خەلقئارا خەۋەرلەر
2010.09.02
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:ئىران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قىممىتى 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ھەربىي قورال-ياراق توختىمى ئىمزالىماقچى بولغان، ناۋادا بۇ توختام ئىمزالانسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ بىرلا دۆلەتكە قورال-ياراق سېتىپ بېرىشتىكى ئەڭ چوڭ زاكاز دۆلىتى بولۇپ قالىدىكەن. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ ھەربىي قورال-ياراق توختىمى بۇ يىل9-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ماقۇللىنىدىكەن. 2001- يىلدىن2008-يىلغىچە بولغان مەزگىلىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەربىي قورال-ياراققا ئاجراتقان راسخوتى 37 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى.
كورىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى چىڭ ۋاتەي تۈنۈگۈن، كورىيە زۇڭتۇڭى لىم يۇڭباكنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 9 كۈنىدىن10- كۈنىگىچە رۇسىيىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ھەمدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ياپونىيە كيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوكىناۋادىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى پوچون ئايرودرومىنىڭ ئورنىغا مۇئەسسەسە قۇرۇلۇش قىلىش شۇنىڭدەك قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇلىغا ئائىت ياپونىيە-ئامېرىكا مۇتەخەسسسلىرى دوكلاتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ياپونىيە باش ۋەزىرى جيەن جىرېن تۈنۈگۈن شىزۇئوكا ناھىيىسىنىڭ ئىتو شەھىرىدە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،11- ئايدا ئوكىناۋا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى سايلىمىدىن كىيىن يېڭى ئايرودروم قۇرۇش ئۈستىدە تەپسىلى يەكۇن چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، مەلۇم نىشان بولدى، ئەمما بۇ ئىشنى دەرھال باشلاشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېگەن.
چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن يوڭنەن تۈنۈگۈن پيۇڭياڭدا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كىيىن چاۋشيەن چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئىككى ئارمىيىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
كورىيە ھەربىي تەرەپ ئەرباپى، ئامېرىكا بىلەن كورىيىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ5-كۈنىدىن ئېتىبارەن كورىيىنىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەلىكىدە 5 كۈنلۈك سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋر ئۆتكۈزۈشنى كېڭىشىپ بېكىتكەنلىكىنى ئاشكارلىدى.
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ساقچىلىرى پۇتىنگە قارشى نامايىش قىلغان 100گە يېقىن كىشىنى قولغا ئالغان. رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن8- ئاينىڭ30- كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر نامايىشچىلار تەستىق ئالماي تۇرۇپ يىغىلىش قىلىدىكەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ، دېگەن ئىدى. ھازىرغىچە رۇسىيە ساقچىلىرى ئۆلۈش- يارلىنىش توغرىسىدا ھېچقانداق دوكلات ئېلان قىلمىدى.
سىنگاپوردا چىقىدىغان "بىرلەشمە سەھەر گىزىتى"نىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستاندا تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانى، گېنېرال پېتېرلىۋۇس، ئامېرىكا ئارمىيىسى باشچىلىقىدىكى ئىتىپاقداش قوشۇن ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تالىبانلارنىڭ بازىلىرىغا قىستاپ كېلىش ئالدىدا، تالىبانلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇقتىلىرىنى كېڭەيتمەكچى بولىۋاتىدۇ، دېگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشدۇن تۈنۈگۈن سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيىلىك 4 پۇقرانىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋەقەسىنى ئەيىپلىدى.
پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ھەربىي تەرەپ تۈنۈگۈن كەچتە غەربىي شىمالدىكى ئافغانىستان چېگرىسىغا يېقىن كىبېر قەبىلىلەر رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 45 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ تۈنۈگۈن: سۇلاۋىس ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمدىكى بۇئور رايونىدا كەنت ئاھالىلىرى توپلىشىپ ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ساقچىلار ئوق چىقىرىپ 5 كىشىنى ئېتىۋەتتى، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كىشى يارىلاندى، دېدى.
[ بۇ يازما تارىم تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : Jidelhor
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2010-09-02, 05:39
 |