تۆتىنچى باب
+ xu/RY_ %W|Zj QI^ مەخپىي پىلان
bm
]dz;ljh @=|
b$E ئالتۇندەك نۇر چاقناپ تۇرغان ھەيۋەتلىك خان ئوردۇسى بۈگۈن تېخىمۇ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.
%BP)m(S7
ئەتىگەن، گۇگۇم ۋاقتى، ئىچكىردىكى ھويلىدا ئارقۇلار① قوللىرىغا نەيزە، قالقان ئالغان ھالدا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىزلىشىپ تۇراتتى. ھويلىدا ئىشىكلىرى كەڭ ئېچىلغان، ئېگىز سارايلار ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ پەنجىرىلىرىگە ئۇزۇن - ئۇزۇن رەڭلىك شايى - ئەتلەس پەرىدىلەر تارتىلغان. ئوردۇنىڭ ئىچى تېخىمۇ باشقىچە: يەرگە چىرايلىق زىلچىلەر، ئولتۇرىدىغان يەرلەرگە __ زىلچىلەرنىڭ ئۈستىگە تاۋار يىكەندازلار سېلىنغان. تاملار ھەر خىل رەڭلىك گۈزەل سۈرەتلەر بىلەن بېزەلگەن. ساراينىڭ دۈگىلەك تۆۋرۈكلىرىگە قاپارتما نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ تۆۋرۈكلەر ھەر خىل رەڭدە تۈرلۈك گۈل - گىيا ۋە باشقا ھەر قىسما نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى سىزىلغان تورۇسىنى خۇددى ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرغان ئادەم بىلىكىگە ئوخشايتتى. ساراينىڭ يۇقىرى _ ئوڭ يان تەرىپىگە بىر شىرە ۋە تۆت ئۇرۇندۇق قۇيۇلغان. بۇ شىرە ئالدىدا ئىككى كىشى ئولتۇرۇپ كۇسۇرلىشىپ سۆزلەشمەكتە. قوش ئىزمىلىق بېغىر رەڭ چاپىنىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋەتكەن، قۇياقىنى ئالدىغا قويۇپ، ئوڭ بىلىكىنى شىرەگە قويۇپ، يېشىل ياقۇت كۆزلۈك چوڭ ئالتۇن ئۈزۈك سېلىنغان ئوتتۇرانچى قولىنى گېپىگە ماسلاشتۇرۇپ شىرەگە ئۇرۇپ - ئۇرۇپ قۇيۇپ، سول مۇشتۇمىنى يوتىسىغا تىرەپ ئولتۇرغان يوغان گەۋدىلىك، قوپال سۆڭەك، بومبا ساقال كىشى - سۇباشى② : ئۇزۇن بويلۇق، شالاڭ بۇرۇت، كوسا، شەيتان كۆز، كۈلگەندە ئاللىقانداق خىرقىرىغاندەك چىرقىراق ئاۋاز چىقىرىپ ئولتۇرغىنى، ئوردۇبېشىۈ③ ئىدى.
h,RUL __ سەگەك بۇلۇڭ، _ دېدى بۇ سۇباشىغا سەل ئېگىلىپ، _ خاقان ئويلانماقتا. سىز ئۇنىڭغا ياخشى تايانچ بۇلۇشىڭىز كېرەك. خانغا ياردەم كېرەك، سىز بولسىڭىز سۇباشى، بارلىق چېرىك سىزنىڭ قولىڭىزدا.
ucm.~1G( __ نېمە قىل دېمەكچىسىز؟!
jgfP|oD __ يا ئۆلۈم. يا كۆرۈم ..... تىش، .... _ ئۇ سۇباشىنىڭ پۇتىغا نوقۇپ، ئىچكىرىنى ئىملاپ قويدى. ئىچكىرىدىن ئۇغۇلچاق بۇغراخان سۆزلىگەچ چىقىپ كەلدى:
,h(+\^
?, __ ھە، سۈباشى، ساقلىتىپ قويدۇممۇ؟
%}AY0fg?T __ ئالتۇن تەنلىرى ساق بولغاي، ئۇلۇغ خاقان، _ دېدى سۈباشى ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ ۋە خانغا قاراپ ئىككى پۈكىلىپ تازىم قىلدى.
QcVtv7+*v __ قېنى ماياققا ئولتۇرىلى، _ دېدى خان ۋە ئۇلارنى چوغدەك گىلەم ئۈستىگە تاۋار يىكەنداز سېلىنغان ئۇدۇلدىكى سۇپىغا تەكلىپ قىلدى. خان ئۇتتۇرىدا چوڭ ياستۇقىنى يېقىن تارتىپ ئولتۇردى. ئاۋۇ ئىككىسى ئىككى ياندا قۇرۇنۇپراق ئولتۇرۇشتى.
("@V{<7(t __ خوش، نېمە يىڭىلىقلار بار؟ _ دېدى خان سۈباشىغا قاراپ ۋە ئەمدى ئاق كىرگەن چىرايلىق ۋە تەكشى قىرقىلغان ساقىلىنى بىر قولى بىلەن سىلاپ قويدى.
sV4tu(~ __ پۈتۈن ئەلدە كاتتىلارمۇ، پۇقرالارمۇ ئۇلۇغ خاقانىمىزنىڭ تاجۇتەختىنىڭ مۇستەھكەم بۇلۇشىنى تىلىمەكتە. شۇنداقتىمۇ يېقىندىن بۇيان < تەڭلىك> دېگەن بىر سۆز چىقىپ قالدى. بۇ گەپ كىشىلەردە ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا، _ دېدى سۈباشى.
