مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 227 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۈشۈك تەگكەن غۇنچە(ھېكايە)
پادىشاھ
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 27
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 129
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە129دانە
ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2362 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 59(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 14:08

0 ئۈشۈك تەگكەن غۇنچە(ھېكايە)

كېچە،ئاي جامالىنى قارا بۇلۇت بىلەن قېلىن چۈمپەرپەردە قىلىپ يېپىۋالغان.يۇلتۇزلار تولىمۇ شالاڭ،ھەيۋەتلىك ئاسمان گۈمبېزىنىڭ ئۇيەر-بۇيېرىدە غۇۋا جۇلالايتتى...بۇ كىچىككىنە يېزا ئەتىراپىدىكى يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى باراقسان ئۆسكەن سۆگەت،مەجنۇنتال،سۇۋادان،جىگدىلەر،غۇۋا ئاي نۇرىدا قارىيىپ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. FR4QUk  
ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغان بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ،بالىنىستتا پەقەت ئۈچلا كىشى بىمارغا تەلمۈرۈشۈپ تۇرۇشاتتى.بىمار ئاغرىق ئازابىدىن   ئىڭرايتتى .نېمىدىندۇر ئەنسىرىگەندەك ئەتراپقا سەپ سېلىپ قارايتتى،ھەم گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللىتەتتى.ئۇ بۇ جاھاندىن موشۇنداقلا كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتامدىغاندۇ؟ياكى باشقا بىرەر ئىشتىن ئەنسىرەۋاتامدىغاندۇر؟بىلىپ بولمايتتى،ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپلا قەلبىنۇر! قەلبىنۇر دەپ چاقىرىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ گۈلدەك چىرايلىرى ئاللا بۇرۇن ساماندەك سارغايغان بولۇپ لەۋلىرى كۆكىرىپ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەندى،بىلەكلىرى گويا كىچىك بالىنىڭ بىلىكىگىلا ئوخشاپ قالغاندى. mD0f 
_بىمارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئېيتىدىغان سۆز بارئىدى،بۇغداي ئۆڭ،قارا قاش،قۇرساقلىرى سەل ئالدىغا پومپىيىپ چىققان،30نەچچە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان دوختۇر دىدى بالنىستىكىلەرگە.چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئاق پىشماق،ئوتتۇرا بوي،چېچېىنى ئىككى تال ئۆرۈۋالغان،يارىشىملىق كىيىنگەن،قوي كۆزلۈك،چىرايىدىن مېھرىبانلىقى چىقىپ تۇرىدىشدن 40ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان سارىخان ھەدە بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاستىغىنە دوختۇرنىڭ كەينىدىن چىقتى. foF({4q7b^  
_سىز بامارنىڭ نېمىسى بولىسىز؟ >WQMqQ^t@  
_قوشنىسى بولىمەن. 6YLj^w] %  
_ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىچۇ؟ 3kIN~/ 
_بىچارىنىڭ يولدىشى بەش يىل بۇرۇن بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغاندى.دۇنيالىقتا  12ياشقا كىرگەن قىزىدىن بېلەك ھېچكىمى يوق،نەۋرە ئىنىسى بۇ جايدا ئەمەس سىرتتا ئوقەت قىلىدۇ.دىدى جاۋابەن سارىخان ھەدە. ZaDyg"Tw+  
_قىزىچۇ؟ B^Nf #XN(  
_بالا ئۈچ ئايدىن بېرى ئانىسىغا قارايمەن دەپ بەك چارچاپ كەتتى،شۇ تۈپەيلى ئاخشام ئۇنى قىزىم ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن بىزنىڭكىگە ئېلىپ كەتكەندى.بۇ گەپلەردىن كېيىن دوختۇر  بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىۋالغاندىن كېيىن سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ. }=UHbU.n~!  
_تولىمۇ ئەپسۇس بىمارنىڭ كېسىلى پىشىپ قالدى، ۋاقتىدا ئائىلىسىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىر مىسەڭلار  بولمايدۇ دىدى، ئەپسۇسۇلانغان ھالدا. t?ZI".>  
_نىمە ؟سارىخان ھەدە قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەن قىياپەتتە قايتىلاپ سورىدى. U;V7 u/{  
_شۇنداق كېسىلى پىشىپ قالدى. S)k*?dQ##R  
_ئامال بولماسمۇ؟ 3yY}04[9<  
_ئامال يوق .كەچۈرىسىز دىدى دوختۇر كەسكىنلىك بىلەن. سارىخاننىڭ كۆز ئالدىدا چاقماق چېقىېاتقاندەك سېزىم پەيدا بولدى شۇنۇڭ بىلەن كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى ئىختىيارسىز چۈشۈكە باشلىدى.نېمىشقىدۇر دوختۇرنىڭ كۆز چاناقلىرىمۇ نەملىشىشكە باشلىدى.سارىخان ھەدە كۆز ياشلىرىنى سۈرۈتۈۋەتكەندىن كېيىن سىرتقا چىقتى-دە،قول تېلىفونىنى ئېلىپ ئائىلىسىگە تېلىفون قىلىشقا باشلىدى. D>@I+4{p  
-قىزىم قەلبىنۇرنى ئېلىپ دەرھال دوختۇرخانىغا كەلگىن،ھە!راست 2000سوم ئالغاچ كەل تېز بول.دىگىنىچە بالنىستقا كىرىپ كەتتى.ئۇ كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ. Z!#!Gu*V  
-مېھرىنىسا سىز خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىز، چىرايىڭىزمۇ خېلى ياخشى، بىراق سەل كەمماغدۇر دەيدۇ دوختۇر سىزنى. -p&" y3<p  
شۇڭلاشقا بىزنىڭكىگە  بېرىپ بىر  نەچچە كۈن ئارام ئالىغاندىن كېيىن يەنە كېلىدىغان بولدۇق.دىدى كۈلۈمسىرىگەن قىيپەتتە.مېرىنىسامۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىۋاتقاندەك كۈلۈمسىرەپ  قويدى.سارىخان ھەدىنىڭ قىزى ھايال ئۆتمەستىنلا قەلبىنۇرنى ئەگەشتۈرۈپ دوختۇرخانىغا پەيدا بولدى.قەلبىنۇر ئانىسىغا تويماي قارايتتى،تىنماي پۇت-قوللىرىنى تۇتاتتى... =wHVsdNCN  
مېھرىنىسا سارىخان ھەدىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ چىقىلدى.يولدىشى بىلەن ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرگەچ يىراق -يېقىنغا خەۋەر قىلىشقا باشلىدى.شۇ قاتاردا مېھرىنىسانىڭ نەۋرە ئىنىسى ئابدۇللا ھاجىغىمۇ تېلىفون قىلىپ ئۈلگۈردى . yAs> {6%-  
