىچە ئەڭ مول تارىخ ئەنئەنىسىنىڭ بولغانلىقىدا . ئامېرىكىلىقلارنىڭ تارىخ قايناملىرىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ رېئاللىققا شۇڭغۇيالىغانلىقى ئۆز تارىخىغا ھەققىي يۈزلەنگەنلىكىدىندۇر . تارىخنى قورال ئورنىدا كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلار مەڭگۈ تارىخ قايناملىرىدا قېلىۋېرىدۇ . m_@XoS
yxI
ئۇنداقتا ، تارىخ تەرەققىياتنىڭ دۈشمىنىمۇ ؟ ياق ! تارىخنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ! بۇيەردىكى مەسىلە ، تارىخنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشەمدۇق ياكى ئۇنىڭغا قۇل بولامدۇق ؟ دېگەندەىن ئىبارەت . قەدىمكى شان - شەرەپلەرگە بېرىلىپ ، مەستخۇشلىنىپ كەتكەنلەر ياكى ئۇنى پەس كۆرۈپ يىرگەنگەنلەر تارخنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ . تارىخ ئۆزىگە تەنقىد ئېڭى بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنى پەپىلەيدۇ . تارىختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك . ئۆتمۈشكە بېرىلىپ كەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن تانغان ھەرقانداق مىللەت تارىختىن ھەقىقىي قۇتۇلالمايدۇ . -GHd]7n
تارىخ —— نوقۇل ھالدىلا << ئاقىغا تاشلانغان يىللارنىڭ خاتىرىسى >> دەپ قارالسا ، ئۇ سۆڭەڭتەك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . ئۇ ھەم ئەجدادلارنىڭ خاتىرە تېشى ، ھەم ئەۋلادلارنىڭ يول خېتى ! ,$>l[G;Bm
كەلگۈسى غۇۋا مىللەت تارىخقا ھېرىسمەن كېلىدۇ . تارىخقا ئىنتىلگەنسېرى كەلگۈسى شۈنچىلىك غۇۋالىشىپ بارىدۇ . بىز ھەرقانداق مىللەتنىڭ تاىخىدا شەرەپلىك مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ ، باشقىلار قانچە تەرققىي قىلسىمۇ ، ئۆزىمىزنىڭ رېئاللىقتىن ئايرىلغان ، زەئىپ روھىمىز بىلەن ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىدۇق . تارىخقا قانچە ئىشەنگنسېرى ، ئاخىر ئۆز تارىخىمىزنىڭ ئىگىسىمۇ بولالماي ، باشقىلارنىڭ بىز توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىغا قارىغۇلارچە ھەمدۇسانا ئوقۇدۇق . سورۇن - سورۇندا باتۇر تەڭرىقۇت ، ئوغۇزخان ، كروران گۈزىلى ......ھەققىدە خۇدىمىزنى يوقاتقۇدەك دەرىجىدە ماختىنىپ سۆزلەشتۇقكى ، كۆتىمىزنىڭ بارغانچە ئېچىلىپ قېلىۋاتقانلىقىغا دىققەتمۇ قىلىپ قويمىدۇق . قىسقىسى ، بىز تاىخقا بەك جىق شان - شەرەپلەرنى بەردۇق ، ھەم يەنە ئاز بولىمغان ھاقارەتلەرنىمۇ كەلتۈردۇق ... m|c[C\)By
تارىخنىڭ ھەقىقىي ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ، تارىخ بىلەن ئىسان ماۋجۇتلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ، ئۆتمۈش ، ھازىر ھەم كەلگۈسىنىڭ باغلىنىشىنى ، تارىخ بىلەن ئادەم ، تارىخ بىلەن ئادەمنىڭ رېئال تۇرمۇشى ، تارىخ بىلەن ئىنسان ئىجادكارلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى ... نى ھەقىقىي ، تولۇق يورۇتۇپ بېرىش زۆرۈر . شۇنداقلا تارىخ دەۋرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ . ئۆتمۈش بىلەن ھازىر باغلاشتۇرۇلمىسا ھازىرنىڭ قىياپىتى غۇۋالىشىپ كېتىدۇ . شۇڭا، تارىخشۇناسلىق ئادەمگە ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىسى ، تارىخشۇناسلارمۇ ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننى دىئالوگلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىشى شەرەت .