E;Ftop __ تەڭلىك؟ بۇ نېمىدىگەن گەپ ئىكەن؟
2dlV'U_g __ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، ئۇلۇغ خاقانىم، باشقىچە ئېيىتقاندا باراۋەرلىك دېگەن بولار ئىمىش.
HC`3AQ12!& ئوردۇبېشى كۈلۈپ خانغا بېشىنى ئازراق ئەگدى:
4 ~|TKd{ __ ئۇلارچە، كەچۈرگەيلا ئۇلۇغ خاقان، يېغىپ ئىيتقاندا، ئۇلار خانمۇ، پۇقرامۇ تەڭ بولسۇن دەر ئىمىش.
~;4k UJD __ ئۇلار كىملەر ئىكەن؟ _ دېدى خان لەگلەك دارقىراتمىسدەك دىرىلداپ تۇرغان دېرىزە پەردىسىدىن كۆزىنى ئالماي.
Xv(9 YhS __ بۇنداق گەپلەر بىزنىڭ ئوردۇ ئوقۇلىمىزدىن چىقماقتا، _ دېدى سۈباشى سۆز قىستۇرۇپ، _ ئوقۇتقۇچى بىلگە تېكىن ئۇقۇغۇچىلارنى بۇزماقتا. بۇ تەتۈر قۇيۇن يەنە بالاساغۇندىن سوقماقتا. بالاساغۇنلۇق ئىلىك دېگەن بىر بالا بۇنداق سۆزلەرنى تارقاتماقتا ھازىر بۇ گەپلەر تالا - تۈزگىمۇ چىققانلىقى مەلۇم....
uNGxz*e __ ھە، بالاساغۇندىن.... ، _ دېدى خان ئويچان ھالدا، _ ئۇلارنى چەكلەش كېرەك.
F!cAaL1 __ چەكلەش كېرەك، ئوقۇلنى ياقاشقا بولىدۇ. ئاشۇنداق ئىش بۇزدىلارنىڭ گايىلىرىنى قىسغقا④ 、ئېلىشقىمۇ بۇلار، لېكىن گەپ بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەس، _ ھەييارلارچە كۈلدى ئوردۇبىشى.
CO+jB __ نېمە دېمەكچىسىز، ئوردۇبىشى؟
aC6b})^ __ ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىشتا خان ئۇغۇلغا يۆلەنمەكتە، _ ئوردۇبېشى ئېھتىيات قېلىپ يەر ئاستىدىن خانغا قارىدى.
zi&d __ خان ئوغۇلغا تىل تەگكۈزگۈچى بولماڭ، ئوردۇبىشى! _ خان بىر ئاز جىددىيلەشتى، _ ئۇ بىزنىڭ بولغۇسى جاقانىمىز......
e9~4wt __ تىل تەگكۈزۈشكە بېشىم ئون ئەمەس، ئۇلۇغ خاقانىم، بىراق.....
_o"3gfH&sJ __ بىراق ...... گەپ مانا مەشەدە، _ دېدى سۈباشى ۋە قولى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ يالغان يۆتۈلۈۋالغانىدى كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى، _ ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ كۈنىمىز قانداق بۇلاركىن؟!
1EPOYvf%U __ بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلۇغ خاقانىمىز ئۈچۈن ئويلانماقتىمىز...... _ ئوردۇبىش خاننىڭ ئۆزىگە قاتتىق تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدۇرالمىدى. بۇ ، خاننىڭ كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرگە رازى بۇلۇۋاتقانلىقىنى ياكى ئويلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە قىزىقتى. ئوردۇبېشىمۇ، سۈباشىمۇ بۇ توغرىدا تېخى بىر نېمە دېيەلمەيتتى. لېكىن، ئۇلار بەك قورقۇپمۇ كەتمىدى، چۈنكى خان ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قەتئىي رەت قىلمىدى. بۇ ئىككى ئەرباب خاننىڭ قوينىغا قول سېلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ قانداق سوقۇۋاتقانلىقىنى پەمىلىۋېلىشتى: <جاننىڭ يۈرىكى ئۇلارنىڭ يۈرىكى بىلەن بىر سۇقىدىكەن!>
tLXw&hFk`g جان قاتتىق خىيالدا ساقىلىنى سىلاپ گىلەمگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئاۋۇ ئىككىسى بىر - بىرىگە كۆز قىسشىپ، نېمە چىقاركىن، دەپ خانغا قاراپ ئولتۇراتتى. بىزھازادىن كېيىن خان بىرئاز چۆچۈگەندەك قىلدى ۋە گىلەمگە كۆز تىككىنىچە دېدى:
G&H"8REm __ سۇتۇق؟!
