مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5603 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/10     Go
تېما: مۇھــەبـــبەت ، ســــەن ئـــۆل !
ھېسلىرىم
ماغدۇر كەلگەندە...
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 495
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 757
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە757دانە
ياخشى باھا: 225 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 6424 سوم
تۆھپىسى: 138 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 353(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-03 10:54 PM

1 مۇھــەبـــبەت ، ســــەن ئـــۆل !

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى سەھرا ئوغلى تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-09-05)
 مۇھەببەت ، سەن ئۆل !

ئا.ق.ئابدۇقادىرى



ـ مۇھەببەت ؟ ۋاي ئاداش ، سەندىن ئۆتۈنگەنمۇ بولاي ،بۇندىن كىيىن ماڭا بۇ توغرىلىق گەپنى قىلمىغىن ، ئىزىپ تىزىپ بولسىمۇ دەپ سالمىغىن ، ماقۇلمۇ ؟ ھە ، ئەمدى بولدى ، ھىچ ئىش يوق ، ئەمدى خاتىرجەم سورۇنىمىزنى داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ . ئاغىنىلەر ،خاپا بولمايسىلەر ،ئازراق چىچىلىپ سالدىم ، ھە ،قېنى ،ئاغىندارچىلىقىمىز ئۈچۈن خوشە !
ھەي .. ، بىر ئوبدان داۋاملىشىۋاتقان سورۇن ئىدى ، مېنىڭ مۇشۇ ئەسكى مىجەزىمنىزە . بايىقى ئاداش ، مۇشۇ سورۇندا يىڭى تونۇشقان بۇرادىرىمىز ئىدى ، مېنىڭ قىز بالىنىڭ گىپى چىقسا ئەرۋاھىم ئۇچىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ-دە. مەنمۇ بەك چەكتىن ئاشۇرىۋەتتىم . لىكىن ئاشۇ "مۇھەببەت" دىگەن يىرگىنىشلىك ئاتالغۇ تىلغا ئىلىنسا ، ئۆتمۈشتىكى بارلىق مۇھەببەت رەزىل كەچمىشلىرىم ، ئىچىنىشلىق كەچمىشلىرىم يادىمغا يىتىپ ،ئىچىم سىقىلىپ ، يۈرىگىمنى بىرسى چىڭڭىدە سىقىمدىغاندەك بىئارام بولۇپ ، ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ كىتىمەن ، ئاشۇ ئاتالغۇغا بولغان سەزگۈرلىگىم تولىمۇ كۈچلۈك .بايىقى يىڭى تونۇشقان بۇرادىرىم ماڭا :
ـ ئاداش ، سېنىڭ مۇھەببىتىڭ بارمۇ ؟ بايىدىن بىرى ھىچ قىز بالىنىڭ گىپىنى قىلغىنىڭنى ئاڭلاپ باقمىدىم ، مۇھەببىتىڭدىن قورقۇپ سورۇندىمۇ دىمەمسەن-يا؟ ـ، دىۋىدى ، نەدىن ئاچچىغىم كەلدى ، ئۇنىڭغا ئاشۇنداق قوپاللىق قىلىپ ئۇنى سىلكىشلىۋەتتىم . قايتا-قايتا ئىچىلگەن ھاراقلار ئەمدى تەسىر قىلىشقا باشلىدى . كۆزلىرىم بىر يۇمۇلۇپ بىر ئىچىلىپ كىتىپ باراتتى . ئەتراپقا دىققەت قىلىپ قارىسام ،باشقىلارنىڭ ھەممىسى بىر-ئىككىدىن بولۇپ يۈرەك سۆزلىرىنى يىنىدىكى دوستلىرىغا كۇسۇرلىشىپ سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى . پەقەت بايىقى مەندىن دەشنام يىگەن ئاداش ماڭا بىر قاراپ ، قولىدىكى رومكىغا بىر قاراپ ، تىخىچە بىر خىل ھەيران قالغان ھالەتتە تۇراتتى .ھەي ،بىكاردىن-بىكار بىر ئوبدان ئاداشقا ئازار بىرىپ قويدۇمدە . مەن ئۇنىڭ يىنىغا ئاستا سۈرۈلۈپ بىرىپ ئۇنىڭغا بوش ئاۋازدا كەچۈرۈپ سورىدىم :
ـ ئاداش ، پەقەت خاپا بولما ، بايا ساڭا بىكار ئاچچىغلاپ سالدىم ، مېنىڭ سەل ئەسكى خۇيۇم بار ، توغرا چۈشەنگىن ..
ـ ياق ،ئاداش ، - ئۇ سەمىمىي ھالدا جاۋاب قايتۇردى، - ھىچ ئىش يوق ، مەنمۇ بىلمەيلا سىنىڭ يىغىرىڭغا تىگىدىغان گەپنى دەپ سالدىم ، سەنمۇ خاپا بولما ھە ؟
ـ ياقەي ، ئۇنداق بولمايدۇ .
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىردەمدە ئىجەكىشىپ قالدۇق ، ئەمدى ئوغۇلدارچىلىقتا بەزىدە بۇنداق ئىشلار بولۇپ قالىدۇ ، كىچىكلىك قىلىپ توغرا چۈشەنمىسەڭ ئىشنىڭ چاتىغى شۇ ...
بىر چاغلاردا ئۆزۈممۇ تۇيماي ئۇخلاپ قاپتىمەن ، ئاغىنىلەردىن بىرى مىنى تۈرتۈپ ئويغاتتى . بىز ھىساباتنى قىلىپ بۇ نىجىس جايدىن ئايرىلدۇق . سىرتقا چىقساق قاتتىق قار يىغىۋاتاتتى ، ئەمما مەستچىلىكتىنمۇ سوغۇقنى ئانچىكىم ھېس قىلمىدىم . سائەت ئىككىدىن ئاشقان ئىدى ، مۇشۇنداق ئاۋات شەھەردىمۇ كەچتە سىرتتا ئادەم قالمايدىكەن دىسە . بىز يىقىن ئەتراپتىكى بىر مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇق . ياتاققا كىرىپلا ، قولاشمىغان ھەرىكەتلىرىم بىەن كىيىملىرىمىنى ئاران سېلىپ ،يوتقانغا كىردىم ، شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ قاتتىق توڭلاپ كەتكىنىمنى ھېس قىلىپ ، يوتقانغا چىڭ پۈركىنىۋالدىم .
ئەتىسى قوپقان چىغىمدا ۋاقىتمۇ بىريەرگە بىرىپ قالغانىدى ، باش دىگەن بولقا بىلەن ئۇرۇپ چىقىۋاتقاندەك ئاغرىۋاتىدۇ ، ئاشقازان بىرى تۇز سۈيى قۇيغاندەك ئىچىشىپ كىتىپ بارىدۇ ، مىڭ تەسلىكتە ئاشقازان دورامدىن بىر تال ئىچىپ سەل ئەسلىگە كەلگەنمۇ بولدۇم . ئاشقازىنىمنىڭ ئاغرىقى تۇرۇپ ، ئۆزۈمنى چاغلىماي ئىچكەندىن "تويە" دىمەكتىن باشقا ئامال يوق . مۇشۇنداق چاغلاردا ، بىراقلا ئۆلۈپلا ھەممە غەم-غۇسسىدىن قۇتۇلغۇم كېلىدۇ ، ئەمما ئۆلمەك ئۇنداق ئاسان ئەمەستە ، ئاتا-ئانا بىر ياندا قاراپ تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئۆلۈم تولىمۇ ھاقارەتلىك ئۆلۈم ھىسابلىنىدۇ ، ھەممە مىنى قارغايدۇ خالاس ..
مەن ئۆزۈمنى بۇنداق تاشلىۋەتكىلى بىر يىلدىن ئاشتى، ئىلگىرى مەن ئۆزۈمنى مۇھەببەت جەھەتتىن خېلى تەجرىبىلىك ، ھەرخىل سىناقلارغا ، ئازابلارغا بەرداشلىق بىرەلەيمەن دەپ ئويلايتتىم ، ھەمدە ھەرقانداق ئىشنى ھەل قىلالايمەن ، دەپ ئۆزۈمگە بەك ئىشىنەتتىم . لىكىن ، ئۇدا يۈز بەرگەن مۇھەببەت تىراگىدىيەلىرى مېنىڭ جىنىمنى ئېلىپ بىر قويدى ، ئۆزۈمنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا تۈگىشىپ كىتىدىغانلىقىمنى ئويلاپ يىتەلمىدىم ، ھەم ھەيران قالدىم . شۇ ئىشلاردىن كىيىن ، قىزلارنىڭ مۇھەببىتى ماڭا شۇنچىلىك ساختا ،سۈنئىي ، بىمەنە ، ھەتتا ئالدامچى ھىسىياتتەك بىلىنىشكە باشلىدى . شۇڭا ، "مۇھەببەت"ئۇقۇمىغا قارىتا سەزگۈرلىگىم ئىشىپ كەتسە كېرەك . ئەتراپتىكى ساۋاقداش-دوستلىرىممۇ ماڭا خېلى كۆپ نەسىھەت قىلىپ باقتى ، ئەمما ئۈنىمى بولماي مېنىڭ ئالدىمدا ئۇ خىل پاراڭنى قىلماس بولدى . ئەتراپتىكى نۇرغۇنلىغان قىز بالا دوستلىرىممۇ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى . مەندەك بۇ خىل ئەسكى مىجەزى بارلارغا ، قارىغاندا قىزلارمۇ يىقىن كىلىشنى خالىمىسا كېرەك .شۇنىڭ بىلەن ، مەكتەپتە تونۇش قىزلار مىنى كۆرسە "سەپرا كەلدى" دىيىشىدىغان بولۇشتى ، شۇنداق قىلىپ بىر ئوبدان "ئالىم"دىگەن ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا "سەپرا"دىگەن لەقەم قوشۇلۇپ "ئالىم سەپرا"دەپ ئاتىلىپ قالدىم. ئەمما مىنى چۈشىنىدىغان ئاغىنىلىرىم مىنى ئۇنداق چاقىرمايتتى . ئوغۇل بالا ھىچ بولمىغاندا يەنىلا ئوغۇل بالىنى چۈشىنىدۇ-دە ...
مەكتەپتە قايتىپ كەلدىم ،مەكتەپ يەنىلا ئىللىق بىلىنىدۇ ماڭا ،گەرچە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۆز ئۆيگە يەتمىسىمۇ ،بىراق ،دەماللىققا كىشنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ ، ئازادە ھېس قىلدۇرىدۇ . نەگە قارىساڭ ئوقۇغۇچى ، ئوقۇتقۇچى ،ھەممىسى تونۇش ئادەمدەكلا . بولۇپمۇ مەكتەپ ماڭا نىسبەتەن جەمىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن بىراقلا يورۇقلۇققا چىققاندەك ، شۇنداق ئەركىن تەبىئي تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ قايسى بىرى"چاڭقىغان دىللىرىڭغا ،پەقەت بىلىم يۇرتىلا ئۇسسۇزلۇق بىرەلەيدۇ"دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئىيتىپتىكەن . مۇشۇنداق ئالىي بىلىم يۇرتىدىمۇ مەن يەنىلا ئەسكى خۇيلىرىمنى تاشلىيالمىدىم ، ھاراق-تاماكا ھامان ماڭا ھەمراھ ، بەزىدە مۇشۇ ماددىي زەھەرلەر ماڭا ئارام بىرىدۇ ،"تەننىڭ ئارامى ، دىلنىڭ ھوزۇرى ، يۈرەكنى داۋاسى كەيىپ " بۇ ئاللىبۇرۇن مېنىڭ تۇرمۇش مىزانىم بولۇپ قالغانىدى .
ياتاققا كىرىپ ، يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇپ ، كارىۋاتقا چىقىپ يەنە شۇ تۈگىمەس خىيال دۇنياسىغا ئۆزۈمنى ئاتاي دىيىشىمگە ،يانفۇنۇم سايراپ قالدى ، شۇنداق قارىسام ئادىشىم نەزەردىن كەپتۇ ،سالام بىلەن ئالدىم:
ـ ۋەي ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .
ـ ھە تىلفۇن قىلىپ قاپسەنغۇ ؟
ـ تىلفۇن قىلسام بولمامتى ؟ تۈنۈگۈن نەگە بارغانتىڭلار ؟ ئاپاڭ ماڭا تىلفۇن قىلىپتىكەن ، ساڭا تىلفۇن قىلسا ئالماپسەن ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا تىلفۇن قىلىپ سىنى سورىدى ، شۇنداق ئالدىراشمىدىڭ ؟
ـ باشقىمۇ ئىش يوق ، شۇ ئاغىنىلەر بىلەن ئازراق ئىچىشىپ ..
ـ يەنە ئىچتىڭما ؟ ئاخىرى ئىچىۋىرىپ ئۆلىدىغان بولدۇڭ جۇمۇ سەن گۇي !، - ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىنى تولا ئاڭلاپ كۆنۈپمۇ كەتكەن ئىدىم ، بىرنى ھىجيىۋىتىپ چاقچاق قىلىپ جاۋاب قايتۇردۇم :
ـ قانداق قىلىمىز ئاداش ئەمدى ، ماۋۇ يۈرىكىمىزدىن توختىماي قان چىقسا ئۆلۈپ قالارمىزمىكىن دەپ ئاز-تولا ئامالىنى قىلدۇق شۇ .
ـ ئىشقىلىپ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ساڭا قىلغان گەپلىرىمنى ئىتقا دىسەممۇ ئۆزگىرەپ ئادەمگە ئايلىنىپ قالاتتى ، ساڭا دىگەنسىرى سەن ...
ـ ۋاي بولدى قىلە ئاداش ، كۆنگەي خۇي ،ئۆزى ئۆزگەرمىسە ھىچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ ، كىم مىنى بۇنداق بىچارە بولسۇن دەپتۇ . مەن ھازىرلا ئاپامغا تىلفۇن قىلاي ، كىيىن ئالاقىلىشىلى ئەمسە .
ـ ماقۇل ، ئەمسە دىققەت قىلارسەن ،خوش ئەمسە .
ـ خوش .
شۇ ھامانلا ئاپامغا تىلفۇن قىلىپ ، يالغاندىن بىرنى توقۇپلا ئاپامنى خاتىرجەم قىلىپ قويدۇم ، مۇشۇ ئانىمۇ بالىسىغا پىشكەللىك كەلسە كۆڭلى تۇيۇپ تۇرىدۇ جۇمۇ .ھىلىمۇ نەزەر ئاپامنى مەندىن بۇرۇن ياخشى گەپلەرنى قىلىپ خاتىرجەم قىلىپ قويۇپتىكەن ، ئەسلى نىمە ئىش قىلغىنىمنى ئۇقسا ئاپام نىمە بولۇپ كىتەركىن ..
نەزەر مېنىڭ باشلانغۇچتىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئەڭ يىقىن ئاغىنەم ، ئىككىمىز تەڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىنى بىرىپ باشقا-باشقا مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇق . نەزەر ماڭا قارىغاندا خېلىلا ئىغىر-بىسىق ، ھەر ئىشنى ئويلىنىپ قىلاتتى ، ئۆزىمۇ شۇنداق كەمتەر ،چىقىشقاق .ئۇنىڭغا تولۇقسىز-تولۇقتا نۇرغۇن قىزلارنىڭ كۆزى چۈشكەن ئىدى ، بىراق ھەممىسىنى چىرايلىق رەت قىلدى . ئۇ دائىم "ئالىي مەكتەپكە چىققاندا بىر گەپ بولسۇن "دەيتتى .ئۇنىڭ مەكتەپتىلا ئەمەس ،مەھەللە-جەمىيەتتىمۇ خېلى ھۆرمىتى بار ئىدى ، ئىشقىلىپ ئۇ ياخشى ئاغىنەملا ئەمەس ، ياخشى ئۈلگەم بولۇشقىمۇ يارايتتى . ئۇنىڭ قاملاشقان بەدىنى ۋە چىرايىمۇ خېلى مەن-مەن دىگەن قىزلارنى قىزىقتۇرۇپ قوياتتى ، ئۇنىڭ بىلەن ئاغىنە بولغاچقىمۇ مىجەزىممۇ ئۇنى ئاز-تولا تارتقان ئىدى ، ئەمما مۇشۇ مۇھەببەت جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتلىرىم مېنىڭ مىجەزىمنى ئۆزگەرتىپ قويدى . نەزەر ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ دىگىنىدەك ناھايىتى ياخشى قىزدىن بىرنى تاپتى ، ھازىر ئىككىسى شۇنداق بەختلىك يۈرىۋاتىدۇ ، ھەممىسى ئۇنىڭغا ھەۋەستە . ئۇنىڭ دوستى بولغانلىقىمدىن بەزىدە شۇنداق پەخىرلىنىپ قالىمەن . مەن شۇنداق چۈشكۈنلىشىپ ، ئەھۋالىم خاراپلاشقان ۋاقىتلاردىمۇ مىنى قەتئىي تاشلاپ قويمىدى ، بەلكى ماڭا روھىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئىزچىل ياردەم بىرىپ كەلدى ، ئەپسۇس ، ئۇنىڭ ئويلىغان يىرىدىن چىقالمىدىم ، بۇنىڭغا ناھايىتى ئۆكۈنىمەن ..
مەۋسۇم ئاخىرىغىمۇ ئاز قاپتۇ ، سەل مىدىراپ قويمىسام ، بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىقلارغا قالىمەن ، ئادەتتە ئۆزۈمنى تاشلىۋىتىپ يۈرگىنىم بىلەن ، دەرسكە كەلگەندە خېلى ئىرادەم بار ،ئىمتىھان يىقىنلاشقاندا ، كۈچەپ بىر تەكرار قىلىمەن-دە شۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى ئەپ قويىمەن . سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ ھەيران قالىدۇ بۇنىڭغا .
شۇنداق قىلىپ ، ياتاقتا ئولتۇرۇپ تەكرار قىلىشقا باشلىدىم ،كەچكە يىقىن قورسىقىم كوركىراپ ئېچىپ كەتتى ، مەكتەپ ئاشخانىسىغا قاراپ ماڭدىم . قار تىخىچە لەپىلدەپ يىغىۋاتاتتى . بۇرۇنقى چاغلاردا قار ياغسا شۇنداق خۇش بولۇپ كىتەتتىم ، ئەمما ... ھازىر ئاشۇ قارغىمۇ ئاچچىغىم كىلىدىغان بولۇپ قالدى ، نىمىشقا ؟ شۇ مۇھەببەتنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئاچچىق ئەسلىمىلىرى تۈپەيلى .
مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماقنىڭ تۈرى كۆپ ئەمەس ، لەغمەن تىزرەك چىقىدۇ دەپ ئۆچىرەتنىڭ كەينىگە بىرىپ تۇرىشىمغا بىر قىزنىڭ ھودۇققان پىتى ماڭا قاراپ :
ـ بۇ مېنىڭ ئورنۇم ئىدى ، بايا دوستۇمغا گەپ قىلىمەن دەپ .. ، شۇڭا خاپا بولمىسڭىز ئۆچىرەتتى تۇرامسىز ؟ـ دىگىنىنى ئاڭلىدىم . بۇنى ئاڭلاپ نەدىن خۇيۇم تۇتتى ، ئۆچىرەتتىمۇ تۇرۇش ئىغىر كېلىپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتىم -دە ، مەكتەپ سىرتىدىكى ئاشخانىلارنى كۆزلەپ يۈرۈپ كەتتىم .
نىمە ئامال ، خۇيۇم شۇنداق ناچار ، بەزىدە باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغانلىرىمدىن ئۆكۈنۈپمۇ قالىمەن . ھەي ئۆتمۈش ...مىنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى . مىنى "ئوسال بالىكەن" دەپمۇ قالماڭ ، مەنمۇ ئەسلى شۇنداق خۇشچاقچاق ، كۈلگۈنچەك بالا ئىدىم . تولۇقتىكى چاغلىرىمىزدا كەپسىزلىك قىلىپ دەرسنى دەرس قىلمايتتىم ، ئوقۇتقۇچىلار قاقشاپ كىتەتتى ، بالىلارمۇ ماڭا شۇنداق ئامراق ئىدى ، قىزلار مىنى كۆرسە بىر ھەجۋىي قونچاقنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ سالاتتى. ھەي ئۆتمۈش ، ماڭا بەرگەن سوۋغىتىڭ بەك "كاتتا" بولۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟ ئۆتكەندە قايسى بىر ئاداش ئالدىمغا كېلىپ "ئاداش ، مۇشۇنداق ئۆتىۋەرسەڭ ، كەلگۈسىڭدىن غەم يىمەمسەن ؟"دەيدۇ ، بۇ گەپنى تازا چۈشىنەلمەي ياندۇرۇپ سورىدىم ، ئۇ "ئەمدى دەيمىنا ، مۇشۇ غەيرى مىجەزىڭ بىلەن كىيىن توي قىلىشىڭمۇ تەس بوپ قالامدىكى دەيمەن... "دەيدۇ ، "ۋاي-ۋاي ، قىلىدىغان ئىش تاپالماي مېنىڭ ئىشلىرىمغا ئارىلىشىپ نىمە كەپتۇ ھەرقايسىڭغا ؟ "دەپ قوپاللىق قىلدىم ، ئۇ ئاداشمۇ گەپ-سۆزسىز كىتىپ قالدى . بەزىدە تۇرۇپ ئاشۇ ئاداشنىڭ ئاشۇ گىپىنى ئويلىنىپ قالاتتىم ، راست ، مەن مۇشۇ پىتى ئۆتىۋەرسەم ،نەچچە يىلدىن كىيىن مەكتەپنى پۈتتۈرسەم ، بىرەرسى بىلەن تۇرمۇش قۇراي دىسەممۇ ، بۇ مىجەزىمنى ئۇقسا قايسى قىز ئۇنايدۇ دەيسىز ؟ بۇ ئىشلارنى يەنىلا كىيىنگە قويدۇم ،بۇنى ئويلاشقا تىخى بالدۇر مەنچە .
توۋا ، مۇشۇ ئۈرۈمچىدە قىش دىگەن ئاجايىپ سوغۇق بولىدۇ جۇمۇ ، يۇرتتىكى بۇ شەھەرگە كېلىپ باقمىغانلار بىزدىن ئۈرۈمچى توغرىلىق سوراپ قالسا ،بىز قەستەن ئاشۇرۇپ " ۋاي ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇقىغا گەپ قىلماڭ ، يەرگە تۈكۈرسەك ، يەرگە چۈشكىچە مۇز بولۇپ توككىدە چۈشىدۇ " دەپ ھەيران قالدۇرىۋىتىمىز .
ئىمتىھانلارنى بىر قۇر تۈگىتىپ ، مىڭىشقا تەرەددۇت قىلدۇق . مىڭىشقا ئىككى كۈن قالغاندا ، بالىلارغا "بىرىپ ئىچىپ كىلەيلى "دىسەم ، نەزەر ۋە باشقا ئىككى-ئۈچ ئاغىنىمىز ئۇنىمىدى . شۇنداق قىلىپ تاماق ۋاقتى بولغۇچە تورخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق . توردا ئۇ-بۇ كىچىك ئويۇنلارنى ئويناپ زىرىكتىم ، نەزەرگە قارىسام ، ھەدەپ مۇھابىتى بىلەن چ چ دا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى . بۇ ئىككىسىنى پارىڭىغا بىردەم دىققەت قىلىپ تۇرسام ،نەزەر قايسى بىر مۇنبەردىكى بىر ھېكايىنى مۇھەببىتىگە ئەۋەتىپ بەردى ، نەزەر ھەرقىتىم تورغا چىقسا ، چ چ سىنى ئېچىپ قويۇپ ، ئاللىقانداق مۇنبەرلەرگە كىرىپ بىرنىمىلەرنى ئوقۇپ كىتەتتى ، تىخى تەسىر قىلىپ كەتكەن ئەسەر-تىمىلىرى بولسا ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كىتەتتى ، مېنىڭ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ تۇرغىنىمنى ئۇ سەزگەن بولسا كېرەك ،ئۇ :
ـ ئاداش ، ماۋۇ مۇنبەرگە كىرە ،بەك ئوبدان ئەسەرلەر بار ،ھېكايە-پوۋىسىت دىگەن نۇرغۇن، بايىدىن ياكى گۈلبەرگە (ئۇنىڭ مۇھەببىتى) نەچچە ياخشى تىمىلارنىڭ ئادرىسىنى ئەۋەتىپ بەردىم ، سەنمۇ ئوقۇپ باقامسەن ؟ـ دەپ سورىدى .
ـ ۋاي بولدى قىلە ،ـ ماڭا خۇشياقماي بىراقلا رەت قىلىۋەتتىم ،ـ قايسى زامان بۇ ھېكايە ئوقۇپ يۈرىيدىغان ،ماۋۇ مەن ئويناۋاتقان تور ئويۇنىنى بىللە ئوينايلى ، قىزىقىپلا قالىسەن .
ـ مەن قەتئىي قىزىقمايمەن ،موچەن پايدىسى يوق ، تىخى ئاتايىتەن پۇل تۆلەپ كىرىپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلىپ .. ،سىپى ئۆزىدىن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ، بولدى ، ئۆزۈڭ ئوينا .
ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي بايىدىن بىرى ئويناۋاتقان ئويۇنۇمغا كىرىشىپ كەتتىم . توۋا ، دىسەم ھەيران قالىسىلەر ، چ چ رىمدا نەۋرە ئاچام ۋە بىرنەچچە قىز بالا ساۋاقدىشىمنىڭ چ چ سىدىن باشقا قىز بالىنىڭ چ چ سى يوق ، ئاشۇ "كىسىلىم" مۇشۇ چ چ غىمۇ ئارام بەرمىدى دىسە .
تورخانىدىن چىقىپ ، نەزەر مەن سىلەرنى بىر يەرگە ئاپىراي دەپ تاكسى توستى . بالىلار نەچچە تاكسىغا بۆلۈنۈپ يەنئەن يولىدىكى بىر خېلى نامى بار يىڭى ئىچىلغان ئاشخانىغا باردۇق . بىز ئايرىمخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن ، تولۇقتىكى ساۋاقدىشىمىز شۇنداقلا ھازىرقى يىقىن بۇرادىرىمىز شىرئەلى ئاۋۋال سۆز ئاچتى :
ـ بالىلار ، بۈگۈن كۆڭلۈڭلار نىمە تارتسا شۇنى خاتىرجەم بۇيرىتىڭلار ، بۈگۈن مەن مىھمان قىلىمەن .
ـ ۋاي ، سىنى قارا بىسىپ قالمىغاندۇ شىرئەلى ؟ - مەن قەستەن چاقچاق قىلىپ سورىدىم ، - سەندىنمۇ ئاز-تولا ئەھۋال بولىدىغان چاغلار بولىدىكەن ھە ؟
ـ ئاندا سىسىق گەپ قىلماڭلار دەيمەن ، بۇ ئاشخانىنى مېنىڭ نەۋرە ئاكام يىڭى ئاچتى ، ئۇ دوستلىرىڭنى بىرەر كۈنىسى ئەكەل ، مېھمان قىلىپ قوياي دىگەن ، شۇڭا ..
ـ شۇڭا قورقماي دەپتىكەنسەن-دە بايامقى گەپنى ، مەن تىخى شىرئەلى قىزىتىپ قالغان بولسا بىر قويىلى دەپتىمەن ..
بالىلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى ، مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ چاقچاق قىلدىم :
ـ بوپتۇ ئاداش، نەۋرە ئاكاڭنىڭ ئاشخانىسى بولسا ، سىنى بەك قويۇۋەتمەيلى ، بىكار تاماق يەپ بولغاندا ، ئاكاڭنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلىپ قامچا يەپ كەتمە ،قان قۇسساڭ بىزدە دورا يوق جۇمۇ !
ـ سىنىڭ مۇشۇ ئاغزىڭنىزە ئالىم ،شۇنداق دىگىنىڭگە بۈگۈن سىنى بىر تويغۇزىۋەتمەيدىغان بولسام ، ئەمسە تاماق بۇيرۇڭلار بالىلار .
ـ سىنىڭ كۆڭلۈڭ ئاداش ، سەن ئۆزۈڭ بىلىپ بۇيرۇپ بىرەرسەن .
شىرئەلى باش لىڭشىتىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى . نەزەر ئۇ چىقىپ كىتىشىغىلا نەزەر مەنىلىك قاراپ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ دىدى :
ـ خاتىرجەم بول ، بۈگۈن تارتىلىدىغىنى شىرئەلى ئەمەس ، بەلكى سەن . قىچىپ كەتمەي تۇر بۈگۈن .
ـ ئوھ ! - مەن سەل ھەيران بولۇپ سورىدىم ، - مىنى قانداق جازاغا تارتىسىلەر ؟ سەۋەبى نىمە ؟
ـ چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، ئاۋۋال تاماق يەپ بولۇپ ھەممەيلەننىڭ ساڭا دەيدىغان گىپى بار .
ھەقىچان دىسەم دىمىسەن يەنە شۇ نەسىھەتنىڭ گىپى ، بۇ سورۇندىكى ھەممىسىنىڭ ئالدىدا مىنى چاندۇرىدىغان بولدى-دە .
سەرخىل تاماقلار چىقىپ بولغاندىن كىيىن مەن چاقچاقنى يەنە باشلىدىم :
ـ ئاپلا شىرئەلى ، بىزنى سەمرىۋىتىدىغان بولدۇڭ دە ؟ بىزغۇ مەيلى ، نەزەر تىخىمۇ سەمرىپ ئىشتىنى پاتماي قالىدىغان بولدى .
ـ مىنى سىمىز دىمەيدۇ ، بۇنداق ياخشى تاماقلار ئۈچۈن سەمرىش مەسىلىسى ھىچ گەپ ئەمەس ، - نەزەر قىزىرىپ كىتىپ چاقچاق بىلەن جاۋاب قايتۇردى . شىرئەلىمۇ بوش كەلمىدى :
ـ ھەي ئالىم ، سەن بۈگۈنمۇ چىشىڭنى چوتكىلىماپسەندە ؟ بولدى ، چاقچاقمۇ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، تاماقمۇ سوۋۇپ قالمىسۇن ، ھە قېنى ، تاماققا بىقىڭلار .
بىز تولا تۈزۈت قىلىشمايلا ئىشتىھا بىلەن تاماققا باقتۇق . بۇنچە كۆپ بالىلار بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يىسەكمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولىدىكەن ، ئەگەردە ھاراق ئىچكەن بولساق بۇنداق كەيپىياتنىڭ بولمىقى تەس ئىدى ،تىخى بىرەرسى مەس بولۇپ جىدەل چىقارسا كەيپىيات نۆل بولۇپ كىتىدىغان گەپ . مەن دائىم بىرىپ كۆرىنىدىغان مۇرات دوختۇر تىخى ئۆتكەندە بىر قىتىم كۆرۈنگىنىمدە ماڭا ئاچچىغلاپ :
ـ ئالىمجان ، مەن ساڭا تولا دەپ كەتتىم ، ئۆزۈڭگىمۇ ئىچىڭ ئاغرىمايدىكەن ، ئاشقازان يارىسى بار ئادەم دىگەن ئۆزىنى ئاياپ ،ياخشى كۈتۈنسە توغرا بولاتتى ، ساڭا شۇنچە دىسەم ئاڭلىمىدىڭ ، مۇشۇنداق ئىچىۋىرىدىغان بولساڭ ئاخىر بىركۈنى كىسىلىڭ تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ ئىغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ،يەنە ھاراق ئىچىپ ئاشقازىنىڭ ئاغرىسا ئەمدى قىشىمغا كەلگۈچى بولما ،ـ دىگەنىدى . ئاشۇ چاغدا شۇنداق ئاچچىغىم كەلگەنىدى ، ئىچسەم ئۇنىڭ پۇلىغا ئېلىپ ئىچمىسەم يا ؟ شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ قىشىغىمۇ بارماس بولدۇم ، يىنىمدىن دائىم ئاشقازان دورىسى ئايرىماي ، ئاشقازىنىم ئاغرىغان ھامان دورا ئىچىدىغان بولدۇم . ھەي .. ئاشۇ دوختۇرمۇ ماڭا ياخشى بولسۇن دەيدۇ دە ...
تاماقلاردىن تويغۇچە يەپ بىكار بولدۇق ، شىرئەلى يەنە تاماق سىڭدۈرىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئەكىردى . نەزەر بىر پەس جىمجىتلىقتىن كىيىن سۆزىنى باشلىدى :
ـ ئالىم ، ئاداش ، بۈگۈن ھەممەيلەن شۇنداق ئوبدان يىغىلىپ قاپتۇق ، بۈگۈنكى مەقسەت ، بىرگە بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش ، يەنە بىرسى سەن بىلەن باشتىن-ئاخىر ئەھۋاللاشماقچى . سىنىڭ ئەھۋالىڭنى ئارىدا پەقەت مەنلا بىر قەدەر تولۇقراق ئۇقىمەن ،سىنى ھەممىدىن مەن بەكرەك چۈشىنىمەن ، سەن مۇشۇنداق ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتكىلى بىر يىلدىن ئاشتى ، ساڭا بەك كۆپ تەربىيە قىلىپ كەتتۇق ، ئاڭلىمىدىڭ ،بالىلار نىمىشقا سىنىڭ بۇنداق بولۇپ كىتىشىڭنىڭ سەۋەبىنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيدۇ ، ھەممىسى مەندىن تولا سوراپ كەتتى ، شۇڭا مەن دەپ بەرگەندىن ئۆزۈڭ بىر باشتىن تولۇق مۇشۇ يەردە بالىلارغا سۆزلەپ بەرگىن ، ئارىمىزدا ناتونۇش بالىلار يوق ، شۇڭا دەردىڭنى بىزگە دەپ بەرسەڭ ئىچىڭ بوشاپ ، ئەسلىڭگە كېلىشىڭگە ياردىمى بار ،بۈگۈن تەلىپىمىزنى رەت قىلساڭ بولمايدۇ ،ياق دىمە ھە .
ـ مەن ...
تۇرۇپلا قالدىم ، بالىلارنىڭ ماڭا مۇشۇنچىلىك كۆيۈنۈپ قىلغانلىقىدىن ناھايىتى سۆيۈندۈن ، بىر پەس ئىككىلىنىشتىن كىيىن ، يەنىلا سۆزلەپ بىرىشنى توغرا تاپتىم ، بەلكىم شۇ ئارقىلىق دەردلىرىممۇ يەڭگىللەپ قالار ..
ـ ئەمسە مەن دەپ بىرەي ، كۆڭلۈڭلارنى يەردە قويماي .
ـ ھە ، ئەمدى ئوبدان بولدى ، ئەمسى قۇلىقىمىز سەندە .
مەن بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن ، ئاتالمىش ئۆتمۈشلىرىمنى سۆزلەشكە باشلىدىم ...

