مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 128 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: [بوزقىر] كۇماراجىۋانىڭ تۆھپىسى
bozqir
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8197
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 54
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 908 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 42(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-28
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:09

0 [بوزقىر] كۇماراجىۋانىڭ تۆھپىسى

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى ئىدىرىسجان نەسىرىي ئەسەرلەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2010-09-04)
 كۇماراجىۋانىڭ تۆھپىسى Zv`j+b  
|+^-b}0  
Raw K9K_1  
ae)0Yu`*G7  
جاڭ شۈيفەن Bhy:" r%#  
^Ms)T3dM  
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمىسى :uAW  
nbnbG0r:  
SX{sh M2  
مىلادى 413-يىلى جۇڭگونىڭ قەدىمقى دەۋىردىكى مەشھۇر بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا چاڭئەننىڭ شاۋياۋ باغچىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.مىلادى 1994-يىلى ئۇنىڭ مىس ھەيكىلى ئۆز يۇرتى بولغان كۈسەندىكى قىزىل مىڭئۆيىنىڭ ئالدىغا ئورنىتىلدى.بۇ ھەيكەل كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت ئېكرامىنى قوزغاپ ئۇنىڭ بېلەن رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇش ئىستىگىنى ئۈن-تىنسىز قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە.ئۇ ئۆزىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ تاغدىكى تاشكېمىرلەرگە قاراپ كېتىۋاتقان كىشىلەرگە خەيرى ئېھسان بېلەن نەزەر سالماقتا.كۇماراجىۋا ھەزرەت مۇبادا ھازىرغىچە ھايات كەچۈرگەن بولسا 1مىڭ 600ياشتىن ئاشقان بولاتتى. g[rxK n\Z  
FN#6pM']|  
پىر كالان كۇماراجىۋا ھىندىستاننىڭ بىراھما ئۇرۇقىدىن بولۇپ ،يۇقۇرى تەبىقىگە مەنسۇپ ئىدى.ئاتىسى كۇماراتان ھىندىستان ۋەزىرلىرىدىن بولۇپ تەركىي ۋەتەن ئەيلەپ كۆكئارت(پامىر)تاغلىرىدىن ئۆتۈپ جۇڭگونىڭ كۆسەن ئېلىگە كېلىدۇ. كۈسەن خانلىقىدىكى ”ھۆسنى جامال ۋە ئەقلى پاراسەتتە تەڭداشسىز“ بولغان كۈسەن خانىنىڭ سىڭلىسى مەلىكە جىۋا كۇماراتانغا ئاشىق بىقارار بولىدۇ.كۈسەن خانى يىراقتىن كەلگەن بۇ راھىبنى ھۆرمەتلەپ ، ئۇنىڭ بېلەن سىڭلىسىنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويىدۇ. MI |51&m  
=sqh PS<>  
B%v2)+?@  
مىلادى 344-يىلى جىۋا بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. بالىغا دادىسىنىڭ ئىسمىدىكى ”كۇمارا“ بېلەن ئانىسىنىڭ ئىسمىدىكى ”جىۋا “نى قوشۇپ ”كۇماراجىۋا“دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ.كۇماراجىۋا 9ياشقا كىرگەندە ئانىسى بېلەن ئەنەتكەك(شىمالىي ھىندىستان)دىكى كاپكا(بۈگۈنكى كەشمىر)غا بېرىپ ،شۇ يەردىكى نامى مەشھۇر ئۇستاز ۋانتۇدادۇدىن ھىنايانا بۇددىزم تەلىماتىنى ئۆگىنىدۇ.