جانباشلاق
جانباشلاق چەرچەندە توغۇلغان تېببىي ئالىم بولۇپ ، كىچىكىدىن تارتىپ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ نۇرغۇن تىببىي ئەسەرلەرنى يازغان. كېيىن تىبەت پادىشاھىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىزاڭغا چىقىپ ئوردا تېۋىپى بولغان ھەم ئۇ يەردە نۇرغۇن شاگىرت تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش بىلەن بىرگە ، ‹‹ خوتەنلىكلەرنىڭ بويۇن زەخمىسىنى داۋالاش تەجرىبىسى››، ‹‹تىرىك بەدەن ئۆلچەملىرى››، ‹‹ جەسەت رەسىم نۇسخىلىرى››....قاتارلىق 70 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يېزىپ بەرگەن. ئۇ ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن ، تىبەت پادىشاھى ئۇنى كۆزى قىيمىغان ھالدا نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار بىلەن يۇرتىغا ئاپىرىپ قويغان ۋە ئۇ يازغان ئەسەرلەرنى بۇدالا سارىيىدا مەخسۇس ساقلاشقا ئەمىر قىلغان . جانباشلاق يازغان ئەسەرلەر زاڭزۇ تېبابەت قامۇسى ‹ جوش› نىڭ بارلىققا كېلىشىنى نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەن . تىبەتلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ ھازىرمۇ يازغان ئەسەرلىرىدە ‹... جانباشلاق شۇنداق ئېيتىدۇكى ...› دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باشلايدۇ. ئۇنىڭ ‹‹ خوتەنلىكلەرنىڭ بۇيۇن زەخمىسىنى داۋالاش تەجرىبىسى ›› دېگەن كىتابىدا بويۇندا يۈز بېرىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان دورىلار بايان قىلىنغان . ئۇنىڭ يەككە ۋە پىششىق دورىلار ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى بىزگە مەلۇم ئەمەس. لېكىن ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىدە تۇتقان ئورنى ھەقىقەتەن ئېتىراپ قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
سادىرمىش
سادىرمىش 1350 يىللىرى ئەتراپىدا موڭغۇل ئېمپىرىيىسىدە موڭغۇل تېبابىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۆھپە قوشقان داڭلىق ئالىم بولۇپ ، جىمىساردا تۇغۇلغان . سىچۈەن قاتارلىق جايلاردا سەييارە كېسەل كۆرگەن ۋە ئوردا تېۋىپلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان . كۆپ يىللىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ، 15 جىلدلىق زور ھەجىمدىكى ‹‹ بامبۇكزارلىق سارايدىكى مۇجەررەب رېتسىپلار›› دېگەن قارابادىن كىتابىنى يېزىپ چىققان . ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ، جۇڭيى ، موڭغۇل تېبابەتلىرىدىن بولۇپ 20 مىڭدىن ئارتۇق تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسىپ كىرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم. لېكىن ، ئۇ كىتابنىڭ سانى دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارا-بارا ئازىيىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە تامامەن يوقىلىپ كەتكەن . ‹‹ تۆت يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ ئۇمۇمىي مۇندەرىجىسى ›› دە سادىرمىشنىڭ بۇ ئەسىرىگە ‹‹ دورىلارنى تەڭشەش، مىقدارىنى بەلگىلەش ۋە تولۇقلاش مەخسۇس بىر تۈر قىلىنغان ، مەئدەن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ يېنىكلىك بىلەن ئىشلىتىلمەسلىكى ئەسكەرتىلگەن . شۇڭا ، ئۇنىڭدىكى نۇسخىلار ئەڭ ساپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ›› دەپ يۇقىرى باھا بېرىلگەن.
تېما تەييارلىغۇچى : تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادىر كۆكيال.
ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپلار ئىلمىدىن ئېلىندى.
[ بۇ يازما kokyal تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]