مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 69 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مىنىڭ بىر كۈنۈم
ئۇماق
شۈكرى ئاللاھ~!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2000
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 856 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 202(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:18

0 مىنىڭ بىر كۈنۈم


مىنىڭ بىر كۈنۈم








قايسى ۋاقىتتىن بۇيان بۇنداق ھاڭۋېقىپ ئلتۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن .
-بېشىڭىزدىن يوغان تىڭشىغۇچنى تاقىۋاپ بىر خىلىدا ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ كىتىپسىزغۇ،،،ئولتۇرىشىڭىز ئىسسىقتىنىمۇ سوقتىنىمۇ؟؟دىگەن ئۇ جېنىمدىن بۇ جېنىمغا ئۆتىدىغان سېسىق گەپنى ئاڭلاپ ئاندىن ئىسىمگە كەلدىم.
-ناخشا ئاڭلىمىدىم،قىزارغان، ئۇمچەيگەن ھالدا جاۋاپ بەردىم ،ئەمىليەتتىمۇ ناخشا توختاپ قالغىلى خېلى بولغانىدى،
-قاچان پۈتىدۇ ،(ئۇففف تاس قالدىم "نىمە "دەۋەتكىلى )،. يا خۇدا مىنى  .ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن .
-مانا  ھازىرلا، 
-زادى قاچان ،
-ئاللا ئابلەتجان ئاكا بۇنداق ئالدىراتماڭچۇ،مەن پۈتكۈزۈپ بىرىمەن دىدىمغۇ،كۆزلىرىمدە ياش لىغىرلاپلا قالغاندى،تىزلىك بىلەن يەرگە  قارىۋالدىم،
-بۈگۈن پۈتمىسە زادى بولمايدۇ ،كەچتە كودىنى يازىمىز ،تىزراق بۇلۇڭ، 
-ھە ماقۇلە ،
- مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە ؟ يا  بىر  ئىش  بولدىمۇ ؟
-ياقەي  ھىچنىمە بولمىدىم ،،بېشىمنى كۆتىرىپ ياش ئويناقشىپ تۇرغان كۆزلىرىم بىلەن يالغانلاردىن ئۆزەممۇ شۇنداق ئۆچ بۇپ كەتكەن شۇ سۈنئىي كۈلكەم بىلەن سەت ھىجايدىم  .
-مەن پۈتتۈرۈپ بۇلۇپ سىزنى ئىزدەي،
-ماقۇلە  ئەمىسە
     بۇرۇلۇپ كومپىيوتىرئېكرانىغا قارىدىم ،ئەتىگەن بىزنىڭ ئېنژىنېر ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىمغا  ئەۋەتكەن  ۋەزىپە ۋە ۋەزىپىنى تىزلىك بىلەن تاماملىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن دىگەن ئالاھىدە ئەسكەرتىش ماڭا قاراپ تۇراتتى ،،ئېغىر  بىر تىنىۋىتىپ ،ئىشلەشكە باشلىدىم،بىراق  بۇ  ئۆلگۈر كاللام بىر  يەرگە  كەلسە نىمە  دەي،،،كۆزلىرىم تېلفۇندا،قۇلاق تۈۋىمدە ئەتىگەنكى  كۈڭۈلسىز  سۆھبەت  كەتمەۋاتىدۇ،يەنە تېخى نەچچە كۈندىن بىرى چەككەن ئىزتىراپ ،،،يۈرىكىمنىڭ ئاغرىشى ،،راس  يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ يەنە كىلىپ شۇنچە قاتتىق،خۇددى ئوغرى چاشقانلار يۈرىكىمنى  غاجاپ تىتما كاتاڭ قىلىۋەتكەندەك ،ئېچىشىۋاتىدۇ خۇددى  مىھرىبان ئاپام كىچىك ۋاقىتلىرىمدا قاينىتىدىغان شۇ كۈچلۈك تۇزنى قۇيغاندەك،مەن مۇشۇ ھالدا قانداق ئىشلەيمەن ،بۇغۇ مەيلى كىيىنكى ھەپتە باشلىنىدىغان دەرسىمچۇ تېخى ،كاللا غىرىت -مىرىت بىر يانغا  كەتسە ھىچنىمىنى بىلگىلى بولمايدىغان بۇ مىنىڭ كەسپىمدە مەن بۇ ھال بىلەن قانداقمۇ .،.،.،ئاھ  ئاخىرىنى  مەن تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئاجىزمەن،،راسلا  بەك ئاجىز


