مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2945 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: ئەبجەش خاتىرەمدىن
arxang
ئانام ئۈچۈن بارلىغىم.
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 68
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 373
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە373دانە
ياخشى باھا: 102 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 12150 سوم
تۆھپىسى: 14 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1354(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 04:24 PM

0 ئەبجەش خاتىرەمدىن

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى kun^kiz تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-08-30)






تۇنجى خوراز چىللايمۇ چىللىمايمۇ دەپ تۇرغان چاغ، تىمتاس كوچىدىن بىر دەرۋازىنىڭ غېچ قىپ ئىچىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ نەلەردىندۇر سەزگۈر بىر ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازلىرى سەھەر جىمجىتلىقىنى بۇزدى.
قولىدا كىچىككىنە بىر قار سومكا يەنە بىر قولىدا قانداقتۇر بىر خالتىدەك بىر نىمە تۇتقان ئايال قاراڭغۇدا سىلاپ تەمتىرەپ دەرۋازىنى ئاستا ئاچتىدە دەرۋازا سىرتىغا چىقىپ قولىدىكى سومكىلىرىنى يەرگە قويۇپ قويۇپ دەرۋازىنى يىپىپ قويۇپ ئىككى قانىتىنىڭ يوچۇقىدىن قولىنى تىقىپ ئەپچىللىك بىلەن ئىچىدىن ئىلدى. مەھەللىنىڭ ئىككى تەرەپىگە سەل ئەندككەندەك بىر قاراپ قويۇپ،  كوچىنىڭ بازارغا ئۇلىشىدىغان تەرىپىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
تىتىلىپ كەتكەن ماتاردەك نىپىز بىر بۇلۇتنىڭ كەينىدىن  بىر تىلىم تاۋۇزدەك كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاي بۇ ئانىنىڭ يولىنى بىلىنەر بىلىنمەس يورۇتۇپ تۇراتتى، ئانا نىمىلەرنىدۇ ئويلايتى، بەزەن تۇرۇپ- تۇرۇپ ئاۋىزىمۇ سىرتقا چىقىپ كىتەتتى، قارڭغۇلۇقتا  قورقۇپ ، پۇتلىشىپ دىگەندەك مىڭىپ ھەم كونا ھەم سۆيۈملۈك كونا بوتكىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى. يەنە قاراڭغۇلۇق ،سىلاپ سىپاپ يۈرۈپ يۈرۈپ قۇلۇپنى ئاچتىدە دۇككان ئىچىگە كىرىپ چىراقنى ياندۇردى. ۋات سانى ئەڭ تۆۋەن چىراق بولغاچ كىچچىكىنە دۇككان ئىچىنى خۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى.
بۇ ئايال يادقا ئىلىۋالغان  قائىدە تۈزۈمدەك  كۈندىلىك ئىشىنى باشلىۋەتتى، كۆتۈرۈپ ئەكەلگەن سومكا خالتىلاردىكى قايماق، سۇت ،تۇز، چايلار قاچىلانغان ئەينەك ھەم تومۈر قۇتىلارنى دۇككان ئىچىدىكى ئەمبەلگە بىر-بىرلەپ تىزىشقا باشلىدى.
سىرىتتىكى كونا ئوچاق تىگىدىن بىر تال چوغنى ئىلىپ ئوت تۇتاشتۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى.
شۇ تەرەققىسىدە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ تاڭمۇ سۈزۈلىشكە باشلىغان چاغ تۇيۇقسىز يەنە بىر ئانىنىڭ سالىمى موماينى چۈچىتىۋەتتى، _ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھەدە ياخشى تۇرۇپسىزمۇ قانداقراق قوپۇپسىز؟ _ياخشى ياخشى ،ئۆزىڭىزچۇ سىڭلىم بۈگۈن بەك ئەتىگەن كىرىپ قاپسىزغۇ ،؟
_سەھەر ئويغۇنۇپ كىتىپتىمەن ئۇياق ئۆرۈلۈپ بۇياق ئۆرۈلۈپ بىر خىياللار كاللامغا كىرىۋىلىپ پەقەت ئۇىلىيالمىدىم ،قارىسام تاڭ ئاتىدىغاندەك چىغى بار شۇنىڭ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ نامازنى ئوقۇپلا بۇياققا يۈرۈپ كەتتىم.
بۇ ئىككى ئانىنىڭ شۇنداق پاراڭلىرىدىن ،بىر- بىرىنىڭ كۆڭلىنى ،تۇرمۇش ئەھۋالىنى تولۇق بىلىشىدىغان ھەم تولۇق چۈشىنىشىدىغاندەك قىلاتتى.
-ئوغلىڭىز ئۆيدە ئۇخلاپ قالدىمۇيە...
قايماقچى ئانىنىڭ بۇ سوئالىدىن بۇ ئانا چوڭقۇر ئوھ تارتىپ قويۇپ شۇنداق سىڭلىم ئۇ جۇگاينىمەك ئاخشام تۈن نىسپىدە كىرىپ مىنى يەنە زار-زار قاخشىتىپ يىنىمدىكى بار پۇلنى ئىلىپ چىقىپ كىتىپ ،مەن بۇياققا ماڭغاندا ئۆيگە كىردى ، نەگە باردىڭ دەپ سورىسام گەپكە جاۋاپ بىرە ئەمەس تىرىك مۇردا تۇرقى شۇنداق ناچار ئەھۋالى ، ئورنىغا كىرىپ ياتتى.
بۇ شۇ پاراڭلىرىنى تۈگۈتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
قايماقچى ئانا سورىغان سوئالىنىڭ ئەتىگەندە بۇنداق يىغلىتىپ قويىشىنى بىلگەن بولسا سورىماس بولغۇيتى بەلكىم سەل خىجىل بولدى ھەم ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى يىرىم بولۇپ ئانىنىڭ يىغىسىغا شىرىك بولدى.
_بولدى سەۋرى قىلىڭ ھەدە يىغلىساق يىغا تۈگىمەيدۇ بىز تۈگەيمىز، بۇ بالىلارنىڭ دەردى قاچانمۇ تۈگەر <<خەققە دىسە گەپ بولىدۇ، دىمىسە دەرت بولىدۇ>> ، <<يامان دىسەڭ بالاڭنى، كىم بىرىدۇ ياخشىنى>> دىگەندەك گەپلەرمۇ بار، بىراق شۇ ئىچىمىزنى يەپ بولدى بۇ دەرتلەر.
بۇ ئىككى ئانىنىڭ بۇ ئەلەملىك پاراڭلىرىدىن، پىغانلىق يىغىلىرىدىن تەبىئەتمۇ ياش تۆكتى بولغاي سىرتتا سىم-سىم يامغۇر يىغىشقا باشلىدى.
ھەي ئانا سىلەر دەرتنىڭ ئازاپ ئوقۇبەتنىڭ ئۈستىگە تۇغۇلغانغۇ ئەمەس نىمە ئۈچۈن پۈتكۈل دەرت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، پەرزەنىت ئوتى شۇ ئوتتا پۇچۇلۇنۇش سىلەرگىلا نىسىپ بولىدۇ؟ ياكى سىلەرنى ئاسان كۆز يىشى قىلالايدۇ دەپ شۇ ئاچچىق دەرتلەر سىلەرنىلا بوزەك ئىتەمدۇ؟ سىلەر ياش تۆكۈشكە ئەمەس داۋاملىق كۈلۈپ ياشاشقا، چىھرىڭلەردىن مەمنۇنلۇق ، پەرزەنتىڭلاردىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى جىلۋە قىلىشقا يارالغان ئىدىڭلار ،نىمە ئۈچۈن پۈتكۈل جانلىقلا ئۇيقىدىكى ۋاختىدا سىلەر ئويغاق، پۈتكۈل مەۋجۇداتلار شاتلىق ئىلكىدە ۋاخلىرىدا سىلەرنىڭ كۆزۈڭلاردا ياش ئەگىيدۇ؟
ئاشۇنداق شاتلىقتىن ، شۇ پەخرلىنىش تۇيغۇسىدىن بەھىر ئىلىۋاتقان ئانىلارمۇ بار .
بۇنداق تاڭ سۈزۈلمەي تۇرۇپ، جاپاغا تۇتىلىدىغان، تاڭ ئاتماي تۇرۇپ بۇنداق ياش تۆكىدىغان ئىككىڭلاردەك ئانىلارمۇ بار ، سەۋەپ نەدە؟؟؟
تۇيۇقسىز دۇككانغا چاچلىرى تاراقسىز يۈزىنىمۇ يۇيۇشقا ئۈلگۈرمىگەن  رەڭگى توپىدەك تاتراڭغۇ بىر بالا كىرىپ كەلدى.
_ ئاپا پۇل بولسا ئازراق بەرگىن چاپسان بول ئوغلۇڭدىن ئايرىلىپ قالما چاپسانراق بول دىگىنىچە ئانىسىنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەي كىلىپ بىسىم ئىشلىتىپ ئانىسىنى قىينىماقتا ئىدى.
_جىنىم بالام ئاخشام بار پۇلنى ئىلىپ چىقىپ كەتتىڭغۇ مەندە يەنە نەدىمۇ پۇل بولسۇن.
بىر ئامال قىل بولمىسا مەن تۈگۈشىمەن ئاپا . ئۇنىڭ بىچارىلەرچە يالۋۇرۇشلىرى شۇ ئۆز ئانىسىنىڭ ئىچ ئاغرتىشىنى قوزغىغان بىلەن باشقىلار كۆرسە ئۇنىڭغا شۇنداق بىر نەپرەتلەنگەن بولاتتى.
ئانا ئىچ يانچۇغىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ پارچە پۇللارنى چىقىرىپ ئايرىپ بىرەي دىگۈچە ئارلىقتا كاپ قىلىپلا بىر رەزىل قول پۇلنى ئىلىپ سىتقا چىقىپ جىندەك غايىپ بولدى.
ئارقىسىدىن ئانىنىڭ _بالام ھەممىنى ئىلىپ كەتمە ماۋۇ ھەدەڭنىڭ سۈت- قايمىغىنىڭ پۇلىنى بىرەتتىم دەپ ۋارقىراپلا ئارقىسىغا داڭ قىلىپ ئۇچۇپ چۈشتى.
_ ھەدە نىمە بولدىڭىز؟ كۆزىڭىزنىڭ ئىچىڭ ۋاي ئادەم بارمۇ ،قايسىڭلار بار ،
دەپ قايماقچى ئانىنىڭ ۋارقىراشلىرى جاھاننى بىر ئالدى ،ئەتراپتىن بىر قانچە كۆمۈرچى بالىلار يۈگۈرۈپ كىلىشتىدە ئانىنىڭ مۇزلاپ كەتكەن پۇت قوللىرىنى ئۇۋلاشقا باشلىدى،
لىكىن ھەممە ئىشلار تۈگىگەن كىچچىكەن ئىدى، ئۇ ئانىنىڭ ئۆز ئوغلىغا ئاخىرقى قىتىم جىنىڭنى ساقلاپ قال دەپ بەرگەن پۇلى بىلەن ئۆز جىنىنى پىدا قىلدى.
ئەپسۇس ئۇ ئوغلىمۇ جىنىنى ساقلاپ قالالمايتى.
ئانا ئوغلۇمنڭ قۇتقىزىمەنغۇ دەپ ئويلاپ بەرگەن ،دائىم شۇنداق دەپ بىرەتتى ، ئۆزى قايناقسۇ بىلەن قاتتىق نان يەپ ،ئوغلى ئۈچۈن بازاردىن ياخشى تاماقلارنى ئالغاچ كىلەتتى، ئۆزى ئۇچىسىغا يىللاپ يىللاپ يىپ ئارتمىسىمۇ شۇ ئوغلى ئۈچۈن دوس ئاغىنلىرىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمىسۇن دەپ داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيگۈزەتتى.
مانا دۇككان ئالدىغا بۇ ئانىنىڭ كۈندە ئەتىگەندە ئوخشۇتۇپ ئەتكەن ئەتكەن چىيىدىن بەھىر ئىلىپ كىلىۋاتقان خىرىدارلىرى توپلاشتى ،ئۇلار يىغلاشتى ،چىن قەلپتىن يىغلاشتى.
تەبىئەتنىڭ سىم-سىم يامغۇرى تىخىمۇ كۈچۈيۈپ پۈتكۈل تەبىئەت ماتەمدە ئىدى.