... بۇنى يەنىلا تولۇقتىكى چاغلىرىمىزدىن تارتىپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ ، تولۇق 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ، شوخلۇق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، بىز بىلەن بىر قاراردىكى باشقا سىنىپلىق بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ،ئەۋەتتە تاساددىپىيلىقتە . بىركۈنى مەكتەپنىڭ ماگزىنىدىن بىرنەرسە ئېلىپ چىقىۋاتقىنىمدا بىر قىز بىلەن سوقۇشۇپ كەتتىم ، قولۇمدىكى نەرسىلەر يەرگە چۈشۈپ كەتتى ،بۇنداق ئىشلار ئادەتتە بولۇپ تۇرىدىغۇ ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغا بىر قارىۋىتىپ ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن نەرسىلەرنى تىرىۋاتسام ، ئۇ قىز تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى ، مەن ھەيران بولۇپ ئۇ قىزغا بىر قۇر قاراپ چىقتىم ، ھىچبىر كاللىسىدا چاتاق بار ئادەمگە ئوخشىمايتتى ، مەن نەرسىلەرنى تېرىپ بولۇپ يولۇمغا ماڭدىم ، كەينىمگە شۇنداق بىر قارىشىمغا ، ئۇ قىزمۇ ماڭا قاراپ تۇرغانىكەن ، مېنىڭ قايرىلىپ قارىغىنىمنى كۆرۈپ دەرھال ماگزىن ئىچىگە كىرىپ كەتتى . "سەل كاللىسىنىڭ ۋىنتىسى كەم قىز ئوخشايدۇ"دەپ ئويلاپ سىنىپقا كىرىپ كەتتىم . بىر چاغدا بىزنىڭ سىنىپلىق رائىلە چاقىرىدۇ ، قىشىغا بارسام مەندىن :
ـ بايام بىرسى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەنمىدىڭ ؟ ئاۋۇ پەستىكى ماگزىننىڭ ئالدىدا ؟ـ دەپ سورىدى .
ـ ھەئە ، - مەن ئەجەبلىنىپ سورىدىم ، - قانداق دەيسەن؟ سەن قانداق بىلدىڭ ؟
ئۇمۇ كىسىلى تۇتقاندەك تۇيۇقسىزلا كۈلۈپ كەتتى ۋە ماڭا قاراپ كۈلگىنىچە :
ـ ئۇ قىز مېنىڭ دوستۇم ،مەن ئۇنىڭغا سىنىڭ گەپلىرىڭنى قىلىپ بەرگەن ، ئۇ بەلكىم سىنىڭ ھەجۋىي چىرايىڭغا قاراپ كۈلۈپ كەتكەن بولسا كېرەك ، ھاھا ...
ـ نەدىكى تونۇمايدىغان خەققە مېنىڭ ئىشلىرىمنى دەپ بىرىپ يۈرىيدىكەنسەن ، - ئۇنىڭدىن سەل ئاغرىندىم ،ـ قىلمايدىغان ئىشىڭ يوقكەن ، ئەمدى ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرمە !
ـ ۋاي خاپا بولما ئالىم ، سىنىڭ ياخشى گىپىڭنى ،قىزىقارلىق ئىشلىرىڭنى دەپ بەردىم خالاس .
ئۇنىڭغا گەپمۇ قايتۇرماي ئورنۇمغا كەتتىم ، مېنىڭ چىرايىم ھەجۋىيمۇ ئەمەسمۇ ، خەقنىڭ نىمە كارى دەيمەن..،ئاجايىپ ئادەملەر باردە ، رائىلە تۈپەيلى ئەمدى مىنى كىم كۆرسە كۈلۈپ كىتىدىغان بولدى-دە ..
شۇ كۈنى قىرىشقاندەك ۋىلىسپىتىم بۇزۇلۇپ قىلىپ ،ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم ، بىكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرسام ،ھىلىق مىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتكەن قىزمۇ كېلىپ ئاپتوبۇس ساقلاشقا باشلىدى. مىنى كۆرۈپلا ئەندىكىپ باشقا ياققا قارىۋالدى ، "مازاق قىلىشنى قىلىپ بولۇپ ، ئەمدى باشقا ياققا قارىۋالغىنىنى"دەپ ئويلاپ ئېرەنشىپ كەتمىدىم . قىزىقارلىقى ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئاپتوبۇسقا چىقىپ قالدىم ، ئاپتوبۇستا ئورۇن ئىزدەۋاتسام ، ئۇ قىز ئاللىبۇرۇن بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ بولغانىكەن ، يىنىدا بىر ئورۇن بىكار ، "نىمە كارىم؟"دەپلا يىنىغا بىرىپلا ئولتۇردۇم . ئەتىگەن يۈز بەرگەن ئىش يادىمغا يىتىپ ئۇ قىزدىن سورىدىم :
ـ سىز ئەتىگەنكى قىز شۇغۇ ھە ؟
ئۇ كۆزۈمگە لاپپىدە بىر قارىۋىتىپ ، يەرگە قارىغىنىچە جاۋاب بەردى:
ـ ھەئە، مەن شۇ ، بەك سەت تۇردى ،خاپا بولماڭ ھە .
ـ ياق ، سىزدىن بىر ئىشنى سوراي .
ـ ھە ، سوراڭ .
ـ مەن ... مەن ... راستلا ئاشۇنداق بىرسى كۆرسە كۈلگىسى كېلىپ كىتىدىغان ئاشۇنداق قىزىقارلىق ھەجۋى كۆرۈنەمدىم ؟
ـ سىز ؟ - ئۇ پىسىسىڭڭىدە بىرنى كۈلۈپ كەتتى ، - ئۇنچىۋالامۇ ئەمەس ، رائىلەنىڭ دەپ بىرىشىچە سىز بەك قىزىقچىكەنسىز ..
شۇنداق قىلىپ پاراڭ شۇنىڭ بىلەن باشلاندى ، ئۇنىڭ ئىسمى مېھرىئاي ئىكەن ، تىخى ئۇنىڭ ئۆيىمۇ بىزنىڭ قورۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى قورۇدا ئىكەن . مىنى پات-پات كۆرۈپ تۇرىدىكەن ،لىكىن مەن مۇشۇ چاغقىچە ئۇنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەنتۇق . شۇندىن كىيىن ، مەكتەپكە بىرىپ-كىلەشىدە كۆرۈشۈپ قالساق بىللە ماڭىدىغان بولدۇق ، ھەتتا دىيىشىپ قويۇپ تەڭ بىرىپ-كىلىدىغانمۇ بولۇشتۇق . ئۇنىڭ مىجەزىمۇ شۇنداق ئوچۇق ، خۇشخۇي ئىكەن ، ئۇنى بارغانسىرى چۈشىنىشكە باشلىدىم ، ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدىممۇ قانداق ، بىرەر قىتىم كۆرۈشەلمەي قالسام ،تىت-تىت بولۇپ كىتىدىغان بوپ قالدىم . ئۇنىڭ بىلەن كۈندە دىگۈدەك بىللە ماڭغاچقىمۇ ، بالىلار مەندىن سەل ئاغرىنىشقا باشلىدى ، ئاشۇ چاغدىكى ئەھۋالنى بىلىسەنغۇ نەزەر ؟ ھە شۇ ، ئۇنىڭغا قارىتا قىزىقىشتىن ئۆتۈپ ، ياخشى كۆرۈش پەللىسىگە باردىم ،تولۇقتىكى چاغ دىگەن يەنىلا نادان چاغلىرىمىزغۇ ، شۇنداق قىلىپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇنىڭغا تەلەپ قوياي دىدىميۇ ، ئۇنىڭ رەت قىلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم ، رائىلەدىن ئاڭلىسام ،ئۇنىڭغا تەلەپ قويۇپ رەت قىلىنىپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى . شۇ چاغدا قانداق قىلىشمنى بىلەلمەي ، نەزەردىن سوراپ كاللىسىنى قىتىق قىلىۋەتكىنىم ھىلىمۇ ئىسىمدە .
ئاخىر ئۇنىڭ سىنىپىدىكى بىر بالا ئۇنىڭغا تەلەپ قويدى ، ئۇ بالا ئۆزىمۇ خېلى يامان ئەمەس بالا ئىدى ، مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ يۈرۈپ قىلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتىم . مەن بىر قىتىم مىھراي بىلەن بىللە مەكتەپكە كىتىپ بارغىنىمىزدا ئاخىر جۈرئەت قىلىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم :
ـ سىز ئۇنىڭغا نىمە دەپ جاۋاب بەرمەكچى بولىۋاتىسىز ؟
ـ سىزچىچۇ ؟ - ئۇ سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى ، - سىز قانداق قارايسىز ؟ باشقىلاردىن ئۇنىڭ ياخشى گەپلىرى ئاڭلىدىم ، قارىساممۇ خېلى ياخشى بالىدەك قىلىپ تۇرىدۇ ، مەنمۇ بىلەلمىدىم ...
ئۇنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ شۇنداق كۆڭلۈم يىرىم بولدى ،ئەمما يەنىلا چاندۇرمىدىم ، "ئۇ ماقۇل بولۇشنى ئويلىشىپ بوپتۇ" دەپ ئويلاپ ، كۆڭلۈمگە ئاسىيلىق قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا بەخت تىلىمەكچى بولدۇم :
ـ ئەمسە سىزگە بەخت تىلەيمەن ، ئۇ ياخشى بالا ئىكەن ، ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەڭ ئەمسە ...
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ئۇنىڭ كۆزىگىمۇ قارىيالمىدىم .
ـ سىز ... سىز راستلا مېنىڭ ئاشۇ بالا بىلەن يۈرۈپ قىلىشىمنى خالامسىز ؟ - ئۇ كۆزۈمگە قاراپ سورىدى .
ـ گەپلىرىڭىزدىن .. سىزنىڭمۇ ئويلىشىپ بولغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم .. شۇڭا .. ماڭا ھەم بەرىبىر ..
ـ ھاھا ... ، - ئۇ تۇيۇقسز كۈلۈپ تاشلىدى ، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى كۈلكىسى تولىمۇ ئۇماق ئىدى ، ئەمما بۇ كۈلكە غەيرى تۇيۇلدى ، - مەن ئاللىبۇرۇن ئۇ بالىنى چىرايلىق رەت قىلىۋەتتىم ، ئۇ ياخشى بالا بولغان بىلەن ماڭا ماس كەلمىگۈدەك ... ئۇنىڭ ئۈستىگە ...
ـ ئۇنىڭ ئۈستىگە نىمە ؟ - مەن دەرھال قايتۇرۇپ سورىدىم .
ـ ئۇنىڭ ئۈستىگە ... ھەي .. سىز بەك دۆتكەنسىز ، بولدى سىزگە گەپ قىلمىدىم ، ئۆيگە كەلدۇق ، مەن كىرىپ كەتتىم ئەمسە ، خوش !
ئۇ مېنىڭ خوشلىشىشىمنى ساقلاپ تۇرمايلا يۈگۈرگىنىچە قورۇغا كىرىپ كەتتى . مەن كىچىچە ئۇنىڭ بايىقى سۆزىنى ئويلاپ مەنىسىگە يەتتىم ، مەن راستلا دۆتكەنمەن .. ئەسلى بالدۇرلا ھېس قىلىشىم كېرەكتى ، ئەمدى ماڭا پۇرسەت كەلدى ..
ئۇنىڭغا قاچان تەلەپ قويسام بولار-دەپ ئىككىلىنىپ بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى ، ئاڭغىچى ئىمتىھانلارمۇ يىقىنلىشىپ قالدى ، شۇنداق جىددىيلىشىپ كىتىپ باراتتىم ، ئىمتىھاننىڭ تۈگىشىنى شۇنچە تەخىرسىزلىك بىلەن ساقلاۋاتاتتىم . ئاخىر ئىمتىھانمۇ تۈگىدى ، ئەمما تەتىل مەزگىلى بولغاچقا ، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىشى بىرئاز ئەپسىز ئىدى ، نىمىلا دىگەن بىلەن قىزبالا ئەمەسمۇ . ئاخىر بىر پۇرسەت تىپىپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويدۇم ، ئاشۇ چاغ ھىلىمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ ، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ، قار تازا لەپىلدەپ يىغىۋاتقان چاغ ، شۇ ھامان ئۇنىڭ قارغا ئامراقلىقى ئىسىمگە كېلىپ ،ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ ، مەلۇم بىر جايدا كۆرۈشىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق . ئۇنى دىيىشىپ قويغان جايغا بالدۇرلا كېلىپ ئۇنى ساقلىدىم ، قار ياغسا ھەممە يەر چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ ، ئۇمۇ بىردەمدىلا كەلدى . تۇرقىدىن ناھايىتى خۇشاللىقى چىقىپ تۇراتتى ، بىز باغچىغا كىرىپ ئايلاندۇق ، توساتتىن ئۇنىڭغا ھىچقانداق سوۋغا ئالمىغىنىم ئىسىمگە كېلىپ جىددىيلىشىپ قالدىم ، ئۇ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم . ئەمما خېلى ئۇزۇنغىچى ئۇنىڭغا سۆزلىرىمنى قانداق دىيىشنى بىلەلمىدىم ، بىز بىر جايدا توختاپ ئەتراپقا قاراپ قاردىن ھوزۇرلاندۇق . مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئويلاپ ، ئۇنىڭغا دىدىم :
ـ مىھراي ،مېنىڭ بۈگۈن سىزگە دەيدىغان ئازراق گىپىم بار ئىدى ...
ـ ھە ؟ دەڭە ئەمسە .
ـ مەن ... ئەتە ..
ـ ئەتە نىمە ؟
ـ مەن ... ،ـ مەن چۇڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ ، سۆزۈمنى ئالدىرىماي داۋاملاشتۇردۇم ، - مىھراي ، ئىككىمىز يۈرسەك بولامدۇ ؟ مەن سىزنى ... مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ... ، بولامدۇ ؟
گىپىمنىڭ بۇنچە تومتاق چىقىپ قالغىنىدىن ئۆزۈممۇ نومۇس قىلىپ كەتتىم ، ئۇ يەرگە قارىغىنىچە قىزىرىپ خېلى بىر ھازاغىچى تۇرۇپ كەتتى ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئەنسىرەشكە باشلىدىم ، ئۇ بىر چاغدا يانفۇنىنى چىقىرىپ بىرنىمىلەرنى باستى-دە قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ، مەن ئۇنىڭ يانفۇنغا يازغان خىتىدىن ئۇنىڭ ماقۇل بولغانلىقىنى ئۇقتۇم ... شۇنداق قىلىپ ، ھەر ئىككىمىزنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى باشلاندى ، ھەركۈنى بىللە ماڭاتتۇق ، كەچلىرى قىسقا ئۇچۇرلىرىمىز بىر چاغقىچە توختىمايتتى ، يولدا ماڭساق ، ئۇنىڭ قولىنى زورلاپ تۇتىۋالاتتىم ، ئۇ خىجىل بولۇپ تارتىۋالاتتى ، بۇنداق ئىشلار ئوشۇقچە ئىزاھات بەرمىسەممۇ بولىدۇ . بىز مۇھەببەتلەشكەن بىلەن ، ئۆگۈنۈشنى تاشلاپ قويمىدۇق ، ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا نىشانىمىز بار ئىدى . ۋاقىت سۇدەك ئۆتۈپ بىردەمدە تولۇق 3-يىللىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە قەدەم قويدۇق ، ھەر كۈنى كەچتە كەچلىك مۇزاكىرە بار ئىدى ، ئەمما ... كەچلىك مۇزاكىرە سەۋەبلىك ... ، بىر كۈنىسى ، كەچلىك مۇزاكىرە قىلىۋاتقىنىمىزدە ، فىزىكا دەرسىنىڭ مۇھىم جايلىرىنى سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى ، كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشىدىغان ۋاقىت ئاللىبۇرۇن توشۇپ بولغان بولسىمۇ ، مۇئەللىم بۇ قىتىملىق دەرسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ، ۋاقىت ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى . بىر چاغدا مىھراي مىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئىيتىپ يانفۇنۇمغا قىسقا ئۇچۇر يوللىدى ، مەن ئۇنىڭ مىنى ساقلىماي ۋاقىتىدا ئۆيگە كىتىشىنى ، ئۇنىڭ ئۇنىمىغىغا ئۇنىماي قايتا جىكىلىدىم ، ئەمما مۇشۇ خاتالىقىم تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قىلىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ... ئەتىسى ئەتىگەن ئۇ چىقمىدى ، مەكتەپكىمۇ كەلمىدى ، مەن ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۇچۇر يوللىغىنىمنى ئۆزۈممۇ ساناپ بىرەلمەيمەن ، بىرچاغدا سىنىپ مەسئۇلىمىز كىرىپ مىنى چاقىردى ، كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيدى ، دەرھال چىقسام ، سىنىپ ئالدىدا بىر ناتونۇش ئايال تۇراتتى ، ئۇ ئايالنىڭ يىغىدىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى ، مىنى كۆرۈپلا جىددىيلەشكىنىچە مەندىن سورىدى :
ـ جىنىم بالام ، مەن مىھراينىڭ ئاپىسى ، تۈنۈگۈن ئاخشام مىھراي ئۆيگە كەلمىدى ، سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرىدىن سورىسام ، تۈنۈگۈن سىزنى ساقلاپ مەكتەپتە قاپتىكەن ،ئۇنى كۆردىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسىز ؟
يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى ، مىھراينىڭ ئاپىسىغا تۈنۈگۈن بولغان ئىشلارنى دەپ بەردىم ، مىھراينىڭ ئاپىسى ۋايساشقا باشلىدى :
ـ ۋاي جىنىم بالام ، كىچىچە ئۆيگە كىرمەي نەلەردە يۈرىدىغانسەن ؟ سەن يوقاپ كەتسەڭ چىدىمايدىكەنمەن ، پەقەت چىدىمايدىكەنمەن ، داداڭ سىنى ئىزلەپ يۈرگىلى نەۋاخ ... ، - دەپ يىغلاپ كەتتى .
ـ ئاچا ، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ ، مەن ھازىرلا بىرىپ ئۇنى ئىزدەي !
ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىم ، ئۇنى نەدىن ئىزدەشنى بىلەلمىدىم ، بىز بۇرۇن بارىدىغان بارلىق جايلارغا بىرىپ ئۇنى ئىزدىدىم ، بارلىق تونۇشلاردىن ئۇنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلدىم ، ئەمما خەۋەر يوق ، كەچكە يىقىن ، مىھرايدىن ئۇچۇر كەلدى ، ئۇ ماڭا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ، ھازىر ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ، كىيىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقى ئىيتتى . مەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قايتۇرۇپ بولغۇچە تىلفۇنىنى ئىتىۋاپتۇ ...
ئۈچ كۈنگىچە ئۇ مەكتەپكە كەلمىدى ، ئۇنىڭغا سان-ساناقسىز تىلفۇن قىلىپ ، ئۇچۇرلارنى يوللىدىم ، ئەمما جاۋاب يوق ... ئۈچۈنجى كۈنى رائىلە مىنى ئىزدەپ ، ماڭا ئۇنىڭ يوقاپ كىتىش سەۋەبىنى دەپ بەردى :
ئۇ كۈنى ، مىھراي ئاپتوبۇس توختاپ كەتكەچكە ، تاكسىغا چىقىپ قايتماقچى بولغان ئىكەن ، تاكسى شوپۇرى ئۇنى باشقا بىر جايغا ئاپىرىپ نەچچە ئاغىنىلىرى بىلەن ئۇنى باغلاپ ، ئۇنىڭغا ئۇدا باسقۇنچىلىق قىلىپتۇ ، ئاندىن كوچىغا تاشلىۋىتىپتۇ ، مىھراي قاتتىق خورلۇق ھېس قىلىپ ئۆلىۋىلىشنى ئويلاپ پىتىنالماپتۇ ، شۇڭا كىچىچە ۋە ئەتىسى سىرتتا لاغايلاپ يۈرۈپتۇ ، دادىسى ئۇنى يولدا كۆرۈپ قىلىپ ، ئۆيگە ئېلىپ كىتىپتۇ .. ھىلىقى گۇيلارنى ساقچىلار ئىزدەپ تىپىپ تىگىشلىك جازاسىنى بىرىپتۇ ..
بۇلارنى ئاڭلاپ ، ئاشۇ چاغدا قانچىلىك كۆڭلۈم يىرىم بولغىنىنى ، ئۇ مۇناپىق گۇيلارغا قانچىلىك نەپرەتلەنگىنىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن . رائىلەنىڭ يەنە ئىيتىپ بىرىشىچە ، مىھراي بۇ يەردە داۋاملىق ئوقۇشنى ۋىجدانى كۆتۈرمەي ،يۈز بەرگەن ئىشلاردىن كۆڭلى ۋە ۋىجدانى ئازابلىنىپ ، ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كىتىپتۇ ، ھەمدە ماڭا بىر يىزىپتۇ .
خەتنى ئىچىپ ئوقۇدۇم ، ئۇ ماڭا ، مىنىڭ بۇ ئىش تۈپەيلى ئۆزۈمنى تاشلىۋەتمەسلىكىمنى ، ئۇ مەڭگۈ مەن بىلەن يۈرگەن ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ھازىر پەقەت ئاتا-ئانىسى ئۈچۈنلا ياشاۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ مېنىڭ ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىشىمنى ، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ يۈز كۆرىشەلمەيدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ بۇنداق قارارنى مەن ئۈچۈنلا چىقارغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ مېنىڭ بەختلىك ياشىشىمنى، ئۇنى ئاشۇ تەلىپىنى چوقۇم ئورۇندىشىمنى ئىيتىپتۇ . رائىلەدىن شۇنچە يالۋۇرۇپ مىھراينىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى سورىساممۇ ئۇ قەتئىي دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى ، ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ بارسام ، مىھراي مەن سەۋەبلىك ئاشۇ ئىشلارغا يولۇققاچقا ، مەندىن تىخىچە ئاغرىنىۋاتقان ئىكەن ، ئۇلار تىخىمۇ دەپ بىرىشكە ئۇنىمىدى . مەن ئىزچىل .. ئىزچىل ئۆزۈمنى گۇناھكار ھېس قىلىمەن ، مەن سەۋەبلىك ئۇ خورلۇققا ئۇچرىدى ، مېنىڭ خاتالىقىم تۈپەيلى ئۇ ئىززىتىنى يوقاتتى .. شۇڭا ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتىپ يۈرىۋاتىمەن ..

