قارماق
GGR hM1II بىر كىچىك بالا كۆل بويىدا بېلىق تۇتىۋاتقان بىر بوۋاينىڭ ھەركىتىگە زوقلىنىپ قاراپ تۇرۇپتۇ.بوۋاي بىردەمدىلا بىر سېۋەت بېلىق تۇتۇپتۇ. بوۋاينىڭمۇ بۇ ئوماق بالىغا مەستلىكى كېلىپ، بىر سېۋەت بېلىقنى بالىغا بېرىپتىكەن،بالا بېشىنى چايقاپتۇ. بوۋاي ئەجەبلىنىپ:«نېمىشقا ئالمايسەن؟» دەپ سورىغانىكەن،بالا :«مەن قولىڭىزدىكى قارماقنى ئالماقچى» دەپتۇ، بوۋاي بالىغا قىزىقىپ: «قارماقنى نېمە قىلىسەن؟» دەپ سوراپتىكەن، بالا: «سېۋەتتىكى بېلىقنى يېسە ئۇزاققا بارماي تۈگەيدۇ، ناۋادا مەندە قارماق بولسا، ئۆزۈم تۇتسام ئۆمۈرۋايەت بېلىق يېمەمدىمەن؟» دەپتۇ. 7 Ed6o
بالىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، ئەجەبمۇ ئەقىللىق بالىكەن،دەپ پەرەز قىلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، پەرىزىڭىز خاتا. ناۋادا بۇ بالا قارماقنى ئالىدىكەن،بىر تالمۇ بېلىق يېيەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ بالا بېلىق تۇتىشنىڭ ماھارىتىنى بىلمەيدۇ، بېلىق تۇتىشتا قارماق بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. AK*F,H9
كىشىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەم ھېلىقى كىچىك بالىدەك، قارماق بولسىلا يەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بېلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ،دەپ قارىغانلىقتىن، بىرەر تال قارماققا ئېرىشۋېلىپ، ماھارەت ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، مانا مۇشۇنداق قاراش تۈپەيلىدىن، قارماق بولسىمۇ بېلىق يېيەلمىگەنلەر، ئالتۇن تاۋاقنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئاچ قالغانلارمۇ يوق ئەمەس. ywRwi~ DxLN{g]B .v3~2r*& بىر سۆزلۈك پەرق &91U(Go
8[|RsM
خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش خەلق پۇلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۆزگەردى، ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش باشلىققا ۋاپادار بولۇشقا ئۆزگەردى، خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىش يەپ-ئىچىشنى تەتقىق قىلىشقا ئۆزگەردى، مەن ئاۋام ئۈچۈن ئاۋام مەن ئۈچۈنگە ئۆزگەردى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش رەھبەرلەر بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشقا ئۆزگەردى، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ئەۋزەللىكنى چىقىش قىلىشقا ئۆزگەردى، ئاممىۋى لۇشىيەندە مېڭىش رەھبەرلىك لۇشىيەنىدە مېڭىشقا ئۆزگەردى، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش جەمئىيەتتىن نەپ ئېلىشقا ئۆزگەردى.
xN +j]LC \*V`w@ مەلۇم بىر زەردارنىڭ خېنىمى قولىدىكى بۇزۇلۇپ قالغان باناننى ئىختىيارسىز يول بويىغا چۆرۈپ تاشلىدى.نامرات ئائىلنىڭ بالىسى ئۇنى تېرىۋېلىپ يەۋەتتى،نەتىجىدە قورسىقى ئاغرىپ بولالمىدى، شۇ كۈنى كەچ بۇ بالىنىڭ دادىسى __ دىجورنى خادىم دىجورنىلىك ئورندىن ئايرىلىپ بالىسىنى دوختۇرغا ئاپاردى. شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى خېنىمنىڭ دادىسنىڭ زاۋۇتىغا ئوت كېتىپ، ئوت ئۆچۈرۈشكە خەۋەر قىلىدىغان دىجورنى ئادەم بولمىغاچقا، زاۋۇتتىكى ماددى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. :/kz*X=<
:u7y k@
y:N
QLL> بېل تېلېفون ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا،گىراي ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ تېلېفۇننى تەتقىق قىلغانىكەن.كېيىن ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتۇ. لېكىن تېلىفۇن كەشپىياتىدا بېل پاتنىت ھوقۇقىغا ئېرىشىپتۇ. چۈنكى ئۇ پاتنىت ئىدارىسىگە گىرايغا قارىغاندا ئىككى سائەت بۇرۇن بارغانىكەن.دۇرۇس،ئۇلار ئەسلىدە تېلېفۇننى ئۆزىدىن باشقا ئادەمنىڭمۇ تەتقىق قىلۋاتقانلىقىنى ئۇقمايدۇ. ئەلۋەتتە،لېكىن بېل پاتنىت ئىلتىماس قىلىشتا 120 مىنۇت Q`dzn=
بالدۇر ھەرىكەن قىلغانلىقى ئۈچۈن دۇنياغا تونۇلۇپ،نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشكەن.

