سەبىي قىزنىڭ چۈشى
(ھېكايە )
ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران
_ۋۇ ئىنجىمارۇق ،دەلتە.چىلان تېرىپ كەل دېسەم،بۇ ئەسكى جىگدە يىلىمىنى نەدىن تېرىپ كەلدىڭ ئەمدى.ئاشۇ قاسماق بېشىڭغا يىلىم چاپماقچىمۇ سەن؟تۈفى،سەن مەينەتنىڭ ھالىغا چىچاي.ئاپاڭ دىگەن ئالۋاستىمۇ سەتلىكىگە باقماي ،ھالىنى بۇلىشىغا تارتىپ ئوغلۇمنى ئازدۇرۇپ تېگىۋالغان،ئاخىرى ئوغلۇمنىڭ بېشىغا چىقىپ ئۆلتۈردى.سەن ساراڭمۇ ھال تارتىپ ئەرگە تېگەي دىدىڭمۇ _يا!؟
مومىسىنىڭ تىل _دەشناملىرى ئاستىدا ئاپپاق قىز كىرپىدەك تۈگۈلۈپلا قالدى.
_ھوي دەلتە مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن،زۇۋانىڭغا مەرەز چىقىپ قالمىغاندۇ؟_دېدى يەنە مومىسى ھاسىسىنى دېۋەيلەپ.
_با...بارغانتىم،_دېدى ئاپپاق قىز تىترەپ تۇرۇپ،_لېكىن چىلانلىق باغنىڭ ئىشىكى تاقاقكەن،بىر ئاكاش كېلىپ كۈن چىققاندا كېلىڭ دېۋىدى،ساقلاپ تۇرسام توڭلاپ كەتتىم،شۇڭا يېنىپ كەلگەن.بۇ يىلىملارنى يولدىن ئۆتكەچ جىگدىلىكتىن تەرگەچ كەلدىم.
_نېمە ؟_سارىغان موماينىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلدى،_ھەجەپ باشقىلار توڭلاپ كەتمەيدىكەن، سەن توڭلاپ كېتەمسەن؟يەڭ دېسە بىر پاتمان يەيسەن،قولۇڭدىن پوق كەلمەيدۇ،يا سېنى ئۆلتۈرۈپ يىگىلى ۋە ياكى قوي ساتقاندەك بوينىڭدىن باغلاپ،ئۇلاغ بازىرىغا ئاپىرىپ ساتقىلى بولمىسا.سەندەك بىر ساراڭنىڭ ياشىغىنىنىڭ نېمە پايدىسى بۇ جاھاندا؟چىلان تېرىپ كەل دىسەم يا ئويناپ تەرمىسەڭ.ۋاي ئانىمەي،قېرىپ قالغاندا نېمە دەرت بۇ ماڭا.تۇرمۇشۇمنى ئاران قامداپ كېلىۋاتسام،ئاپاڭ دىگەن ئالۋاستى سەن ساراڭنى ئەكەپ قويدى.مانا كەتكىلى توپتوغرا ئىككى يىل بولدى،يا ئۆزى يوق ،يا سۆزى،بەرگەن ئىككىتال پۇلىمۇ تۈگەپ بولدى.سەن پوق تاغىرى يەنە ماڭا ئاشتىڭ.جاھاندا بارى_يوقى ئاشۇ قوشكېزەك ئوغۇللىرىم ئىدى،بىرسىنىڭ بېشىغا ئاپاڭ چىقتى،بىرسى بولسا بەكمۇ يىراقتا ،مېنى ئاسانلىقچە يوقلاپ كەلمەيدۇ.يا دەردىمنى تۆكەي دېسەم چوڭ داداڭ يوق،ئۇمۇ مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى،بۇنى ئاز دەپ سەنمۇ ماڭا تېتىغىلى تۇرساڭ،نېمە دەي بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا!
_ماقۇل موما،مەن ھازىرلا چىلان تەرگىلى باراي،_دېدى ئاپپاق قىز سېۋىتىنى قولغا ئېلىپ.
_ئۆھۆ...ئۆھۆ..شۇنداق قىل،يەنە قۇرۇق قول كەلسەڭ پاچىقىڭنى چاقىمەن،سېۋەت توشقىچە تەر.
_ماقۇل موما،ئەگەر ئىككى سېۋەت تېرىپ كەلسەم،
ئاپامنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەمسىز؟
ئۇ قاپقارا كۆزلىرىنى مومىسىغا ئاغدۇردى.
_ۋاي كۆزىمگە سەت كۆرۈنمەي يوقىلە،_دېدى موماي زەردە بىلەن،ئاپاڭ ئوينىغانغا تويدى،ئەگەر بۇ چاغقا ئۆلمىگەن بولسا
تىلفۇن ئۇرماي تۇرمايتى.يا بىر پارچە خېتىمۇ يوق.ئىش شۇنداق بولغانكىن مېنى قاقشاتماي،تېنىڭگە سىڭگەن ناننى يەپ تۇرغىنىڭ ياخشى.ماڭ ،تېز بار،ھېلى چىلانلارنى خەق تىرىپ بولىدۇ.
سارىغان موماي ئاپپاق قىزنى ئىتتىرىپ چىقىرىپ،ئىشىكنى جاق قىلىپ ياپتى.