سۆزۈمنى ئاڭلاپ ، سورۇندىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ، ھەممىسى چۇڭقۇر ئويغا پىتىشقانىدى ، نەزەر جىمجىتلىكنى بۇزۇپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ :
ـ ئاداش ، بولدى كۆڭلۈڭنى يىرىم قىلما ، ئۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى ، گۇناھ سەندە ئەمەس ... ،ـ دىدى .
ـ شۇنداق ئاداش ، بىزمۇ ئەمدى بىلدۇق مانا ، بۇنداق ئىشلار بىزنىڭ بىشىمىزغا كەلسىمۇ قانداق قىلىشىمىزنى بىلمەي قالاتتۇق ، - شىرئەلى نەزەرگە ئۇلاپلا سۆزلەشكە باشلىدى ، - سىنى چۈشەنمەپتۇق ئاداش ..
ـ تىخى بۇلا ئەمەس بالىلار ، ئالىم ئاخىرىنى سۆزلەۋەرگىن ... بالىلار تولۇق خەۋەردار بولسۇن ..
مەن بىشىمنى لىڭشىتىپ سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم ...

شۇنداق قىلىپ ، ئۇ كەتتى ، مەن قالدىم ، سىلەرمۇ بىلىسىلەر ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالغاندا بىر ھەپتە يوقاپ كەتتىم ، شۇ بىرھەپتىدە كۈندە دىگۈدەك ھاراقتىن دەردىمنى ئېلىپ ،كەچلىرى ياتاق ئۆيۈمگە بىكىنىۋىلىپ ،ئۆز-ئۆزۈمدىن ئاغرىنىپ ،ئۆزۈمگە نەپرەتلىنىپ يۈردۈم ، ئاپاممۇ مەندىن شۇ كۈنلەردە قاتتىق ئەنسىرىدى ۋە ھەپتە بولغاندا نەزەرگە تىلفۇن قىلىپ ئۇنى چاقىرتىپ كېلىپ ، مەن بىلەن كۆرۈشتۈردى . نەزەر ، ئاشۇ چاغدا ماڭا قىلغان سۆزلىرىڭ ھىلىمۇ يادىمدا ئاداش ، سەن بولمىغان بولساڭ مەن ئاشۇ چاغدا تۈگۈشۈپلا كىتەر بولغىيدىم ،بەلكىم ماڭا ھىچكىم ئۇنداق ياردەم قىلالماس بولغىيتتى ،ساڭا ئۇ دۇنيا-بۇدۇنيا رەھمەت ئىيتىمەن ئاداش . شۇ چاغدا قىلغان سۆزلىرىڭ ، بەرگەن تەسەللىرىڭ مىنى قايتا روھلاندۇردى ، مىنى قايتا ئويغاتتى . شۇندىن كىيىن ، ھەممە ئىشلارنى كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، پۈتۈن دىققىتىمنى مەزكەزلەشتۈرۈپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلدىم ، ئۆگىنىش مېنىڭ غەم-غۇسسەمنى خېلىلا ئۇنتۇلدۇردى ، ماڭا قايتا مەدەت بەردى . ئەمما پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كىتەلمىدىم ، نىمىلا دىگەن بىلەن مىھراي مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم ئەمەسمۇ ؟ بۇرۇنقىلارمۇ ئىيتىدىغۇ ــ تۇنجى مۇھەببەت ھەممىدىن شىرىن ھەم ئازابلىق ، دەپ . ئۆزۈمنى بۇرۇنقىدەك ئەيىبلەپ كەتمىسەممۇ ، يەنىلا ئۇنى سىغىناتتىم . كىيىن تەتىلدە رائىلەدىن ئۇنۇق ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇش بولدۇم ، ئۇ ھەرنىمە بولسا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەپتۇ ، ئۇ دىگىنىنى قىلىپتۇ . تۇنجى مۇھەببەت مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى بالىلار ، بۇ توغرىلىق كۆپ سۆزلىمەي . كۆڭلۈممۇ شۇنداق ئېچىلىپ قالدى ، سىلەرنىڭ مىنى دوست قاتارىدا كۆرۈپ ئاڭلاپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن .
ـ نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن ، - دىدى نەزەر سەل نارازى بولۇپ ،ـ ھەممەيلەن سىنىڭ ئۆز ئاغىنىلىرىڭ تۇرساق ، بىزگە دىمەي كىمگە دەيسەن ؟
باشقىلارمۇ بىر-ئىككى ئىغىزدىن كۆڭۈل سۆزىنى قىلىشتى . ئەسلى ھەممىنى دەپ بەرگۈم بار ئىدى ، ئەمما ۋاقىت خېلىلا بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ ، ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا تەسىر يەتكۈزسەم بولمايدۇ-دە .
ـ باللا ، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ ، بۇنداق سۆزلەۋەرسەم كەچ كىرىپ كەتكۈدەك ...
ـ ۋاي تىخى ھىچقانچە كەچ بولمىدى ئاداش ، - دىدى شىرئەلى سائىتىگە بىر قارىۋىتىپ ،ـ مەيلى دەۋىرە ،ھەممەيلەن ھازىر بىكارچىلىق ،ھامىنى قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىمىزمۇ يوق ، ھەممىمىزنىڭ ئەس-يادى ئاشۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرىدا قالدى ، دىمىسەڭ ئىچىمىز سىقىلىپ قالىدۇ، دەۋىتە ھەممىنى ، ۋاقىت كەڭرىچىلىك .
باشقا بالىلارنىمۇ پىكرى شىرئەلىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى . ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تىخىمۇ خۇش بولۇپ قالدى ، ئۆز ئاغىنىلىرىم دەردىڭنى ئىيت دەۋاتسا ، مەن يەنە مىسىلداپ نىمە قىلاي ؟
ـ ئەمسە دەپ بىرەي ، بايا بەك تەپسىلەي دەۋەتتىم ، ئەمدى ئاساسلىق قىلىپ سۆزلەي .
مەن بىر پەس ئويلىنىپ كەچمىشىمنى داۋاملىق بايان قىلدىم :

... ھەممەيلەنگە چاقىرىق كېلىپ ، ماڭىدىغان ۋاقىتمۇ بىردەمدە توشۇپ قالدى ، شۇنداق قىلىپ ، ھەممىمىز قىيماسلىق ئىچىدە ئەزىزانە يۇرتىمىز بىلەن خوشلاشتۇق ، تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ ئاتا-ئانامدىن ئۈچ كۈنمۇ ئايرىلىپ باقمىغان ئادەم ، بۇنداق ئايرىلىش ماڭىلا ئەمەس ھەممىمىزگە شۇنداق ئىغىر كەلدىغۇ دەيمەن ؟ شۇ چاغدا پويىزدا ماڭغۇچە قانچىلىك تاماكا چىكىپ بولغىنىمنى بىلمەيمەن ، كۆڭلۈم يىرىم چاغدا توختىماي چەككۈم كىلىدۇغۇ تاڭ . ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ، زامانىۋى شەھەر ئۈرۈمچىگىمۇ يىتىپ كەلدۇق ، بىز كۆرۈپ باقمىغان ئىگىز ھەيۋەتلىك بىنالار ، ئىمارەتلەر ، باغچىلار ، ماشىنىلار ... ، ھەممىمىز كۆرگەن شەھەر بولغاندىكىن بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي توختالماي . بۇ شەھەرگە يىڭى كېلىپ ھەقىقىي مەدەنىيەتنىمۇ ، سەلبىي مەدەنىيەتنىمۇ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق . بىزنىڭ مەكتەپتە بىزنىڭ يۇرتلۇق بالىلار كۆپ بولغاچقىمۇ بەكمۇ يىتىرقاش ھېس قىلمىدىم ، بىردەمدىلا كۆنۈپ كەتتىم ، بىرەر ئايدىلا تۇرمۇشنىڭ ئىپى-سىپىنى ئاز-تولا ئۇقىۋالغانمۇ بولدۇق .بىكار ۋاقتىم بولسىلا يەنە بۇرۇنقىدەك تورغا چىقاتتىم ، ئۈرۈمچىگە كېلىپلا بىر قىز چ چ رىمنى قىتىۋالغان ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن ئاندا-مۇندا پاراڭلىشىپ قوياتتىم ، ئارىدا خېلى كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتۇق ، ئۆگۈنۈش ، مەكتەپ ۋە قىزىقارلىق ئىشلار ئاساسلىق پاراڭ تىمىلىرىمىز ئىدى ، لىكىن ئۇندىن نېرىغا ھەر ئىككىمىز ئۆتۈپ باقمىدۇق .
ئۆكتەبر ئايلىرىنىڭ ئاخىرى ، تورغا چىقسام ئۇ قىز بار ئىكەن ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ چۇڭقۇرراق پاراڭلاشقۇم كەلدى ، ھە راس ، ئۇنىڭ ئىسمى ۋە مەكتىپىدىن باشقا ھىچقانداق ئىشلىرىنى ئۇقمايتتىم . بىز پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ يۇرتى ۋە ئائىلىسى توغرىلىق ئاز-تولا سۆزلەپ بەردى . ئۇ قىزنىڭ ئىسمى گۈزەلئاي بولۇپ ، ئاقسۇلۇق قىز ئىدى ، مەن بىلەن بىر مەكتەپ بولۇپ ، ئۇمۇ بۇ يىل يىڭى كەلگەنىدى . ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ ناھايىتى ئۇقۇمۇشلۇق ۋە ئىتىقادلىق ئائىلە بولۇپ ،كىچىدىن تەربىيە كۆرگەنلىكى ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن بىلىۋالغىلى بولاتتى . مەندە ئۇنىڭغا ئاز-تولا قىزىقىش پەيدا بولدى ، ئەمما بۇخىل قىزىقىشنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈممۇ بىلەلمىدىم . شۇ ۋاقىتتا ، مەن ئۇنىڭ نەدە ، قايسى جايدا تورغا چىقىۋاتقانلىقىنى سورىدىم ، ئۇ مەن ئولتۇرغان تورخانىدا ئىكەن . ئۇ ئادەتتە كۆپىنچە مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا تورغا چىقاتتى ، بۈگۈن دوستلىرى زورلاپ تۇرىۋالغاچقا تورخانىغا كىرگەنلىكىنى ئىيتىپ بەردى . بىر تورخانىدا بولغانىكەنمىز ، ئۇنى كۆرگۈم كەلدى ، ئۇنىڭ ئورۇن رەت نومۇرىنى سوراپ ئاستا چاندۇرماي بىرىپ قاراپ باقتىم ، ئۇنىڭ كىيىنىشى شۇنداق پەردىشاپلىق ئىدى ، كۆزى يوغان ، چىرايى سۈزۈك شۇنداق ئوماق قىزكەن ، ئۇنىڭغا شۇنداق ھەۋىسىم كېلىپ ، جايىمغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ئۇنى كۆرگەنلىكىمنى دەپ ، ئۇنى ماختاپ قويدۇم . بۇ شەھەردە قىزلارنىڭ كىيىنىشى نەچچە خىلغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ، بۇ خىلدىكىلەر كۆپ ، ئەمما... ،ياراشتۇرۇپ كىيىدىغانلىرى يەنىلا ئاز . سىلەرمۇ بىلىسىلەر ، ئوغۇل بالىلار ئادەتتە شەرتلىك رىفلىكىس تۈپەيلى قىزلارغا مۇنداقلا بىر قاراپ قالىمىز ، ئىككىنجى قىتىم قارىغىنىمىز ، بەلكىم ئۇ قىز چىرايلىق بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما داۋاملىق قارايدىغانلارنىڭ ئەخلاقىدا ئاز-تولا مەسىلە بار دەپ قارايمەن . ئادەتتە قىزلارنى كۆرسەك بىردەمدە ئۇنتۇپ قىلىشىمىز مۇمكىن ،ئەمما بۇنداق پەدىشاپ بىلەن يۈرىيدىغان ، پاك چىراي قىزلار ئىسىمىزدە چىڭ تۇرىشى مۇمكىن ، چۈنكى ئۇلارنى كۆرسەك كۆڭلىمىز بىر ۋاققىچە ئىللىپ قالىدىغۇ . گۈزەلئاي بىرەر سائەت ئولتۇرمايلا قايتىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ، توردىن چۈشۈپ كەتتى . ئۇ چىقىپ كەتكۈچە يىنىمدىن ئۆتۈۋىدى ، ئىختىيارسىزلا ئۇنى چاقىرىپ سالدىم ، ئۇ چۈچۈپ ماڭا قارىدى ، مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا تونۇشلۇق بىرىپ سالام قىلدىم ھەمدە بىر-ئىككى ئىغىز پاراڭلىشىپ ، ئۇنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى سورىدىم ، ئۇ خىجىل بولغىنىچە دەپ بەردى .
شۇنىڭدىن كىيىن ، مەيلى توردا بولسۇن ياكى تىلفۇندا بولسۇن پات-پات پاراڭلىشىپ تۇردى ، ھەرقىتىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا كۆڭلۈم خېلى خوش بوپ قالاتتى ، نىمىشقا ؟ ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرى خېلى جايىدا ،كەسكىن ئىدى . تۇرمۇشقا بولغان مىزانى قاتتىق ، نىشانى چىڭ ، ئىتىقادى مۇستەھكەم ئىدى ، ھەرزامان يولۇققان مەسىلىلىرىگە توغرا جاۋاب تاپالايتتى . ئۇنى بەزىدە مىھراي بىلەن سىلىشتۇرۇپ قالاتتىم-يۇ ، بۇنداق قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ دەرھال ئۇ خىيالدىن يىنىپ قالاتتىم . گۈزەلئاي بىلەن بەزىدە چىقىپ بىرگە تاماقمۇ يەپ قالاتتۇق ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن باشقىچە بىردۇنيانى ، باشقىچە بىر پاكلىقنى ھېس قىلاتتىم ، ئۇنى خىيالەن ئۆز مۇھەببىتىم قاتارىدا ئويلاپ سالاتتىم . دەل شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، نەزەر ھازىرقى مۇھەببىتى گۈلبەر بىلەن يۈرۈشكە باشلىدى ، نەزەر گۈلبەرنى ماڭا تەسۋىرلەپ بەرگىنىدە ، كۆز ئالدىمغا گۈزەلئاي كەلدى . ئۇزاق ئويلاندىم ، مىھراينى كۈتۈش كىرەكمۇ ؟ بۇ جاۋابقا رېئاللىق ماڭا "ياق" دەپ جاۋاب بىرەتتى ، ئەمىسە ، گۈزەلئاينى ياخشى كۆرسەم بولامدۇ ؟ ئۇنى ياخشى كۆرەمدىم ؟ رېئاللىق ماڭا " بۇنى ئۆزۈڭدىن سورا"دەيتتى ،بارغانسىرى ئىككىلىنىشكە باشلىدىم ، تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ ئازابلىرىنى تىخى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقىنىم يوق ، ئەگەر گۈزەلئايدىن ماڭا جاۋاب كەلمىسىچۇ ؟ مىنى خاتا چۈشىنىپ ، مەندىن ئۆزىنى تارتىپ كەتسىچۇ ؟ بۇلارنى ئويلىغىنىمدا چۇڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم . ئاخىر ھىجرانغا خاتىمە بىرىشنى توغرا تاپتىم ، مىھرايمۇ مېنىڭ قايتا بەختىمنى تىپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى خىتىدە قايتا-قايتا تەكرارلىغانىدى ، مەن قەددىمنى رۇسلاپ ، نىمىلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، گۈزەلئايغا كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈش قارارىغا كەلدىم ، جەرياننى دەپ يۈرمىسەممۇ بولار ، ئۇ نەچچە كۈنلۈك ئويلىنىشتىن كىيىن تەلىۋىمگە قوشۇلدى . بۇ چاغدا تەتىلگە ئاز قالغانىدى ، بىز قىسقىغىنا ۋاقىتتىلا خوشلۇشۇپ يۇرتلىرىمىزغا قايتىشتۇق .
تەتىلنى ناھايىتى خۇشال ئۆتكۈزدۈم ، ھەم ئۇنىڭ بىلەن پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇردۇم . تەتىلدىن كېلىپلا ، ئۇنىڭ كىيىنىشىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولغىنىن ھېس قىلدىم ، ئەمما ، بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال ، مەن كۆپ ئارىلىشىۋالماي دەپ ، ئويلىدىم . چەكتىن ئاشمىغان تاشقى كۆرۈنۈش ئىچكى دۇنياغا كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم ، ئۇنىڭ كىيىنىشلىرىگە يول قويدۇم ، بىراق مېنىڭ توغرا مەقسەتتىكى يول قويۇشۇمنىڭ يەنە كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ سەۋەبچىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تولىمۇ كىچىكىپ ھېس قىلدىم ...
تۇرمۇش يەنە بىر خىل رىتىم بىلەن ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكەن چاغلىرىمنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھېس قىلدىم .يىنىمدا دەردىمگە يىتىدىغان دوستلىرىم بار ، مىنى چىن دىلىدىن سۆيۈپ تۇرىدىغان قىز دوستۇم بار ، مىھرىبان ئاتا-ئانام بار ، بۇلار ماڭا كۇپايە ئىدى . گۈزەلئاينى كۆرۈپ تۇرمىسام كۆڭلۈم چىدىمايدىغان دەرىجىگە يەتتىم ، كۆپىنچە ئۇنىڭ بىلەن تاماقتا ، كۈتۈپخانىدا بىللە بولاتتۇق ، ئارام كۈنلىرى چىقىپ مەنزىرىلىك جايلارغا باراتتۇق . ئەمما ، كۆزىتىشىمچە ، ئۇ بارغانسىرى شوخ بولۇپ كىتىپ باراتتى ، بۇنىمۇ ئەينى توغرا چۈشەنگەن ئىدىم ، "ماڭا شوخلۇق قىلمىسا كىمگە شوخلۇق قىلىدۇ"دەپ ئويلايتتىم . ئۇ بەزى چاغلاردا دوستلىرى ياكى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە تاماق يەيدىغانلىقىنى ، بازارغا چىقىدىغانلىقىنى ئىيتىپ مەندىن رۇخسەت سورايتتى ، مەن ئۇنىڭغا شەكسىز ئىشەنگەچكىمۇ ، ھەرقىتىم قوشۇلاتتىم . بۇنداق ئىشلاردا ئۇنىڭغا توسقۇن بولۇپ قىلىشنى خالىمايتتىم . ھەر قىتىم ئۇنىڭ بىلەن ئوينىغىلى چىققاندا ، ئۇ ناھايىتى خۇش بولۇپ كىتەتتى ، ئۇنىڭ كۈلكىسى جاننىڭ ئارامى ئىدى . ئۇنىڭ بىلەن كەلگۈسى توغرىلىق تىخى ئىدىيەمدىمۇ تەييارلىقلارنى قىلىپ قويغانىدىم .
يازلىق تەتىلگە ئاز قالغان چاغلار ، ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن قىلىدىغان ئىشلىرى بارغانسىرى كۆپ بولۇپ كىتىشكە باشلىدى ، مەن ئۆگۈنۈش سەۋەبلىكمۇ ئۇنىڭغا دىگەندەك كۆيۈنۈپ بولالمىدىم ، ئەمما پات-پات قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئۇنى ئەسكەرتىپ تۇراتتىم . بەزىدە گۇمانلانساممۇ ، شۇ ھامان گۇمانىمدىن يىنىپ قالاتتىم ، نىمىشقا ؟ ئەينى چاغدا ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىم ، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىشىنەتتىم . ئەمما ، تەربىيە قىلغان چاغلىرىمدا ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى ئاڭلىيالماس بولۇپ قالدىم ، ھەرقىتىم "مەن كىچىك بالا بولمىسام ،مەندىن خاتىرجەم بولىڭە ، قانداق قىلىشىمنى مەن بىلىمەن" دىگەن جاۋابنى ئاڭلايدىغان بولدۇم ،ۋە گەپنىڭ تىمىسى شۇ ھامان ئۆزگىرىپ كىتىدىغان بولدى ، بەزىدە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ ئويلاپ يىتەلمەيتتىم . تەتىلدە يەنە بىر-بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق .
بۇ قىتىملىق تەتىل بۇرۇنقىدەك بولمىدى ، تەتىلىم ياخشى ئۆتىشىغۇ ياخشى ئۆتتى ، ئەمما گۈزەلئاينىڭ تەتىلى تولىمۇ ئالدىراش ئۆتتى ، تىلفۇن ئۇرساممۇ خېلى ئۇزاقتا ئالاتتى ۋە پىچىرلاپ گەپ قىلاتتى . قىسقا ئۇچۇرلىرىمغا ، بۈگۈن يازغىنىمغا ئەتىسى ئاران قايتۇراتتى . ئالاقىمىز بارغانسىرى سۇسلاپ بىرىشقا باشلىدى ، سەۋەبنى يەنىلا يۈز كۆرۈشكەندە سوراشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم .
تەتىل توشۇپ مەكتەپكە بارغان كۈنىسىلا نەرسىلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇنى ئىزدەپ ماڭدىم ، ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپلا يۈرەك سەپ كەتتى ، بەلكىم شۇچاغلاردا قاتتىق سىغىنغان بولسام كېرەك . ئۇ قىشىمغا كەلگەندە قارىسام ، ئۇنىڭ كىيىنىشى تىخىمۇ ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ ،مەيدىسى ئوچۇقراق تۇرىدىغان كوپتا كىيىۋاپتۇ، باشتا چاندۇرماي چىرايلىق ئەھۋاللىشىپ كۆرۈشتۈم . ئاندىن ئۇنىڭغا سەل كايىغان تەلەپپۇزدا دىدىم :
ـ نىمانداق نەرسىلەرنى كىيىۋالدىڭ ؟ ئەمدى كىيمە جۇمۇ گۈزەلئاي !
ـ ۋاي شۇ .. دوستلىرىم بىلەن بازارغا چىققاندا ئوخشاشراق ئالىمىز دەپ مۇشۇنى ئالغان ، ھىچقانداق ئەمەسقۇ ، توغرا چۈشىنىڭە . - ئۇ ئاغزىنى ئۇچلاپ ئەركىلەپ جاۋاب بەردى .
ـ ھەئە بەك ، بۇدا يەنە كىيسەڭ خاپا بوپ قالىمەن !
ئۇ گىپىمنى ئاڭلاپ شۈكلىشىپ كەتتى . گەرچە شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ كىيىمىنى كىيمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ، دەسلەپ ماڭا بەرگەن تەسىراتى يەنى دەسلەپ كىيىنىشىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغانىدى . كىيىنىشلىرى ھازىرقى ئالىي مەكتەپ پاسونىغا سىڭىپلا كەتتى ، گەرچە چاكىنا ياكى قىسقا كىيىملەر بولمىسىمۇ ، يەنىلا ئاتالمىش مودىغا چۈشىدىغان كىيىملەر ئىدى . مۇشۇ قىزلارمىزە ، ئۆزىنىڭ نىمە كەيگۈسى بولسا كەيمەمدۇ ؟ باشقىلارنى زورلاپ .. ، تىخى بىرسى كىيسە ، ئەتىسىلا قالغانلىرى شۇنىڭغا ئوخشاشنى ئېلىشىدۇ .
كىيىنكى كۈنلىرىمىزدە ، ئالاقىلىشىدىغان ۋاقىتلىرىمىز تىخىمۇ ئازلاپ كەتتى ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈنمۇ ئالدىن ۋاقىت زاكاز قىلىدىغان بولدۇم . بارغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىم كۈچىيىپ ماڭدى ، نىمىشقا دەيسىلەر ، ئۇ بىرەر يەرگە بارسا بۇرۇنقىدەك مەندىن سوراپ يۈرمەيدىغان بولدى ، بەزىلىرى كەچتە تىخى تىلفۇن ئۇرسام "مەن دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ، خاتىرجەم بولۇڭ "دەپلا تىلفۇننى قويۇۋىتىدىغان بولدى . بارا-بارا ئەتراپىمدىكى بىلىشىدىغان دوستلىرىم ئۇنى ئۇنداق-بۇنداق يەرلەردە ئۇچراتقانلىقىنى دىيىشكە باشلىدى ، تىخى ئوغۇللار بىلەن بىرگە كۆرگەنلەرمۇ بار . مەن دەسلەپ ھەممىسىگە رەددىيە بەردىم ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزۈممۇ گۇمانلىنىپ قىلىشقا باشلىدىم . شۇ تەرىقىدە ئۇنىڭغا قانچە تەربىيە قىلغىنىمنى ساناپ بىرەلمەيمەن ، ئۇ ھەرقىتىم "ماقۇل ،ماقۇل"لا دەيتتى . مۇناسىۋىتىمىز شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ يا ئىسسىماي ، يا توڭلىماي يىلىمان پەدىسىدە داۋاملىشىپ يىلمۇ ئاخىرلىشاي دىدى . يۈرگىنىمىزنىڭ دەل بىر يىل بولغان كۈنى ، ئۇنى شۇ سوغۇقتا قانچىلىك ساقلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، قانچە قىتىملاپ تىلفۇن قىلغىنىمنى ، ئۇچۇر يازغىنىم ئىسىمدە يوق . بىر چاغدا ئۇنىڭ قىز ساۋاقدىشى ئۇچراپ قالدى ، ئۇنىڭ گۈزەلئاينىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلسام ،گۈزەلئاي شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە قايسى بىر دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگىلى كىتىپتۇ ، بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىغىم مىڭ گەزگە چىقتى ، شۇندىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ ،ئۇنىڭ ئاشۇ سورۇندىكى دوستىغا تىلفۇن قىلىپ ، تىلفۇننى گۈزەلئايغا بىرىشنى تاپىلىدىم ، گۈزەلئاي تىلفۇننى ئالغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپلا ،ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىنىڭ تاقا-تۇققا چىقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم-دە، "ھاراق ئىچىپتۇ بۇ !" دەپ ئويلىدىم . شۇ ھامان ئۇنى ئورنىنى سوراپ يولغا چىقتىم . ئۇلار بار رىستۇرانغا كىرىپ ئۇلارنى ئىزدەپ ئاران تاپتىم ، بىرىپ قارىسام ،ئۇ سورۇندا قىز-ئوغۇللار بىر-بىرى بىلەن ئىرماش-چىرماش ئولتۇرۇشۇپ كىتىپتۇ ، گۈزەلئاينى بىر گۇينىڭ قۇچىقىدىن تارتىپلا قوپقۇزدۇم ، ھىلىقى گۇي دەلدەڭشىپ قويۇپ ئالدىمغا دىۋەيلەپ كىلىۋىدى ، ئاچچىغىمدا مەيدىسىگە بىرنى تىپىپ ياتقۇزۇپ قويدۇم ،ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى يۆلەش بىر ياقتا تۇرسۇن ، قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى . مەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇغۇنۇمچە گۈزەلئاينى يۆلەپ سىرتقا ئېلىپ چىقتىم . ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدە مەكتەپكە قايتسا چوقۇم چاتاق چىقاتتى ، كۆپ ئويلىنىپ يۈرمەيلا ئۇنى بىر مىھمانخانىغا ئەكىرىپ ، ياتاققا كىرگەندە ئۇنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويدۇم . ئۇنى ئەمدى ياتقۇزۇشۇمغا "ھۆ" قىلىپلا يەرگە ، كىيىملىرىگە قۇسۇۋەتتى ،مەن ئۇنى تازىلىق ئۆيىگە ئەكىرىپ قويدۇم ، ئۇ يەنە بىرھازا قۇسۇپ دەلدەڭشىپ ئاران چىقتى ، "ئىسىت ، قىزبالىمۇ مۇشۇنداق ئىچكەن بارمۇ؟"دەپ ئاچچىغىمدا ئۇنى ئۇرۇشنىمۇ ئويلاشتىم ، ئەمما ... ، ئۇنىڭ قۇسۇپ كىيىملىرىنى دەرھال سالدۇرۇپ ، قۇرۇق سۇدا بىر يۇيىۋىتىپ ئىسىپ قويدۇم ، ئوغۇل بالىغا نىمە ئاھانەت بۇ ؟ ئۇنى ياتقۇزۇپ يوتقانغا چىڭ ئوراپ قويدۇم . ئۆزۈم تىلىۋىزورنى ئېچىپ بوش ئاۋازدا كۆرىۋاتسام ، بىر چاغدا گۈزەلئاي بىر ئۆرىلىپلا يوتقاننى ئىچىۋەتتى ، قارىسام ئۇنىڭ بەدەنلىرى شۇنداقلا كۆرۈنۈپ قاپتۇ ، ئاپئاق مەيدىسى ، تولغان كۆكسى ، يوتىلىرى مانا مەنلا دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى ، بۇ چاغدا سەل شەيتىنىم تۇتتى ، شۇ چاغدا كاللامدا نىمە ئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن ،ئۇنىڭ قىشىغا بىرىپ قولىنى تۇتۇپ بىرھازا قاراپ تۇرۇپ قالدىم ، بىر چاغدا قولۇمنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە ئاپىرىپ ، خۇددى كىچىك بالا خاتا ئىش قىلىپ قالسا چۈچۈپ كەتكىنىدەك ، چۈچۈپ كەتتىم . ئۇ مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەمەسمۇ ، ئۇنىڭغا بۇنداق مۇئامىلىدە بولسام ھەرگىز بولمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن يوتقىنىنى قايتا ئوڭشاپ يىپىپ قويدۇم . ياتاقنىڭ ئىچى تىخىچە ھاراق پۇراۋاتاتتى ،ئاچچىغىمدا يەنە دىرىزە تۈۋىدە بىرمۇنچە تاماكا چىكىۋەتتىم .
ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە ، ئۇنى باشتىلا چىڭ تۇتقان بولسام ، ئۇ مۇشۇ كۈنلەرگە قالماستى ، بارچە ئۆزۈمگە قويۇپ، ئۆزۈمدىن ئاغرىندىم . ئەتىسى ئۇ كىچىكىپ قوپتى ، قوپۇپ سىرتقى كىيىملىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ دەرھال يوتقانغا چۈمكىنىۋالدى . ئۇنىڭ قۇرۇغان كىيىملىرىنى ئېلىپ بەردىم . ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ بولۇپ كۆزلىرىمگىمۇ قارىيالماستىن "كەچۈرۈڭ ، ئالدىڭىزدا بەك سەت ئىش قىلدىم ..." دىيىشىگىلا ئۇنىڭ بۇرنىدىن قان ئېقىپ كەتتى ، بۇ چاغقىچە ئادەمدىن بۇنچىۋالا كۆپ قان چىققانلىقىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ، ناھايىتى قورقۇپ كەتتىم . ھەمدە ئۇنىڭغا دىمەكچى بولغان گەپلەرنى ئىچىمگە يۈتۈپ ، ئۇنى دەرھال دوختۇرغانىغا ئاپاردىم . بىرمۇنچە تەكشۈرۈشتىن كىيىن ، ئۇنى ياتىغىغا ئاپىرىپ ، بىرمۇنچە سالامەتلىكى توغرىلىق دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى جىكىلەپ ياتىغىغا كىرگۈزىۋەتتىم . ئەتىسى تەكشۈرۈش نەتىجسىنى ئالغىلى ئۆزۈم باردىم ، مەسئۇل دوختۇر ماڭا بىرھازا قارىۋىتىپ چىرايى پۇرلىشىپلا كەتتى ۋە گەپمۇ قىلماي قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ، قەغەزگە قارىسام ... ئۇ ... ئۇ ...
سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى ، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئەندىكىپ كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى ، مەن چاندۇرماي يىشىمنى سۈرتۈپ سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم :
ـ ئۇ ھىلىقى نىجىس كىسەل بوپتۇ ! شۇ چاغدا قايتا-قايتا يىنىشلاپ قەغەزگە قاراپ چىقتىم ، پۇت-قولۇمدا ماغدۇر دىگەن نەرسە بولامدىغان ؟! كاللامغا ئون مىڭ غەم ، ئون مىڭ خىيال ئايلىناتتى ، ئۇنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتكەنلىرىم شۇ چاغدا ! بۇ خىل نەتىجىگە خۇدادىن باشقىمىزنىڭ ئامالى يوقتە ، كاللام تەپەككۇر دەيدىغان نەرسىنى ئۇنتۇدى ، خېلى بىر ۋاقىتتىن كىيىن ئەمدى قانداق قىلىشنى كىرەكلىكىنى ئويلاشتىم ، بۇنى ئۇنىڭغا دىسەم ، ئۇ قوبۇل قىلالماي ئۆزىنى بىر قانداق قىلىۋالسىچۇ ؟ ئۇنىڭلا ئەمەس ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ، ساۋاقداشلىرى ... ۋە مەن بۇنى قانداق قوبۇل قىلىمىز ؟
دوختۇرخانىدىن چىقىپ ، مەكتەپكە كەتتىم . يەنە مەۋسۇم ئاخىرى ، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دىمىدىم ، ھەم قانداق دىيىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم ، ئىمتىھان تۈگەپ تۇرىشىغا ، ئاشخانىدا تاماق يەۋاتسام ، گۈزەلئاي كېلىپلا يىنىمدا ئولتۇردى ۋە قاقشاپ كەتتى :
ـ ئۆتكەنكى ئاچچىغىڭىز تىخى يانمىدىمۇ ؟ مەن سىزگە ئۇچۇر ئەۋەتىپ ھەممە سەۋەبنى دەپ بەردىمغۇ ؟ خاپا بولمىڭە بولدى ، ھىلىمۇ شۇ كۈندىن تارتىپ مىنى ئىزدەپمۇ قويمىدىڭىز .
ـ شۇ ئىمتىھان ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم ، - ئاۋازىم بىرخىل چىقاتتى .
ـ ھە راس ، تەكشۈرۈش نەتىجىسدە نىمە دەيدۇ ؟
ـ ھە .. ئۇنىڭدا ... ،ـ ھودۇقۇپ دۇدۇقلاپ كەتتىم ، - ھىچ ئىش يوقكەن ، شۇ ئازراق سوغۇق تىگىپ قاپتۇ . شۇڭا سىزگە دىمىدىم .
ـ ھە ، مۇنداقكەندە . ئەمدى مىنى تاشلىۋەتمەڭ جۇمۇ ، مىنى كەچۈرىۋىتىڭ .
ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆپكەم ئۆرۈلدى ، يەرگە قاراپ مىڭ تەسلىكتە ئۆزۈمنى بىسىۋالدىم ، ئۇمۇ كۆپ گەپ قىلماي تامىغىنى يىيىشكە باشلىدى . ئاشخانىدىن چىقىپ ، ئۇ مىنى قولتۇقلىغىنىچە ئەركىلىدى :
ـ ئالىم ، ئىمتىھاننىمۇ بىرىپ بولدۇق ، بۈگۈن كەچتە KTV گە بىرىپ كىلەيلى ، ئۇزاق بوپتۇ بارمىغىلى ، ماقۇلمۇ ؟ ماقۇل دەڭە !
مەن نىمە ئازابتا ، ئۇ نىمە ئويدا ؟ بوپتۇ ، ئۇ خوشال بولىدىغان ئىش بولسىلا مەيلىغۇ ؟ ھىلىمۇ تىخىچە قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەلمەي قانچىلىك چىچىم چۈشۈپ كەتتى بىلمەيمەن . ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئۈچۈن بىز ئۇ دىگەن بىر جايغا باردۇق . ئۇ شۇنچىلىك ئەركىن ، خۇشال ئىدى ، ئاشۇ نەتىجىنى بىلگەندىن تارتىپ ئۇنىڭ ماڭا قانچىلىك ئۇچۇر يازغىنىنى ساناپ بىرەلمەيمەن ، ھەرقىتىم مەندىن كەچۈرۈپ سوراپ ، كۆڭلۈمنى ئالىدىغان گەپلەرنى قىلاتتى . ئەمما مەن ...
بىر چاغدا "ھاجەتخانىغا چىقىپ كىرەي" دەپ چاپىنىمنى سىلىپ قويۇپ ماڭدىم . شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئارىدا نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ ، يەنىلا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى ، ئۇنىڭ گۇمانلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدىم . قايتىپ كىرسەم ، ئۇنىڭ قولىدا قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى تۇراتتى ، ئۇ قەغەزگە قاراپ قىتىپلا قالغانىدى ، ئۇنىڭ يىنىدا يانفۇنۇم تۇراتتى ، دۆتلىكىمدىن يانفۇن بىلەن ئۇ قەغەزنى چاپىنىمنىڭ ئوخشاش بىر يانچۇغىغا سىلىپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ ، ماڭا تىلفۇن كەلگەن بولسا كىرەك ،ئۇ ئالىمەن دەپ كۆرۈپ قالغان ئوخشايدۇ ... ، ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بىرىشنىمۇ بىلەلمىدىم ، ئاستا ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ ئولتۇردۇم ، بىر چاغدا ئۇ مىنى چىڭ قۇچاغلىغىنىچە قاتتىق ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتى ، ئۇنىڭ نالە قىلىپ يىغلاشلىرىغا مەنمۇ بەردەشلىق بىرەلمىدىم ، مەنمۇ تەڭ يىغلاپ كەتتىم ، ئۇ بىرەر سائەت يىغلىغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ پۈتۈپ قالدى، ھەر ئىككىمىزنىڭ مۈرىلىرى ياشلار بىلەن نەمدىلىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ مىنى ئاستا قويۇۋىتىپ ، بىشىنى قاماللاپ كۆزلىرىنى بىرنۇقتىدىن ئاجراتماي ئولتۇرۇپ كەتتى ، مەن ئاستا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تەسەللى بىرەي دەپ تۇرۇشۇمغا ، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەندەك قىلىپ " ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ شورى ،ھەممىسى ! سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ئالىم ، سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ! كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ئۆزگىرىپ مانا مۇشۇ كۈنگە قالدىم ئالىم !" ...
شۇ چاغدا ئۆزۈمدىن يەنە بىر قىتىم نەپرەتلەندىم ، ئەسلى خاتالىق مەندە ، مەن ئۇنى باشتىلا ياخشى باشقۇرۇپ بۇنداق ئىشلاردىن توسقان بولسام ، بۇ ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمەس بولغىيتتى ؟! ئۇنىڭغا " ھەممە خاتالىق مەندە ، مىنى كەچۈر ، سىنى بالدۇرراق توسسام بوپتىكەن !" دىيىشىمگە ، ئۇ مىنى چىڭ قۇچاغلاپ "مىنى تاشلىۋەتمەڭ ئالىم !" دەپ يەنە يىغلاپ چۈشتى ...
مەكتەپكە قايتتۇق ، ئەتىسى سەپەر . شۇ كۈنى پۇشايمان دىگەننى قانچە توننىلاپ قىلغىنىمنى بىلمەيمەن . ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا ئۇ پەقەت بىر جۈملە سۆز قىلدى " سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئالىم !" ،دەپ بولۇپلا يۈگۈرگىنىچە كىتىپ قالدى . ئەپسۇس ، بۇ ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزى ئىكەن ئەمەسمۇ ! يۇرتقا قايتىپ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئۇنىڭ دوستىدىن خەۋەر كەلدى ، گۈزەلئاي ئۆيدىكىلەرگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىيتىپتۇ ، دادىسى بۇنى قوبۇل قىلالماي ئۇنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ ، ئۇ ئاخىر بىر قارارغا كېلىپ ... ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ ..
ھەممەيلەن بىشىنى پەس قىلغىنىچە ئۆكۈنۈپ كىتىشتى . نەزەر بىر نەرسىنى چۈشەنمىگەندەك قىلىپ سورىدى :
ـ ئالىم ، ئۇ دەسلەپكى تەتىلدە ئۆزگىرىپ كىتىشكە باشلايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇقتۇڭمۇ ؟
ـ ئىم ، ئۇقتۇم ، ئۇنىڭ ئاپىسى ئەسلى ئۆگەي ئىكەن ، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇنىڭغا ئامراقكەنتۇق ، ئەمما ئۇ ئايال ئاشۇ تەتىل بىرنى تۇغۇپلا ئۇنىڭغا ئۆگەيلىك قىپتۇ ، دادىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئانچە كارى بولماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ .. ناچار دوستلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ ... ، ھەممىنى قىلغان مەن ، ئۇنى باشتىلا توسۇشۇم كىرەك ئىدى ! شۇنداق قىلىپ ئۇ كەتتى ، مەن يەنە ۋىجدان ئازابىغا قالدىم ... تەتىلدە ئۇنىڭ يۇرتىغا بىرىپ ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدىم ، قان-قان يىغلىدىم ، ئەمما ئۇ قايتىپ كەلمىدى ، ھەم قايتىپ كىلەلمەيدۇ ... ، شۇندىن بىرى بۇ ئىككى قىزنىڭ ماڭا قالدۇرغان ۋىجدان ئازابى ئىزچىل مىنى قىيناپ ، مۇشۇنداق ھاراقتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلىپ قويدى ، ئۆزۈممۇ يارىماس ، بىر ئىشلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدىكەنمەن ... شۇنىڭ بىلەن قىزلارغىمۇ نەپرەتلىنىپ كەتتىم ، چۈنكى ئۇلار ئارىسىدىكى بەسخورلۇق ، مودا قوغلىشىش ، كۆرەلمەسلىك ... قاتارلىقلارمۇ يەنە بىر جەھەتتىن يوشۇرۇن ھالاكەتنىڭ بىشارىتى ئىكەن . ھەرقانچە ياخشى قىز بولسىمۇ ئىشەنمەس بولدۇم ، ھەم ئىشىنىشتىن قورقۇدىغان بولۇپ قالدىم . شۇڭا .. ھازىرقىدەك قىزلارغا قارىتا سەپرا مىجەز بوپ قالدىم . مېنىڭ ھېكايەم شۇ باللا ، مىنى مەسخىرە قىلساڭلارمۇ مەيلى ، ئەمما ئىچىمدىكىنى دەۋىلىپ خېلى بوشاپ قالدىم .
ـ بۇ يەردە ھىچكىم سىنى مەسخىرە قىلمايدۇ ئاداش ، - دىدى شىرئەلى سەمىمىيلىك بىلەن ، - راست گەپنى قىلسام ، بۇرۇن سەن بىلەن شۇنچە يىقىن ئۆتۈپمۇ بۇ ئىشلىرىڭنى بىلمەي ، سىنى چۈشەنمەي يۈرۈپتىكەنمەن .بۈگۈن سىنى قايتا چۈشەندىم . سەندىن سورايدىغىنىم ، بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ ئەسلىڭنى تاپقان بولساڭ ، بىزھەممىمىز سەن ئۈچۈن خۇش بولاتتۇق ئاداش !
باشقىلارمۇ ئۇنىڭ گىپىگە گەپ قوشۇپ ، ماڭا ھىسداشلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ، مىنى قەددىمنى رۇسلاپ ، ھەممىنى باشتىن باشلىشىمنى ئۈمىد قىلىشىدىغانلىقىنى دىيىشتى .نەزەر ئۇزۇن سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن ئاخىر سالماقلىق بىلەن سۆز ئاچتى :
ـ ئالىم ، مەن سىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىمەن دەپ ئويلايتتىم ، ئەمما ،ئۇنداق قىلالماپتىمەن ، ئاشۇ چاغلاردا ساڭا ھەقىقىي تەسەللىنى ، ھەقىقىي يولنى كۆرسىتىپ بىرەلمەپتىمەن . سەن ماڭا ئەڭ مۇھتاج چاغلاردا مەن يىنىڭدا بولالماپتىمەن . ھەي ... مېنىڭمۇ دەيدىغىنىم ئۇلار بىلەن ئوخشاش ، سىنىڭ ھەممىمىزنى ئۆز كۆرۈپ ئىشلىرىڭنى دەپ بەرگىنىڭگىمۇ رەھمەت ، ئەگەر ئاشۇ ئىشلار بىزنىڭ بىشىمىزغا كېلىپ قالغان بولسا بەلكىم بىزمۇ قانداق قىلىشىمىزنى بىلمەي قالاتتۇق ، سىنىڭ ئەمدى تۈزىلىپ ئۆزۈڭنى تىپىۋىلىشىڭنى ، قايتىدىن باشلىشىڭنى ، ئوغۇل بالىدەك ياشىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن . ئوغۇل بالا دىگەن چىدامچان بولغىنى ياخشى ، گەرچە بۇ ئىككى قىتىملىق زەربە ھەددىدىن زىيادە ئىغىر بولسىمۇ ،لىكىن سىنىڭ يەنىلا كۆتۈرۈپ كىتەلىشىڭگە ، يىڭى تۇرمۇشنى باشلىيالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمىز ! بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەت ، مىھراي دىگەندەك ، ھەربىر زەربىنى ئۆزۈڭنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچۈڭگە ئايلاندۇرىشىڭ كىرەك ! سەن قىلالايسەن ، بىزگە ۋەدە بەر ، ئەمدى ھاراق تاماكىدىن ئۆزۈڭنى تارت ، قېنى ھازىرمۇ ئۆزۈڭنى ئوغۇل بالا چاغلىساڭ ، بىزگە قول بىرىپ ۋەدە بەر ، ھەم ئۆز ۋىجدانىڭغىمۇ بىر ۋەدە بەر !
ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا قول ئۇزاتتى ، مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق ھاياجانلاندىم ، بۇ چاغقىچە ماڭا بىرىلگەن ئەڭ چوڭ تەسەللى ۋە رىغبەت مۇشۇ بولسا كىرەك ، مەن قايتا روھلىنىپ ئۇنىڭغا قولۇمنى تەڭلەپ قولىنى چىڭ سىقتىم . ھەممەيلەن بىلەن بىر قىتىم چىڭ قول سىقىشىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن ، بالىلارغا ۋەدە بەردىم :
ـ باللا ، ھەممىڭلارغا رەھمەت ! مىنى قۇتقۇزىۋالدىڭلار ! ھەممىڭلارغا ۋەدە بىرىمەن ، ئەمدى قەتئىي ئۆزگىرىمەن ،ھەممىنى يىڭىدىن باشلايمەن !
ھەممەيلەن ناھايىتى خۇش بولۇپ كىتىشتى . ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن شىرئەلىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ قونماقچى بولدۇق . تاكسىدا ماڭغۇچە يانچۇغۇمدا تاماكا بارلىقى ئىسىمگە كېلىپ ئەينەكنى چۈشۈرۈپ تاماكىنى سىرتقا تاشلىۋەتتىم ، نەزەر كۆرۈپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى .
توۋا ، مېنىڭمۇ ئاخىر مۇشۇنداق بىر ئىرادىگە كېلىدىغان كۈنۈم بولىدىكەن ،بۈگۈن ئاخىر ھەممىنى ئۇنتۇپ ، ئۆزگىرىدىغان بولدۇم . ئەمدى چوقۇم ۋەدەمگە ئەمەل قىلىپ دۇرۇس ياشاپ قايتىدىن ئادەم بولىمەن ، گۇناھلىرىمغا تۆۋبە قىلىپ ،ھەممىنى قايتىدىن باشلايمەن . ئەمدى دۇنياغا كۈلۈپ قاراپ ، كۈلۈپ ياشايمەن ،چۈنكى ... مەنمۇ بىر ئەقلى بار ئادەم . دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن بەھىر ئېلىپ ، توغرا يول تۇتۇپ ، توغرا ياشايمەن ، ئەمدى ئۆزۈمنى تاشلىۋىتىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن ،ساپ قەلب ، مۇستەھكەم ئىتىقاد ،بىلىم نەزىرىم بىلەن دۇنياغا نەزەر تاشلايمەن . ماڭا مۇشۇنداق ئىسىل دوستلارنى ھەدىيە قىلغان ئىگەمگە مىڭ شۈكرى! مەن ئەتراپىمدىكىلەرنى چوقۇم ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن !...
مۇشۇنداق خىياللار بىلەن قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ سەزمىدىم . ئەتىسى سەھەر قوپۇپ يۇيۇنۇپ بامدات ئوقۇدۇم ، نەزەرمۇ بۇنى كۆرۈپ ھەممەيلەننى دەۋەت قىلدى . شۇنداق قىلىپ يەنە بىر قىتىملىق سەپەرگە ئاتلاندۇق ...
يولدا ماڭغۇچە بۇ شەھەرگە بولغان ھېسلىرىمنى ئىيتىپ ماڭدىم ،ھەي تۇمانلىق شەھەر ... ، پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى ، بۇ گەپنى كىممۇ قىلغان بولغىيتتى ؟ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسىمگە مۇھەممەد راشىدىننىڭ "ئۈرۈمچى" دىگەن شىئېر ئىسىمگە كېلىپ قالغان ئىدى ، بولۇپمۇ مۇنۇ كۇبلىتى ماڭا بەك تەسىر قىلغان :
سۈزۈك ئىكەن سىنىڭدە سودىگەرنىڭ چىرايى ،
بىلىم ئەمەس كىيىمكەن ئاياللارنىڭ خىيالى ،
بەزىبىرلەر نەپ ئۈچۈن بولۇپ قاپتۇ سەۋدايى ،
نەپسىز گەپنى ئاڭلىسا ئۆچىدىكەن چىرايى ،
جىق گىپىمنى دىيەلمەي قويۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .

شۇنداق ، مەنمۇ ساڭا نۇرغۇن گەپلىرىمنى قويۇپ قويۇپ قايتماقچىمەن ، گەرچە سەن بىلەن پات ئارىدا كۆرۈشسەممۇ ، لىكىن ساڭا نۇرغۇن دەرد-ئەلەملىرىمنى كۆمۈپ قويدۇم ، ئۇنى مەڭگۈ ئىزلىمەيمەن ،ئۇ ساڭا قالدۇرغان مەڭگۈلۈك سىر بولۇپ بولۇپ قالغۇسى ...
ئانا يۇرتۇم ــ قەشقەر ، ھەقىقەتەن مىھرى ئىسسىق ئەزىزانە شەھەر ،قەدىمىيلىكتىن پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان ھىيتكاھ جامەسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قەشقەرنىڭ سىموۋولى بولۇپ، قەشقەرنىڭ پەخرى بولۇپ كەلمەكتە . قەشقەر گەرچە مەدەنىيەت ، تەرەققىيات جەھەتتە ئۈرۈمچىدەك راۋانلانغان بولمىسىمۇ ، ئەمما ئەخلاق جەھەتتە خېلى روشەن سىلىشتۇرمىلىققا ئىگە ،بۇ يۇرتتا نىمىلا دىگەن بىلەن ئىتىقادلىق يۇرت ئاقساقاللىرى كۆپ ، ئۇلارنىڭ ياشلارنى تەربىيلەشتە رولى ناھايىتى زور . نەگە قارىسىڭىز مىللىي قەدىمكى كوچىلارنى ، كوچىلار ئارىسىدا تۇرغان مەسجىدلەرنى كۆرىسىز ، ھەركۈنى بەش ۋاخ ئەزاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ . ئەلۋەتتە ، جەمىيەتتە يەنە ماڭا ئوخشاش خۇدۇنى تاپالماي يۈرگەن ياشلىرىمىزمۇ بار ،ئۇلارمۇ ھامان بىركۈنى ماڭا ئوخشاش ئەقلىنى تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ، چۈنكى ئۇلارمۇ چوڭ بولىدۇ ، ئۆي-ئوچاقلىق بولىدۇ ، بىر ئۆينىڭ ھاجىتى ـــ مورىسى ھامان ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى رەتكە كىرگۈزىدۇ . چوڭلار ياشلارنىڭ يامان يولغا كىرىپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرگەندە ، "بۇنى ئۆيلەپ قويىدىغان چاغ بوپتۇ"دىيىشىدۇ ئەمەسمۇ ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىر ئىش .
قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، تۇرمۇشۇمدىن قايتىدىن رەتكە سالدىم ،ھاراق-تاماكىدىن ئۆزۈمنى خېلىلا تارتىپ قولۇمغا ئېلىپ باقمىدىم . ھەمدە نەچچە قىتىم بۇرۇن بىر سورۇندا ئولتۇرۇشقان سورۇنداش ئاغىنىلەر سورۇنغا چاقىرتسا كەسكىن رەت قىلدىم ، ئەلۋەتتە ، بۇ ئارىدا مىنى قوللىغانلارمۇ ، مىنى مەسخىرە قىلغانلارمۇ بار . بۇ تەبىئي ئىش ، ئۇلارمۇ ھامان ئۆزگىرىدۇ ، پەقەت ۋاقىت ياكى كاللىنى سىلكىش مەسىلىسى . كەيىپ-ساپا ، ئىشقىلىپ ھەممىسى ھاياتنى خوراتقۇچى كۈشەندىلەر ، بىشىدىن ئۆتكۈزمىگەنلەر بۇ خىل پۇشايمان ياكى ئەسلىگە قايتىشنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ .
مەن بۇرۇنقى ياخشى ئادەتلىرىمنى قايتا داۋاملاشتۇردۇم . ئىنگىلىس تىلىنى تاشلاپ قويغىلى خېلى بىر زامانلار بوپ كەتكەنىدى ، قايتا يەنە ئۈگىنىشكە باشلىدىم ، ھامان بىر كۈنى ئەسقاتىدۇ-دە . ئانچە-مۇنچە تورغا چىقىپ ، تونۇش-بىلىشلەر بىلەن ئالاقىلاشقاندىن سىرت ، مەنمۇ نەزەرگە ئوخشاش مۇنبەرلەرگە كىرىپ ھېكايە-پوۋىسىت،جەمىيەتتىكى ھەرخىل ھادىسە ،دۇنياۋى خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتىم . ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنىڭ تەرەققىياتى بۇنچە تەرەققىي قىلىپ كەتكىنىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن . نادىر تىمىلارنى كۆرسەممۇ پىكىر قاتناشتۇرمايتتىم ، مېنىڭ بۇ ئاددىي كاللامدا ئويلىغان پىكىرنى ھامان بىرسى تىخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ يازىدۇ دەپ ئويلايتتىم ، پەقەت ئوقۇپ بەھر ئالاتتىم .ئاتا-ئاناممۇ مېنىڭ قايتا روھلىنىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ بەكلا خۇش بولۇشتى . ئاپام خوشلۇقىدا كۈندە مەن ئامراق تاماقلارنى ئىتىپ بىرەتتى .تاماق ۋاقتىدا ماڭا زوقلىنىپ قاراپ "جىق-جىق يە بالام ،قارا سىنىڭ ئورۇقلاپ كەتكىنىڭنى ،مۇشۇ تەتىلدە سىنى ئوبدان بىقىپ بىر سەمرىتىۋالمىسام "دەپ كىتەتتى .
بىر كۈنى ئۆيدە كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتىم ، ئاپام تاماققا چاقىرىپ قالدى ، ئورنۇمدىن تىزلا تۇرۇشۇمغا بىشىم قىيىپلا كەتتى ،خېلى بىر ھازادىن كىيىن ئاران ئەسلىمگە كەلدىم . خېلى بولدى مەندە بۇنداق ئەھۋال بولۇپ تۇرغىلى ، ئەمما بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل ئىغىرلاپ قالغاندەك تۇيۇلدى . بىرىپ تاماققا قارىساملا يەنە بىرخىل كۆڭلۈم تارتمىدى ، ئەمما ئاپامنىڭ كۆڭلىنى دەپ ، زورلاپ يەۋەتتىم ، يەپ بولۇشۇمغىلا يىگەن تاماقنىڭ ھەممىنى قۇسۇۋەتتىم ، ھەم ئاجايىپ بىئارام بولۇپ كەتتىم ، شۇ ھامان دورامدىن ئىككى تال يەۋەتتىم ، ئاپام بىلەن سىڭلىم قورقۇپ كەتكەن بولسا كىرەك ، توختىماي سوئال سورايتتى :
ـ ۋاي نىمە بولغانسەن بالام ؟ تاماق سىڭمىدىمۇ يە؟ بولمىسا ئامراق تامىغىڭ ئىدى ئۇ ، ئىچىۋاتقىنىڭ ئاشقازان دورىسىكەنغۇ ؟ ئاشقازىنىڭدىن چاتاق چىقتىما ؟
ـ ياقەي ئاپا ، - مەن يەنە ئامالسىز ئۇلارنى ئالداشقا مەجبۇر بولدۇم ، چۈنكى ئۆيدىكىلەر مېنىڭ ئاشقازان يارىسى بولغانلىقىمنى ، نەچچە قىتىم ئاغرىقتىن دوختۇرغا كۆرۈنگىنىمنى بىلمەيتتى ، - شۇ ئۈرۈمچىدە سەل قالايمىقان نەرسىنى كۆپ يىۋالغان ئوخشايمەن ، شۇڭا دورا ئىچىپ تۇرىۋاتقان ، ئەنسىرىمە بولدى . بىردەمدىلا ئوڭشىلىپ كىتىمەن .
ـ قانداق خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ ؟ قاراپ باققىنا چىرايىڭغا ، سارغىيىپ تاتىرىپ كىتىپسەن ، دوختۇرخانىغا بىرىپ كۆرۈنۈپ باقامسەن-يا ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل تەمتىرەپ قالدىم ، ئاپام كىسىلىمنى ئۇقسا تىخىمۇ ئەنسىرىشى تۇرغانلا گەپ ، بەلكىم داۋالانغىچە ھىچيەرگە بارغۇزماي، مەكتەپتىنمۇ رۇخسەت ئېلىپ يۈرىشى ئىنىق . شۇڭا ئاپامغا ئۇنى-بۇنى دەپ ئىشەندۈردۈم .لىكىن ئانا كۆڭلى تۇيامدۇ قانداق ، ئاپام يەنىلا بىر ئاز ئەنسىرەپ تۇراتتى . ھاراقنى تاشلىغىنىمغا ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى ، ئەسلى سەل ئوڭشىلىش بولسا توغرا بولاتتىغۇ ؟ بوپتىلا ، بىراقلا بۇنداق تىز ساقىيىشىمۇ ناتايىن ، تەخىر قىلغان ياخشى ...
بۇ قىتىملىق تەتىلنى يىڭىچە ئىرادە، يىڭىچە يول بىلەن ئۆتكۈزگەچكىمۇ ، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە توشۇپ قالدى ، ئەمما ئاپام يەنىلا مەندىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭغا بىرمۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ ، ئازراق بولسىمۇ خاتىرجەم قىلىپ قويدۇم ، ھەتتا ئۈرۈمچىگە بىرىپلا دوختۇرغا كۆرۈنىمەن، دەپ يۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئاران يوشۇرۇپ تۈگەتتىم . قەشقەردىن ئايرىلغۇچە كاللامغا غەيرى خىياللار كېلىپ كەتتى ، خۇددى بۇ شەھەرنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ،كۆڭلۈم ناھايىتى يىرىم بولدى . ئۆز-ئۆزۈمنى بەزلەپ ئاغىنىلىرىم بىلەن كۈلكە-چاقچاقلارنى قىلىپ ماڭدۇق .
ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكى ئۆتۈپ بوپتۇ ، تىخى ئىشۇ چاغلاردا يىڭى كەلگەن ئوقۇغۇچى ئىدۇق ، ھەممىگە ھەيران بولۇپ قاراپ ھاڭۋىقىپ قالىدىغان چاغلىرىمىز بىردەمدە كەلمەسكە كىتىپتۇ ... ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان ،تىجارەتچىلىك قىلىۋاتقان ئاكىلىرىم دائىم ماڭا " ئالىم ، يەنىلا ئوقۇغانغا ھىچنىمە يەتمەيدىكەن ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش دىگەن كاتتا ئىش ،ھەم ئادەمنىڭ ئۆمرىدە بىرلا قىتىم كىلىدىغان پۇرسەت ،باشقىلار نىمە دىسۇن ، چوقۇم ئاخىرىغىچە ياخشى ئوقۇ! " دەيتتى . مانا ئالىي مەكتەپتە كۆرمىگەننى كۆردۈم ، كۆرمەسكە تىگىشلىكنىمۇ كۆردۈم ، كۆرۈشكە تىگىشلىك بەزى ئىشلار كۆرەلمىدىم . خۇشال بولغان چاغلىرىممۇ بار ، ئازابلانغان چاغلىرىممۇ بار ، بىكارچىلىقتا قالغان چىغىممۇ بار ، ئالدىراشچىلىقتىن كەچلىرى بىر ۋاقىتقىچە ئۇخلىمىغان چاغلىرىممۇ بار ... ئوقۇۋىتىپ يامان يوللارغا كىرىپ كەتكەنلەرگە لەنەت ئوقۇدۇم ، مەندىن ياخشى بالىلارغا ھەۋەسلىنىپ ، ئۆزۈمدىن نومۇس قىلدىم . ئىشقىلىپ ئەڭ ئاددىيسى ئۆزۈمنىڭ نىمىشقا كەلگەنلىكىمنى ، نىمە ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقىمنى ، ۋە كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلىش كىرەكلىكىمنى بىلىۋالدىم .
قىسقىغىنا ھاياتىمدا يەنە مۇھەببەت جەھەتتە كۆپ ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلدىم ، كۆپ زەربىلەرگە ، ئازابلارغا دۇچار بولدۇم . كۆپ ساۋاقلارغا ئىرىشتىم ، كۆپ قۇربانلىقلارنى بەردىم ، ئاز بولمىغان بەختلەرگىمۇ ئىرىشتىم-يۇ ... ھەممىسى يەنە يوق بولدى .
شۇنداق ، ھاياتىمدىكى ئەگرى-توقايلىقلار ماڭا كۆپنى ئۈگەتكەنىدى ، ھازىر كىشىلىك تۇرمۇشقا قارىتا ئاز-تولا تەجرىبەم بار ، ئۆزۈمگە زىيادە بىسىم قىلىۋالدىممۇ بىلمەيمەن ، ھازىر ۋاقتىم كۈندىن-كۈنگە قىسلىشىپ كىتىپ باراتتى ، ئانچە-مۇنچە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانغىمۇ ۋاقتىم يىتىشمەيۋاتاتتى . ھەركۈنى دىگۈدەك سىنىپ ، ياتاق ، كۈتۈپخانا ، ئاشخانا ... دىن نېرى كىتەلمەيمەن . ئەمما ، سالامەتلىكىمنىڭ بارغانسىرى ناچارلىشىۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ تۇرىۋاتىمەن ، ئۆز-ئۆزۈمگە دىققەت قىلىمەن دەيمەن-يۇ ، دىققەت قىلىپ بولالمايۋاتىمەن .
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپتە تونۇشۇپ قالغان بىر ئاسپىترانت ھەدەش بار ئىدى ، ئۇ ماڭا تولىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى ،مەيلى دەرس ياكى تۇرمۇش ھەققىدە بولسۇن ، ماڭا ئوخشاشلا يول كۆرسىتىپ ، تەلىم بىرەتتى . بىركۈنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ ، مەكتەپ ئالدىدا ئۇنى ساقلاشقا باشلىدىم . يازدا مەكتىپىمىزنىڭ ئىچى بەكمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ ، ئەتراپنى كۈزەتكەچ ئىككى قىزنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغىنىنى سەزمەپتىمەن ، بىر چاغدا "ئالىم"دەپ زىل ئاۋازدا بىرسىنىڭ مىنى چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ، دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىسام ، ئاسپىرانت ھەدەش ئىكەن ، ئۇنىڭ قىشىغا بارسام يىنىدا يەنە بىر قىز تۇراتتى . ئەمما ئۇ سەل كىچىكرەك كۆرىنەتتى . ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ، ھەدەش ماڭا يىنىدىكى قىزنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى :
ـ بۇياق مېنىڭ نەۋرە سىڭلىم ، سىز بىلەن بىر قاراردا ئوقۇيدۇ ،بەلكىم كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن ، ئىسمى شىرىنئاي،ـ ئاندىن مىنى سىڭلىسىغا تونۇشتۇرۇپ قويدى .
ئۇ قىزغا بىشىمنى لىڭشىتىپ قايتا سالام قىلىپ قويدۇم ، ئۇ قىزنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەك ، ئەمما ئىنىق ئىسىمگە ئالالمىدىم .
ـ ئۈچىمىز بىرگە تاماق يىسەك ھىچقىسى يوقتۇ ؟ - سورىدى ھەدەش مەندىن .
ـ ياقەي ، ھىچقىسى يوق ، ئەسلى مەن بىر تۇققانلار ئۇچرىشىشىنى بۇزۇپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ ، ياكى بولمىسا ..
ـ بىرگە يەيلى ئەمسە ، يۈرۈڭ .
ئۈچىمىز بىرگە مەكتەپ سىرتىدىكى مۇھىتى ياخشىراق ئاشخانىغا قاراپ ماڭدۇق . ئارىلىقتا ھەدەشنىڭ سىڭلىسىنى مۇنداقلا كۈزىتىپ سالدىم ، ئۆزى چىرايلىق ، ئوڭلۇق قىزكەن ، گەپ-سۆزلىرىدىن مىجەزىنىڭمۇ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى ، ئىغىر-بىسىق ،ئۆزىنى تۇتىۋالغان قىز ئىدى . مەندىن خىجىل بولسا كىرەك ، بەكمۇ كۆپ گەپ قىلمىدى .
مەن ئۇنى نەدە كۆرگەنلىكىمنى پەقەت ئىسىمگە ئالالماي ئۇنىڭدىن سورىدىم :
ـ سىزنى بۇرۇن بىريەردە كۆرگەندەكلا ئىسىمدە ، لىكىن پەقەت ئىسىمگە ئالالمىدىم ...
ـ مەن سىزنى كۆرۈپلا تونۇۋالدىم ، بىز بۇرۇن تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسلىكنى بىللە ئوقۇغان ، شۇڭا بەلكىم ئىسىڭىزدىن چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك .
ـ ھە ، ئەسلى مۇنداقكەندە .
ـ سىزنىڭ سىنىپىڭىزدا مېنىڭ بىر يىقىن دوستۇم بار ، سىز توغرىلىقمۇ سۆزلەپ بەرگەن ، ئاڭلىسام ... سىزنى مىجەزى ئوڭشىلىپ ياخشى بوپ كەتتى دەيدىغۇ ؟
ـ ھە ... بۇ ، - ئۇ بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى ، بۇرۇنقى ئەسكى مىجەزىمنى بىلىپ بوپتۇ ، خىجىلچىلىقتا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ، - شۇ ئازراق ئىشلار تۈپەيلى كەيپىياتىم ياخشى ئەمەستى ئۇ چاغلاردا . ھازىر سىز ئاڭلىغاندەك ئوڭشىلىپ كەتتىم .
ـ سىلەر تونۇشىدىكەنسىلەر ، ئەمسە پات-پات ئىزدىشىپ تۇرۇڭلار جۇمۇ ،ـ ھەدەش ئارىدا سۆز قاتتى ، - سىلەرمۇ بىلىسىلەر ، ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانچىلىك ئالدىراش بولۇپ كىتىدىغانلىقىنى . مەن يوق چاغدا سىلەرمۇ تەڭ يوقاپ كەتمەي ، ئىزدىشىپ تۇرۇڭلار .
ھەر ئىككىمىز باش لىڭشىتىشتۇق ، ھەم ئۆز-ئارا تىلفۇن نومۇرىمىزنى خاتىرىلىۋىلىشتۇق . كەسپىمىز ئوخشىشىپ كەتكەچكىمۇ ، بەزىدە ئۆز-ئارا ماتىرىيال سورىشىپ ئالاقىلاشقانمۇ بولدۇق ، كىيىن ئۆز-ئارا باشقا تىمىغا چۈشۈپ ، بىر قەدەر چۈشىنىش ھاسىل قىلدۇق . ھەدەشنىڭ كۆڭلى دەپ ئۇنى تاماققىمۇ چاقىردىم . ئەمما راستىنى دىسەم ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان چىغىمدىلا بىرخىل غەيرى ھېس قىلىپ كەتكەنىدىم ، چۈنكى ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ ئىسمىمۇ "ئاي"ئىدى ، بۇ "ئاي" مۇ شۇنداق "داغ" قونغان ياكى "داغ"قونۇش ئالدىدىكى "ئاي"بولمىسلا بولاتتىغۇ .
ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە جەريانىدا ئۇنىڭمۇ مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم ، مۇشۇ چاغقىچە ھەدەشنىڭ بىزنىڭ يۇرتلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىيالماپتىكەنمەن ئەمەسمۇ . شىرېنئاينىڭ ئىغىر-بىسىق ، چوڭ سۈپەت مىجەزى ماڭا بەك ياقاتتى ، ھەر قىتىم تىلفۇن قىلىشقاندا ئۆزىنى شۇنداق تۇتىۋالاتتى ، ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئويلىرىنىڭ مەن بىلەن ئوخشاشلىقىنى ھېس بايقىغىنىمدا ، ئۇنىڭغا بىر خىل قىزىقىش پەيدا بولدى ، ئەمما بۇ خىل قىزىقىشتىن مۇھەببەت كېلىپ چىقىشىدىن ناھايىتى قورقتۇم ، چۈنكى ... چۈنكى راستىنى ئېلىپ ئىيتقاندا مەن مۇھەببەتلىشىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغانىدىم . ئالدىنقى ئىككىسنىڭ پاجىئەسى مىنى بۇ جەھەتتىن خېلىلا ھالسىرىتىپ قويغانىدى .
ئەمما ، ئارىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىش مىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرۈپ ، بۇ خىل ھىسىياتىمنى ئىچىمدىلا ئۇجۇقتۇرىۋىتىشكە ئامالسىز قالدىم،ئۇ ناھايىتى قاتتىق يامغۇر ياغقان بىر كۈنىسى ئىدى ، شۇ كۈنى يىگەن تاماق ماڭا ياقمىدىمۇ قانداق ، كەچ كىرىشى بىلەنلا ئاشقازىنىم ئاغرىپ بولالمىدىم ، چىرايىم تاتىرىپ ، كارىۋاتتا ياتقىنىمچە ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم ، شەنبە بولغاچقىمۇ ياتاقتا ھىچكىم يوق ئىدى ، بىر چاغدا شىرېنئاي تىلفۇن قىلدى ، ئالماي دىسەم ئۇنىڭ خاتا چۈشىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تىلفۇننى ئالدىم ، ئۇ تىترەپ چىقىۋاتقان ئاۋازىمدىنلا مىجەزىمنىڭ يوقلىغىنى بىلىۋالدى ، ماڭا دەرھال دورا ئىچىشنى تاپىلىدى ، ئەمما دوراممۇ قىرىشقاندەك تۈگەپ قالغانىدى ، ئۇ ياتىغىمنىڭ نومۇرىنى سورىۋىلىپ ، تەخمىنەن ئون مىنۇتلاردىن كىيىن ئىشىك چىكىلدى ، ئاچسام ئۇ ئىكەن ، قارىسام چىلىق-چىلىق يامغۇرغا چىلىنىپ كىتىپتۇ . ئۇ مىنى يۆلىگىنىچە ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئاپاردى ، ھىلىمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ ، ئۇ كىيىۋالغان چاپىنىنى سىلىپ مېنىڭ بىشىمغا ئارتىپ يامغۇردىن پاناھلاندۇردى ، ئۆزى بولسا يامغۇردا قالدى ...
شۇ ئىشتىن كىيىن ئالدىنقى ئىككى قىتىمدىكىسىدىنمۇ بەكرەك ئىككىلەندىم ، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈش كېرەكمۇ يوق ؟ كاللام قاپاق بولۇپ قەتئىي جاۋاب تاپالمىدىم ، بۇ سوئالنى پەقەت رېئاللىققا ۋە كەلگۈسىگە قويدۇم . تەتىلگە ئاز قالغاندا ئاسپىرانت ھەدەش تىلفۇن قىپتۇ :
ـ ئالىمجان ئۇكام ، مەن بۇ تەتىل يۇرتقا قايتالمايدىغان بولدۇم ، شىرېنئاي بىلەن بىرگە ماڭماقچىدۇق ، ئۇ يالغۇز قالىدىغان بولدى ، سىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭسىڭىز بوپتىكەن ، سىزدىن ئۆتۈنسەممۇ ئۆتۈنەي ، ئۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن .
ـ ۋاي بۇنداق تۈزۈت قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەمسە مەن ئۇنىڭ بىلەن ماڭاي ، بىلەت ئالغانمۇ ؟
ـ ھەئە ، سىز بىلەت ئالغان بولسىڭىز قايتۇرىۋىتىڭ ، مېنىڭكىنى ئىشلىتىڭ .
ـ ئىم ، ماقۇل .
شۇنداق قىلىپ شىرېنئاي بىلەن بىرگە ماڭىدىغان بولدۇم ، ئۇلار ئالغان بىلەت تىز پويىزنىڭ يىتىپ ماڭىدىغىنى ئىكەن . ماڭىدىغان چاغدا ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە قىيىشماي يىغلاپ تاشلىغىلى تاسلا قىلىشتى ، ھەدەش شىرېنئاينى ماڭا تاپشۇرۇپ بىز بىلەن خوشلاشتى .
بۇ تۆت كىشىلىك ئورۇندا ئىككىمىزدىن باشقا يەنە بىر تەلەتىدىنلا ياخشى ئادەم ئەمەسلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ،سەل ۋەيرانە ، چىرايى قورقۇنۇشلۇق 40 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئادەم بار ئىدى ، يەنە بىر ئورۇندا ئادەم يوق . شىرىنئاي ئىككىمىز م پ 3 تە ناخشا ئاڭلىغاچ ماڭدۇق ، ئارىلىقتا پويىزنىڭ خالىي جايلىرىغا بىرىپ پاراڭلىشىپ تۇردۇق ، كەچتە ئورنىمىزغا بىرىپ بوش ئاۋازدا بىر ئاز پاراڭلىشىپ ئۇخلىماقچى بولۇشتۇق ، چۈنكى بايىقى ئادەم ئۇخلاپ قالغانىدى . ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى ، قارىسام شىرىنئاي ئۇخلاپ قاپتۇ ، مەن بىردەم ئۇنىڭ چىرايىغا زەن سالدىم ، ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى ، كىرپىگى تولىمۇ ئۇزۇن بولۇپ ، ئۇنىڭ چىرايىغا تىخىمۇ ھۆسىن قوشقانىدى . ئۇنىڭغا قانچىلىك قارىغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا ئۆزۈم خىجىل بولۇپ كىتىپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ پويىز ئىچىنى بىردەم ئايلانماقچى بولدۇم . تەخمىنەن 20 مىنۇتلاردىن كىيىن قايتىپ كەلسەم ، ھىلىقى ئەسكى تەلەت بەدبەخ شىرىنئاينىڭ يوتىسىنى سىلاۋاتاتتى ، شىرىنئاي بەك ھېرىپ كەتكەن بولسا كىرەك ، ھىچنىمىنى تۇيمىغانىدى . مەن بارغانچە بىرىپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنى تىپىپ يىقىتىۋەتتىم ھەم ئۇنىڭ ئۇدۇل كەلگەن جايلىرىغا تىپىشقا باشلىدىم ، شىرىنئاي چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتى دە ، مىنى تۇتىۋىلىپ بولدى قىلىشىمنى ئۆتۈندى ، مەن ئامالسىز توختاپ قالدىم .ھىلىقى ئوغرى ۋايسىغىنىچە يالۋۇرۇشقا باشلىدى :
ـ ئۇكام ، مىنى ..مىنى كەچۈرىۋەت ، مۇشۇ بىر قىتىم ، ئىنسانچىلىقتا ئازمايدىغان ئادەم يوق ، بولدى قىلغىن ،سەندىن ئۆتۈنەي ..
دادامدەك ئادەم شۈمشىيىپ تۇرۇپ يالۋۇرسا ، باغرى تاش ئادەممۇ ئىرىپ كىتىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن سەل يۇمشاپ :
ـ ئۆزلىرى دادامدەك ئادەمكەنلا ، بولمىسا بۇ يەردىن ساق چىقىپ كىتەلمەيتىلە ، ۋاقتىدا ئۆزلىرىنى سوراپ يۈك-تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتسىلە ، بولمىسا ھازىرلا يەنە بىرنىمە دىيىشىپ قالىمىز .
ـ ماقۇل ئۇكام ماقۇل ، مەن ھازىرلا چىقاي ...
ئۇ قورققىنىچە نەرسىلىرىنى تىز-تىز يۇغۇشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى . شىرىنئاي مەندىن ھەيران بولغىنىچە سورىدى :
ـ نىمىشقا ئۇنى ئۇرىسىز ؟
ـ ئۇ بايا سىزگە ... ،ـ مەن بولغان ئىشلارنى دەپ بەردىم ، ئۇمۇ ئۇقۇپ چۈچۈپ كەتتى ، - ئەمدى خاتىرجەم ئۇخلىسىڭىز بولىدۇ ، بايا چىقىپ كەتمىسەم بوپتىكەن ، بۇ ئوغرىنى بۇنداق قىلار دەپمۇ ئويلىماپتىمەن .
ـ ئۇيقۇممۇ ئىچىلىپ كەتتى، ئەمدى ئۇخلىيالماسلىقىم مۇمكىن .
ـ ئەمسە ... بىردەم پاراڭلىشامدۇق ؟
ـ مەيلى .
ـ نىمىنى پاراڭلاشساق بولار ؟
ـ ئالىم ،سىزدىن ئۇزاق بولدى بىر ئىشنى سوراي دەپ ئويلىغانتىم ،ئىزچىل پۇرسەت بولمىدى . باشقىلاردىن سىزنى بەك ئازار يىگەن بالا دەپ ئاڭلىغانىدىم ، ماڭا دەپ بىرەلەسىزمۇ ؟
ـ بۇ ... ،ـ ئويلىنىپ قالدىم ، بۇرۇنقى ئىشلارنى دىگۈم يوق ، ئەمما ئۇنىڭ بىلگۈسى بار ئىكەن ، بولدىلا ، يات ئادەم بولمىغاندىكىن دەپ ، دەپ بىرىشنى قارار قىلدىم .
ئۇ ئۆتمۈش-كەچمىشلىرىمنى ئاڭلاپ ، خۇشاللىق ئىشلارنى ئاڭلىغىنىدا سۇس كۈلۈمسىرەپ ، خىجىل بولغىنىدىن يەرگە قارىۋالاتتى ، ئازابلىق جەرياننى ئاڭلىغىنىدا بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە مۇڭلىنىپ قالاتتى ، ئۇنىڭ مۇڭلانغان قىياپىتىمۇ شۇنداق نازاكەتلىك ئىدى .
ـ سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن ئالىم ، - دىدى ئۇ كەچمىشلىرىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ، - سىز ئەمەس خېلى-خېلى ئادەملەرمۇ بۇنداق ئىشلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ . مۇھىمى سىزنىڭ يەنىلا توغرا ئويلاپ ، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەي قايتا باش كۆتۈرۈپ ياشىغىنىڭىز توغرا بوپتۇ . سىزنى قوللايمەن .
ـ رەھمەت ،كۆپ سۆزلەپ سىزنى زىرىكتۈرۈپ قويدۇم ھە ؟
ـ ياقەي ، ماڭا ئىشىنىپ دەپ بەرگەن تۇرسىڭىز ، قانداقسىگە زىرىككۈدەكمەن ، شۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋالدىم ، ھەم سىزگە قايىل بولدۇم .
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى .
ـ ھە راس ، بۇنى ھىچكىمگە دىمەڭ ھە ،- ئۆزۈممۇ تۇيماي بۇ گەپنى دىگۈچە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىپ قاپتىمەن .
ـ ياقەي ، ھىچكىمگە دىمەيمەن ، - ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىۋىدى ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقى شۇنچىلىك يىقىن بوپ قالدى ، ئۇ سۇس كۈلۈمسىرەپ ئۆزىنى تارتاي دىيىشىگە قايسى بىر كۈچنىڭ تەسىرىدىن ئۇنىڭ دولىسىدىن تۇتتۇم ، شۇ تاپتا قايسىمىز ئازراقلا ئالدىغا سۈرۈلسەك لەۋلىرىمىز تىگىشىپ قالاتتى . مەن غايىباتتىن كەلگەن ئاجايىپ بىر ھاياجان ۋە كۈچنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭغا قاراپ يىقىنلاشتىم ، ئۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى ، ئارىلىق يوقاپ ، لەۋلەر تىگىشەي دىگەندە، ئۇ نازلىنىپ بىشىنى بۇرىۋالدى ، مەنمۇ تىزلىكتە ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم ، ئاندىن ئۇنىڭ ئەۋرىشىم بىلىگە قولۇمنى سىلىپ قۇچاغلىدىم ، ئۇ كۆزلىرىنى يۇمغان پىتى بىشىنى دولۇمغا قويدى .مەن ئۇنىڭغا ئەڭ يىقىن ئارىلىقتىن سەپسالماقتا ئىدىم ، ئۇنىڭدىن بىر ئىللىق ھارارەت تىنىمگە تارقىماقتا ئىدى ...
قەشقەرگە كېلىپ ، يەنە ئۆزۈم تۈزگەن تەتىل پىلانى بويىچە ئىش قىلىشقا باشلىدىم . شىرىنئاي بىلەنمۇ پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇراتتىم ، شۇغىنىسى تىخىچە كۆڭلۈمنى ئىپادىلىيەلمىدىم ، تىخىچە ئىككىلىنىشنىڭ ئازابىدا قىينىلىپ يۈرەتتىم . بىر كۈنىسى ئاغىنىلەر مىنى چىققىن ، دەپ بەكلا زورلاپ تۇرىۋالدى ، ئەمما بۇ قىتىم ئۇلارمۇ ئىچىشمەيدىغانلىقىنى ، پەقەت كوچا ئايلىنىپ كىلىدىغانلىقىمىزنى ئىيتتى . كوچا ئايلانغاچ بىرىپ دوغ ئىچمەكچى بولۇشتۇق . دوغ ئىچكۈچە ، بىر قىز ماڭا قاراپ "ئالىم"دەپ چاقىردى ، شۇنچە تونۇش چىراي بولسىمۇ ئەمما كىملىكىنى پەقەت ئىسىمگە ئالالمىدىم ، تەپسىلىي قاراپ ئاخىر تونۇدۇم ، ئۇ دەل تۇنجى مۇھەببىتىم مىھراي ئىدى ! قولۇمدىكى دوغنى ئاغىنەمگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ ،بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتىم :
ـ ۋاھ، بۇ سىزغۇ ؟ تاس قاپتىمەن تونۇمىغىلى ،سالامەت تۇردىڭىزمۇ ؟
ـ ھەئە ، ياخشى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟ مىنى تەستە تونۇدىڭىزھە ؟ - ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك شوخ ئىدى .
ـ ئۆزگىرىپ كىتىپسىز ، ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن چوڭ .
ـ بەكمۇ ئەمەس ، ئۇزاق بولدى ئەمەسمۇ كۆرۈشمىگىلى . سىز ئۆزگەرمەپسىز ، سىزنى كۆرگەن ئادەم ھازىرمۇ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتكۈدەك جۇمۇ !
بۇ گەپ بىلەن ئىككىمىز تەڭ كۈلۈپ كىتىشتۇق .
ـ ھىلىمۇ ئىسىڭىزدە باركەن ھە ئاشۇ ئىشلار ؟
ـ ئەلۋەتتە ، ئۇنتۇپ قالمىدىم .
شۇ ئارىدا ئۇنى بىرسى چاقىرىپ قالدى ، قارىسام بويى ئىگىز ، ئاق پىشماق ، چىرايىدىن خېلى نۇر يىغىپ تۇرىدىغان بىر ئاداشكەن .
ـ دوستىڭىز ساقلاپ قالمىسۇن ، كىيىنچە كۆرىشەيلى ئەمىسە .
ـ ئەمسە تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزىۋالاي ، مەن كىيىن تىلفۇن قىلاي ھە ، - ئۇنىڭغا نومۇرۇمنى دەپ بىرىپ خوشلاشتىم .

