كىشىلەرنىڭ بەختكە بولغان قارشى ئوخشىمايدۇ.مېنىڭچە بىزنىڭ ساغلام ياشىشىمىزمۇ بىر بەخت.بىر ۋاق تاماقنى خاتىرجەم يېيەلىشىىمىزمۇ بىر بەخت خۇشال كۈلەشىمىزمۇ بىر بەخت . ئاتا - ئانىمىزنىڭ سالامەت بولۇشى بۇمۇ بىر بەخت.دەريا بويىغا بېرىپ سۈزۈك ئېقىن سۇلارنى كۆرۈش ،قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت... aLXA9?
بەختىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرسى ناھايىتى كەڭ.بىز ئۈچۈن بىرىنچى بەخت رۇھىي ۋەجىسمانىي ساغلاملىق ،ئىككىنچى بەخت پاك - قەلىب. |I+E`,n"b
ساغلاملىق كىشىلىك دۇنيادىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت.كىشى ساغلام بولمىسا ئۇنىڭ ھېچ ئىشى مۇۋاپپەقىيەتلىك بولمايدۇ.تالانتى ،ئەقىل پاراسىتى توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالىدۇ.پاك قەلىب رۇھىيەتنى پاكلىغۇچى سۇ.كىشىلىك قەدىر - قىممەتنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىققۇچى شوتا.ئۇ بولغاندىلا تېخىمۇ كۆپ بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. Da-(D<[0
بەخت بىر خىل رازىمەنلىك تۇيغۇسىدىن ئىبارەت.مېنىڭ ئەتراپىمنى بەخت گۈللىرى قاپلاپ تۇرىدۇ.چۈنكى، مەن ئاتا- ئانام، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم،دوستلىرىمدىن رازىمەنلىك خۇشاللىق تۇيغۇسى تاپالايمەن.كەڭ تەبىئەتكە قارسام بارچە نەرسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايمەن.ئۆزۈمگە ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە ئارام بەخش،خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلەيمەن،بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن بەخت.