كۆپ قېتىم بۇددا تەلىماتلىرى مۇنازىرىسىگە قاتنىشىپ ،قارشى تەرەپنىڭ راھىبلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. كىچىككىنە تۇرۇپ شۇنچە چوڭقۇر ئىلىم تەھسىل قىلغىنىغا قايىل بولغان كەشمىر پادىشاسى ئۇنى چەت ئەللىكلەرگە بېرىلىدىغان ”ئەڭ يۇقۇرى تەمىنات“دىن بەھرىمان قىلىپ، ھەر كۈنى ئۇنىڭغا بىردىن سۈرلەنگەن غاز گۆشى، ئۈچ كۈرىدىن سۆك، بۇغداي ئۇنى بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك راھىبلار بەھرىمەن بولىدىغان تەمىنات بېلەن باراۋەر ئىدى. شۇنىڭ بېلەن بىرگە كەشمىر پادىشاھى شۇ يەردىكى بەش نەپەر ئالىي راھىب ۋە 10 نەپەر سىراماننى كۇماراجىۋا تۇرىۋاتقان ئىبادەتخانىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭدىن ئىلىم تەھسىل قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ?UXK y  
ئۈچ يىلدىن كېيىن كۇماراجىۋا كۈسەنگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قايتىش سەپىرىدە سۇلى(قەشقەر)دىن ئۆتەشىدە شۇ يەردىكى بىر ئۆتەڭدە بىر راھىبنىڭ «يوقلۇق» دەمدۇ «قۇرۇق» دەمدۇ ئىشقىلىپ ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرى بېلەن ئوخشىمايدىغان نوملارنى مۇتائىلە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالىدۇ ھەم سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ شۇ كىشىنىڭ ساكارائۇل(يەكەن)شاھزادىسى سورى سۇما ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بېلەن ئۇ سورى سومانى ئىزلەپ بېرىپ ئۇنىڭ بېلەن مۇنازىرىلىشىدۇ.نەتىجىدە سورى سۇمانىڭ ماھايانا كۆز قارىشىغا قايىل بولۇپ شۇ يەردە قېلىپ «ئوتتۇرا تەلىمات»، «12تەلىمات» قاتارلىق ماھايانا بۇددىزمىدىكى ”يوقلۇق نەزەرىيىلىرى“نى سىستېمىلىق ئۆگۈنىش ئارقىلىق ماھايانا بۇددىزمىگە پۇختا ئاساس تۇرغۇزىدۇ.ئۇ يەنە كەشمىرگە قايتىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ ھىنايانا ئۇستازى ۋانتۇدادۇنى ماھايانا بۇددىزمىغا ئۆتۈشكە قايىل قىلىدۇ. ۋانتۇدادۇ مۇنداق دەيدۇ : ”ئۆزلىرى پېقىرنىڭ ماھايانادىكى ئۇستازى، پېقىرلىرى سىلىنىڭ ھىنايانادىكى ئۇستازلىرىدۇرمەن“. دەرۋەقە دىن تارىخىدا ئۇستاز-شاگىرىتلارنىڭ بىر-بىرىنى ئۇستاز-شاگىرىت تۇتۇپ ئۆزئارا ئىلىم تولۇقلىشىغا شۇندىن باشلاپ ئابىدە تىكلىنىدۇ. t|gEMDGa3  
'L*nC T;  
TzXivE@mm  
كۇماراجىۋا كۈسەنگە قايىتقاندىن كېيىن خانلىق ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ماھايانا بۇددىزىمىنى مۇتائىلە قىلىپ ، ماھايانا ئەقىدىلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش بىلەن داڭق قازانىدۇ.شۇ ۋاقىتتىا غەربىي يۇرىتتىكى نۇرغۇن بەگلىكلەر كۇماراجىۋاغا چوقۇنغان ئىدى. ئەشۇ دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى كۇماراجىۋادىن تەلىم ئالغىلى كەلگەندە مۇنبەرنىڭ ئىككى يېنىدا يۈكىنىپ ئولتۇراتتى. كۇماراجىۋا ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇلارنىڭ دۈمبىسىنى دەسسەپ مۇنبەرگە چىقىپ دەرىس سۆزلەيىتتى. پادىشاھ-تۆرىلەر كۇماراجىۋانىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۈمبىسىنى دەسسىگىنىدىن ئالەمچە پەخىرلىنىش ھېس قىلاتتى. \dyJ=tg  
Hev S}L  
