مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 324 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: مـېنى ئـەڭ سـۆيىدىغان ئـادەملـەر (ھېكايە )
hijran
توختىماي تۆھمەت تۇقۇۋاتقان ئاغزىڭغا تۈفىي!...
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 451
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 6
ئومومىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ياخشى باھا: 133 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4706 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 734(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 02:16 PM

0 مـېنى ئـەڭ سـۆيىدىغان ئـادەملـەر (ھېكايە )

مېنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەملەر
(ھېكايە )
ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران




مەن ئائىلىمىزنىڭ يالغۇز پەرزەنتى  ، ئاتا-ئانامنىڭ ئەجرى بىلەن ئالىي مەكتەپتە 5 يىل ئوقۇپتىمەن .ئەمدى بولسا ئوقۇغانلىرىمنى ئىشقاسېلىپ تىرىشىشىم ،كېرەك .چۇقۇم ئۇلارنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاپ ياخشى نەتىجە بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشۇپ كېرەك .شۇڭا ئۆيۈمدىن يىراق بولغان بۇ ئۇرۇنغا تەخسىم قىلىنساممۇ ، ئاش –تاماقتىن سەل قىينالساممۇ، ئىشلەۋاتىمەن . كەلگۈسۈمگە ئۇل سېلىش ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتىمەن .
ئۇھ...يەنە شۇتۇرمۇش ئۈچۈن ،ياشاش ئۈچۈن بۇھاياتنىڭ ئوڭغۇل-دوڭغۇل يوللىرىدا يۈگۈرەپ دىگۈدەك ماڭىمەن ... ئاياغلىرىمنىڭ چەمى ئۇپرايدۇ ، پىشانەمدىن دۇمۇلىغان مۇنچاق – مۇنچاق تەرلىرىم ئېغىزىمغا قۇيۇلۇپ بۇھاياتنىڭمۇ تەرلىرىمدەك  ئاچچىق ئىكەنلىكىنى ماڭا يەنە بىرقېتىم تۇنۇتماقتا ... قەدەملىرىم مېڭىشقا ئالدىرايدۇ مەن ھارغىن جىسمىمنى كۆتۈرۈپ ئەتتىگەنلىك تاتلىق ئۇيقۇمدىن كېچىپ ، كېچە كۆرگەن تاتلىق چۈشۈمنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ئىشقا ئالدىرايمەن ...
بۈگۈن ئىشقا  ئالدىراپ كىتىۋېتىپ تۇيۇقسىز تاشيولغا قاتتىق يىقىلىپ چۈشتۈم ، ئىككى تىزىمنىڭ ئاغرىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن . جاندىن ئۆتكەن زەھەردەك ئاغرىق دەستىدىن ئورنۇمدىن تۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم .ئىككى تىزىمدىن قىپقىزىل قانلار شۇرۇلداپ سىرغىماقتا ... مەن ئۈمۈد كە تولغان بىچچارە كۆزلۈرۈمنى ئەتراپقا تىكتىم ، ماغدۇرسىز قوللۇرۇمنى بوشلۇققا سوزدۇم ... ئىشقا كېچىكسەم باشلىقنىڭ قاتتىق گەپلىرىنى ئاڭلايدىغىنىمنى بىلىپ، يۈرۈكۈم سىرقىرىدى ... كۆزلۈرۈم تالدى .قوللۇرۇم ھاۋادا لەيلەپ قالدى .مېنى ھېچكىم يۈلەپ ئورنۇمدىن تۇرغۇزۇپ قويمىدى. ئاچچىق ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ پۇتۇمدىكى قانلار بىلەن قۇشۇلۇپ كەتتى ...