Bj[/tQ * * * * * *
? UDvFQ& سۇتۇق ئۆزى تۇرىدىغان ئوردۇكەنت <باغ ھويلا>دىكى پېشايۋاننىڭ ئېگىز پەلەمپەيلىرىدىن چۈشمەكتە. ئۇ كۈمۈش غىلاپلىق خەنجەر ئېسلغان كەمىرىنى بېلىگە چىڭ تارتىپ يېنىك دەسسەپ كېلەتتى. ئۇ پەستىكى ئارسلان بىلەن سالاملاشتى. دوستلار ئىناقلىق ئىپادىلىرى بىلەن كۈلۈشۈپ ماڭدى. سۇتۇقنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوخشاش قىلىپ سىماپ رەڭ كاناپتىن بەل چىقىرىپ تىككۈزگەن پەرىجە سۇتۇققىمۇ، ئارسلانغىمۇ خوپ ياراشقانىدى. پەرىجىنىڭ يەڭ ئۇچى بىلەككە دەل كەلگۈدەك تار ئىدى، ئەمما جەينەككىچە ئۆرۈمە سېلىنغان بولۇپ، كالۋۇتۇن يىپتا گۈل چىقىرىلغانىدى. شۇڭا ھەر ئىككىسىنىڭ يەڭ ئۇچى ۋال - ۋۇل قىلىپ تۇراتتى. پەقەت ئارسلانلا ئۆزىنىڭ بېغىر رەڭ كۇلاسىنى كىيگەچكە خان ئوغۇل سۇتۇقتىن پەرىقلىنىپ تۇراتتى. ئەمما ئىككىسنىڭلا بېغىر رەڭ كېپىنەك تونى ئوخشاش بولۇپ، بەكمۇ ياراشقانىدى. سۇتۇق ئەتراپقا كۆز تاشلىدى:
?YykCJJ ~@ ئوڭ تەرەپكە راۋاقلىق باغ، شاپتۇل، ئالما، ئامۇت، سول ياقتا ئانارلىق، ئەنجۈرلۈك باغ. ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىككى تۈپ چوڭ چىنار ئۆز يۇپۇرماقلىرى بىلەن چاۋاك چالماقتا.... سۇتۇق قاپقىنىڭ ئىككى يېقىندىكى ئارقۇلارنىڭ ھۈرمىتىگە جاۋاپ ئىشارىتى قېلىپ تالاغا چىقتى. ئارسلان بىلەن ئىككىسى ئارقۇلارنىڭ ياردىمىدە ئىككى بوز ئارغىماققا مىنىشتى. ئۇلارنى ئىككى ئاتلىق ئارقۇ قوغداپ ئارقىدىن ماڭدى. سۇتۇقلار ئات ئوينىتىپ يۈرۈپ كېتىشتى.....
~ b_gwJ' ئۇلار شەھەر مەيدانىنىڭ سول ياقتىكى كوچىسىدىن كىرىپ كەلمەكتە ئىدى. سۇتۇق كىشىلەر ھۈرمىتىگە كۈلۈمسىرەپ جاۋاپ بېرىپ، قولىدىكى سەدەب ساپلىق قامچىسىنى ئويناپ كەلمەكتە. ئۇ ئارىلاپ زوقلىنىپ ئېتىنىڭ بويۇن - قۇلاقلىرىغا قاراپ قۇياتتى. ئۇلار مەيداننىڭ شىمالىي يېقىندىكى ھەيۋەتلىك ئوردۇ قاپقىسىنىڭ ئالدىدا ئاتتىن چۈشتى. ئىككى كىشى ئىتتىك كېلىپ ئاتنى ئالدى.
i*/U.'# سۇتۇق ئارسلان بىلەن بىرلىكتە قاپقىدىكى بېشىغا مىس باشلىق، ئۇچىسىغا زەنجىرلىك قۇياق كىيگەن ئارقۇنىڭ پۇتلىرىنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ، سېپىنى يەرگە قۇيۇپ تۇتقان ئوڭ قولىدىكى نەيزىنى ئوڭ تەرىپىگە ئېگىپ بەرگەن سالاملىرىغا كۈلۈمسىرەپ جاۋاپ قايتۇرۇپ ئىچكىرى كىردى. ئەتراپى ئۆيلەر بىلەن تولغان دەرەخلىك كەڭ ھويلىدىن ئۆتۈپ، ئارسلان بىلەن ئىككىنچى ھويلىغا كىردى. بۇ ھويلا تاشقىرىقى ھويلىدىنمۇ كۆركەم بولۇپ، ھويلىنىڭ ئۇدۇلىدا كۆك خىشتا سېلىنغان ئېگىز ئىككى قەۋەتلىك بالىخانا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۆگزىسىدىكى كاھىشلار قۇياش نۇرىدا ۋالىلدايتتى. ھويلىنىڭ قاق ئوتتۇرسىدىكى چاققانغىنا كۆل ئىچىگە ئارال سۈپىتىدە بىنا قىلىنغان سۈنئىي تاغنىڭ چوققىسىدا، گەۋدىسىنى تىك كۆتۈرۈپ، بىر - بىرىنى ئۈسۈشكە تەييارلىنىپ تۇرغان قىلىپ قاتۇرۇلغان ئىككى سەركىنىڭ مۈڭگۈزىدىن بارماقتەك سۇ ئېقىپ چۈشمەكتە ئىدى. بۇ كۆل سەركەكۆل دېيىلەتتى. بالىخانىلىق بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى پېشايۋاندا كىشىلەر ئۆيدىن ئۆيگە كىرىپ چىقىپ يۈرمەكتە. ئۇلار ئۈچىنچى ھويلىغا كىرىشتى. < چوڭ ھويلا> دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ھويلا راستتىنلا چوڭ ئىدى. ھويلا بۈككىدە دەرەخلىك، گۇلزارلىق بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئۇتتۇرسىدىن كەڭ تاشلار ياتقۇزۇلغان بىر يول تاكى چوڭ كۆلگىچە ئۇتتۇر باراتتى، بۇ يول كۆلنىڭ ئىككىنچى تەرىپىدىن ھەيۋەتلىك پېشايۋانلىق سارايغىچە داۋام قىلاتتى. يەنە بىر تارراق تاش يولى چوڭ تاش يولنى ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى ياندىكى ئىككى قەۋەت ئىمارەتكە تۇتىشاتتى.
