مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 302 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غەربلىكلەر جۇڭگوغا كىيدۈرۈپ قويغان يەتتە قالپاق
LoHMaN0999
ئۆزۈم ھەرجايدl ،كۆڭلۈم سەندىدۇر.
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3909
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 99
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە99دانە
ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 632 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 34(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-13
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-31
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 21:19

0 غەربلىكلەر جۇڭگوغا كىيدۈرۈپ قويغان يەتتە قالپاق

ئەسكەرتىش: بۇ يازما شائىر~ ئەپەندى تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2010-08-31)
1–قالپاق:‹‹ دۇنيانىڭ ئىككىنچىسى››
    خېلى بىر مەزگىلدىن بويان ، ‹‹جۇڭگو›› دېگەن بۇ ئاتالغۇ غەرب مەتبۇئاتلىرى ماختاپ كۆككە ئۇچۇرىدىغان ئوبېيكت بولۇپ كەلدى ، بولۇپمۇ يېقىندا غەربلىكلەر جۇڭگوغا يەنە ‹‹ دۇنيانىڭ ئىككىنچىسى›› دېگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ قويدى. ئادەم ئىختىيارسىز ھالدا ئالدىنقى ئەسىردە ئامېرىكا ‹‹ ماختاپ ئۆلتۈرگەن›› ياپونىيەنى ئەسلەپ قالىدۇ . ئامېرىكا شۇ چاغلاردا بىر تەرەپتىن ‹‹‹ ياپونىيە ئىقتىسادتا مۆجىزە ياراتتى›› دەپ ئۇچۇرسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹ ياپونىيە تەھدىتى ›› دېگەننى ئويدۇرۇپ چىقىپ ، ياپونىيەگە قاتتىق–يۇمشاق ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنى قويماي ئىشقا سالغان ئىدى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە قۇدرەت تېپىۋاتقان جۇڭگوغا قوللىنىۋاتقان ۋاستىغا ئوپمۇ–ئوخشاش.
    ئامېرىكا ئەزەلدىن زومىگەرلىك ھوقۇقىغا باشقىلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا يول قويمىغان! ئوباما بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا ‹‹ مەن ئامېرىكا دۇنيانىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ قېلىشىنى قوبۇل قىلالمايمەن›› دېگەننى گەۋدىلىك تەكىتلىدى . يەنى ئۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىغا چىداپ تۇرالمايمەن ، دېمەكچى ، شۇنىڭ بىلەنلا ئامېرىكا جامائەت پىكرى ساھەسىدىكىلەر جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇبالىغە قىلىشقا باشلىدى . ئۇلار شۇ ئارقىلىق جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا مەسئۇلىيەت يۈكلەپ ، جۇڭگونى غەربنىڭ دەردلىرىگە دەرمان قىلماقچى. ئۆتكەن 8،7 يىل مابەينىدە غەربلىكلەرنىڭ ‹‹ جۇڭگو قىزغىنلىقى›› توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدىن مانا شۇنداق بىر روھىي ھالەتنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ .
    2–قالپاق:‹‹دۇنيانىڭ پۇل قاپچۇقى››
    كورىيە ‹‹ چاۋشىيەن گېزىتى›› نىڭ 16–ئاۋغۇستتىكى سانىغا ‹‹ "دۇنيانىڭ پۇل قاپچۇقى"نى ئاچاي دەمسىز›› دېگەن ماۋزۇدا ماقالە بېسىلدى ، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى قۇرلىرىغا كۆز يۈگۈرتەيلى:

    يېقىندا جۇڭگودا ئىش ھەققى ۋە مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە بارغانسېرى ئېغىر بېسىم پەيدا بولۇۋاتىدۇ دەپ ئۈزۈلمەي خەۋەر كەلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىر ئالدىنقى ھەپتىدە كورىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى 4 زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى.
    زاۋۇتلاردا كەيپىياتنىڭ شۇنداق تىنچ ئىكەنلىكى مۇخبىرنى ھەيران قالدۇردى ، ئۇلار ئەندىشىدە ئەمەس بەلكى تەمەدە يۈرۈپتۇ ، بېيجىڭ خيۇنداي ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ كورىيەدىن ئەۋەتىلگەن بىر خادىمى :‹‹ زۆرۈر تېپىلسا ئىش ھەققىنى ئۆستۈرىمىز ئەلۋەتتە . ئىشچىلار پۇلنى كۆپرەك تاپسا ، ئاپتوموبىللىرىمىزنى سېتىۋالالايدىغان بولىدۇ ›› دېدى . چىڭداۋ بوخاڭ داتلاشماس پولات شىركىتىنىڭ كورىيەلىك بىر خادىمى : ‹‹ زاۋۇتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاپتوماتلىشىپ بولغان ، گەپ ئادەم خىراجىتىدە ئەمەس بەلكى جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقداردا›› دېدى . بۇ يىل 6–ئايغىچە ، بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى بۇلتۇرقى ئومۇمىي مەھسۇلاتنىڭ % 60 تىن كۆپرەككە يەتكەن ، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگودا سېتىلىدىكەن . LGئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ بىر خادىمى :‹‹ بۇرۇن بىز جۇڭگونىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىدىن پايدىلاندۇق ، ئەمدىلىكتە نىشانىمىز جۇڭگولۇقلارنىڭ كاللىسىدىن ئەڭ زور چەكتە پايدىلىنىپ ، مەھسۇلاتلىرىمىزنى شۇلارنىڭ ئۆزىگە سېتىشتىن ئىبارەت ›› دېدى.
   3–قالپاق : دۇنيا بويىچە ‹‹ ئېكسپورتتا بىرىنچى ››
    2010–يىلى 8–ئاينىڭ 17–كۈنى ، جېجىياڭدا 1–ئايدىن 7–ئايغىچە تاشقى سودا ئېكسپورتى 100مىليارد دوللاردىن ئاشقان كۈنى ، ئىشچىلار يىۋۇ شەھىرىدىكى بىر پۇقراۋى كىيىم–كېچەك كارخانىسىدا ئېكسپورت قىلىنىدىغان كۆڭلەكلەرنى رەتلىمەكتە . يېقىندا ، خاڭجۇ تاموژنىسى ئېلان قىلغان ئىسىتاتستىكا مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، 2010–يىل1–ئايدىن 7–ئايغىچە ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت–ئېكسپورت ئومۇمىي 141مىليارد 460مىليون دوللارغا يېتىپ ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %39.9ئاشقان . بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 100مىليارد 250مىليون دوللارغا يېتىپ ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن % 40.6 ئاشقان ، ئىمپورت 41 مىليارد 210مىليون دوللارغا يېتىپ ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %38.3ئاشقان . دېمەك ئىمپورت–ئېكسپورت كۆلىمى پۇل مۇئامىلە كىرىزىس يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتكەن.
    4–قالپاق: پۈتۈن دۇنيانىڭ ‹‹ كىلىمات داھىيىسى››
    ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى بويىچە باشلىقلار ئۇچرىشىشى 22–ئاۋغۇست نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ باشلىقلار ئۇچرىشىشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ،‹‹ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ خىرىىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرايلى›› دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
   خۇ جىنتاۋ : جۇڭگو كىلمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە جۇڭگونىڭ كونكرېت نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى ، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىشىنى ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە داۋاملىق كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىدۇ. بىرىنچىدىن ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ، 2020–يىلغىچە بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 2005–يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ.
    ئىككىنچىدىن ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ ، 2020–يىلغىچە غەيرى قېزىلما ئېنېرگىيەنىڭ بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىستېمالدىكى سالمىقىنى %15ئەتراپىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.
    ئۈچىنچىدىن ، ئورمانلىق ئارقىلىق كاربون تازىلاش كۆلىمىنى 2005–يىلدىكىدىن 40مىليون گېكتار ، ئورمان يىغىلمىسىنى 2005–يىلدىكىدىن 1مىليارد 300مىليون كۇپمېتىر ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
    يېشىل ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ ، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد ۋە ئايلانما ئىقتىسادنى پائال راۋاجلاندۇرىدۇ ، كىلىماتقا دوستانە تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ كېڭەيتىدۇ.
   5–قالپاق: ‹‹ مەدەنىيەت ھۆكۈمرانى ››
   جۇڭگو ھېچقاچان دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش كويىدا بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ ، لېكىن جۇڭگونىڭ دۇنياغا قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلىشى جامائەت پارىڭىغا ئايلىنىپ قالماقتا . بەلكىم ئالدىن بىلەر ياككېسىنىڭ ‹‹ جۇڭگو دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش نەزەرىيەسى›› نى تەرغىب قىلىش نىيىتى يوقتۇ ، ئۇ ئەل–جامائەتكە دۇنيادا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتماقچى بولغاندۇ .
    بۇ سۆز ئامېرىكىلىق مەشھۇر كەلگۈسىشۇناس جون نائىبىت ‹‹ دۇنيانىڭ چوڭ يۈزلىنىشى›› دېگەن ئەسىرىنىڭ ‹‹ دۇنيانى توغرا كۆزىتىشنىڭ 11تەپەككۈر ئەندىزىسى›› دېگەن قىسمىدا ئالدىن ئېيتقىنىغا ئوخشايدۇ ، ياككېس دۇنيانىڭ ھوقۇقى شەرققە يۆتكىلىشى مۇقەررەر ئىش ، دەپ قارايدۇ ، لېكىن ياككېس جۇڭگونىڭ ‹‹ ئاخىرىدا يېتەكچى ئورۇن ئىگىلىشى ›› نىڭ سەۋەبىنى پۈتۈنلەي ئىقتىسادقا ئارتىپ قويمىغان ، ئۇ پەقەت مەدەنىيەت مۇشۇ نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى ئاخىرقى ئامىل دەپ قارىغان. ‹‹ جۇڭگونىڭ زېمىن كەڭ ، نوپۇسى جىق ، ئىرقىي ئىزومورفىك تىپى ۋە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇشتەك ئورنىغا بولغان ئىشەنچىسى قاتارلىق ئامىللار بىرلىشىپ ، نېمىنىڭ ‹ زامانىۋى › بولىدىغانلىقىغا قايتىدىن تەبىر بېرەلەيدىغان مۇشۇنداق دۆلەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن››.
    ئۇ مانا مۇشۇنىڭغا ئاساسەن جۇڭگو مەدەنىيەت ھۆكۈمرانى بولىدۇ ، غەربنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان زامانىۋى خاسلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ ، ھازىرقى دۇنيا قۇرۇلمىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغان.
   6–قالپاق: ‹‹ دۇنيانىڭ زاۋۇتى››
    ھور ماشىنىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە 1–قېتىملىق سانائەت ئىقىلابىي ئەنگىلىيەنى ‹‹ دۇنيانىڭ زاۋۇتى›› دېگەن چىرايلىق ئاتاققا ئىگە قىلغان ئىدى . ئارىدىن بىر قانچە ئەسىر ئۆتۈپ ، غەربلىكلەر ئەمدى بۇ قالپاقنى جۇڭگوغا كەيدۈرۈپ قويدى. ھالبۇكى ، بۇ قالپاق ئوخشاش بولمىغان مەنىگە ئىگە بولۇپ قالدى . بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ھېلىھەم ‹‹ دۇنيانىڭ يېڭىلىق مەركىزى›› ھېسابلىنىدۇ ، ئوتتۇرا ۋە يوقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكى ئاجىزلىماي كېلىۋاتقان ياپونىيە بىلەن كورىيەلەر ‹‹ دۇنيانىڭ زاۋۇتى›› دېگەن ئاتاققا لايىق كېلىدۇ. لېكىن جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىگە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ئۇششاق ، چوڭ زاۋۇتلار جايلاشقان . ئەمگەك كۈچى ۋە تەننەرخ ئەرزان مۇشۇنداق جۇڭگو يەنىلا ‹‹ دۇنيانىڭ قول ھۈنەرخانىسى›› بولۇپ تۇرغىنى تۈزۈك.
   ‹‹ دۇنيانىڭ قول ھۈنەرخانىسى›› دىن ھەققىي يوسۇندىكى ‹‹ دۇنيانىڭ زاۋۇتى›› دېگەن دەرىجىگە ئۆسۈش ھەمدە ‹‹ دۇنيانىڭ بازىرى›› نى ئوبدان يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىش ئۈچۈن جۇڭگو تېخى بەك جىق ئىشلارنى قىلىش كېرەك . غەربلىكلەرنىڭ كۆپتۈرۈشى ۋە ماختاپ ئۇچۇرۇشىغا تەمكىنلىك بىلەن قاراپ ، ماختىسا ئۇچۇپ كېتىش ياكى ئۆلۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش لازىم .
    7–قالپاق: ‹‹ ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونىدا تەڭداشسىز ھاۋا ئارمىيەسى››
   ‹‹جۇڭگو ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونىدا تەڭداشسىز ھاۋا ئارمىيەسى بەرپا قىلىۋاتىدۇ›› ، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ دىپلوماتىيە›› ژۇرنىلى يېقىندا جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنى ئاشۇنداق سۈرەتلەپ ، نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارنى قورقۇتۇۋەتتى . ھازىرقى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز ئارمىيەسىگە قويغان ئاساسىي تەلىپى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت . نوپۇزلۇق ھەربىي ژۇرنال ھېسابلىنىدىغان ‹‹ جانېس مۇداپىئە ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› مۇ جۇڭگونىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان ياساش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە 3–ئورۇندا تۇرىدۇ ، دەپ يازدى.
   يېقىندىن بويان پەيدا بولغان جۇڭگونىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنى ماختاش دولقۇنىدا ، چەت ئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ زېرەكلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ ، ئۇلار ھەتتا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان ‹‹ بومباردىمانچى–7›› ناملىق ئايروپىلاننى ئوتتۇرىغا ئەپچىقىپ ، ‹‹ بۇ ئايروپىلان جۇڭگو يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان گۆھەر›› دەپ باھا بېرىۋەتتى . جۇڭگونىڭ قۇدرەت تېپىشى نەتىجىسىدە قۇدرەت تېپىۋاتقان جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى كۈچلۈك نۇر چاقناپ تۇرىدىغان سەھنىگە چىقىرىپ قويۇلماقتا . جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى چەت ئەللىكلەرنىڭ خەۋىرىدىكىدەك ئاشۇنداق قالتىس بولغان بولسىغۇ بولاتتى–كاشكى، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋالچۇ؟
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى                      2010-يىلى31-ئاۋغۇست
تېما تەستىقلىغۇچى : شائىر~ ئەپەندى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-31, 15:15
-سىز كۆرۋاتقان تىما غەربلىكلەر جۇڭگوغا كىيدۈرۈپ قويغان يەتتە قالپاق,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
پاكىزلىق ئىماننىڭ جۈملىسدۇر