بۇنىڭدىن 7 يىل بۇرۇن ئامېرىكا ئەنگلىيە بىلەن بىللە ئىراقتا تېرىپ قويغان ئاچچىق تاۋۇزنى ئاخىرى يەنىلا ئىراقلىقلار كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى . يەتكىچە دەرد تارتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئوبامانىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ، ئىراقتىن قۇيرۇقىنى تىكىۋېتىشكە باشلىدى . ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى 18–ئاۋغۇست ئاخىرقى تۈركۈمدىكى ئامېرىكا جەڭگىۋار قىسىملىرى ئىراق–كۇۋەيت چېگرىسىدىن ئۆتكەنلىكىنى ، شۇنىڭ بىلەن ئىراقتىن چېكىنىش باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى . ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بېكىتكەن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن ، ئامېرىكا 8–ئاينىڭ 31–كۈنىگىچە بارلىق جەڭگىۋار قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ بولىدۇ ، 50 مىڭ ئادىمى ئىراقتا قېلىپ ، ئىراقنىڭ خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە ئىراقتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەندىن كېيىن ، 2011–يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كېتىپ بولىدۇ . شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتمەي بولمايدۇكى ، ئامېرىكىلىقلار ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ قالتىس ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس ، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق چاغدا ئىراق ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ پاتقاقتىن ئۆزىنى تارتىۋالماقچى ، يەنى ، ئوباما زۇڭتۇڭ سايلىمىغا چېپىپ يۈرگەن چاغلىرىدا بەرگەن ‹‹ قوشۇن چېكىندۈرۈش›› ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ ، دېموكراتلار پارتىيەسى ئۈچۈن 11–ئايدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك دۆلەت مەجلىسى سايلىمىغا دەسمايە توپلىماقچى

2003–يىلى 3–ئاينىڭ 20–كۈنى ، ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشى قوزغىغانىدىن بۇيانقى 7يىل مابەينىدە ، ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشى مەيدانىدا 742مىليارد 300مىليون دوللار خەجلەپ بولدى ، تەخمىنەن 4415 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى ، 32مىڭ ئەسكەر يارىلاندى . بۇ ئاغزى–بۇرنى قان بولۇپ كەتكەن ئوباما ۋە تېشى پال–پال ، ئىچى غال–غال ئامېرىكا ئۈچۈن كۆتۈرۈپ بولالمىغۇدەك ئېغىر يۈك بولۇپ قالدى . ئىراق ئۇرۇشىدىن پەيدا بولغان ‹‹ ئاسارەت ›› مۇقەررەر ھالدا ‹‹ كېيىنكى كرىزىس دەۋرى ›› دىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىدە داۋاملىق تەسىر پەيدا قىلىدۇ تېخى ، يالغان گەپ توقۇپ ئۇرۇش قوزغاش ، بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ۋە مەھبۇسلارنى خارلاش ئاقىۋىتىدە ، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ يۇمشاق كۈچى›› مىسلىسىز دەرىجىدە تالاپەتكە ئۇچرىماقتا . ھەممەيلەنگە ئايانكى ، ئامېرىكا قارىماققا ‹‹ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ›› قوشۇن چېكىندۈرگەندەك قىلسىمۇ ، بىراق بۇ ئادەمگە ئىختىيارسىز ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ئەسىردە ۋيېتنامدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولغان چاغدىكى تەقدىرىنى ئەسلىتىدۇ . ئىراق ئۇرۇشىمۇ ۋيېتنام ئۇرۇشىغا ئوخشاشلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشماقتا ، بۇ دېگەن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت . پەرق شۇكى ، ئەينى يىلى ئاۋىياماتكا ئۈستىدە نوتۇق بايان قىلىپ ‹‹ ئىراق ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى ›› دەپ دۇنياغا جاكارلىغان بوش ئابروي قازانغىنىچە تەخىتتىن چۈشۈۋالغان بىلەن ، ئۇرۇشنىڭ يامان ئاتىقى نەس باسقان ئوباماغا چاپلىنىپ قالماقتا . ‹‹ دەردى يوق ئېشەك ، ئىشىقى يوق كېسەك ›› دېگەن مانا شۇدە . ئەمدى تېخى ‹‹ تېزىنى باسسا مېزى چىقىدۇ ››: ئىراقتىن ئىبارەت بۇ خانىۋەيرانچىلىقنىڭ ‹‹ نىجاسىتى ›› نى كىم تازىلايدۇ ؟ بۇنىڭ جاۋابىمۇ ئېنىق تۇرغان گەپ . ئامېرىكىلىقلار ‹‹ ئاخىرەتلىك ›› نى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق دېسىمۇ ، ھەممە ئىشنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتمىسىمۇ ، بۇ ‹‹ نىجاسەت ›› نى يەنىلا ئىراق خەلقى تازىلاشقا مەجبۇر ، گەپ شۇ يەردىكى ، بۇ ‹‹ نىجاسەت ›› نى ئىراق ئاشۇ ھالى بىلەن تازىلاپ كېتەرلەرمۇ ؟ ھازىر ئامېرىكىلىقلار پۈتۈن ئەس ــ يادى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئىراق دېموكراتىك ھاكىمىيىتى تېخىچە قەغەز يۈزىدە تۇرۇۋاتىدۇ ، ئىككى مەزھەپ ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالىشىپ جېدەل ئۈستىدە بولغاچقا تېخىچە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىنىپ بولالمايۋاتىدۇ . ئىراق ئارمىيەسىدىمۇ ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئىراقتا داۋاملىق تۇرامدۇ–تۇرمامدۇ ؟ دېگەن مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئىختىلاپ مەۋجۇت . ئىراق قۇرۇقلۇق ئارمىيە سەنمۇجاڭى گېنېرال لېيتېنات زىبالى 11–ئاۋغۇست ئىراق ئارمىيەسى بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تېخى تەييارلىنىپ بولمىغانلىقىنى ، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئىراقتا 2020–يىلغىچە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . دېمەك ، ئىراق سىياسيونلىرى ئامېرىكا قوشۇنلىرى چىقىپ كەتكەنلىكتىن پەيدا بولغان ‹‹ كۈچ بوشلۇقى ›› نى تولدۇرۇش چارىسىنى تېزدىن تېپىپ چىقىشى شەرت . ئامېرىكىلىقلارنىڭ كېتىشى بىلەن ئىراقتا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشتەك تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىپ ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەسكىنلەشمەكتە . 17–ئىيۇل باغدادنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرى نىشانلانغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 38 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى ، 7–ئاۋغۇست بەسۇرەدىكى بىر رەستىدە 3 قېتىم پارتلاش دېلوسى يۈز بېرىپ جەمئىي 45 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى ، 17–ئاۋغۇست باغدادتىكى ئەسكەر قوبۇل قىلىش مەركىزىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 61 ئادەم ئۆلدى . 130 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى . بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ ھۇجۇم ئۇسۇلىغا ئوخشاپ كېتىدۇ . ئۇلار پۇقرالارنى نىشانلاپ پارتلىتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكمەكچى. بىر مەھەل ھەممە ئىراق پۇقراسى قورقۇنچ ئىچىدە قالدى . ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا .
ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىراقتىكى قىلمىش–ئەتمىشلىرى خەلقى ئالەمگە : ھە دېسىلا قورال كۈچى بىلەن كۆرەڭلەيدىغان ، زومىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان ئامېرىكا بارغانلار جايدا ‹‹ پېشكەللىك ›› ۋە ‹‹ نىجاسەت ›› چىقىرىپ تۇرىدىغان ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كېلىپ قالسىلا پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالىدىغان ، شۇ جايلاردىكى خەلقنىڭ ئۆلۈش–تىرىلىشى بىلەن ئەسلا كارى بولمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقتا . ئامېرىكىلىقلار ئىراقتا قالدۇرۇپ كەتكەن ‹‹ نىجاسەت ›› نى زادى قانداق يىغشتۇرماقچى ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . سادام ھۈسەيىن دەۋرىدىكى 2–نومۇرلۇق ئەرباپ ، ئىراقنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى تارىق ئەزىز يېقىندا تۈرمىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلىپ ، ئىراقنىڭ ‹‹ ئىستىقبالى ›› نى مۇنداق سۈرەتلەپ بەردى : ‹‹ ئوباما دېگەن بۇ ساختىپەز زۇڭتۇڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ ، ئىراقنى بۆرىلەرگە تاشلاپ بەردى ›› ، ‹‹ ھەربىر ئىراقلىق ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ جەبىرلەنگۈچىسى ›› . ‹‹ ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋەزىيىتى مۇقىملاشماي تۇرۇپ قوشۇن چېكىندۈرۈشى ئەجەللىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ ، بۇ ئىراقنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتكەندەك ئىش ››.
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-08/31/content_98462.htm