ng*E9Puu[ سۇتۇق ئارسلان بىلەن چىنار دەرەخلىرى ئارسىدىكى كەڭ تاش يول بىلەن ئىچكىرىگە ماڭدى. يولنىڭ ئىككى چېتىدە - شىلدىرلاپ سۈزۈك سۇ ئېقىپ تۇرغان ئېرىقنىڭ ئىككى يېقىدا قاتار تىزىلىپ تۇرغان ئارقۇلار ئۇلارغا ھۈرمەت بىلدۈرۈشتى.....
OkUpgXU سۇتۇق پېشايۋانغا چىقىپ چوڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىشىگە ئىشىك قاناتلىرى ئىچكىرىگە ئېچىلىپ. ئۇلار ئوتقاشتەك قىپقىزىل تار گىلەم سېلىنغان كەڭ ئايۋاندىن ئۆتۈپ، يەنە شۇنداق ئېچىلغان بىر ئىشىكتىن ئاستىغا چاچما نۇسخىلىق چوڭ گىلەم سېلىنغان، تاملىرىغا ئۇزۇن ئەينەكلەر ئورنىتىلغان كاتتا سارايغا كىردى. <قونۇقلۇق> دەپ ئاتىلىدىغان بۇئۆيدە خاننىڭ تەنتەنىلىك زىياپەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈلەتتى. يۇقىرى ئەمەلدارلار ۋە چەتئەل ئەلچىلىرى قۇبۇل قىلىناتتى. سارايدا چىرايلىق كىيىنگەن سېكىلەكلىك قىزلار ئېگىلىپ سۇتۇقنى قارشى ئالدى. قىزلارنىڭ ئالدىدىراق تۇرغان بىر چىرايلىق چوكان _ گۈللەيلى ئېگىلىپ سالام بەرگەندىن كېيىن سورىدى:
5hK\YTU __ ئۇلۇغ خان ئوغۇل خان ئالتۇنلىرىنىڭ ئالدىغا كىرەمدىكىن ياكى تەركىن بېگىمنىڭ⑤ ئالدىغا؟
291|KG __ ئەجەپ گەپكە ئۇستا بولۇپ كېتىپسىزغۇ، تاغامنىڭ يېنىدا كىم بار؟
o+Z9h1z%, __ سۈباشى بىلەن ئوردۇبىشى.
B9-[wg#0G __ ئاۋال شۇلارنىڭ يېنىغا كېرەي، ئانامغا مېنى كەلدى دەپ ئېيتىپ قۇيۇڭ.
w8ld*z __ ئىلەل⑥ بىكەچ، _ دېدى تازىم قىلىپ گۈللەيلى ۋە يول ئېچىپ ئېگىلىپ تۇرۇشقان قىزلار ئوتتۇرسىدىن سۇتۇقنى باشلاپ ئوڭ ياقتىكى ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. سۇتۇقنىڭ ئارقىسىدىن ئارسىلان كېلەتتى. ئىشىك ئىچىگە ئېچىلدى. ئۇلار كىچىكرەك بىر چاسا ئۆيدىن ئۆتۈپ، كەڭ پەنجىرىلەر يۇرۇتۇپ تۇرغان، تاشقىرىسىدىن مېۋە دەرەخلىرى ئوراپ تۇرغان قۇنۇقجايغا كىردى.
_?c.3+;s سۇپىدا باشلىرىنى يېقىن كەلتۈرۈپ نېمىنىدۇ سۆزلىشىۋاتقان ئۈچەيلەن ئىشىك ئېچىلىش بىلەن چۆچۈپ باشلىرىنى كۆتۈردى ۋە سۇتۇقنى كۆردى. سۈباشى بىلەن ئوردۇبىشى ئىلدام سۇپىدىن چۈشۈپ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ باشلىرىنى ئېگىپ تۇرۇشتى.
wO%:WL$5 __ بىكەچنىڭ مۇبارەك تەنلىرى ساق بولغاي، _ دېدى سۈباشى يەنە بىرئاز ئېگىلىپ.
= lD]sk __ قوللىرى خان ئوغۇلنىڭ خىزمىتىگە تەييار، _ دېدى ئوردۇبېشى ۋە قوللرىنى پېشانىسىگە كۆتۈرۈپ جۈپلەپ قويۇپ ئىككى پۈكۈلدى.