ئەمەلىيەتتە،تارىخىنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان،ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدىغان ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس.تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ: *k(>Qsb "
ساۋ شۆچىن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نى10 يىلدا ، كۇڭ شاڭرېن «شاپتۇل گۈللۈك يەلپۈگۈچ» نى15 يىلدا ، سىماچىيەن «تارىخىي خاتىرىلەر» نى 15 يىلدا، دارۋىن «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» نى28 يىلدا ، كوپېرنىك «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى توغرىسىدا» نى 30 يىلدا ، مورگان «قەدىمكى جەمىئىيەت» نى 40 يىلدا ، ماركىس «كاپىتال» نى 40 يىلدا ، گيۇتې « فائۇسىت» نى 60 يىلدا يېزىپ بولغان. Er6'Ig|U
s4RqMO5eI
P-?ya!@"
« سىز، ئانىڭىز،ئايالىڭىز ۋە ئوغلىڭىز بىلەن بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا، توساتتىن كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ ھەممىڭلار سۇغا چۈشۈپ كەتتىڭلار. ئەگەر، سىزنىڭ بىر ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇش ئىمكانىيتىڭىز بولسا ئۇنداقتا سىز كىمنى قۇتۇلدۇرىسىز؟» ,h'q}5
z#8d\X/
|d* K'+
بىر كۈنى نەسرىدىن ئەپەندى پادىشاھ بىلەن شاھمات ئويناپتۇ. پادىشاھ كۆرەڭلەپ pm-SDp>s
__ نەسرىدىن ئەپەندى، ئۇتتۇرۇۋەتسىڭىز نېمىڭىزنى بېرىسىز ؟ __ دەپتۇ . نەسرىدىن ئەپەندى سوئالغا سوئال قويۇپ: EPQ~V
ناۋادا سىز ئۇتتۇرۇۋەتسىڭىزچۇ؟ __ دەپتۇ. پادىشاھ r?s,
نېمە ئالىمەن دېسىڭىز شۇنى بېرىمەن، __ دەپتۇ qFo'"z`84
ئۇلار شۇ بويىچە كېلىشىپتۇ idLysxN
ئويۇن ئاخىرلىشىپتۇ، نەسرىدىن ئەپەندى ئۇتۇپتۇ. پادىشاھ نەسرىدىن ئەپەندىدىن نېمە ئالىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. نەسرىدىن ئەپەندى: p:9)}y
__ھۆرمەتلىك شاھىم، شاھمات تاختىسىدا 64 كاتەكچە بار. سىز بىرىنچى كاتەكچىگە ئىككى تال بۇغداي قويۇڭ، ئۇ ئىككى تال بۇغداينى ھەسسىلەپ ئىككىنچى كاتەكچىگە قويۇڭ. ئىككىنچى كاتەكچىدىكى ھەسسىلەنگەن تۆت تال بۇغداينى ئۈچىنچى كاتەكچىگە يەنە ھەسسىلەپ قويۇڭ. سىز شۇ تەرىقىدە ھەربىر كاتەكچىدىكى بۇغداينى ھەسسىلەپ 64 كاتەكچىلەرگە قويۇڭ. مەن مۇشۇ شاھمات تاختىسىغا قويۇلغان بۇغدايلارنى ئالاي، __ دەپتۇ. +`_I!
پادىشاھ مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە خەزىنچىنى چاقىرتىپ ، نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئالدىغا بىر تاغار بۇغداينى تۆكۈشنى بۇيرۇپتۇ. بۇغداي تۆكۈلۈپتۇ ، شاھ بۇغداينى نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قويۇشقا باشلاپتۇ. 10-كاتەكچىگە بۇغداي قويۇلمايلا، شاھنىڭ خەزنىسىدىكى بۇغداي تامام تۈگەپتۇ. O'~c;vBI
قېنى، سىز نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئېيتقان ئۇسۇل بويىچە تۆۋەندىكى مەسىلىنى ئىشلەپ كۆرۈڭ Fg3VD(D^U
بىر تال بۇغداي0.5 گىرام بولسا، 10 كاتەكچىگە قويۇلدىغان بۇغداي قانچىلىك بولىدۇ؟ &R54?u^A
q$$:<*Uy
'2u(fLq3h
(o/HLmr@Y
مەنبەسى: تۈرلۈك كىتاپلار.[ بۇ يازما Davan_Axkuqi تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]