ئابدۇللا مېھرىنىسانىڭ دادىسىنىڭ ئىنىسى قاسىم ئاخۇننىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى ئىدى، ئۇ دادىسىنىڭ بارىدا بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتماي ئويۇن-تاماشا بىلەن ئۆتتى .دادىسىنىڭ ۋاپتىدىن كېيىن ئۇ تۇيۇقسىزلا بۇ چەت ،خىلۋەت يېزىدىن غايىپ بولۇپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن يەنى بۇلتۇر كەلگەندى .ئۇ بەللىرى تال چىۋىقتەك ،چېقىر كۆزلۈك ،بۈدرە چاچلىق بىر ئايالنى باشلاپ كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ ماشىنىسى يېزىغا كەلگەندە پۈتۈن يۇرت ئەھلى ھەيرانلىق ئىچىدە يۇقۇرىدىن خىزمەت تەكشۈرۈشكە كادىرلار كەلگەن چېغى دەپ ھەيران قېلىشقانىدى.ئۇ تولىمۇ باي كۆرۈنەتتى.ئېيتىشلارغا قارىغاندا يۇرتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ،تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىپ ئۆي-ئوچاقلىق بولغان ھەمدە ھەجگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلگەنمىش.ئۇ نەۋرە ھەدىسىنى،يۇرتنى سېغىنغانلىقى تۈپەيلى ئالاھىدە كەلگەنلىكىدىن  يۇرت-جامائەت مەمنۇن بولۇشقان شۇنداقلا ئۇنى ئابدۇللا "ھاجىم"دەپ ئاتاشقاندى.مېھرىنىسانىڭ يەرلىكى كولىنىپ تەييار قىلىنىپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمۇ پۈتۈپ قالدى ئۇنىڭ ھالى بارغانچە پەسلەۋاتماقتا ... o\ 
مانا ئابدۇللا ھاجىممۇ يېتىپ كەلدى نەۋرە ھەدىسنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردارمۇ بولدى ،ئۇ ھەدىسىگە قىيمايۋاتقاندەك بىر قەدەممۇ ئۇنىڭ يېنىدىن نېرى بولمايتتى .ھە دىگەندىلا قەلبىنۇرنىڭ باش-كۆزلىرىنى سىللايتتى، dvx#q5f_S  
ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتى ھاجىمنىڭ ئايالىمۇ نىمە دىگەن ئوماق قىز بۇ ؟دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتى شۇنداقلا قەلبىنۇرنىڭ كۆڭلىنى ياسىماقتا ،تەسەللىي بەرمەكتە... # E^1|:  
تۈن نىسبىي بىلەن مېھرىنىسا قازا قىلدى. _476pZ_  
_جېنىم ئاپا مىنى تاشلاپ كەتمەڭ !مەنمۇ سىز بىلەن كېتەي ئەمدى مەن دادا -ئانا دىگەننىڭ ئاغزىغا قاراپ قالىدىغان بولدۇم.ئاھ خۇدا ئاپامنى قايتۇرۇپ بېرىڭ ،كۆزىڭىزنى ئېچىڭ ئاپا ،جېنىم ئاپا مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي بولامدۇ؟ئاپامنى نەگە ئېلىپ بارىسىلەن؟مەنمۇ بىرگە باراي ئاپامنىڭ يۈزىنى ئېچىڭلار مەن بىر قېتم كۆرۈۋال، tr3! d_  
سارىخان ئاپا ئۆتۈنۈپ قالاي يۈزىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىڭلارچۇ كۆرۈپ ئالاي ،سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئاھ!رەھىمسىز تەقدىر ،ئاھ خۇدا مەن نىمانداق شوم پىشانە؟ قىز ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يېغلىماقتا ھە دەپ تاۋۇتقا ئۆزىنى ئاتماقتا .قىزنىڭ بۇ ھالىدىن پۈتۈن يۇرت ئەھلى ياق پۈتۈن كائىنات لەرزىگە كەلدى سىم-سىم يامغۇر چۈشۈشكە باشلىدى قارىغاندا تەبىئەتمۇ كۆز يېشى قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئىمامنىڭ مۇڭلۇق ھەم كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېزىدىغان قىرائىتى ئاخىرلىشىشى بىلەن كىشىلەر تۇپراق بېشىدىن  قايتىپ كېلىشتى قىز ھۇشىدىن كەتكەنلىكتىن دوختۇرغا ئېلىپ كېتىلگەندى. A*R^n}sh  
ھەش-پەش دىگۈچە مېھرىنىسانىڭ يەتتە نەزىرىمۇ ئاخىرلاشتى سارىخان ھەدە . Y3cMC)  
_جېنىم ئوغلۇم. ھاجىم بالام ،مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي بۇ بالىنىڭ كۆزىدىن ياش تامچىپ قالمىسۇن!رەمەتلىك ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنى يەرگە تەگمەيدۇ .ئەسلىدە بىزنىڭكىدە تۇرۇپ چوڭ بولسىمۇ بولاتتى بۇ بالا يەپ نىمىنى يەيەتى كېيىپ نېمىنى كېيەتتى ،كۆرۈپ تۇرۇپسەن ھال كۈنىمىزمۇ يامان ئەمەس ھېلىغۇ بىر  قەلبىنۇركەن،بىر نەچچىنى بېقىپ قاتارغا قوشقىچىلىكىمىز بار ،سەھرا دىگەننىڭ ئاسمىنى كەڭرى ئېغىرىنى يەر كۆتىرىدۇ،رىسقىنى خۇدا بېرىدۇ.بىراق سەن چىڭ تۇرۇۋالغاچقىلا بىز ماقۇل بولدۇق ئوغلۇم ئۇ نەزىرىنى ھاجىمنىڭ ئايالى گۈ لنىساغا ئاغدۇدى ۋە يەنە باياتىنقى سۆزنى  تەكرارلىدى.ئارقىدىن قەلبىنۇرغا ،"جېنىم قىزىم تاغاڭنىڭ .ھەدەڭنىڭ سۆزىنى ئوبدان ئاڭلا !تىرىشىپ ئوقۇغىن ،ۋاقتىڭ يەتسە بىزگە تېلىفون قىلغىن "دىدى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا سارىخان ھەدىنىڭ يولدىشى توختاخۇن ئاكا ھاجىمنىڭ قۇلىنى مەھكەم سىققان قىياپەتتە. n QtWvT  
_ئوبدان ئىنىم بالىغا ياخشى قارا ،ھالىدىن ئوبداب خەۋەر ئالغىن ،چوقۇم مەكتەپتە ئوقۇتقىن،قىز بالا دىگەن كەلگۈسىدىكى ئانا ياخشى ئوقۇمىسا بولمايدۇ دىدى ۋە گۈلنسانى بىر چەتكە تارتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن بالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىنى ئۆتۈندى. &yTqZ*Yuk  
_خاتىرجەم بولۇڭلار ھەدە ئاكىلار بىز چوقۇم بالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمىز دىگەن ۋەدىلەرنى بېرىشتى ئىككىيلەن.شۇنداق قىلىپ خۇشلۇشۇلارمۇ ئاخىرلاشتى مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ،قېرى -ياش ھەممىسىنىڭ قەلبىنۇردىن ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى ،ئۇنىڭغا قىيالمايتتى بىراق تەقدىر شۇنداق بۇنىڭغا نمە ئامال دەيسىز.خۇشلۇش ئاخىرلاشتى ھاجىم ماشىنىنى قوزغاتتى .قەلبىنۇر كۆزلىرىگە لېققىدە ياش ئالغان ھالدا ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشى قالغان،ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن گۈزەل ماكان، سارىخان ئانا ۋە يۇرتداشلىرى ،تەڭ تۇشلىرى بىلەن خۇشلىشىپ يۈرۈپ كەتتى.سارىخان ئانا قاتارلىقلار ماشىنا كۆزدىن غايىپ بولغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ قېلىشتى. '8. r-`l(  
