مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 104 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئانا يۇرتقا مۇھەببەت( ھېكايە )
باياۋان
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3912
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 99
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە99دانە
ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 399 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 122(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-13
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 19:53

0 ئانا يۇرتقا مۇھەببەت( ھېكايە )

ئانا يۇرتقا مۇھەببەت
( ھېكايە )


شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان خەلق مەيدانىدىكى گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئۇزۇن ، ياغاچ ئۇرۇندۇقتا بىر جۈپ قىز - يىگىت گەپ - سۆز قىلماستىن ئولتۇرۇشقان ئىدى . يىگىت قەددى - قامەتلىك ، ناھايتى كېلىشكەن بۇلۇپ ، ئۈستىگە كىيىۋالغان داڭلىق ماركىدىكى كىيىم - كېچەكلىرى ئۇنى تېخىمۇ پۇزۇر كۆرسىتەتتى . يىگىتنىڭ گەپ- سۆز، ئىش- ھەرىكەتلىرىدىن پۇلدارلارغا خاس مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى . قىز بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە ناھايتى ئاددىي كىيىنىگەن بۇلۇپ ، قىياپىتىدىن تۇرمۇشنىڭ ئېغىر سىناقلىرىدا پىشىپ يېتىلگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى .
ئەگەر بىرەرسى ئىككىسىگە سىنچى كۆزى بىلەن قارايدىغان بولسا ، قىزنىڭ ھەم چىرايلىق ھەم نازاكەتلىك ، تەربىيە كۆرگەن ، ئېسىل پەزىلەتلىك قىز ئىكەنلىكىنى تېزلا بىلىۋالاتتى . دېمىسىمۇ قىز بەك چىرايلىق بۇلۇپ ، ئۇچىسىدىكى ئاددىي كىيىملەر ئۇنىڭ تەبىئى گۈزەللىكىگە قىلچىلىك نۇقسان يەتكۈزەلمىگەن ئىدى . قىزنىڭ يېڭى چىققان ئايدەك ئەگىم قاشلىرى ، بۇلاقتەك كۆزلىرى ، سۈتتەك ئاپئاق يۈزى ، ئويماقتەك كىچىك ، ئالۇچىدەك قىزىل لەۋلىرى كىشىنىڭ مەسىتلىكىنى كەلتۈرەتتى .
قىسقىسى ، تەڭرى ئۇيغۇر قىزلىرىغىلا ئاتا قىلغان تەبىئى گۈزەللىك قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلغان ئىدى .
**  **    ***         ***         ***         ***        ** *      **      **
قىز يىراقتىكى ئېگىزبىنالارغا تىككەن كۆزلىرىنى ئۈزۈپ ، ئەتراپىدىكى رەڭمۇ- رەڭ گۈللەرگە زوقلىنىپ  قارىدى . قىز ئەزەلدىن گۈللەرگە ئامراق ئىدى . رەڭدار گۈللەر ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايتتى . قىز يېنىدىكى بىر گۈلىنى ئۈزدى -دە، چېكىسىگە قىسىۋالدى . قىزنىڭ ھەرىكىتىنى يەر ئاستىدىن كۆزىتىپ ئولتۇرغان يىگىت ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى .
يىگىت بۇنىڭدىن ئون ئۈچ يىل بۇرۇن سارەم ئانىنىڭ بېغىدىكى گۈللۈكتە ، چېكىسىگە گۈل قىسىۋالغان ، بېشىغا گىلەم دوپپا كېيگەن ، تال چىۋىقتەك بەللىرىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان چاچلىرىنى ئۇششاق قىلىپ ئۆرىۋالغان ، ئۇچىسىغا ئەتلەس كۆڭلەك كېيگەن ، ئىنتايىن شوخ بىر قىزنىڭ كېپىنەك قوغلاپ يۈرگەن ھالىتىنى كۆرگەندەك بولدى .
يىگىت قىزغا قارىغىنىچە ئويغا چۆكتى :‹‹ زۇمرەت ، سەن مىجەز-خاراكتىر جەھەتتە قىلچە ئۆزگەرمەپسەن . شۇغىنىسى  كىچىك ۋاقتىڭدىكى مۇتتەھەملىكىڭدىن ھېلىمۇ قالماپسەن . ماڭا بولغان مۇئامىلەڭدىمۇ  ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگىرىش بوپتۇ . ماڭا قىلىۋاتقان سۇغۇق مۇئامىلەڭ بۇ ئويلىرىمنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ. مەن ئۈچۈن بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق . زۇمرەت ، مېنىڭچە پۇل دېگەن ھەر قانداق بىر شەيئىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتەلەيدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە پۇل دېگەن شۇنداق قۇدىرەتكە ئىگە ئىكەنكى ، مەن - مەن دېگەنلەرمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا شامدەك ئېرىپ كېتىدۇ ، سەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە زۇمرەت ، مەن ھازىرغىچە مال - دۇنيا ئالدىدا قېتىۋالىدىغان بىرمۇ ئايال زاتىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم . مانا ھازىر سەن ماڭا قاپاق تۈرۈپ ئولتۇرىۋاتىسەن . بوپتۇ زۇمرەت ، بۇ قىلىقىڭنى ھەرگىز كۆڭلۈمگە ئالمايمەن . بۇرۇندىنلا سېنىڭ ‹‹ لۈكچەك ›› دەپ نامىڭ بار ئىدى ئەمەسمۇ . مەن ھازىرچە ماڭا قىلىۋاتقان بۇ خىل سۇغۇق مۇئامىلەڭنى ھېيىقىش ، تارتىنىش دەپ چۈشىنىپ تۇراي ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەنمۇ توقسان گىرادۇس ئۆزگىرىسەن ..... ھەي زۇمرەت ، ھەي زۇمرەت ....... سەن نىمانچە ئىچىمنى كۆيدۈرۈپ ، بارغانسېرى چىرايلىقلىشىپ كېتىدىغانسەن ؟ كىچىك ۋاقتىڭدىمۇ سېنى بەك ياقتۇراتتىم ، ھازىرمۇ سېنى شۇنچە ياقتۇرىمەن . زۇمرەت بىلەمسەن؟ مېنىڭ بۇندىن كېيىنكى تىجارەت ئىشلىرىمدا تىجارىتىمنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇشتا سەندەك گۈزەل ، ھەم چىچەن ھەم نازاكەتلىك ، تۇرمۇشتا پىشىپ يېتىلگەن بىر ھەمراھ كېرەك . مەن بىلىمەن ، سەن جەمىيئەتتىكى بەزى قىزلارغا ھەرگىز ئوخشىمايسەن . پۈتكۈل ۋۇجۇدۇڭ ساختىلىقتىن ، ياسالمىلىقتىن خالىي ، ئوماق چېھرىڭدە سەمىيمى كۈلكە ھەر ۋاقىت جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر قانداق ئىشتا ھەرگىز ۋايسىمايسەن . ئۆزۈڭ شۇنچىلىك جانلىق ھەم جۇشقۇن . مانا بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرىپىڭ .
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشتا قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر سېنى ئۆز يېنىمغا تارتىشىم كېرەك . تۆت- بەش يىلدىن بۇيان ساڭا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى تېرىپ بەردىم . يېنىڭغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغان كۆز - قۇلاقلىرىم ئارقىلىق سېنىڭ بارلىق ئىش -ھەرىكەتلىرىڭدىن تولۇق خەۋەردار بۇلۇپ تۇردۇم . ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇلارنى سېزىپ قالغاندەك تۇرىسەن . بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق . ھازىرچە مەن سېنىڭ بۇ ئىشىڭنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھەل قىلساملا بولدى دەپ قارايمەن . شۇنى بىلىپ قال زۇمرەت، بۇنداق ئامەتكە خېلى-خېلى قىزلارمۇ ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇزۇن ۋاقتتىن بۇيان چوڭ شەھەرلەردە يۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قىزلارنى ئۇچراتتىم . بىراق ‹‹ چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس ، سۆيگەن چىرايلىق ›› دېگەندەك يەنىلا سەن كۆزۈمگە گۈل بوپ كۆرۈندۈڭ . ھەي ،..... سېنى شۇنچە قىلىپمۇ ئۇنتىيالمىدىم . قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى پەقەت سەن ئۈچۈن ......
يىگىت كۆڭلىدە مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقان شۇ پەيىتتە ، قىزمۇ يىگىتكە سىنچىلاپ قارىدى . شۇ تاپتا يىگىت ئۇنىڭ كۆزىگە ناھايتى ئويچان كۆرۈندى . قىزنىڭ بىردىنلا چىرايى تۇتۇلدى ، سەۋەبى ، باغچىغا كەلگەندىن بۇيان يىگىتنىڭ دەممۇ- دەم ئىككى ئالقىنىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ چاچلىرىنى بېسىپ تاراشلىرى ، چوڭچىلىق بىلەن ئولتۇرۇشلىرى قىزنى ئىنتايىن بىزار قىلغان ئىدى . قىز يىراقلارغا قارىغىنىچە نەۋرە ئاچىسى زۇننارنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇنقى بىر كۈنى كەچتە ئۆزىگە قىلغان گەپلىرىنى ئېسىگە سالدى :
- زۇمرەت ، ئاپئاق سىڭلىم ، ئادىل پات ئارىدا يۇرتقا بارماقچى . مەن دېمىسەممۇ ئۇنىڭ يۇرتقا بېرىشتىكى مەقسىتىنى سەن ئوبدان بىلىسەن ، بۇ ئىشقا قارىتا سەندە ئوبدان تەييارلىق بولسۇن . ئۇ ھازىر بۇرۇنقى ئادىل ئەمەس . مال - دۇنيا ئۇنى بەك ئۆزگەرتىۋەتتى  . قالغىنىنى ئۇ يۇرتقا بارغاندا ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ ھەممىنى بىلىپ قالارسەن . ئىشقىلىپ ئۇنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كەتمە ، ئۆزۈڭنى ئاسرا سىڭلىم ، - دېگەن ئىدى زۇننار تېلىفۇندا ئۇنىڭغا .
دېمىسىمۇ زۇمرەت ئادىل كەلگەندىن بۇيان ، ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش، گەپ - سۆزلىرىگە زەن سېلىپ يۈرۈپ ، نەۋرە ئاچىسى زۇننار دېگەن گەپلەرنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى . زۇمرەت بۇلارنى ئويلاۋېتىپ ، يەنە چوڭقۇر خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولدى : ‹‹ ئاچا ، ماڭا دېگەنلىرىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن . ئادىل بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ماڭا ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا ، مال- دۇنياسى ، تاپقان پۇللىرى، كۆرگەن راھەت - پاراغىتى  توغرىسىدا گەپ ساتىدۇ . مەن ھازىر ئۇنىڭ جىمىكى گەپ - سۆز ، ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن ناھايتى بىزار بولدۇم . ئۇ سەن دېگەندەك كىيىنىش ، يۈرۈش - تۇرۇش جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ  ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ . ھېلىلا بۇ يەرگە كەلگەندە ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىغا توپا يۇقۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا ، بىز ئۈچۈن ئەزىز بولغان يۇرتىمىزنى تىللاپ كەتتى تېخى ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بەك ئاچچىقىم كەلدى . سەنمۇ بىلىسەن ، ئەينى ۋاقتتا مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ناھايتى ئەتىۋارلايىتتى ئەمەسمۇ . بۇلارنى ئۇنتۇپ قالغىنى بىلەن مەن قىلچە ئۇنتىمىدىم . ئۇ قالتىس ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ جۇمۇ . ئاچا ، مەن ئۇ تۇزكورنىڭ شېرىن- شېكەر سۆزلىرىگە ھەرگىز ئېرىپ كەتمەيمەن . شۇنى بىلەمسەنكىن ئاچا؟ بۇ ئەزىز ماكان بىزنى ئۆزىنىڭ ئىللىق قوينىدا پەپىلىتىپ چوڭ قىلدى . گەرچە ئانا يۇرتىمىزنىڭ تەبىئى شارائىتى ناچار بولسىمۇ ، مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ يۇرت رىۋايەتلەردىكى جەننەتتەك گۈزەل بىلىنىدۇ. مەن ھەرگىزمۇ بۇ يۇرتتىن ئايرىلمايمەن . مەن ھازىر ئاشۇنداق قارارغا كەلدىم ›› دېگەنلەرنى ئويلىغان زۇمرەت بېشىنى كۆتۈرۈپ يىگىتكە قارىدى . بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت دەپ بىلگەن يىگىت زۇمرەتكە قاراپ :
-    جېنىم زۇمرەت ، سەن ئەقىللىق ، چىچەن قىز . بىراق سەندەك ياخشى بىر  قىز توپا يېغىپ تۇرىدىغان بۇ يۇرتقا بەكمۇ زايا بۇلۇپ كېتىۋاتىسەن .مەن بۇ قېتىم سېنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلدىم . كىچىك ۋاقتىڭدىمۇ ساڭا كاتىپ بولىمەن دەيىتتىڭغۇ؟ سېنىڭ كاتىپلىق ئورنۇڭ ھازىرغىچە بوش تۇرىۋاتىدۇ ، گېپىمنى ئاڭلا ، زۇمرەت ، مەن بىلەن كەتكىن ، تۈركىيەدە زۇننارنىڭ يېنىدا تۇرىمەن دېسەڭ ئۇنىڭغىمۇ مەيلى ، ھەممە ئىشتا سېنىڭ رايىڭغا باقىمەن . مەن ھېچقاچان قىزلارغا بۇنداق يالۋۇرۇپ باقمىغان ، مۇھەببەت كىشىنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىدىكەن . زۇمرەت ، بۇ ئىشتا ئوبدان ئويلا ، بۇنداق ئامەت خالىغان ئادەمگە نېسىپ بولمايدۇ. تۇرمۇشتا كۆپلىگەن ئادەملەر چەتئەل تۇرمۇشىغا ، چەتئەلگە چىقىشقا شۇنچە قىززىقسىمۇ ، چەتئەللەرگە ئاسانلىقچە چىقالمايدۇ. ھازىرقى جەمىيئىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇلۇپمۇ ياشلار چەتئەل تۇرمۇشىغا بەك قىززىقىدۇ . مېنىڭچە سەنمۇ بۇ خىل قىززىقىشتىن خالىي ئەمەس ، زۇمرەت . چەتئەلدە باياشاد تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك بۇنداق ئامەتكە پەقەت سېنىلا ئېرىشتۈرەي دەپ ئويلايمەن، سېنىڭچە قانداق ؟ - ئادىل زۇمرەتكە سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى .
-    مېنى كەچۈرۈڭ، ھۆرمەتلىك  ئادىل ئەپەندى، مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە قۇشۇلالمايمەن . چۈنكى ، مەن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن بۇ ئانا يۇرتتىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن . شۇنى بىلىپ قېلىڭ ، ئادىل ، چەتئەل تۇرمۇشى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر مېنىڭ قىلچىلىك قىززىقىشىمنى قوزغىيالمايدۇ. مەن ئۈچۈن چەتئەلنىڭ گۈلزارلىقلىرىدىن، ئۆز يۇرتۇمنىڭ توپىسى ئۆرلەپ تۇرىدىغان تۇپرىقى مىڭ ئەلا . قىسقىسى ، مەن ھېچيەرگە بارمايمەن ،- دېدى زۇمرەت سۇغۇقلۇق بىلەن .
-    زۇمرەت ، سەن ھەرگىز بۇنداق كەم ئەقىللىق قىلما . بۇنداق جۇلدۇر- كېپەن يۇرتتا ياشاپ نىمە  كەپتۇ ؟ بۇ يەردە ياشاشنى ئويلىغان بولساڭ ھامان بىر كۈنى قاتتىق پۇشايمان قىلىسەن . بۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلمىغان ، تەبىئى شارائىتى ناچار تۇرسا ، بۇ يەردە ياشاشنى شۇنچىۋالا ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭغا مەن بەك ھەيران . مەن بىلەن كەتسەڭ ، بىر ئۆمۈر پادىشاھنىڭ مەلىكىسىدەك باياشادلىق ئىچىدە ياشايسەن . مەن سېنى ........-ئادىلنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا ، زۇمرەت ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بېلىگە تەپتى .
-    مەن سىزگە بۇ ھەقتە ئوچۇق پىكرىمنى قانچە قېتىم دېسەم بولاتتى . مەن سىزگە قايتا - قايتا يۇرتتىن ئايرىلمايمەن دېگەندىكىن يەنە گەپ يورغىلىتىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ سىزگە شۇنى دەپ قۇياي، سىز مال - دۇنيانى ھەممىدىن يۇقىرى ئۇرۇندا قۇيىدىغان ، كىشىنىڭ ھېسياتىنى نەزىرىڭىزگە ئېلىپ قويمايدىغان ئاجايىپ پەس ئادەم ئىكەنسىز . شۇنى بىلىپ قېلىڭ ،- زۇمرەت ئادىلغا كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ئالىيىپ قاراپ قۇيۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى - بۇ دۇنيادا مال - دۇنيادىنمۇ ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدىغان بىر نەرسە بار ، ئۇنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ئەلۋەتتە بىلمەيسىز ، چۈنكى ھازىر سىز مال - دۇنيانى ھەممىدىن يۇقىرى ئۇرۇنغا قويغان ئاساستا ، پۇل ھەممىدىن قۇدىرەتلىك ئىلاھ دەپ قارايدىكەنسىز . مانا بۇ سىزنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىراتىڭىز . يۇرتنى سۆيمىگەن ئادەم باشقىلارنىمۇ سۆيمەيدۇ، سۆيگەن تەقدىردىمۇ چىن يۈرىكىدىن سۆيمەيدۇ. سىزدىن شۇنى سوراپ باقاي ، سىز پۇلنى ئاشۇنداق قۇدىرەتلىك ئىلاھ دەپ قارامسىز ؟ مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن . جاھاندا قەدىر - قىممىتى پۇلدىنمۇ ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدىغان بىر نەرسە بار ، ئۇ بولسىمۇ ئانا يۇرتقا ، قوۋىم- قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت تۇيغۇسىدۇر . بۇنداق تۇيغۇنى سىزدەك تۇزكۇرلار ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ. سىز ..... سىز ... ئاچام زۇننارنى بۇ يەردىن ، مەندىن ئايرىغاننى ئاز دەپ مېنىمۇ بۇ يۇرتتىن ئايرىماقچىمۇ ؟  سىز .... سىز .... - زۇمرەت ئاچچىقىدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى .
زۇمرەتنىڭ بۇ گەپلىرىدىن سەل چۆچۈگەن ئادىل نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى - دە ، زۇمرەتكە قارىغىنىچە : ‹‹ مۇشتۇمچىلىك بىر قىزغا گەپ تېپىپ بېرەلمىسەم قانداق بولغىنى ؟ ئالدى بىلەن قولۇڭغا ئەللىك مىڭ يۈەننىڭ چېكىنى بىر تۇتقۇزايچۇ قېنى ، شۇ چاغدا شامدەك ئېرىمىگىنىڭنى بىر كۆرەي ، ئاياللارنىڭ خۇددى ئۆچكە يېغىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلمەيىتتىممۇ مەن ›› دەپ ئويلىدى ۋە ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىشقا باشلىدى .:
-    جېنىم زۇمرەت ، سەندىن ئۆتۈنەي ، تەلىپىمگە ماقۇل دە ، زۇننار شىركەتتە ناھايتى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ ، كاتىپلىق ئورنۇڭنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن ، زۇمرەت ، ھېلىمۇ سەن ئۈچۈن پەرۋانە بولۇپ كەتتىم ،- زۇمرەتنىڭ بارغانسېرى تۈرۈلۈپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ، مۇتتەھەملىك قىلمىسا گېپىنىڭ ئۆتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان يىگىت بىردىنلا بۆرە تېرىسىنى تەتۈر كىيىپ قىزغا ۋاقىرىدى ، - ھىم ، ھازىرغىچە مال - دۇنيانىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا ئېرىمەيدىغان بىرمۇ ئايال زاتىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم . سەندەكتىن نەچچىگە تېتىيمەن تېخى ، تولا گەپ يورغىلاتماي مەن بىلەن مېڭىشنىڭ كويىدا بول ، ئاتا - ئەدەبسىز سۆزڭ ئاغزىنى پۇل بىلەن ئېتىمەن . پۇلنىڭ قانچىلىك قۇدىرەتلىك ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا بىلىسەن . خەپ مۇشۇ ئىشنى بىر پۈتتۈرۋالايچۇ قېنى ، مۇشۇ قىلغىنىڭغا سىنى بىر تويغۇزايكى ، بىر ئۆمۈر پۇشايمان ئىچىدە ئۆتكەيسەن . نەچچە ۋاقتتىن ساڭا كۆرسەتكەن مېھىر –مۇھەببىتىم ، قىلغان ئىلتىپاتلىرىم ئاز بولمىدى مېنىڭ !
-    نېمىگە ۋارقىرايسەن لۈكچەك ؟ ئېيتە ، ئاچامنى مەندىن ، يۇرتتىن ئايرىغىنىڭ ، ماڭا قىلغان مېھىر- شەپقىتىڭمۇ ؟ ئائىلىمىزگە ، ئاكا - ئۇكىلىرىمنىڭ ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىمنىڭ تۇرمۇشىغا كەلتۈرگەن بەخىتسىزلىكلىرىڭ سېنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرىڭمۇ ؟ يەككە - يېگانە قالغان بىر قىزنى بۇنداق قەبىھ قىيناش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك ھەسرەتتە قالدۇرۇشقا قانداق كۆڭلۈڭ ئۇنىدى ؟ بۇنداق قىلىشقا ۋىجدانىڭ قانداق يول قويدى ؟ سەن ئادەم ئەمەس ، بەلكى ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالۋاستى ئىكەنسەن ئادىل ، ۋۇ ۋىجدانىنى ئىت يېگەن ئىپلاس ، شۇنى بىلىپ قوي سولتەك ، ئاتا - ئانام ھەر قانداق ئىشتا مېنىڭ ئاغزىمغا قارايدۇ ، سېنىڭ مېنى بۇ يەردىن ئەكىتىش خىيالىڭ  ئۇخلىماي چۈش كۆرگىنىڭ ...... يوقال ، كۆزۈمدىن !.... تۈفى ...... - زۇمرەت يەرگە شالاققىدە تۈكۈرۋېتىپ ، ئادىلغا قاراپمۇ قويماستىن يىغلىغىنىچە كېتىپ قالدى .
ئۇنىڭ بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان سىماسىغا قاراپلا قالغان ئادىل ، ئۆزى شۇنچە ئىنچىكە پىلانلىغان ئىشلارنىڭ دەل ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى ، ئۆزى بىلەن زۇمرەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان چوڭقۇر بىر ھاڭنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلدى - دە ، لاسسىدە بوشىشىپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا قالدى .


مەنبەسى-2009-يىل كومپىيۇتېرىمدا ساقلانغان
[ بۇ يازما باياۋان تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-04, 12:07
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئانا يۇرتقا مۇھەببەت( ھېكايە ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+30(teklimakan) ئېسىل
  • ~majnuntal~
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7957
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 24
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 73 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 5(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-26
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:08

    ئاشۇنداق بىر بىرىنى ئالداش ، مەنپئەت ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇھەببەت نىمە خۇشاللىق ئاتا قىلار !
    [ بۇ يازما ~majnuntal~ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    باشقىلارنى ئۆزۈم دەپ بىل ، ئۆزۈڭنى باشقىلار دەپ بىل ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ دەپ بىل ، باشقىلارنى باشقىلار دەپ بىل !
    uMaKXuM0102
    بارلىقىم مىسرانىم مۇنبىرى  ئۈچۈن
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3311
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 549
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە549دانە
    ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2270 سوم
    تۆھپىسى: -1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 530(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-04
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:24

    مەنپئەت ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇھەببەت نىمە خۇشاللىق ئاتا قىلار  ھە ھەي ئىسىت
    مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى
    teklimakan
    دەرىجە: ئىجادچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 278
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1342
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1342دانە
    ياخشى باھا: 132 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6955 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 439(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:27

    زۇمرەتنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى مىنى تەسىرلەندۈردى.
    بىز ئىسلامدىن ئىززەت تاپتۇق، قاچانىكى ئىسلامدىن باشقا نەرسىدىن ئىززەت ئىزدىسەك ئاللاھ بىزنى خار قىلىدۇ.....
    ھەزىرىتى ئۆمەر.
    urdek
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5981
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 13
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 156 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 224(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-09
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:55

    باياتتىن  ئۇرۇمچى يەرمەنكىسىكى ئىككى بوۋاينىڭ ئۇسۇل ھەققىدىكى ماقالىنى ئوقۇدۇم، ئىنكاس يازاي دىسەم تېمىنى قۇلۇپلاپ قويغاچ بۇ يەرگە يازدىم ، بۇ تېما ئىگىسى بۇنىڭلىق بىلەن مىنى كەچۇرۇۋىتەر؟ بۇ فىلىم بۇلتۇر تارتىلغان، بۇنەڭدا ئاشۇ بوۋاينىڭ بىرسى بار( ئۇسسۇل ئوينىغىنى.)
      
    سەل ئاستىراق ئېچىلىدۇ
    كەچۇرۇڭلار، بۇ مىسرانىمدا رەسىملا چىقىپتۇ، رەسىم ئۇسىتگە چەكسەڭلار فىلىم قويۇلىدىكەن.
    FurQan
    دەرىجە: يېـڭى مــېھان
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9087
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-04
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 21:18

    تېمىدا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنغا كۆپ تەشەككۈر . ئەمما ھېكايە قۇرۇلمىسىدا مەسىلە باردەك . رەھمەت باياۋان.
    نېمىگە بولسا بولسۇن ، مەيدانىڭنى ئېنىق قىل !
    YELAN
    بارلىقىم مىسرانىم ئۈچۈن@!!
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 658
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 448
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە448دانە
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2143 سوم
    تۆھپىسى: 8 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 239(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 7سائەت ئىلگىرى 02:06

    مۇھەببەتنى پۇل بىلەن سېتۋالغىلى بۇلمايدۇ
    ھەر قانچە كۆز يۇمساقمۇ ھەقىقەت يەنىلا ھەقىقەت،بۇ ئۆزگەرمەس ئەمەلىيەتتۇر....