يەنە...يەنەئۆزەمگە تايىنىشقا توغراكەلدى . مىڭ بىرجاپادا ئورنۇمدىن قوزغۇلۇپ بىر تاكسىنى توسۇپ دوختۇرخانىغا كىلىۋالدىم .سول پۇتۇمنىڭ لىپىكى سۇنغان ئىدى .بۈگۈن جىددى ئوپىراتسىيەقىلىنمىسام بولمايتى . چەكسىز تەڭلىك ئىچىدەباشلىققا تېلفۇن قىلىپ  ئەھۋالىمنى ئېيتىپ  رۇخسەت سورىدىم .ئۇ غۇدىراپ تۇرۇپ ئاران رۇخسەت بەردى. كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ ،مەڭگۈلۈك يېقىن دوس بۇلۇش ئۈچۈن قەسەم بىرىشكەن دوستۇمغا تېلفۇن قىلدىم . ئۇ ھازىرلا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويدى .غېرىپ كۆڭلۈم بىردىنلا ماڭا ئەبەدىي ھەمراھ بۇلۇشنى ئۈزىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئىشى دەپ بىلىدىغان ، لەۋلىرىمنى چىشلەپ تۇرۇپ مەندىن باشقا ھېچكىمنى سۆيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتقان كۆڭۈل سۇلتانىم ،سۆيگەن قىزىمنى تارىتتى . ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم .ئۇتېلفۇننى تۇلىمۇ تەستە ئالدى . ئۇنىڭغا ئەھۋالىمنى ئېيتىپ ئۇنى سېغىنغىنىمنى دەپ بولغۇچە تېلفۇندىن يەنە بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى – ۋاي جېنىم قۇيە تېلفۇننى قايسى ماز ئۇ ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ پەيزى قىلىۋاتقاندا لەلىسنى چۇۋۇپ ،ئەكىلە تېلفۇننى ئۈزەم بىر تىللاي ...
تېلفۇن ئۈزۈلدى . ھەئە ئىككىمىزنىڭ رىشتىمۇ تېلفۇن بىلەن تەڭلا ئۈزۈلدى . چەكسىز غېرىپلىق ئىچىدە سۇقۇۋاتقان يۈرۈكۈم پارە-پارە بۇلۇپ كەتتى .سۆيگۈنۈمنىڭ قەلبىمدىكى ئۇلۇغ ئوبرازى غۇلاپ چۈشتى ...
قاپىغى يامان سېستىرا قىزنىڭ يېنىمغا كېلىپ – نىمانداق بىغەم بالاسىز ،بۈگۈن سىزنى ئوپىراتسىيە قىلىمىز دەۋاتىمىز ،پۇلنى تۈلىگىنىڭىز بىلەنلا ئىش تۈگمەيدۇ .نىمىشقا تېخىغىچە بىرەر ئادىمىڭىز كەلمەيدۇ ، قول قۇيىدىغان ھۆججەت بار –دېدى .
مەن ھازىرلا بارىمەن دىگەن قەدىناس دوستۇمغان يەنە تېلفۇن قىلدىم .ئۇتېلفۇننى ئالماي بېسىۋەتتى . كەينى –كەينىدىن زەربىگە ئۇچرىغان ئاجىز يۈرۈكۈم بەكلا ئاغرىپ كەتتى .ئەسلىدىنلا ماغدۇرسىز تىنىم لەسسىدە بۇشاشتى .ئىختىيارسىز  كۆزلىرىمدىن ئاققان ئىككى تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ پەسكە دۇمۇلىدى . مەن سېستىرا قىزغا قاراپ دېدىم – ئادەملىرىم بار ئوپراتسىيە ۋاقتىنى سەل كەينىگە سۈرگىلى بۇلارمۇ ؟ ئاتا-ئانام بۇيەردىن 400كىلومىتىر يىراقلىقتىكى جايدا ئىدى .ئۇلار كىلىپ بولغۇچە ساقلىساق ...