توقۇلەك پالۋان hwF9LD~^
&phers
ھاشىرجان ئىمىن
_t<D~ z-<091, ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى زامان تارىخىدا چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلىمى ۋە ئېغىر ئىقتىسادى زۇلمىغا ئۇچرىدى . ئەنە شۇ تارىخى دەۋردە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ، بەخىت- سائادىتى ۋە ئىنسانى ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇشەققەتلىك كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى ۋە بۇ كۈرەشلەردە تىللاردا داستان بولغىدەك نۇرغۇن ئۇلۇغ ئىشلار ۋە كىشىلەر مەيدانغا چىقتى.
Kx.'^y چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇم كۈچىيىپ، ھەرقايسى يەرلەردىكى خان- ئامباللار ئەيشى-ئىشرەتكە بېرىلىپ يەرلىك تۆرە ۋە ھاكىمبەگلەر پۇقرالارغا ئالۋاڭ سېلىقنى خالىغانچە سالدى . بولۇپمۇ ئىلى جىياڭجۈنىنىڭ نېمە قىلىپ، نېمە ئەتكەنلىكىنى ھېچكىم سۈرۈشتۈرمەيتتى. زۇلۇم- ئالۋاڭ ياساق ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى بىلەن مانجۇ خاندانلىقى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت شۇنچە كەسكىن ئىدىكى ئېزىلگەن خەلق:
Pw`26mB e?W-vi% ئالۋاڭ-سېلىقىم تولا،
5\RTy}w3x قۇياش دېسەم ئېشىم يوق.
N@D]Q&;+(T بۇ ئالۋاڭنى قۇيمىسام،
0* Ox>O> تىرىكلىكتە بېشىم يوق...
P:GAJ->;]> |l\&4/SJ دەپ، قوشاقلار قاتقان ئىدى . قەيەردە زۇلۇم بولسا ، شۇ يەردە قارشىلىق بولىد ۇ، دېگەندەك بۇ ئەلەملەرگە چىدىمىغان دەرتمەن خەلق ئاخىرى قوللىرىغا ئارا- كەتمەن ، گۈرجەكلەرنى ئېلىپ، چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان مانجۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاتلىنىپ چىقتى...
F?!P7 zW 1864-يىلى ئىلىدا پارتلىغان ئىلى دېھقانلارقوزغىلىڭى ئەنە شۇنداق تارىخى شارائىت ئاستىدا بارلىققا كەلگەن ئىدى. ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى مەزگىلىدە سۇلتانلىق تەرەپ ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ بۇ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن باتۇرلىقى ۋە پالۋانلىقىغا قاراپ 40 كىشىگە پالۋان ئاتىقى بەرگەن ئىدى.
S/YT
V غالجات يۈز بېگى توقۇلەك ئەنە شۇ پالۋانلارنىڭ بىرسىدۇر . ئۇنىڭ سادىر پالۋان ، ئوبۇل ئەلا خانلار بىلەن بايانداي، كۈرە سوقۇشلىرىدا كۆرسەتكەن ئاجايىپ باتۇرلىقلىرى ئۇيغۇرچە قول يازمىلاردا ۋە شىبەچە يازمىلاردا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ بايان قىلىنىپ كەلگەن.
qYD$_a ئۇيغۇرچە قول يازمىلاردا بايان قىلىنىشچە : مىلادى 1760- يىللار ئىچىدە ئەسلى يۇرتى كونا تۇرپان(ھازىرقى قار غوجا يېزىسى) دىن چىققان ئاكا-ئۇكا مەمىدالى ۋە نەمىدالى ئىككەيلەن ئىلىغا كۆچۈپ چىققان. شۇ يىلى ئەتىيازدا مەمىدالىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى غالجاتقا كۆچۈپ كەلگەن. توقۇلەك ئەنە شۇ مەمىدالىنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولۇپ ، تەخمىنەن 1809-يىلى غۇلجاتتا تۇغۇلغان. ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان 19 يۈزلۈك يېزىلار ئىچىدە غالجات دەپ ئاتىلىۋاتقان يۇرتنىڭ ئەسلى نامى <<باقى يۈزى>>ئاتىلاتتى . توقۇلەك بولسا دەل ئاشۇ باقى يۈزنىڭ يۈز بېگى باقىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى مەزگىلىدە توقۇلەك ھەم يۇرت ئاتىسى ھەم قورقماس سۈپىتىدە بۇ ئۇرۇشقا پىدائىي تەشكىللەپ قاتناشقان . شۇڭا ئىلى خەلق قوشاقلىرىدا:
zTtn`j$ on?<3eED توقۇلەك بىلەن شاكىرمۇ،
2$=U#!OtU بىر كېيىك ئېتىپ كەلدى.
+ZH-'l <<سارى جاز>>دېگەن يەرگە،
>*jcXao^ تۆمۈر شاھ قېچىپ كەلدى.
T(LqR?xOo WXJEAje دەپ بايان قىلىنغان. توقۇلەك ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى خەلق ئارىسىدا تىللاردا داستان بولغىدەك باتۇرلۇقلىرى ۋەقىزىق ھېكايىلىرى تارقالغان ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق پالۋىنى ھېساپلىنىدۇ . ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان مەزگىلدە ( 1864 - يىلى ) ئىلى ۋادىسىدىكى 82 يۈزلۈك تارانچى يېزىلىرى ئۇرۇشقا تەييارلانغان ئىدى . بۇ ئارلىتا موڭغۇلكۈرە ۋە تۇققۇز تارا تەرەپلەردىكى موڭغۇللار خان چېرىكلىرىگە ياردەمچى قوشۇن سۈپىتىدە كۈرە قەلئەسىگە بىكىنىۋالغان مانجۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىدۇ . بۇ خەۋەر ھايالسىز شىبە بارگاھىدىكى خەۋەرچىلەر تەرىپىدىن توقۇلەككە يەتكۈزىلىدۇ . توقۇلەك بەگ سەككىز يۇرت ئىچىدىن 1200 دەك ئەسكەرنى تەشكىللەپ ، ئاق قوزا مىراپنى ئۇلارغا باش قىلىپ دانىيال غوجىنى ياردەمچى قىلىپ تەيىنلەيدۇ . ئۇلار ، ئۇۋا چوقىسىنى قوغداپ ، قاشاڭ غوللىرىدىن چىققان موڭغۇل موڭغۇل قوشۇنلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن چېكىندۈرىدۇ . نەتىجىدە بايانداۇ قەلئەسىگە قىلىنغان ھۇجۇم ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۇ قوزلۇلاڭ جەريانىدا توقۇلەك يۈز بېگى ئىلى دىرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سەككىز يۇرت خەلقىنى تەشكىللەش ھەم ئۇلارغا سەردار بولۇش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدۇ .
HgH\2QL3& مەزكۇر ۋەقەدىن سەل ئىلگىرى يەنى 1861 - يىلى ئەتىياز پەسلىدە دوۋۇن چۆرىسىدە روس ئەسكەرلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى بايقىلىدۇ . بۇ خەۋەرمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى قورۇقچى ، خەۋەرچىلەر تەرىپىدىن توقۇلەككە يەتكۈزىلىدۇ . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈرە جىياڭجۇنى جىياڭ جىنمۇ مەنچىڭ خان ئوردىسىنىڭ يارلىقىنى ئالدىراپ ئورۇنداپ روسلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويماسلىق ئۈچۈن پېتىنىپ بىر نىمە دېيەلمەي قالىدۇ نەتىجىدە ، ئۆز يېرىنىڭ ياتلار تەرپىدىن دەپسەندە قىلىنىشىغا چىدىمىغان جەسۇر پالۋان توقۇلەك كەتمەن ، شۇڭقار ، غالجات ، خونخاي قاتارلىق يېزىلاردىن 500 دەك ئاتلىق ئەسكەر تەشكىللەپ كەتمەن يېزىسىدا ئاق پادىشا ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق جەڭگە كىرىشىدۇ . ئارقىدىن ئەلاخان پالۋان باشچىلىقىدىكى 500 ئاتلىق ئەسكەر ، ئابدۇرۇسۇل بەگ باشچىلىقىدا 200 دەك ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ياردەمگە يېتىپ كېلىشى بىلەن سەرۋازلار دۈشمەن ئاتلىقلىرىغا شىردەك ئېتىلىپ كەسكىن قىلىچۋازلىق باشلىنىپ كېتىدۇ . ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ پالۋانلىرى ئاق پادىشانىڭ ئەسكەرلىرىنى تاكى ئۇزۇن تامغىچە قوغلاپ تارمار قىلىدۇ .....