      تۇرۇپ ئويلاپ قېلىۋاتىمەن دادام تۈگەپ كەتكەندىمۇ مۇشۇنداق بولغان بولغىيمىتىم ،قەدىردان،مىھرىبان ،ئاقكۈڭۈل ،بەش ۋاق نامازنى تاشلىماي ئۇقۇيدىغان تەقۋا،كىشلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن  ئۇماق دادام كۆز يۇمۇش ئالدىدا مەن دەل مۇشۇنداق ،. ھىسياتتا بولغاندىم ،. پۈتۈن زىمىن مىنى يۈتۈپ  كىتىۋاتقاندەك ،. ئۆزەم يالغۇز كەڭ بىپايان بوشلۇقتا  قالغاندەك ھىس قىلغانىدىم ،. ئۆزەمنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ  قويغانىدىم ،دادامنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ،جېنىم دادا،ئۇماق دادا كۆزىڭىزنى ئېچىپ ماڭا بىر قارىڭە،مىنى تاشلاپ كەتمىڭە،.سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى تېخى تۈزۈك  قىلىپ باقمىغانىدىمغۇ مەن ،ئامراق قىزىڭىزغا ،. جىگەر پارىڭىزگە بىر  قارىڭە،،دا دا دا دادادادادااااااااااااااااااا،،دەپ بۇقۇلداپ بۇقۇلداپ يېغلىغانىدىم،ئۆيدىكىلەر ھەممىسى ئالدىراش ناماز ئەپ چىقىش ئۈچۈن تەييارلىققا قۇپۇشقانلىرىدىمۇ ئۆزەمنى ئۇنتۇغان ھالدا ھاڭۋاققىنىمچە دادامنىڭ  شۇ مىھرىبان،سۈيۈملۈك قۇلىنى تۇتقىنىمچە ئولتۇرغان ھەم كۆزۈمگە دادام مىدرىغاندەك،نەپەس  ئېلىۋاتقاندەك كۆرىنىپ ،ۋاي  ئاپا،. ۋاي  ئاكا تىز كىرە ،.دادام تىنىۋاتىدۇ دەپ توۋلاپ  قورودىكى بارلىق ئادەمنى يۈرىكىنى ئىزىۋەتكەن ئىدىم ،.(ياتقان يىرى يەتتە جەننەتتە بولسۇن ئامىن)لىكىن ئۇلۇغ ئاللاھ ئېگەم ئالىدىغان ئامانىتىنى ئاللىقاچان ئېلىپ بولغانىدى،،،،ئەنە شۇنداق قىلىپ يىتىملىك كۆچىسىغا  قەدەم بېسىپ قالدىم ،. ئۆزەممۇ سەزمىگەن بىلمىگەن ھالدا،دادامدىن ئايرىلدىم ،. بوينۇم قىسىلدى،.،لىكىن ئۇ مىنى تاشلاپ  قويمىغان ئىدى ،ماڭا باشپاناھ بولدىغانلىقىنى ،دادامنىڭ ئورنىدا ماڭا دادا بولدىغانلىقىنى ،. بىر ئۆمۈر ماڭا ۋاپادار بولىدىغانلىقىنى ئېيىتقان ،.،ئەجىبا  بۇ قۇرۇق ۋەدىمۇ ،.ياق ،. ئۇنداق ئەمەس  ئەمىسە  نىمە~~!دادامدىن ئايرىلىپ قالغاندىكى ئازاپنى ئۇ ماڭا بىلىندۈرمەي كەلگەنىدى  ،. بىراق ئەمىدىكى ئۇنىڭدىن  ھاياتىمدىكى  ئىككىنچى بىر مۇھىم ئادەمدىن ئايرىلىپ قالغاندىكى بۇ ئېغىر ئازاپنى ماڭا كىم بىلىندۈرمەيدۇ~!
       مەن راسلا  ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟،مەن ئەسكى قىز ئەمەسقۇ،،ھەممىسى مىنى ياخشى دىيشىدۇ،شۇ كەمگىچە بىرىنىڭ مىنى ئەسكى دىگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ،.،ئەمىسە نىمىشقا.؟كىچىك بالىدەك مىجەزىم بولغانلىقى  ئۈچۈنمۇ؟جېق ئىش  بىلىپ كەتمىگىنىم ئۈچۈنمۇ؟ساددا ھاڭۋاقتىرەك بولغىنىم ئۈچۈنمۇ؟ھىيلىگەر ئەينولۇقنى قاملاشتۇرۇپ  قىلامىغنىم ئۈچۈنمۇ؟سىنىپىمدا بىردىنبىر قىز بالا بولغىنىم ئۈچۈنمۇ؟كۈنۈمدە بەش ۋاق نامازنى تەرك  قىلماي ئۇقۇپ،ئۇنىڭغىمۇ دائىم دەپ بېشىنى ئاغرىتقىنىم ئۈچۈنمۇ؟ياغلىقنى ئوراپ چىگىپ ئەۋرەتلىرىمنى يېپىپ يۈرىيدىغان كىيىملەرنى كىيگىنىم  باشقا قىزلاردەك مودا قوغلاشمىغىنىم ئۈچۈنمۇ؟  ياق ياق ،.  ئۇ دەل مەندەك  قىزنى ياخشى كۆرەتتىغۇ…بۇرۇنقى قىز دوستىدىن مىڭ ياخشى ئىكەنلىكىمنى ئېيىتقانتىغۇ ،. ،ئىمانىمىز بىلەن ئىتقادىمىز بىلەن بىرلىككە كەلمەكچى بولغانتۇققۇ؟ راس مەن ئۇ قىزدەك يامان ئەمەس،ئۆزەممۇ ھىس قىلىپ تۇرۇپمەن ،ئۇ قىزغا ھەرگىز رەقىپ بولامايمەن ،تىرىق قىلىپ  بولغىچە ،دىرىڭڭىدە چۈچۈپ تۇرىدىغان مەندەك قورقىنچاق قىز بالا ئۇ قىزغا قانداقلارچە رەقىپ بولالاي،،،،ئۆز ۋاقتىدىمۇ ئاشۇ ھاماقەتلىكىمدىن ،شۇ قورقۇنچاقلىقىمدىن ھەممىنى خۇدايىمغا قۇيۇپ،ئۆزەم جان جېنىمدىن ئەزىز كۆرگەن شۇ ئەڭگۈشتىرىمنى ئۇنىڭغا قوش قوللاپ  بىرىۋەتكەن ئىدىم . كىيىن خۇدايىمغا نالىلىرىم يىتىپ ئۇنىڭ مۇھاببىتىگە نائىل بولدۇم ،. ئۇقۇشۇم تۈگىسە تويمۇ قىلماقچى بۇلۇشتۇق،،ئاخرى بەختىمنى تاپتىم ،.مۇشۇ يولدا  ھالال ياشاپ ھالال  بىرلىككە كىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە  تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك  بۇ قىز بالىنىڭ پەيدا بۇلىشىنى قانداق قىلاي،. ئۇنىڭدىن بۇدا راس  ئايرىلىپ قالامەنمۇ ،ئۇ ئىرادىسىزلىك قىلامۇ،ئەقىدەمنى مۇھاببىتىمنى يەنە بىر قېتىم خارلىققا قويارمۇ،،،؟  ئىسىت ئىسىت،،ئۆزەمنى كاچاتلىغۇدەك بۇلۇپ كىتىۋاتىمەن شۇ تاپتا ھۇشىڭىزنى تېپىڭ بولامدۇ؟ مىنىڭ بۇ ئاجىز يۈرىكىم يەنە بىر قېتىملىق ۋاپاسىزلىقنىڭ زەربىسىگە  بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ،،،