سېستىرا قىز مىسكىن تۇرقۇمنى كۆرۈپ تەسىرلەندىمۇ قانداق ، مەسئۇل دوختۇرغا ئېيتىپ بېقىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى ... مەن ئەسلى بۇئىشنى ئاتا-ئانامغا ئېيتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلماسلىقنى ئويلىغان ئەپسۇس ، ماڭا تالاي ۋەدىلەرنى بەرگەن دوستۇم ، سۆيگەن قىزىم ،مەن بارچە ساداقىتىمنى بىلدۈرگەن ئادەملىرىم ماڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلغان تۇرسا يەنە بۇدۇنيادا مېنى ئاتا- ئانامدىنمۇ ئۆزگە سۆيىدىغان ئادەم بارمۇ ؟...
مەن قۇلۇمغا تېلفۇننى ئېلىپ ئاتا-ئانامغا تېلفۇن قىلدىم .
ئۇلار كەلگۈچە ئوپراتسيەنى توختۇتۇپ تۇرىدىغان بولدۇق . ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلغان چاغدا مېھرىبان كىشىلىرىم ،مېنى ئەبەدىي سۆيىدىغان ئەزىزانلىرىم ھارغىن ، ئەندىشە ئارلاشقان سۇلغۇن چىرايى بىلەن يېنىمغا يۈگرەپ دىگۈدەك كېلىشتى ، ئانام پىشانەمگە سۆيۈپ يېشىنى تۆكتى ...ئاتام ئىسسىق باغرىغا بېسىپ
بېشىمنى سىلىدى . غېرىپلىق باسقان مىسكىن يۈرۈكۈمنى ئىللىق بىر تۇيغۇ ،قوينىغا ئالدى .
مەن دوستۇم ،سۆيگۈنۈمدىن ئازار يىگەن بولسام ،ئاتا-ئانامدىن تەسكىن تېپىپ ئوپراتسىيەگە كىرىپ كەتتىم .ئۇلار كۆزلىرىنى ياشلىغان ھالدا مېنىڭ ئوپراتسىيەدىن ساق-سالامەت چىقىشىمنى كۈتۈپ قالدى .
خۇدانىڭ ھىممىتى بىلەن ، بىريېرىم ئايدىن كىيىن ساقىيىپ كەتتىم . بۇ بىر يېرىم ئاي ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن كائىناتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ ،ئەڭ گۈزەل، ساپ مۇھەببەتنىڭ پەقەت ۋەپەقەت ئاتا-ئانىنىڭ يۈرىكىدىلا بارلىقىنى ھىس قىلدىم .ھېچكىم بىزنى ئاتا-ئانىمىزدەك سۆيەلمەيدىكەن ، ھېچكىمنىڭ ۋەدىسى ئۇلارنىڭكىدەك چىن مەڭگۈلۈك بولمايدىكەن .مىنىڭ قەدىناس دەپ بىلگەن دوستۇم ،سۆيگەن قىزىم .ماڭا مەڭگۈ ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشنى تىلىدا داستان قىلىپ يۈرەتتى .بېشىمغا كۈن چۈشكەندە ئۇلارنىڭ ھالى نىمە بولدى؟ ماڭا يەنە شۇ ئاتا-ئانام ئەس قاتتىغۇ ئاخىر ...
دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن ئادەملەرگە ئېغىزىدىكى گەپلىرىگىلا ئىشىنىپ مۇئامىلە قىلمايدىغان بولدۇم .بۇ ئاچچىق ھايات ماڭا ئۈزىنىڭ ئاچچىق ئىزتىراپلىرى بىلەن ،يەنە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ،نېمىنىڭ ۋاقىتلىق ،نېمىنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ،نېمىنى تاشلاپ نېمىنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى ئۈگۈتۈپ قويدى . پۇتۇم ساقايدى ، ماڭالايدىغان بولدۇم . ئەمما دوستۇم بىلەن سۆيگەن قىزىمنىڭ يۈرۈكۈمدە قالدۇرغان جاراھىتى تېخى ساقايمىدى . ئەمما بۇجاراھەتنىڭمۇ ئاستا-ئاستا ساقىيىشىغا ئىشىنىمەن .بۇھاياتتا ئەمدى ئۇلاربىلەن ئۇچراشمايمەن. چۈنكى ئاتا-ئانام مىنىڭ يۈرۈكۈمگە مەڭگۈلۈك مەلھەم...