            گۈزەل شەھەر ئۈرۈمچى o>i4CCU+  
تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرقى ئىتىكىگە جايلاشقان گۈزەل شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ كۈز كۈنلىرىدىكى ھاۋاسى تولىمۇ سالقىن بولۇپ ،كۈز شاماللىرى كىشىنىڭ مەڭزىنى يېنىك سۆيۈپ ئۆتەتتى  كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك بىنالار كىشىگە زامانىۋىلىقنى ئەسلىتەتتى .كەڭ ۋە پاكىزە يوللار كىشىگە ئارام بەخىش ئېتەتتى،يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى چىملىقلار ،گۈللۈكلەر  كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى،بىراق گويا چۈمۆلىدەك ئايىقى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار كىشىنى بىزار قىلاتتى. k&q;JyUi  
مانا قەلبىنۇرنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگنىگىمۇ ھايت-ھۇيت دىگۈچە بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالدى ،بۇ جەرياندا گۈلنىسا خان بىلەن ئابدۇللا بالنىڭ ھالىدىن تولىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىشقا باشلىدى.كونىلارنىڭ "ئادەم سەتى ئەمەس،كىيىم سەتى"دىگىنىدەك قىز تولىمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتكەن بولۇپ پۈتۈن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا زوق-شوخ بىلەن قارىشاتتى .قىزنىڭ ئەقىللىقلىقى تىرىشچانلىقى بارچىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى قىزمۇ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا شۇ يۇرتىنى سارىخان ھەدىنى ،قۇلۇم-قوشنىلارنى ساۋاقداشلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرە گاھىنى خىيالىدىن چىقارمايتتى تۇرۇپ -تۇرۇپ قانداقتۇر بىر خىياللارغا غەرق بولۇپ كېتەتتى... 7P5)Z-K[  
ھاجىم بىلەن گۈلنىساخاننىڭ قانداق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدغانلىقى كىشىگە ئايان ئەمەس ئىدى،ئۇلار ئەتىگەن چىقىپ كەتسە كەچقۇرۇن قاتىپ كېلەتتى ،گاھىدا ھاجىم بىر نەچچە كۈنلەپ يوقاپمۇ كېتەتتى.بۇ چاغلاردا قىز گۈلنىساخدندىن . ,~$p,ALwN7  
_ھەدە تاغام نەگە كەتتى دەپ سوراپمۇ قوياتتى سەل ئەنسىرىگەندەك. I-)+bV G  
_ئىچكىرىگە مال ئالغىلى كەتتى دەپ جاۋاب بېرەتتى ئۇ سۆيۈنگەن ھالدا. sA/D]W.P  
شۇنداق قىلىپ قىزنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگىنىگىمۇ  ئىككى يىلدىن ئاشتى،قىز ئىچىدەبۇ ئۆيگە ھەر كۈنى ھەر خىل كىشىلەر كېلىپ تۇرىدىكەن ،تاغام پۇللارنى چامادانغا سېلىپ يۈرىدىكەن نىمە ئوقەت قىلىدىغاندۇر ؟مىنىمۇ دۇكىنىغا ئاپارسا بولمامدىغاندۇر دىگەندەك خىياللارنىمۇ سۈرۈپ قوياتتى.مانابۈگۈن سەھەردە ھاجىم بىلەن گۈلنىساخان مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان قەلبىنۇرغا. DE8n+Rm  
_بىزنىڭ ئىچكىرىگە بارىدىغان ئىشىمىز چىقىپ قالدى،سىز ئۆيدە يالغۇر تۇرۇپ تۇرۇڭ،مانا بۇ مىڭ سوم پۇل قالايمىقان خەجلىمەڭ تاماق يەپ تۇرۇڭ مەكتەپتىن قالماڭ بالدۇر قايتىپ كېلىڭ دەپ جېكىلەپ قويۇپ ئايرۇدۇرۇمغا يۈرۈپ كەتتى.قىزمۇ مەكتەپكە كەتتى... Uh4%}-;  
ھاجىم بىلەن گۈلنىساخاننىڭ كەتكىنىگىمۇ ئىككى ئاي بولدى بىراق ئۇلاردىن خەۋەر يوق قىز كۈندە دىگۈدەك بىر قېتىم ھاجىمغا تېلىفون قىلاتتى .ھاجىم ئەر -ئايال بولسا ئۇنىڭغا. q[ZTHd.-  
_ئىشىمىز تېخى پۈتمىدى ،ئىش تۈگىگەندىن كېيىن بارىمىز ،قورقتىڭىزمۇ ؟پۇل تۈگىدىمۇ ؟دەپ سورايتتى تېلىفوندا قىز بولسا . t]g-CW 3  
_قورقمۇدۇم ،پۇلمۇ تۈگىمىدى يەكشەنبە كۈنلىرى تاماقنى ئۆزۈم ئېتىپ يەۋاتىمەن ،بىراق سىلەردىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن دەپ جاۋاب بېرەتتى.شۇنداق قىلىپ ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار قايتىپ كەلدى.شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۆيگە كېلىدىغانلارنىڭ ئايقى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.قىز بۇنىڭدىن بەكلا ھەيراندى. !cLo> ,4  
كۈنلەر مانا شۇ تەرقىدە ئۆتۈشكە باشلىدى قىزمۇ تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى.كەچقۇرۇن مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن قىز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى .چۈنكى بىر نەچچە ساقچى گۈلنىسانى ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىپ باراتتى.قىز يۈگۈرگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە. [z\$?VJspQ  
_ھەدە بۇ نىمە ئىش دەپ سورىدى. M,,bf[p$  
_ھازىرلا كېلىمەن ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇتۇڭ دىدى جاۋابەن گۈلنىسا. wqs? 828x  
_سىلەر ھەدەمنى نەگە ئېلىپ بارىسىلە كېلىشكەن بىر ئايال ساقچىدىن سورىدى قىز يېلىنىش تەلەپپۇزىدا. NiK4d{E&  
_قورقماڭ خان سورايدىغان گېپىمىز بار دىگىنىچە ئۇنى ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى .قىز ئۆيگە كىرىپ ئۆي ئىچىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ۋە دەر ھاللا سومكىسىنى قويغاندىن كېيىن يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.ئۇ ئۆينى بىر قۇر يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇدۇل سەقچىخنا   تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.بىراق ئۇ يەنىلا ھەدىسىنى كۆرەلمىدى شۇنۇڭ بىلەن   تاغىسىغا تېلىفون قىلدى بىراق تېلىفون ئىتىكلىك بولۇپ ئېلىنمىدى .ئۇ تاكا قاراڭغۇ چۈشكىچە ساقلىغان بولسىمۇ ھەدىسى يەنىلا قايتىپ چىقمىدى .ئۇ ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن تاغىسىغا تېلىفون قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تاماققا تۇتۇندى تاماقمۇ پىشتى تاغىسىنىڭ تېلىفونى يەنىلا ئىتىگلىك ئىدى. v`x.)S1  