غەربىي يۇرىت بېلەن ئوتتۇرا ئىقلىم ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كۇماراجىۋانىڭ داڭقىمۇ ئوتتۇرا ئىقلىمغا تارقىلىشقا باشلايدۇ. شۇ چاغلاردا چاڭئەندە راھىب كالان داۋ ئەن مىڭلىغان راھىبلارنى يىغىپ نوملارنى تەرجىمە قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقانىدى. بۇ پىشقەدەم راھىب كالان ئالدىنقى چىن خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى فۇجىيەنگە مەخسۇس مەكتۇپ سۇنۇپ ئۆزىدىن 30ياش كىچىك بولغان دانىشمەن كۇماراجىۋانى ئوتتۇرا ئىقلىمغائېلىپ كېلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. خان ئالىيلىرى ئىلتىماسقا ئاساسەن كۇماراجىۋانى ئېلىپ كېلىشكە لەشكەر چىقىرىدۇ. apxZ}  
YfC1.8  
ئەپسۇسكى، لۈي گۇاڭ كۈسەننى مەغلۇپ قىلىپ 2-يىلى داۋ ئەن چاڭئەندە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئوتتۇرا ئىقلىم ۋە غەربىي يۇرىتلىق ئىككى راھىب كالان دىدار مۇلاقەتتە بولالمايدۇ. la ~T)U7  
[)}F4Jsz%  
لۈي گۇاڭ لىياڭجۇغا قايىتقاندا كۇماراجىۋانى فۇجىيەنگە تاپشۇرۇپ بەرمەستىن بەلكى ئۇنى 17يىل تۇتۇپ قالىدۇ. O a_2J#~$  
JM5 w`=  
مىلادى 394-يىلى ياۋشىڭ ئالدىنقى چىن خانلىقىنى مۇنقەرىز قىلىپ دۆلەت نامىنى كېيىنكى چىنغا ئۆزگەرتىدۇ. 401-يىلى ياۋشۇنى ئەۋەتىپ لىياڭجۇغا ھۇجۇم قىلىپ كېيىنكى لىياڭ خاندانلىقىنىڭ پادىشاسى لۈي لوڭنى ئەل قىلدۇرۇپ كۇماراجىۋانى چاڭئەنگە ئالدۇرۇپ كېلىدۇ ھەم دۆلەت ئۇستازى دېگەن ئالىي شان-شەرەپنى بېرىدۇ.  K2T&U$ ,  
"5mdq-h(  
پادىشاھ ياۋ شىڭ كۇماراجىۋا ئۈچۈن غايەت زور دەرىجىدىكى تەرجىمە ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ بېرىپ ئۇنىڭ بۇددىزم پائالىيىتىنى قولايلىق شارائىتلار بېلەن تەمىن ئېتىدۇ. شۇندىن كېيىنكى سەكككىز يىلدا كۇماراجىۋا بۇددا تەرجىمىچىلىكىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قازىنىدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى «ماخاپارى نېرۋانا سۇترا»،«ساددارما پوندارىكا سۇترا»،«ماخاپرا جىنا پارامىتا سۇترا »،«ۋاجرا سسدىكا پراجىنا پارامىتا سۇترا»، «ئوتتۇرا تەلىمات»،«12تەلىمات»،«بۈيۈك پراجىنا پرامىتا سۇترا»قاتارلىق ئون نەچچە قىسىم نەچچە يۈز جىلدلىق نوم ئەھكاملىرىنى تەرجىمە قىلىپ ناگايا ئوتتۇرا تەلىمات ئېقىمىدىكىلەرنىڭ نەزەرىيىلىرىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرىدۇ.ئۇ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن نوملارنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇد.«ئۈچ يۈرۈش نوملار توپلىمى»دا35قىسىم 294جىلد دەپ قەيىت قىلىنسا «كەييۇەن يىللىرىدا پۈتۈلگەن شەرھى نوملار كاتالوگى»دە 74قىسىم 384جىلد دەپ قەيىت قىلىنغان. h+k:G9;sS  
6!} @vp![  