      شۇ تاپتا ئاپامنى  بەكلا  سېغىنۋاتىمەن،بۈگۈن ئاخىرى كۈن كەچ بولدى ،. بىراق بەكمۇ تەستە ،. ئۇنىڭ ۋاقىت بىرىڭ دىگىنى بۇيچە ۋاقىت  بەردىم جاۋابىنى كۈتىۋاتىمەن .بۈگۈنكى بىر كۈنۈم  ئۆزەم خالىمغان ھالدا مۇشۇنداق ئەھمىيەتسىزلا ئۈتۈپ كەتتى،.، 


مەنبە:ئۆز قەلىمىم
تېما تەستىقلىغۇچى : Musallas
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-27, 09:07
-سىز كۆرۋاتقان تىما مىنىڭ بىر كۈنۈم,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
قىلىچنىڭ بىسىدا ئېچىلغان رەيھان ،
       بەرگىدىن تامچىپ تۇرار ئىسسىق قان~!
cubat
مېنىڭ سۆيگۈنۈم...
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6587
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 89
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە89دانە
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 273 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 158(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-17
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:27

ئادەمنى ھەر كويلارغا سالىدىغىنى يەنىلا تۇرمۇش.

خۇشالىققا، بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدىغان ئادەم يوق، بىراق بەخىتنىڭ قولغا كەلمىكى، بەخىت تۇيغۇسىنى ئۇزۇنغىچە سۈرمەك ئاسان ئەمەس.

بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى ئىش، مۇھەببىتىڭىزنى نىكاھىڭىزنى سىنايدىغان ياخشى پۇرسەت،،، بۇ پۇرسەت سىزنىڭ كېيىنكى تېخىممۇ بەخىتلىك ھەم مۇھەببەتلىك ئائىلىڭىزنى ئۇلى...
سىزدە نىمىشقا ئۇنداق يۈرەك يوق، بۈگۈندىن باشلاپ يۈرەكلىك بۇلۇڭ...
سىز ئۈزىڭىز ئۈچۈنلا ياشىمايسىز...سىز ھەمىنى بىلىسىز...سىز ھەممىنى قىلالايسىز ...
غەيرەت قىلڭ... مەن سىزنىڭ بەخىتكە تولغان، غەلبە قۇچقان مۇھەببەتلىك ھېكايىڭىزنى ئاڭلاشنى خالايمەن...
قىپقىزىل گۈللەر ئېچىلالايدىغان كۈنلەرگە ئاشىقمەن.
Tomoquk
دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2382
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 770
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە770دانە
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 486 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 440(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-10
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:54

شالللاق بىرسى سىزنى ئازاپقا دۇچار قىلالمايدۇ،ئۆزىڭىزگە مۇھەببەىتىڭىزگە ئىشىنىڭ،مۇنداق كىچىك سىناققا بەردەشلىق بىرەلمىگەن مۇھەببەتنى يىراق يىراققا چۈرىۋىتىڭ......گەرچە ئازاپلىق سىغىنىشقا دۇچار بولسىڭىزمۇ.......
ئۇماق
شۈكرى ئاللاھ~!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2000
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 856 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 202(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:04

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  cubat كە 2010-08-27 05:27 PMئەۋەتىلدى  :
ئادەمنى ھەر كويلارغا سالىدىغىنى يەنىلا تۇرمۇش.

خۇشالىققا، بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدىغان ئادەم يوق، بىراق بەخىتنىڭ قولغا كەلمىكى، بەخىت تۇيغۇسىنى ئۇزۇنغىچە سۈرمەك ئاسان ئەمەس.

بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى ئىش، مۇھەببىتىڭىزنى نىكاھىڭىزنى سىنايدىغان ياخشى پۇرسەت،،، بۇ پۇرسەت سىزنىڭ كېيىنكى تېخىممۇ بەخىتلىك ھەم مۇھەببەتلىك ئائىلىڭىزنى ئۇلى...
.......

  توغرا دەيسىز ،. مەن چۇقۇم تىرىشىمەن ،ئاللا خالىسا ياخشى ھىكايىلىرىم مەيدانغا كىلە~~~~~~!
قىلىچنىڭ بىسىدا ئېچىلغان رەيھان ،
       بەرگىدىن تامچىپ تۇرار ئىسسىق قان~!
ئۇماق
شۈكرى ئاللاھ~!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2000
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 856 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 202(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:06

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  Tomoquk كە 2010-08-27 05:54 PMئەۋەتىلدى  :
شالللاق بىرسى سىزنى ئازاپقا دۇچار قىلالمايدۇ،ئۆزىڭىزگە مۇھەببەىتىڭىزگە ئىشىنىڭ،مۇنداق كىچىك سىناققا بەردەشلىق بىرەلمىگەن مۇھەببەتنى يىراق يىراققا چۈرىۋىتىڭ......گەرچە ئازاپلىق سىغىنىشقا دۇچار بولسىڭىزمۇ.......


مەن دەل سىز دىگەندەك قىلالماسلىقىمدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن ،،بەكلا ،.،
قىلىچنىڭ بىسىدا ئېچىلغان رەيھان ،
       بەرگىدىن تامچىپ تۇرار ئىسسىق قان~!
قوشاق
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5514
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 434
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە434دانە
ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1689 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 448(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:09

مېنىڭ بۈگۈنكى بىر كۈنۈم بەلكىم يېڭى بىر باشلىنىش بولۇشى مۇمكىن (سەلبىي جەھەتتىن).
كەلدى باھار يامغۇرى ،
قوشاق توقۇسام دەيدۇ .
ئىسمىدۇر ئابدۇمىجىت ،
خۇشال يايرىسام دەيدۇ .

چ چ : 975642745
teklimakan
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 278
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 904
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە904دانە
ياخشى باھا: 119 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4338 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 295(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 22:32

ھاياتنىڭ تەقەززاسى......... بەزىلەر ئانىسىنى سېغىنىدۇ، بەزىلەر يارىنى!