غۇلجا چاخچاقلىرىدا قەشقەرلىق ۋە قازاق تېمىسى zX6Q7
Bc
ئاپتۇر : كۆكتۇغ 1JV-X G6
o* e'D7
غۇلجا چاخچاقلىرىدا قەشقەرلىق ۋە قازاق تېمىسى
spWo{
ئۇيغۇرلاردىكى چاخچاق-لەتىپىچىلىك دۇنيادىكى مىللەتلەر ئارىسىدا ئالاھىدە سانىلىدىغان مەدەنىيەتتۇر.تۈركىيىدكى چېغىمدا تۇرك مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت كۆرىكىگە داخىل بولۇپ قالدىم.شۇ يەردە بىر ئۇيغۇر زىيالىسى چاخچاقچىلىقنىڭ باشقا تۈرك مىللەتلىرىدە يوق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.گەرچە يۇمۇر ،كۈلكە ،چاخچاق دېگەنلەر پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق بولغان بىلەن،ئۇيغۇر چاخچاقلىرىدەك،يەرلىكلەشكەن، يۈرۈشلەشكەن،بىر يۈرۈش قائىدە-يوسۇنلىرىنى شەكىللەندۈرگەنلىرى ئازكەن،بولغان تەقدىردىمۇ باشقا خەلق كۈلتۈرىدە ئۇيغۇردىكىدەك گەۋدىلىك ئورۇن تۇتمايدىكەن. 'f8'|o)
چاخچاقچىلىق يەنە ئۇيغۇرنىڭ خاراكتىرى،ئۆرپ-ئادىتى ۋە سەنئىتى بىلەنمۇ چەمبەرچەس باغلانغان ،شۇڭا بۇ تۈرنىڭ ئۇيغۇر كۈلتۈرىدىكى ئورنىنى يۈزەكى باھالاشقا بولمايدۇ.مەسىلەن؛ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە نەچچە مىڭ يىل يۇلتۇزدەك پارلىغان،ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا ئىجازەتسىز راۋا ۋە بەدەلسىز شىپا بولۇپ كەلگەن مەشرەپلەر چاخچاقچىلىقنىڭ بۇلىقىدۇر.شۇڭا چاخچاقچىلىقنى تەتقىق قىلىش ،ئۇنۇڭدىكى،شەكىل،ۋاستە، كۈلكە،مەسخىرە،تەنە ۋە دارىتمالارنىڭ مەنىسىنى يېشىش بىزنى ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋە ئەسلى ئۆزىگە تېخىمۇ يېقىن قىلىدۇ.ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولۇپمۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسى ھەققىدە ئىزدىنىشتە چاخچاق نىگىزلىك يىپ ئۇچىدۇر. p[}~Z|(
بۈگۈن بىزنىڭ توختالماقچى بولغىنىمىز ئۇيغۇر چاخچاقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ راۋاجلانغان، رايۇنلۇق پۇرىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان غولجا چاخچاقلىرىدۇر.گەپنى تېخىمى كونكىرىت قىلىش ئۈچۈن بىز غۇلجا چاخچاقلىرىدكى تېما مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىمىز. cI-@
nV
1.غۇلجا چاخچاقلىرىدكى قازاق ۋە قەشقەرلىك تېمىسى lBudC
غۇلجا چاخچاقلىرىدا تېما كۆپ خىل بولۇپ سورۇنغا ۋا ئشتىراكچىلارغا قاراپ جىق پەرقلىنىدۇ.چاخچاق تېمىسى مەلۇم يۇرت ۋە ئادەملەر توپىغا قارىتىلغاندا قەشقەر،قازاق ۋە تۇڭگان ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.بولۇپمۇ قەشقەرلىك ۋە قازاق ئەڭ بازارلىق چاخچاق تېمىسىدۇر.بۇ ئىككى تېما دائىم قالاقلىق،مەينەتلىك،نادانلىق ۋە مەرىپەتسىزلەككە سىموۋۇل بولۇپ مەسخىرىگە خۇرۇچ بولىدۇ.قازاق ئادەتتە ئالدامچىلىق، ساتقىنلىق ۋە ئۆكتەملىككە سىموۋۇل قىلىنمايدۇ،بۇ يەردىكى چېلىقارلىق سىموۋۇل قەشقەرلىكتۇر.بۇ يەردىكى قەشقەرلىك دېگەن سۆز ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتىگە تەۋە قەشقەرلىقلەرنىلا ئەمەس ،جەنۇبى ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرنى كۆرسىتىدۇ. 6_K7!?YG7