<<ئاپام راستىنلا ئۆلۈپ قالغانمىدۇ>>دەپ ئويلىدى ئۇ...<<ياق،ئاپام قانداقمۇ ئۆلۈپ قالسۇن.ناۋادا ئاپام ئۆلۈپ قالسا مەن قانداق قىلىمەن؟ئاپام ئۆلۈپ قالغىلى يا ئاغرىپ قالمىسا ياكى قوشنىمىزنىڭ بالىسىغا ئوخشاش ئېرىققا سۇغا چۈشمىسە.ئېرىققا سۇغا چۈشكەن بىلەنمۇ ئاپام چوڭ تۇرسا،سۇ قانداقمۇ قوشنىمىزنىڭ بالىسىنى چۆكتۈرۈپ قويغانغا ئوخشاش ئاپامنى چۆكتۈرۈپ كېتەلىسۇن؟>>
ئۆكتەبىر سەھىرىنىڭ سوغوق شامىلى ئاپپاق قىزنىڭ يۇمران يۈزلىرىگە ئۇرۇلۇپ،ئۇنىڭ چۇۋالغان چاچلىرىنى يېنىك يەلپۈتەتتى.ئۇ مومىسىنىڭ بەزى سۆزلىرىنى چۈشىنىپ يەتمىسىمۇ،<<ئۆلۈش>>دېگەن گېپىنى غۇۋا چۈشەندى.ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت ئادەم ئاغرىپ قالمىسا،سۇغا چۈشۈپ كەتمىسىلا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ دىگەن ئۇقۇم بار ئىدى.ئۇ ئۆلۈمنىڭ تۈرىنىڭ جىقلىقىنى،ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ رەزىللىكىنى چۈشىنىپ يەتمەيتى.شۇنداق،ئۇنىڭ ئاپىسى ھەقىقەتەن ئىچكىرگە كىرىپ كەتكەن ئىدى،لېكىن ئوينىغىلى ئەمەس.
ئانا ئەقلىگە كېلىپلا ھەدىسىنى ئاپا،ھەدىسىنىڭ يولدىشىنى بولسا دادا دەپ چوڭ بولغان ئىدى.ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ھەدىسىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ئىدى،ئاتا_ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن،شۇڭا ئۇنى ھەدىسى بېقىپ چوڭ قىلدى.لېكىن ھەدىسىنىڭ قولىنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بىرەر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش نىسىپ بولمىدى.كېين ھەدىسى ئۇنى بىر رېشىلىيە ئىشلەس ئۇستىسىغا شاگىرتلىققا بەردى،لېكىن ئۇ ھۇنەرنى پۈتۈن ئۆگۈنۈپ بولالماستىنلا ئاپپاق قىزنىڭ دادىسى بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ توي قىلدى،لېكىن ئۇ قېينىئانىسىنىڭ،يەنى سارىخاننىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى،ئۇ شۇنچە تىرىشپمۇ قېينىئانىنىڭ <<ئالۋاستى>>،<<ئېزىتقۇ >>دىگەن سۆزلىرىدىن قۇتۇلالمىدى.ئاجرىشىپ كېتەيلى دىسە ئېرى ئۇنىمىدى،ئۇلار ئاخىرى باشقا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتتى. كېيىن ئۇ قار ياققان بىر كۈنى ئاپپاق قىزنى تۇغدى،ئاپپاق قىز ئاشۇ قار ياققان كۈنى تۇغۇلغاچقا،ئۇنىڭغا ئاپپاق قىز دىگەن ئىسىمنى قويدى.ئەر_خوتۇن ئىككەيلەن قىزىنى ئارزۇلاپ بېقىشتى.لېكىن قىزى يېشىغا تىگىپمۇ ئايىغى چىقمىدى،ھەتتا بىر ئېغىز گەپمۇ قىلالمىدى.ئۇلار قىزنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشتى ۋە قىزنى دەرھال دوختۇرغانىغا ئاپاردى.ئۇلار دوختۇرنىڭ :<<بالىدا ئىمونىت كەمچىلكەن،نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ>>دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغان جايىدا قۇزۇقتەكلە قېتىپ قېلىشتى.
_دوختۇر،_دېدى ئانا مەيۈس ئاھاڭدا،_داۋالاتساق ساقىيارمۇ؟
_بۇنىڭغا ئېنىق بىر نېمە دىيەلمەيمەن،لېكىن داۋالاتساڭلار كېيىن بالىنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۇلار تولىمۇ سۇلغۇن كەيپىياتتا دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتى.ئۇلار شۇنچە ئويلاپمۇ قىزىنىڭ نېمە سەۋەپتىن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمىدى.كېيىن ئۇلار بانكىدىكى بارلىق پۇللىرىنى ئاجرىتىپ قىزىنى داۋالىتىشنى باشلىۋەتتى.بىر يېشىدىن باشلاپ داۋالىنىشقا چۈشكەن ئاپپاق قىز ئۈچ ياشقا كىرگەندە مېڭىپ،ئالتە ياشقا كىرگەندە تىلى چىقتى.لېكىن ئۇ ھەممە گەپنى ئايرىپ قىلالمايتى،شۇڭا دوختۇر ئۇنىڭ داۋاملىق داۋالىنىشىنى تەكىتلىدى.ئاتا ئىقتىساد جەھەتتىن قاتتىق قىيلىنىپ ھەر يانغا قاترىدى،ئانا بولسا قىزنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئولتۇردى.كېيىن ئاتا ھېچ يەردىن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلالماي،خىزمەت سىتاژىنى سېتىپ ئىدارىسىدىن يېنىپ چىقتى.ئاپپاق قىز ئاتا_ئانىسىنىڭ خەمخورلىقىدا داۋالىنىپ،13 ياشقا كىرىپ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى،لېكىن ئۇنىڭ بۇ روھى_ھالىتى نورمال ئادەمدىن خېلىلا يىراق ئىدى.كېيىن ئاپپاق قىزنىڭ دادىسى يۈرەك سانجىق كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.بۇ چاغدا ئۆيدىكى بارلىق پۇللار تۈگەپ ئانا قىيىن ئەھۋالدا قالدى.ئۇ قىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ساقىيىشى ئۈچۈن ئۇنى بېيجىڭغا ئاپىرىپ داۋالىتىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ،پۇلنىڭ ئامالىنى قىلالمىدى.كېيىن ئۇ ئېرىدىن قالغان ئۆينى ساتماقچى بولىۋىدى،ئۆيگە قويغان باھا ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىن يىراق بولۇپ چىقتى. كېيىن ئانا ئىشلەپ تېخىمۇ جىق پۇل تېپىپ ئاندىن ئۆينى سېتىشنى قارار قىلدى.ئۇ خېلى جىق يەرلەردە ئىشلىدى،ھەممىلا يەردە بەرگەن ئىش ھەققىي بىر_بىرىدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمىگەچكە،ئانا ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ئېشىنچا قىلالمىدى.ئانىنىڭ شۇنچە بېشى قېتىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،بىر دوستى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىچكىردە ئاشخانا ئاچقانلىقىنى،ئۆزىگە ياردەملىشىپ بەرسە خېلى يۇقىرى ئىش ھەققىي بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئانا دوستىنىڭ بۇ تەكلىپىگە قوشۇلۇپ،ئۆيدە بارى_يوق 3مىڭ يۈئەن پۇلنى ئاپپاق قىزنىڭ بېقىش راسخودىغا ئاتاپ قىزنى ھەدىسىگە تۇتقۇزۇپ ماڭماقچى بولىۋېدى،بۇ گەپنى ئاڭلىغان سارىخان موماي<<ئاپپاق قىز مىنىڭ نەۋرەم،ئۇنى ئۆزەم بېقىپ تۇرىمەن،پۇلنى ماڭا بېرىڭ دەپ غەلۋە قىىلىپ تۇرۋالغاچقا،قىزى بىلەن پۇلنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ كەتكەن ئىدى.ئانا شۇ كەتكىنىچە ئىككى قېتىم تىلفۇن قىلىپ،1000يۈئەن پۇل ئەۋەتكەندىن باشقا بۇ ئىككى يىل جەريانىدا بىرە پارچە خەتمۇ يازمىدى.شۇڭا موماي كېلىنىنى ئەسەبىىي تىللار بىلەن تىللاپ،ئۆلدىگە چىقىرۋەتكەن ئىدى.
توغرا،ئانا ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى،لېكىن سارىخان موماي دىگەندەك ئەسكى يوللار بىلەن ئەمەس،قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاپپاق قىزنىڭ ھاممىسى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بىر مۇنچە چىقىم تارتىپ سىڭلىسىنىڭ مېيىتىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى چاندۇرمايلا دەپنە قىلىپ ئاپپاق قىزنى ئۆيگە ئەكىلۋالغان ئىدى.ئۇ سىڭلىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاشكارلاي دېسە سارىخان موماينىڭ خۇي_پەيلىنى ئوبدان بىلەتتى.ھېلىمۇ موماي بۇ ئىشلارنى بىلمەي تۇرۇپمۇ ئاپپاق قىزنىڭ ئاپىسى تۆپىسىدىن بىىر مۇنچە سۆز_چۆچەك تارقاتتى.كېيىن ئاپپاق قىز موماينىڭ ئۆيىدە تۇرىمەن دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرۋالدى،ئۇنىڭ ھاممىسى ئامال قىلالماي،ئۇن_ياغ ،پۇل_پىچەك بىلەن ئاپپاق قىزنى مومىسىنىڭ ئۆيىگە ئەكىپ قويدى.ئاپپاق قىز مومىسىنىڭ شۇنچە ئەسكىلىكىنى چۈشىنىپ كېتەلمەيتى،مومىسى ئۇنى ئۇرۇپ_دۇمبالاپ بولۇپ بىر قانچە تال قاق بېرىپ بەزلەپ قويسىلا ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتەتتى. ئاپپاق قىز ئېغىر قەدەملەر بىلەن سېۋەتنى كۆتۈرۈپ باققا كىرىپ كەلدى.باغدا ھەقىقەتەنمۇ چىلان پاساڭ قىلىۋاتقانلار كۆپ ئىدى،ئۇ ئاشۇ ئادەملەر توپىغا قېتىلىشتىن قورقتى،چۈنكى ئۇنى دائىم باشقىلار ساراڭ دەپ مەسخىرە قىلاتتى.ئۇ باشقىلارنىڭ ھەم مومىسىنىڭ نېمىشقا ئۆزىنى ساراڭ دەپ تىللايدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ،ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ساراڭ دەپ تىللاۋاتقان روھىي_ھالىتىگە قاراپلا بۇ گەپنىڭ ياخشى گەپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلاتتى.بەزى بالىلار بولسا ئۇنى كۆرگەنلا يەردە تاش _چالمائېتىپ سۈر_توقاي قىلۋېتەتتى.شۇڭا ئۇ بۈگۈنمۇ شۇ ئادەملەر توپىغا قېتىلىشنى خالىماي،باغنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە بېرىپ ئولتۇردى_دە،قويۇق خازاڭلار ئارىسىنى تەمەچ بىلەن ماتلاپ چىلان ئىزدەشكە باشلىدى.
_ھوي،ئاپپاق قىز،_چاقىردى بىرەيلەن.ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئادەملەر توپىغا قاراپ ئۆزىنى بىر ئايالنىڭ چاقىرۋاتقانلىقىنى كۆردى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قورقۇمسىراپقىنە ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا باردى.
_نېمىشقا يالغۇز تېرىسىز،بىللە تەرمەمدۇق_دېدى ئۇ ئايال.ئاپپاق قىز ئۈندىمىدى.
_بىز بىلەن بىللە تەرسىڭىز مومىڭىز ئۇرامدۇ يا سىزنى؟
_ياق،_دېدى ئاپپاق قىز،_مومام سېۋىتىم توشمىسا ئۇرىدۇ،بولمىسا ئۇرمايدۇ.
_ئاپىڭىزدىن خەۋەر بارمۇ؟_سورىدى ئۇ ئايال يەنە.
_بىلمەيمەن.
_ئۇ قاچان كېلىدىكەن؟
ئاپپاق قىز يەنە <<بىلمەيمەن>>دېگەن قىياپەتتە بېشىنى چايقىدى.
_بېچارە،يالغۇز ئويناپ زېرىكىپ كېتىدىغانسىز ھە!مومىڭىز يا كۆيۈنمەيدۇ سىزگە.
_ياق،دېدى ئاپپاق قىز،_باشقا چاغدا زېرىكمەيمەن.شۇ مومام مېنى قازناققا سۇلاپ قويغاندا زېرىكىپ كېتىمەن.
_توۋا،مومىڭىز تېخى سىىزنى قازناققا سولاپ قويامدا؟_سورىدى ئايال قىزىقىپ.
_شۇنداق،مومام ئوچاقنىڭ كۇلىڭىغا توخۇم كۈمۈپ،تۇخۇملار پوڭ قىلىپ ئېتىلغان چاغدا ئېتىلىپ كەتكەن توخۇملارنى ماڭا بېرىپ ئاندىن مېنى قازناققا سولاپ ئىشىكنى قولۇپلاپ قويىدۇ.
_نېمىشقا ئەمدى،مومىڭىز سىزنى نېمىشقا سولاپ قويىدىكەن؟
بىلمەيمەن،مېنى سولاپ قويۇپ تۈڭلۈكتىن ئاي يۇرىقى چۈشكەندە مومامنىڭ بىر ئەر كىشى بىلەن كۇسۇرلاشقىنىنى بىلىمەن.
_ھە،مۇنداق دەڭ.
ئەتراپتىكى بولۇشقان گەپنى ئاڭلاۋاتقانلار ئاپپاق قىزغا ھەيراب بولۇپ قاراشتى،بەزىلىرى ياقىلىرىنى چىشلەپ توۋا دېيىشسە،بەزىلىرى نېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ كۇسۇلدۇشۇپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
_بولد ى ئەمدى كېتىڭ،_دېدى بايامقى ئايال سېۋەتتىكى چىلانلارنى ئاپپاق قىزنىڭ سېۋىتىگە تۆكۈپ،_بۇنى ئاپارسىڭىز مومىڭىز تىللىمايدۇ.
_ماقۇل،_دېدى ئاپپاق قىز چىلانلارنى ئېلىپ،_ئەمىسە مەن كەتتىم.
_نېمانداق تېز كېلىپ بولدۇڭ،ئوغۇرلىمىغانسەن؟_
دېدى مومىسى ئاپپاق قىزغا گۇمان بىلەن قاراپ.
_ياق،_دېدى ئۇ قورقۇمسىراپ،_بىر ئايال بەردى.
_شۇنداقمۇ؟ئۇ ئايال ئەجەپ ساڭا چىلان بېرىپتا،تۇنامتىڭ يا ئۇنى؟
_ۋايتاڭ،مەنمۇ بىلمەيمەن شۇ،_دېدى ئاپپاق قىز تىرنىقىنى تاتىلاپ.
بۇ يىل سوغوق بۇرۇنلا چۈشۈپ كەتتى.نويابىر ئېيىنىڭ كىرىشى تەڭلا شىۋىرغانلىق شامال چىقىپ،ئېرىق_ئۆستەڭدىكى سۇلار ئەينەك قېلىنلىقىدا مۇز تۇتتى.جاندىن ئۆتكۈدەك سوغوق دەستىدىن ئۇچار قۇشلارمۇ ئۇۋىسىدىن چىقماي تۈگۈلۈپ يېتىشاتتى.نويابىر ئېيىمۇ ئۆتۈپ،دېكابىرمۇ كەلدى.مۇشۇنداق سوغوق كۈندە ئاپپاق قىز دىر_دىر تىترەپ جاڭگاللىقتىن ئوتۇن تىرىۋاتاتتى.ئۇنىڭ قوللىرى سوغوق دەستىدىن قىزىرىپ ،يۈز_كۆزلىرىنى سۇس قىرو باغلىغان ئىدى.ئۇ توڭلاپ كەتكەن قوللىرىنى پات_پات ئېغىزىدىن چىققان ھور بىلەن ھورداپ قويۇپ،يەنە ئىشنى داۋام قىلاتتى.ئۇ ئىسسق ئۆينى سېغىنىپ كۆزلىرىگە ياش ئالاتتى،لېكىن بىر قۇچاق ئوتۇن تەرمەي ئۆيگە قايتسا مومىسىنىڭ كۆزلىرىدىن قورقۇپ مەشنىڭ يېنىغا بېرىشىغا پېتىنالمايتى.ئۇ ئۇتۇننى تىرىپ بۇلۇپ ئۆيگەكىرىشىگە مومىسىنىڭ ھاسىسى بېشىغا قاتتىق تىگىپ،يېرىلغان جايدىن قانلار شۇرقىراپ ئېقىپ يۈز كۆزلىرىنى بويىۋەتتى.
_ھۇ ساراڭ،_دېدى مومىسى،_دۈشمەن نەدە،قوڭنىڭ تۆشىكىدە دەپ مېنىڭ تۇخۇم كۆمگەنلىكىمنى،ئۆيگە بىر ئەرنىڭ كەلگەنلىكىنى نېمىشقا خەققە دېدىڭ،ئېيتە؟_سارىخان موماي ھاسىسى بىلەن ئاپپاق قىزنى يەنە بىرنى سالدى،_گەپ قىلە،كىمگە دېدىڭ.
-مە...مەن
ئاپپاق قىز گەپ قىلالماي قالدى.
_ھۇ دۆت ساراڭ ،بەرگەن ئاش_نانلىرىم مۇڭگۈ بولۇپ چىقىپ مېنى ئۈسكىدەك بولدىڭما؟سەن..سەن...ساراڭ ئەمەسكەنسەن،سەن بىر ئىشپىيۇن،سەن بىر زامان سارىڭى،چىق،يوقال!
ئاپپاق قىز پۇتىغا تەككەن قاتتىق تاياق بىلەن تەڭ سىرىتقا قاچتى.ئۇ شۇ قاچقان پېتى مەھەلىنىڭ چېتىدىكى جىگدىلىككە بېرىپ يىغلاپ ئولتۇردى.ئۇ توختىماي ئاپىسىنى چاقىردى،لېكىن ئاپىسى ھە دېمەيتى.ئۇ ئاپىسى كېلىدىغاندەك كەچ بولغۇچە بۇ يەردە ئولتۇردى،لېكىن ئاپىسى كەلمىدى.كەچ كىرىپ ئاي بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن مارىغان چاغدا سوغوق كۈچىيىپ،ئۇنىڭ جان_جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمىدى ۋە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە كەلدى.لېكىن ئۇ شۇنچە غەيرەت قىلىپمۇ ئۆيگە كىرىشكە پېتىنالمىدى.ئۇ ئىشىكنىڭ يېنىدىن ئەگىپ كېتەلمەي تۇرغىنىدا ئۇنى كۈچلۈك بىر قول تۇتتى.بۇ دەل مومىسىنىڭ ئاشنىسى،مۇشۇ مەھەلىدىكى ساۋۇت بويتاقنىڭ قولى ئىدى.ئۇ 37 ياشقا كىرىپمۇ خوتۇن ئالمىغاچقا،كىشىلەر ئۇنىڭغا بويتاق دىگەن لەقەمنى قويۇپ قويغان ئىدى.
_ئاپپاق قىز،خان،بۇ يەردە نېمە ئىش قىلپ يۈرۈيسىز؟_دەپ سورىدى ئۇ پەس ئاۋازدا.
_ھېچ،ھېچنىمە.
ئاپپاق قىز چۆچۈپ كەينىگە داجىدى.
_قورقماڭ،_دېدى ئۇ ئاپپاق قىزنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ،_مەن ياخشى ئادەم،مەن مومىڭىزنىڭ دوستى،قېنى ئېيتىڭە،نېمىشقا ئۆيگە كىرمەيسىز؟
_ئۆيگە كىرسەم مومام ئۇرىدۇ،شۇڭا بۇيەردە تۇردۇم.
_نېمىشقا ئۇرىدۇ؟_سورىدى ساۋۇت.
ئاپپاق قىزنىڭ ئاغزى ئۈمچەيدى:
_بىلمەيمەن.
_ئەمىسە بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى،بىزنىڭ ئۆي بەك ئىسسىق،بۇ يەردە تۇرسىڭىز توڭلاپ كىتىسىز،بۇلامدۇ؟
_سزنىڭ ئۆيىڭىز قەيەردە؟_دېدى ئاپپاق قىز ئۇنىڭغا قاراپ.
_مۇشۇ ئەتراپتا.بىزنىڭ ئۆيدە جىق ئۇيۇنچۇقلار بار،ئۆيگە بارسىڭىز سىزگە بېرىمەن.
_ماقۇل ئەمىسە.
ئاپپاق قىز ئۇنىڭغا ئەگشتى.
سارىخان مومايغا ساۋۇت كېلىمەن دەپ قويغاچقا،ئۇ ئوچاققا تۇخۇم كۈمۈپ ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ،ئاللا بۇرۇن ئۇخلاپ قالغان ئىدى.
ئاپپاق قىز ساۋۇت بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى،ساۋۇت تىزلا ئۆيگە ئوت قالاپ جىن چىراقنى ياقتى،جىن چىراقنىڭ ئاجىز نۇرلىرى بۇ كۈلتۈك ئۆينى سۇسقىنە يۇرۇتۇپ تۇراتتى.
_قېنى،بۇ ياققا كېلىپ ئولتۇرۇڭ،ساۋۇت ئاپپاق قىزنى مەشنىڭ يېنىغا تەكلىپ قىلدى.
-قېنى ئوينايدىغان ئويۇنچۇق بار دىگەنغۇ سىز،يوقكەنغۇ؟!
_ھە،ئۇلارنى چاشقان ئەپ قېچىپتۇ،مەن سەل تۇرۇپ سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئويۇنچۇق ئەكىلىپ بېرەي،بولامدۇ؟
_ماقۇل.
بىر ھازادىن كېيىن ساۋۇت كاڭ ئۈستىگە قېلىن قىلىپ يوتقان_كۆرپە سالدى.
_قېنى كىيىملىرىڭىزنى سېلىپ بۇ يەردە يېتىڭ.
_ياق،مەن تۇنىمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە ياتسام مومام ئۇرىدۇ مېنى،_دېدى ئاپپاق قىز.
_ئاللا،ياتسىڭىز نېمە بوپتۇ،مەنمۇ مومىڭىزنىڭ ئۆيىدە ياتىمەنغۇ،بىز دىگەن دوست تۇرساق.سەل تۇرۇپ قىززىق ئۇيۇن ئوينايمىز تېخى،_دېدى ساۋۇت مەشنىڭ ئۈستىگە بىر چۆگۈن سۇنى قويىۋېتىپ.
_ماقۇل ئەمىسە ياتاي.
ئاپپاق قىز ھېچنىمىنى سەزمىگەن ھالدا يوتقانغا كىردى.
_ئىسسىدىڭىزمۇ؟بايا بەك توڭلاپ كېتىپتىكەنسزكەن.
_ھەئە،ئىسىدىم.
_ياخشى،ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى ئىسسىيلى ھە،_دېدى ساۋۇت كىيمىنى سېلىپ يوتقانغا كىرگەچ.
_سىز نېمىشقا يالغۇز ياتمايسىز؟مومام بىلەن مەنمۇ ئايرىم ياتىمىز،_دېدى ئاپپاق قىز ھەيران بولۇپ.
_بىز ياخشى ئۇيۇن ئوينايمىز،ھازىر بىللە ياتمىساق بولمايدۇ.
ساۋۇت ئاپپاق قىزنىڭ يۇمران كۆكسىنى مۇجۇپ ئۇنىڭ كىيمىنى سالدۇردى.
_كىيمىمنى نىمىشقا سالدۇرسىز،توڭلاپ كەتمەيمەنمۇ؟
_ياق ،توڭلاپ كەتمەيسىز،يوتقاننىڭ ئىچىدە تۇرسىڭىز.
ئاپپاق قىز تېنىگە تەككەن قاتتىق نېمىنىڭ تەپتىدىن چۆچۈپ كەتتى.
- بۇنىمە ؟
-ھە،بۇما،بۇ ئوينايدىغان نەرسە،بىز ھازىر بىر ئۇيۇن ئوينايمىز،بۇ ئۇيۇن شۇنداق پەيزى،بۇ ئويۇننى ئوينىساق ئاي سىزنىڭ ياستۇقىڭىز،يۇلتۇز سىزنىڭ مارجىنىڭىز بولىدۇ.
_شۇنداقمۇ؟قاچانلىققا بولىدۇ؟
_ئۇيۇننى ئويناپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ.مومىڭىزنىڭمۇ ئايدىن ياستۇقى،يۇلتۇزدىن مارجىنى بار.ئۇ سىزنى ئاي ياستۇقى،يۇلتۇزمارجىنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ساندۇققا سېلىپ قۇلۇپلاپ قويغان.
ساۋۇت ئاپپاق قىزنى ئالداپ،چاندۇرمايلا ئۇنىڭ ھەممە كىيمىنى سالدۇرۇپ بولدى.
_جىم يېتىڭ ھە،_دېدى ساۋۇت ئاپپاق قىزنىڭ تۆپىسىگە چىقىپ.
_ماقۇل.
ئەمدى ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولدى.ساۋۇت ئاپپاق قىزنى چۈجىنى قاماللىغان ساردەك تېگىگە باستى.
ئاپپاق قىز مېڭىسىگە تەپكەن قاتتىق ئاغرىق دەستىدىن ،چىرقىرىۋەتتى .
- چۈشۈپ كىتىڭ مەن بۇنداق ئويۇننى ئوينىمايمەن ئاپا...
ساۋۇت بىر قۇلى بىلەن ئاپپاق قىزنىڭ ئاغزىنى ئىتىپ ئىشىنى داۋام قىلىۋەردى . ئاپپاق قىز تىپىچەكلەپ -تىپىچەكلەپ توختاپ قالدى .ئۇ ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى.
ساۋۇت ئىشنى تۈگۈتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاپپاق قىزنىڭ كىيمىنى كەيدۈرۈپ،ئۇنى چىپتە تاغارغا تىقتى،ئاندىن كۆتۈرگەن پېتى سارىخان موماينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ،تاغاردىن ئاپپاق قىزنى چىقىرىپ ئۇنى يەرگە ياتقۇزدى_دە،ئىشىكنى قاقتى.
_كىم؟دېدى سارىخان موماي خىرقىراق ئاۋازدا.
ساۋۇت ئىشىكنى يەنە بىر قېقىپ قويۇپ قۇيرۇقىنى خادا قىلدى،موماي ئىشىكتىن چىقىپ چۆچۈپ كەتتى،ئاپپاق قىز بىھۇش ھالدا يەردە ياتاتتى.
_توۋا خۇدايىم،ماۋۇ ساراڭنى،_دېدى ئۇ،_نەگە بېرىپ كەلگەندۇ؟ھەي،قوپە دەلتە،نېمە بۇ يەردە يېتىۋالدىڭ؟
ئاپپاق قىز ئۈندىمىدى.ئۇ ئاپپاق قىزنىڭ تىنىقىنى تىڭشاپ،ئۇنىڭ تىنىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدى.ئاپپاق قىزنى سۆرەپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ،يۈزىگە سوغوق سۇ چاپتى.
_قوپ دەيمەن ،پەسەندە ساراڭ؟
ئاپپاق قىز بىر ھازادىن كېيىن ئورنىدىن چاچراپ تۇردى.
_ئۆلدىمىكىن دىسەم،ئۆلمەپسەن ھە؟نېمە يېرىم كېچىدە ئۆينىڭ ئالدىدا بىھۇش ياتىسەن؟يا بىرسى قۇش قاتتىمۇ ئىشپىيۇن سېنى؟
ئاپپاق قىز ئۈندىمىدى،ئۇ پەقەت كۆزىنى يوغان ئېچىپ جالاقلاپ تىترەپ تۇراتتى.
_ماڭ،يات كالۋا!
_سارىخان موماي ئۇنى ئىتتىردى،موماي ساۋۇتنىڭ كېلىشىدىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ ئىشىككە دەم سېلىپ ئۇخلاپ قالدى.ئاپپاق قىز كېچىچە جۆيلۈپ چىقتى:
_سارى چاپاق،ئاڭلا،مەن كېتىمەن،سەن قالىسەن...سېنىڭ ئاي ياستۇقۇڭ يۇلتۇز مارجىنىڭ بولسا ،مېنىڭمۇ بار،سەن ئۆلىسەن،ئاپام ئۆلمەيدۇ،سەن...سەن ئۆلىسەن،مەن كۈل بولۇپ كەتكەن تۇخۇمنى ئەمدى يىمەيمەن،ئاپام ئىتىپ بەرگەن پوشكالنى يەيمەن.سەن قاتتىق نان غاجايسەن.
سارىغان موماي ئاپپاق قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى.
_ھەي..ھەي،سەن ساقمۇ؟
بىراق ئاپپاق قىز ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىماي ئورنىدىن دەس تۇردى _دەيەنە جۆيلىشكە باشلىدى.
سارىغان موماي ئەمدى چىداپ تۇرالمىدى،ئۇ كاڭدىن سەكرەپ چۈشتى-دە،سىرىتقا قاراپ قاچتى.
ئايخان،ھەي ئايخان،سىلى بارمۇ؟
ئۇ قوشنىسىنىڭ ئىشىكىنى قاقتى.
_مانا،مەن بار ئاداش،نېمە بولدۇڭلار؟_دېدى ئايخان ئىشىكتىن چىقىپ.
سارىخان موماي كېكەچلەپ كەتتى.
_ئا...ئاداش،ئاۋۇ...ئاۋۇ ساراڭغا جىن،جىن چاپلىشىپتۇ.مە...مەن...مەن...
_ئالدىرماي دەڭلا،كىمگە جىن چاپلىشىپتۇ ئاداش؟
_ئاپپاق ،ئاپپاق دېگەن سا...ساراڭغىچۇ ئاداش؟
سارىغان بولغان ھەممە ئىشلارنى ئايخانغا ئېيتىپ بەردى ۋە كېچىچە ئۆيگە چىقماي ئايخاننىڭ ئۆيىدە ياتتى.ئەتىسى سارىخان موماي ئايغان بىلەن مەسلھەتلىشىپ ئاپپاق قىزنى ئېشەك ھارۋىسىغا چىقىرىپ،موللامنىڭ ئۆيىگە ئاپاردى.موللام گازىر كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ‹‹جىن چاپلىشىپتۇ،يەتتە كۈن ئوقۇساق جىن ئاجرايدۇ›› دېدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئاپپاق قىزغا سۈرىلەر ئوقۇلۇپ ھۇرۇلدى،ئاپپاق قىز بولسا ھىچ نېمىدىن خەۋىرى يوقتەك تۇرۇسقا قاراپ ئولتۇراتتى. .يەتتە كۈن توشۇپ ئاپپاق قىز موللامنىڭ ئۆيىدىن ياندۇرۇپ كېلىندى.سارىخان موماي ئەمدى ئۇنىڭ جۆيلىمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنى ساقايدى دەپ ئويلىدى،لېكىن ئۇ ئاپپاق قىز باسقۇنچىلىققا ئۇچۇرغاندىن كېيىن بولغان ئىشلار نېرۋىسىغا قاتتى تەسىر قىلىپ،ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ خېلى كەينىگە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىپ بولالمىدى.
ئارىدىن نەچچەكۈن ئۈتۈپ تۇنجى قېتىم قېلىن قار ياغدى.ئاپپاق قىز سىرىتقا يۈگرەپ چىقىپ بىر دۆۋە قاردىن بىر قار ئاپا ياساپ،ئۇنىڭغا كۆمۈردىن كۆز،ياڭاق شۆپىكىدىن ئېغىز ياسىدى.ئۇ قار ئاپىنى ئاپان دەپ قىياس قىلىپ،ئاپىسى بۇرۇن ئېلىپ بەرگەن يۇڭ ياغلىقىنى قار ئاپىسىغا ياراشتۇرۇپ چىگىپ قويدى.ئۇ ئاپىسىنىڭ بار بولغانلىقىدىن قاتتىق خوشال بولۇپ،قار ئاپىسىنى چۆرگىلەپ قوشاق توقۇپ ئوينىغىلى تۇردى.سارىخان موماي بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلىنىپ،گۈرجەك بىلەن بىر قويۇپلا ئاپپاق قىزنىڭ قار ئاپىسىنىڭ بوينىنى ئۈزىۋەتتى.خېلى تاياق يىسىمۇ يىغلىمايدىغان ئاپپاق قىز قار ئاپىسىنىڭ بوينىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى.
_ۋاي ئاداش،_دېدى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئايخان بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ سارىخان مومايغا،_نېرۋىسى ئاجىز تۇرسا،تەڭ تۇرۇپ نېمەقىلىسىلەر ئۇنىڭ بىلەن.
_قاراڭلار توقىغان قوشاقلىرىغا ،جېنىمغا تىگىپ...
_شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭلا،كاللىسى ساق بولسا ئۇنداق قىلمايتى.
ئاپپاق قىز ئاپىسىنىڭ كاللىسىنى تېپىپ كېلىپ،بۇزۇلغان جايلىرىغا قار چاپلاپ ئۇنىڭ بېشىنى ئۇلاپ،ئۇنى چۆرگىلەپ قوشاق توقۇشقا باشلىدى.
قار ئاپامنىڭ ئىسمى ئايشەمگۈل،
مومامنىڭ ئىسمى سارىخان چاپاق.
ئاپام قىزىل پىكاپقا چىقىدۇ،
مومام ئىشەك ھارۋىسىغا.
مەن كەتسەم ئاپا بىلەن،
مومام قالار كىم بىلەن.
توغرا ،مومام قالىدۇ،
ئۆكۈز بىلەن ،ئات بىلەن.
نېرىراقتا قاراپ تۇرغان سارىخان ئاپپاق قىزنىڭ قوشاقلىرىنى ئاڭلاپ ياققىسىنى چىشلىدى.
_توۋا،بۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاڭلاپ كىممۇ ئۇنى ساراڭ دىسۇن،مېنى ئىشەك ھارۋىسىغا،ئۆزىنى پىكاپقا چىقىدۇ دەيدۇ_يا،تېخى.
ئۇنىڭ قار ئاپىسىنى يەنە بىر بۇزاي دېۋىدى،ئايخاندىن نۇمۇس قىلىپ تۇرۇپ قالدى.ئۇ ئاپپاق قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ:
_بۇنى كىم ئۆگەتتى؟_دېۋىدى،ئاپپاق قىز‹‹بىلمەيمەن ››دېگەندەك قىلىپ تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۋالدى.
كېچە،ئاپپاق قىز سىرىتتا ھۇۋلاۋاتقان شىۋىرغاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئويغۇنۇپ كەتتى.ئۇ ئاستا كىيىملىرىنى كەيدى _دە،قار ئاپىسىنىڭ يېنىغا چىقتى.‹‹ۋاي ئانىمەي،_دېدى ئۇ،_ئاپام ھەجەپ توڭلاپ كىتىپتا.››
ئۇ شىۋىرغان ئۇچۇرتۇپ شاخقا ئىلىپ قويغان ياغلىقىنى تېپىپ كېلىپ قار ئاپىسىغا قايتىدىن چېگىپ،چاپىنىنى ئۇنىڭغا كەيگۈزدى.
_ئاپا بەك توڭلاپ كىتىپسىز،مەن سىزنى قۇچاقلاپ قۇياي،بولامدۇ؟_دېدى ئۇ قار ئاپىسىغا.
قار ئاپىسىدىن جاۋاپ كەلمىدى.ئۇ قار ئاپىسىنى ئۇزۇن قۇچاقلاپ تۇرسىمۇ،قار ئاپىسى ئىسسىمىدى،ئۇ قار ئاپىسىنى شۇنچە قۇچاقلىسىمۇ ئىسسىمىغىنىنى كۆرۈپ يۇڭ پوپايكىسىنىمۇ سېلىپ ئۇنىڭغا كەيگۈزدى.بىردەمدىن كېيىن ئاپپاق قىز جالاقلاپ تىترەشكە باشلىدى،لېكىن ئۇ شۇنچە توڭلىسىمۇ قار ئاپىسىنىڭ باغرىدىن ئاجىرمىدى.
_مېنى چىڭراق قۇچاقلاڭە،_دېدى ئۇ قار ئاپىسىغا،_مەن توڭلاپ كەتتىم ئەمدى.
ئاپپاق قىز ئاپىسىنى ئۇزاق قۇچاقلاپ تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق بىر ئىسسىدىكى،ئۇ بۇ ئىسسىققا پەقەتلا چىدىيالماي كۆزلىرىنى ئاستا_ئاستا يۇمۇشقا باشلىدى.قار ئاپا توساتتىن ئورنىدىن تۇردى_دە،ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى.
_قىزىم ،مەن ئىسسىدىم سىزچۇ؟
_مەنمۇ ئىسسىدىم ئاپا،باغرىڭىز بەك ئىسسىقكەن.
_شۇنداق،ئاتا_ئانىسىغا مۇھەببىتى بار بالىلارغا ئاللاھ ئىگەم ئاتا_ئانىسىنىڭ ئاشۇ ئىسسىق باغرىدىن ئورۇن بېرىدۇ.
_ئاپا،مۇھەببەت دىگەن نېمە ئۇ؟
_مۇھەببەت دىگەن سىز،مەن ، دادىڭىز قىزىم.
_ئەمىسە مۇمام مۇھەببەت ئەمەسما؟
_ياق،ئۇ مۇھەببەتتىن خېلىلا يىراق.ھە ئىسسىپ بولغان بولسىڭىز كېتەمدۇق ،قىزىم؟
_نەگە بارىمىز ئاپا؟
_دادىڭىزنىڭ يېنىغا.ئۇ بىزنى ساقلاپ قالغان ئىدى،تېزراق بارايلى.
_ماقۇل ئاپا،قىزىل پىكابىڭىزنى ئەكەلدىڭىزمۇ؟
_ئەكەلدىم.
ئاپىسى ئۇنى قىزىل پىكاپقا چىقاردى.
_ئاپا،_دېدى ئۇ يەنە،_نېمىشقا شۇنچە كۈتسەم كەلمەيسىز؟
_دۇنيا سىز ئويلىغاندەك ئاددي ئەمەس قىزىم.مانا كەلدىمغۇ،ئەمدى كەتمەيمەن،مەڭگۈ سىزنىڭ قېشىڭىزدا تۇرىمەن.
_ئاپا،بىز كەتسەك مومام قانداق قىلىدۇ؟ئۇ يالغۇزقالسا قورقمامدۇ؟
_قورقمايدۇ قىزىم.بىز ئالدى بىلەن دادىڭىزنىڭ يېنىغا بارايلى،مومىڭىزمۇ كەينىمىزدىن بارىدۇ.
ئاپپاق قىزنى ئاپىسى قىزىل پىكاپقا چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى،ئۇ پات_پات ئاپىسىنى قۇچاقلاپ ئۇنىڭ مەڭزىگەسۆيۈپ كىتەتتى .
تاڭ ئېتىپ سارىخان موماي سىرىتقا چىقىپلا قېتىپ قالدى.ئۇ ئوتۇن تەرگىلى كەتتى دەپ ئويلىغان ئاپپاق قىز ئىچ كىيىم بىلەن قار ئاپىسىنىڭ بوينىغا مەھكەم گىرە سېلىپ مۇزلاپ قېتىپ قالغان ئىدى...ئۇ يۈگرەپ بېرىپ ئاپپاق قىزنى ئاجراتماقچى بولۇۋېدى،لېكىن ئاجرىتالمىدى.ئۇ يۈگرەپ چىقىپ قوشنىلىرىنى ياردەمگە چاقىردى.قوشنىلار چىقىپ شۇنچىلىك تەستە ئاپپاق قىزنى ئاپىسىنىڭ قوينىدىن ئاجىرتىپ ئالدى.ئاپپاق قىزنىڭ يۇمىلاق يۈزلىرى بىرخىل تەبەسسۇم ئىچىدە كۈلۈپ تۇراتتى.
بىردەمدىن كېيىن بۇ ئۆينى ئېچىنىشلىق يىغا زار قاپلىدى.كىمدۇر بىرى ئاپپاق قىزنىڭ ھاممسىنى چاقىرغىلى كەتتى.ياش دېگەن نېمىنى تۆكمىگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان سارىخان موماي يىپەك ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن چاپاق كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى سۈرتىۋاتاتتى.ئاپپاق قىزنى دەپسەندە قىلىپ،بۇ ئاجىزنى خارلىغان ساۋۇت بولسا ھېچنېمىدىن خەۋرى يوقتەك قولىنى قوراشتۇرۇپ تۇراتتى.سارىخان موماينىڭ چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ يىغلىغانلىقىنى ياكى ئاپپاق قىزنىڭ ئۆلىمىگە خوشال بولۇپ يىغلىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى.ئاپپاق قىزنىڭمۇ ئاپىسىنىڭ قىزىل پىكاپقا چىقىپ كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەيتى ھەم كۆرمىگەن ئىدى.
(بۇئەسىرىم <<ئاقسۇ ئەدەبىياتى >> ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان )
شۇنداقلا ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭلا بەزىبىر ھەسەتخورلار چ چ رىمغا سۇقۇنۇپ كىرگەن .
[ بۇ يازما hijran تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]