سەھەر لىرىكىسى
t;~-_{ |<7i|J ئىللىق قۇياش زىمىن ئانىنىڭ باغرىنى يىرىپ كەڭ تەبىئەتكە كۆز ئاچقىنىدا،ئىللىق نۇرى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنى يىنىش-يىنىشلاپ باغرىغا باسقىنىدا ،كىرىستال مىسرانىم گۈل بەرگىنى سۈيۈپ سىرغىپ ئاققىنىدا مەن تاتلىق ئۇيقۇمنى ئۇخلاۋاتاتتىم .
j?d!}v باراڭ ئاستىدىكى يۇپۇرماقلار ئارىسىدىن چۈشكەن تەڭگە گۈللۈك قوياش نۇرى ، تاتلىق ئۇيقۇمدىن ئويغۇتۇش ئۈچۈن مىنى ئەركىلەتمەكتە ئىدى.لىكىن مەن چۈشۈمدە ئاپئاق بۇلۇتلار ئۈستىدە لەرزان ئۇسۇل ئوينىماقتا ئىدىم.
>R) F} ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاڭ سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەسلەندىم ،كەڭ ھاۋاغا ،چەكسىز كەتكەن بۇغدايزارلىقلارغا ،تەبىئەتنىڭ نىممەتلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈپ بىرىۋاتقان ئانا سەكرايىمغا تويماي باقتىم.
]qF<Zw7 z4
nou> سۈزۈك بۇلاق سۈيىنى تويماي ئىچەتتىم ،ئەتراپتىن كىلىىۋاتقان تۈرلۈك مىۋە-چىۋىلەرنىڭ خۇشبۇي ھىددىدىن تويماي بەھىر ئالاتتىم ،بۇلبۇل ،كاككۇك قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا جۆر بولۇپ ئاستا-ئاستا خىيال دىڭىزىغا غەرىق بولاتتىميۇ،يەنە ئاللىقاياقلاردىندۇ ئاڭلانغان دىھقان ناخشىسىدىن تىزلا ئۆزۈمگە قايتاتتىم.
(h%|;9tF ئاھ ئانا سەھرايىم !گۈزەل باغۇ -بوستانلارغا تولغان يىزام ،تۈمەنمىڭلىغان باتۇر قىز-يىگىتلەرنى ئۆستۈرگەن ئەزىز تۇپرىقىم ،مىنى چوڭ قىلىپ بىلىم بىرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ماكانىم .
E{?L= ^cU سىنىڭ مۇڭ باسقان سەھەردىكى نۇرلۇق سىمايىڭغا يۇشۇرۇنغان چەكسىز گۈزەللەكىڭنى مۇشۇ دەقىقىدە دەل مۇشۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمەن .
FW5*_%J لىكىن سىنىڭ بۇ گۈزەللەكىڭىنى ئىپادىلەشكە تىلىم يەنىلا ئاجىز،سىنىڭ ئىللىق مىھرىڭنى تەسۋىرلەشكە بۇ قەلىمىم يەنىلا قادىر بولالمايدۇ.چۈنكى سەن مىنىىڭ قەلبىمدىكى ئىيتىپ-ئىيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر داستان ،ئورۇنلاپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان سىمفونىيە،مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان ئۇلۇغ بىر ئىقىن...............................
[ بۇ يازما OMAKPARIXTA تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]