بۇددا دىنى ئوتتۇرا ئىقلىمغا كىرگەندىن كېيىن خەنزۇ تىلىغا كۆپىلەپ تەرجىمە قىلىندى.ئەمما كۇماراجىۋادىن ئىلگىرىكى تەرجىمە نوملار ”مەنىسىنى يەتكۈزۈش “ ئۇسۇلى بويىچە ”ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنغاچقا نۇرغۇن خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغان“ئىدى.كۇماراجىۋا ” كونا تەرجىمە نۇسخىلارنى سانسىكرىتچە بېلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان“ ھەم ئۇنى قايتىدىن تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كەلگەن.كۇماراجىۋا خەنزۇ تىلىغا راۋان بولغاچقا ”بىۋاستە خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىپ ، تەرجىمىنى تولىمۇ راۋانلاشتۇرغان“ ھەم ئوقۇپلا مەنىسىنى چۈشىنەلىگۈدەك دەرىجىدە ئىپادىلىگەن. شۇڭا” ئوقۇغانلا ئادەم قايىل بولۇپ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماقتىغان“. كۇماراجىۋا تەرجىمە قىلغان نوملارنىڭ تەسىر دائىرسىنىڭ شۇنچە كەڭ بولۇشى شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك. بۇلاردىن «ئۈچ تەلىمات»ئۈچ چوڭ بۇددىزم تەلىماتىدىكى موھىم كىلاسسىك دەستۇرغا ئايلانسا «ھەقىقى ئالەم» جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ”سۇنياتا“(يوقلۇق)تەلىماتى ئېقىمىدىكىلەرنىڭ موھىم دەستۇرىغا ئايلانغان. «ساددارماپوندارىكا سۇترا» خان-تەڭرىقۇتلارنىڭ قولدىن چۈشۈرمەيدىغان دەستۇرىغا ئايلانسا «ئامىتابا سۇترا» زېمىننى پاكلاشتۇرۇش تەلىماتىدىكى «ئۈچ ئۆتكۈ نومى»نىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ مىڭدىن بەش مىڭغىچە شاگىرتى بولۇپ ، ھازىرقى 1-دەرىجىلىك پروفېسسورلاردىن نەچچە ئونى بار ئىدى. بۇلاردىن داۋ شېڭ، سېڭ جاۋ، داۋ رۇڭ، سېڭ رۇيلار ” تۆت ئەۋلىيا“ دەپ تەرىپلەنگەن. 4h>Dpml  
g{@q  
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن دۆلەت مائارىپچىسى لىياڭ چىچاۋ  « تەرجىمە ئەدەبىياتى ۋە نوم-سۇترىلار » ناملىق ئەسىرىدە « ئۇدۇل تەرجىمە قىلىش ئۇسلۇبىنى تەشەببۇس قىلغۇچى داۋ ئەن تەرجىمە قىلغان نوملار ئۆلۈك تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا نەچچە ئەسىردىن بۇيان كىشىلەر ئانچە چۈشەنمەي كەلگەنىدى. ۋەھالەنكى، كۇماراجىۋا تەرجىمە قىلغان نوم-سۇترىلار ھەم تۆت تەلىماتلار كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يىپ-يېڭى بىر دۇنيانى زاھىر قىلدى. ئۇنىڭدا ئەدەبىي تۈس بەك قۇيۇق بولغاچقا ئۇسلۇبى يەڭگىل، مەزمۇنى يېقىشلىق،ئۇنى ئوقۇماي دېسىڭىزمۇ ئوقۇغىڭىز كېلىدۇ.»دەپ يازىدۇ. nB?$W4  
U2=l; R{  
كۇماراجىۋا ئوتتۇرا ئىقلىمدا ياشىغان دەۋىر بۇددىزم راسسا گۈللەنگەن دەۋىر ئىدى. جەنۇبىي سۇلالىلەر پادىشاھلىرى ئىچىدە بۇددا دىنىغا ئىشەنمەيدىغانلىرى يوق ئىدى.بۇلاردىن لىياڭ ۋۇدى ھەر يىلى پەرھىز تۇتۇپ بۇدداغا تىلاۋەت قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنى ئۈچ قېتىم ئىبادەتخانا-ئېھراملارغا سەدىقە قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلغانىكەن. ئوردا ئەمەلدارلىرى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئۇنى ئىبادەتخانىدىن سېتىۋېلىپ چىققانىكەن. شۇ چاغدىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ھەممىسىلا دىنغا ئېتىقاد قىلغان. ?5e:w?&g@  
+K4d(!Sb  
1 dT1DcZ  
كۇماراجىۋانىڭ تەرجىمە جەھەتتىكى تۆھپىسى ۋە نەتىجىسىنى تارىخ ئادىل باھالايدۇ.ئەمما كېيىنكى مۇتەخەسىسلەر كۇماراجىۋانىڭ ]”خەنزۇچە تەرجىمە سەۋىيىسى بەك ناچار ئىدى“ دەپ قارىغان.مەسىلەن «راھىب كالانلار تەزكىرىسى » دىكى «سېڭ رۇينىڭ تەرجىمىھالى» دامۇنداق دىيىلگەن xU#f>@v!  