ئۇ تىت-تىت بولاتتى نېمىلەرنىدۇر خىايلىغا كەلتۈرەتتى.بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا سەپەر قىلغان بولسىمۇ بىراق قىز ئۆي ئىچىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقماقتا ئىدى. 6=/F$|  
دەرس باشلاندى قىزنىڭ كاللىسىغا مۇئەللىمنىڭ سۆزى كىرىمەيتتى ،تۇيۇقسىز سورالغان سۇئالدىن ھۇدۇقۇپ كەتكەن قىز سەل ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى ۋە پاتتىڭىغىچە قىزىرىپ كەتتى.دەرستىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئۇنى ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقتى .قىز بولغان ئەھۋالنى ئوقۇتقۇچىسىغا بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەردى. |O+H[;TB6  
_مېنىڭ ئاكام شۇ ساقچىخانىدا ئىشلەيدۇ مەن بىر سوراپ باقاي سىز خاتىرجەم بولۇڭ دىدى جاۋابەن مۇئەللىم .ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن  قىزنىڭ يۈرىكى سەل جايىغا چۈشكەندەك بولدى.مانا يەنە كەچ كىرىدى چوڭلاردىن خەۋەر يوق قىز يەنىلا كىرپىك قاقماي دىگۈدەك تۈننى تاڭغا ئۇلىدى. rJT a  
-قەلبىنۇر!ھەي قەلبىنۇر مەيداندا خىيال سۈرۈپ يۈرگەن قىزنىڭ بۇ ئاۋازدىن خىياللىرى بۆلۈنۈپ كەتتى ئۇ دەررۇ ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە نەزەر سالدى.ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىنا ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە دەرھاللا  شۇ تەرەپكە چاپتى. eA?RK.e  
_ئاستا-يۈگۈرۈڭ ئاستا يېقىلىپ كېتىسىز.قىز ھاسىرىغان ھالدا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.ھەدىڭىزدىن سورايدىغان گەپ بار ئىكەندۇق سوراپ بولۇپ قويۇپ بېرىدىگەن خاتىرجەم بولۇڭ دىدى قىزغا بىر قۇر  سەپ -سالغاندىن كېيىن   ئوقۇتقۇچى.ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن   ئۇ سەل خاتىرجەملىك ھېس قىلدى. FUb\e-Q=  
ئېغىر خىايللارغا چۆمگەن قەلبىنۇر ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندىن كېيىن ئىشىكنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى سەزدى-دە،يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى ،ئۇ ئۆيگە كىرگەندە گۈلنىسا كىرىسلودا ئولتۇرۇپ قانداقتۇر بىر خىياللار دېڭىزىدا پەرۋاز قىلىۋاتاتتى. X-K h(Z  
_تېچلىقمۇ ھەدە؟قاچان قايتىپ كەلدىڭىز؟بۇ ئاۋز بىلەن ئۇ سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولدى ۋە قەلبىنۇرغا سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن . RJ&RTo  
تېچلىق باياتىن قايتىپ كەلدىم دىدى جاۋابەن. 7"x;~X  
_تاغام قېنى ؟ j0aXyLNX  
_ئۇمۇ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ ؟  KC6.Fr{  
_تاغامنىمۇ تۇتۇۋالدىما؟ 9T9!kb  
_ياق ئۇ ئىچكىرىدە دىدى گۈلنىسا زورىغا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ. 3M7/?TMw{6  
ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى ھاجىمنىڭ خەۋىرى يوق قىز كۈندە دىگۈدەك ھەدىسىدىن سورايتى بىراق يەنىلا شۇ ئىچكىرىدە،ئىشى تۈگىمەپتۇ .ئىشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ دىگەندەك جاۋابلاردىن باشقىغا ئېرىشەلمەيتتى قىز.ئۇ تەشۋىشلانمەكتە ،ئەنسىرىمەكتە ئىدى.ھايت-ھۇيت دىگۈچە يېرىم يىلدەك بولۇپ قالدى يەنىلا تاغىسىدن خەۋەر يوق.مانا تەتىلگىمۇ قويۇپ بېرىلدى كەچلىك تاماقتىن كېيىن گۈلنىسا قىزغا. itP,\k7>d  
_بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ ئەتىلىككە تاغىڭىزنىڭ يېنىغا بارىمىز دىدى ئۇنىڭغا يەنە بىر قۇر سەپ -سالغاندىن كېيىن.  'KL0@l  
_تاغام نەدىكەن؟ @n /nH?L  
_گۇاڭجۇدا . ie95rZp  
_نىمە دىگەن ياخشى ھەرنىمە بولسا تاغامنىڭ قېشىغا بارغاچ ئۇ يەرنى كۆرۈپ كېلىدىغان بولدۇم قىزنىڭ گۈل -قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ۋە تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بالدۇرلا ئارام ئېلىشقا باشلىدى. ()?(I?II  
پويىز يىلان باغرى يوللاردىن ،قاقاس تاغلاردىن ،چۆللۈكلەردىن ئۆتۈپ خۇددى گېلەم سېلىپ قويغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان يېشىل كارىدورلۇققا قاراپ ئىلگىرلەيتتى ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ھەدە ئاۋۇ تاغنىڭ باغرىدىكى كەپىلەردىن ئادەم چىقىۋاتىدۇغۇ؟ئاۋۇ ئېتىز نىمانچە چىرايلىق خۇددى لەلمپەيدەكلا دىگەندەك سۇئاللارنى سواريتتى ،بۇ مەنزىلەردىن تويماي ھوزۇر ئالاتتى ۋە بىزنىڭ مەنلىكىتىمىز نىمانچە گۈزەل ،زىمىنى ھەقىقەتەنمۇ بەك كەڭ دىگەنلەرنى خىيالىغا كەلتۈرەتتى.مانا ئۇلار جىڭجۇدا پويىز ئالمىشىپ گۇاڭجۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى ... Lg.gfny[(t  
كەڭ كەتكەن ئاسفالىت يوللار ،ھەيۋەتلىك بىنالار،نەمخۇش ھاۋا ،بانانزارلىق،پاكار،پاناق ،قارامتۇق ،چىڭقىلىپ سۆزلەيدىغان كىشىلەر قىزنى تولىمۇ ھەيران قالدۇراتتى... G j?t_Zln  
ئىككىيلەن سەنيۈئەنلدە بىر مېھمانسارايغا چۈشتى،گۈلنىسا ياقاتنى تەقلەپ بولغاندىن كېيىن تاماققا چىقتى ۋە بىر كۈن كەچكىچە قىزنى كوچا ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنى كىيىم بىلەن كۆمۈۋەتكىلى تاسلا قالدى. MKk\ u9  