[ بۇ يازما hijran تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما مـېنى ئـەڭ سـۆيىدىغان ئـادەملـەر (ھېكايە ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
يېقىندىلا باس-باس تور بېكىتىنى سېسىتىپ قوغلانغان بىر تۆھمەتخور ئىت مىسرانىمغاكەلدى. دىققەت قىلىڭ  ...بۇقېرى ئىتنىڭ زەھىرى بەك يامان .
SULGANGUL613
سۇلغانگۈل
دەرىجە: ئىجادچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 262
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1145
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1145دانە
ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5310 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 607(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 02:23 PM

بەك ياخشى يازىسىز جۇمۇ سىز ھىكايىنى
ئىشەنسەڭ سۆيگىن .
ئىشەنمىسەڭ سۆيمە .
بىلىپ سۆيگىن .
كىيىن ئېچىنما .
kiss0998
كۆڭۈل ئىشەككە چۈشسە، ئىغىلدا ياتماي ئامال يوق!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4783
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 147
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە147دانە
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 527 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 187(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 02:25 PM

ئىسىل تىما............
ئادەم ئەڭ يىقىن كىشىلىىرىنىمۇ سىناپ تۇرۇش كىرەك.........لىكىن خۇدا ساقلىسۇن ۋاپاسىزلىققا ئۇچراپ قىلىشتىن...........   
ھەر كۈنى ئاخشىمى سەن بولمىساڭمۇ ياخشى چۈش كۆرەتىمەن،توۋا دەيمەن ،سەن بار چاغلاردا دايىم ياخشى چۈش كۆرىشىمنى تىلىسەڭمۇ بۇنداق ياخشى ئۇخلىيالمايتىم،قارىغاندا شۇ چاغدىكى تىلەكلىرىڭ ئەمدى كەلگەن ئوخشايدۇ،سەن نىمە دىگەن ئۇلۇغ!؟
kaisar
سەن ئۆزەڭنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالما
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 427
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1060
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1060دانە
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2670 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 792(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 02:33 PM

ھەقىقى دوست دوستىنىڭ بىشىغا كۈن چۈشكەندە  بىلىنىدۇ .. ھەقىقى سۈيۈش  سۈيۈشنىڭ قەدىرىنى بىلىدىغان كىشىلەرلا  بىلىدۇ  ..  ھەقىقى  مۇھەببەت  ئاتا ئانا بالا مۇھەببىتى.     يۈرەكتىكى جاھارەتنى شىپالىق دورا ساقايتالايدۇ ئەمما شۇ دورىنى تىپىش تەس  ....    
..............................
ناخشا بىلەن تېما بەك ماس كەپتۇ ...  
.................................................
ماڭا تىلىفۇن قىلسىڭىز بولماسمىدى ....     
مۇۋاپىقىيەت تىرىشقارلارغا مەنسۇپ
hilalay
بارلىغىم پەقەت سەن ئۈچۈن !!!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2598
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 114
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە114دانە
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 856 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 22(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-13
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 02:38 PM

كىشىنىڭ بىشىدىن ئازىراق ئىسسىق - سۇغۇق ئۆتمىگىچە ، ئەتىراپىمىزدىكى بەزى نەرسىلەرنىڭ قەدرىنى بىلمەيمىز ...........يازغان ھىكايىڭىزنىڭ تىيمىسىمۇ ئۆزگىچە ........ياخشى يىزىپسېز .........كىشى يەنىلا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ياشاپ ئۈزلۈكسېز تىرىشىش كىرەك .
بىز دۇنياغا كۈلۈشكە كەلگەن،
كىم خالايدۇ قايغۇ - پەرياتنى .
ئىجىل ئىناق خوشاللىق بىلەن ،
ئۆتكۈزەيلى گۈزەل ھاياتنى .
TANHA65
سۆيگۈنۈڭگە قىلغاننى ئاناڭغا قىلىپ باقتىڭمۇ؟
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2160
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 57
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
ياخشى باھا: 32 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 679 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 223(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 02:42 PM

