بىز كىتىۋاتىمىز
MaDdiyeC نەسىر
n $RhD93 sdF;H[ خوشخۇي
TbqH-R3W h.PVR Awk بىز ،يوقلۇق ۋە بارلىقنىڭ چەكلىك مۇساپىسى ئىچىدە كىتىۋاتىمىز...،بۇ مۇساپە قانچىلىك ئۇزۇن بۇنى بىز بىلمەيمىز.شۇنىسى ئىنىقكى،بىز ئۇنى بىلسەكمۇ، بىلمىسەكمۇ بۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇرمىز.بىز ئەنە شۇ مەۋجۇتلۇق ئىچىدە بارلىق مەخلۇقلار بىلەن سەپەرداش بۇلۇپ بىللە كىتىۋاتىمىز......
e&WlJ بارچە مەخلۇقلارنى ئۆزىنىڭ قۇدرەت قولى بىلەن ياراتقان ئۇلۇغ قادىر ئىگەم ،ئاتىمىز ئادەمنى تۇپراقتىن يارىتىشنى ئىرادە قىلغاندىن كىيىنمۇ ،ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ تاكى قىيامەت قەييۇم بولغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق ئىش ھەركەتلىرىنى داۋاملارشتۇرۇش ،ئۇلارنىڭ بۇ يولدا مېڭىشىنى بىر بىرىگە قالدۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئادەمنىڭ سول قۇۋۇرغىسىدىن ئانىمىز ھاۋۋانى ياراتتى. مانا بۇلار يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىشنىڭ دەسلاپقى ئىختىراسى ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئادەم ئەۋلادىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىشى ئادەم بىلەن ھاۋۋانىڭ
?.tnaE ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەم بولدى...
$VOSd<87 ئاللا تائالانىڭ بارچە مەخلۇقلارنى جۇپتى بىلەن يارىتىشتىكى قۇدىرەت ھىكمىتى شۇكى،بۇئارقىلىق پۈتكۈل كائىنات، ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى، بارلىقتىن يەنى مەۋجۇتلۇقتىن يوق قىلغۇچىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭ پەقەت ھەممىنى ياراتقۇچى ئاللاغا خاس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.مانا بۇ دەۋرى قىيامەتكىچە شۇنداق بۇلىدىغان ھەقىقەتتۇر.
\$GM4:R D بىز كىتىۋاتىمىز...،بىز ئەنە شۇ ئۇلۇغ ،قۇدىرەتلىك ئاللا ئىگەمنىڭ ئىسانلار ۋە بارلىق مەخلۇقلارنىڭ پاناھگاھى قىلىپ يارىتىپ بەرگەن ئالىمى - بۈيۈك تەبىئەت دۇنياسىدا كىتىپ بارىمىز.بىلىش كىرەككى، ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم بارلىق پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىپ چۈشۈرگەن 104سەھىپە كىتاپتىن باشقا يەنە،بۇ دۇنيا ئالىمىدە كىتىپ بارغان بارلىق نەخلۇقلار ئۈچۈن،ئويلۇنۇشقا، تەپەككۇر قىلىشقا،چۈشۈنۈشكە،ۋە بىلىشكە بۇيرۇپ يەنە تۆت نەرسىنى كارامەت قىلدى.بىرسى پۈتكۈل كائىنات بۇلۇپ، ئۇنى ئاللا ئىگەم تۈۋرۈكسىز ھالدا7 قات قىلىپ ياراتتى. شۇنداقلا ئۇنى قۇدرەت قولى بىلەن نۇرلۇق يۇلتۇزلار ئارقىلىق بىزىدى.بۇ ئارقىلىق بارلىق ئىنسان ۋە ئىنسى -جىنلارنى تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرىدى.يەنە بىرى بۈيۈك تەبىئەت بۇلۇپ،بۇنىڭدىكى بارلىق دەل - دەرەخ، گۈل- گىياھلارنى رەڭمۇ رەڭلىك قىلىپ ياراتتى. قاراپ باققىن، بىر يىشىل نوتىدىن رەڭمۇ -رەڭ گۈللەرنڭ ئېچىلىشى ساڭا نىمىنى ھىس قىلدۇردى؟بۇنداق بۇياقچىلىقنى ھەممىنى ياراتقۇچى ئەشۇ باقى(ئاللانىڭ بىر ئىسمى سۈپىتى) بۇياقچىدىن باشقا يەنە كىم قىلالىسۇن؟!قاراپ باق؟! بۇ گۈل گىياھ، دەل -دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخاش بىر خىل رەڭسىز،پۇراقسىز بولغان سۇدىن ئىبارەت بىر ماددا ئەنە شۇلارنىڭ ھايات ياشنشىشىغا سەۋەپچى بۇلىدۇ. بىلەمسەن ؟ئۇنىڭدىن چىققان نەتىجە ئەشۇ گۈل -گىياھلاردەك رەڭدار، دەل- دەرەخلەردەك شەكلى بىر خىل، رەڭگى ھەر خىل ،ۋە شەكلى ھەر خىل ،تەمى بىر خىل نازۇ-نىمەتلەر كىمنىڭ ئخىتىراسى؟ئۇلارنىڭ باھاردا ياشىرىپ،كۆكلەپ،چىچەكلەپ، يازدا مىۋە بىرىشى، كۈزدە غازاڭ تاشلاپ،قىشتا قۇرۇپ قېلىشى نىمىگە مىسال؟ئويلاپ باق دوستۇم.