تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن ! 
 +Xb )bfN  
(مېڭبىر كىچە)
سەن ئۆچمەس چىراق ، تۈن قوغلايدىغان ،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن !
سەن ئىللىق باھار ، كۆن چىللايدىغان،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن !
 
سەن ئالتۇن بۈشۈك ، جان بۈلەيدىغان ،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن !
سەن مەزمۇت تۈۋرۈك ، روھ يۈلەيدىغان.
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن !
 
ئىسمىڭدۇر بىر زات  ،  نامىڭ ئالەمچە،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن !
ئىسىلدۇر ئىسىل ، پەزلىڭ ھاتەمچە ،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن !
 |7ga9  
(گەرچە مىنىڭ بىر نەرسە يېزىشىمنى ئانچە قوللاپ كەتمىسەڭمۇ ، كەچۈر جېنىم ، بۈگۈن سۈكۈت قىلالمىدىم !؟)