 «ساددارما پۇندارىكا سۇترا» نى تەرجىمە قىلغاندا < تەڭرى ئادەمنى كۆردى ، ئادەممۇ تەڭرىنى كۆردى> دېگەن سۆز ئۇچرىدى. ئۇستاز كۇماراجىۋا بۇ سۆزنى < بۇ غەربىي يۇرىت تىلىدا توغرا مەنانى ئىپادىلىسىمۇ ئەمما سەل يالىڭاچ بولۇپ قاپتۇ> دەيدۇ .داۋ رۇي < ئادەم بېلەن تەڭرى ئۇچراشتىدە بىر-بىرى بېلەن دىدار مۇلاقەتتە بولدى، دەپ تەرجىمە قىلساق قانداق؟> دېگەندە كۇماراجىۋا ئۇنى قۇۋەتلەپ < شۇنداق قىلايلى> “ دەيدۇ. cq`v8  
&g R+D  
`_C4L=q"  
«بۇ سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش ھېچقانچە تەس بولمىسىمۇ  ئەمما كۇماراجىۋا يېڭىلگەنلىكىنى تەن ئالغان...»( رېن شىيۇ تۈزگەن«خەن-تاڭ سۇلالىرى دەۋرلىرىدىكى بۇددا دىنى ئىدىيىۋى نەزەرىيىلىرى توپلىمى»نىڭ 252-بېتىگە قارالسۇن). 4y&%YLMpl  
l5 ww-#6Z  
«بۈيۈك پىراجىنا پىرامىتا سۇترا»نى تەرجىمە قىلغاندا ئۇنىڭ ئالىي مەلۇماتلىق شاگىرتى سېڭ رۇي مۇنداق دېگەن ”ئۇستاز(كۇماراجىۋا ) سانسىكرىت تىلىدىكى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇرەككەپ جۈملە تۈزۈش ئۇسۇلىنى خەنزۇچىدىكى ئخچام جۈملە تۈزۈش ئۇسۇلى بېلەن ئىپادىلەپ ، ئارتۇقچە جايلارنى رەھىمسىزلىك بېلەن چىقىرىپ تاشلايىتتى...گۇمانلىق مەسىلىلەرگە يولۇققاندا كۆپچىلىكنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تۇرغۇزىۋالاتتى ھەم ئىلگىرىكى كونا تەرجىمە بېلەن قايتا سېلىشتۇرۇپ ئاندىن قايتا مۇھاكىمە قىلىپ ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزەتتى. “ Tj}H3/2  
RiC1lCE  
” كۇماراجىۋا شاگىرتى سېڭ جاۋنىڭ «پىراجىنا پارامىتا بىلىمسىزلىك توغرىسىدا» دېگەن ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن مۇنداى دېگەن < سىزنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتىڭىز قالتىسكەن، سىزدىن كەمتەرلىك بېلەن ئۈگەنسەم بولغىدەك>.كۇماراجىۋا ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ سېڭ جاۋغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. كۇماراجىۋانىڭ تەرجىمىلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىلىرى بولغان سېڭ روڭ، سېڭ رۇي، سېڭ جاۋلارنىڭ ياردىمىدە رۇياپقا چىققان. خەنزۇچە مەنەن تەرجىمىسى پۈتكەندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ، ئاساسىي مەزمۇنغا شەرھىي يازغان.“ e&zZr]vs]l  
X>^St&B}fC  
مۇشۇنداق بولغاندا  زور خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى بولاتتى، دىيىشكە پۈتۈنلەي ھەقلىقمىز. خەنزۇ تىلى كۇماراجىۋانىڭ ئانا تىلى ئەمەس.ئۇنىڭ تۆت چوڭ شاگىرتى ئىچىدىكى سېڭ رۇي داۋ ئەن  ھەزرەتنىڭ ھوزۇرىدىكى مۇتەخەسىس دەرىجىلىك شەخىس سانىلاتتى. شۇنداق ئىكەن ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ كۇماراجىۋادىن يۇقۇرى ئىكەنلىكىگە  ئازراقمۇ ئەجەپلىنىش كەتمەيىتتى. يۇقۇرقى قەيىتنامىلەردىن بىز كۇماراجىۋانىڭ جاپاغا چىداپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدىغان ، ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا ھېرىپ-چارچاشتىن قورىقمايدىغان روھنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.