داۋامى بار ، بۇرۇن يىزىلغان ئەسەر ، پات ئارىدىلا سىلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ !
مەنبە : مەن شۇ !
تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرۇم007
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-09-03, 15:03
-سىز كۆرۋاتقان تىما مۇھــەبـــبەت ، ســــەن ئـــۆل !,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(axik.jan) ئىسىل تىما
  • مۇنبەر پۇلى:+100(مېھرىزات) .......... beni afedir, ..
  • مۇنبەر پۇلى:+200(ئۇيغۇرۇم007) نادىر ئەسەر
  • ھېسلىرىم : ئەسەرلەرگە باققاندا رېئال تۇرمۇش تىخىمۇ مۇرەككەپ، رېئال تۇرمۇش ھەممە نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ ،ئەمما ئەسەرلەر كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ .
    ھېسلىرىم
    ماغدۇر كەلگەندە...
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 495
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 2
    ئومومىي يازما: 757
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە757دانە
    ياخشى باھا: 225 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6424 سوم
    تۆھپىسى: 138 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 353(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 05:27 AM

    داۋامى ـــــــــــــــــــــ

        ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ، يەنە شەھەر چۆرگىلەشكە باشلىدۇق ، ئاشقازىنىمنىڭ ئاغرىقى يەنە بىرئاز قوزغىلىشقا باشلىغانىدى ، دورامنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغاچقا ،چىداپ مىڭىشقا توغرا كەلدى . يولدا ماڭغۇچە بالىلار ئارىسىدا يەنە شۇ قىز بالىنىڭ گىپى چىقىپ قالدى ، ئارىدىكى ئاغىنىمىزدىن بىرى كۆزۈمگە كىرىۋالدى :
    ـ ئالىم ، بولدى ئۈمىدسىزلەنمە ئاداش ، مۇھەببىتى بولسا نىمە بوپتۇ ؟ تارتىۋالمامسەن دەيمەن ؟
    ـ كىم ئۈمىدسىزلىنىپتۇ ؟ مۇھەببىتى بولسا مەن بىلەن نىمە چاتىغى ؟ يوق گەپنى قىلىدىكەنسەن ،ـ ئاشقازىنىم ئاغرىپ بولالمايۋاتقاندا ئۇنىڭ گىپى مىنى جىلە قىلىپ قويدى .
    ـ قارا ئەنە چاندۇرۇپ قويدۇڭ ،  چىرايىڭمۇ تاتىرىپ كەتتى بىردەمدە ، ھەي ئىسىت ، شۇ تاپتا قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتىسەن ھە ؟
    ـ بولدى قىل دەيمەن ، ئۇنىڭ بىلەن ھازىر ھىچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق ، كىم بىلەن يۈرسە نىمە كارىم دەيمەن ، ئاشقازىنىم ئاغرىۋاتقاندا جىلە قىلماي تۇرە بىردەم .
    ـ ھاھا ، خەققە تارتتۇرۇپ قويۇپ ئەمدى چىدىماي چىقىرىۋىتەي دەپ قاپسەن-دە ؟
        ئۇنىڭ گىپى بىلەن بالىلار كۈلۈشۈپ كەتتى ، مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم ، شۇنداق كۈچەپ كۈلۈشۈمگە ئاشقازىنىم سەت ئىچىشتى-دە، چىدىيالماي زوڭزىيىپ قالدىم .
    ـ ۋاي نىمە بولدۇڭ  ؟ نەرىڭ ئاغرىۋاتىدۇ ؟ـ بالىلار جىددىيلىشىپ سورىدى.
    ـ بىلمىدىم ، دوغ زىيان قىلغان بولسا كېرەك ، ئاشقازىنىم ئىچىشىپ كىتىپ بارىدۇ .
    ـ ئەمسە دوختۇرخانىغا ئاپىرامدۇق ؟
    ـ بولدى ،ئۆيگە قايتاي .
    ـ ئەمسە ئاپىرىپ قوياي .
         تاكسىدىن بىرنى توسۇپلا ئۆيگە قايتتىم ، مىنى ئاپىرىپ قويغان ئاغىنەم بىلەن خوشلىشىپلا ئۆيگە قانداق كىرگىنىمنى بىلمەيمەن، كىرىپلا دورامدىن ئىچىپ ياتتىم . ئاغرىق بارا-بارا قويۇپ بىرىشكە باشلىدى ، ئۇنى-بۇنى ئويلاپ بىردەمدە ئۇخلاپ قالدىم .
         ئەتىسى ناھايىتى ئوبدان قويۇپتىمەن ، ھاۋامۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى . چۈشلۈك تاماقنى يەنە ئۆتكەنكىدەك ئىش بولمىسۇن دەپ ئازراق يەپ سىرتقا چىقتىم . بالىلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن سەيلىگاھ بىغىغا چىقىپ ھاۋا يەپ كىرمەكچى بولدۇق . باغدا بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ ، ئويۇن ئويناپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ زىرىككەندە بىرىپ سۇغا چۈشۈپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدۇق .ھاۋانىڭ ئوتتەك قىززىپ كەتكىنىگە سۇغا چۈشكىنىمىز ھەممىمىزگە بەك خوشياقتى ، يەنە بۇرۇنقىدەك سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، چىمپىيوننى سۇغا ئېتىشىپ ئويناشتۇق . سۇدىن يىنىپ چىقىپ ، تاماق يەيلى دەپ كىتىپ بارغىنىمىزدا (باغ ئىچىدىكى)، يىراقتىن مىھراينى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇ ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىرگە چىققانىدى ، ئۇنىڭغا مېنىڭمۇ چىققانلىقىمنى ۋە ئۇنى كۆرگەنلىكىمنى دەپ قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ قويدۇم . ئۇ بۈگۈن ئۆيدىكىلەرنىڭ كەچتە بىريەرگە بارماقچى بولغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بارغۇسى يوقلىقىنى ئىيتتى ، مەن ئۇنىڭغا كەچتە كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويدۇم .
        باغدىن يىنىپ ، بالىلار بىلەن خوشلىشىپ كېلىشىپ قويغان جايغا بىرىپ مىھراي بىلەن كۆرۈشتۈم . ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك شوخ ئىدى . بۇرۇنقى ئۇزۇن چاچلىرى ئۆسۈپ تىخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى . بۇرۇنقىدىن تىخىمۇ ئىش ئۇقىدىغان بوپ كىتىپتۇ . بىز كوچا ئارىلىغاچ پاراڭلاشتۇق .
    ـ مىھراي ، - ئارىدا بۇرۇنقى ئىشلارنى مۇنداقلا سوراپ باقماقچى بولدۇم ، - تولۇقتىكى چاغدا ئاشۇ كەتكىنىڭىزچە مەن بىلەن قەتئىي ئالاقىلىشىپ ئەھۋال سوراپ قويايمۇ دىمىدىڭىز ھە ؟
    ـ بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟
    ـ بىلىپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ .
    ـ ئۇ چاغدا ... ،ـ ئۇ بىر پەس ئويلاندى ، - ئۇ چاغدا روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپلا كەتكەنىدىم ، ھىچكىمگە قاراشقا يۈزۈم يوق ، دەپلا ئويلايتتىم . ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىپ ، يىڭىچە ياشاشقا ئىرادە باغلىدىم . سىزنى ئىزدەشنى ئويلاشقان ، ئەمما دوستلىرىمدىن ، سىزنىڭ مەكتىۋىڭىزدە قىز دوستىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ، ئۇ نىيىتىمدىن ياندىم . سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىشنى خالىمىدىم شۇ . ئۇ قىز بىلەن ھازىرمۇ يۈرىۋاتامسىز ؟
    ـ مەن ... ، - گۈزەلئاينى ئويلاپ ئىچىم غىققىدە بوپ قالدى ، - ئۇ قىز .. ئۆلۈپ كەتتى .
    ـ ھە ؟ ئاپلا ... سورىمايدىغان گەپنى سوراپ ساپتىمەن ، خاپا بولماسسىز ؟ كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلىپ قويدۇم ھە ؟
    ـ ياقەي ، ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغۇ . سىزچۇ ؟ تۈنۈگۈنكى بالا كىمۇ ؟
    ـ ئۇ .. ئۇما ؟ ئۇ شۇ ... ،ـ ئۇ قىزىرىپ كەتتى ، - ئۇ ھازىر مەن بىلەن يۈرىۋاتقان بالا .
    ـ ھە ، تۇرقىدىنلا ئەدەپلىك ، ئوبدان بالىدەك قىلىپ تۇرىدۇ ، ئەمسە ئۇ ...، - ئۇنىڭدىن ، ئۇ بالىنىڭ ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئۇقىدىغان-ئۇقمايدىغانلىقىنى سورىماقچى بولدۇم-يۇ ، سوراشتىن يالتىيىپ قالدىم .
    ـ ئۇ ئۇقىدۇ ، ھەممىنى ئۇقىدۇ ، - ئۇ مەقسىتىمنى بىلىپ بولغانىدى ، - ئۇ ھەممىنى توغرا چۈشەندى ، مېنىڭ پاكلىغىمغا ئىشەندى ، سىزمۇ بىلىسىز ، ئۇ ئىشلار مېنىڭ زورۇم بىلەن بولمىغان ... ، ئۇ باشتا ئاڭلىغاندا بەك ئەپسۇسلاندى ، ئاندىن ماڭا تىخىمۇ كۆيۈنىدىغان بولدى . ئۇنىڭغا بەك رەھمىتىم بار ، مەندەك قىزنى قوبۇل قىلالايدىغانلار قانچىلىك دەيسىز ؟
    ـ ئىم ، ئۇغۇ شۇ ، بۇ گەپنى .. ماڭا قارىتىپ دىمەيۋاتقانسىز ھە ؟
    ـ ۋاي مىڭىڭە ، سىزگە قارىتىپ دىمىدىم ، راست !
    ـ ئىچكىرنىڭ تۇرمۇشىغا خېلى كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ ؟ - پاراڭنىڭ تىمىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم .
    ـ ھەئە ، باشتا بارغاندا قىينالغان ، كىيىن كۆنۈپمۇ قالدىم ، لىكىن ، نىمىلا دىگەن بىلەن قەشقەرگە يەتمەيدۇ .
    ـ ئۇنىسى ئىنىق . كۆنۈپ قالغان بولسىڭىزلا ياخشى بوپتۇ . مەكتەپتە يەنە بۇرۇنقىدەك ئاكتىپمۇ يا سىز ؟ سىنىپتىن چىقماي ئولتۇرىدىغان ؟
    ـ ھەئە ، بەك ئاكىتىپ ! - ئۇ قىيداپ چاقچاق قايتۇردى ، - سىنىپقا ھەر كىرسەم پۇتۇمنى باغلاپ قويۇپ ئولتۇرىمەن دەڭە . ئەتىگەندە كىرسەم كەچتە ئاندىن چىقىپ كىتىمەن !
    ـ ئەمسە بارغۇ ، بۇدا بارغاندا كارىۋاتلىرىڭىزدىن تارتىپ سىنىپقا ئەكىرىۋىلىڭ ، مەكتەپ ئاشخانىسىدىن سىنىپقا بىرتال نور ئورنىتىپ بەرسۇن ، تاماقنى شۇ نوردىن سۈمۈرۈپ يەڭ . ئاندىن ئىسمى-جىسمىڭىزغا لايىق مەكتەپ بالىسى بولىسىز .
    ـ ئەسكى ! قارا دەپ قويسام ھەددىدىن ئاشقىنىنى ! - ئۇ شۇنداق دەپ دولۇمغا بىرنى شاپىلاقلاپ قويدى . كۈلۈپ كىتىپ شۇنداق ئالدىمغا قارىسام تونۇش بىرسى ماڭا قاراپ قىتىپ قاپتۇ ، شىرىنئاي ئىكەن ، دوستلىرى بىلەن ئايلانغىلى چىققان بولسا كىرەك ، يىنىدا ئۇنىڭغا ئەجەپلىنىپ قاراۋاتاتتى . يۈرىگىم ئۈزىچىلا سەپ كەتتى ، ئۇنىڭ بىزنى خاتا چۈشىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسام كىرەك ، دەرھال مىھرايغا دەپ قويۇپ ئۇنىڭ قىشىغا باردىم .
    ـ تىچلىقمۇ ؟
    ـ تىچلىقمۇ ؟ - ئۇ مەندىن ئەھۋال سورىغاچ دوستلىرىغا قاراپ قويدى ، دوستلىرى سەل نېرىغا بىرىپ تۇرۇپ تۇردى .
    ـ كوچا ئايلانغىلى چىققانما دوستلىرىڭىز بىلەن ؟
    ـ ھەئە ، سىزمۇ ...؟
    ـ ھە ، ھەئە ، ئاۋۇ دوستۇم بىلەن ..
    ـ ئەمسە سىلەرگە دەخلى قىلماي . مەن مىڭىۋىرەي .
    ـ توختاپ تۇرۇڭ ،ـ ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپلا تارتتىم ، - ئۇ مەن سىزگە دەپ بەرگەن قىز شۇ ، مىھراي ، ئىسىڭىزدىمۇ ؟
    ـ ھە ، ئىسىمدە . ئاشۇ قىز شۇكەندە . ئەمسە سىلەر ... ؟
    ـ تۈنۈگۈن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالغان ، بۈگۈنمۇ ئۇچرىشپ قىلىپ بىردەم ئايلىنايلى دەپ شۇ .
    ـ ھەجەپ چۈشەندۈرۈپ كەتتىڭىز ، مەيلى ئەمەسمۇ ، - ئۇ شۇنداق دىگەچ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارىدى .
    ـ ئۇغۇ شۇ ، شۇ سىزلا خاتا چۈشەنمىسىڭىز بولدى .
         ئۇ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن كۈلۈمسىرىگىنىچە ماڭا قاراپ :
    ـ ئەمسە كىيىن ئالاقىلىشىلى ، دوستىڭىز ساقلاپ كەتمىسۇن .
    ـ ماقۇل ، مەن تىلفۇن قىلاي ھە .
         ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ مىھراينىڭ قىشىغا باردىم ، ماڭغاچ ئىختىيارسىز كەينىمگە قاراپ سالدىم . مىھراي بىر سەزگەن بولسا كېرەك ، ماڭا مەنىلىك قاراپ سورىدى :
    ـ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ جۇمۇ ، ياخشى قىزدەك قىلىدۇ .
    ـ بۇ گەپنى چۈشىنەلمىدىمغۇ ؟
    ـ ۋاي بولدى بىلمەس بولىۋالمىڭە ، ئۇنچىلىك ئىشنى بىلىۋالغۇچىلىكىم بار ، قارىڭە يۈزىڭىزنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى .
    ـ خاتا كۆرۈپ قاپسىز ، سەزگۈرلىكىڭىز بەك ئىشىپ كىتىپتۇ .
    ـ بولدى چىڭقالماڭە ، يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ بىرەيمۇ ؟ "ھەئە"دىمىسە مانا مەن !
    ـ ...
         شۇ تاپتا مىھراي يىنىمدا بولمىغان بولسا ئۆزۈمنىڭمۇ قايتا بىر يۈرىكىمنى تۇتۇپ بىلىپ باققۇم كەلدى . يۈرىكىم "ھەئە " دىگەن تەغدىردىمۇ ، ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ "ھەئە"دىسە بولىدۇ-دە . تىخى ئويلىشقا تىگىشلىك بىرمۇنچە ئىشلار بار ...
      مىھراينى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ خوشلىشىش ئالدىدا ئۇ يەنە كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ نەسىھەتىنى باشلىدى :
    ـ ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ئالىم ، دىسەم-دىمىسەم ئىككىلىنىۋاتىسىزغۇ دەيمەن ؟
    ـ بۇنى ... ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن .
    ـ ئىشقىلىپ مەن كۆپ گەپ قىلماي ، سىزنىڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن .
    ـ قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمەن .
    ـ ھە ، ماۋۇ گىپىڭىز جايىدا بولدى ، ئەمسە كوچىدا لاغايلاپ يۈرمەي ۋاقتىدا ئوقۇرىڭىزنى تىپىۋىلىڭ ھە !
    ـ مەن ئىغىلدا ياتمايمەن جۇمۇ .
    ـ ھەئە ، سىز دىگەن شاھزادە تۇرسىڭىز ،ئوردىدا ياتىسىز ئوردىدا !
    ـ ھاھا ، ماقۇل ئەمسە ،تىز كىرىپ كىتىڭ .
    ـ ماقۇل ، خوش .
           ئۆيگە قايتقىچە ئويلىنىپ قالدىم ، شىرىنئايغا دىيىش-كىرەكمۇ يوق؟ قانداق دىيىش كىرەك ؟ ئۇنى راستلا ياخشى كۆرەمدىمەن-يوق ؟  بولمىسىغۇ مىھراي جىنىدا بىلىۋاپتۇ ، مەن يەنە ئۆزۈمگە ئىشەنمەي يۈرەمدىم ..؟
        كەچتە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىرمىدى . كۆزۈمنى ئاچسام يۇمسام كۆز ئالدىمدا شىرىنئاي ، خىيالىمدا بىر تالاي مەسىلە . ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ يەنىلا بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۆتمۈشكە قالدۇرۇپ ئالدىغا قاراپ مىڭىشنى ، بەختىمگە قاراپ مىڭىشنى قارار قىلدىم .
         شۇ ئارىدا نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن توردا ھىلىقى ئاسپىرانت ھەدەش بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ، ھەدەش بىلەن خېلى ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشاتتۇق ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن بىر مەسلىھەت ئالغۇم كېلىپ قالدى .
    ـ ھەدە ، سىزدىن بىر ئىشنى مەسلىھەت سوراي .
    ـ بولىدۇ ، قېنى تارتىنماي دەڭ .
    ـ شۇ ... مۇھەببەت توغرىسىدا ، بولامدۇ -يە ؟
    ـ بولىدۇ ، ماڭا ئىشەنسىڭىزلا .
    ـ لىكىن بۇ سىز بىلەنمۇ سەل مۇناسىۋەتلىك .
    ـ نىمە ؟ ئادەمنى قورقۇتماڭ جۇمۇ ، مەن سىزدىن چوڭ تۇرسام ..
    ـ ھاھا ، خاتىرجەم بولۇڭ ، سىز ئەمەس .
    ـ ئەمسە ؟ مەن ئۇ قىزنى تونۇمدىم ؟
    ـ ھەئە ،تونۇش ئەمەس خېلىلا تونۇيسىز .
    ـ ھە ، بىلىپ بولدۇم .
    ـ راستما ؟
    ـ ھەئە .
    ـ شۇ ... قانداق قىلسام بولار ؟
    ـ ئۇنىڭغا ئوچۇق دەڭ ، قورقماڭ .
    ـ ناۋادا ئۇ رەت قىلىپ قالسىچۇ ؟
    ـ سىزلا سەمىمىي بولسىڭىز ئۇ ھەرگىز رەت قىلمايدۇ .
    ـ سىز قانداق بىلىسىز ؟
    ـ ئۇمۇ پات-پات سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىدىغان بوپ قالدى ، ھېس قىلىشىمچە ئۇ چوقۇم سىزگە ئۈمىدسىز جاۋاب قايتۇرمايدۇ .
    ـ ئەمسە راست سىناپ باقامدىم ؟
    ـ مۇشۇنداق ئىشقىمۇ "سىناش"دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتەمدۇ ؟
    ـ مەندىكى خاتالىق . مەن قانداق قىلىش كېرەكلىگىنى بىلدىم .
    ـ بىر ئىغىز گەپ ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ .
    ـ مىنى توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت ، سىزنى خاپا بولارمىكىن دەپ ئويلىغانتىم.
    ـ ماڭا شۇنچىۋالا ئىشەنمەمسىز ؟ بۇ ھەممە ئادەمنىڭ بىشىغا كىلىدىغان ئىش تۇرسا ، خاتىرجەم بولۇڭ .
    ـ ئەمسە نەتىجىسى چىققاندا سىزگە خەۋەر قىلىمەن .
    ـ بولىدۇ ، نەتىجىڭىزنى كۈتىمەن ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
          ئەمدى ھەممە مەسىلە ئۆزۈمدە قالدى ، ھەدەشنىڭ سۆزى ماڭا خېلىلا رىغبەت بولدى . نەچچە كۈن ئۆتۈپ شىرىنئاي بىلەن ئۇچرىشىشقا كېلىشىپ قويدۇق . ئۇ كۈنى ئۆزۈمنىڭ ئەڭ يارىشىملىك كىيىملىرىمنى كىيىپ چىقتىم، نەگە بىرىشنى ، قانداق سۆز ئىچىشنىمۇ ئەتراپلىق ئويلىشىپ قويدۇم ، ئەمما ، يەنىلا ھاياجان ۋە ئەنسىرەش مەۋجۇت ئىدى .
         ئۇنىڭ بىلەن دىيىشىپ قويغان جايدا كۆرۈشتۇق ، ئۇمۇ بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى ، ئۆزىگە خاس نازاكەت بىلەن گۈزەللىكى ئۆز-ئارا بىرلىشىپ بىرمۇكەممەللىكنى ھاسىل قىلغانىدى . بىز مەن ئالدىن زاكاز قىلىپ قويغان قەھۋاخانىغا باردۇق .
       ئاۋۋال ئۇششاق پاراڭنى بىردەم قىلىشتۇق ، ئاندىن بىر پەس جىمجىت بولغاندا ، مەن دەيدىغانلىرىمنى بىرقۇر ئىچىمدە ئويلىۋالدىم ،ئۇمۇ كۆزۈمگە پات-پات قاراپ كۆڭلۈمدىكى بىلمەكچى بولغاندەك تۇراتتى .
    ـ شىرىنئاي ، بۈگۈن سىزگە مەن ئۇزاقتىن بىرى ئويلاشقان بىر ئىشنى دىمەكچىمەن ،ـ چۇڭقۇر بىر تىنىق ئىلىۋالدىم ، ئۇمۇ نىمە دەيدىغانلىقىمنى سەزگەن بولسا كىرەك ، خىجىل ئارىلاش كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارىدى ، - ھەر ئىككىمىزدە بىر-بىرىمىزگە بولغان ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىشىمىز بار ، ھەر ئىككىمىز كىچىك ئەمەس ، بەزى ئىشلارنى ئويلاشساق ھازىر دەل ۋاقتى دەپ ئويلايمەن ، سىزنى كۆرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە سىزگە بولغان تونۇش قىزىقىشقا ، قىزىقىش ياخشى كۆرۈشكە ئايلاندى ، شۇنداق ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن شىرىنئاي . شۇڭا ، سىزنىڭ مىنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى ، مەن بىلەن مەڭگۈلۈك بىرگە ئۆتۈشنى ، شۇنداقلا ماڭا ئىشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، ماڭا قوشۇلامسىز ؟
    ـ مەن ... ،ـ ئۇ خىجىل بولغىنىدىن يەرگە كىرىپ كەتكىلى تاس قالدى ، ئۇنىڭ خىجىل بولىشىمۇ شۇنداق نازاكەتلىك ئىدى ، ئۇ پەس ئويلانغاندىن كىيىن بىشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ كۆزۈمگە قارىدى ، - مىنى نائۈمىدتە قويمايدىغانلىقىڭىزغا ، ئاخىرغا چىقىرىشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ ؟
    ـ كۆڭلۈم ، ئەقىدەم ماڭا گۇۋاھ بولالايدۇ ، ماڭا ئىشەنسىڭىز بولىدۇ .
    ـ ... ، - ئۇ ئۈنسىز ھالدا كۆزۈمگە قاراپ ئاستا بىشىنى لىڭشىتتى .
         شۇنداق قىلىپ يەنە بىر يىڭى ھايات ،يەنە بىر يىڭى دۇنيا ۋە يەنە بىر يىڭى مۇھەببەت باشلاندى . تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن شەھەر ئىچى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى ئەڭ گۈزەل جايلارغا بىرىپ ساياھەت قىلدۇق . ئەڭ گۈزەل مىنۇتلار ، ئەڭ گۈزەل مىلودىيە ، ئەڭ گۈزەل سىمفونىيە جاراڭلىماقتا ئىدى . گۈزەل كۈنلەر دائىم تىز ئۆتۈپ كىتىدۇ ، تەتىل توشۇپ ئاخىرقى ئوقۇش يىلىمىز ئۈچۈن ئاتلاندۇق . ئۈرۈمچىگە بىرىپ پويىز ئىستانىسىسدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇنىڭ توختاپ قالغىنىنى ھېس قىلىپ ، قوللىرىدىن يۈك-تاقىلىرىنى ئېلىۋالماقچى بولۇپ ، ئۇنىڭغا قول ئۇزاتتىم ، ئەمما قولۇم ھاۋادا لەيلەپ قالدى ، ئۇ بىرسىگە قاراپ قىتىپلا قالغانىدى ... ، مەن ئۇ قاراۋاتقان يەرگە قارىدىم . بىر ئىگىز ، ئۇستىخانلىق بالا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى . ئۇ بالا ماڭا قاراپ مەنسىتمەسلىك چىرايى بىلەن بىرنى ئالىيىپ قويۇپ ئالدىمىزغا كەلدى . ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم .
    ـ مىنى تونۇدىڭىزمۇ ؟  قانداقراق ئەھۋالىڭىز ؟ - ئۇ مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى چەتكە قايرىپ قويۇپ شىرىنئايدىن سورىماقتا ئىدى ، - تىلفۇن قىلسام ئالمايسىز ؟ ئۇچۇرلىرىمغا تىخى جاۋاب يوق ، سىزگە نىمە بولدى ؟
    ـ ماڭا ھىچ ئىش بولغىنى يوق ، كۆڭۈل بۆلمسىڭىزمۇ بولىدۇ ، - شىرىنئاي باشقا ياققا قارىغىنىچە پەرۋاسىز ھالدا بوش ئاۋازدا جاۋاب بەردى .
    ـ بەك ئالدىراش ئوخشىمامسىز ؟
    ـ ئەركىن ، بولدى قىلىڭ ، مىنى ئارامىمدا قويۇڭ . ئالىم خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ مىنى !
    ـ ئالىم ؟ ئالىم دىگەن كىمۇ ؟
    ـ ئالىم دىگەن مەن شۇ ! - ئۇنىڭغا زەربەم بىلەن شىرىنئاينىڭ ئورنىدا مەن جاۋاب بەردىم .
    ـ سەن ؟
    ـ ھەئە ، مەن !
    ـ شىرىنئاي ، گىپىڭىزدە تۇرماپسىز ، - ئۇ شىرىنئايغا كايىماقتا ئىدى ، - بۇ يەردە كۆپ گەپ قىلغۇم يوق ، سىزگە كىيىن تىلفۇن قىلىمەن .
         ئۇ شۇنداق دەپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى ، ئۇنىڭغا يەنە بىرنەچچە ئىغىز گەپ قىلغۇم بار ئىدى ، ئەمما شىرىنئاينى خىجىل قىلىپ قويماي دەپ بۇ نىيەتتىن ياندىم . مەكتەپكە قايتقۇچە شىرىنئايدىن سورىدىم :
    ـ كىمۇ ئۇ ؟ سىزگە نىمانداق قوپاللىق قىلىدۇ ؟ پويىز بىكىتى بوپ قالدى ، بولمىسا راسا بىرنىمە دىيىشكۈم بار ئىدى مېنىڭ !
    ـ ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ ، سىز ئويلىغاندەك ئەمەس ، مەكتەپكە بىرىپ ،يۈك-تاقىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن دەپ بىرەي .
         كەچكە يىقىن ھەر ئىككىمىز ئۆزلىرىمىزنىڭ ياتىغىنى يۇغۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كۆرۈشتۇق .
    ـ ئۆتكەندە ، بىر قىتىم بىزنىڭ ياتاقتىكى بالىلار بىر يەرگە ئوينىغىلى بىرىپتىكەن ، ئالمىرەدىن باشقا ھەممىسى يىنىپ كەلدى . ئالمىرەنىڭ دىرىكىنى قىلسام ، ئۇلار ئۇنى ئاشۇ جايدا قالدى دىيىشتى . ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ دەرھال ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ... ئۇنىڭ ئازراق ئىچكەنلىكىنى بىلىپ تىخىمۇ ئەنسىرىدىم-دە ، ئۇ بار جايغا قاراپ ماڭدىم . ئالمىرە ئۆزى شوخ ، كۆڭلى ياخشى ، جىق ئىش بىلىپ كەتمەيدۇ ،ئۇنىڭ بىرەر ئىشقا يولۇقۇپ قىلىشىنى پەقەت خالىمايتتىم . بىرىپ ئالمىرەنى تىپىپ ئۇنى ياندۇرۇپ چىقىپ قارىسام خېلىلا كەچ كىرىپ كىتىپتۇ ، ئۇ جاي ھەم سەل قالايمىقانراق يەردىكەن ، سىرتتا بىرنەچچە لۈكچەك ئالمىرەنىڭ مەستلىكىنى بىلىپ ئىككىمىزگە يىپىشىۋالدى ، مەن ئۇلار بىلەن تىركەشتىم ، ئەمما ئالمىرە مەس بولغاچقىمۇ ، كۈچى يەتمىدى ، ئاندىن تۇيۇقسىز سىز بايا كۆرگەن ھىلىقى ئەركىن دىگەن بالا (ئۇنى بۇرۇن تونىمايتتىم ) چىقىپ بىزگە ياردەملىشىپ ئۇ لۈكچەكلەرنى قوغلىۋەتتى ۋە بىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى . شۇ ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ۋە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ تاماققا چاقىردىم ،بىراق ئويلىمىغان يەردىن كۆپ ئۆتمەي ئۇ ماڭا تەلەپ قويۇپ تۇرىۋالدى ، چىرايلىق رەت قىلدىم ، ئەمما كەينىمگە كىرىۋالدى . بولغان ئىشلار مۇشۇ ئالىم ، سىزگە ھەممىنى راست قىلىپ ئىيتتىم .
         شىرىنئاينىڭ بۇ گەپلىرىن ئاڭلاپ ، ئەركىنگە يا غەزەپلىنىشىمنى يا تەشەككۈر ئىيتىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم .
    ـ ئەمسە ئۇنىڭغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟ـ تۇرۇپلا كاللامغا بۇ ئىش كېلىپ قالدى .
    ـ ئۇنداق قىلىشنى ئويلىمامدىغان ئالىم ، نەچچە قىتىم شۇنداق چىرايلىق دەپ باقتىم ، ئەمما ئۇ بالا بەك جاھىل بالىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئىزدەشمەيلا قويدۇم .
       ئىچىمدە"بوپتۇلا " دىدىم ، شىرىنئايمۇ كىچىك ئەمەس ، بۇنداق ئىشلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدۇ دەپ ئويلاپ ئوشۇق گەپ-سۆز قىلمىدىم ، ئەمما ، بۇ قىتىملىق سۈكۈت قىلىشىم مىنى يەنە پۈتمەس نادامەتكە قويۇدىغانلىقىنى تولىمۇ كىچىكىپ ھېس قىلدىم ...
          ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، بىرنەچچە كۈندىن كىيىن بالىلار قىز دوستلىرى بارلىرى قىزدوستلىرىنى ئېلىپ چىقىپ بىرگە قىزىلتاغقا چىقىپ ئويناپ كىرمەكچى بولدۇق ، ئەمما شىرىنئاي چىققىلى ئۇنىمىدى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە مىجەزى يوقكەن ، ھەم بىرتەرەپ قىلىدىغان ئىشلىرى بار ئىكەن . مەنمۇ توغرا چۈشىنىپ ئۆزۈم يالغۇز چىقتىم . ھاۋالىق جايلاردىن ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغۇچە بەھر ئېلىپ قۇياش پىتىشىگە ئەگىشىپ قايتماقچى بولدۇق ، قايتىپ شىرئەلىنىڭ نەۋرە ئاكىسىنىڭ ھىلىقى تاماقخانىسىغا باردۇق . ئورۇنلىشىپ بولۇپ ، بىردىن نېرىدا ئولتۇرغان بىر جۈپكە كۆزۈم چۈشتى ، تونۇدۇم ، ئۇلار ئەركىن بىلەن شىرىنئاي ، يەنە كاللامدا مىڭ خىل خىيال . بالىلار بولغاچقا چاندۇرماي ئولتۇردۇم ، ئىچىمدە" بەلكى ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئولتۇرغاندۇر"دەپ ئۆزۈمنى بەزلەپ ، چىقىپ كىتىدىغان چاغدىمۇ ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى كۆرسەتمەي چىقىپ كەتتىم . كىيىنمۇ بۇ ئىشنى ئۇنىڭ يۈزىگە سالمىدىم .
         ئىككى ئاي ئۆتتى ، ئوقۇشمۇ جايىدا ، شىرىنئاي بىلەن مۇھەببىتىمىزمۇ جايىدا ، ئەمما سالامەتلىكىم ناچارلىشىپ كەتتى ، ئورۇقلاپ كەتتىم ، ئىشتىھادىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ، دورا بىردەملىك تەسىر قىلىدۇ ،ئەتىسى يەنە ئاشقازان ئىچىشىپ بىرنىمە بولۇپ كىتىدۇ ، نەزەر ئارىلىقتا كېلىپ زادى دوختۇرخانىغا بارىمىز دەپلا تۇرىۋالدى . ئۆزۈمنىڭمۇ كاللسىدىن ئۆتۈپ ئەتىسى دوختۇرخانىغا بىللە بارماقچى بولۇپ كىلىشتۇق .
         ئەتىسى يەنە كونا دوختۇرۇم مۇرات دوختۇرنىڭ قىشىغا بىرىپ تەكشۈرتتۇق . مۇرات دوختۇر مەندىن ئەجەپلىنىپ سورىدى :
    ـ ھازىر يەنە ھاراق ئىچمەيۋاتقانسەن ؟
    ـ ياقەي ، خېلى بولدى تاشلىغىلى .
    ـ ھە ، ئەمسە چىرايىڭ باشقىچىلا تۇرىدۇ ، مىجەزىڭ يوقمۇ نىمە ؟
    ـ مەنمۇ بىلمىدىم ، ئاشقازىنىمدىن خېلى ئىغىر چىققان ئوخشايدۇ ، نىمە بولغىنىمنى پەقەت بىلەلمىدىم .
    ـ ئەمسە ، سەن يەنە ئىككى خىل تەكشۈرۈش قىلىپ باق ، قىلىپ بولۇپ قايتساڭ بولىدۇ ، نەتىجە ئەتە چىقىدۇ ، يەنە بىرسىنىڭ ئىككى ئۈچ كۈنلەردىن كىيىن چىقىپ قالىدۇ . ئارىلىقتا مەن تەكشۈرۈش قىلغۇچە ، مۇرات دوختۇر نەزەرنى چاقىرىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى . قايتقۇچە نەزەرنىڭ چىرايى بىرخىل سۇلغۇن ئىدى . كۆپمۇ گەپ-سۆز قىلمىدى .
    ـ مەن ئۈچ كۈندىن كىيىن دوختۇرخانىغا بارىدىغان باشقا ئىشىممۇ بار ئىدى، سەن كەلمىسەڭمۇ بولىدۇ ، نەتىجەڭنى مەن ئەپ قوياي ،ـ دىدى نەزەر .
    ـ ئىم ، ماقۇل .
         تۆت كۈندىن كىيىن ، ياتاقتا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىۋاتسام نەزەردىن تىلفۇن كەلدى :
    ـ ئاداش ، سەن نەدە ؟ - ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ بوغۇق ، يىغا ئارىلاش چىقتى .
    ـ مەن ياتاقتا ، نىمە بولدۇڭ ؟ ئاۋازىڭ باشقىچىغۇ ؟
    ـ ياتاقنىڭ ئالدىغا چۈشە ، ھازىرلا !
    ـ ساڭا بىر ئىش بولمىغاندۇ ھە ؟ ئادەمنى قورقۇتما .
    ـ ئاۋۋال چۈشكىن .
        تىلفۇننى قويۇپلا ئوقتەك پەسكە چۈشتۈم ، قارىسام نەزەرنىڭ يىنىدا ئاتا-ئانام ، سىڭلىممۇ بار ئىدى ، ھەممىسىنى كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى . يۈرىكىم قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سىزىپ ئىغىپ كەتتى . ئاپام ئۆزىنى تۇتالماي يىغلىغىنچە ماڭا ئىسىلدى ، مەنمۇ يىغىغا ئەگىشىپ ئەنسىرىگىنىمچە سورىدىم :
    ـ زادى نىمە ئىش بولدى ؟ ماڭا دىسەڭلارچۇ ؟! سىلەر قاچان كەلدىڭلار ؟ تۇيۇقسىز كېلىپ قاپسىلەرغۇ ؟
    ـ ياتىغىڭدا يەنە كىم بار ؟ - سورىدى دادام سوئالىمغا جاۋاب بەرمەستىن .
    ـ ياتاقتا ھىچكىم يوق .
    ـ ئەمسە ياتىغىڭغا چىقايلى ، ساڭا دەيدىغان گەپ بار ، - دادامنىڭ ئاۋازىمۇ ناھايىتى بوغۇق چىقىۋاتاتتى . كاللامغا ئون مىڭ خىيال كېلىپ مىنى گاراڭ قىلىپ قويدى .
         ياتاققا كىرىپ خېلى ئۇزاق جىمجىتلىقتىن كىيىن ، نەزەر ئاتا-ئانامنىڭ كۆزىگە قارىۋىتىپ ئۇھسىغىنىچە گەپ ئاچتى :
    ـ ئالىم ، تۈنۈگۈن تەكشۈرۈش نەتىجەڭ چىقىپتۇ ، كۆرۈپ ... ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئاناڭغا تىلفۇن قىلدىم . ئۇلار بۈگۈن ئەتىگەن ئايروپىلاندا كېلىپلا ئاۋۋال مەن بىلەن كۆرۈشتى . ئاداش ، ئاشقازىنىڭ ... ، - ئۇ سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ قالدى ۋە كۆزىدى بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى ، - ئاشقازىنىڭ كاردىن چىقىپتۇ ئاداش ، ئاشقازىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سوغۇق ئېلىپ كىتىش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ، ئاشقازان راكىغا تەرەققىي قىلىپ كىتىپتۇ ..
    ـ ھە ؟؟ - چۈچۈگىنىمدىن ۋاقىراپ سالدىم . راك ! "ئۆلۈم " دىگەن ۋەھىمىلىك ئىبارە كاللامغا كىلىشى بىلەن كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ يىقىلدىم .
          ئويغانسام ئۆزۈمنى دوختۇرخانىنىڭ ياتىغىدا كۆردۈم ، يىنىمدا ئاپام تۇراتتى  .
    ـ ۋاي بالام ، ئاخىر ھوشۇڭغا كەلدىڭ ! ئۈچ كۈن بولدى سەن ھۇشسىز ياتقىلى ! مە ، سۇ ئىچىۋال .
         ئاپام تەڭلىگەن قاچىدىكى سۇنى ئىچىپ ، سەل ماغدۇر كىرگەندىن كىيىن ، ئاپامدىن سورىدىم :
    ـ ئاپا ، مىنىڭ كىسىلىمنى ... كىسىلىمنى داۋالىغىلى بولارمۇ ؟
    ـ داداڭ ھازىر ئىچكىرىدى كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كۈندە كۆرىشىۋاتىدۇ . ئۇلار چوقۇم ئامالىنى قىلىدۇ-بالام . بالدۇرراق بىزگە دىسەڭ بولماسمىدى ، بىز بالدۇرراق ئامالىنى قىلاتتۇق ئەمەسمۇ ، ھازىر راكنىڭ ئوتتۇرىقى باسقۇچىدىن ئۆتۈپ ئاخىرغا باسقۇچقا بىرىپ قالاي دەپتۇ ، سەن كەتسەڭ ... بىز ...
        ئاپام ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ، مېنىڭمۇ ئۆپكەم ئۆرىلىپ ئەگىشىپ يىغلاپ كەتتىم . ئۇزاققىچە ياتاقتىن يىغا ئاۋازى ئۈزۈلمىدى ...
         شۇنداق قىلىپ ، دوختۇرخانىدا يىتىپ قالدىم ، كۈندە ھەرخىل ئۈمىدسىز خىياللار بىلەن قىينىلاتتىم . ئۆلۈپ كىتىشىمدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتىم ، ئەمما ، ئۆلۈپ كىتىشىم مەنچە مۇقەررەرلىشىپ بولغان . ئەتراپىمدىكى ھەربىر كىشىلەرگە قىيمايتتىم . ئۇلارغا ھەربىر قارىغىنىمدا ئۆزۈم ئۈچۈن ئاھ ئۇراتتىم . نەزەر كۈندە كېلىپ مىنى يوقلاپ تۇراتتى ، ماڭا كىتابلارنى ئەكىلىپ بىرەتتى . شىرىنئاي ئاپامدىن تەپ تارتىپ ماڭا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ، ئۆيدىكىلەر يوق چاغدا كىلەتتى ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ قىسقا ئۇچۇرلىرىمۇ كەم دىدار بولۇپ كەتتى ، سىماسى تىخىمۇ شۇنداق . كۈنلىرىم خىياللار بىلەن ، ئۆيدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىش بىلەن ، كىتاب ئوقۇش ۋە شىئېر-ھېكايە يىزىش بىلەن ئۆتەتتى . بىكارچىلىقتا ھەمدە ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇنچىلىك ئىشلارنى بولسىمۇ قىلاي، دەپ ئويلايتتىم .
        تىنىم ئاجىزلاشقا باشلاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، كارىدۇردىن ئىككى سىستىرا قىزنىڭ مەن توغرىلىق قىلغان پارىڭى قۇلىغىمغا كىرىپ قالدى .
    ـ ئەجەپ چىرايلىق بالىكەنتۇق ، ئاشقازان راكى بولۇپ قالغىنى بەك يامان بوپتۇ .
    ـ شۇنى دىمەمسەن ؟ ئۆتكەندە مۇرات دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ، ئۇ بالا ھازىر راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بىرىپ قاپتۇ ، ئاز بولسا ئۈچ ئاي ، كۆپ بولسا ئالتەئايدىن بىر يىلغىچە ياشىيالارمىش ، ھازىر دوختۇرخانىدىكى قۇۋۋەت ئوكۇللىرى ئۇنىڭ ئۇزاقراق ياشىشىغا ئاز-تولا ياردىمى باركەن .
    ـ خۇدايىم شىپالىق بەرسىلا بولاتتىغۇ ...
    ـ ...
          ئۈچ ئاي ، كۆپ بولسا بىر يىل ... شىرىنئاي ، يوقاپ كەتتى . ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلسام ، ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلمەيمەن ، ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ بەلكىم يېرىم، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىخىمۇ يىرىم قىلغۇم يوق. نۇرغۇن خىيال ئىلكىدە ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ كەلدى ، شۇنداق قىزغىن كۆرۈشتۇق ، ھەم كۆڭلۈممۇ ئېچىلىپ قالدى ، ئەمما ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن سەل بىنورمالسىزلىقنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم .
    ـ ئالىم ... ، - ئۇ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەستىن يىغلاپ كەتتى . ياتاقتا ئىككىمىزدىن باشقا ھىچكىم بولمىغاچقا ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم ، ۋە ئۆزۈم تەرەپكە تارتتىم ، ئۇ بىشىنى بىردەم دولۇمغا قويۇپ يىغلاپ تۇيۇقسىز ئەندىكىپ تۇرۇپ كەتتى ۋە يانچۇغىدىن بىر پارچە خەتنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ، "كەچۈرۈڭ ! سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ئالىم !"دىگىنىچە يىغلىغان پىتى يۈگۈرەپ چىقىپ كەتتى ، ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن توۋلىدىم ، ئەمما ئۇ قايتىپ كىرمىدى . خەتنى ئېچىپ ئوقۇسام ئۇ خىتىدە : مەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندىن بۇيان ، مىنى تۈزۈك يوقلىيالمىغانلىغىنى ، مېنىڭ ئۇنى بۇرۇنقىدەك ئىزدىمىگەنلىكىمنى ، ئارىلىقتا ئەركىن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن يىقىن بولۇپ قالغىنىنى ، مېنىڭ بىلەن ئاخىرىغا چىقىرىشقا كۆزى يەتمەي ، ئەركىننىڭ قايتا-قايتا قويغان تەلىپىگە ئاخىر ماقۇل بولغىنىنى ، ئۇنىڭ ماڭا يۈز كىلەلمەيدىغانلىغىنى ، ئۇنى كەچۈرۈشىمنى ، ماڭا سالامەتلىك تىلەيدىغانلىغىنى يىزىپتۇ . خەتنى ئوقۇپ يىغلاپ كەتتىم . نىمىشقا ؟ ئەقىدەم ئۈچۈنمۇ ؟ ياق ، بەلكى مۇشۇنداق ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مەن ياخشى كۆرگەن بىرسىنىڭ ماڭا ھەمنەپەس بولۇشۇپ بىرەلمىگەنلىكىمدىن ، شۇنچىلىك تەلەيسىز ئىكەنلىكىمدىن ئۆكۈنۈپ يىغلاپ كەتتىم ...
        ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئاسپىرانت ھەدەش يوقلاپ كەلدى ، ئۇمۇ كۆز يىشى قىلىپ سىڭلىسى ئۈچۈن كەچۈرۈپ سورىدى . ھەدەشتە نىمە گۇناھ  ؟ ئۇنىڭغا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ توغرا چۈشىنىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ يولغا سىلىپ قويدۇم . توغرا ، شىرىنئايدىمۇ گۇناھ يوق ، ھامىنى مەن ئۆلۈپ كىتىدىغان تۇرسام ، مەن بىلەن يۈرسە ئازابتا قالمامدۇ ؟  ئەمما ، ئۇ ھىچ بولمىغاندا مىنى كۈلۈپ ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىپ قويغان بولسا ئۇنىڭدىن ئۇدۇنيا-بۇدۇنيا رازى بولاتتىم ، ئەمما ... ، شۇنداق ، دۇنيادا ھەرخىل ئادەملەر بار ، توغرا چۈشەندىم ، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا ، بۇرۇن چۈشىنەلمىگەن نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب تاپتىم ، چۈشىنەلمىگەن ئىشلارنى چۈشەندىم ، يىشەلمىگەن سىرلارنى يەشتىم ...
          توۋا ، قىسمەت دىگەن ئاجايىپ ، ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كىتىش نەقەدەر ئازاب ھە ؟ مۇھەببەت جەريانىمدىكى بۇ ئۈچ "ئاي" ماڭا ھىلال ئاينىڭ شولىسىنى غىل-پال كۆرسىتىپ قويۇپ يوقاپ كەتتى ... ، بىرى مېنىڭ سەۋەبىمدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ يىراققا ئۇزاپ كەتسە ، بىرى مېنىڭ بىخۇدلۇقۇم تۈپەيلى يامان يوللارغا كىرىپ ئەيدىز بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالسا ، بىرى مېنىڭ كىسىلىمنى ئۇقۇپ مەندىن يۈز ئۆرۈپ مىنى تاشلاپ كەتسە ...
           چۈشلىرىمدە يىقىندىن بىرى مەرھۇم چوڭ دادامنى كۆپ چۈشەيدىغان بولۇپ قالدىم ، ئۇ ھەر قىتىم چۈشۈمدە ماڭا قولىنى ئۇزۇتۇپ بىرنىملەرنى دەپ كىتەتتى ، بارا-بارا چۈشلىرىمگە گۈزەلئاي كىرىپ قالىدىغان بولدى ، ۋاقتى كەپتۇ-دە ...
          ...قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ ، ئۆتمۈشلىرىمنى قالدۇرۇپ قويۇشقا تەرەددۇت قىلدىم "مۇھەببەت ، سەن ئۆل!" ...