بەك تەسىرلىك يېزىپسىز  ،  ۋاپاسىز دوسلار كۈپىيىپ كەتتى  ، يەنىلا  ئاتا-ئانىمىزدىن باشقا يۈلەنچۈكىمىز يوق ،  
سىنى مەڭگۈ سۈيەلمەيمەن چۈنكى مەنمۇ مەڭگۈ ياشىيالمايمەن،
زامانى
مەن بىر پولات،چوقۇم تاۋلىنمەن.....
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2839
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 560
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە560دانە
ياخشى باھا: 91 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5733 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 475(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 02:44 PM

ھې ھې قانداق   ھىجرانجان
ئەتراپىڭىزدىكلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى بىلگەنسز،،ئۆز پاكلىقڭىز،ھاللالىقىڭىز،غەزەپ-نەپرەت ئىچىدىكى،مھر-مۇھەببتڭىز بىلەن،ھەقىقىي ئەركەكتەك ياشاڭ!!!
قەدىرلەشنى بىلمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋېتى
                            پۇشايمان ،كۆز يېشى......                       زار بولۇپ ئۆتىشى ئېنىق....
قەدىرلىكلەر مەڭگۈ  قەدىرلەنسۇن...............
قولڭىزدىكى سىز بىباھا چاغلايدىغان ئەڭگۇشتەر بەلكى سىزنىڭ بېشىڭىزنى ياردىغان تاش بولشىمۇ مۇمكىن،
ۋە ياكى ئايغىڭىز ئاستىدىكى قەدىرسىز تاش ، ئەسلى سىزنىڭ بۇ ھايات يولڭىزدىكى قوغدىغۇچڭىز بولشى مۇمكىن...
تېمىڭىزدىن سۆيۈندۇم   ئوخشاش قەلىبتىكلەردىن ئىكەنمىز...
[ بۇ يازما زامانى تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
ئەتراپىڭدىكلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى بىلگەنسەن،سەن بولساڭمۇ،ئۆز پاكلىقڭ،ھاللالىقىڭ،غەزەپ-نەپرەت ئىچىدىكى،مھر-مۇھەببتڭ بىلەن،ھەقىقىي ئەركەكتەك ياشا!!!
yawagul
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4363
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 182
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە182دانە
ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 763 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 101(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 02:48 PM

باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان مۇھەببەتنى تاشلىۋىتىش كېرەك...
غھلبھ ڭزدھنەۇچلھرەھ مھنسۇپ!!
musilina
ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 3
ئومومىي يازما: 1108
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1108دانە
ياخشى باھا: 263 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 11721 سوم
تۆھپىسى: 10 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 521(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 03:03 PM

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مېھرى -مۇھاببەت ئاتا -ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى -مۇھاببەتتۇر.....
يەنە بىر ئېسىل تېمىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمدىن خوشالمەن....
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
ھېسلىرىم
ماغدۇر كەلگەندە...
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 495
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 440
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2383 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 218(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 03:27 PM

8-قەۋەت (musilina) نىڭ يازمىسىغا

مەنمۇ مۇشۇنداق دىمەكچى ئىدىم ، ئادەم چوڭ بولغانچە ، ئاتا-ئانىدىن باشقىغا مۇتلەق ئىشەنسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتىدىكەن ..
"پىشانەمدىن ئاققان مۇنچاق-مۇنچاق ياشلىرىم" دىگەننى "تەرلىرىم"دەپ ئۆزگەرتسە توغرىمۇ قانداق ؟