بۇ خىل روھتىن ھازىرقىلارمۇ تەسىرلەنمەي قالمايدۇ. بۇنى ھازىرقى قىسمەن دوكتۇر ، ئاسپىرانىت يېتەكچىلىرىنىڭ ئاسپىرانىتلار ۋە ياردەمچىلىرى ۋۇجۇتقا چىقارغان نەتىجە دوكلاتلىرىغا  ئىسمىنى يېزىۋالىدىغانلارغا قارىغاندا كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ ، دىيىشكە بولىدۇ. سېڭ رۇڭ  قاتارلىق ”تۆت مەشھۇر ئەۋلىيا“نىڭ ئۇستازى كۇماراجىۋاغا شۇنچە ئىخلاس قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىلا  بۇ مەسىلىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. bD[W`yW0  
p`lv$ @q'  
e[f}Lxln  
مىلادى 413-يىلى پىر ئۇستاز كۇماراجىۋا چاڭئەندىكى شاۋياۋ باغچىسىدا 70يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. UN'[sHjOnD  
d 6 t#4!  
كۇماراجىۋا ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى دەۋرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتتتىن يېتىشىپ چىققان ۋەكىل، جۇڭگونىڭ قەدىمقى دەۋرىدىكى بۈيۈك بۇددا مۇتەپەككۇرىدۇر. ئۇ ياراتقان مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاللىقاچان دىن كاتىگورىيىسىدىن ھالقىپ ، دۇنيانىڭ شەرىق-غەرىب مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشتى. 1994-يىلى ئۇنىڭ تەۋەللۇتىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۇرتى بولغان كۈسەندىكى قىزىل مىڭئۆيىدە « كۇماراجىۋا ۋە جۇڭگونىڭ مىللىي مەدەنىيىتى » دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. n46H7e(ej\  
Coz\fL  
lB9 9J"A  
ئۇستاز كۇماراجىۋانىڭ مىس ھەيكىلى ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ ، قىزىل مىڭۆيىنىڭ ئالدىغا ئورنىتىلدى. بۇددا دىنى سەنئىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىشىدىن قارىغاندا بۇ يەر بۇددا دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئىقلىمغا تارقىلىشىدىكى تۇنجى بېكەتتۇر. بۇددا تاشكېمىر سەنئىتى ھىندىستاننىڭ ئاجانتا تاشكېمىرىدىن باشلىنىپ ، ئافغانىستاننىڭ بامىيان تاشكېمىرلىرى ئارقىلىق غەربىي رايونغا كىرگەندىن كېيىن قىزىلدىن باشلىنىپ دۇنخۇاڭ، ۋەنخۇشىيا، يۈلىن، بىڭلىڭ، مەيجىشەنگىچە ئاندىن يەنە لوياڭدىكى لوڭمىن، داتوڭدىكى يۈنگاڭغىچە تۇتاشتى. مۇبادا جۇڭگونىڭ تاشكېمىر سەنئىتىنى غايەت  زور بىر  ئەجدىھا دېسەك  ئۇ ھالدا قىزىل تاشكېمىرلىرىنى مۇشۇ ئەجدىھانىڭ بېشى دېيىشكە بولىدۇ. R{"Kh2q_  
F)_zR  
پىر ئۇستاز كۇماراجىۋا جۇڭگو تاشكېمىر سەنئىتىدىن ئىبارەت غايەت زور ئەجدىھانىڭ بېشىدا ھېلىھەم بەردەم ھالەتتە قەد كېرىپ تۇرماقتا. 7}>7@W8  
K TJm[44  
(خەنزۇچە « شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2007-يىل 7-ئاۋغۇسىت سانىنىڭ «غەربىي رايون ساياھىتى» سەھىپىسىنىڭ 14-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)   7 lc -  
;oW#>!HrY  
       مەنبەسى:‹‹شايار›› ژۇرنىلى
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-04, 09:59
-سىز كۆرۋاتقان تىما [بوزقىر] كۇماراجىۋانىڭ تۆھپىسى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
hijran
توختىماي تۆھمەت تۇقۇۋاتقان ئاغزىڭغا تۈفىي!...
