گېرمانىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى:<<ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى>>دېدى.
گېرمانىيەدىكى <<ئەينەك گېزىتى>>ھەپتىلىك ژورنىلى تور بېكىتىنىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:<<ھەممىسى ئاشۇ ئادەمنىڭ تەكەببۇرلۇق بىلەن چىقارغان ئاخىرقى ئۇلتىماتومىنىڭ كاساپىتى،دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەربىي كۈچكە قوماندانلىق قىلىۋاتقان بۇ ئادەم ۋاقىتنىمۇ قولىغا ئېلىۋالغاندەك قىلىدۇ.جورجى بوش 2003-يىلى 17-مارت كەچتە: <سادام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى 48 سائەت ئىچىدە ئىراقتىن ئايرىلىشى كېرەك.ئۇلار رەت قىلسا ھەربىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ھەربىي توقۇنۇشنى قاچان باشلاش بىزنىڭ ئىشىمىز > دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.ئەمەلىيەتتە بۇ ب د ت نى كۆزگە ئىلمىغانلىق.ئەسلى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇنداق ئەھۋالدا ئۇرۇش قىلىشنى جاكارلايدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ئاپپارات ئىدى،لىكىن ئامېرىكا ئۇنىڭدىن رۇخسەت ئېلىپمۇ قويمىدى.ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان ئىتتىپاقداشلىرىنى تېخىمۇ كەمسىتتى.شۇنىڭدىن كېيىن تېرورلۇق ھەرىكىتى يۈز بەردى،ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى،100 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى،نۇرغۇن ئاياللار تۇل قالدى،نۇرغۇن ئادەمنىڭ پۇت - قوللىرى كىسىلىپ كەتتى.بۇلارنىڭ ھەممىسى جورجى بوشنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ھەم ئىراقنى ئىشغال قىلىۋېلىش خاتالىقى پەيدا قىلغان ئاپەت خاراكتىرلىك ئاقىۋەت،بۇ خاتالىقلار ھازىرمۇ ئىراقنى قىينىماقتا.ئىراق ئۇرۇشىنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقى نامەلۇم،شۇنىسى بىز بۇ ئۇرۇشقا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلمەس بولۇپ قالدۇق.
ئىراقتا بىخەتەرلىك ئەمەلگە ئاشقىنى يوق،بىزمۇ ھەم ھەر ئايدا نەچچە 100 ئادەم قازا قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتنى <بىخەتەر بولدى>دېيەلمىدۇق.ئامېرىكا توپلىغان ئىستاتىستىكىلىق ماتىرىيالغا قارىغاندا،ئىيۇلدا 222 ئادەم قازا قىپتۇ،بىراق ئىراقلىقلار 535 ئادەم قازا قىپتۇ،دەپ ئىستاتىسكا قىلىپ چىقتى.ئىراقلىقلار ھازىر خەۋپسىزلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇ،شۇڭا ئۇلار بۇ ساننى چوقۇم مۇبالىغە قىلىۋەتمەيدۇ.
دۇنيا تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان چوڭ دۆلەت ئامېرىكا بۇ ئۇرۇش بىلەن يۈزىنى تۆكۈۋالدى .ئىراق بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقتىغا ئوخشاش پارچە -پارچە بولۇپ كەتتى>>.
ياپونىيە گېزىتى:<<تېرورىزم ئەسەبىيلەشتى>>دېدى
ياپونىيە دىكى <<ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى>>نىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى:<<ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوباما ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن چىكىندۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىكى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ،ئامېرىكا ئارمىيەسى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرمىسا بولمايدۇ>>.
ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا،ئۇلار ئەمدى يۈرىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،ئىراق ئۇرۇشى زادى قانداق ئۇرۇش؟دىگەننى ئويلاپ باقسا بولىدۇ.
<<11-سىنتەبىر ۋەقەسى>>يۈز بەرگەن ۋاقىتتا نۇرغۇن دۆلەت ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.ئامېرىكا شۇنىڭ بىلەن بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ،تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەۋجىگە چىقاردى ھەمدە سادام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.بىراق ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئوخشىمىغان پىكىرلەردە بولدى،يەنە بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرى ئامېرىكىنى <<ئۇرۇشتىن ساقلىنىش>>تىن قانداق ۋاز كەچتۈرۈش ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرغان.ئىراق ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرى فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ھەتتا :<<مەسىلە ئىراقتا ئەمەس،بەلكى ئامېرىكىدا>>دېگەن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پوۋېل زۇڭتۇڭغا :<<ئامېرىكا ياكى دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا،ئىراققا ھۇجۇم قىلىش ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.ئامېرىكا ئىراققا ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن،ئىراق خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدىغان بارلىق ئىشلارنى ئۈستىگە ئالمىسا بولمايدۇ>>دەپ نەسىھەت قىلغانىكەن.لېكىن ئامېرىكا ئۇرۇش قوزغاۋەرگەن.ئىراق ئۇرۇشى <<بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ تېرورىزمنى يوقىتىش >>ئۇرۇشىدۇر،بۇ سابىق زۇڭتۇڭ بوشنىڭ ئۇرۇش قىلىش مۇددىئاسىدۇر.
ئۇرۇشتىن كىيىن ئىراقتا قىزغىنچىلىقى زور قوراللار بايقالمىدى،بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىراق ئۇرۇشىدىن تېخىمۇ گۇمانلاندى.ئامېرىكا سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى <<تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى>>دەپ قارىدى.كونا ھاكىمىيەتنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن،ئۇرۇشنى توختاتمىدى.بۇنىڭ بىلەن ئىراقتا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى ۋە تېررورىزم ئەۋجىگە چىقتى،يەنە <<بازا>>تەشكىلاتى قاتارلىق رادىكال گۇرۇھلار ئىراقتا <<غازات ئۇرۇشى>>قوزغايدىغان باھانە تاپتى.ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى ئىراقتا زوراۋانلىقنى ئەۋجىگە چىقاردى.
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى [ بۇ يازما خوك تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]