_مەن ئوقۇغۇچى بولغاندىن كېيىن بۇنداق كىيىملەرنى كىيسەم بولمايدۇ ھەدە دەيتى قىز. -@2iaQ(5a2  
_ھېچنىمە بولمايدۇ سىز مەكتەپتە كىيمىگەندىن كېيىن دەيتى ئۇ .شۇنداق قىلىپ كەچ كىرگىچە كوچا ئايلانغان بۇ ئىككىيلەن بىر ساتىراچخانىغا كىردى-دە،قىزنىڭ چاچ پاسۇنلىرىدىن تارتىپ ئۆزگەرتى خۇددى ھېلىلا تويى بولىدىغان كېلىندەك ياسىۋەتتى قىزنى.قىز ئەينەككە قارىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ نەقەدەرمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە سەل خىجالەت بولغان ھالدا. JFmC\  
_ھەدە مەن بۇنداق ياسانسام قانداق بولىدۇ دىدى. .2t4tb(SUw  
_ھېچنىمە بولمايدۇ مەكتەپەكە بارغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىدەك ياسىنىسىز دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇ. GL}]y -f  
_سىز بەك ياخشى جۇمۇ ھەدە مەن سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى قاچانمۇ قايتۇرۇپ بولارمەن دىدى قىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن. +TL%-On  
_ئۇنداق قىلىشىڭىز ھاجەتسىز سىز دىگەن بىزنىڭ بالىمىز دىدى گۈلنىسا.قىز ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ھاياجان ياشلىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى . ~G&dqw/.-U  
_يېغلىماڭ ئەخماق قىز،يېغلىسىڭىز سەتلىشىپ كېتىدىكەنسىز. C.-,^+t;g  
قىز كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ ، d7 y[0 
_تاغامنىڭ يېنىغا قاچانلىققا بارىمىز دەپ سورىدى . f Tec  
_كەچ قۇرۇن ئۇ ھازىر باشقا جايدا ئىكەن. #zs~," dRv  
ئەمدى گەپنى ھاجىمدىن ئاڭلايلى ئۇنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ ،قانۇن تورىغا چۈشۈپ باقمىغان بولۇپ شۇ جەرياندا ئىچكىرىدە گۈلنسا بىلەن تونۇشۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندى.شۇندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئوقىتى چوڭلاپ نۇرغۇن پۇل تاپقان بولسىمۇ بىراق يەنىلا شۇ ئوقەتتىن  قول ئۈزمەي كېلىۋاتاتتى،"قاشقا سانىساڭ كۆزگە،كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە"دىگەندەك ئۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىغان ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايتتى ھەم ئويلاشقىمۇ قادىر ئەمەس  چۈنكى ئۇنىڭ روھى قاراىداپ كەتكەندى.يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا يەنى گۈلنىسانى ساقچىلار تۇتۇپ چىقىپ كەتكەن كۈنى ئۇ خىرويىن بىلەن قولغا چۈشكەندى.ئۇ قەلبىنۇرغا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەممە جىنايەتنى ئۆز  بوينىغا ئالغان شۇنداقلا ئۇنىڭ بەدىلىگە گۈلنىسانىڭ قەلبىنۇرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى كۆزلىگەن ھەتتامۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن  بۇ ئىش توغۇرلۇق گۈلنىسا بىلەن پۈتۈشكەندى.  
كەچمۇ كىردى گۈلنىسا بىرى بىلەن تېلىفوندا پاراڭلىشىۋاتاتتى ئۇ قارشى تەرەپكە . 'H>^2C iM  
_مېنىڭ ئەكەلگىنىم جىڭ مال 100مىڭدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ دەيتى. ? OM!+O  
_بەك يۇقۇرى باھاكەن بۇ ،نۆۋەتتە بازاردا ئېقىۋاتقىنى 50مىڭ يۈەندىن يۇقۇرى ئەمەس،سىز بىرەر پەرىشتىنى ئېلىپ كەلمىگەنسىز؟دەيتى قارشى تەرەپ. 9cF[seE"0  
_پەرىشتىمۇ نىمە كۆرگەندە بىلىسىز مەن دىدىمغۇ ئۇ دىگەن پېچىتى بۇزۇلمىغان مال،ھازىر ئۇنداقلارنى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقۇرى يىللىقىدىنمۇ تاپالمايسىز جۇمۇ؟ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىسىڭىز مەن ئۇنى قار  خوجايىنغا ئۆتكۈزىۋېتىمەن.ئالدىنقى قېتىم ماڭا تېلىفوندا مال تېپىپ بېرىشىمنى يەنى چوقۇم ئۇيغۇر بولۇشىنى تاپىلىغاندى.دىدى-دە تېلىفوننى قويۇۋەتتى ،تېلىفون يەنە ئۇلاندى قارشى تەرەپ ئۇنۇڭغا. IEi^kJflU  
_مەن تېخى ياق دىمىدىمغۇ،نىمانداق قىلىسىز ؟دىدى  ئاچچىق ئارىلاش. /,yd+wcW#  
ئەمىسە ئىنجىق-مىنجىق قىلماي گەپنى ئۈزىۋەتمەمسىز ئەر كىشىمۇ سىزدەك بولامۇ ؟بىر ئايال كىشى بىلەن باھا تالىشىپ دىدى ئۇ. 7n<{tM  
_بولىدۇ شۇنداق پۈتۈشتۇق ئەمىسە،ئەگەر مەن ئويلىغاندەك بولمىسا باھاسىى ئۇنداق بولمايدۇ جۇمۇ ؟ 7JH6A'&  
_بولىدى ئەمىسە مەن ھازىرلا ئۇنى يېنىڭىزغا باشلاپ باراي. Yj49t_$b  
_فۇلىخۇا مېھمانسارىيىنىڭ 33قەۋەت 3310ياتاققا كېلىڭ خەير-خوش . C&%_a~  
قەلبىنۇر ياتاقتا قانداقتۇر خىياللار بىلەن مەشغۇل ئىدى ،كۆڭلىدە تاغام قاچانلىققا كېلىدىغاندۇر؟ئۇ مىنى كۆرسە نىمە دەپ قالار؟ tyFzSrfc  
_بۇنداق كېيىملەرنى كىيمەڭ ،نىمانداق ياسىنىۋالدىڭىز دەپ كايىپ كېتەرمۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ھەدىسىنىڭ قايتىپ كىرىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.تاراق قىلىپ ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇ خىايلار دېڭىزىدىن قايتىپ كەلدى ۋە كۈلۈمسېرىگەن ھالدا. %tGO?JMkd  
_ھەدە تاغام كەپتۇمۇ دەپ سورىدى. oG\Vxg*  
_ھەئە قايتىپ كەپتۇ يۈرۈڭ ھازىرلا ئۇ چۈشكەن ياتاققا بارىمىز دىدى ھەم ئۇنى باشلاپ مېھمانسارايدىن چىقىپ كەتتى. -Q*gW2KmV  
ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بۇ ئىگىز قۇرۇلۇش تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى ،دېرىزىلەردىن كۆرۈنۈۋاتقان چىراغ يورۇقى بەئەينى يۇلتۇزلاردەك چاقنايتى.ئىككىيلەن لېفىتتىن چۈشۈپ بىردەمدىلا 33-قەۋەتتىكى 3310ياتاقنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى-دە،گۈلنىسا ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ   50نەچچە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان چاچلىرى قارا رەڭدە بويالغان،بۇغداي ئۆڭ،ئوتتۇرا بوي،ساقاللىق بىرى چىقىتى ۋە. XRi8Gpg  
