0}:- t^P &w\E*$ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! ياخشىمۇسىلەر؟
r [; .1,( بۈگۈن مىسرانىم مۇنبىرگە يېڭىدىن تىزىملىتىپ،سىلەر بىلەن مەۋھۇم دۇنيادا يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خوشالمەن! ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تىما ئۈستىدە،تورداشلار بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىش نىيتىدە بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن!
>C,=elM يېقىندا تەرجىمە قىلىنغان كۆپ قىسىملىق تۈركىيە فىلىمى(ئاچچىق ھايات)نى قاچان ھەمىمىز بىلىمىز،
"fWAp*nI3t بۇ فىلىمدە،ئاساسلىق ئىپادىلەنگىنى مۇھەببەت ۋە نەپرەت،ئادىمىيلىك،ۋىجدان،ھەققانىيەت ئەينەن ۋە كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن،مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىشلەنگەن فىلىملەر ئىچىدە،بۇ فىلىم ماڭا راسلا بەك ياقتى.بۇلۇپمۇ ئاساسلىق پىرسوناژ مۇھەممەت كوسوۋولۇق ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى،ئۇنىڭ ئۆز سۆيگىنى نەرمىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى،نەرمىگە بولغان سادىقلىقى،ئاتا-ئانىسى ۋە دوست يارەنلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقى،ۋىجدانلىق ۋە غورورلۇق ھەقىقىي ئەركەكلىكى،ھەر-بىر كىشىنىڭ چوڭقۇر مەستلىگىنى كەلتۈرىدۇ.شۇنداقلا بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگىنىپ قۇيىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. يەنە بىر غەزەپلىنەرلىك ئىش شۇكى،مۇھەممەت شۇنچە قىلىۋاتقان يەردە نەرمى دىگەن بۇ قىز سىرتقى مۇھىتنىڭ،تۇرمۇش ئىھتىياجىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ كەم ئەقىللىقى تۈپەيلى،ئۆز سۆيگىنى مۇھەممەتكە خىيانەت قىلىپ قۇيىدۇ،شۇنداقلا مۇھەممەت ئېغىر ھەسرەتكە سالىدۇ. بۇ فىلىم راستىنلا ھازىرقى ياشلىرىمىز بىر كۆرۈپ ئىبرەت ئىلىشقا،بەزى ئىشلارنى قاتتىق ئويلىنپ بېقىشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن!
xEv]VL: راس گەپ قىلسام بۇ فىلىمنى مەن شۇنچىلىك ياقتۇردۇم،ئاساسلىق مەقسەتكە كەلسەك،مىنىڭ تورداشلار بىلەن مەزكۇر فىلىم ھەققىدە،قايسى ۋەقەلىك ياكى قايسى پىرسوناژنى ياختۇرغانلىقى ۋە باشقا ئىجتىمائىي مەسلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ygt7;};! -*q:B[d مەنبە:ئۆزۈم
[ بۇ يازما Jidelhor تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]