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 451
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 6
ئومومىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ياخشى باھا: 133 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4706 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 734(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:01

بوزقىر ئەپەندىمنىڭ 7-يىللىقلارنىڭ 2-مەۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن <<كۇماراجىۋا>> ناملىق ئەسىرىنى ئالدىنقى مەۋسۇمدا ئۆتكەن ئىدىم .بۇئەسەردىن تۇلىمۇ سۆيۈندۈم ،لىكىن ئەسەر ماڭا بەكلا قىسقىدەك تۇيۇلغان .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سوراۋالسام ئەسەر دەرىسلىككە كىرگۈزۈلگەندىن كىين قىسقارتىپ كىرگۈزىلدىمۇ يا ،باشتىلا شۇنداقمىتى ؟...
يېقىندىلا باس-باس تور بېكىتىنى سېسىتىپ قوغلانغان بىر تۆھمەتخور ئىت مىسرانىمغاكەلدى. دىققەت قىلىڭ  ...بۇقېرى ئىتنىڭ زەھىرى بەك يامان .
555rikabatqi
www.husnigul.com . كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن دۇنيا تىچ بول& ..
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 95
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 242
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە242دانە
ياخشى باھا: 81 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1639 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 794(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:06

مەن بۇ تېمىنى كۈرۈپ تۇرپان مىڭ ئويلىرىنى كۆرگەندە بىر ساياھەت يىتەكچىسىنىڭ قاينىغان ھالدا ،ئىسلام دىنى مىسرانىمىزغا كىرگەندىن كېيىن بۇيەردىكى نۇرغۇن بۇتلارنى چېقىۋەتكەن دەپ شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرنى تىلغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن تىللاپ كەتكىنىنى كۈرۈپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالغىنىم ئېسىمغا كىلىپ قالدى  
قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ www.husnigul.com
bozqir
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8197
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 54
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 908 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 42(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-28
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:35

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت hijran كە 2010-09-04 08:01 PMئەۋەتىلدى : dBM> ;S;v  
بوزقىر ئەپەندىمنىڭ 7-يىللىقلارنىڭ 2-مەۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن <<كۇماراجىۋا>> ناملىق ئەسىرىنى ئالدىنقى مەۋسۇمدا ئۆتكەن ئىدىم .بۇئەسەردىن تۇلىمۇ سۆيۈندۈم ،لىكىن ئەسەر ماڭا بەكلا قىسقىدەك تۇيۇلغان .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سوراۋالسام ئەسەر دەرىسلىككە كىرگۈزۈلگەندىن كىين قىسقارتىپ كىرگۈزىلدىمۇ يا ،باشتىلا شۇنداقمىتى ؟... 3W. 5 [;}  
 jgd^{!  
4I7;/ZgALQ  
شۇ دەرىسلىك كىتابنىڭ 16-بىتىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا شۇ تىكىسىتنىڭ ‹‹كۇماراجىۋا››ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ ئىلىنعانلىقى ئەسكەرتىلگەن. T 
‹‹ بۉيۉك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا›› ناملىق بۇ كىتاب 2003-يىلى شىنجاڭ حەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنعان.
alli
ئادەمدەك ئۆلۇش ئۇچۇن ، ئادەمدەك ياشاش كىرەك
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2270
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 723 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 261(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 21:15

نىمە پايدىسى بار بۇنىڭ
ظذمىد
ياخشى كذنلەر ظالدىمىزدا!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6068
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 514 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 243(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-11
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 22:03

ظاتا بوإىلىرىمىز مؤشؤ راەىپنىڭ كەينىدىن ظؤزؤن يىل ظەگىشىپ ، نؤرغؤن گوناەلارنىڭ ظىگىسى بولؤپتىكەندە .....