ياخشى تېما!
q fe#k F9 يوقارقى ئاپتۇر تىلغائالغان تېمىنى ئوقۇپ مەنمۇ بىرخىل بولۇپ قالغان ئىدىم.دەسلەپ ئاپتۇرنىڭ يۇمۇر (لەتىپە) بىلەن چاقچاقنى پەرقلەندۇرەلمەي تۇرۇپ شۇ تېمىنى يازغانلىقىغا كۈلگەن بولسام(بەلكىم غۇلجىنىڭ چاقچاقلىرىمۇ مېنى بۇنچە كۈلدۈرەلمىگەن بولۇشى مومكىن) ئارقىدىن تېمىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان كۈچلۈك يۇرتۋازلىق ،ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چىچىشتىن ئىبارەت سۆز ئىبارىلىرى قاتتىق ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەن ئىدى.
z@j&vW مېنىڭمۇ ئاتا تەرەپ جەمەتىم ئاتۇشتىن .بىزبىرمەھەللىكنىڭ ھەممىمىز شۇ ياقتىن چىققانلار .بىراق تارىختىن بۇيان مەن ۋە مەن تۇرۇۋاتقان بۇ ئورۇندا ھېچقاچان ئاپتۇر دېگەندەك ئىشلاربولغان ئەمەس.مەنمۇ ئۈرۈمچىدە ئوقۇغاندا بىر سىنىپتا پەقەت تۆت شىماللىق بالىلار بارئىدۇق.قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى جەنۇبلۇق.ھازىرغىچە شۇ لار بىلەن خۇددىي قىرىنداشلاردەك ئۆتمەكتىمىز .تىخى بايىلا شۇ تېمىنى بىر قەشقەرلىك ئاغىنەمگە چ چ دا يوللاپ بەرسەم ،غۇلجىغا بىرىپ يامان ئىشتىن بىرنى قىلىپ چاقچاققا تويۇپ قايتىپ كەلگەن بىرىنىڭ چىدىماي چىقارغان تېمىسى ئوخشايدۇ كۆڭلۈڭگە ئالما دېگەن ئىدى.
2:yv:7t/ بۇ يەردە كۆڭۈلگە ئېلىش -ئالماسلىق ئىشى مەۋجۈت ئەمەس.چۈنكى ئۆزىمىزدە بولمىغان نەرسىنى زورلاپ مېنىڭ قېلىۋىلىشقا بولمايدۇ.شۇنداقلا غۇلجا نوپۇسىنىڭ مىليۇندىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان يۇمۇرچى ،لەتىپىچى ،چاقچاقلىرىمىز ھەرگىزمۇ بىر پۈتۈن غۇلجا خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.بۇنداق دېسەم چاقچاقچىلىرىدىن تېنىپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ.بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىمىز ،ئۇلار غۇلجا خەلقىنىڭ ئوبرازى ،غۇلجىنى ئويلىغان كىشىلەر نىڭ كۆز ئالدىغا ئالدى بىلەن شۇلار كېلىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا پەرھات ،تۇرغان،سالىلاردەك چاقچاقچىلىرىمىز نىڭ قىزىقارلىق يۇمۇر ،چاقچاقلىرى ھەتتا ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرىنىڭمۇ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ھازىر تەستە ئېرىشىۋاتقان مۇقىم خىزمەت ئورنىنىمۇ ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرى ئۇلارنىڭ ئاشۇ سۆز ماھارىتىدىن تەسىرلىنىپ بەرگەن.
];YOP%2 سىرتتىن كېلىپ ئىشلىگەنلەرنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى سەۋەبىدىن -دەپ يازىدۇ ھۆرمەتلىك ئاپتۇرىمىز. بۇ نى قانداقمۇ قوبۇل قىلاي.ئەقەللىسى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى مەسچىتنى ياسىتىش ئۈچۈن تاغام (ئاپامنىڭ ئىنىسى) مەخسۇس قەشقەرگە بىرىپ ،قاۋۇلجان ئىسىملىك بىر قەشقەرلىك ئۇستامنى باشلاپ كەلدى. مانا شۇ مەسچىت پۈتكىچە بولغان ئارلىقتا مەھەللە بويىچە ئۇ ئادەم ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئايىقى تەگمىگە ن ئۆي قالمىدى.مەيلى قايسى ئۆيگە كىرسۇن ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قارشى ئېلىندى.بولمىسا ئۇ قانداقتۇربىر ئورۇننىڭ رەھبىرى ئەمەس شۇ ئاددى بىر ئۇستاخالاس.ئەگەر سىز دېگەندەك ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى ،ھۆنىرىنى ھاقارەت بىلىش ،كەمسىتىش ،بىزدىن ئىشىپ كەتتى دەپ كۆرەلمەسلىك ئىدىيىسى بولغان بولسا ئۇلار ئۆزلىرى مەسچىد ئىچىدە تەييارلىۋالغان ئاشۇ بىر ئېغىز ئۆيدە تۇرغان بولاتتى.بىراق كەلگەن كۈنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان ئاشۇ بىرئۆي تاكى يۇرتتىن قايتقىچە يۈك تاق ساقلايدىغان ئۇرۇن بولۇپ قالدى.نېمىشقا ؟ ئۇلارنى ھەممە ھۆرمەتلىدى ،ئۆي -ئۆيلەردە تۇرغۇزدى.بىزدە شۇنداق ئۇستا يوقمۇ ؟ئەلۋەتتە بار ،بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپراق قىلىشى مومكىن.لىكىن يەنىلا شۇ ئۇستامنى ئەزىزلەپ يۇرتقا ئېلىپ چىقتۇق.ھۆرمىتىنى قىلدۇق. ئۆتكەن يىلى مەھەللىمىزدىن بىرى قەشقەرگە مەلۇم بىرئىش بىلەن بىرىپ قاپتىكەن ،شۇ يەردە شۇ ئۇستامنى كۆرۈپتۇ.بىچارىنىڭ قىلمىغان ئىشى قالماپتۇ.ئوبدان كۈتۈپ يولغا ساپتۇ.
cm<3'#~Q? شۇ ماقالىدا ئىيتىلغاندەك چاقچاق سورۇنلىرىدا بەزىدە بولۇنۇپ قالىدىغان يۇمۇرلاردىن بەزى بىر يۇرتۋازلىق توغۇرسىدىكى گەپ -سۆزلەردىن ھەرگىزمۇ تانالمايمىز .دەل شۇنداق سورۇندا شۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ بار .بىراق ئۇلار بۇنى يەنىلا توغرا چۈشۈنۈپ كەلدى.ھەرگىز بىزنى قەشقەرلىك دەپ زاڭلىق قىلدى دەپ قارىمىدى.چۈنكى بۇنىڭ چاقچاق ئىكەنلىكىنى ئۇلار بىلىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ كەمسىتىش بولماستىن ھەقىقىي بىلسىڭىز ئۆز يىقىنلىرىغا بولغان كۆڭۈل سۆزىمىز .شۇ نەرسە ئاشۇ ئەسەرنى يازغان ئاپتۇرنىڭ ئېسىدەبولسۇنكى مەن ۋە مەن دەسسەپ تۇرىۋاتقان ماۋۇ ئۇرۇندىكى كىشىلەر پەقەت ئۆز ىنىڭ ئەڭ يېقىن دەپ بىلگەن ئادەملىرىگىلا شۇنداق سۆزلەرنى قىلالايدۇ.
R&A.F+Zgt سىزنىڭ دېگەن سۆزلىرىڭىز شۇ خىل چاقچاقلارنىڭ شۇ سورۇندىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىنكى سىزدە قالدۇرغان تەسىرى .ئەگەر سىزمۇ شۇ سورۇندا بولغان بولسىڭىز ،سىزنىمۇ شۇنداق بىر ئوخشاتقان بولسا ئاندىن سىز ئاغزىڭىزنى يۇمغان بولاتتىڭىز.
[%y D,8 «قەشقەرلىكنىڭ سىىسىق گەپلىرى»دەپ غۇلجىلىق چاقچاقچىلارنىڭ ئېغىزىغا تەييار لوقمىنى سىلىپ بەرگەن گۇناھلىرى ئۆزلىرىدە تۇرۇپ يەنە كىمدىن يامانلايمىز.(ماۋۇسى چاقچاق )
MJoC*8QxM `x3c},'@k ئەمدى ماۋۇ ناخشا سىزگە سوۋغا:( ئوقۇغۇچۇم ئىيتقان -سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ناخشىسى)
;'urt / [ بۇ يازما kay~nam تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]