_قېنى خانلار ئىچىكىرىگە مەرھەممەت دىگىنىچە ياتاققا  تەكلىپ قىلدى،قىزىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ كىشى ئۇنىڭ تاغىسى ئەمەسدى،ئۇ سەل تەشۋىشلەنگەن ھالدا ياتاققا كىرىدى.ئىككى ئېغىزلىق بۇ ياتاق ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بولۇپ كىشى يەرگە دەسسەشتىنمۇ ئەيمىنەتتى ،قىز سەل قورۇنغان،تەشۋىشلەنگەن ھالدا گۈلنىسانىڭ بېقىنىدا يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئولتۇردى.ھېلىق كىشى بولسا ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەيتتى تۇرۇپ -تۇرۇپ كالپۇكىنى يالاپ قوياتتى.ھاجىم ئىككى بوتۇلكا سوغۇق ئىچىملىكنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى .گۈلنىسا بىرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قىزغا تۇتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن يەنە بىرنىڭ ئاغزىنى ئاچتى-دە،غورتۇلدۇتۇپ ئىچكەچ قىزغا تارتىنماي ئىچىڭ بۇ ھاجىم داداش تاغىڭىزنىڭ دوستى بولىدۇ تاغىڭىز سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ ھازىرلا قايتىپ كېلىدۇ دىدى. _Fl9>C"u  
قىز  خاتىرجەم بولغان ھالدا قولىدىكىنى ئىچىشكە باشلىدى.ھېلىقى ھاجىم بولسا ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەتتى ۋە بېشىدىن ئۇچىغىچە سەپ سالاتتى. Y$_B1_  
_سىز جىمدەك ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ بىزنىڭ ئازراق پاراىڭىمىز بار سىرتقا چىقىپ كېلەيلى ،ئۇنۇڭغىچە تاغىڭىزمۇ كېلىپ قالار دىدى قىزغا گۈلنىسا ۋە ھېلىقى كىشى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى.قىز ئۇلارنىڭ شۇنداقلا مېھرىبان تاغىسىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندا ئىشىك يەنە تاراققىدە قىلىپ ئېچىلدى ۋە ھېلىقى ھاجىم يالغۇز قايتىپ كىرىدى. DvvK^+-~  
_ھەدەم قېنى سورىدى قىز ئۇنىڭدىن. :$c |  
_ھازىرلا كېرىدۇ،ھە راست ئىسىمىڭز  كىم بولىدۇ سورىدى ھاجىم. ~c `l@:  
_قەلبىنۇر دىدى قورۇنغان ھالدا قىز. zrb}_  
_مىنىڭ ئىسىمىم ئابلەت ھاجىم بولىدۇ مىنى بۇندىن كېيىن ھاجىم دەپ چاقىرسىڭىز بولىدۇ دىدى جاۋابەن ئۇ.ئارىدىن بىرەر سائەتچە ۋاقىت ئۆتتى گۈلنىسا تېخچىلا قايتىپ كىرمەيتتى ،تەشۋىشلەنگەن قىز ئورنىدىن تۇردى ۋە سىرتقا قاراپ مېڭىشقا تەمشەلدى. e9 B0 64  
_نەگە بارماقچى خانقىز ؟ئۇيان -بۇيان مېڭىپ يۈرمەي مېنىڭ قېشىمغا كەلسىلە دىگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ ئارقىغا قارىدى قىز ۋە 5\ nAeP  
_ھەدەم كىرمەيۋاتىدۇ قاراپ باقاي دىگەن دىدى جاۋابەن. sPIn|d  
_ھەدىلىرى ئەمدى كىرمەيدۇ ،ئۇ ھازىر بارىدىغان جايىغا بېرىپ بولدى .بۈگۈندىن باشلاپ سېلى ماڭا تەۋە مەن نىمە دىسەم شۇنى قىلسىلا بولمايدىكەن ياخشىلىق يوق دىدى ئۇ ھېجايغان قىياپەتتە. iH@UTE;  
_نىمە ھەدەم كىرمەمدۇ ؟ 9%9#_?RW  
_شۇنداق . RA L~!"W  
_ئۇ مېنى تاغامنىڭ يېنىغا ئاپىرىمەن دەپ بۇ يەرگە ئەكەلگەندى دىدى قىز بىچارىلەرگە . P*j|.63  
_مانا مەن سىلىنىڭ تاغىلىرى شۇ .قىز ئىشىك تەرەپكە يۈگۈردى بىراق ھاجىم ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قاتتىق بىرنى سېلكىدى قىز يېقىلىپ چۈشتى .قارىغاندا "ھۆرمەت شاربىنى ئىچمەي جازا شارابىنى ئىچىدىغان" ئوخشايلا ئەسلى سېلىدەك گۈزەل خانقىزغا قوپاللىق قىلغۇم يوق ئىدى،بىراق ماڭىمۇ ئامال بولمايدىغان ئوخشايدۇ .بىلىپ قويسىلا مەن سېلىنى تاراق -تارق پۇلدىن 100مىڭ سومنى ساناپ يۈرۈپ سېتىۋالدىم.ئەمدى تەقدىرگە تەن بەرمىسىلە بولمايدۇ خانقىز دىگىنىچە قىزنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭ قولىدىن  تارتقىنىچە ئىچكەركى ئۆيگە سۆرەپ  كىردى ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ كارىۋاتقا تاشلىدى.قىز ئالا-توۋا ئادەم بارمۇ قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىدى بىراق ھېچكىممۇ ئۇنى قۇتقۇزۇشقا كەلمىدى. Q=$2c[Uk  
شۇنداق قىلىپ بۇ قاۋان قىزغا تاشلاندى قىز قارشىلىق قىلدى،ھەتتا قاۋاننىڭ قولىنى چىشلەپمۇ ئالدى بىراق بىچارە مەسۈمە قانداقمۇ ئۇ قاۋانغا تەڭ كېلەلىسۇن دەيسىز ،ئۇنىڭ كىيىملىرى يىرتىلدى،تەستەكلرىگە شاپىلاقمۇ تەگدى ئاخىرى ئۇ قاۋان بىچارە مەسۈمەنى ئاياق ئاستى قىلدى .قىزنىڭ جان يېرى زىڭىلداپ ئازرىشقا كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى.نەپسىنى قاندۇرغاندىن كېيىن بۇ قاۋان قىزنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ پۇت -قوللىرىنى باغلاپ قويدى.مانا شۇنداق قىلىپ بۇ بىچارە مەسۈمە قاباھەتلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولدى. ئادەم قىلىپىدىن چىققان  بۇ ھايۋان ئۇنى كۈندە باغلاپ قويىدىغان بولدى. w}L[u r;I_  
ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى قىز گەرچە قېچىپ كېتىشنى ھەتتا بۇ ئادەم سۈرەتلىك ھايۋاننى ئۆلتۈرىۋېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ بىراق پۇرسەت كەلمىدى.مانا ئۇ ھازىر پۈتۈن ئەركىنلىكىنى يوقاتقاندى.كېچىدە قاۋانغا ھەمراھ بولسا كۈندۈزلىرى قاۋاننىڭ قول چوماقچىلىرى ئۇنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇراتتى شۇندق قىلىپ ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتتى.ھېلىقى ئادەم قىلىپىدىن چىققان ھايۋان ئۇنى باشقا بىرىگە سېتىۋېتىپ غايىپ بولدى. i83OOV$1J  