OWT%XUW=
غەرەبتىن ياخشى شېئىر چىققاندەك ، ئازابتىنمۇ ياخشى ئەسىرى توغۇلىدۇ . ھەرقانداق بىر ئىسلاھات دەۋرى كۈنىنىڭ يېڭىغا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. يېڭىلىق بارلىققا كەلگەنىكەن ، ئەلۋەتتە يېڭى ئازاب توغۇلىدۇ . تارىخشۇناس رېئال ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ئۆزى مەنسۇپ دەۋردە ئۆتكۈزىدۇ . ئەگەر ئۇ ئىلگىرىكى ئەجدادلىرى ھېس قىلىپ باقمىغان ئۆزگىرىش دەۋرى ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك غەلىتە مەسىلىلەرنىڭ ئۆز ئەتراپىنى ئەگىپ يۈرۈيدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىدىكەن ياكى ئاشۇ مەسىلىلەر تۈپەيلى تراگېدىيە ياشلىرىغا چۆمۈلەلمەيدىكەن ، ھەرگىزمۇ ئۆلمەس ئەسەر يارىتالمايدۇ . شۇڭا ، تارىخشۇناسلار ئاي شارىدا تۇرۇپ يەر شارىنى كۆزەتمەسلىكى كېرەك . دەرۋەقە ، ئايدا تۇرۇپ يەرنى كۆزەتكەندە ، بىزنىڭ بۇ پلانىتىمىز يېشىل رەڭدە جۇلالىنىپ تۇرغان گۈزەل بىر شار جىسىم سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ . بىراق ، ئايدا تۇرغان كىشى بۇ گۈزەل پلانىتىدىكى ھۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ، نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلۋاتقانلىقىنى ،ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بارغانسېرى بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى ، ئۇرۇش ھەم رەزىللىكنىڭ بارغانچە ئەۋەج ئېلىۋاتقانلىقىنى ... كۆرەلمەيدۇ . تارىشۇناسلار يەنىلا يەر شارىغا قايتىپ كەلگىنى تۈزۈك . ئۆزىنى تارىخشۇناس ھېسابلايدىغان ھەرقانداق بىر كىشى چوقۇمكى ، ئۆزىنىڭ چىقىش نۇقتىسىنى توغرا تاللىشى كېرەك . ئۇ پەقەت ئۆزى مەۋجۇت دەۋردىنلا بۇ نۇقتىنى تاپالايدۇ . ئۇلۇغ تارىخشۇناسلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دەۋرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى . شۇڭا ، ئۇلار دەۋردىن ھالقىيالىغان . ھەقىقىي تارىخشۇناس تەبىئىي پەن ئالىملىرىدەك كەلگۈسىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى ئەمەس ، بەلكى كەلگۈسىنى لايىھىلەش ئۈچۈن تەجىرىبە توپلىغۇچى ، ئېنىقراقى ، ئىستىقبالى توغرۇلۇق ئويلانغۇچى . تارىخنى كىممۇ رېئاللىقتىن ئايرىۋېتەلىسۇن ؟ Sp:w _;{#
تاىخشۇناسلار دۇنياۋى مەۋقەدە تۇرۇپ ، مەسىلىلەرنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن بىر كۆزدە كۆزىتىشى كېرەك لېكىن ، ھەرقانداق بىر دۇنياۋى شەخسنىڭمۇ ئۆزى دەسسەپ تۇرغان تۇپرىقى ، ياشاپ تۇرغان ۋەتىنى بولىدۇ . ئۇنىڭ دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئالدى بىلەن ئۆز يۇرتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدىن باشلىنىدۇ . شۇڭا ، تارىخشۇناسلار ئالدى بىلەن ۋەتنپەرۋەر بولۇشى كېرەك . ۋەتەنپەرۋەر بولماي تۇرۇپ ئىنسانپەرۋەر بولغىلى بولمايدۇ . $D !/v)3
ئاددىي ھالدا ئاي - يىللارنىڭ ئالمىشىشىنىلا يازىدىغانلار ، قانۇيىيەتلىك ئۇقۇملارنى ۋە ئىلاھىي ۋەھىيلەرنى يازىدىغانلار ، قىلچە ھاياتىي كۈچى يوق قۇرۇق جەريانلارنى يازىدىغانلار تارىخشۇناس ئەمەس ! dM= &?g
شۆھرەت ئۈچۈن ، ئونۋان زورۇقۇپ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىدىغانلار ، پۇل ئۈچۈن باشقىلارنىڭكىنى ئوغرىلاپ يەپ ئۆزىنى سەمرىتىدىغانلار ، باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغانلار ، رېئاللىقىمىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ناباب تېمىلارنىڭ ئىچىگە قۇرتتەك كىرىپ كېتىدىغانلار تارىخشۇناس ئەمەس ! ]7
Sf)
تارىخىي شەخسلەرنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ، ئەمما ئۇلارغا چوقۇنمىغانلار ؛ تارىخنىڭ خۇشاللىق خاپىلىقلىرىنى ، ئىنسان قەلبىنى لەززىگە سالالايدىغان ئەھمىيەتلىك قىسمىنى - مەدەنيەت قىسمىنى بازغانلار ؛ ئۆتمۈشنىڭ روھىنى بۈگۈن بىلەن باغلىيالايدىغانلار ؛ ئۆتمۈشتىكى ئىدىيە ، سىياسىينى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈرۈپ بېرەلىگەنلەر ؛ بۈگۈننىمۇ تارىخ قىلىپ يازالايدىغانلار ھەققىي تارىخشۇناسلاردۇر ! seBmhe5qR
تارىخشۇناسلاردىن مۇخلىسلىرىدىن ئەسەبىيلىكىنى ئەمەس ، سەمىمىي - سادىقلىقنى ئۆگىنىشى كېرەك . شۆھرەت ، مەنپىئەت تاماسىدا ئۇرۇپ - سوقۇپ ئىش قىلىپ خەلقنى ئالدىماسلىغى كېرەك ! =&$z
Nc4h
تارىخشۇناسلار مەدھىيىۋازلىقنى ، جان باقتىلىقنى رەت قىلمىسا ، دەۋر ئۇنى رەت قىلىۋىتىدۇ . دۇنيا تاىخى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمھالىدىن پۈتكەن . تارىخشۇناسلارمۇ ئۆز تەرجىمھالى ئارقىلىق تارىخ يارىتالايدۇ . :W1?t*z:[
تارىخپىلار خەلققە يۈزلىنىشى كېرەك . ئۇنىڭ ئەسىرى ئىستېمال باسقۇچىغاكىرگەندىن كېيىنلا ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلالايدۇ ... .O5V;&,
s_VcC_A
مەنبە؛ئۆمەرجان ئىمىننىڭ"تارىمنىڭ يۇرىكىدىكى ئوت" vJ^~J2#5