LS$82UB& __ ھەي ئوردۇبىشى، _ دېدى سۇتۇق ئۇنىڭ ئالدىدا توختاپ، _ بولدى، بېلىڭىز سۇنۇپ كەتمىگەي. ماڭا قۇل كېرەك ئەمەس، قۇللارنىڭ ئەركىنلىكى كېرەك. بىلدىڭىزمۇ؟! _ كېيىن ئۇ سۈباشىغا بۇرالدى _ سۈباشى قىسىغ - تۈنەكلىرڭىز⑦ ئازلىق قىلمامدۇ؟ شۇنداق، مىڭلاپ قۇللارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ قانلىرىنى شوراش ئاسان ئىش ئەمەس _ تە! تۈنەككە تاشلاش، سېتىش، ئۆلتۈرۈش، يەنە كېلىپ، خاندانلىقىمىزنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈش .... ،_ سۇتۇق بېرىپ سۇپىدا ياستۇق يېنىدا ئوڭايسىزلىنىپ ئولتۇرغان خانغا سالام بەردى:
5^/[] * __ ئامان ، تاغا!
wCmv/m __ ھە ئامان، ئۆزىڭىز نېمە بولدىڭىز، يەنە چېچىلىپ قاپسىزغۇ؟
.x8$PXjPG __ چېچىلىش كىچىك گەپ، يېرىلىپ كېتەي دەپ قالدىم، _ سۇتۇق كېلىپ سۇپىغا ئولتۇرۇپ پۇتلىرىنى ساڭگىلاتتى.
`%p6i|
_Q __ سىلەرمۇ ئولتۇرۇڭلار، _ دېدى خان قول ئىشارىتى قىلىپ، _ ھە، ئارسلانمۇ كېلىپ قاپتۇ، ھە، ئاتاڭنىڭ تېنى ساقمۇ؟
D|:sSld @ __ ئامان، ئۇلۇغ خاقان! _ دېدى ئارسلان خانغا تازىم قىلىپ، _ ئاتام ياخشى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكلىرىگە ھەشقاللا.
4pT|r6!< __ ماڭا كايىماسسز خان تاغا، _ دېدى سۇتۇق ۋە بۇرىلىپ ئاچچىق بىلەن سورىدى:
= h( n+y< __ سۈباشى، ئىلىكنى نېمىشقا قىسغقا ئالدىڭىز؟
vDvGT
__ ئۇ مىنىڭ ئوغلۇمنى ئۇرغان ۋە نەسەبىمىزنى ھاقارەتلىگەن ئىكەن. 0&@pX~h:
__ ھەممىسى يالغان! ئىلىك ئۇقۇتقۇچىدىن سوئال سورىغان ۋە پىكىرىنى ئېيىتقانىدى. سىزنىڭ ئوغلىڭىز ئۇنى ئۇرماقچى بولغاندا مەن تۇسۇۋالدىم، قولىنى چىڭراق سىققان بولسا كېرەك. ئۇردى دېيىشكە توغرا كەلسە، مېنى ئوردى، دېسە بولىدۇ، مېنى تۈنەككە ئالسىڭىز ئۇرۇنلۇقراق بولاتتى. H/Q)z
DP
__ يوقسۇ، بىكەچ، مىنىڭ ئون جىنىم يوق. QovC
*1'
__ قىلىچ بىلەن قۇندۇزنى نېمىشقا تۈنەككە ئالدىڭىز؟ .YF-t
`{
__ ئۇلار مېنىڭ قۇللىرىم ئىدى. سېتىلىدىغان چاغدا بازاردىنلا قېچىپ كېتىپ كۆپ ئىزدەتكەنىدى. قارىسام ئوردۇ ئوقۇلىغا كىرىۋاپتۇ.
q+~CA[H5K
__ ئۇلار قاچقان ئەمەس، سىز ئۇلارنى ساتماق بولغان جايدا بىر قۇل بىدىكى قىزنى ھاقارەت قىلدى. قىز ئۇنىڭغا بۇيسۇنمىغان چاغدا بازار نازارەتچىللىرى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بۇلۇۋىتىپتىكەن. مەن ئۇلارنى ئاشۇ ھالەتتە قۇتقۇزۇۋالدىم. ئوردۇ ئۇقۇلىغا مەن كىرگۈزدۈم. ئۇلار ھايۋان ئەمەس، ئادەم. ئۇلارنى ئۇنچىۋالا بوزەك قىلىشقا،ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ - دە؟ _ دېدى سۇتۇق خېلىلا سالماق ئاھاڭدا قولىنى سىلكىپ. q(Q9FonU
__ خان ئوغۇل ..... ، _ سۈباشى تەمتىرەپ گەپ قىلالماي قالدى. UUqj?'Nv
__ ئوغلۇم سۇتۇق، _ دېدى خان سۇپىدىن چۈشۈۋىتىپ، _ سىز دېگەن كىشىلەرنى تۈنەكتىن بوشاسسۇن، _ خان بۇرىلىپ ئاۋۇ ئىككىسىگە قارىدى، _ سىلەرنىڭ باشقا ئىشىڭلار بولمىسا رۇخسەت، _ خان ئۇلارنىڭ <ئېلەل> دەپ كەينىچە مىڭىپ ئىشىكتىن چىقىشىنى كۈتتى ۋە ئاندىن كېيىن سۇتۇققا بۇرىلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، _ ئۇلارنىڭ بىرسى سۈباشى، بىرسى ئوردۇبىشى، يۇقىرى ئورنى بار كىشىلەر، ئېغىز بولۇش كېرەك ئوغلۇم. >,Z{wxzJ
__ ئاشۇنداق كىشىلەر < ئورنى بار> بولۇپ قالغىنى چاتاق، تاغا، _ دېدى سۇتۇق، ئۇنىڭ سۆزى ناھايىتى ۋەزىنلىك بولۇپ گەپنىڭ ئۇرغۇسى <چاتاق> تا ئىدى، _ ئاۋۇ ئوردۇبىش دېگەن بىر ھارامزادە، سۈباشى بىر قانخۇر. gwT,D.'Ut
__ ئىشلىقىلىپ، ئېغىز بولماق كىرەك. سىز كىچىك بالا ئەمەس، چوڭ بولۇپ قالدىڭىز. LP /4e`
__ راست، توغرا ئېيىتىسىز، مەن چوڭ بولدۇن تاغا، ئاق - قارىنى توغرا پەرق ئېتەلەيدىغان بولدۇم. \
6a
__ مەن سىزنى ياخشىراق پىشسۇن دەيمەن. سىز ھامان كەلگۈسى جاقان. كىشىلەر بىلەن ياخشى بۇلۇشىڭىز كېرەك. v19`7qgR(
__ مەن ياخشى كىشىلەر بىلەن ياخشى بولىمەن. يامان كىشىلەر بىلەن ياخشى بولالمايمەن. W^Y0>W~
__ سىزگە ھەممە تەييار، تاماشا قىلىڭ، ئوۋ قىلىڭ، پۇل، ئابرۇي دېسىڭىز بار. 926oM77
__ سىز خاتا ئويلايسىز، تاغا. ئەلنىڭ پاراۋانلىقى ۋە ئامانلىقى بولسىلا، ماڭا باشقا ھېچنىمە كېرەك ئەمەس. [rU8
#4.
__ سىزچە مەن بۇئىشلارنى قىلالمايۋاتقانغا ئوخشايمەن، شۇنداقمۇ؟ ypo=y/!
__ بۇنى مەندىن كۆرە ئۆزىڭىزدىن ۋە ئەلدىن سوراڭ! _ سۇتۇق ئەستايىدىل ۋە سالماق ئىدى. ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىنىڭ تاشتەك تورى بار ئىدى. !3# }ZC2
__ سىز ئىسلام دىنىغا كىردىڭىزمۇ؟ _ ئوغۇلچاق توساتتىن گەپنى بۇراپ سورىدى. \-w s[
__ بۇ ھەركىمنىڭ ئۆز ئىشى. H%aLkV!J
__ سىز ھەركىم ئەمەس، سىز خان ئوغۇلسىز. ھەربىر ئىشنى بىز بىلەن كېلىشىپ قىلىشىڭىز كېرەك. %$| k3[4V
سۇتۇق ئورنىدىن تۇردى - دە، يەڭگىل تازىم قېلىپ ئوڭ ياقتىكى ئىشىك بىلەن چىقىپ كەتتى. #HYkzjb
سۇتۇقنىڭ ئانىسى قولىدىكى تەسۋىنى سېرىپ، نەقىشلىق تەكچىدىكى كىچىككىنە ئالتۇن رەڭ بۇتقا قاراپ ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا تىك تۇراتتى. ئۇنىڭ سىياقىدىن بۇتساتۋاغا ئىبادەت قېلىپ تۇرغانلىقىنى ياكى كۆڭلىدە چىگىش ئىشلارنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتى. ئۇنىڭ بېشىدىكى كەڭ ھال رەڭ رومىلى ئۈستىدىكى ئۇشۇقىغىچە چۈشكەن ئاق شايى نىمچىنى چالا يېپىپ تۇراتتى. تۈزۈلگەن پېشانىسى ئۈستىدىكى ئەمدى ئاق كىرگەن قۇيۇق چاچلىرى رومال چېتىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئويچان كۆزلىرى ۋە خىيالچان سىياقىدىن چوڭقۇر ئويغا چۆمگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئارقىسىدىكى پەنجىرىدىن كىرگەن كۈن شولىسى ئۇنىڭ رومالىدا ۋە نىمچىسىدا پارقىرىماقتا. خېلى ۋاقىتتىن بېرى ئانىنىڭ كۆڭلى بىئارام ئىدى. ئۇ، دۇنيالىقتا بىرلا جان - جىگەر ئوغلى سۇتۇقتىن ئەندىشە قىلاتتى. <ئۇغلۇمنىڭ ھالى نىمە بۇلار، دۆلەت قۇشى بىشىغا قۇنارمۇ، ياكى .... > ئۇ ئاخىرىنى ئويلىماسلىققا تىرىشاتتى. S\gP= .G
ئانا سۇتۇق دادىسىدىن قېلىپ ئىككى يىل تۇل ئولتۇردى، كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى ئادەتكە خىلاپ بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئاكىسى ئۇغۇلچاق بۇغراخا زورمۇزۇر تەگدى. ئۇ باشقا بالا تۇغمىدى، تۇغۇشنىمۇ خالىمايتتى. چۈنكى، سۇتۇق ئۇنىڭغا يېتەتتى.ئۇ، مۇشۇنداق قاۋۇل چېچەن بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى توق ئىدى. ئوغۇلچاق بۇغراخاندىن رەنجىگەن ۋاقىتلىرىدا سۇتۇقنى ئويلاپ، خيالىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ كېچىلەرنى ئۆتكۈزەتتى. ئانا ئوغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئۆز ئىنىسىنىڭ ۋەسىيتىگە خىلاپلىق قېلىپ، ۋاقىتلىق باشقۇرۇپ تۇرغان خانلىقنى سۇتۇققا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك نىيتىنى بىلەتتى، ئۇغۇلچاق بۇغراخان بۇ نىيتىنى يۇشۇراتتى. ئەمدى بۇ سۈباشى، ئوردۇبىشى بىلەن ۋە يەنە قانداقتۇر بەزى نامەلۇم كىشىلەر بىلەن يۇشۇرۇن سۆزلىشىدىغان بولۇپ قالدى. ئانا بۇلارنىڭ ھەممىسىگە دىققەت قىلاتتى ۋە ئوغلىغا بىرەر پالاكەت يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. k|'Mh0G0
__ ئانا! _ دېدى سۇتۇق ئىشىكتىن كىرىپ ۋە ئىككى قولىنى كېرىپ ئانىسى تەرەپكە ئالدىراپ ماڭدى. r0
C6Ww7u
__ ھە، ئوغلۇم! _ دېدى ئانا ۋە بۇرىلىپ سۇتۇق تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇنى قۇچاقلاپ، ئىككى مەڭزىگە سۆيدى، _ نېمە بولدۇڭ، ھەر كۈنى كېلىپ تۇراتتىڭىزغۇ؟ >]8.xkQq
__ يامان بالىڭىزنى كەچۈرگەيسىز، ئانا، _ دېدى سۇتۇق، _ سىزنى دېسەم بۇئۆيدىن بىردەممۇ ئايرىلغۇم يوق. ئاۋۇنى __ سۇتۇق تۇمشۇقى بىلەن .ئىشىك ياقنى كۆرسەتتى، _ دېسەم كەلگىم كەلمەيدۇ. MiM=fIuw@s
__ مەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇردۇم بالام، _ دېدى ئانا كارۋىتىغا كېلىپ ئولتۇرۇۋىلىپ، _ بېرى كەل، يېنىمغا ئولتۇر. سەن ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن بېرىكى ھەممە سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، _ ئانا مىھرىبانلىق بىلەن ئوغلىنىڭ پېشانىسىنى سىلىدى ۋە كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ دېدى، _ بالام پەخەس بول، ئۇلار ساڭا تۇزاق تەييارلىشىۋاتىدۇ. {][7N p!y
__ ئانا، _ دېدى سۇتۇق ئىشىككە قاراپ قۇيۇپ ئاۋازىنى پەسەيتىپ، _ ئۇلار تۇزاق قۇرۇشتىن بالدۇراق ئىشنى جايلىۋەتسەك دەيمەن. مېنىڭ ئامالىم بار، دوستلىرىم بار. >Fk`h=Wd
__ دوستلىرىڭ جىقمۇ؟ )m;qv'=!
__ بىر نەچچە يۈز. q.km>XRk~
__ بىر نەچچە يۈز؟ ئاز، بەك ئاز، بالام. بىر نەچچە تۈمەن چېرىك ئۇنىڭغا قارايدۇ. سۈباشى تاغاڭ تەرەپتە..... ماڭا قارا، ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرى ئۇنچە ئاسان پۈتمەيدۇ. سەن تەييارلىقنى كۈچەيتىپ، دوستلىرىڭ مىڭغا، يۈمەنگە يەتسۇن. چېرىكلەر يېنىغا بار باشلىرى بىلەن سۆزلەش. جانلىقنى ئالغىنىڭدىن كېيىن كۆپرەك ئەمەلدارلار، چېرىكباشلىرى ۋە ئەل سەن تەرەپكە بولسۇن.... -GVG1#5
__ ياخشى ئانام، ئاپئاق ئانام! _ ئانىسىنى قۇچاقلىدى سۇتۇق، _ سىزنىڭ مۇشۇنداق دانالىقىڭز، ئون تۈمەن چېرىكتىن كۈچلۈك. *r$.1nke
__ باشقا ئىشلارنى كېينگە قۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. بالام، سەن راستلا ئىسلامغا كىردىڭمۇ؟ _ ئانا ئوغلىغا ئانىلىق مېھرى بىلەن قارىدى. =2)t1 H
سۇتۇق دەرھال ئانىسىنىڭ ئالدىدا نامازدا ئولتۇرغاندەك يۈكۈنۈپ كۈلۈمسىرىدى ۋە گېلىنى قىرىپ قۇيۇپ < لائىلاھە ئىللەللا، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا> دېدى. UVUO}B@[S