بۇ نۆۋەت ئۇ سەمەت ھاجى ئىسىملىك بىرىگە سېتىلدى چوقۇر يۈزلۈك،تۈكى چۈشۈپ كەتكەن باشلىرى بېلىيارت ئۇرۇقىغا ئوخشاپ قالغان بۇ ئادىمىي ھايۋان تولىمۇ زالىم ،پەسكەچ كىشى بولۇپ ئۇنىڭ قول ئاستىدىمۇ بىر نەچچە ئونلىغان شوركىلىرى بار ئىدى.ئۇ شۇلارنى يانجۇقچىلىققا سېلىپ پۇل  تاپاتتى،بىر كۈنى ئۇ قەلبىنۇرغا : 8quaXVj^a  
_مەن سېنى 60مىڭ سومغا سېتىۋالدىم بىكار يەپ ياتىدىغانغا ھېچ نەرسە توشىمايدۇ سەنمۇ چىقىپ يانجۇقچىلىق قىلىشىڭ كېرەك دەپ ئۇنى شوركىلىرىغا قوشۇپ قويدى.دەسلەپتە قىز ھېچ نەرسە قىلالمىدى.شۇ تۈپەلى تاياقتىن قۇتۇلالمىدى.كېيىن ئۇمۇ ئازدۇر -كۆپتۇر پۇل تاپىدىغان بولدى بىراق يەنىلا شۇ خىل قىسمەتتىن قۇتۇللامىدى.ئۇنىڭ كۈنلىرى كۈندۈزلىرى يانجۇچىلىق قىلىش ،كېچىلىرى ھېلىقى ھايۋانغا ھەمراھ بولۇش بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى.ئۇ گەرچە بىر نەچچە رەت پايلاقچىلارنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ ساقچىخانىلارغا كىرىپ ئەھۋال مەلۇم قىلغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ساقچىلار ئۇنى شۇ قاۋانغا تاپشۇرۇپ بەردى.چۈنكى بۇ قاۋاننىڭمۇ ساقچىلار بىلەن ئالقىسى قۇييۇق ئىكەن.مانا يىللار شۇ تەرققىدە ئۆتۈشكە بشلىدى.بىر كۈنى قىز پايلاقچىلارنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ قاچتى .شۇنۇڭ بىلەن ئۇ جىڭجۇ شەھرىگە ئارانلا كېلىۋالدى،يۇرتىغا كېتىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ يۈرگىنىدە خۇددى "بۆرىدىن قېچىپ ،يولۋاسقا تۇتۇلۇپتۇ "دىگەندەك ئۇ ھېلىقى ئابلەت ھاجى دىگەنگە تۇتۇلۇپ قالدى .شۇنۇڭ بىلەن ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئىشى سۇغا چىلاشتى.ئۇنىڭ كۈنى يەنە كۈندۈزلىرى يانجۇقچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش كېچىلىرى بولسا ھاجىغا خوتۇن بولۇش بىلەن ئۆتتى قىز بۇ نۆۋەت ئۇنۇڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچمايدىغان بولدى ۋە ھاجىنى كۆرسىلا ئەركىلەپ كۆڭلىنى ئالىدىغان بولدى.ئۇ كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقاندى.بىراق ھاجىنىڭ   بۇنىڭدىن خەۋىرى يوق ئىدى.كۈنلەر يەنە شۇنداق ئۆتۈشكە باشلىدى بىر كۈنى قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. $XH^~i;  
_ئابلەت ھاجىم سېلى ئاق كۆڭۈل كىشى تۇرۇپ مېنى يانجۇقچىلىققا سېلىپ قويسىلا بۇ قانداق بولغىنى ،سېلى دىگەن مىنىڭ  ئەڭگۈشتەرىمنى ئالغان كىشى تۇرسىلا ،شۇنداق تۇرۇغلۇق موشۇ ئىشلارغا سالسىلا كۆڭۈللىرى قانداق چىدايدۇ دىدى. ~k5W@`"W  
_بۇنىسىغۇ توغرا ئەتىدىن باشلاپ سىز كوچىغا چىقماڭ دىدى ئۇ جاۋابەن. )^hbsMhO  
_بولىدۇ جېنىم دىگىنىچە ئۇنى سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن، ئۆي بولغاندىن كېيىن ئاشخانىدىن تاماق يەپ يۈرگىچە ئېتىپ يەيلىچۇ ؟بولامدۇ ؟دىدى قىز ئەركىلىگەن قىياپەتتى. N;%6:I./  
_بولىدۇ بولمامدىغان دىدى-دە،يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى.ئۇلار كوچىدىن پىچاق،تاخاتا قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالدى.قىز پىچاقنى بۈلەپ شۇنداق ئىتتىك قىلىۋەتتى بۇنى كۆرگەن ھاجىم . !&E-}}<  
_پىچاقنىڭ بىسى قالماي قالمىسۇن يەنە خوتۇن دىدى قىزغا .قىز ئۈندىمىدى،ئۇ كۆڭلىدە بىر نېمىنى كۈتۈۋاتاتتى.مانا ھاجىم كوچىغا چىقىپ كەتتى ئۇ لەڭمەن ئېتىشكە تەييارلىق قىلدى .شۇنداقلا قورۇمىنى سەل كۆپ قورۇدى،ھاجىم كىرىپلا لەڭمىننىڭ قورۇمىسى پۇرۇپ خۇشال بولۇپ كەتتى .تاماقتىن كېيىن ئۇ ھاراق ئىچىشكە باشلىدى قىز يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنى ھەدەپ ماختىماقتا مانا ھاراقمۇ ئىچىلىپ بولدى ھەممە ئۇيقغا غەرىق ھاجىم يىشىنىپ يېتىشقا تەمشەلدى.قىز ئۇ دىققەت قىلماستا پىچاقنى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويدى.ئىككىيلەن يوتقانغا كىرىپ كېتىشتى. aN3;`~{9  
ھاجىنى ھاراق تۇتقاندى.ئۇ چوشقىدەك خورەك تارتىشقا باشلىدى.قىز ئاستىغىنىە پىچاقنى قولىغا ئالدى-دە،ئىگىز كۆتۈرگەن پېتى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە سانجىدى،ئۇھ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ مىدىرلاشقا باشلىدى قىز چاققانلىق بىلەن يەنە بىرنى سانچىۋىدى ھېلىقى قاۋاننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ پۇتلىرى ئاستا مىدىرلىغان پېتى جىمىم.ئۇ ئۆلدى قىساس ئوتى كۆزلىرىدىن لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان قىز ئاھ خۇدا دىگىنىچە كۆككە تىكىلدى .جاھان لەرزىگە كەلدى قارىغاندا بۇ شۇم بۇيىنىڭ يوقالغانلىقىدىن پۈتۈن كائىناتمۇ خۇشال بولغاندەك قىلاتتى. owv[M6lbD  
قىز يۇيۇنۇ پ-تارىنىپ بولغاندىن كېيىن مەردانە قەدەملەر بىلەن ساقچىخانا تەرەپكە يول ئالدى...ئارىدىن بىر نەچچە مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قىز شىنجاڭغا ياللاپ ئېلىپ كېلىندى ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش،يانجۇچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى ۋە گۇناھىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى،ئۇنۇڭ ئۈستىگە  ئۆزىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغۇچى دەپ قارىلىپ ،مۇددەتلىك 15-يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. Tid aa  
(مەنبەئە ئىجادىيىتىم)  
[ بۇ يازما پادىشاھ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-27, 06:19
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئۈشۈك تەگكەن غۇنچە(ھېكايە),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
nida117
نىكاھ ۋە ئائىلە!