aYTVYg KGsS2 مانا بۇ << كەتمەن >> ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان مەشھۇر جەڭ ھەققىدە خەلق ئىچىدىكى يازمىلاردا :<< كۈرە جىياڭجۇنىنىڭ 2000 چېرىكى يېڭەلمىگەن روسلارنى ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ 1000 كىشىلىك تارانچى قوشۇنى بىتچىت قىلدى . ... >> دېگەن تەرىپلەشلەر ساقلانغان ئىدى .
k'O^HMAn! دېمەك ، توقۇلەك يۈزبىگى ئۆزىنىڭ كەتمەن ئۇرىشى ۋە بايانداي جەڭلىرىدە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقلىرى ئۈچۈن پالۋان ئاتىقىغا ئېرىشكەن ئىدى . ھەتتا ، ئابدۇرۇسۇل بەگ ۋە ئەلاخان پالۋانلار توقۇلەككە ئالاھىدە يول قويغان ئىدى . شىبەچە قول يازمىلاردا بايان قىلىنىشىچە : << ئۈچ سۇمۇللۇق ئامبال بوتۇڭا بىلەن توقۇلەك يېقىن ئۆتكەن بولۇپ ، توڭجى يىللىرىدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى چىرىكلىشىپ سېلىق كۆپەيگەن ئىدى . بەل يەرلەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بەكمۇ قىيىن ئىدى . ھەر يىلى بولۇپ تۇرغان قۇرغاقچىلىق دەستىدىن ئۇلارنىڭ ھوسۇلى كەملەپ كەتكەچ ئاشلىق سېلىقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى تەسكە چۈشكەن ئىدى . بولۇپمۇ ، غالجات خۇنخاي ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سېلىقنى تۆلەشكە زادى چامى يەتمەيتتى . غالجات بىلەن ئۈچسۇمۇل يېقىن بولۇپ ، بىنەملىك تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئوخشاش پايدىلناتتى . بۇ چاغدا شىبەلەرمۇ مانجۇلارنىڭ خورلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتاتتى . قىيىن كۈنلەردە شىبەلەر - غالجاتلىقلارنىڭ ئات - ئۇلاقلىرىغا يەم - خېشەك ۋە ئۇلارغا ئوزۇق - تۈلۈك بېرىپ ياردەم قىلىپ تۇرغان . شۇڭا تارانچىلار بىلەن شىبەلەر ئوتتۇرسىدا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى يوق ئىدى . 1867 - يىلى ئىلى سۇلتانى موللا شاۋكەت پىتنە - پاسات تېرىپ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقىرىپ ئەمىرلەشكەر ئوبۇل ئەلاخانغا سۇمۇل تەرەپتىكى شىبەلەرنى جازالاش بۇيرىقىنى چىقىرىدۇ . ئوبۇل ئەلا 500 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن ئاتلىنىپ قاراتام كېمىسى بىلەن دەريادىن ئۆتۈپ ، ئالتە سۇمۇلدىكى شىبەلەر ئوردىسى تۇرغان جايغا يېتىپ كەلگەن . لېكىن ، چاپچال تەۋەسىدىكى شىبەلەر ئوبۇل ئەلاغا ھېچ قارشىلىق كۆرسەتمىگەن . بۇ خەۋەر شىبە ئاتلىق خەۋەرچىسى ئارقىلىق توقۇلەك بەگكە يەتكەن . توقۇلەك غالجاتتىن 200 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى باشلاپ سۇمۇل تەرەپكە ئاتلىنىپ ، جەرەن بۇلاققا كېلىپ توختىغان ۋە ئۆزى بېرىپ ئامبال ئوردىسىدا ئوبۇل ئەلانى تاپقان . ئوبۇل ئەلانىڭ كېلىش مەقسىتىنى بىلگەندىن كېيىن : << قىيىن كۈنلەردە شىبەلەر بىزگە ئەسقاتتى . ، موللامنىڭ ( موللا شاۋكەت ) شەخسى غەرىزى بىلەن بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلىشقا بولمايدۇ . مۇنداق ناھەق قان تۆكۈلسە ئەۋلاتلىرىمىز ياخشى كۈندە قالمايدۇ . . . >> دەپ نەسىھەت قىلىدۇ . ھەمدە ، ئەگەر ، ئوبۇل ئەلاخان بۇ ئىشتىن يانمىسا ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئوبۇل ئەلانى توسۇيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن .
O~3<P3W بۇ تالاش - تارتىشنى سەزگەن شىبەلەرنىڭ ئامبىلى قاراماڭا ھەر ئىككىسىنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ قىزغىن كۈتىۋالغان . ھەمدە ساھىپجامال شىبە كېلىنى سوخانى ئوبۇل ئەلاغا تارتۇق قىلغان بولۇپ ، ئوبۇل ئەلاخاننىڭ سۇخا بىلەن بولغان نىكاھ ئىشى سەۋەپلىك ئارىدىكى قارشىلىشىش ئۇيغۇر شىبە مىللەتلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇققا ئايلانغان ئىدى . ئوبۇل ئەلانىڭ ئاخىرقى ئۆمۈرى شىبە ئاغىچا سۇخا ( سارىخان ياكى بۇۋىخەلىچە ئاپپاق ) بىلەن تولىمۇ مۇھەببەتلىك ۋە ئىقىل - ئىناق ئۆتكەن بولۇپ ، ئالمۇتا يېنىدىكى سۇلتان قورغان ئىچىدە << ئىلى سۇلتانى ئوبۇل ئەلاخان ۋە ئۇنىڭ ئاغچىسى سارىخان ( بۈۋىخەلىچە ئاپپاق ) دەپ يېزىلغان قەبرە ھېلىمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا .
ckn0I ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاخرقى چاغلىرىدا توقۇلەك يۇرتىغا قايتىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى غالجاتتا ئۆتكۈزگەن .1882 - يىلى شىبەلەر ئىچىدىكى مويسىپىتلەردىن بىر نەچچىسى ئۇستا ياغاچچىلارنى ئېلىپ غالجاتقا توقۇلەكنى يوقلىغىلى بارغان بولۇپ ، بۇ چاغدا توقۇلەك قېرىپ كەتكەن بولغاچقا ياغاچچى ئۇستىلار ئۇن ىڭ كونىراپ كەتكەن ئۆيلىرىنى رېمونت قىلىپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ئېھتىرامىنى بىلدۈرۈپ بىر ئېسىل ئىگەر - توقۇمنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان ئىكەن .
B4tC3r توقۇلەكنىڭ خەلقپەرۋەرلىك ئىشلىرىدىن شىبەلەر خېلى بىر چاغلارغىچە مىننەتدار بولۇپ كەلگەن ۋە خېلى يىللارغىچە << توقۇلەك تۇخۇمى >> ( ئۇرۇق ئەۋلادى ) كەپتۇ ! دېسە ئۇنىڭغا ئۆز دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىپ قارشى ئالغان ئىكەن .
MW^( 9W^sq
1958 - يىلى توقۇلەك ئەۋلاتلىرىدىن مەڭسۇر ئۆز يۈرتى سوپۇن بۇلاقتا جايلىق يەرگە ئېرىشەلمىگەندە يۇرتتىكىلەرگە ئاچچىقلىنىپ : << سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا سارغىيىپ يۈرگىچە شىبەلەر ئارىسىدا ياشاي . . . >> دەپ ، ئالتە سۇمۇلغا كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ ، شىبەلەرنىڭ مويسىپىتلىرىدىن چوڭباۋ قاتارلىقلار بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ، ئۇنى ئىززەتلەپ كۈتىۋالغان ۋە ھازىرقى ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى 2 - كوچىدىن ئۇنىڭغا مەخسۇس ئۆي - جايلىق يەر ئاجرىتىپ بەرگەن ئىكەن . شىبە چوڭلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ھۆكۈمەتكە ئېيتىپ خەلق ئىشلار بۆلۈمىدىن قۇتقۇزۇش پۇلى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئىشلارمۇ خەلق ئىچىدە ھازىرغىچە قىزىق ھېكايە قىلىنىپ سۆزلىنىپ كەلمەكتە . ( تۈگىدى ) @bPR"j5D
ئاپتۇر : ھاشىرجان ئىمىن ، چاپچال ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپتىن ئارامغا چىققان . %S$P
T
cW-pY
مەنبە : ئىلى تارىخ ماتېرياللىرى 15
 |
 |
 |
 |