    تامام .
    2009-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەسلى نۇسخىسى يىزىلغان ، تەھرىرلىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى  ئۈرۈمچى .


    ئاپتوردىن :  مەزكۇر ئەسەر بىر يىرىم يىلنىڭ ئالدىدا يىزىلغان بولغاچقا ، شۇ ۋاقىتتىكى تۆۋەن سەۋىيە تىلىغا ئاساسلىنىپ ئۆزگەرتىپ يىزىلدى ، خاتالىقلار يۈز بىرىشى ئىنىق ، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىپ بەھر ئېلىشىنى ، تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(TATLIHIM) سېنىڭ بۇ ئەس ..
  • مۇنبەر پۇلى:+200(سۇتۇق) ................ ...... ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(AxiKkUyI) نىمە دىيىشنى ..
  • ھېسلىرىم : ئەسەرلەرگە باققاندا رېئال تۇرمۇش تىخىمۇ مۇرەككەپ، رېئال تۇرمۇش ھەممە نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ ،ئەمما ئەسەرلەر كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ .
    axik214
    ئاشىقنىڭ يۈرىكىدە ئۆچمەس ئوت بار.
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7722
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 167
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
    ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 652 سوم
    تۆھپىسى: 15 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 173(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 07:45 AM

    ھەقىقەتەن تەسىرلىك ،ئېچىنىشلىق مۇھاببەت ھىكايىسىكەن،
    نادىرلاشقا تىگىشلىك ئەسەركەن، لىكىن مۇھاببەت ئۆلسە بولمايدۇ جۇمۇ،
    بىلەر بولساڭ كۆڭۈل ئاياشنى،
    تېڭىپ يۈرمە، تاياققا تاشنى،
    خارلانغاندىن،بىۋاپالارغا،
    ئەۋزەل كۆردۈم،يالغۇز ياشاشنى.
    ھېسلىرىم
    ماغدۇر كەلگەندە...
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 495
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 2
    ئومومىي يازما: 757
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە757دانە
    ياخشى باھا: 225 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6424 سوم
    تۆھپىسى: 138 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 353(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 07:48 AM

    2-قەۋەت (axik214) نىڭ يازمىسىغا

    ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق ماۋزۇ قويۇپتىكەنمەن ، ئۆزگەرتىشنى خالىمىدىم ، شۇڭا شۇنداق بولۇپ قالدى .

      شۇنداق ، مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما ، مەڭگۈلۈك سىمفونىيە . ئۇ ئۆلمەيدۇ ...
    ھېسلىرىم : ئەسەرلەرگە باققاندا رېئال تۇرمۇش تىخىمۇ مۇرەككەپ، رېئال تۇرمۇش ھەممە نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ ،ئەمما ئەسەرلەر كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ .
    bulbul
    شۈبھىسىزكى ,پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھدۇر.
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4553
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 213
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە213دانە
    ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2025 سوم
    تۆھپىسى: 45 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1363(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 10:37 AM

    ئۇف... ئىچىم ئەجەپ ئاچچىق بولدى، مۇھاببەت شۇنداق بولىدىغان بولسا........
    مۇشۇنچىۋالا ياخشى ئەسەرنى نادىرلىمىدىڭلارمۇ، نادىرلاپ قويۇڭلار
    كۆپرەك كىشلار كۆرسۇن، يېقىندىن بۇيانغۇ نادىر تىما ئازلاپ كىتىپ بارىدۇ.
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(axik.jan) توغرا دىدىڭ
  • nadira
    پەرىشتىلەرمۇ ياش تۆكىدۇ
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4373
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 868
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە868دانە
    ياخشى باھا: 473 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5551 سوم
    تۆھپىسى: 471 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 988(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-23
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 10:39 AM

    مۇنبەر  ئارقلىق ھېسلىرىمنىڭ يەنە بىر نادىر يازمىسىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالىغىنىمدىن بەك خۇشال بولۇۋاتىمەن.

    ھېسلىرىم مۇھەببەت،سەن ئۆل !دېگەن ئەسەرنى يېزىش ئارقلىق نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى تېز، جانلىق، ئىخچام ، جەلىپ قىلارلىق، قاراتمىلىقى كۈچلۈك ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپسىز.

    ۋەقەلىك ئادەمنى ئىختىيارسىز ئاچچىق كۈلدۈرىدىكەن،ئويلاندۇرىدىكەن، ۋە ئېچىندۇرىدىكەن.

    ھەر بىر يېڭىلىق يارتىش روھىي بۇيچە ئىزدىنىۋاتقان ، يۇقىرقىدەك تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق ئەسەرلەرنى كۆپرەك يېزىپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا تەقىدىم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ھېسلىرىم مەن سىزنىڭ مىسرانىم مۇنبرىگە يوللىغان بارلىق ئەسەرلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىققاندىن باشقا، مۇھەببەت ،سەن ئۆل!نامىلىق ئەسىرىڭىزنى قايتا- قايتا ئوقۇپ چىقىپ، بەزى بىر ياشلاردىكى پىسخىك روھىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېردىغان ماقالە- ئەسەرلەرنى تاللاپ بېرىشكە كۆپرەك ئەھمىيەت  بېرىدىغانلىقىڭىزنى تونۇپ يەتتىم.  

    مۇنداق ماقالە- ئەسەرلەرنىڭ بىرلىشى مىللىتىمىز ياشلىرىنىڭ ئۆزىنى تونىۋېلىشىغا پايدىلىق.ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئىلغارلىقىنى جارى قىلدۈرۈپ، ناچار قالاق پىسخىك ھادىسلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ،ئۆزلىكىسز ئالغا ئىلگىرلىشىدە رولى چوڭ.

    نۆۋەتتىكى كەسكىن رىقابەت  ۋە تەرەققىيات تەلىپى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ،ۋۇجۇدىمىزدىكى جەۋھەرلەرنى تېخىمۇ چاقنىتىپ ،نۇرلاندۇرۇپ،ئۇنى ئۆرنەك قىلىپ، خۇنۇكلۈكنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ،ئالغا ئىلىرىلىشىمىز كېرەك.  

    ئاخىردا تۇرداشلارغا ئىخچام ، مەزمۇنى چوڭقۇر نادىر،ماقالە - ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىپ كېلىۋاتقان تىرىشچان تور يازغۇچىمىز ۋە ماقالە ئەسەرلەرنى كەڭ تورداشلارنىڭ زوقلىنىشىغا تاللاپ سۇنۇپ ،تورداشلىرىمىزنىڭ كۆرشىگە پۇرسەت يارتىپ بەرگەن ھېسلرىمغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۈرئېيتىمەن.

    ھېسلىرىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىگە، مېھنەتلىرىگە مۇۋاپپەقىيەت تىلەش بىلەن بىرگە تېنىڭىزگە سالامەتلىك كېيىنكى ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

    ھېسلىرىم ، ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ غەلبىلىك بولسۇن... باسقان ھەر بىر ئىزىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن...داۋاملىق نادىر يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇشقا تەشنامەن.
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+20(ھېسلىرىم) نادىر ئىنكاس ..
  • سەمىمىيلىك ساپ دىللىقتۇر، بۇ پەزىلەت كەمدىن كەم ئادەملەردە بار
    nadira
    پەرىشتىلەرمۇ ياش تۆكىدۇ
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4373
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 868
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە868دانە
    ياخشى باھا: 473 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5551 سوم
    تۆھپىسى: 471 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 988(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-23
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 10:47 AM

    ھېسلىرىم خاپا بولماي خەت نۇسقىسىنى سەل چوڭايتقان ئاساستا،خەت رەڭگىنى كۆك ياكى قارا قىلىۋېتىشىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن... خەت بەك كىچىك، خەتنىڭ رىڭى ئەسەرنى ئوقۇپ بولغچە  ئادەمنىڭ كۆزىنى بەك تالدۇرۋېتىدكەن.ئەپۇ قىلىڭ.
    سەمىمىيلىك ساپ دىللىقتۇر، بۇ پەزىلەت كەمدىن كەم ئادەملەردە بار
    yalpuz0997
    يالپۇز-مۇز گۈلى
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6100
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 119
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە119دانە
    ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
    تۆھپىسى: 65 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 33(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-11
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-08
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 11:00 AM

    تۇرمۇشتا ئۇچىرايدىغان كۈتۈلمىگەن دىشۋارچىلىقلار ئالدىدا ھەقىقەتەن تېڭىرقايمىز،ئازاپلىنىمىز،ئۆكىنىمىز.شۇنداقتىمۇ مۇھەببەت ھەرگىز ئۆلىسۇن،ھەرگىز...
    ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر
    xam12
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1679
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 404
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە404دانە
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
    تۆھپىسى: 15 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1032(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 11:16 AM

    بۇرۇنقى ئەسەرلىرى شۇنداق ئېسىلتى ھازىرمۇ شۇ قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە قايىلمەن ! ئېسىل تىمىلىرڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي!
    شامدەك يېنىپ تۇرمەن
    cubat
    ئىتقاد بارچە بارچە ئەقىلنىڭ ئالدى...
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6587
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 711
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە711دانە
    ياخشى باھا: 269 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2128 سوم
    تۆھپىسى: 225 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 810(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-17
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 12:12 PM

    بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى سىز؟ ئۇنداقتا ئا ق ئابدۇقادىرى دىگەن سىىزنىڭ ئىسمىڭىزما؟
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+20(ھېسلىرىم) ھەئە ، ئۆزۈم ..
  • ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىڭىزدا
    رىشتەم
    نىمىلەرنى ئۇنۇتقىنىم يادىمدا يوق
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 395
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 177
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە177دانە
    ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1273 سوم
    تۆھپىسى: 11 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 228(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 02:33 PM

    Re:مۇھەببەت ، سەن ئۆل ! (ھېسلىرىم)

    قاندا قىلتۇق  ئۇكام  سەۋىر قىلىلى      

    چىژلىقما ؟

    يازغىنىڭ يۇمۇرمۇ مەرسىيەمۇ ؟ ۋاكالىتەن ۋەسيەتنامە يازمىغانسەن.  ئاۋال بىر ئوقاي جىما !
    ئاندىن جايلىساممۇ ئۇلگۇرىمەن !
    سْــــــــــــــــــــــمﷲِارَّحْمَنارَّحِيم

    {  http://rixtam.blogbus.com  }
    musilina
    ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 120
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 3
    ئومومىي يازما: 1357
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1357دانە
    ياخشى باھا: 413 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 13463 سوم
    تۆھپىسى: 159 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 605(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-10
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-05 03:47 PM

    ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۇچ كەلگەن مۇھاببەت يولىدىكى تېڭىرقاشلار شۇنداق جانلىق سۈرەتلىنپ بېرىپتۇ...... پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى ھېسياتلىرىمۇ  جايىدا ئىپادىلنىپتۇ..... ئوقۇپ بولغۇچە شۇنداق تەسىرلىنپ كەتتىم، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە قايىلمەن.... تېخىمۇ ئېسل ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن......
    مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.