2.نىمىشكە قەشقەرلىك ۋە قازاق دائىملىق چاخچاق-مەسخىرە تېمىسى بولىدۇ؟ #$l:%
مەنچە قەشقەرلىقلەرنىڭ مازاق تېمىسى بولۇشىداسەۋەب تۆۋەندىكىچە xl9S=^`=
1.قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارغۇلجىدا يەرلىك ئەمەسلەر دەپ تونۇلىدۇ،يەرلىك بولمىغانلار ھەر زامان يەرلىكلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا،ھەجىۋى قىلىشىغا ئۇچراپ قالىدۇ.بولۇپمۇ قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنى غۇلجا ئۇيغۇرلىرى قاشقالىقلار،يېتىمچىلار دەپ ئاتايدۇ.(ھازىر كۆپ ئۆزگەردى،دېگەنلىرىمدە بىراز بۇرۇنقى ھادىسىلەرنىڭمۇ سايىسى بار،بەزى پاكىتلار ۋە مىساللار بەلكىم سەل كونىراپ قالدى) ]1MZ:]k
2.بۇ ئىككى خىل كىشىلەرتوپى غۇلجا ئۇيغۇرلىرى نەزەرىدە ئۆزىدەك ئىمتىياز ۋە ئەۋزەللىك ساھىپى ئەمەس.ئىلغارلىققا ،مەرىپەتكە،پاكىزەلىككە ئالاھىدە ھىرىسمەن غۇلجا ئۇيغۇرلىرى نەزەرىدە قازاقلار ۋە قەشقەرلىقلەر كۆپ نۇقسانلارغا مەھكۇم.شۇڭا مەسخىرە ۋە مازاقلار شۇلار ئۈستىگە توقۇلىشى تەبىئى. WT}xCni
3.ئىلى ۋادىسنىڭ تەبىئى شارائىتتىكى ئەۋزەللىكى ،تاشقى دۇنياغا نىسبەتەن ئوچۇق بولغان جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك غۇلجا ئۇيغۇرلىرىدا مەغرۇرلۇق ۋە ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى ياراتقان.شۇڭا ئۆزىدىن باشقىلارنى ئاسانلا تۆۋەن كۆرىدۇ. h)s&Nqg1B
4.غۇلجا ئۇيغۇرلىرى ھازىرقى زامان تېخنىكىسى،مائارىپى ۋە تۇرمۇش شەكلى بىلەن باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق ئۇچراشقان، 3mL(xpT.8z
بۇ غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردكى يۈكسىلىشىگە شارائىت ياراتقان.شۇڭا باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ شارائىتنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك تۇرمۇشىدىكى بەزى قولايسىزلىقلىرىنى دائىم ئەيىپ سانايدۇ. 2 ]n4)vv,
5.سىرىتتىن كەلگەنلەر يەرلىكلەردىن تىرىشچان بولۇپ ئېشىپ كەتكەندىكى كۆرەلمەسلىك ،ئەمگەكتە،بايلىقتا بەسلىشىپ ئالالمىغان دەرتنى چاخچاققا يۆگەپ ئېلىش مەنچە يەنە بىر تەرەپ. d+"F(R9
6.ئۇيغۇر توپرىقىدىكى تۈرلۈك رىقابەت.ئالايلۇق قەشقەر(ئەينى چاغدىكى ئاتۇش قاتارلىق يۇرتلار)مۇ ھازىرقى ئۇيغۇر مائارىپىدا بايراقدار يۇرت بولغاچ ئۇيغۇر زىيالىلار قاتلىمىدا،ئەمەلدارلار قاتلىمىدا ۋە تۈرلۈك ساھەلەردە بۇ ئىككى يۇرت كىشىلىرنىڭ رىقابىتى بىر قەدەر كەسكىن بۇمۇ مەنچە بىر سەۋەپ.(بۇنىڭ پاكىتلارىمۇ بىر قەدەر كونىراپ قالدى) EAz>`~
ئەمدى قازاق قېرىداشلارنىڭ مازاققا نىشان بولۇشىغا كەلسەك، بىر قىسمى يۇقارقى سەۋەبلەرگە يېقىنلىشىدۇ يەنە بىرى ئەزەلدىن كۆپ سانىلىق بولغانلار بىلەن ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەيدا قىلىنغان زىددىيەتنىڭ ياپتا گەپتە ئىپادىلىنىشى مەسىلىسىدۇر.چىدىماسلىق،قېيىداش،ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى قىلىش قاتارلىق مەسىلەرمۇ ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. %CqG/ol
3.غۇلجا چاخچاقلىرىدا تېما تاللاشتىكى پىسخىك بىنورماللىق ۋە نادانلىق {7`1m!R
1.ئۇيغۇر چاخچاقلىرىدا بىز ئۇيغۇرچە پىسخىكا ئەكىس ئېتىدۇ دەپ ئېيتىپ ئۆتتۇق.غۇلجا چاخچاقلىرىدا تېما بولۇۋاتقان قازاق ۋە قەشقەرلىك مەسىلىسى دەل بىر خىل ئۇيغۇرچە پىسخىكا،يەنى ھازىرقى زاماندا ئاينىپ كېتىۋاتقان پۈچەك،بىنورمال پىسخىكا.ئاقىللارغا ئايانكى ئۇيغۇردا ياماندىن قورقماسلىق،ياۋاشنى بوزەك قىلماسلىقتىن ئىبارەت مەردانىلىك ئۇدۇمغا ئايلانغان.بۇ ئۇدۇمدىن يۈز ئۆرۈپ يۇرتىغا تۈرلۈك مۇھتاجلىق تۈپەيلى كەلگەنلەرنى مەسخىرە قىلىش،خۇددى ھازىرقى ئىتۇتچىلارنىڭ ھېلى گاچىنى ھېلى گاسنى دوراپ خەقنى كۈلدۈرۈپ پۇل تاپقىنى،خەقنىڭمۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ ئولتۇرغىنى بىلەن ئوخشاش ئىش.بۇ ئۇيغۇر پىسخىكىسىدىكى ئاينىشتۇر خالاس. 40[@d
2.زىددىيەتنىڭ،تەھدىتنىڭ مەنبەسىنى قەستەن بۇرمۇلاش نادانلىقى ۋە بۇرمۇلانغان رىياللىققا ماسلىشىش ساددىلىقى.غۇلجا چاخچاقلىرىدا ئۇيغۇرغا ئورتاق شۇنداق بىر نادانلىق ،كالتا پەملىك بار يەنى شۇنچە يوغان غۇلجىدا مازاق قىلىدىغانغا بىر تايىپە تېپىلمىغاندەك،دەردىنى ئېلىشقا باشقا بىرسى يوقتەك ئورنى ئۆزى بىلەن قىلچە ماھىيەتلىك پەرقلەنمەيدىغان قازاقنى مەسخىرە قىلىش.بارلىق يامانلىقنى بىچارە مۇساپىر قەشقەرلىققە ئارتىش ۋە بۇخىل بىچارىلەرچە مەسخىرە ۋە بۇرمىلاشنىڭ ئاممىۋىلىشىشى .يەنى بۇ يەردە ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى مەڭگۈيېنىدىكى تۇرسۇن ياكى خوشنىسى تۇرغان.ئەلۋەتتە ،بۇ ئورتاق مەنپەئەت،ئورتاق تەقدىر،ئورتاق ئىستىقبال بايرىقىغا ئاڭلىق ئەگىشىپ ،ئەمەس پەقەت تىل،دىن،يەر ئورتاقلىقىغا تەبىئى باغلىنىپ ياشاۋاتقان بىر مىللەتنىڭ دائىم سادىر قىلىدىغان نادانلىقىدۇر.بۇ ھەرخىل شەكىلدە ھەرزامان ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.غۇلغا چاخچاقلىرىدىكى قەشقەرلىك ۋە قازاق تېمىسى يۇقارقى نادانلىقنىڭ پەقەت بىر ئاممىۋىلاشقان،ئاشكارىلانغان شەكلىدۇر. ft~QV
e!
e}(8BF
مەنبە : گۈلىستان