ئەي ھايات سەن مىنى سالغىن بىر كاچات،
نەلەردە يۈرۈيمەن كۆردۈڭغۇ بەلكىم.
رازى مەن قول سىقىپ باقىغا ئۇزات،
قۇتۇلسۇن بۇ دىيار ۋە ئەزىز خەلقىم.

كۆزۈمنى يۇمساممۇ شۇملۇق خىيالىم،
ئويغانسام كوچىلار ھۈركۈيدۇ مەندىن.
ساراڭغا ئوخشىماس ئەسلا سىياقىم،
يۈرۈكۈم زىرىكتى بۇ سىسق تەندىن.

يۈرۈگۈم يىغلايدۇ بوي سۇنماي ماڭا،
بوۋامنىڭ قىشىغا بارسامكەن دەيدۇ.
يىغلىما يۈرۈگۈم كىر قونماس ساڭا،
بىر كۈنى قەلىپنى بۇ يۈرەك يەيدۇ.

كارۋانلار يولىغا يانتاق تاشلايمەن،
تاپىنى قانىسا باھارىم  ھېيتىم.
خۇمسىلا كىرىلسە ئۆزۈم ئاشلايمەن،
غادايغان دوستۇمدۇر دۈشمىنىم يىتىم.

تۈگەشتىم ژىرىڭدا ياتىمەن كۈندە،
قاخشىدىم يىغلىدىم چىقمىدى بۇ جان.
قار بىسىپ ئۇخلاشمۇ يوق ئەسلا تۈندە،
كىلىدۇ ئالدىمغا قىساسكار بىر قان.




سەھرا يىرى پاكىز غۇبارسىز ئىدى ، راس سەھرالارنىڭ توپىسىمۇ بىر تال گىياسىمۇ تۇتىيا.
مىنىڭ ئاشخانا ئىچىپ يۈرگەن مەزگىللىرىم ئىدى، ئۇ ئاشخانامنىڭ ئورنى قايناق بازار رەستىلىرىنىڭ ئورنىدا ئىدى. سىلەرگە قىسقا قىلىپ بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي ھېكايە دەپ بىلىپ قىلىڭلار.
ئاشخانامنىڭ ئوڭ تەرىپى ماگىزىن، سول تەرىپى بىر كىچچىكىنە مىھمانخانە ئىدى.
ئارقا تەرىپى كەڭرى كەتكەن مەيدان بولۇپ بۇ يەرگە بىر قانچە ناھىيە ،يىزىلارنىڭ ئاپتۇبۇسلىرى كىلىپ توختايتى.
شۇ يەرلەردىن كەلگەن يولۇچىلار كەچ قالغاندىمۇ ياكى شۇ بىر كۈللۈك سودا ئىشلىرى تۈگىمىگەن چاغلاردىمۇ يىنىمىزدىكى مىھمانخانىدا قونۇپ قالاتتى.
يىزىلاردىن كەلگەن دىخانلارنىڭ ئىختىسادىغا يارىشا بۇ مىھمانخانىنىڭ ياتاق ھەققىمۇ تۆۋەن ئىدى. كۈندىن-كۈنىگە بۇ مىھمانخانىنىڭ خىرىدارى كۆپۈيۈپ بارغانسىرى ياتاق ئۆيلىرى يىتىشمەيدىغان، بەزەن چاغلاردا ئىشىك ئالدىلىرىدا چوڭ-كىچىك ياشلار ئۆچرەتتە تۇرىشىدىغان بوپ كىتىشتى.  كۈندە نەچچە رەت ئابتۇبۇس قاتنايدىغان بۇ يىزىلارنىڭ ياشلىرى ھەتتا چوڭلىرىمۇ ئۆيگە قايتماي قونۇپ قىلىشىدىغان بوپ قالدى.
سەۋەپ نىمە؟  چۈنكى بۇ بىر مىھمانغانە بولماي ئەپسۇس بىر ۋىرۇس كۇلۇبى ئىكەن.
ھەرقانداق مۇلازىمىتى ئەرزان بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىڭىزگە خاتىرجەم كىرىپ چىقالايدىغان، بۇ يەردىن يۇقتۇرغان مەرەز كىسەلنى خاتىرجەم بىرىپ ئايالىڭىزغا، كەلگۈسى دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان ئوماق پەرزەنتىڭىزگە بىمالال يۇقتىرالەيسىزكەن.
مانا بۇ بىزدىكى يوقۇلۇش، مانا بۇ بىزدىكى خاراپلىق ، پەسكەشلىك ، ئويناڭ قىرىندىشىم ،شەھەرلىكلەرمۇ ئويناۋاتىدۇ سىز نىمىشكە ئوينىمايسىز ،سىزمۇ بۇغداي قوناق سىتىپ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇللىرىڭىزنى مۇشۇنداق يەرلەردە ئويناڭ، ئىشرەتۋازلىق بۇرنىڭىزدىن،  ئالدى-كەينىڭىزدىن چىقىپ كەتكىچە ئويناڭ.
شۇ دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرغانلارنىڭ ئىچىدە نىمە ئۈچۈن باشقىلار يوق؟؟؟!!!!.
بىلىم تۇلپارىغا مىنىپ تەرەققىيات يولىدا ئۇچۇپ كىتىپ بارغان قىرىنداشلىرىڭلارغا بىر قاراپ قويۇڭلار ، ئۇلار كەينىگە قاراپ ئوھ تارتىپ قالمىسۇن.



يازاي دىسەم تۈگىمەس قەلىمىمنىڭ سىياسى،
ئەمما يازسام دىلىمغا يەتتى كۇپۇر بالاسى.

مەن كۆزلىگەن باھارنى بەرھەق دەيسەن جەھەننەم.
سەن ماختىغان باھارنى دەيمەن ئەرزان باھاسى.

بىر ياخشىنىڭ دىپىنى چېلىپ قويسام بىر ھازا،
چۆچىكىڭدە لەبالەپ پىتنە غەيۋەت ئىغۋاسى.

كۆڭلۈڭدىكى ناخشىنىڭ قۇرۇت يىدى ئۆمرىنى،
ئابىھايات تاپالماي ساكراتتا دىل ناۋاسى.

داشقا چۈشكەن ماش كەبى ئوماچ بولدۇڭ نىشانسىز،
تاپالمىساڭ ئۆزۈڭنى ئۆلۈمدىن چىڭ ئىزاسى.

بىر مەئبۇدە قەلبىڭدە سىھرى جۇلا ئەيلىسۇن،
دىلغا پۈككەن ئارماننىڭ كۈندىن ئەلۋەك زىياسى.

ئۇنى-بۇنى دىسەممۇ ئۆز-ئۆزۈمگە قۇل بولۇپ،
بولدى كەچمەك ئۆزۈمدىن يەتتە تاغنىڭ ئاراسى




_ھەي قىرىندىشىم ئالدىدىكى سەپكە بىرىپ ئولتۇرۇڭ، خەپشۈك...پايپىقىپ پۇرايدۇ.
_قانداق گەپ بۇ ، بۈگۈن جۈمە بولغاندىكىن يەڭگۈشلەپ كىرسىڭىز بولمامدۇ،
بولدىلا مەسچىت بوپ قالدى جىق گەپ قىلغىلى بولمايدۇ.
ناماز باشلاندى، سەجدىگە باش قويۇشۇمغا راسلا پايپاق پۇرايدۇ، قەلەندەرلىكتىن ئەمەس، مەينەتچىلەكتىنمۇ ئەمەس ھەي.... مۇشۇ  نامازغا سەل قارىغانقىمىزدىن،
ئاساسى تازلىققا سەل قارىغانلىقىمىزدىن.
_يۇقۇردا ئولتۇرۇڭ سىز مىھمان بولغاندىكىن، يۇقۇرغا چىقىڭ ،-دەپ سايىپخانىنىڭ زورلاپ كىتىشى مىنى بەك خىجىل قىلپ تۇراتتى، چىقماي دىسەم سايىپخانىنىڭ بۇنداق زورلىشىدا چىقماي بولمايتى، چىقاي دىسەم پۇتۇم پۇرايدۇ، ھەي ھېلىقى ئاچچىق پۇراق دىماقنى ئىچىشتۈرسە، باشقا مىھمانلار ماڭا مەڭسىتمىگەندەك قاراپ قويسا، مەن قانداق قىلىمەن، ھەي بۇلارنىڭ بۇرنى پۇرىمايدىغان بوپ قالسىچۇ ئىلاھىم، بۇرنى پۇرىمىغىنى بىلەن مىنىڭ بۇ پۇتۇمنى پۇرىقىدا كۆزىدىن ياش چىقىپ كىتىشى تۇرغان گەپ..
ھەي... قىرىندىشىم قەلبىم بەك پاكىزتى،  بۇنىمۇ تۈزۈتەي.




سالام دەيمۇ دوستۇم مەن ساڭا،
ياخشى كۈنلەر بولسۇن ھەركۈنى.
ئىلىك ئالماي قالساڭ ناۋادا،
ئۇيقۇ كەلمەس ئاشۇ بىر تۈنى.

سالامنىڭمۇ قىممىتى ھەرخىل،
مەن قىلىمەن سەمىمى سالام.
خوشامەتتە سالساڭ ساماننى،
پۇراپ قويۇپ يىمەيدۇ كالام.

زەردەڭ بىلەن قولۇمنڭ سىقساڭ،
بىلىپ قالاي كۆڭلۈڭدە نىم بار.
ئېغىر كەلسە بۈگۈن ئىگىلىش،
تاڭ ئاتقاندا ئۆيۈڭدە كىم بار
.

[ بۇ يازما arxang تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-30, 08:31
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئەبجەش خاتىرەمدىن,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(تارىم)
  • مۇنبەر پۇلى:+200(گۈل-چۈشى) تېمىڭىزدىن ت ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(axkar) ................... ي ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(suzuk-ay) بىز مۇنبەرگە ..
  • يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ،
    ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن.
    ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ،
    مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.
    izbasar
    چوڭ ئىت قاۋىسا،كۈچۈكمۇ قاۋىيالايدۇ!!!!!!
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 346
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1033
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1033دانە
    ياخشى باھا: 230 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 321 سوم
    تۆھپىسى: 63 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 104(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 04:39 PM

    ئەبجەش خاتىرەمدىن.

    ئادەمنى ئويغا سالىدىغان تىمىدىن يەنە بىرنى ئوقۇشۇم!!!!
    ئوغۇل بالا بولساڭ شوخ بول!
    بـولـمىـســـا يــوق  بــول!
    قىز بـالا بولساڭ تاتلىق بـول!
    بــولمىسـاڭ يـاتـلـىق بـول!
    togtax
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8367
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 419
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە419دانە
    ياخشى باھا: 270 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2761 سوم
    تۆھپىسى: 26 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 80(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 04:41 PM

    ئاللا  قۇلىڭىزغا  دەرت  بەرمىسۇن   ياخشى  يوللاپسىز  
    delfen
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4124
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 12
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
    ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 181 سوم
    تۆھپىسى: 7 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 35(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-10
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 04:48 PM

    بھ ك ئىسىل  بوپتۇ  !  قائىل بولدۇم !
    ھەقىقەت ئېگلگر سۇنماس.
    كارۋان
    چېقىلغان ئەقىدەمنى ئۆزۈڭ تىرىۋال-!!!
    دەرىجە: ئىجادچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 79
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1312
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1312دانە
    ياخشى باھا: 314 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4779 سوم
    تۆھپىسى: 240 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 293(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 04:54 PM

    Re:ئەبجەش خاتىرەمدىن.

    ھەقىقەتەن ئىسىل..لىكىن تۈشۈكتەك شۇنداق قاراپ ئولتۇرساممۇ ئى رەسىملەرنىڭ ئارىسىدىن ئۈزەمنى تاپالمىدىم
    ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
    qaxmazulal
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2134
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 83
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
    ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1026 سوم
    تۆھپىسى: 19 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 163(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 04:57 PM

    Re:ئەبجەش خاتىرەمدىن.

    ھەقىقەتەن جېنى بار تېما بۇپتۇ..
    مەن بىرىنچى كىچىك تېمىدا پېرسۇناژلاردا سەل ئېلىشىپ كەتتىمغۇ
    جاسۇس
    بارمۇمەنمۇ يادىڭدا دۇنيا.......
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 754
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 194
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە194دانە
    ياخشى باھا: 53 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2100 سوم
    تۆھپىسى: 25 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1043(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-25
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-04
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 04:59 PM

    Re:ئەبجەش خاتىرەمدىن...<ئارشاڭ>

    ئارشاڭ يەنە بىر سەرخىل ئەسەرلىرىڭ بىلەن يۇز كۆرۈشكىنىمدىن خوشالمەن......يەنە بىر نادىر ئەسەر.
    بىر ئالىم جاۋاپ تاپالماسلىقتىن ئەمەس بەلكى سوئال تاپالماسلىقتىن قورقسۇن...
    karmalika
    بارلىغىمىز مىسرانىم  ئۈچۈن
    دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2025
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1539
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1539دانە
    ياخشى باھا: 607 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 12363 سوم
    تۆھپىسى: 360 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1615(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 05:01 PM

    Re:ئەبجەش خاتىرەمدىن...<ئارشاڭ>

      مىھرىبان باشقۇرغۇچۇم ئارشاڭ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ سىزگە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى . سىزنىڭ ھەر بىر ئەسەرلىرىڭىز ،   ھەم تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا دەرھال قايتۇرغان جاۋاپلىرىڭىز كىشىنى قايىل قىلىدۇ . ئوبرازىڭىز ھەقىقەتەن بىر باشقۇرغۇچىغا لايىق .  سىزنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىڭىز ، تەسساۋۇرىڭىز مۇككەممەل. ھەممە ئادەمنى قايىل قىلارلىق،  بۇ تىمىڭىزدىن ھەقىقەتەن سۈيۈندۇم باشلىق. كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
    可爱
    xam12
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1679
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 404
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە404دانە
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
    تۆھپىسى: 15 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1032(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-11
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 05:06 PM

    يوللىغان تىمىلىرڭىز بىر-بىردىن ئېسىل!
    شامدەك يېنىپ تۇرمەن
    dildash26
    ئىشەنسەڭ سۆيگىن،سۆيسەڭ ئىشەنگىن.
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2564
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 15
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
    ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 661 سوم
    تۆھپىسى: 12 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 84(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-08
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 09:56 PM

    بولسا ئەبجەش خاتىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى يوللىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن............
    پەقەت بىرلا گۈلنىڭ پۇرىقىغا ئاشىق بولغان كۆڭۈل مەڭگۈ بەخىتلىكتۇر.
    مەن ياخشىسى ئەمەس ،لىكىن ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمەن.
    kun^kiz
    ئۇنتۇپ كەت يۈرگۈم ئۇ ئازاپلارنى!
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 37
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 910
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە910دانە
    ياخشى باھا: 212 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1197 سوم
    تۆھپىسى: 169 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 724(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 10:51 PM

    مۇشۇنداق ئىسىل تېمىلارنى نادىرلاش كېرەك ، مەن بەك ياختۇردۇم ئەسىرىڭىزنى .
    پىكىر قىلۋاتىمەن_دېمەك مەۋجۇتمەن !!!
    tagnur
    دەرىجە: يازما چولپىنى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 77
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1470
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1470دانە
    ياخشى باھا: 469 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 14962 سوم
    تۆھپىسى: 173 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2436(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-12
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 11:01 PM

    بۇ تېمىنى ئۇقۇپ ئارشاڭ ئەپەندىنىڭ يېزىقچىلىق تالانتىغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم ،ئارشاڭ ئەپەندىمنىڭ تېمىسىنىڭ نادىرلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن !!
    بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بىزدەك ھەۋەسكارلارغا باشلامچى بۇلىشىغا تىلەكتاشمەن .