ئەنگىلىيە يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتىىڭ ئۈلۈشكۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئافغانسىتان تالىبانلىرىنى ئىزچىل تۈردە مالىيە ۋە قۇرال ياراغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەۋاتقان بولۇپ ،تالىپ قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرسە 1000 دوللار مۇكاپات بىرىدىكەن.
خەۋەردە ، ئۆزىنى تالىبان ئىقتىزاد خوجىدارى دەپ ئاتىغان بىر كىشىنىڭ ئىراننىڭ ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى بىر شىركىتىدىن 18000 ئامېرىكا دوللىرى ئالغانلىقى جەريانى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ پۇل ئۇلارنىڭ ئۆتكەن ئايدا بىر ئامېرىكا چارلاش ئاپتۇبىلىغا ھۇجۇم قىلغان "ئەجرى'' گە بىرىلگەن ئىراننىڭ مۇكاپاتى ئىكەن. ئۇ بۇ پۇلنى ئۇن خالتىسىغا يۇشۇرۇپ،تالىباننىڭ ۋەرداك ئۆلكىسدىكى قوماندانىغا تاپشۇرغان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە،ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇ بۇ ئىران شىركىتىدىن 77مىڭ دوللار پۇل ئالغان.
مۇخبىرنىڭ با يقىشىچە،كابۇلدا كەم دىگەندە بەش ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك شىركەت تالىبانلارنى يۇشۇرۇنچە مالىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھېلىقى ''تالىباننىڭ ئىقتىزادى خوجىدارى'' بىر ساۋاتسىز دىھقان بولۇپ يېقىندىلا تالىبانلارنىڭ مەشقىغە قاتنىشىپ ھىساپ ۋە خەت ئۇگەنگەن ئىكەن.
ئىران تىپىك بىر شىئە مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ بىراق تالىبانلار بولسا سۈننئ مەزھىپىدە، ئۇنداقتا بۇ ''ئوت بىلەن سۇ'' قانداقمۇ كىلىشەلىگەندۇ؟ تالىبان ئۇنسۇرلىرىنىڭ قارىشىچە،ئىرانمۇ ، تالىپلارمۇ ئامېرىكىغا ئۆچ بولغانلىقتىن دۇشمىنىڭنىڭ دۈشمىنى سىنىڭ دوستۇڭ دىگەن ئەقىدە ئۇلارنى بىرلەشتۇرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشچە،ئىران شىركىتى ھەر بىر ئەسكەر ئۈچۈن 1000دوللار ، ھەربىر ئامېرىكا ھەربى ماشىنىسى ئۈچۈن 6000دوللار تۆلەيدىكەن، پۇلنى ئالغاندا ھۆججەت يېزىپ بىرىدىكەن، يەنە پارس تىلىدا ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىدىكەن.
مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئافغان ئىلىدە تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىنيىنكى ئىككىنچى قېتىملىك پارلامىنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ سايلامدا 2500نامزات ، پارلامىنتتىكى249 ئۇرۇننى تالىشىپ ئاشكارا رىقابەتكە چۈشىدۇ. بىراق تالىپلار نەچچە ھەپتىدىن بىرى سايلامغا قارىتا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى. ھازىرغىچە تۆت نامزات ، 10 سايلام خىزمەتچىسى تالىبانلار قولىدا قازا قىلدى. چۈنكى تالىبانلار بۇ قېتىمقى ئەركىن سايلام چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كونترۇللىقىنى كۈچەيتىدۇ دەپ قاراپ ھە دەپ چوڭ سايلامنى توسۇش ئۈچۈن سايلامغا بۇزغۇنچىلىك قىلماقتا.
مەنبەسى ،شىنخۇا تورى
http://news.xinhuanet.com/2010-09/07/c_12526570_2.htm[ بۇ يازما tarjiman تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]