  
ھېسلىرىم : ئەسەرلەرگە باققاندا رېئال تۇرمۇش تىخىمۇ مۇرەككەپ ، رېئال تۇرمۇش ھەممە نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ ، ئەمما ئەسەرلەر كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ .
marhaba
ئاياللارنىڭ ۋاقتى تۈگىسە مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيد ..
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 505
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 240
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
ياخشى باھا: 53 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1537 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1175(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 03:35 PM

چۈشۈمدە ئاپامنىڭ تېلىفۇندا داۋاملىق << تاماق يىدىڭىزمۇ بالام،ۋاختىدا تاماق يەڭ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،تېلىفۇن قىلىپ تۇرۇڭ،ئەندىشە قىلىدىكەنمەن>>دەپ سورىغان كۈيىنىش بىلەن ئەندىشە ئارلىشىپ كەتكەن سۆزلىرىنى ئويلىغىدەكمەن ھەم بۇ يېقىملىق سوزنى ئەمدى مەڭگۈ ئاڭلىيالمايدىغىنىمنى ئويلاپ شۇنداق يېغلاپ كىتىپتىمەن،يېغلاۋېتىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،ئەسلى ئۇڭۇمدىمۇ يېغلاۋاتاتتىم .
گۈللا بولسا گۈل ئەمەس، گۈلدەك پۇرىقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭمىش، ئېيىقمۇ بەزەن تىك تۇرۇپ،
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس،ئادەم سىياقى بولمىسا .
guli555
دەرىجە: يېـڭى مــېھان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7408
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 7 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 03:40 PM

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  زامانى كە 2010-09-02 02:44 PMئەۋەتىلدى  :
ھې ھې قانداق   ھىجرانجان
ئەتراپىڭىزدىكلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى بىلگەنسز،،ئۆز پاكلىقڭىز،ھاللالىقىڭىز،غەزەپ-نەپرەت ئىچىدىكى،مھر-مۇھەببتڭىز بىلەن،ھەقىقىي ئەركەكتەك ياشاڭ!!!
قەدىرلەشنى بىلمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋېتى
                            پۇشايمان ،كۆز يېشى......                       زار بولۇپ ئۆتىشى ئېنىق....
قەدىرلىكلەر مەڭگۈ  قەدىرلەنسۇن...............
.......


مەنمۇ زامانى بىلەن ئوخشاش پىكىردىمەن...
زامانى پىكىرىڭىز بەك ئوچۇق جۇمۇ سىزنىڭ
ناتىقلىق ۋە تەپەككۇرىڭزىگە مىسرانىمدىكى ھەممىمىز  قول قويمىز.....  
   ئىنساننىڭ قايىل بولۇش پىسخىكىسى بەك مۇرەككەپ  يەنى ئاسانلىقچە قايىل بولمايمىز....
لىكىن يەنە سىزگە ئوخشاش  ئوچۇق پىكىرلىكەر  ئادەمنى  ئويلىمغان دەرجىدە قايىل قىلدۇرۇپ قويىدۇ....
ئۆزىمىزنىڭ  يەنىلا پىشىپ يىتىلمىگنلىكمىزنى ھېس قىلمىز....

ھىجراننىڭ بۇ ھېكايىسمۇ  
              
zapar
دەرىجە: ئىجادچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1766
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1373
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1373دانە
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5878 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 526(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
12 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 04:44 PM

ھەققەتنى سۆزلەپسىز . قالتىس ھىكايەبوپتۇ.
.tuz.
دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3246
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 581
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە581دانە
ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4002 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1340(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
13 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 05:07 PM

چىن - مۇھەببەت ،ساداقەت ، مېھرىبانلىقنى نەگە كەتتىكىن دېسەم ھىجران ئەپەندىمنىڭ ھىكايىسىگە يوشۇرنىۋاپتىكەن ئەمەسمۇ ؟
سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !