ئالىمجاننىڭ كەشپىياتلىرى ھەققىدە
|-e=P9, +_`F@^R_ Gn_v}31d% 1. ھاۋانى بىردىنبىر ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىپ ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر
4/d#)6
بۇ ماتۇرغا ھاۋا ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىنىدۇ. سىلىقلاش مېيى(جىيۇ) دىن باشقا ھەر قانداق نېفىت ماتىرىيالى (بىنزىن ياكى سەلەركە)ئىشلىتىلمەيدۇ. ئۇنىڭ مۇھىت بۇلغاش نىسبىتى - مۇتەخىخەسىسلەر ۋە دۇنيا ئالىملىرى تەرپىدىن « % 0 » (دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسىى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن ، ھەم 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دۇنيا پەن تېخنىكا كومتىتىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان) دەپ ئېلان قىلىندى. ماتۇر ئىچىدە كۆيۈش ھادىسىسى بولمىغاچقا ئۇنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بىرىش ئېغىزىدىن ساپ ھاۋا چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئات كۈچى ئادەتتىكىدىن (بىنزىن ياكى سەلەركە يېقىلغۇ قىلغاندىكىدىن) نەچچە ھەسسە ئارتۇق. بۇ ماتۇرنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئېنىرگىيەگە ئېرىشىش خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە مۇھىت بۇلغۇنۇش سەۋەبىدىن كىلىدىغان تۈرلىك خەۋىپ - خەتەرلەر ئەندىشىسىنىمۇ پۈتۈنلەي يوقاتتى. 6 -ئاينىڭ 25 - كۈنى دۇنيا پەن تېخنىكا كومتىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى يىغىنىدا كومتىت ئىجرائىيە ئەمەلدارى لوس جىبران ئالىمجاننىڭ بۇ كەشپىياتىغا « ئىنسانلار ھازىرغىچە بايقىغان ئەڭ ياخشى پەن تېخنىكا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ يۇقۇرى باھا بەردى ۋە مۇنداق دېدى:
#b8/gRfS (مەنبە:
www.yahoo.com www.bolg.sohu.com/n/vw/2831072) : «جۇڭگۇلۇق ئويغۇر يىگىتى ئالمجان قالتىس ماھارەت بىلەن ھاۋا ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان ماتۇرنى ياساپ، دۇنيادا قىس بولىۋاتقان ئېنىرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئالىمجاننى ئېينىشتىيىندىن كىيىنكى كاللىسى ئىشلەيدىغان ئىككىنچى ئېينىتىيىن دەپ قاراشقا بولىدۇ».
"#m
*`n tPp}/a%D s5z@`M5'm 2.سۇ كۈچى ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان مەڭگۈلىك دىۋگاتىل
RF6|zCWuI بۇ سۇكۈچىدىن پايدىلىنىپ ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر بولۇپ ئۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا تولىمۇ باب ىلىدۇ. مەلۇم بىر ئورۇنغا قاچىلىۋالغان مەلۇم مىقداردىكى سۇ مەلۇم تېخنىكا بىلەن ئۆزلىكىدىن يۇقۇرىغا چىقىپ، تۆۋەنگە چۈشۈشتە نۇرغۇن ئىش ئىشلەپ ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئېنىرگىيە ھاسىل قىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە پاكىزە مۇھىت بەرپا قىلىشقا ئاساس سالىدۇ. ئەگەر بۇ ماتۇرنىڭ قۇرۇلمىسى ماس نىسبەتتە چوڭايتىلسا ئۇنىڭ كۈچى ۋە ئىشلىگەن ئۈنىمىمۇ ماس ھالدا ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئېنىرگىيە مەنبەسى كەتمەيدۇ. ئۇ مەلۇم بىر ئورۇن (توكقا بولغان ئىھتىياج قانچلىك چوڭ بولۇشتىن قەتئىينەزەر)، زاۋۇت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ مەڭگۈلىك توك مەنبەسىنى بىمالال ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ.
95(VY)_6#A U'#{v7u (m,O!935f 3.ھاۋانى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىدىغان يېقىلغۇ گاز
s%/0WW0y^ بۇ گاز ھاۋانى بىردىنبىر ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ. ئۇ گاز تۇڭىغا قاچىلانغان ھاۋاغا مەلۇم بىر تېخنىكا ئىشلىتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرىلىدۇ. ئۇ زەھەرسىز، پۇراقسىز كۆيۈشچان گاز بولۇپ پاكىزە ھەم ئەرزان تەننەرقىلىق ئېنىرگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى نۆۋەتتىكى كۆيۈشچان دەپ قارىلىدىغان، سانائەت ياكى تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىۋاتقان ھەر قانداق بىر گازنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە تامامەن بولىدۇ.
zd;xbH//)b w$t2Hd KztF#[64W^ 4.كۆپ ئىقتىدارلىق توغراش ماشىنىسى
dYO87n بۇ ماشىنا تۆۋەن سەرپىيات بىلەن يۇقۇرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ چوڭ پولوخانىلاردا سەۋزە توغراش، سامسىخانا ۋە مانتىخانىلاردا پىياز ۋە گۆش توغراش، ئاشخانا ۋە رېستۇرانلاردا سوغاق سەي ماتىرىياللىرى (ياڭيۇ، سەۋزە، تەرخەمەك...قاتارلىقلار) دا سوغاق سەي تەييارلاش، ئائىلىلەردە قورۇما تەييارلىقلىرى... ، كاۋاپخانىلاردا (خالىغان ھەجىم ۋە شەكىلدە) گۆش توغراش... قارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
:!#-k Dic(G[ VSSiuo'5w 5.كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆپكە – ھېسىپ قۇيۇش ماشىنىسى
Z`:V~8=l بۇ ماشىنا نۆۋەتتە يىمەك – ئىچمەك ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقىنى تولدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆپكە – ھېسىپ تەييارلاش جەريانىنىڭ مۇرەككەپلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى، يۇقۇرى ئىش سەرپىياتى تەلەپ قىلىشتەك بىر قاتار جەريانلارنى بىراقلا ئاددىيلاشتۇرۇپ، يىمەك - ئىچمەك ساھەسىنىڭ ئېلىكتىرۇن دەۋرىگە قەدەم قويۇشىنى تىزلىتىپ، ئاز ئىش بىلەن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ماشىنا ئارقىلىق سائىتىگە ئون يۈرۈش ئۆپكە - ھېسىپ تەييارلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۆپكە - ھېسىپ قۇيۇپ توپ ۋە پارچەسېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا، ئائىلىسىدە ئۆپكە – ھېسىپ تەييارلاشقا ماس كېلىدۇ.
%_3{Db`R>
\(A>~D8Fo q|6lw 74` 6.كۆز قارچۇقى ئارقىلىق نىشان بەلگىلەشكە بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق كەپشەرلەش كۆز ئەينىكى
>%W"u`Q بۇ ئەينەك نۆۋەتتە كەپشەرلەش تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بىر قولىدا كۆتۈرۋالىدىغان قالقانسىمان قالپىقى، كۆزىگە تاقىۋېلىپ قول ئارقىلىق ھەركەتلەندۈرىدىغان قوش گەۋدىلىك كۆرۈش ئەينىكى قاتارلىقلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە يېڭى بىر ئەۋلات كۆز ئەينەك بولۇپ ئۇ يېنىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، تەننەرقى تولىمۇ تۆۋەن بىراق ئىش ئۈنۈمى يوقۇرى بولغان، توك ئارقىلىق كەپشەرلەش، گاز ئارقىلىق كەپشەرلەش، كىسىش... تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆزىنى ئاسىراش بىلەن ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قوش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇ سىزنى قولدا باشقۇرۇش، يۆتكەپ كونتىرول قىلىش... قا ئوخشاش ئاۋارىلىقلاردىن خالاس قىلىدۇ.
QVFa<>8/md Nls|R @cXY"hP`
7.ئېنىرگىيە تىجەيدىغان يۇقۇرى ئۈنۈملىك ئېلىكتىرلەشكەن يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى
D)!k بۇ ماشىنا تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بىر گەۋدىلەشكەن تۆۋەن ئېنىرگىيە يۇقۇرى ئۈنۈملىك ئېلىكتىرلەشكەن يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى بولۇپ، ئۇ ھەر خىل تالا، پاختا، يۇڭ ... قاتارلىقلاردىن يىپ ئىشلەپىقىرىدۇ. ئۇ نۆۋەتتە بۇ ساھەدە قوللىنىلىۋاتقان تېخنىكىلاردىكى نۇرغۇن ئىش ھالقىلىرى ۋە مەشخۇلات تەرتىپلىرى شۇنداقلا كۆپ مىقداردىكى ئېلىكتىر ئېنىرگىيسىنى ۋە ۋاقىتنى تېجەيدىغان بولۇپ، گىلەمچىلىك، ماتاچىلىق، توقۇمچىلىق... قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدەئىشلىتىشكە بولىدۇ.
KT|$vw2b W:tE ?H
u Cvl"")ZZ` 8. ئاپتۇماتىك ئوت ئالىدىغان گاز بىلەن كەپشەرلەش تاپانچىسى
jUfc&bi3 بۇ مەھسۇلات نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان بارلىق گاز بىلەن كەپشەرلەش (پاياتلاش) تاپانچىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭغا ئاپتۇماتىك ئوت ئالدۇرۇش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بۇلۇپ تېخنىكا خادىملارنىڭ چاقماق ياكى سەرەڭگە ئىشلىتىپ گازغا ئوت يېقىش ھاجەتسىز. سىز گازنى ئېچىپ ھېچقانداق ئوت مەنبەسىگە تايانماستىن بىر كونۇپكا بىلەنلا گازنى تۇتاشتۇرۇپ خاتىرجەم كەپشەرلەش (پاياتلاش) مەقسىتىگە يىتەلەيسىز. بۇ مەھسۇلات مۇشۇ ساھەدىكىلەرنى سىرتقى ئوت مەنبەسىگە تايىنىپ چاقماق بىلەن چېقىش، سەرەڭگە بىلەن يېقىش... تەك مەشغۇلات جەريانلىرىنى قىسقارتىش بىلەن بىرگە بىخەتەر ھەم تىزلىك بىلەن گازنى ئوت ئالدۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
7aU*7!U قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسى سىيەك يېزا 4-كەنت 4-مەھەلىدىن ئالىمجان يېقىندا پايتەختكە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل تەتقىقاتىنىڭ پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلىپ شانلىق غەلىبە بىلەن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە بارلىققا كەلتۈرگەن كەشپىياتلىرى 10 خىلغا يىتىدۇ. بۇنىڭدا ئادەمنى ھەم خۇشال قىلىدىغىنى ھەم چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغىنى ھاۋانى ئېنېرگىيە قىلىش ئارقىلىق دۋىگاتېل (ماتور) نى ھەرىكەتلەندۈرۈش. ئالىمجان بۇ كەشپىياتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادا كەلگۈسى 50 يىلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە مەنبەسى كەمچىللىكىنى شۇنداقلا، نۆۋەتتىكى خەلقئارانى ساراسىمىگە سېلىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەك ئەمەلىي تېخنىكىسى بىلەن ھەل قىلدى. ئۇ كەشپىياتنى پايتەختتىكى مۇتەخەسسىسلەر سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈپ تولىمۇ رازىمەنلىك بىلەن مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۇ ماتورنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ئارقىلىق مۇھىتنى بۇلغاش نىسبىتىنى نۆل پىرسەنت دەپ بېكىتىشتى. ئارقىدىنلا ئۇلار: «دۆلەت نېفىتكە زور سوممىلىق مەبلەغ ئاجرىتىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كۆپ مىقداردا كىرىم قىلىدۇ. سېنىڭ بۇ كەشپىياتىڭ دۆلەتنى نۇرغۇن ئىقتىسادىدىن مەھرۇم قىلغۇدەك.» دېگەن شادلىق ئارىلاش تەئەججۈپلۈك ئىنكاسنى بىلدۈرۈشىدۇ. ئالىمجان تەتقىقى قىلىپ ياساپ چىققان بۇ ماتورغا يەل(ھاۋا) ئېنېرگىيە قىلىنىدۇ، يەنى ماشىنا تراكتورلارنىڭ چاقىسىغا يەل بېرىدىغان (چىباڭ) يەل ماشىنىسىدىن چىققان ھاۋا ئۇ ماتورغا ماي ياكى يېقىلغۇ گاز ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ مۇھىتىنى بۇلغىمايدۇ. ھەم دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەرزان ئېنېرگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالىمجان بۇ كەشپىياتىغا پاتېنت ئىلتىماس قىلىپ 10 كۈندىن كىيىن ئامېرىكا، 15 كۈندىن كىيىن فرانسىيە بۇ خىل پاتېنتنى ئىلتىماس قىلغان. دېمەك بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىيى يېقىنقى ئەسىر مابەينىدە بۇ كەشپىيات ئارقىلىق ئوڭ كەلدى.
M`5^v0,C fa!iQfr نۆۋەتتە ئالىمجاننىڭ پاتېنتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرى پۈتتى. گۇۋاھنامە ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا قولغا كەلمەكچى. ئالىمجاننىڭ بۇ نۆۋەتتە ئىلتىماس قىلغىنى پەقەت ھاۋانى ئېنېرگىيە قىلىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ماتور. قالغان كەشپىياتلىرىنى بىر -بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقارماقچى. ئالىمجان بۇ كەشپىياتى توغرۇلۇق ناھىيىگە ئەھۋال ئىنكاس قىلغاندا ئالدى بىلەن ناھىيىمىزنىڭ ئەلسۆيەر، خەلقپەرۋەر ئوغلان ھاكىمى - ھەسەنجان ئەخمەت يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزى ئالىمجاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرگەندىن كىيىن، بۇ ناھىيىنىڭ ھەر بىر ئىدارىدىكى رەھبىرى خادىمدىن بىردىن كىشىنى ئېلىپ كېلىپ ئاندىن بۇنى تونۇشتۇرغان، ھەممەيلەننى گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرغان. ئاندىن 11 مىنۇتلۇق چۈشەندۈرۈش فىلىمى لېنتىغا ئېلىنغان. لېكىن ئالىمجاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ فىلىم تارقىتىلمىدى. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ سۈرىتى ياكى مەھسۇلاتىنىڭ سۈرەتلىرى ھازىرچە توردا ئاشكارىلانمىدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسىڭىز مېھماندوست ئۇيغۇر ئالىمى يىگىتى ئالدى بىلەن ئۇ فىلىمىنى قويۇپ بېرىدۇ، سىزنىڭ يەنە ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ. ئاندىن ئۇ سىزگە بىر-بىرلەپ ئەمەلىيىتىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئاندىن ئىشىنىسىز. لېكىن يەنە «چۈش كۆرۈۋاتقاندەك» بىر خىل ھېسسىيات بىلەن پەخىرلىنىش، سۆيۈنۈش ھېسسىياتىغا چۆمىسىز. ئالىمجان پايتەختتە ئۆزىنىڭ كەشپىياتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە سۆزلىگەندە مۇتەخەسسىسلەر: «ئەگەر ئەمەلىي كەشپىياتىڭ ھازىر سۆزلىگىنىڭ بىلەن ئوخشاشلا بولسا، سەن ئۈچۈن بىز نوبېل مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلىمىز، تەستىقلىنىشتا گەپ يوق» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپتۇ. ئالىمجاننىڭ نۆۋەتتە تىزىملاتقان بۇ بىر تۈرىمۇ خەلقئارالاشسا نوبېل مۇكاپاتىغا شەكسىز ئېرىشىدۇ. ئۇ تىرىشچان، ئاقكۆڭۈل، ساددا مىجەز كەشپىياتچىمىزنىڭ ئاددىي بىر ئائىلىدە، ئاددىي شارائىتتا بۇنداق ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلارنى روياپقا چىقىرىشىنى تۇنجى ئاڭلىغاندا سىز ئەمەس مەنمۇ ئىشەنمىگەن. لېكىن پاكىت دېگەن بەرىبىر پاكىتتە.
`@:^(sMo تۆۋەندە ئالىمجاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلدى:
/Db~
-$K ئالىمجان قۇربان، ئەر، ئۇيغۇر، 43 ياش. قەشقەر يوپۇرغا ناھىيە سىيەك يېزىسى 4-كەنت 4- مەھەللىدىن. دېھقانچىلىقتىن سىرت ياغاچچىلىق قىلىدۇ. ئۇ بىر ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن، ھەم غۇلجا جېلىليۈزى خوتەن مەھەللە7-ئەترەتتە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ يەردە چوڭ بولغاندىن كىيىن دېھقانچىلىق ۋە ياغاچچىلىق قىلغان. 30 ياشقا كىرگەندىن كىيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەر يوپۇرغا سىيەككە قايتىپ كېلىپ تېرىقچىلىقىنى قىلغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياغاچچىلىق قىلىپ يىراق -يېقىنغا ئۇستا ھۈنەرۋەن دەپ نام چىقارغان. ئۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى ئىزچىل تىرىشىش ۋە قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر نەچچە خىل كەشپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مىللىتىمىز، رايونىمىز ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن، قىسقىسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى. تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ كەشپىياتلىرىدىن يەنە بىرىنى تونۇشتۇرماقچى. ئۇنىڭ ھاۋانى ئېنېرگىيە قىلىدىغان ماتوردىن باشقا يەنە چوڭ بۆسۈش دەپ قارىلىدىغىنى ھاۋانى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىش ئارقىلىق گاز ئوچاقنى كۆيدۈرۈش. بۇ كەشپىيات ھاۋانى گاز تۇڭىغا قاچىلاپ، ئۇنىڭغا بىر خىل دورا ئارىلاشتۇرۇپلا گاز تۇڭىدىن يەنە بىر نەيچە(گۈەنزە)ئارقىلىق ئۇنى ئۆزى ياسىغان گاز قالايدىغان ئوچاققا چېتىپ ئوچاقنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. ئالىمجان بۇ كەشپىياتىنى ئون سەككىز مىليونغا ساتمىغانلىقىنى ئېيتتى. ھېلىقى ماتورىنىمۇ شاڭخەيدىن كەلگەن بىر خوجايىن: «ئېغىزىڭغا پاتقان پۇلنى ئېيت، مەن بۇنى ئېلىپ كېتەي»دېگەن. ئالىمجان ئۇنىڭغا: «سەن ئېلىپ كەتسەڭمۇ ياساپ باشقىلارغا ساتىسەن، ئۇنىڭدىن مەن ئۆزۈملا ياساپ ساتاي.» دېدىم، دەپ جاۋاب بەرگەنلىكنى ئېيتتى.
7zNyH(. 1ITa6vjS ئۇنىڭ باشقا كەشپىياتلىرىنى كېيىنكى قېتىملىق مۇلاھىزىدە ئوتتۇرىغا قوياي. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن. بۇ ھەقتە گەپ بولسا مەن بىلەن ئۇچۇرلىشىڭلار. ھازىر ئالىمجان كۈنىدە نەچچە ئون زىيارەتچىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن بەند بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يىرىقى پايتەختتىن ئۈرۈمچىدىن، يېقىنى قەشقەر ۋە باشقا رايونلاردىن كېلىپ كۆرۈپ كېتىۋاتىدۇ. بەزى زىيارەتچىلەر ئالىمجانغا قانچىلىك پۇل كېرەك بولسا ھازىرلا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرۈشتى.
Cx@, J\rsQ Oc"2
|X cy? EX~s4 ئەسكەرتىش
]6(NeS+ يۇقارقى كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەرتىپلەر بويىچە دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسىگە تېزىمغا ئالدۇرۇلۇپ پاتنىتى ئېلتىماس قىلىنىپ بۇلۇنغان.
\?}ZXKuJj ]~|zY5i!
خۇلاسە
_@HMk"A ئويغۇر يىگىتى ئالىمجان يۇقارقىدەك بىر قاتار كەشپىياتلىرى بىلەن بىزنى جاھان ئەھلىگە تونۇتۇش، ئۇلۇق ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شان - شۆھرىتىنى يەنىمۇ نامايەن قىلىش يولىدا توختاۋسىز تەر تۆكىۋاتقان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ برى. ئۇ يۇقارقىدەك كەشپىيات مىۋىلىرىنى روياپقا چىقىرىش جەريانىدا ئالدى بىلەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىزغىن قوللىشى، ياردەم بىرىشى بىلەن ، ئاندىن جەمئيەت ھەر ساھە، ھەر قاتلاملاردىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ يېقىندىن قوللاپ مەدەت بىرىشىگە ئېرىشتى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى قوللىغان، ياردەمدە بولغان بارلىق كىشىلەرگە سەمىمىي ئىھتىرام ۋە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
he!e~5<@y 2'/ ip@ g#H#i~E^
ئارزۇ ۋە ئۈمۈت
Dn9Ta}miTO بىز جەمئيەت ھەر ساھە، ھەر قاتلاملاردىكى شىركەت، كارخانىلار، زاۋۇتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ بىز بىلەن تېخنىكا ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
oS]XE!^M ئۈمۈدىمىز: بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا قۇلايلىق ئېلىپ كىلىشىنى، بۇئارقىلىق ئىشلەپىقىرىش كۈچلىرىنى ئازات قىلىپ زامانىۋىلىشىش قۇرلۇشىنىڭ قەدىمنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.
O1-Ne.$ x0
3|L!n 9GCxF`OB ئالاقىلاشقۇچى: ئالىمجان
I*'QD)
ئالاقە مەنزىلى: 13279874321 . 13179981915 . 6992238 -0998
[ بۇ يازما nur-luk تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]