ۋاي بالام، نېمىلەرنى دەۋاتىسەن، بۇ قەيەرنىڭ گېپى؟ _ ئانىنىڭ چىرايى جىددىي تۈس ئالدى. l0xFt
~l
__ بۇ ئەرەبچە سۆز، _ دېدى سۇتۇق ئانىسىنىڭ يېنىغا ئولتۇرۇپ، _ بىلەمسىز ئانا، مەن يامان ئىش قىلمىدىم، ئىككىلا ئالەمدە ئەڭ ئۇلۇغ ئاللانىڭ يولىغا كىردىم. ئاللا بىر، ئۇنىڭدىن باشقا ئاللا يوق. مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسى. مەن ھازىر ئېيىتقان سۆزنىڭ مەنىسى مۇشۇ، مۇسۇلمان بۇلۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى مۇشۇ، ئاللا _ تەڭرى دېگەن سۆز. B/kn&^z$|~
__ ۋايجان، بۇ گەپلەرنى نەدىن تاپتىڭ؟ 1?#9Kj{ql
__كۈنپېتىش ياقتىن كەلگەن بىر ئادەم ئۆگەتتى. 8Flf,"a
__ دېمەك، سەن _ چوماق⑧ بۇلۇپسەن دە؟ ]pTw]SK
__ ھەئە، جېنىم ئانا، مەن سىزدىن سورىمايلا بۇ ئىشنى قىلىپ قويدۇم. كەچۈرگەيسىز، _ ئانىسىنى قۇچاقلاپ، باغرىغا بېشىنى قويۇپ ئەركىلىدى. _ بىراق بۇ زادىلا يامان ئىش ئەمەس. zb}+ m#q
__ ھە، ياخشى ئىش بولسا مەن كەچۈرىمەن. ئەگەر بۇنىڭدىن يامانلىق چىقىپ قالسا .... ھە، ئەمدى قانداق قىلماقچىسەن؟ 1y-lZ}s_
__ كەلگۈسىدە پۈتكۈل خانلىقنى مۇسۇلمان قىلىمەن. &ntP
~!w
__ پۈتكۈل لۇلۇسلارنى؟! .... _ ئانا قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ ئويلىدى، _ بارلىق ئۇلۇسلارنى بىر دىنغا ئىشىنىدىغان قىلىش شۇنچىلىك ئاسان ئىش دەمسەن، بالام؟ ھازىرچە بۇ ئىشىڭنىمۇ قۇيۇپ تۇر. چوڭ تىلەك ئۇرۇنلانغاندىن كېيىن باشقىلىرىنى ئويلاشساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن. m{dyVE
__ ئىلەل ئانا، تاپشۇرۇقىڭىزنى ئۇرۇنلايمەن. L^{;jgd&T9
__ ھە راسىت، سۇتۇق، تۇيۇڭنى قانداق قىلىمىز؟ باشقا قىزلار ئاشۇ ئايدىڭ قىزغا يەتمەيدۇ، قانداق؟ 1$D`Z/N"A
__ قاراڭ گېپىڭىزنى، ھازىرلا تېخى باشقا ئىشلارنى قۇيۇپ تۇر، دېدىڭىزغۇ! _ ئانىسىغا قاراپ كۈلدى سۇتۇق. aX'g9E
__ ھە، مېنى گەپكە تۇتۇۋالدىڭ - دە؟ بوپتۇ، مەيلى. ئىككى توينى بىللە قىلايلۇق، قانداق؟ %g@3S!lK
__ سىزنىڭ مەيلىڭىزچە بولسۇن، ئانا، _ سۇتۇق يەنە ئانىسىغا ئەركىلىدى. 3]OP9!\6
ئانا ئوغلىنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى ۋە كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭ بېشىنى سىلىدى. 7e{X$'
RR"WO
(X_ ,*3Yxk
ئىزاھات w*xUuwi
ئارقۇ ______ ئوردا قاراۋۇلى i,Wm{+H-O
سۈباشى ______ قۇشۇن باش قوماندانى Zjic"E1
ئوردۇبىشى _____ ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى، ساراي ۋەزىرى خاقاننىڭ يىنىدا تۇرىدۇ. <_a70"i
قىسىغ ______ تۈرمە tGO[A#9a
تەركىن بېگىم _______ خان ئاغىچا، مەلىكەم {qtc\O
ئىلەل __________ خانلارنىڭ گېپىگە جاۋاپ بەرگەندە دېيىلىدىغان سۆز. خوپ، خوش دىگەندەك 3ES[ N.V#
تۈنەك _________ قاماقخانا ( بۇنى ئىنىق بىلەلمىدىم كىتاپتىكىسى يىتىلىپ كىتىپتىكەن ئىنىق كۆرۈلمىدى تورغرىسىنى بىلىدىغانلار ئىنكاس قىپ قۇيساڭلار رەخمەت) S|q!? /jqj
چوماق________ بۇددا دىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا < مۇسۇلمان> دېگەن سۆز H(NT|
4$zFR}f
`f6)Q`n
مەنبە: yLgKS8b
سەيپىدىن ئەزىزى يازغان سولتان سۇتۇق بۇغراخان دىگەن ئەسىردىن ئىلىندى |j~EV~AJ
ياقتۇرۇپ ئۇقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن