ئۇنىڭغا ھەرگىز ئازار بەرمەسلىكنى ئويلىدىم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى زادىلا خالىمايدىغان ھالغا يەتتىم. بىراق ئۇنىڭ سەۋەبى تولا... ئۇنى شۇنداق كۆرگۈم بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھەپتىدە ئىككى ئۈچ قېتىم ئارانلا كۈرۈشەلەيتىم. نەچچە كىچىلەرنى ئۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگىنىممۇ ئىسىمدە... ئامال يوق، ئۇ باشقا يەردە خىزمەت قىلغاچقا مەن بىلەن كۈرۈشۈشكە ۋاقتى چىقمايتى، كېچىلىرى دەرۋازا ئالدىغا چىقالمايتى. ئۇ ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ئايايدىغان قىزلاردىن ئىدى، مەن ئۇنى ساقلىغانلىرىمنى بەخىت بىلپ ئۇنى ساقلاشقا رازى ئىدىم. ئۇنى ساقلىغانسىرى ئۇ شۇنچە سۈيۈملۈك بىلىنەتتى، ئۇ شۇنچە ياخشى كۈرۈپ قالاتتىم...
بىر كۈنى سەھەردە دوستۇمدىن پەزىلەتنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە يۇلۇققانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، تۇلىمۇ جىدىلەشتىم، دوختۇرخانىغا بارغىچە، ئۇنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى، ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرىمىغان بۇلۇشىنى تىلىدىم...
ئۇ كىسەل كارۋىتىدا ھۇشىنى بىلمەي ياتاتتى، يېنىدا ئۇنىڭ مەن تۇيۇيدىغان ئۇرۇق - تۇققانلىرىدىن باشقا ناتۇنۇش بىر - نەچچەيلەن تۇراتتى. كارۋاتنىڭ ئارقا تەرىپىدە قولنى باغلاپ تۇرغان مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر يىگىت تۇراتتى، ئۇ تاتارغان چىرايىدىن، بىلىنەر - بىلىنمەس تىترەۋاتقان لەۋلىرىدىن ئۇنىڭمۇ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. مەن ئۇنىڭ پەزىلەتكە ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆزلىرىدىن ئۇنى پەزىلەتنىڭ تۇققىنى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم. ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس. ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ مېنىڭ بەختىمگە تاجاۋۇز قىلىدىغان بەختىمنى ئوغۇرلاپ قاچىدىغان دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام...
ئۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە پەزىلەتنىڭ ئوڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن بۇلۇپ، دوختۇرخانىدا بىر ئايدىن ئۇشۇق ياتتى، ئائىلىدە ئارام ئالغانلىرى ھېساپقا ئالغاندا خىزمەتتىن ئۈچ - توت ئايچە قالدى... ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا بىزمۇ ناھايتى ئاز كۈرۈشەلىدۇق، پەزىلەتتەك ئۈزىنى ئايايدىغان، ئاتا - ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ھايالىق قىزلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈيىگە ئۇنى يوقلاپ بېرىشمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، مەن ھامان ئۇنى قوللايتىم، شۇڭا ئۇنىڭ دىگىنى بۇيىنچە بىز تېلغۇندىلا كۈرۈشۈپ تۇردۇق...
....
ئاخرى بار.