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8079
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-27
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 14:40

ھىكايىڭىزدىكى ئويدۇرمىمۇ ياكى راست ۋەقەمۇ ،بىراق بۇنداق تىراگىدىيەلەرنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ .سىزچە بۇ ساقچىخانىدىكىلەر بۇ قىزغا ياردەم قىلارمۇ !!!!ياكى سولاپ قويارمۇ ،ئۆلۇمگە ھۆكۈم قىلارمۇ .ئاخىرلاشقان يىرىگە مۇشۇ سوئالنى كىرگۈزۈپرەك ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز قانداق .مەن سىزدەك يازالمىساممۇ ، كۆز قارشىمنى دەپ قۇيدۇم .تۇغرا چۈشىنىڭ
بۇ دۈنيانىڭ نېممەتلىرى كۆپ!
gulbaxikar
مۇھەببەتكە تەشنادۇر دۇنيا!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7639
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 296 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 81(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 14:52

بەك ئىچىنىشلىق ھىكايىكەن تۇقۇلمىمۇ ياكى راس يۈز بەرگەن ۋەقەمىدۇ؟ ئىچكىرىدىغۇ بۇنداق ئىشلارنى كۆپ دەپ ئاڭلىغان ، كىتاپلاردىمۇ ئۇقۇغان، ئاخىرى بىچارە قىزنىڭ تەغدىرى قانداق بولغاندۇ؟    
مۇھەببەت = ساپ ھىسيات + ساپ ۋىجدان + ئۆزىنى ئاتاش
مۇۋاپىقىيەت = تىرىشچانلىق + ئىجادچانلىق + تۇغما ئىقتىدار
پادىشاھ
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 27
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 129
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە129دانە
ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2362 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 59(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:20

1-2-قەۋتتىكى تورداشلارغا. 2P{Gxz<#  
ھۆرمەتلىك تورداشلىرىم سىلەر مەن ئويلاشمىغان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىلەر ناھايىتى خۇشالمەن.شۇ تۈپەيلى ئاخىرىغا قىزنىڭ قانچە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى قىستۇرۇپ قويدۇم سىلەرنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ بەرگەنلىكىڭلاردىن تولىمۇ خۇشالمەن. 7EO_5/cY  
رەھمەت سىلەرگە .سىلەرگە ئامەت ۋە بەخىت تىللەيمەن.خەير-خوش.
jannatgul
ئاتا - ئانامنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئۈمۈت قىلمە& ..
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3363
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 236 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 381(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:22

بەك ياخشى ئەسەركەن ،،،،،،، قولىڭىزغا دەرد  بەرمىسۇن ....... ئىسىت ھاجىم بولۇپ قالغىنى ...........
سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە .
سىنى سۆيگەننىڭ گۈل بول.
alimjan277
qahqahqi
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7182
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 151
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 492 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 19(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:03

............................................................!!!
ئۆزىنى بىلىش ئىنساننىڭ ئەڭ ئېسىل خىسلىتى!!!!!ھايات يەنىلا گۈزەل!!!
musilina
ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 3
ئومومىي يازما: 971
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە971دانە
ياخشى باھا: 247 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 10403 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 474(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:09

ئەمىلي تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىم خۇنۇك ۆارتىنىسى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ....... <1\Nb{5  
تەكلىبىم: دىئالوگلار كەلگەندە سىزىقچە قويۇپ باشلىسىڭز،تېخىمۇ ئېنىق بولاتتى....‹‹تولا دەپ كەتتى مېنىڭ يازمىلىرىمغا ››دەپ رەنجىپ يۈرمەڭ يەنە....
پادىشاھ
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 27
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 129
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە129دانە
ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2362 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 59(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:29

6-قەۋەتكە ئەۋتىلدى. 2{G:=U  
ئەۋەتلدى تەكلىپىڭىزگە رەھمەت سەل تۈزىتىپ قويدۇم بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىمەن.
gulbaxikar
مۇھەببەتكە تەشنادۇر دۇنيا!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7639
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 296 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 81(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:58

ۋاي ئىسىت مەن بۇنداق بۇلىشىنى كۈتمىگەن، ئەسلى بىچارە قىزچاقنى قۇتقۇزۇپ چىقسا ياخشى بۇلاتتى ، ئۇنى تۇتقۇن  قىلغان گۈلنىسا مۇددەتسىز كىسىلسە ياخشى بۇلاتتى     بەك ئاچچىغىم كىلىۋاتىدۇ!
مۇھەببەت = ساپ ھىسيات + ساپ ۋىجدان + ئۆزىنى ئاتاش
مۇۋاپىقىيەت = تىرىشچانلىق + ئىجادچانلىق + تۇغما ئىقتىدار
nida117
نىكاھ ۋە ئائىلە!
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8079
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-27
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:30

بۇ ئەسەرنى تىخىمۇ ياخشى تەھرىرلەڭ .مىنىڭچە قۇرۇلمىسى خىلى ياخشى ،مەزمۇنىمۇ ئوبدانكەن.بەلكىم مەتبوئاتلاردىمۇ ئېلان قىلىنىپ قىلىشى مۇمكىن ..كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ!!!!!!!!
بۇ دۈنيانىڭ نېممەتلىرى كۆپ!
melody
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6403
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 187 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 86(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-15
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 19:10

ئىشەك  ئوغىرسى ھاجىملار  ،ھاجىم  دىگەن  بىلەنغۇ  ئەزەلدىن  خوشۇم  يوق  مىنىڭ   ......................بىيجىڭدا  ئوقۇۋاتقان  ۋاقىتلاردا     بەك  تولا  ئاڭلاپ  مۇشۇنداق  خەۋەرلەرنى    يولدا  تاسادىبى  يۇرداشلار  ئۇچراپ  قالسىمۇ   كۆرمەسلىكە  سىلىپ  ماڭىدىغان  بولغان  ..................توۋا    توۋا  ،،،،،،،،،،زىناخورلار
ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى