ۋاي-ۋۇي،نىمە دەيسىلەر؟قانداق گەپ باما، مەن ئەشۇنداق تۇلا كۆپ چۈش كۆرىمەن شۇ!نىمانداق تۇل خۇتۇندەك كۆپ سۆزلەيسىلەر.بولدى قىلىڭلار!قانداق قىلىمىز ،ئادەمنىڭ كاللىسىغا بەك تەسىر قىلغان ئىش چۇقۇم چۈشىدە پەيدا بۇلىدىكەن.شۇڭا مەن يەنە مىسىرانىمدىكى ئۇرۇشقاق سەتلەرنى چۈشەپ قاپتىمەن. <ھى...ھى ...ھا...ھا>بۇ قىتىم ئەرلەرنىلا كۆرمىدىم قىزلار ئارلاش چۈش كۆردۈم.
,!py
n<_ <*5D0q#~" ئەمدى ماڭا چۈشۈمنى دىگىلى قۇيۇڭلارچۇ ،تۇلا سۇئال سورىماڭلار جۇمۇ؟مەن دەۋىلىپ ئاستا غىپپىدە چىقىپ كىتىمەن.ئۇنىڭدىن كىيىن نىمە دىسەڭلار-ئارقامدىن دەيسىلەر . قانداق دىسەڭلار مەيلى جۇما باللا!
EX5kF BR%: `uiQ<
G`W+m*[U+M ئاخشام بەك پىچەت چۈش كۆرۈپتىمەن ،ماۋۇ مىسىرانىم باشلىقمۇ چۈشۈمگە ئارامىمنى بۇزۇپ قىسىلىپ كىرىۋاپتۇ دىسە. چۈشۈمگە كىرگەندىكىن چىرايلىق كىرسە نىمە بۇلىدۇ دەيمەن .مەن كۆتۈرۈشلۇك بولغاچقىمىكىن- بىلىمىدىم،ئىشقىلىپ دەردىنى مەندىن ئىلىپ مىنى بەكلا تەنقىدلەپ كەتتى. خۇددى ئوقۇتقۇچۇمدەكلا!
Gsh2 خەپ! دىدىم -ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىمدە.نىمەدەيدۇ :
4'8.f5 كۆڭۈل ئەتىدىن باشلاپ مۇنبەرگە كىرمەڭ ،نىمە ئۇ تاققا-تۇققا تىما يوللاپ!ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ پۇچەكلىكىنى دىمەيلا قۇياي،تىخى جىدەلخورلىقىڭىزچۇ !ئەلشىرمۇ سىزنى ماڭا تۇلىمۇ ماڭا چاقتى- خۇددى گازىر چاققاندەكلا.
e
O}mZN مەن بۇ مىسراننىڭ بىكاردىنلا ماڭا قاراپ ،تۈكۈركىنى چاچىرتىپ سۆزلەۋاتقان بومبىدەك ئاۋازىدىن سىلكىنىپ كەتتىم.ئاستا ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ باقاي دەپ ئۇرۇنۇپمۇ باقتىم:ۋاي بولدى قىلىڭە، باشلىق!ئەمدى قەتئي تۈزىتىمەن .ئەمدى مۇشۇ ئاۋارچىلىقلارنى -دەپ، يەنە جىددي يىغىن ئىچىپ ئولتۇرمايسىز.بۇلامدۇ؟شۇنداق يۇمشاق تەلەپپۇزدا سۆزلەۋاتسام ،ھېلىقى چىقىمچى ئەلىشىر خۇددى، جىن-ئالۋاستىدەكلا يىنىمدا شاپپىدە پەيدا بولدى.ئۇ ماڭا قاراپ قۇلىنى تەڭلەپ ئاغزى بىسىقماي سېغىزخاندەك سۆزلەپلا كەتتى.سەللا ئالدىمغا ئىڭىشسەم، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئىنچىكە بارمىقى ماۋۇ قاڭشارلىق بۇرنۇمغا كىرىپلا كىتەتتى.يەنىلا خەپ !سىنى ئەتە-ئۆگۈن مۇنبەردە بىر ئوخشۇتۇپ ئوبزور ئىلان قىلىپ ئاسماندەك يۈزۈڭ بولسىمۇ ، يەرگە بەش موچەنگە ئالغان رىگەتكەم بىلەن ئېتىپلا چۈشۈرۋەتمىسەم دەپ -ئىچىمدە غوتولداپ ھومىيىپ قويدۇم.ئۇ ماڭا قاراپ :
)T+htD) سىزچۇ!بەك مەنمەنچى!خۇددى بۇ مۇنبەردە سىزدەك ئادەم يوقتەكلا، خەققە تەنە ئىنكاسلا يازىسىز.ياكى بولمىسا قاملاشمىغان بىرنىمىلەرنى تىما قىلىپ يىزىپلا ،مۇنبەرنىڭ ئىچىنى ئەخلەت قىلىپ- دەيدۇ.بۇ گەپ ماڭا ،سەت تىككەتتى شۇنىڭ بىلەن،ئىككى قۇلۇمنى بىلىمگە تىرەپ تۇرۇپ مەنمۇ ھوجۈمغا ئۆتتۈم: ئۆزىڭىز قانچىلىك؟ماۋۇ ئۆزۈم قانچىلىك دىگەننى، سىز زادى نىمىشقا ئويلىمايسىز!دەپ- ئورۇنۇمدىن تۇرۇشۇمغا ،تاڭنۇر بىچارە نەدىن پەيدا بولدى بىلمىدىم :بولدى كۆڭۈل،بىز يەنىلا باشلىقلارغا بوي سۇنايلى دەيدۇ.ئا ئىككى باشلىقتىن ئالالمىغان دەردىمنى تاڭنۇردىنلا ئاپتىمەن.ئەمدى سىز قوپتىڭىزما؟دەپ شۇنداق قۇلۇمنى سىلكىۋىدىم،ماۋۇ ئىتتىك ئۇزۇن لەغمەندەك قۇلۇم بىكاردىنلا كونتوروللىقىنى يۇقۇتۇپ ،يىنىمىزدا سۈكۈت بىلەن گەپ تىڭشاپ تۇرغان تاتلىقىمنىڭ كۆزىگىلا تەگدى.مەن بولمىسا مۇنبەردە ئېغىر-بىسىق يۈرۈيدىغان تاتلىقمنى بەك ياقتۇراتتىم. بىچارە ئۇكامنىڭ ناھەق تاياق يەۋالغانلىقىدىن بەك ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى .جىنىم ئۇكام مەندىن ئۆتتى، ئەكىلىڭە كۆزىڭىزنى پۇۋلەپ قۇياي دەپ بىرلا پۇۋلەپ ساپتىمەن .تاتلىقىم 4-دوختۇرخانىدىكى بىماردەك، مىنى چۈچۈتۈپ يامان سەت قاقاھلاپ يۇقىرى بوم ئاۋازدا كۈلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن سۈزۈكئاي، شاتئاينى باشلاپ تەڭلا ئىككىسى قۇيۇندا قالغاندەك ماڭا قاراپ ئېتىلىپلا كەلدى .مەن بۇنداق شىر كەبىي كۈچلۈك قىزلارنى كۆمەپتىكەنمەن ،تۈگەشتىڭ كۆڭۈل دەپ -جايىمدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم .ئۇلار يۈگۈرۈشۈپ كىلىپ مىنى ئارانلا كەينىمگە ئىتتۈرۋەتتى.مەن ئۇلارنى مىنى ئاستىغا بىسىۋىلىپ تازا سالامىكىن دىگەنتىم ،بىراق ئۇلارمۇ ،تاتلىقمنىڭ كۈلكىسىگە قاراپ تورمۇزلۇنۇپ تۇرۇپ قالدى.جىمجىتلىقنى بۇزۇپ جانپۇلات بىلەن قېزغىنمۇ باشلىرىنى ،دېسكو چوپلانلىرىدەك ئۇياق-بۇياققا چايقىشىپ مۇشۇ كۆڭۈل بار يەردە ،ھەممە كۆڭۈل مانا مۇشۇنداق ئەسەبىيلىشىپ كىتىدۇ -دەپ قۇيۇپ جىممىدە تۇرىۋالدى . ئەلىشىرنىڭمۇ ۋات-ۋات زۇۋانى بىسىقتى.مۇسلىنە بىلەن دەقيانۇسمۇ پالا كۆزىنى بارمىقى بىلەن ئارانلا تۇسىۋالدى .مەن ئۇلارنىڭ بارمىقى ئارىسىدىن چىقىپ قالغان پالاكۆزىگە قاراپ، تاتلىقىمدەك كۈلۈپ سالغىلى تاسلا قىلىۋىدىم .كۆكنۇر خۇددي قارا ھەرىدەكلا ئۇچۇپ كىلىپ ئاغزىمنى ئىتىۋالدى.ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرگەن توغراق: نىمانداق بەتقىلىق سەن!دەپ يەنە كەينىگە نەچچىنى تىپىۋەتتى.مەن يەنىلا مۇڭسىرداشنىڭ تىلىنى چىقىرىپ ھاڭۋىقىپ قاراپ قالغان يىنىدىكى ، تاتلىقىمنى يىنىغا كەلدىم:تاتلىقىم ساراڭ بوپ قالدىمىكىن ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزما ؟دەپ تۇرۇشۇمغا،ماڭا تۇلىمۇ تۇنۇش ئاۋازدىن بىرى مىنى:ئۇخلاۋىتىپمۇ ئۆزىڭىزگە-ئۆزىڭىز سۆزلەيدىغان راستىنلا ،ساناتورىيەگە ئاپارغۇدەك ساراڭ بوپسىز دەيدۇ.ئۇنىڭ ماڭا قاراپ سۆزلەۋاتقان بۇ سەت ئاۋازىدىن سەسكىنىپ، ئاچچىغىم بىلەن شۇنداق كۆزۈمنىڭ بالىخانىسىنى ئىچىپ قارىسام، ئاكام يىنىمدا تۇرۇپ ماڭا قاراپ قاقاھلاپ كۈلۈۋىتىپتۇ.دەرھاللا ئۆزۈمنىڭ جۆيلۈپ سالغىنىمنى بىلدىم ۋە قاتتىق خىجالەت بوپ قىزىرىپ كەتتىم.ئاكام ماڭا قاراپ:سىڭلىم نىمە بولدى؟مۇشۇ كۈنلەردە بەك تۇلا جۆيلۈيسىز مىسىرانىم مۇنبىرىڭلاردا ئىش چىقتىما؟مەن ئاكامغا قاراپ تۇلىمۇ خىجىللىقتا :ياق ئاكا،ھەجەب سەت بولدى !شۇ مەن ئامراق مۇنبەر تاقىلىپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن مۇنبەر قاچان ئىچىلاركىن دەپ -مۇشۇ كومپىيوتۇر قېشىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.مەن ..مەن ..چۈش كۆرۈپتىمەن.....چۈشۈمدە مىسىرانىمدىكىلەرنى كۆرۈپ قاپتىمەن.
Kj>_XaFCg! بۇ گەپلەرنى ئۆيدىكىلەرگە قەتئي دىمەڭ ھە!
/kq~*s zC^Ib&gm>, مەنبە:كۆڭۈل.
OWkK]O 5VcYdu3