بىز ھامان ئۆلىمىز، ئۆلگەندىن كىيىن يەنە تىرىلىمىز....... يەنە بىرسى شۇكى،پانى دۇنيادىكى دەريا دېڭىز، ئوكيانلاردۇر،سەن بۇنى چۈشىنەمسەن؟ھاياتلىق ساپ ھاۋالىق جايدىلا ئەمەس،بەلكى ئىنسانلار ياشىيالمايدىغان سۇلار دۇنياسىدىمۇ بار........ئۇ يەردىمۇ ئىنسانلار دۇنياسىكىگە ئوخشاشلا ياشايدىغان ھەر خىل مەخلۇقلار بار، لىكىن ئۇ يەرگە ئىنسانلار ئاللانىڭ ياردىمىسز كىرەلمەيدۇ.ئۇلارمۇ كىتىپ بارىدۇ ،بىزمۇ كىتىپ بارىمىز..........يەنەبىسى شۇكى، ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بارلىق مەخلۇقلاردىن ئىبارەت.ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئاللانىڭ مەخلۇقلىرى بۇلۇپ ،ئۇلار،ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۈستىگە ئالغاندۇر. ،بىلىشىڭىز كىرەككى،ئاللا تائالا ئادەمنى -پەيغەنبىرىمىز مۇھەممۇدۇن سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەققى ھۆرىتىدىن بارلىق مەخلۇقلار ئىچىدە ھەممىنىڭ گۈزىلى،ئەۋزىلى قىلىپ ياراتتى.شۇڭا ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ خىزمەتلىرىنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئادا قىلىپ،كەلمەكتە،ۋە قىىلپ كىتىۋاتىدۇ.بىزمۇ كىتىۋاتىمىز...
q1!45a ئىنسانلار،ئەر ئايال قىلىپ يارىتىلغاندىن بۇيان،ئۇلار ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كەلدى.بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مىھرى مۇھەببەت، باشقا مەخلۇقلاردا بولسىمۇ لىكىن ئىنسانلاردىكىدەك نازۇك ۋە شىرىن ئەمەس.مەخلىۇقلار جۈپلەشكەندە تۇمشۇقلىرىلى بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئىپدە قىلىشىپ بولغاندىن كىيىن جۇپلەشسە،ئىنسانلار قارىشىش، كۈلۈشۈش، قۇچاقلىشىش،سۈيۈشۈش ئارقىلىق يېقىنچىلىق قىلىپ ئاللا بۇيرىغان جامانىڭ شىرىن لەززىتىنى سۈرىدۇ.بۇ خىل ھەركەتلەرنى ئىنسانلار بىرلا ۋاقىتتا ئورۇنلىغان بىلەن باشقا مەخلۇقلار بىرلا ۋاقىتتا ئادا قىلالمايدۇ.بىلەمسىز،مانا بۇ ئاللاھ ئىگەم ئىنسانلارغا خاس قىلىپ بەرگەن زور نىممەت. بىز ئەنە شۇ ئاللا ئىگەم بىزگە ئاتا قىلغان نىممەتلەر ئىچىدە ئۇنى بىلىپ بىلمەي، ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا كتىپ بارىمىز.
`}t<5_ بىزدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇنلىغانلار كەلدى، كەتتى.يەنە كىلىۋاتىدۇ، كىتىۋاتىدۇ.بۇندىن كىيىنمۇ يەنە كىلىدۇ، ھەم كىتىدۇ.
to-D
XT. بىز يەنە شۇ كىلىش، كىتىش مۇساپىسى ئىچىدە كىتىۋاتىمىز.بىزنىڭ بۇ كىتىشىمىزنىڭ ئاخىرقى بىكىتى شۇكى يا بىھىش- جەننەت،ۋەياكى جەھەننەمدىن ئىبارەت. بۇنى نۇرغۇنلىغان ھەقنى تونۇغان ،ھىديەت تاپقان كىشىلەر تۇلۇق چۈشىنىدۇ،تېخى سۈت ئۇيقىسىدىن ئويغانمىغانلار بولسا شىرىن چۈش كۈرۈپ يۈرىدۇ.مىنىڭ ئۇلارغا شۇنداق دىگۈم كەلدى...............ئەي غەپلەت ئالىمىنىڭ ئەرۋاھلىرى، تىز ئويغۇنۇڭالار!ئاللا نازىل قىلغان قۇرئان كەرىم ۋە ئاللا ياراتقان ھىكمەتلىك مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ سىر- ھىكمەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ،پانى ئالەم مەۋجۇتلۇقىدىكى، گۇناھ -مەئىسىيەتلەرنى تۈگىتىپ ،يوقلۇق سەپىرىنى كىرەكلىك ئوزۇق تۈلۈك بىلەن بېيىتىپ،ئاخىرەتنىڭ ھىساپ دەرگاھىغا ئالدىراڭلار!
z,pKyInw بىز ئەنە شۇ يولدا كىتىۋاتىمىز.............. كىلىدۇ...............كىتىدۇ................چۈنكى بۇ دۇنيادا ئاللا ئىگەمدىن باشقا چەكسىز نەرسە مەۋجۇت ئەمەس...............................................
1vKAJ<4W بىز ھەممىمىز ئەنە شۇ يولدا كىتىۋاتىمىز.....................................................
i\~@2 X{cFqW7 مەنبە: مەپكۇرىياتىمدىن بىر تامچە
1dDK(RBbQ n~ w.\939@ 2010.08.27